يالغان مۇسۇلمانچە يىمەكلىك[رەسىم]
سەمىڭلاردا بولسۇن: ئەۋلادلىرىمىز دۇكانلاردىكى بىر مو ئىككى مولۇق يىمەكلىكلەرنى يەپ ئەقلىنى بۇلغىماقتا!




شەرقىي ئەزەربەيجاندا شەنبە كۈنى يۈز بەرگەن ئىككى زەلزەلە (يەر تەۋرەش) ھادىسىسىنىڭ ئاقىۋىتىدە 304 كىشى جان بەردى، ئۈچ مىڭدىن كۆپرەك كىشى ئۆي-ماكانسىز قالدى....
دىققەت قىلىپ ئوقۇسا خېلى چۈشەنگىلى بولىدىكەن. بۇ نېمە يېزىقى بولۇپ كەتتى؟ بۇنداق ئەخلەت يىمەكلىكلەرنى پۈتۈن بىزنىڭ باللا يەيدۇ ، يولداشلار پىلانلىق تاپقان بىر بالسىغا ھەرگىز ئېلىپ بەرمەيدۇ . سودا -سانائەت باشقۇرۇش ئىدارسىدىكىلەر قولىدىكى ھوقۇقنى خەقتىن باج -ئېلىشقا كۈچىگەننىڭ ئوندىن -بېرچىلىك ئىشلەتسە بۇنى چىقىردىغان قارا ئۇۋىلار خېلى ئازلىغان بولاتتى . ئىشقىلىپ ھۆكۈمەت ئاپراتلىرىنىڭ يارامسىزللىقى كىشىنى قاتتىق گۇمانلاندۇرىدۇ (گۇمانلىش كېسىلى بولغان چىراي ئىپادىسى) ئەزەربەيجانلىقلار بىلەن تەرجىمان كەتمەمدۇ نېمە.
3- قەۋەتتىكى masturaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئىراننىڭ شەرقىي ئەزەربەيجان ۋىلايىتىدە بەش دەرىجىلىك يەر تەۋرەش ھادىسىسى يۈز بەردى....
دىققەت قىلىپ ئوقۇسا خېلى چۈشەنگىلى بولىدىكەن. بۇ نېمە يېزىقى بولۇپ كەتتى؟
ئۇ پارىس يېزىقىكەن، سانلارغا ئەرەپ ھەرپى ئىشلىتەمدۇ نىمە ئۇلار؟ ۳۰۶ دىگىنى 264 ئىكەنغۇ.
5- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئەزەربەيجانلىقلار بىلەن تەرجىمان كەتمەمدۇ نېمە.
<اىران> نىڭ <شرقى آذرباىجان> ئۆلكىسى ئىكەن.
سانلارنىڭ ئەرەبچە يېزىلىشى:

起酥油 ئاساسەن ھارام دەپ قارىلىدۇ. ئاۋۇ ھوزۇر شاكىلات دېگەننىڭ تەركىبىدە باركەن. مېنىڭچە ئۇ شاكىلاتنى ۋە شۇ خىل تۈردىكى كۆپىنچە ئۇششاق يىمەكلىكلەرنى توپ تارقىتىش بازارلىرىدا دۇككان ئاچىدىغان خەنسۇلار قىلىدۇ.
2- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
شىنجاڭ تلىۋىزىيە ئىستانسىسى نۇمۇس قىلماستىن تۈرمىدىن قچېىشنىڭ مۇزىكىسىنى ئۆزىنىڭ يۇقاردىكى پروگراممىسىدا ئىشلىتىپتۇ ھە، تېخى ساختا مەھسۇلات توغۇرلۇق ئىشلىگەن پروگراممىكەن.
ئاشۇ يېمەكلىكلەرنىڭ «تۈرمىدىن قېچىپ» يۈرۈۋاتقىنىنى ئىپادىلىمەكچى بولسا كېرەك. xx كولانىڭ نامىنى كۆرۈپ بىرنەچچە قېتىم ئىچىپتىمەن. بىر قېتىم ئىشلىگەن جايىنى كۆرۈپ باقاي دەپ قارىسام ئىچكىرىنىڭ ئىكەن، شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن ئىچمەس بولدۇم.
ھازىر ئۇغۇرچە خەتلىك ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ ماركىسىدىكى يېمەك- ئىچمەك مەھسۇلاتلىرى ھەقىقەتەن كۆپەيدى شۇنداقتىمۇ سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن زاۋۇت ئورنىنى بىر كۆرۈۋېتىپ سېتىۋالىدىغان بولدۇم.
8- قەۋەتتىكى hebibنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
起酥油 ئاساسەن ھارام دەپ قارىلىدۇ. ئاۋۇ ھوزۇر شاكىلات دېگەننىڭ تەركىبىدە باركەن. مېنىڭچە ئۇ شاكىلاتنى ۋە شۇ خىل تۈردىكى كۆپىنچە ئۇششاق يىمەكلىكلەرنى توپ تارقىتىش بازارلىرىدا دۇككان ئاچىدىغان خەنسۇلار قىلىدۇ.
شۇنداق. بىر دوستۇم ئالدىراپ قالدىم، دەپ چوڭ بازاردا يوللاردا سېتىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئېلىپلا بىرەر كىلوچە شاكىلات ئەۋەتىپتىكەن. دەسلەپ قاراپ ئالغاندۇ دەپ بىر نەچچە تال يەپتىمەن، كېيىن قارىسام تەركىبىدە شۇ نەرسە باركەن.
تاشلىۋېتىمەن دەپ ھازىرغىچە تۇرۇپتۇ. ئۇمۇ مۇشۇ ھوزۇرنىڭ شاكىلاتلىرى.
فىلىمنى كۆرۈپ، خەنزۇلارنىڭ يېمەكلىكىدىن قورقۇپ قالدىم ... ئادەم دەرھال ئۆلمىسىلا، ھەر قانداق نەرسىنى سالىدىغان ئوخشايدۇ بۇلار......مەن بۇرۇن سەھەر گېزىتىدە، سېسىق دۇفۇ ياسايدىغانلارنىڭ ۋاننادىكى يۇيۇنغان سۇنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئوقۇغان ئىدىم، بۇ تېخى پاكىزراقى ئىكەن، تېخى بەزەنلەر تېخىمۇ سېسىق قىلىش ئۈچۈن ئەۋرەز سۈيىنى ئىشلىتىدىكەن، ئاز قىسىملىرى ئەشەددىي سېسىق قىلىش ئۈچۈن پوقنى ئىشلىتىدىكەن ...
ئىشقىلىپ، قورقماي چارە يوق.
----------------------
100 يىلنىڭ ئالدىدا ئەزەربەيجانلار بىلەن ئوخشاش تىل-يېزىق ئىشلىتەتتۇق... بىلىپ تۇرۇپ قىلىدۇ، بىلمەيمەن دەيدۇ!!!
ئەگەر يىغىپ كەلسە كۈرمىڭلىغان قانۇنسىز ئورۇنلار بار.
ئاران يۈزكۈنلۈك ھەرىكەت ئېلىپ بېرىدىغان گەپ. ھەر كۈنى ئېلىپ بېرىشى كېرەك!!!!!!!!!!!!!!!! كۆكتاشنىڭ ئىنكاسىنى ئوقۇپ بىر گەپ ئىسمگە كەپ قالدى : بىللە ئىشلەيدىغان بىرسى ھەربىيلىكتىن كەلگەن ئىدى ، ئۇنىڭ دىيشىچە ئۇلارنىڭ ئاشپىزى دائىم سەي قورۇيدىغان چوڭ قازاندا سۇ ئىسسىتىپ ئىچگە كىرىپ يۇيۇنىدىكەن ، بىر كۈنى دىجۇرنىلىق قىلغان ئاداش كۆرۈپ قېلىپ ، باشلىققا دوكىلات قىپتىكەن ، ئەتسىلا باشقا قىسمغا يۆتكىۋىتىپتۇ . «خېلى ۋاققىچە گېلىمدىن تاماق ئۆتمىگەن ، يەنە شۇ قازاندا پىشۈرغاندىكىن »دىگەنتى . بەلگىگىلا قارايدىغان خەق ئىكەن بۇ. گەپ بەلگىدە ئەمەس، مەھسۇلاتتا.
14- قەۋەتتىكى terjimeنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
كۆكتاشنىڭ ئىنكاسىنى ئوقۇپ بىر گەپ ئىسمگە كەپ قالدى : بىللە ئىشلەيدىغان بىرسى ھەربىيلىكتىن كەلگەن ئىدى ، ئۇنىڭ دىيشىچە ئۇلارنىڭ ئاشپىزى دائىم سەي قورۇيدىغان چوڭ قازاندا سۇ ئىسسىتىپ ئىچگە كىرىپ يۇيۇنىدىكەن ، بىر كۈنى دىجۇرنىلىق قىلغان ئاداش كۆرۈپ قېلىپ ، باشلىققا دوكىلات قىپتىكەن ، ئەتسىلا باشقا قىسمغا يۆتكىۋىتىپتۇ . «خېلى ۋاققىچە گېلىمدىن تاماق ئۆتمىگەن ، يەنە شۇ قازاندا پىشۈرغاندىكىن »دىگەنتى .
ماۋۇ ئىنكاسنى ئوقۇپ كۆڭلۈم سەت ئېلىشىپ كەتتى،قازاننى ئالماشتۇرمايلا يەنە قورۇپتۇ دەڭ،توۋا.(قۇسقان چىراي ئىپادىسىنى تاپالمىدىم)
10- قەۋەتتىكى yolyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
xx كولانىڭ نامىنى كۆرۈپ بىرنەچچە قېتىم ئىچىپتىمەن. بىر قېتىم ئىشلىگەن جايىنى كۆرۈپ باقاي دەپ قارىسام ئىچكىرىنىڭ ئىكەن، شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن ئىچمەس بولدۇم.
ھازىر ئۇغۇرچە خەتلىك ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ ماركىسىدىكى يېمەك- ئىچمەك مەھسۇلاتلىرى ھەقىقەتەن كۆپەيدى شۇنداقتىمۇ سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن زاۋۇت ئورنىنى بىر كۆرۈۋېتىپ سېتىۋالىدىغان بولدۇم.
ئۇلار خىجىل بولماي ساتقاندىن كىيىن ئىسمىنى دەۋىرەي...<<زەم-زەم كولا>>
ئىشلەپچىقارغان زاۋۇت ئورنى <<شىئەن>>.قويىۋالغان ئىسمىنى دەيمەن!
17- قەۋەتتىكى sipartakنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
10- قەۋەتتىكى yolyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
xx كولانىڭ نامىنى كۆرۈپ بىرنەچچە قېتىم ئىچىپتىمەن. بىر قېتىم ئىشلىگەن جايىنى كۆرۈپ باقاي دەپ قارىسام ئىچكىرىنىڭ ئىكەن، شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن ئىچمەس بولدۇم.
ھازىر ئۇغۇرچە خەتلىك ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ ماركىسىدىكى يېمەك- ئىچمەك مەھسۇلاتلىرى ھەقىقەتەن كۆپەيدى شۇنداقتىمۇ سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن زاۋۇت ئورنىنى بىر كۆرۈۋېتىپ سېتىۋالىدىغان بولدۇم.
ئۇلار خىجىل بولماي ساتقاندىن كىيىن ئىسمىنى دەۋىرەي...<<زەم-زەم كولا>>
ئىشلەپچىقارغان زاۋۇت ئورنى <<تىيەنجىن>>.قويىۋالغان ئىسمىنى دەيمەن!
زەمزەم كولانى شىئەندىكى جيەنلىباۋنىڭ بىر چوڭ ئىچىملىك زاۋۇتىدا ئىشلىتىدۇ، ئىش ھالقىلىرىدا بۇرۇن ئۇيغۇرلار ئىشلەركەنمىش، ھازىر قانداق بىلمەيمەن، ئەمدى تيەنجىندە ئىشلىتىۋېتىپتىما؟
ھالال چوشقا گۆشى دەپ يېزىۋاپتۇ ، ئىچكىرىدىكى بالىلارنىڭ تاماقلىرىنى مۇشۇنداق گۆشلەرنى ئاپىرىپلا ئىتىپ يۈرمەس بۇ بىرنىمىلەر خۇدايىم ساقلىسۇن ئىشقىلىپ كەلسە-كەلمەس جىق نەرسىلەرنىڭ ئۈستىگە ھالال دەپ باسىدىغان بولۇپ كىتىپتۇ. بۇ قېتىم ئۆيگە قايتقۇچىلىك پويىزدا ئەتراپىمىزدا ئولتۇرغانلار بىر ياڭزا سۈرلىگەن پاچاقمىكىن بىر نىمىلەرنى سېتىۋاپ يىدى، خالتىسىدا ھالال دەپ تۇرىدۇ