Guitarfan يوللانغان ۋاقتى 2012-8-16 18:24:43

قارلۇقتىن يېڭى ئەپلەر(دەستارپىچ،شەخسلەر،ئەلى)

تۈنۈگۈن «شەخسلەر» نى چۈشىرىۋالغان ئىدىم،بۈگۈن «دەستارپىچ»نى ئېلاپ قىلىپتۇ.قارىسام ئىزدىنىشتا بۇ ئەپلەر توغرىسىدا ھېچ خەۋەر يوق،شۇڭا يوللاپ قوياي دېدىم.خەۋەر تاپمىغانلار چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىڭلار،ھەقسىز تارقىتىپتۇ.


دەستارپىچ



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،


دەستارپىچ - پادىشاھلارنىڭ كىيىم-كېچىكىگە مەسئۇل ئوردا ئەمەلدارىنىڭ نامى. بۇ دېتالدىن پايدىلىنىپ رەسىمىڭىزگە ئۆزىڭىز ياقتۇرغان باش كىيىم، ھىجاب، ساقال-بۇرۇت، كۆزەينەك ۋە ھەرخىل زىبۇ-زىننەتلەرنى كىرىشتۈرۈپ ساقلىيالايسىز.


رەسىملەر:

















تەلىپى: iPhone 3GS, iPhone 4, iPhone 4S, iPod touch (3rd generation),


iPod touch (4th generation)،iPad لەر،سېستىما نەشرى iOS 5.0 ياكى بۇنىڭدىن يۇقېرى بولىشى كېرەك.


Appstore دىن چۈشۈرۈڭ.





شەخسلەر



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

قارلۇق شىركىتى بىلەن بىلقۇت شىركىتى ھەمكارلىشىپ «مەشھۇر شەخىسلەر» ناملىق كىتابلار توپلىمىنىڭ ئايفون نۇسخىسىنى ئىشلىدۇق. بۇ ئەپ ئارقىلىق ئۇيغۇرلار تارىخىدا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان كىشلەرنىڭ ھاياتى بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ چىقالايسىز ياكى ئوماق پەرزەنتلىرىڭىزگە ھېكايە قىلىپ بېرەلەيسىز.



ئوتتۇز نەپەر مەشھۇر شەخىسنىڭ نامى ئېلىپبە رەت تەرتىپى بويىچە تىزىلدى



ئابدۇخالىق ئۇيغۇر

ئابدۇقادىر داموللام

ئايخان ئانا

ئەھمەد شاھ قارىقاشى

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن

ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر

ئەلشىر نەۋائى

ئاكا-ئۇكا مۇسابايىۋلار

ئەھمەد زىيائى

ئىبن سىنا

مەشرەپ

ئاماننىساخان

مەمتىلى ئەپەندى

لۇتپۇللا مۇتەللىپ

ئىبراھىم مۇتئى

مۇھەممەد سىدىق زەلىلى

موللا مۇسا سايرامى

مىرزا ھەيدەر كوراگان

ئوغۇزخان

نۇزۇگۇم

نىمشېھىت

تەجەللى

سۇتۇق بۇغراخان

سادىر پالۋان

زورۇدۇن سابىر

تۇرداخۇن ئاكا

تۇمارىس

فارابى

يۈسۈپ خاس ھاجىپ

مەھمۇد كاشىغەرىي



ئالاھىدىلىكى:

❖ قولايلىق ۋە گۈزەل كۆرۈنمە يۈزى بار

❖ ئوتتۇز نەپەر شەخىسنىڭ ھاياتى كىرگۈزۈلدى

❖ ھەر شەخسىنىڭ ھاياتى رەسىملىك تەسۋىرلەنگەن

❖ ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ئىككى تىللىق چۈشەندۈرۈلىشى بار



رەسىملەر:






















تەلىپى: iPhone 3GS, iPhone 4, iPhone 4S, iPod touch (3rd generation),


iPod touch (4th generation)،iPad لەر،سېستىما نەشرى iOS 5.0 ياكى بۇنىڭدىن يۇقېرى بولىشى كېرەك.






Appstore دىن چۈشۈرۈڭ.






ياقتۇرۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز!


قارلۇق مېدىيا پەن-تېخىنكا چەكلىك شىركىتى

بىلقۇت ئېلېكترون پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى








سالام ئەلى




ئەلى-ئاقكۆڭۈل، تۈز دېھقان. سىزنىڭ ئەڭ ياخشى ئۈلپەتدىشىڭىز، زېرىكپ قالغاندا

ئۇنىڭ بىلەن ئانچە-مۇنچە چاقچاقلىشىپ قۇيۇڭ. ئەلى سەل ئۇيقۇچان توغرا چۈشىنەرسىز. ئەگەر تولا ئەسنەپ ئىچىڭىزنى پۇشۇرسا سىزمۇ ئۇنى بوزەك قىلىپ ئاچچىغىنى كەلتۈرۈڭ!



ئەلىنى مۇنداق بوزەك قىلىمىز:



JasurBay يوللانغان ۋاقتى 2012-8-16 19:34:29

خەت نۇسخىسىنىڭ نورمال بولماسلىقى نىمە مەسىلە زادى \"\"

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-8-16 20:00:14

ئايپەد نۇسخىسىمۇ بارمىكەن؟

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2012-8-16 20:28:29

ئاندىروئىد نۇسخىسىچۇ؟

zoravan يوللانغان ۋاقتى 2012-8-16 20:36:29

قارلۇقتىكىلەرنىڭ سۈرئەت خېلى تىزغۇ  \"\"  

يامان ئەمەس  {:92:}

Nurlan يوللانغان ۋاقتى 2012-8-16 20:40:42

app store  دىن قانداق چۈشۈرىمەن ... نىمە دەپ يازسام چىقىدۇ ... ؟

nur يوللانغان ۋاقتى 2012-8-16 21:23:58


6- قەۋەتتىكى nurlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

app store دىن قانداق چۈشۈرىمەن ... نىمە دەپ يازسام چىقىدۇ ... ؟


ئىزدەش كۆزنىكىگە qarluq دەپ يىزىپ ئىزدەڭ.قارلۇق شىركىتى تەرىپىدىن ياسالغان بارلىق ئەپلەرنى تېپىپ بىرىدۇ.شۇ يەردىن خالىغانچە چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ.




Bilig يوللانغان ۋاقتى 2012-8-16 22:02:22

بۇ بىر خوش خەۋەركەن!

ئۆتكەندە خاتىرەمنى چۈشۈرىۋېلىپ بەكمۇ خوش بولۇپ كەتكەنىدىم. مۇشۇنداق ئۇيغۇرچە ئەپلەرنى كۆرسە باشقىچە ھاياجان كىشىگە...

Guitarfan يوللانغان ۋاقتى 2012-8-16 22:41:27

@JasurBay


خەت نۇسىسىنىڭ ئىشىنى مەنمۇ چۈشەنمىدىم.قالايمىقانلا بوپ كىتىپتىغۇ.\"\"




@goodluck


چۈشەندۈرۈلىشىدە


iPhone 3GS, iPhone 4, iPhone 4S, iPod touch (3rd generation), iPod touch (4th generation)،iPad  لەردە ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى يېزىپتۇ.پېقىر پەقەت iPhoneدا سىناپ بېقىشقا مۇيەسسەر بولالىدىم.




@Bayawan


بىلىشىمچە قارلۇق پەقەت ئالما مەھسۇلاتلىرىغا ئەپ ئىشلەيدۇ،ئاندروئىد نۇسخىسى بولمىسا كېرەك.




@nurlan


تىمىدىكى \"\" نى باسسىڭىز بىۋاستە Appstore غا ئۇلىنىدۇ.




hebib يوللانغان ۋاقتى 2012-8-16 22:58:19

ئانجرويىد (ئاندىرويىد) لىق يانفۇنلارغا چۈشىدىغان بىر ئاددىي ئەپ ياساتماقچىتىم. ياردەم قىلالايدىغانلار بارمۇ ؟ باھادا كېلىشىۋالىمىز

Guitarfan يوللانغان ۋاقتى 2012-8-16 23:07:59

ئەمدى تەسىراتىمنى يازاي.

1.گۈدۈك

گۈدۈكنى ھەممىڭلار چۈشۈرۈپ ئىشلەتتىڭلار ھەقىچان.@yuksel قارىممۇ بەك ئويناپ قويىدۇ. \"\"

گۈدۈكنى يېڭىلىغاندىن كېيىن «ئارخىپىم» نى ئاچقاندا ئۆزلىگىدىن چىكىنىپ چىقىش كاشىلىسى بار.ھەممىمىزدە شۇنداقمۇ يا مەندىلا شۇنداقمۇ بىلمىدىم.

2.خاتىرەم

خاتىرەم ھەممىمىزنى خوشال قىلغان ئەپلەرنىڭ بىرى.كۈچۈرۈشنى تېلفۇننىڭ ئۆز ئىقتىدارى بىلەن ئەمەس خاتىرەمنىڭ ئىقتىدارى بىلەن بىر بېسىپ كۆچۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلسا تور بەتلەردە ئىنكاس يېزىش،.......قاتارلىقلاردا جىق قولاي بولاتتىكەن.

3.دەستارپىچ

ئىقتىدارى ئادەتتىكىچە بولسىمۇ،ئىچىدىكى دوپپا تۇماقلارنى،بۇرۇتلارنى كۆرۈپ ھاياجانلانماي تۇرالمىدىم.ئىنشائاللاھ،نەشىر يىڭىلىشىغا ئەگىشىپ تېخىمۇ جىق ئىقتىدارلار ۋە ئۈنۈملەر قوشۇلغۇسى.

4.شەخسلەر

بۇ ئەپ بىزگىلا ئەمەس،ئوماقلىرىمىزغا بەكراق تېتىشلىق بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم.بەت ئۆرۈلۈش ئۈنۈمى ۋە رەسىملەر تولىمۇ چىرايلىق.

ئەلۋەتتە تولۇقلاشقا تىگىشلىك يەرلەرمۇ بار.

1›ئەپ يانتۇ ئىكران ئېچىلىدىغان بولۇپ،دەسلەپتە مەن كىتابلارنى ئوڭ سولغا گورىزىنتال يۈنۈلۈشتە سىيرىپ تاللايمىزمىكىن دەپتىمەن،كېيىن ھەپىلىشىپ ئاستى ئۈستىگە يۈرۈشتۈرۈپ تاللايدىغانلىقىمىزنى بىلدىم.

2›قايتىش كونۇپكىسىنى بەك تەستە بايقىدىم،كۆزگە چېلىققىدەك ئورۇنلاشتۇرغان بولسا.

3›رەسىملەر قارلۇقنىڭ تېخنىكىسىغا قارىغاندا سەل قولنىڭ ئۇچىدا ئىشلەنگەندەك بىلىندى.

ئەگەر ئاۋازلىق ئوقۇپ بېرىدىغان ئىقتىدار قوشۇلۇپ،رەسىملەرنىڭ سۈپىتى يۇقېرى كۆتۈرۈلۈپ،يىڭى يىڭى مەزمۇنلارنى چۈشۈرۈپ كۆرۈشكە بولىدىغان قىلىنىپ ھەقلىق تارقاتسا مەن سېتىۋېلىپ قوللايتتىم. \"\" ئەلۋەتتە كۆپىنچىمىز قوللايمىز.

5.سالام ئەلى

بۇ ئەپنىڭمۇ ئۇيغۇرچە خاسلىقى بار،ھەقىقەتەن ياخشى تۈزۈلگەن.كىيىنكى نەشىرلىرىدە Talking Tom لارغا ئوخشاش ھەجۋى ئاۋازلىق قىلىپ ئىشلىگەن بولسا دەپ قالدىم.ئاندىن ئاۋۇ راۋاپقا كىرىشتۈرگەن مۇزىكا تازا ئۇيغۇرچە ئەمەسمۇ يا.

ئۇيغۇرچە،ئۇيغۇرچە دەپ قالدۇق،مۇشۇنداق زامانىۋى نەرسىلەر ئارىسىدا كۆزگە چېلىققىدەك بىرقانچە ئەپلەرنى كۆرسە ئادەم خوش بوپ قالىدىكەن.ھەرنە دىگەن بىلەن بىز ئۆزىمىز ئەمەسمۇ.ئانچە مۇنچە كۆز قاراشلىرىمىزنى جىجىلاپ باقتۇق،ئەمدىلەتتىن مېڭىۋاتقان بالىنى يۈگرەپ بەرسەڭ بولىتى دەپ تۇرۋالغىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە،قارلۇق شىركىتىمۇ مۇشۇ ئەپلەرنى تۈزۈپ ھەقسىز تارقىتىپتۇ،تەشەككۈرلەر بولسۇن.سىلەردىن تېخىمۇ چوڭ ئۈمۈتلەرنى كۈتىمىز.

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2012-8-16 23:35:16

ئاۋۇ گۈدۈكنىڭ ئاندرويد نۇسخىسىنى قاچىلاپ 10 مىنۇتتىن كېيىن ئۆچۈرۈۋەتتىم. 10 مىنۇتتا 5 مېگابايت ئېقىمنى يەپ كەتتى. ئۇ ئۇيغۇرچە خەتلەرنى رەسىم شەكلىدە كۆرسىتىدىكەن. ئالمىنىڭ قانداق ئۇقمايمەن.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-8-17 06:09:58

مەن بىرھونغا گۈدۈك چەپ قويغان،ئۈچۈۈرۋەتتىم دەيسىزغۇ \"\"

albeini يوللانغان ۋاقتى 2012-8-17 08:25:51

6- قەۋەتتىكى nurlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

app store  دىن قانداق چۈشۈرىمەن ... نىمە دەپ يازسام چىقىدۇ ... ؟

电子市场

murad يوللانغان ۋاقتى 2012-8-17 15:04:26

10- قەۋەتتىكى hebibنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئانجرويىد (ئاندىرويىد) لىق يانفۇنلارغا چۈشىدىغان بىر ئاددىي ئەپ ياساتماقچىتىم. ياردەم قىلالايدىغانلار بارمۇ ؟ باھادا كېلىشىۋالىمىز



بىلكان شىركىتى ئاندرويىد ئەپلىرىنى ياساپ بېرىمىز. چ چ نۇمۇرۇمنى قىسقا ئۇچۇر قىلدىم.

hebib يوللانغان ۋاقتى 2012-8-17 16:59:12

ياخشى بولدى. ئالدىنقى قېتىم ئاۋار دەپبەرگەن نۇمۇرغا تېلفۇن قىلىپ ئالاقىلىشالمىغانتىم.

komandir2010 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-30 15:47:31

چۇشۇرەلمىدىم
بەت: [1]
: قارلۇقتىن يېڭى ئەپلەر(دەستارپىچ،شەخسلەر،ئەلى)