Ulanbay يوللانغان ۋاقتى 2012-8-15 21:50:21

ئېلىپبەدىكى ئىملا خاتالىقلىرى

ئالدىنقى كۈنى تاساددىپىي بىر پۇرسەتتە بۇ ئېلىپبەنى ۋاراقلاپ، بىر مۇنچە ئىملا خاتالىقلىرىنى تاپتىم. ئىملا قائىدىسى ئۆزگەرگەن بولسا، مەن بىلمەي قالدىممۇ؟ ياكى بۇلار ئېلىپبەدىكى ھەقىقىي خاتالىقلارمۇ؟

تۆۋەندىكىسى بىلقۇت شىركىتى تۈزگەن، شىنجاڭ ئېلېكترون ئۈن-سىن نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ئېلىپبە.

ئەسلى ھەرپلىرىمىزدىكى باش، ئوتتۇرا ، ئاخىرقى ۋە يالغۇز شەكىللىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە يارىشائۇلىنىدىغان ئورنى بار ئىدى. بىراق، بۇ ئېلىپبەدە ھەرپنىڭ ئاخىرقى شەكلى ۋە يالغۇز شەكلى قارىقويۇق ئۇلاپ قويۇلغان.










  1. تۆۋەندىكى رەسىمدىكى ‹مىخ› دېگەن سۆزگە قارايلى؛ ئەسلى ‹مى›دىن كېيىن ئاخىر ‹خ›   ئۇلانسا توغرا بولاتتى. بىراق، بۇ سۆزگە ‹يالغۇز خ› نى ئۇلاپ قويغان.










     2. ‹گولف توپ› دېگەن سۆزگە قارايلى؛

ئەسلى ‹ل› دىن كېيىن ‹ئاخىر ف› ئۇلانسا توغرا بولاتتى. بىراق ‹يالغۇز ف› نى ئۇلاپ قويغان.













    3. ‹بېلىق› دېگەن سۆزگە قارايلى؛

بۇنىڭدىمۇ ئوخشاشلا، ‹ق› نىڭ ‹ئاخىر ق› ئۇلايدىغان يەرگە ‹يالغۇز ق› نى ئۇلاپ قويغان.










    4. ‹يىڭناغۇچ› دېگەن سۆزگە قارايلى؛

‹يىڭ› دېگەن بىرىنچى بوغۇمنىڭ ئاخىرىغا ‹باش ڭ› نى ئۇلاپ قويغان. ئەسلى ‹ئوتتۇرا ڭ› يېزىلىشى كېرەكتىغۇ؟!













   5. ‹قوشۇق› دېگەن سۆزگە قارايلى؛

بىرىنچى بوغۇم ‹قو› غا ‹يالغۇز ئو› نى ئۇلاپ قويغان. ئەسلى ‹ئاخىر ئو› ئۇلىنىشى كېرەكتىغۇ؟







   

  6. ‹ئۇچلىغۇچ›، ‹شاپتۇل›، ‹ئاق قۇ› دېگەن سۆزلەرگە قارايلى؛

‹ئۇچلىغۇچ› دىكى ئاخىرقى بوغۇمى ‹غۇچ› ،

‹شاپتۇل› دىكى ئاخىرقى بوغۇمى ‹تۇل›،

‹ئاق قۇ› دىكى ئاخىرقى بوغۇمى ‹قۇ› قاتارلىق بوغۇملارغا ئوخشاشلا ‹يالغۇز ئۇ› نى ئۇلاپ قويغان.

ئەسلى ‹ئوتتۇرا ئۇ› ئىشلىتىلىشى كېرەكقۇ؟










   

7. ‹تۆگە› دېگەن سۆزدىمۇ ئوخشاشلا خاتالىق يۈز بەرگەن.  







   8. ‹گۈل›، ‹كۈنلۈك› دېگەن سۆزلەردىمۇ ھەم ئوخشاشلا خاتالىق يۈز بەرگەن.










   9. مۇنۇ ‹ۋ› غا قاراڭ؛

ئىككى ئوخشاش شەكىلدىكى ‹ۋ›

‹يولۋاس› ، ‹مېۋە› دېگەن سۆزلەردىكى ‹ئاخىر ۋ› ئۇلىنىدىغان جايغا ‹يالغۇز ۋ› نى ئۇلاپ قويغان.















shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2012-8-16 07:50:04

مېنىڭچە نورمال. ئەگەر يۇقىرىدىكى سۆزلەرگە ئۇ ھەرپلەرنىڭ يالغۇز شەكلىنى ئۇلاپ يېزىپتۇ، دېسەك، چېتىپ يېزىشنىڭ ھاجىتى يوققۇ؟ بۇنىڭدىكى كىچىككىنە خاتالىق: ئۇلانغان قىسىملىرىنى رەڭلەپ قويماپتۇ شۇ.  

  ئەڭ ئاخىرىدىكى رەسىمدە يېزىلغان «شاد خۇرام»نىڭ ئوتتۇرىسىدا سىزىقچە بار بولغىيدى؟!

rock يوللانغان ۋاقتى 2012-8-16 08:07:00

خاتامۇ ئەمەستەك قىلىدۇ، ھەر بىر ھالەتتە تەرتىپ بويىچە بىردىن مىسال كەلتۈرۈپتۇ، پەقەت بويىمىغان يېرى باركەن، بۇنى تۈزىتىۋالسا بولىدىكەن.

jappar826 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-16 08:10:07

خاتا ئەمەسكەن. شۇ باسما زاۋۇتىدا قىزىل رەڭ سەل كەمچىل ئوخشايدۇ.

gewala يوللانغان ۋاقتى 2012-8-16 08:19:31

توغرا بايقاپسىز،مەنمۇ ئۇلارنى باش ئاخىر كىلىدىغان ھەرىپلەرنى قالايمىغان ئىشىلتىۋالغاندەك ھېس قىلدىم! شىركەت تەرەپ بىلەن تونۇشلىقى بارلار سوراپ باقسا ئۇلار ئاخىر ھەرىپلەرنىڭ ئۇلىندىغان قىسمىنى بوياشنى ئۇنتۇپ قالدىمۇ ياكى ئاشۇ يەرگە راستلا شۇ ھەرىپنىڭ يالغۇز شەكلىنى يېزىپ قويدىمۇ؟ يەنە بىرسىگە ۋ نىڭ ئىككى خىل شەكلى ئوخشاش تۇرامدۇ يا ئۇنداق ئەمەسمۇ؟ ئامال بار ۋاقتىدا بىر جاۋاپقا ئېرىشىلىك .

erkinaz يوللانغان ۋاقتى 2012-8-16 08:29:58

ۋ نىڭ ئىككى شەكلى ئوخشاش بولۇپ قاپتۇ.

zaparistan يوللانغان ۋاقتى 2012-8-16 10:20:42

مېنىڭچىمۇ بۇ پىكىرلەر توغرا. بېشىدا 4 خىل ھالىتىنى چۈشەندۈرۈپ،مىساللاردا 4- خىل ھالەت بىردەك ئۇچرىماپتۇ.رەڭنىڭ مەسىلىسى بولغان تەقدىردىمۇ،بۇ سەل قارايدىغان مەسىلە ئەمەستە.رەڭنى توغرا

بېرىش كېرەك.

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2012-8-16 11:11:29

«مىخ» ئەمەس، «مىق» تۇ؟

«ئاق قۇ» ئەمەس، «ئاققۇ» بولۇشى كېرەكتۇ؟



مېنىڭچە، ulanbayنىڭ بايقىغان خاتالىقلىرى توغرا، ئىملا قائىدىسى ئۆزگەرمىدى. بۇ بوياشتىكى مەسىلە ئەمەس، بەلكى ھەرپلەرنى خاتا ئىشلىتىش مەسىلىسى.

olive يوللانغان ۋاقتى 2012-8-16 11:19:49

ئېلىپبەدىن خاتالىق چىقسا كىتاپ تۈزۈشكە قاتناشقانلارنى ئېتىۋەتمىسىمۇ ئۇنىڭدىن قالغىنىنى نىمىنىلا قىلسا بولىۋېرەمدىكىن \"\"

newstar يوللانغان ۋاقتى 2012-8-16 14:33:31

ئازراق رەڭلەپ قويغان بولسىلا بولاتتىكەن شۇ.ئىملا خاتالىقىمۇ ياكى ئەمەسمۇ تۈزگەن شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىپ ئايدىڭلاشتۇرۇۋەتسىلا بولىدىكەن.

birhon يوللانغان ۋاقتى 2012-8-16 14:37:53

8- قەۋەتتىكى oliveنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئېلىپبەدىن خاتالىق چىقسا كىتاپ تۈزۈشكە قاتناشقانلارنى ئېتىۋەتمىسىمۇ ئۇنىڭدىن قالغىنىنى نىمىنىلا قىلسا بولىۋېرەمدىكىن \"\"  

مېنىڭچە ئېتىۋەتمىسىمۇ بولمىغۇدەك

Ulanbay يوللانغان ۋاقتى 2012-8-16 17:10:37

ئۇيغۇر تىلىنى ۋە ئۇيغۇر يېزىقىنى يېڭىدىن ئۆگەنگۈچىلەرگە نىسبەتەن، ھەرپلەرنىڭ ئاخىرقى شەكلى ۋە يالغۇز شەكلىنى خالىغانچە ئىشلەتسەك بولىدىكەن دېگەن بىر خاتا ئۇقۇم شەكىللىنىپ قالىدۇ.  بۇ يېزىقىمىزغا قىلىنغان چوڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك.

alwasti يوللانغان ۋاقتى 2012-8-16 19:15:25

بىلقۇت شىركىتى شۇنچىلىك ئىكەن.

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-16 19:33:30

12- قەۋەتتىكى alwastiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىلقۇت شىركىتى شۇنچىلىك ئىكەن.  



ما گەپ بولمىدى...

alwasti يوللانغان ۋاقتى 2012-8-16 19:44:59

13- قەۋەتتىكى uqkun1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

12- قەۋەتتىكى alwastiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىلقۇت شىركىتى شۇنچىلىك ئىكەن.  



ما گەپ بولمىدى...

تازا بولدى، سەۋەبى ئۇلانباينىڭ ئىنكاسى


ئۇيغۇر تىلىنى ۋە ئۇيغۇر يېزىقىنى يېڭىدىن ئۆگەنگۈچىلەرگە نىسبەتەن، ھەرپلەرنىڭ ئاخىرقى شەكلى ۋە يالغۇز شەكلىنى خالىغانچە ئىشلەتسەك بولىدىكەن دېگەن بىر خاتا ئۇقۇم شەكىللىنىپ قالىدۇ. بۇ يېزىقىمىزغا قىلىنغان چوڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك.

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-16 19:58:05

بىر شىركەت تۇرۇپ مۇشۇنىڭغىمۇ دىققەت قىلمىغان بارمۇ

miskin924 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-16 20:45:16

1- قەۋەتتىكى shah_senemنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مېنىڭچە نورمال. ئەگەر يۇقىرىدىكى سۆزلەرگە ئۇ ھەرپلەرنىڭ يالغۇز شەكلىنى ئۇلاپ يېزىپتۇ، دېسەك، چېتىپ يېزىشنىڭ ھاجىتى يوققۇ؟ بۇنىڭدىكى كىچىككىنە خاتالىق: ئۇلانغان قىسىملىرىنى رەڭلەپ قويماپتۇ شۇ.

ئەڭ ئاخىرىدىكى رەسىمدە يېزىلغان «شاد خۇرام»نىڭ ئوتتۇرىسىدا سىزىقچە بار بولغىيدى؟!



بۇنداق دىسىڭىز قانداق بولىدۇ قىرىندىشىم.سىز ھەم بىزغۇ كىچىكىمىزدە ھەرىپلەرنى قانداق ئۇلاپ يىزىشنى توغرا ئۆگەنگەن.شۇڭا بۇ ھىچقانداق چوڭ ئىشتەك بىلىنمەيدۇ.ئەمما ئەمدى خەت يىزىشنى ئۆگىنىپ ساۋادىنى چىقىرۋاتقان ئوماق پەرزەتلىرىمىز ئەنە شۇ خاتا \"ئېلىپبە\"دىن ئانا تىلىمىزنى خاتا يىزىشنى ئۆگەنسە كىينچە ھەم ئۇنى كىيىنكى پەرزەتلىرىگە ئۆگىتىپ شۇ پېتى داۋاملاشتۇرسا ئانا تىلىمىز بولغان ئۇيغۇر تىلىمىز قانداق كۈنگە قالار؟قانداق بولۇپ كىتەر؟ئۆز تىلىمىزغا ئۆزىمىز كۆڭۈل بۆلمىسەك باشقىلار قانداقمۇ كۆڭۈل بۆلسۇن؟تىل بىر مىللەتنىڭ بەلگىسى.تىل بولمايدىكەن مىللەتنىڭمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشى بەكمۇ تەس.بۇ ھەرگىزمۇ كىچىك ئىش ئەمەس.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-8-16 20:55:59

Ulanbay ئەپەندىنىڭ بىلقۇت مەھسۇلاتى ئۈستىدە كۈزىتىپ كۆرسەتكەن بۇ خاتالىقلار پۈتۈنلەي ئاساسلىق، ئورۇنلۇق، پاكىتلىق بولغان.



بىلقۇت شىركىتى ئىگە تەرەپ تور بېكىتىدە كەچۈرۈم سوراپ، كېلەر باسمىسىدا ساقلىنىشى توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈرۈشى كېرەك.

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2012-8-16 21:24:05

مېنىڭچە ئۆلچەمسىز فونتنىڭ ئىشىمىكىن.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-8-16 21:50:35

19- قەۋەتتىكى Bayawanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مېنىڭچە ئۆلچەمسىز فونتنىڭ ئىشىمىكىن.

شۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمما ھازىر خەت نۇسخىلىرىمىز ئۆلچەملەشتى يەنى ئۆلچەملىكلىرى بار ھەتتا ھەقسىز ئەھۋالدا بۇ تەرەپكە سەل قارالغىنى ياخشى بولماپتۇ.


بىزنىڭ ئېلىپبەيىمىزنىڭ ھەربىر چېكىت- پەش، سىزىقلىرى، ھەرىپلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشىدا مەسىلە بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلمىغان ئېلىپبەنى تارقىتىشقا بولمايدۇ دەپ قارايمەن.


بەت: [1] 2 3
: ئېلىپبەدىكى ئىملا خاتالىقلىرى