ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2012-8-15 21:00:04

«دۇنيانىڭ ئەڭ گۈزەل ئاشىق ھېكايىسى»

«دۇنيانىڭ ئەڭ گۈزەل ئاشىق ھېكايىسى»




تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى(15.08.2012)خەۋىرى:

قىرغىزىستاننىڭ دۇنياغا مەشھۇر يازغۇچىسى چىڭگىز ئايتماتوۋنىڭ داڭلىق رومانى«جەمىلە» ئەنگلىيەدە ئايلىق داڭلىق كىتاب بولۇپ تاللاندى.



ئەنگلىيەنىڭ ئەڭ چوڭ نەشىرىياتلىرىدىن بىرى بولغان ۋوتېرس توۋنېس، مەرھۇم يازغۇچى چىڭگىز ئايتماتوۋنىڭ رومانىنىڭ ئاۋغۇست ئېيىدا ئەڭ كۆپ دىققەت قوزغىغان ئەسەر بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ۋوتېرس توۋنېسنىڭ رەسمىي تور بېتىدىن ئورۇن ئالغان باياناتتا، «جەمىلە» رومانىنىڭ ئەڭ كۆپ سېتىلغان كىتابلار تىزىملىكىگە كىرىشكە نامزات بولغان كىتاب ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

فىرانسىيەنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى لۇئى ئاراگونمۇ مۇخبىرغا، جەمىلە رومانىغا بولغان قىزىقىشنىڭ تەسادىپىيلىق ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ: «‹جەمىلە› - دۇنيانىڭ ئەڭ گۈزەل ئاشىق ھېكايىسىدۇر» دېدى. لۇئى ئاراگون 1959–يىلى «جەمىلە» رومانىنىڭ تۇنجى نەشىرىنىڭ كىرىش سۆزىگە، «قىسقا بولۇشىغا قارىماي ھەر بىر ئادەمنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالىدىغان سۆزلەر، جۈملىلەر ۋە پاراگرافلارنى قوينىغا ئالغان جەمىلە، تالاستا تۇغۇلغان ئەڭ گۈزەل ئاشىق ھېكايىسىدۇر» دەپ يازغان ئىدى.

مەزكۇر كىتاب ئەنگلىيەدە 11 دوللارغا سېتىلماقتا.

******************

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2012-8-16 07:43:14

ئۇيغۇرچە نەشىرى بارما ئۇ كىتاپنىڭ ؟

function يوللانغان ۋاقتى 2012-8-16 07:57:45

بار.

joshua يوللانغان ۋاقتى 2012-8-16 09:36:23

سەرۋى قامەتلىك دىلبىرىم بىلەن بىللە بېسىلغانغۇ دەيمەن.

crazy_for_u يوللانغان ۋاقتى 2012-8-16 10:33:28

ئۇيغۇرچە نەشىرى كىتاپخانىلاردا بامىدۇ ؟

patem يوللانغان ۋاقتى 2012-8-16 10:40:39

ئۇيغۇرچە نەشىرى بار. كىتاپ ئىسمى: جەمىلە،   مىللەتلەر نەشىرياتى نەشىر قىلغان.  ‹جەمىلە› ‹سەرۋى قامەتلىك دىلبىرىم› دىگەن ئىككى ئەسىرى بار.

forever يوللانغان ۋاقتى 2012-8-16 10:45:34

جەمىلە جەمىلە جەمىلە

يۈزى قېلىن يارىم جەمىلە.

ئاھاڭغا سېلىپ ئوقۇڭلار جۇمۇ!  {:92:}

bahwan0998 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-16 12:37:50



   ئاجايىپ يېزىلغان كىتاب. قىرغىزلارنىڭ ئۆزىمۇ نارازى بۇ كىتاپتىن. خۇددى لۇشۇننىڭ ئا كىيۇ، شىياڭزى تۆگە قاتارلىق ئەسەرلىرىنى « جوڭگولۇقلارنىڭ ئەپتى- بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلىدى. يۈزىمىزنى تۆكتى» دەپ بەزى خەنلەر تازا تىللىغانغا ئوخشاش، بىر قىسىم قىرغىز بوۋايلارنىڭ يازغۇچىغا ناھايىتى زەھەر گەپلەرنى قىلىپ، قىرغىزلارنىڭ يۈزىنى تۆكتى دەپ قارىغان. لېكىن ئاپتور ئۇلار ئەدەبىياتنى چۈشەنگەندە، ئاندىن بىلىشىدۇ دېگەن.

ئاكىسى ئۇرۇشقا كەتكەندە، ئايالى بىرسى بىلەن مۇھەببەتلەشكەن ھېكايىنى ئىنىسى بايان قىلىدۇ. شۇڭا قوبۇل قىلالمىغان گەپ.

بەدىئىيلىكى ئېسىل ھېكايە

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2012-8-16 14:48:26

مەنمۇ ئىزدەپ سوراپ تېپىپ ئۇقۇپ قويسام بولغۇدەك.... خاتۇنۇمنىڭ ئىسمى بىلەن ئوخشاشكەن.

function يوللانغان ۋاقتى 2012-8-16 14:54:59

قىرغىز ساۋاقدىشىم ھاياجانلىنىپ ماختاپ كەتكەن ئىدى ئۆز ۋاقتىدا.

QUYASH يوللانغان ۋاقتى 2012-8-17 05:40:15

بۇ ئەسەر مەرھۇمنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك ئەسەرلىرىنىڭ بىرى. چاتاق يېرى ئەسەر ئىچىدىكى ۋەقەلىكنى ئوقۇشقا بولىدۇ. دوراشقا بولمايدۇ.

paranghumar يوللانغان ۋاقتى 2012-8-17 08:33:46

بۇنى بىز پوۋېسىت دەپ ئوقىساق، ئاۋۇ كۆپتۈرمىچىلەر رومان دەۋالغىننى دېمەمدىغان.



  قارىغاندا بىز ياۋروپالىقلاردىن بەكرەك يۇقىرى ئىستېتىك تەلەپتە بولغاچقا، ئەدەبىياتىمىزدا دۇنيانى زىل- زىلىگە سالغۇدەك ئەسەرلەرنىڭ بارلىقىنى كىشىلەرگە داۋراڭ قىلمايدىكەنمىز جۇمۇ!

paranghumar يوللانغان ۋاقتى 2012-8-17 08:42:53

بۇ پوۋېسىت ئاساسىدا ئىشلەنگەن كىنومۇ پەيزى.

oghrimuxuk يوللانغان ۋاقتى 2012-8-17 08:44:31

مىسىر يازغۇچىسى مۇستاپا ئەمىنننىڭ ‹مۇھەببەت› ناملىق 2قىسىملىق روماننى  ئوقۇشنى پىلان خاتىرەمگە ئەمدى

كۈرگۈزسسەم  ،،ماۋۇ كىتابمۇ  قىزقىشىمنى قوزغاپ قويدى دىسە  ،،،، \"\"

oghrimuxuk يوللانغان ۋاقتى 2012-8-17 08:45:47

13- قەۋەتتىكى paranghumarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ پوۋېسىت ئاساسىدا ئىشلەنگەن كىنومۇ پەيزى.

------------------------------------------------


كىنونىڭ ئادىرسى بولسا قالدۇرماملا تەخسىر

zumret1 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-17 10:32:49

بۇ پوۋىست،«چڭگىز ئايتىماتوۋ ئەسەرلىرىدىن تاللانما » دىگەن كىتابتىن ئېلىنغان ،ئىچىدە جەمىلە، يەر ئانا قاتارلىق 4پوۋىست بار

بۇپوۋىستتا گۇزەل ئاددى بىرمۇھەببەت ھىكايسى سوزلىنىدۇ.پوۋىستتا مەن جەمىلە نىڭ ئوگەي قېيننىسى بۇلۇپ ،مەننىڭ دادىسى ئوزىنىڭ ئۇكسى ئولۇپ كەتكەندىن كېيىن قىرغىزلارنىڭ ئاددىتى بويىچە ئۇكسنىڭ ئايالىغا ئويلىنىدۇ(ئۇكسنىڭ باللىرىدىن خەۋەر ئېلش ئۇچۇن)مەن بىلەن جەمىلەنىڭ ئىرى نەۋرە ھەم ئوگەي ئاكا_ئۇكا ، جەمىلەنىڭ

ئىرىنىڭ دىتتى يوق بىر ئەر بۇلۇپ

ئۇرۇشقا كېتىدۇ ھەم ئويدىكى چاغلاردىمۇ جەمىلەگە ئانچە كۇڭۇل بولمەيدۇ،ئىرى ئۇرۇشقا كەتكەن دىن كىين ئېتىزنىڭ

ئىشىنى مەن بىلەن جەمىلە قىلدۇ ،جەمىلە ئۇرۇشتىن يارلىنپ قايتپ كەلگەن ئەسكەربىلەن مۇھەببەتلىشدۇ .بۇنى مەن بىلىپ تۇرىدۇ .لېكىن بۇنى ئويدىكىلەرگە دېمەيدۇ .كېيىن ئۇلار بىللە قېچىپ كېتىدۇ.مەن جىلەنىڭ ئوزبەخىتنى تېپىشىنى ئۇمىت قىلىدۇ ، كېيىن جەمىلەنىىڭ ئىرى مەن نىڭ بۇرۇنلا بىلىدىغىننى بىلىپ قالىدۇ شۇنىڭدىن كىيىن ئىككى

ئائىلە بېرىش_كىلش قىلمايدۇ .

شۇڭا بىر قىسم قىرغىزلار جەمىلەنىڭ قېچىپ كېتىشىنى ،ھەم ئاپتورنىڭ بۇنى قوللاش ھىسياتىدا بولغانلىغىدىن نارازى

بولىدۇ.

قۇياش ئەسەردىكى ۋەقەلىكنى دوراي دەپلام دورىۋالغىلى بولمايدۇ. ئەڭ ئالدى بىلەن سىزگە ئوزىنى تەقدىم قىلالايدىغان

بىر ھەقىقى يۇرەك بۇلۇشى كېرەك، ھەممە كىشىنىڭ ئوزبەختىنى ئىزدەش ھوقۇقى بولىدۇ .

paranghumar يوللانغان ۋاقتى 2012-8-17 10:46:18

http://movie.douban.com/subject/2995781/ مانا كىنو!

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2012-8-17 11:17:15

بۇ ئەسەرنىڭ رۇسىيەدە ئالقىشلىنىشى ئۇنىڭدىكى ئىسيانكارلىق بولۇپ، پوۋېستتا ئېرى ۋەتەن ئۈچۈن ئۇرۇشقا كەتكەن ئايالنىڭ ئاشنىدارچىلىقىغا ھېسداشلىق قىلىش ئەينى چاغدا كىشىنى چۆچۈتىدىغان تېما ئىدى.

بۇ ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قارشى ئېلىنىشىدىكى سەۋەپ ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ تېمىسىدىكى ئىسيانكارلىق ئەمەس، بەلكى بۇ پوۋېستنىڭ بەدىئىيلىكىنىڭ تۆۋەنلىكى. يەنى ئۇيغۇر يازغۇچىلار دۇنياغا داڭلىق دەپ قارىلىۋاتقان يازغۇچىنىڭ بەدىئىيلىكىگە ئۆزىنىڭمۇ يېتىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىپ خوش بولغان.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2012-8-17 12:27:19

16- قەۋەتتىكى zumret1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ پوۋىست،«چڭگىز ئايتىماتوۋ ئەسەرلىرىدىن تاللانما » دىگەن كىتابتىن ئېلىنغان ،ئىچىدە جەمىلە، يەر ئانا قاتارلىق 4پوۋىست بار

بۇپوۋىستتا گۇزەل ئاددى بىرمۇھەببەت ھىكايسى سوزلىنىدۇ.پوۋىستتا مەن جەمىلە نىڭ ئوگەي قېيننىسى بۇلۇپ ،مەننىڭ دادىسى ئوزىنىڭ ئۇكسى ئولۇپ كەتكەندىن كېيىن قىرغىزلارنىڭ ئاددىتى بويىچە ئۇكسنىڭ ئايالىغا ئويلىنىدۇ(ئۇكسنىڭ باللىرىدىن خەۋەر ئېلش ئۇچۇن)مەن بىلەن جەمىلەنىڭ ئىرى نەۋرە ھەم ئوگەي ئاكا_ئۇكا ، جەمىلەنىڭ

ئىرىنىڭ دىتتى يوق بىر ئەر بۇلۇپ

ئۇرۇشقا كېتىدۇ ھەم ئويدىكى چاغلاردىمۇ جەمىلەگە ئانچە كۇڭۇل بولمەيدۇ،ئىرى ئۇرۇشقا كەتكەن دىن كىين ئېتىزنىڭ

ئىشىنى مەن بىلەن جەمىلە قىلدۇ ،جەمىلە ئۇرۇشتىن يارلىنپ قايتپ كەلگەن ئەسكەربىلەن مۇھەببەتلىشدۇ .بۇنى مەن بىلىپ تۇرىدۇ .لېكىن بۇنى ئويدىكىلەرگە دېمەيدۇ .كېيىن ئۇلار بىللە قېچىپ كېتىدۇ.مەن جىلەنىڭ ئوزبەخىتنى تېپىشىنى ئۇمىت قىلىدۇ ، كېيىن جەمىلەنىىڭ ئىرى مەن نىڭ بۇرۇنلا بىلىدىغىننى بىلىپ قالىدۇ شۇنىڭدىن كىيىن ئىككى

ئائىلە بېرىش_كىلش قىلمايدۇ .

شۇڭا بىر قىسم قىرغىزلار جەمىلەنىڭ قېچىپ كېتىشىنى ،ھەم ئاپتورنىڭ بۇنى قوللاش ھىسياتىدا بولغانلىغىدىن نارازى

بولىدۇ.

قۇياش ئەسەردىكى ۋەقەلىكنى دوراي دەپلام دورىۋالغىلى بولمايدۇ. ئەڭ ئالدى بىلەن سىزگە ئوزىنى تەقدىم قىلالايدىغان

بىر ھەقىقى يۇرەك بۇلۇشى كېرەك، ھەممە كىشىنىڭ ئوزبەختىنى ئىزدەش ھوقۇقى بولىدۇ .

شۇنداق بۇ پوۋىست ئىدى ، تېمىدا رومان دىيىلىپتۇ ...

tawlan يوللانغان ۋاقتى 2012-8-17 13:56:38

9- قەۋەتتىكى Kanjiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەنمۇ ئىزدەپ سوراپ تېپىپ ئۇقۇپ قويسام بولغۇدەك.... خاتۇنۇمنىڭ ئىسمى بىلەن ئوخشاشكەن.

ئاخماق
بەت: [1] 2
: «دۇنيانىڭ ئەڭ گۈزەل ئاشىق ھېكايىسى»