Bilig يوللانغان ۋاقتى 2012-8-15 14:58:23

پاتېنت ئىلتىماس قىلىپ باققانلار بارمۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،


ۋەتەندە پاتېنت ئىلتىماس قىلىپ باققان قېرىنداشلار بارمۇ؟


سورىماقچى بولغىنىم:


1. پاتېنت ئىلتىماس قىلغاندا نەرسىنىڭ مودىلىنى تاپشۇرۇش كىرەكمۇ ياكى سىخىمىسى ۋە لاھىيىسى، چۈشەندۈرىشىنى تاپشۇرامدۇ ياكى ھەر ئىككىلىسىنىمۇ؟


2. قانداق باسقۇچ ۋە جەريانلار كىتىدۇ؟


3. ۋەتەندە پاتېنت ئېلىپ ۋەتەن سىرتىدا كۈچكە ئىگە قىلغىلى بولامدۇ؟


hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2012-8-15 16:30:14

1.مىنىڭچە مودىلنى تاپشۇرۇش كېرەك ئەمەس، سىخىمىسى ۋە لاھىيىسى، چۈشەندۈرىشىنى تاپشۇرسىز.

2. ئۈرۈمچىدە بولسىڭىز ب ر ت 1-نۇمۇرلۇق تېز لېنيىگە ئولتۇرۇپ پەنلەر ئاكادىميىسى بىكىتىدە چۈشۈپ قورو ئىچىگە 50مىتىر ماڭسىىڭىز ئاخپارات-ئۇچۇر ئىدارىسدا تىزىملايدۇ.新疆科技情报研究所

باشقا جايلاردا ۋاكالەتەن بىجىرىدۇ ،ھەق ئالىدۇ

0991-3836749  ( بەيدۇ توردىن تەرجىمە قىلىندى)

3. ۋەتەندە پاتېنت ئېلىپ ۋەتەن سىرتىدا كۈچكە ئىگە قىلغىلى بولمايدۇ

http://www.xjinfo.gov.cn/wxs/wxs-zhuanli.html

    بۇنىڭدا خەلىقئارالىقنىڭ تور بەتلىېرى باركەن

بەيدۇلاپ تېپىلدى.كىم مېنى بىرىنچى بولۇپ بۇ تېمىنى كۆرسۇن دەپتۇ

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2012-8-15 16:33:15

تارىمى خانقىز تۇلۇق بىلىدۇ ، ئۇ مىنىڭ بىر دوستۇمغا پاتىنىت ئېلىشقا ياردەملەشكەن



newstar يوللانغان ۋاقتى 2012-8-15 21:58:53

ئۈرۈمچىدە «چەۋەنداز» دەپ بىر شىركەت بولىدىغان(2006-يىلىدىكى گەپ)،ھازىر بولسا ئۇلار شۇ ئىشنىمۇ قىلاتتى.ئورنى دۆڭكۆۋرۈكتە ئىدى.«ئەلشىر يەرئاستى يانفۇن بازىرى»نىڭ تىك ئۇدۇلىدا.نەچچە يىل بولدى ،ئۈرۈمچىگە بېرىپ باقمىدىم،ھازىر بارمۇ يوقمۇ ئۇقمايمەن.

atilla705 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-16 00:19:07

چەۋەنداز ھازىرمۇ بار. زەپەر سودا سارىيىنىڭ  5  -  قەۋىتىدە.

قايسى دۆلەتتە ئىلتىماس قىلغان بولسا شۇ دۆلەتتىلا كۈچكە ئىگە بولىدۇ. خەلئارالىق پاتنىت ئېلىنسا ھەممە دۆلەتتە سىز ياسىغان ياكى كەشىپ قىلغان نەرسە قوغدىلىدۇ.

كەشىپ قىلغان نەرسىمۇ بىر لايىھەمۇ؟  

سەككىز تەرەپتىن تارتىلغان رەڭلىك سۈرىتى، كىملىك كىنىشكىڭىز، ئاندىن نەق پۇل كېتىدۇ. مۇھىمى كەشىپىياتنىڭ باشقا كەشىپىياتتىن پەرقلىنىدىغان ئالاھىدىلىكى ئېنىق چۈشەندۈرۈلگەن بولشى كېرەك. (بۇنى ۋاكالەتچى شىركەتكە ئېغىزاكى دەپ بەرسىڭىزلا شۇلا بىر تەرەپ قىلىدۇ.)

newstar يوللانغان ۋاقتى 2012-8-16 05:45:04

atilla705 پەرىزىم خاتا بولمىسىلا،شۇ ئىشلارنى ئوبدان ئۇقىدۇ،ئاداش ،سەن شۇمۇ؟

arqin يوللانغان ۋاقتى 2012-8-16 08:12:18

بازاردا بىر نەرسە پاتىنىتقا ئېرىشىپ بولسا ، شۇنىڭغا ئوخشىتىپلا بىرنى ياساپ قېپىنى ئۆزگەرتىپ ، ئازراقلا رەڭ بىرىپ يەنە بىرنى چىقىرىپ سېتىۋىرىدىكەن ...

بازاردا بەك جىق بۇ ئەھۋال ...



بۇنداق دىسەم روھىڭىز چۈشۈپ كەتمىسۇن ، بىراق ياسىلىشى ئالاھىدە مەخپى ، مۇرەككەپ نەرسىلەر بولسا چۇقۇم ئوخشىتىپ ياسىىيالمايدۇ .

zaparistan يوللانغان ۋاقتى 2012-8-16 10:22:35

شۇنداق قىلىپ ھەمكارغا ئادەم تېپىلدىمۇ ياكى يەنىلا ئىزدەش،تاللاش باسقۇچىدىمۇ؟

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-8-16 11:03:27

@hiyalqi باشقىلارنىڭ تېلېفون نومۇرىنى خەقنىڭ خالايدىغان خالىمايدىغانلىقىنى سورىماستىن ئاشكارلىمىغۇلۇق.  ئۇ سىزنىڭ تېلېفون نومۇرىڭىز بولسا باشقا گەپ يوق.

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-16 11:17:07

مەن 2009-يىلى بىر كىچىك نەرسە ياسىغان ،ئۇ توك ئىدارىسىنىڭ ياشلار يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسىدە 1-بولغان ،2010-يىلى ياسىغان نەرسەم ئىدارىنىڭ شۇ يىللىق سۈپەت كونتىرول قىلىش ،ياشلار يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسىدە 1-لىككە ئېرىشىپ ئىدارە تەرىپىدىن دۆلەت كەشپىيات پاتېنىتىغا ئىلتىماس قىلىندى ،بۇلتۇر ئىدارىدىن بۇ ئىلتىماس دۆلەت پاتىنىت ئىدرىسى تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىندى دەپ 1000 سوم مۇكاپات بەردى ،قارىغاندا ئېلان قىلىش ۋاقتى ئۆتكەندىن كىيىن رەسمىي كېنىشكا بېرىدىغان چىراي ،2011-يىلى ياسىغان ئىككى يېڭىلىقىم ئىدارىنىڭ ياشلار يېڭىلىق يارىتىش تۈرىدە 1-لىككە ،سۈپەت كونتىرول قىلىش تۈرىدە 2-لىككە ئېرىشتى ...  {:92:}  



بۇ يىل ئاددى بولسىمۇ 3نەرسە ياساپ چىقتىم ،ھەممىسى توك كەسپىگە ئائىت ،ئۆزى ئاددى ،لىكىن ۋاقىت تىجەيدىغان ،ئەمگەك سىجىللىقىنى تۆۋەنلىتىدىغان ،ئىشلىتىشىمىزگە قولاي نەرسىلەر ....ئىشقىلىپ ئۇنى بۇنى ياساپ يۈردۇق .....



ئۈلگە قىلىپ ياش دوسلار بىزمۇ ،

ئۆگىنەيلى شۇلار روھىدىن .

كەشپىياتچى بولمىساقمۇ گەر ،

ئىرادىمىز چىقسۇن گۆرىدىن .   دەپ بىر شئېر بولىدىغان ...

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2012-8-16 13:49:15

مېنىڭ ئويلاۋاتقىنىم، ئەگەر مۇۋاپىقىيەتلىك بولۇپ (اللە خالىسا) بازارغا يۈزلەندۈرۈش چوتىنى سوقىۋاتىمەن.

ئوخشىشىنى ئىشلىۋېلىش خەتىرىنى ئويلاپ باقماپتىمەن. بۇغۇ بەك مۇرەككەپ نەرسە ئەمەس، لىكىن قوللىنىشچانلىقى بار نەرسە ئىدى. مودىلىنى ياساپ باقاي دەپ ماتېرياللار تولۇق ئەمەس، چالا تاشلاپ قويدۇم، لىكىن مۇمكىنلىكى ناھايىتى يۇقىرى، كاللامدا ئېنىق پىلان بار.



يەنە بىر ئاددى نەرسىمۇ بار ئىدى. بۇنى ۋەتەندە كۆپ ئىشلەتمەسلىكى مۇمكىن، لىكىن ۋەتەن سىرتىدا بەك كۆپ ئىشلىتىدۇ، بۇنىڭ پاتېنتىنى ئالسا بۇ يەردە ھەم مەسھۇلاتنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى ئۇنچىلىك يۇقىرى تېخنىكىلىق يالى مەخپى قۇرۇلمىلىق نەرسىلەر ئەمەس، چۇۋىسا مانا مەن دەپلا كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان.



قىزىلىنى ئاققا بوياپلا، باشقا ئىسىم قويۇپ ئىشلىسىمۇ ئىشلەۋەرگۈدەك!

arqin يوللانغان ۋاقتى 2012-8-16 15:22:31

ئىشقىلىپ ئۆزگەرتىپ چاپان كەيگۈزۈپ ساتىدىغان ئىشلار بەك تولا .....



باشقۇرۇدىغانغا ئادەم يوق ، چۈنكى ئۆزىگە ئىش تېپىشنى خالىمايدۇ ، شۇ ئىشنى قىلسىمۇ ئالدۇ مائاشنى ، قىلمىسىمۇ ئالىدۇ مائاشنى ، شۇڭا ئۇشۇق ئىشقا ئارلاشمايدۇ ..

ياخشى ئەھۋال شۇ .....   ( لېكىن نەدىكى ئەرزىمەس ئىشنى كوچىلاپ تەكشۈرۈپ ساراڭ قىلىدىغان يىرىمۇ بار )



----

لېكىن مەھسۇلات سانى ، باھاسى ، تارقىتىش جەھەتتە زور كۈچ بىلەن ئومۇمىي بازارنى ئىگەللەپ ماركا ئۇقۇم ھەممە كاللىدا باشلامچىسى ، ياخشىسى دىگەن ئاڭ ئايدىڭلاشسا ، يەنىلا بازاردا ئۇتۇپ چىققىلى بولىدۇ ، كىيىن ئوخشىتىپ ياساپ چىققان مەھسۇلات بولسىمۇ ، مەزمۇت ئۇل سېلىۋالساقلا چاتاق چىقمايدۇ  .....

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-16 15:31:56



         مەن ئىلگىرى بىر پاتنىت ئېلىش جەريانىدا ۋەكالەتچىلىك شىركىتىدە ئىشلەيدىغان بىرى بىلەن تۇنۇشۇپ قالغان ، بىلىشىمچە ئۇ يېڭىلىقنىڭ تەكشىلىك رەسىمنى سىزسىڭىزلا بۇلىدۇ ، چۈشەندۈرگەندە ئامال بار چەكلەش خارەكتىرگە ئىگە سۆز ، سان -سىپىرلارنى ئىشلەتمەڭ ، مەسلەن ئۇ نەرسىنىڭ رەڭگى مۇھىم بولمىسا پالانى رەڭلىك دەپ يازماڭ ،ئېغىرلىقى ،چوڭ-كىچىك ئۈلچىمى مۇھىم بولمىسا مۇناسىۋەتلىك سان -سىپىرنى يازماڭ ، شۇنداق بولغاندا سىزنىڭ ئىلتىماسىڭىز ھەر قانداق رەڭلىكنى ،ھەر قانداق ئۈلچەمدىكىنى ئۈز ئىچىگە ئالىدۇ دە باشقىلار رەڭگنى ئۈزگەرتىپ دورىيالمايدۇ . باشقىلار چۈشەندۈرۈشنى ئۇقۇپ رەسىمگەقاراپ چۈشەنسىلا بولدى شۇڭا ئامل بار چەكلىمە قويمايدىغان  ئېنىقسىز گەپنى ئىشلىتىپ يازىسىز .

         ئۈرۈمچىدە ئوقيا دەپ بىر شىركەت بۇلىدىغانغۇ ، شۇلار قىلىدۇ .  ئالى مەكتەپتە تەبئى پەن  ئاسپىرانىتلىقنى ئۇقۇغانلارمۇ يازالايدىغۇ دەيمەن .  





     دۆلەتلىك پاتنىت ئىدارىسىنىڭ تور بىكىتى : http://www.sipo.gov.cn/

hebib يوللانغان ۋاقتى 2012-8-16 23:09:06

مۇشۇ بىرەر ئاي ئىچىدە مەنمۇ بىر مەھسۇلات ئۈچۈن ئىككى-ئۈچ تۈردە پاتنىت ئىلتىماس قىلماقچىتىم، بىيجىڭدىكى ۋاكالەتچى شىركەتلەرگە قىلدۇرىشىم مۇمكىن. 发明专利نى ئىلتىماس قىلىدىغان چاغدا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار بار. خالىساڭلار بىللە قىلايلى. قىسقا ئۇچۇر قىلىڭلا

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2012-8-17 10:09:55

8- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

@hiyalqi باشقىلارنىڭ تېلېفون نومۇرىنى خەقنىڭ خالايدىغان خالىمايدىغانلىقىنى سورىماستىن ئاشكارلىمىغۇلۇق. ئۇ سىزنىڭ تېلېفون نومۇرىڭىز بولسا باشقا گەپ يوق.



بۇرۇن ئىمزاسىدا شۇ تېلفۇن نۇمۇرى بارتى ، مەن شۇنىڭغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ ئاشكارىلىغان ئىدىم ، ھازىر ئۈچۈرۈۋەتتىم .....

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-2-26 13:06:06

تاپشۇرۇشقا توغرا كەلسە دوكىلاتىنى قانداق يازغۇلۇق؟

رەسىم سىخىمىللىرىنى سىزىپلا چۈشەندۈرۈپ يازامدۇق ياكى رەسمى بىر ماقالە شەكىلدىمۇ؟ ئۇيغۇرچە يازسىمۇ بولىدىغاندۇ دەيمەن. خەنچە سەۋىيەم تۆۋەنلەپ كىتىپتۇ...

86 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-26 16:43:07

بەيدۇغا كىرىپ «申请专利流程» دەپ ئىزدەتسىڭىز بىرمۇنچە مەزمۇنلارنى تاپىسىز. تولدۇررىدىغان جەدۋەل، ئىلتىماس، سىخىمىسى ،چشەندۈرىشى دىگەندەكلەرنى تەلەپكە ئۇيغۇن قىلىپ يازىسىز، خەنچە قىلىپ. رەسىملىرىنى قولدا سىزسىڭىز بولمايدۇ،

ئەڭ ياخشىسى ئاۋال سىناقتىن ئۆتكۈزۈڭ، شۇنىڭ ئىش پىرىنسىپى بوىيچە ئەڭ ئىلغار قىلدىم دەپ قانائەت قىلغۇچە ياساڭ.



ئۆتكەندە بىر تۇققىنىم چوڭ بىر كەشپىيات قىلدىم ،يېڭى يېشىل ئىنېرگىيە ھاسىل قىلىدىغان نەرسە، دەپ، ئاندىن قانداق پاتېنتقا سۇنىمىز دەپ، مېنى ئىزدىگەن ئىدى. پاتېنتقا سۇنۇشقا ماتىرياللارنى يېزىشقا ياردەملىشەي دەپ بېرىپ، ئىش پىرىنسىپىنى سۆزلەپ باق دىۋىدىم  سۆزلەپ بەردى،، ئىش پىرىنسىپى سىناقتىن ئۆتمىدى. مەڭگۈلۈك دىۋىگاتىلنىڭ مەۋجۇت بولمايدىغانلىقىغا زىت كەلدى، كەم ئويلاپ قاپتۇ.  ئېنىرگيەنىڭ ساقلىنىش قانۇنى دەيدىغان بىر قانۇنىيەت بار.  ئۆزلىكىدىن ئىنېرگىيە ھاسىل قىلىدىغان ئۈسكىنە مەۋجۇت بولمايدۇ، پەقەت ئىنېرگىيە نى بىر -بىرىگە ئايلاندۇرۇپ، پايدىلانغىلى بولىدۇ.

86 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-26 17:07:09

wapadarim912 نىڭ كەشپىياتىغا بەك ئاز پۇل بېرىپتۇغۇ ئۇلار؟ 1000سوم دىگەن ئىزدىنىشتىكى ئەزالاردىن سەدىقە يىغسىمۇ كېلىدىغان پۇلغۇ ئۇ.  1000 نىڭ كەينىگە يەنە ئىككى نۆلنى قېتىپ مۇكاپات بەرمەي. شۇنداق قىلغان بولسا، ياردەمگە مۇھتاج يەرلەرگە تېخىمۇ كۆپ ياردەم قىلالايتىكەندۇق، بۇ ۋاپادار يىگىت.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-2-26 17:25:06

16- قەۋەتتىكى 86نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بەيدۇغا كىرىپ «申请专利流程» دەپ ئىزدەتسىڭىز بىرمۇنچە مەزمۇنلارنى تاپىسىز. تولدۇررىدىغان جەدۋەل، ئىلتىماس، سىخىمىسى ،چشەندۈرىشى دىگەندەكلەرنى تەلەپكە ئۇيغۇن قىلىپ يازىسىز، خەنچە قىلىپ. رەسىملىرىنى قولدا سىزسىڭىز بولمايدۇ،

ئەڭ ياخشىسى ئاۋال سىناقتىن ئۆتكۈزۈڭ، شۇنىڭ ئىش پىرىنسىپى بوىيچە ئەڭ ئىلغار قىلدىم دەپ قانائەت قىلغۇچە ياساڭ.



ئۆتكەندە بىر تۇققىنىم چوڭ بىر كەشپىيات قىلدىم ،يېڭى يېشىل ئىنېرگىيە ھاسىل قىلىدىغان نەرسە، دەپ، ئاندىن قانداق پاتېنتقا سۇنىمىز دەپ، مېنى ئىزدىگەن ئىدى. پاتېنتقا سۇنۇشقا ماتىرياللارنى يېزىشقا ياردەملىشەي دەپ بېرىپ، ئىش پىرىنسىپىنى سۆزلەپ باق دىۋىدىم  سۆزلەپ بەردى،، ئىش پىرىنسىپى سىناقتىن ئۆتمىدى. مەڭگۈلۈك دىۋىگاتىلنىڭ مەۋجۇت بولمايدىغانلىقىغا زىت كەلدى، كەم ئويلاپ قاپتۇ.  ئېنىرگيەنىڭ ساقلىنىش قانۇنى دەيدىغان بىر قانۇنىيەت بار.  ئۆزلىكىدىن ئىنېرگىيە ھاسىل قىلىدىغان ئۈسكىنە مەۋجۇت بولمايدۇ، پەقەت ئىنېرگىيە نى بىر -بىرىگە ئايلاندۇرۇپ، پايدىلانغىلى بولىدۇ.





رەھمەت، بىلدىم.


مىنىڭ ئويلىغان نەرسەم ئېنىرگىيە دىگەندەك چوڭ نەرسىمۇ ئەمەس ئىدى، لىكىن قوللىنىشچان. ئىشىنىمەنكى، ئەگەر مۇۋاپىقىيەتلىك بولۇپ قالسا كۆپ ياخشى بولىدۇ.


ئالدى بىلەن ياساپ باقساممۇ بولىدۇ، لىكىن نەزەرىيە جەھەتتىن ئىشلەش ئېھتىماللىقى %90 دىن يۇقىرى.


ھەممە ئىش اللە نىڭ ياردىمى بىلەن مۇۋاپىقىيەتلىك!

adolif يوللانغان ۋاقتى 2013-2-26 17:29:45

بەت: [1]
: پاتېنت ئىلتىماس قىلىپ باققانلار بارمۇ؟