tvman يوللانغان ۋاقتى 2012-8-15 13:26:23

ئوتاندەك قۇرۇق پاراڭلار(تۈمەن)

سالام دوسلار  بۇ تېمىدا نان تەگكۈدەك گەپ يوق، مۇنداقلا پاراڭلارنى يېزىپ قويىمەن ،ئەمىلىيەتتە پاراڭمۇ ئەمەس گەپ ، ۋاي گەپمۇ ئەمەسكەن خىيال دەيمىزمۇ ؟! بەلكىم شۇ بولسا كېرەك ئىشقىلىپ ئاشۇنداق بىر يازما  يەنى كاللامغا كەلگەن بىرقىسىم خىياللارنى ھەرىپ بىلەن تىزىپ قويدۇم .
، قايسى كۈنى تۇرۇپلا كاللامغا بىر ئىش كېلىپ قالدى ، مۇشۇ بىز كىچىكىمىزدىن ئامېرىكا جاھانگىرلىكى ،غەرىب جاھانگىرلىكى ،جاھانگىرلار  دىگەندەك ئاتالغۇنى تولا ئاڭلاپ جاھانگىر دىسە يەتتە باشلىق يالماۋۇز يادىمىزغا كەلگۈدەك بولۇپ كەتكەن ئىدۇق ، تۇرۇپلا بۇ ئىسىمنىڭ ئىجابى ئىسىم ئىكەنلىكىنى بايقاپ قالدىم ،توۋادەيمەن ئىسىمنىڭ ئۆزىدىنلا چىقىپ تۇرمامدۇ ،خۇددى بىرسنى ، ھەي ئەقىللىق ، دەپ تىللىغىلى بولمىغاندەك بۇ ئەسلى ماختىغان گەپكەن دىسە ...
پاكىت: جاھان- دۇنيا ،يەرشارى ،ئالەم ،دۇنيا ھەممىسى قوشۇلۇپ جاھان دىيىلەمدىكى دەپ ئويلايمەن خۇددى ،بۇرۇن تېلېۋىزوردا ‹دۇنيادىكى ئىشلار› دەپ بىر پىروگىرامما بار ئىدى ، كىيىن ئۇنى تۇيۇقسىز ‹جاھاندىكى ئىشلار › دەپ ئۆزگەرتىۋالدى ،شۇنىڭغاقارىغاندا جاھان نىڭ دائېرىسى دۇنيادىن كەڭ بولسا كىرەك ، گەپكە قايتىپ كەلسەك   جاھان دىگەن شۇ جاھاننى كۆرسىتىدۇ ئەمدى گىر ددىگەنچۇ؟ گىر دىگىنىمىز تارازا يەنى گىر-تارازا، كىچىك ۋاختىمىزدا بىزنىڭ قەشقەر تەرەپتە ئېغىر تىپتىكى نەرسىلەرنى ئۆلچەيدىغان تارازىنى گىر دەپ ئاتايتى، دىسەم دىمىسەم ھازىرمۇ شۇنداق ئاتايدۇ ، ئەمدى گەپ ئېنىق بولدى ،دىمەك جاھانگىر(جاھان+گىر) دىگەن گەپ جاھاننىڭ تارازىسى دىگەن گەپكەن ئەمەسمۇ ؟(تەرلەپكەتكەن چىراي ئىپادىسى)
گەپنىڭ ئىككىنجىسى ، سىلەردىن سوراپ باقسام ئۇيغۇرلار ناۋاتنى ئىستىمال قىلىۋاتقىلى قانچەئۈزۈن بولغاندۇ، مېنىڭچە بەك ئۈزۈن، ئۇزۇن بولمىسىمۇ قىسقا ئەمەس شۇنچە ئۇزۇن ناۋاتنى ئىستىمال قىلىپ، چوكىلۇق ناۋاتنىڭ ئەمدى چىققىنى ئويلىسام  شۇنچە ۋاقىتتىن بىرى ناۋاتقا چوكا بىكىتىشنى ئويلاپ باقمىغان بولغىيمىتۇق دەپ قالىمەن .

مەنبە:tvman

mastura يوللانغان ۋاقتى 2012-8-15 16:25:52

ناۋاتقا چوكا بېكىتسە نېمە پايدىسى باركەن؟ تاڭگازا بولمىسا يە ئۇ تۇتۇپ يەيدىغان؟  \"\"  (كەچۈرۈڭلار، چوكىلىق ناۋاتنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن....)

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-15 16:34:06

1- قەۋەتتىكى masturaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ناۋاتقا چوكا بېكىتسە نېمە پايدىسى باركەن؟ تاڭگازا بولمىسا يە ئۇ تۇتۇپ يەيدىغان؟  \"\"  (كەچۈرۈڭلار، چوكىلىق ناۋاتنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن....)

دىيارىمىزدا بولغان بولسىڭىز بۇ چاغقىچە چوكىلىق ناۋاتنى نەچچە قېتىم كۆرۈپ بولاتتىڭىز تېلىۋىزوردا بولسىمۇ.
مەنمۇ ئېلانىنى كۆرگەندە نىمە ئاۋارىچىلىق بۇ ناۋاتقا چوكا ئورنىتىپ دەپ ئويلاپتىكەنمەن،ئەمەلىي ئىشلىتىش جەريانىدا چوكىلىق ناۋاتنى ئىستىمال قىلىشنىڭ ئىنتايىن ئەپلىكلىكىنى ھېس قىلىپ،مۇشۇ ئىشنى ئويلاپ تاپقان كىشىنىڭ ئىجادچانلىق روھىغا،ۋە سودا ئېڭىغا قول قويماي تۇرالمىدىم.

murad يوللانغان ۋاقتى 2012-8-15 16:43:33

«گىر»  پارسچە «قىسقۇچ» مەنىسىدە دېگەنتى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىمىز.

باجگىر - باج قىسقۇچ

جاھانگىر - جاھان قىسقۇچ

لاخشىگىر - ئوت قىسقۇچ

\"\"


ئىراندىن كىردىغۇ دەيمەن چوكىلىق ناۋات ئەڭ دەسلەپتە.

ghemkvz يوللانغان ۋاقتى 2012-8-15 16:45:11

باشقا پاراڭنى ئاتلاپ  ئۆتتۈم. چوكا ناۋاتنى  ئەرەپچە بىر ماركىدا  تۇنجى قېتىم  كۆرگەنتىم ،.ئۇنىڭدىن ئىلھام ئېلىپ  تەشەككۈر چوكىلىق ناۋىتى  چىقتى،



ئىجادچانلىق بولمىسىمۇ ئىلھاملىنىش بار ،بۇ ياخشى باشلىنىش ھە....



كىچىك چېغىمدا  كىتاپلاردىن جاھانگىر  دىگەن خەتنى  كۆرسەملا  قىززىق گەپتەك  تۇيۇلاتتى ،چۈشەنچەم  شۇ  تېما ئىگىىسى  سۆزلىگەندەك بولسا كىرەك،،ئىشقىلىپ قىززىق گەپكەنغۇ

shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2012-8-15 16:49:56

«جاھانگىر» سۆزىدىكى «گىر» پارسچە سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە. تارازىدىكى «گىر» سۆزى ئۆزى بىر مۇستەقىل سۆز. (مېنىڭ بىلىشىمچە)

  «جاھاننىڭ تارازىسى» دەڭ! لېكىن بۇمۇ كەلگەندەك قىلىدۇ.   {:92:}

agah يوللانغان ۋاقتى 2012-8-15 17:12:22

لېكىن ئۆزبىكلەردە بۇنى ئىجابىي مەنىدە ئىسىم قىلىپ ئىشلىتىدىكەن دىسە .

atarut يوللانغان ۋاقتى 2012-8-15 17:25:51

كىچىك ۋاقتىمىزدا ئۆگەنگەن سىياسى گەپلەرنىڭ ۋاقتى ئۆتتى.   94-يىلىدىن 97-يىلىغىچە تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا سىياسەت دەرسىدە ئۆتكەن مەزمۇنلار مۇنداق ئىدى

1. كاپتالىستلار قوشۇمچە قىممەت ئارقىلىق ئىشچىلارنى ئىكىسپالاتاتسىيە قىلىدۇ.  پىرۇلتارىيات ناھايىتى ئىچىنىشلىق تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.

2. ئامىرىكىدا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندە قىلىنىدۇ. ئومۇمى نوپۇسنىڭ 12%نى ئىگەللەيدىغان نىگىرلار ئىرقى كەمسىتىشكە ئۇچرايدۇ.



ھازىر قاراپ باقساق دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ خەيرى ساخاۋەتچىلەر ئەشۇ كاپتالىستلاردىن چىقىۋاتىدۇ. جۇڭگومۇ قوشۇمچە قىممەت ئارقىلىق باي بولۇشنى يولغا قويدى.

ئوباما ئامىرىكىغا زوڭتوڭ بولۇپ، بۇ ئەمەلىيەت سىياسەت كىتاپتىكى ئەشۇ سۆزنى قىلغانلارنىڭ ئىغىزىغا كاچات قويدى.

  

ھازىر تولۇقسىزدا ئۇ دەرس يوق. ئىددىيىۋى ئەخلاق دەيدىغان بىر دەرس بار.

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2012-8-15 17:43:21

مېنىڭچىمۇ جاھانگىر دىگەن سۆز سەلبى مەنىدە ئەمەس، تارىختىمۇ جاھانگىر خوجا ئىسىملىك ئادەم ئۆتكەن.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2012-8-15 17:46:24

بۇنىمۇ قۇرۇق دىگىلى بولمىغۇدەك

erkinaz يوللانغان ۋاقتى 2012-8-15 17:51:52

مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس:

باش سۈرەتنى ئالماشتۇرغىلى بولمامدۇ؟؟

yarzat يوللانغان ۋاقتى 2012-8-15 17:57:55

10- قەۋەتتىكى erkinazنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس:

باش سۈرەتنى ئالماشتۇرغىلى بولمامدۇ؟؟  



دەرىجىمىز ئۆرلىگەندە ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ...ئالدىراپ قالسىڭىز پىنھان دېگەن باشقۇرغۇچى بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز


شۇ ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ.

birhon يوللانغان ۋاقتى 2012-8-15 18:33:19

«گىر  گەر» دېگەن كۆپ ۋارىيانتلىق قوشۇمچە ئۇيغۇر تىلىغا پارىس تىلىدىن كىرگەن. بۇ پارىس تىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھىندى - ياۋروپا تىللىرىدىكى er دېگەن قوشۇمچە شۇ. بۇ قوشۇمچە «تارازا» مەنىسىدىكى «گىر» سۆزى ئەمەس.


«گىر  گەر» قوشۇمچىسى ئارقىلىق ياسالغان سۆزلەر:

جاھانگىر (جاھان + گىر)

باجگىر (باج + گىر)


لاخشىگىر (لەخشە + گىر)

زەرگەر (زەر + گەر)

دەۋاگەر ( دەۋا + گەر)

....................................

«گىر  گەر» قوشۇمچىسىنىڭ مەناسى ئۇيغۇر (تۈركىي) تىلىدىكى «چى» قوشۇمچىسىغا تەڭداش.



newstar يوللانغان ۋاقتى 2012-8-15 21:55:40

تۆمۈر خېۋىر ئەپەندىنڭ «ئابدۇقادىر داموللام ھەققىدە قىسسە» دېگەن كىتاۋىدا جاھانگىر دېگەن گەپنى ،ئابدۇقادىر داموللامنىڭ تىلى بىلەن مۇنداق بايان قىلىدۇ:جاھانگىر - جاھاننى تارلاشتۇرغۇچى،يەنى «گىر» سۆزى سىز ئويلىغاندەك تارازىنى كۆرسەتمەستىن جاھاننى قىسقۇچى مەنىسىدە ئىزاھلىنىدۇ.يەنە كېلىپ جاھانگىر دەپ ئامېرىكا،ۋە غەرپ جاھانگىرلىرىنىلا ئېيتماستىن،باشقا ئەللەرنى بېسىپ،ئېزىدىغان بارلىق مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىققا قارىتىلىدۇ.

Nurlan يوللانغان ۋاقتى 2012-8-15 23:36:07

جاھانگىر ناخشىنى پەيزى ئىيتىدىغان بوپقالدىغۇ ...

totem يوللانغان ۋاقتى 2012-8-16 00:02:27

كىمنىڭ قەغەز يولۋاس ئىكەنلىكىمۇ بارا-بارا ئايان بۇلىۋاتىدۇ.  {:92:}

yuksel يوللانغان ۋاقتى 2012-8-16 00:08:10

بلوگگىر - بلوگ قىسقۇچ. قېنى ماۋۇ بلوگ قىسقۇچلىرى گەپ قىلىڭلار ھوي!  {:92:}

tangritagkizi يوللانغان ۋاقتى 2012-8-16 08:18:13

ماۋۇ پاراڭلا راسا قىزىپتىغۇ! داۋامى باردۇ؟

rock يوللانغان ۋاقتى 2012-8-16 08:29:05

بلوگگىر  \"\"  ئەنگلىزچە گەپ ھوي ئۇ.

tvman يوللانغان ۋاقتى 2012-8-16 08:37:09

ھاھاھا، ماۋۇلار راستىنلا تىلشۇناسلىق نوقتىسىدىن تەھلىل قىلىپ كىتىپتىغۇ  \"\"

مېنىڭ دىگىنىم يېرىم چاخچاق يېرىم راس گەپ ئۇ ،چاخچاق دىگىنىم ئاۋۇ ‹گىر› قوشۇمچىسى  قەشقەردە تارازا ئورنىدا ئىشلىتىلدىغانلىقى راس ئەمما ئاۋۇ جاھانگىردىكى گىر بولىشى ناتايىن ئەمما بۇرۇنبىز جاھانگىر دەپ بىلگەنلەرنىڭ بۇگۈنكى كۈندە ھەقىقەتەنمۇ جاھاننىڭ تارازىسى (گىرى) بولۇپ قالغاننى ھېس قىلدىم ، چۇنكى دۇنيانىڭ قانداقلا يېرىدە بىر ئىش بولمىسۇن شۇ جاھانگىرلار ئارلاشمىسا ئايىغى چىقمايدىكەن ئەمەسمۇ!  {:92:}
بەت: [1] 2
: ئوتاندەك قۇرۇق پاراڭلار(تۈمەن)