tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2012-8-15 13:16:38

تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ بايانى



ئەگەر كىم ئات تۇيىقىنى ئىشىك ئالدى(ئاستى)دا قويسا ، چاشقان قاچۇر.


ھەر كىم ئىتنىڭ چىشىنى كىچىك بالىنىڭ بوينىغا باغلاپ قويسا ، كېچە-كۈندۈز ھەر كىم قورقمىغاي.


پىننىنى ئۇندەك قىلىپ قەنت بىلەن يىسە، مىجەزى سۇغۇق كىشىلەرگە بىسيار پايدا قىلۇر.


يۈمغاقسۈتنى شېكەر بىلەن يىسە ، يۈرىكىدە ۋە ئۇستىخىنىدا ھەرگىز ئىسسىق قالمىغاي.


ھەر كىم بۆرىنىڭ چىشىنى ئۆزى بىلەن ھەمرا قىلىپ يۈرسە، ھەرگىز دىۋانە بولمىغاي.


ئەگەر ھەر كىم ئايغىرنىڭ تىلىنى باش ئاستىغا ۈقۇيۇپ ياتسا، ھەرگىز خورەك تارتمىغاي.


ئەگەر بىر كىمنىڭ تىلى ئاغرىسا ، قوينىڭ يىلىكىنى چىقىرىپ، كۆزىنىڭ ئۆزەسىدە قۇيۇپ ياتسا ، دەرھال شىپا بولۇر.


ئەگەر كىم تۈلكە يېغىنى قۇرۇتۇپ، ھەسەل بىلەن ھەل قىلىپ يىسە، يۈرەك سېلىش ئىللىتى توختار.


ئەگەر كىم قاپاقنى سۈت بىلەن پىشۇرۇپ يىسە ، ھەرگىز غەم يۈزى كۆرمىگەي ۋە ھەمىشە خۇشال بولۇر.


ھەر كىم كۆكنارنى ئىچسە كۆڭلى ساپ بۇلۇر.

ئەگەر كىرپىنى قۇرۇتۇپ يىسە، بارچە ئاغرىقنى كىسەر.


ئەگەر كىرپىنىڭ يۈرىكىنى يېسە يۈرەكلىك بولغاي.


ئەگەر ئۆكۈزنىڭ ئۆتىنى مېۋىلىك دەرەخكە سۈركىسە بالدۇر پىشار.


ئەگەر زەئىپە ئۆكۈزنىڭ تېزىكىنى ئۆكۈز يېغى بىلەن ھەل قىلىپ ۋۇجۇدىغا قويسا ، خۇدايىتائالا پەرزەنت سالىھ ئاتا قىلغاي.


ئەگەر كىشىنىڭ ئۆپكىسى غىژىلدىسا ، قوينىڭ قۇيرۇقىنى، ئاق پىيازنى، چامغۇرنى قاينىتىپ ، ئۈچ كۈن ئەتىگەن ئىچسە ، كېسەل دەپئى بولۇر.


ئەگەر تاغ تېكىسىنىڭ يايلىسىنى بېشىغا قۇيۇپياتسا ، كۈندۈزى كۆرگەن ئىشنى چۈشىدە كۆرگەي.


ئەگەر كىم ئىسسىقتىن ياكى سۇغۇقتىن ئىسھال بولسا ، ئارپا ئۇنىنى كۈيۈك قىلىپ ، كەشمىر يۇپۇرمىقىنىڭ ئۇرۇقىنى تېپىپ كېلىپ، ئىككىسىنى تالقان قىلىپ يېسە دەپئى بولۇر.


ئسسىقتىن ئىسھال بولسا ، قىزىل كۆكنارنى تۈگۈپ بېرىپ ، كاپ ئەتسە دەپئى بولۇر. سېرىق ھېلىلىنى ئۇندەك قىلىپ كاپ ئەتسىمۇ بولىدۇ.




ئەگەركىمنىڭ سۇغۇقى ناھايىتى ئاشسا، ياڭاقنى ئوتقا كۆمۈپ ، زەنجىۋىلنى ، قۇرۇق ئۈزۈمنى قوي يېغىدا يۇغۇرۇپ بىرلەشتۈرۈپ، ھەر كۈنى ناشتىدا 3.5 گرامدىن يېسە ، ناھايىتى مەنپەئەت قىلغاي.


ئەگەر كىمكى سۇغۇقتىن ئاغرىسا زەنجىبىل، پىلپىلنى سوقۇپ، ھەر كۈنى ناشتىدا قاينىتىپ ئىچسە ناھايىتى پايدا قىلغاي(تەجرىبىدىن ئۆتكەن)


ئەگەر كىمنىڭ بۇغۇزى چىقسا ، ئىشەكنىڭ يىلىكىنى چاپماق كېرەك. ئۇ بولمىسا كاككۇكنى، ئۇ بولمىسا ھۆپۈپنى، ئۇ بولمىسا كۆك تالغۇنى، ئۇ بولمىسا مۈشۈكنى تاڭماق كېرەك. ناھايىتى پايدىلىقتۇر.


بىر قاچىغا ئىشەكنىڭ سۈتىنىئېلىپ قويسا، بارچە بۈرگىلەر ئول قاچىغا يىغىلغاي.


_____________________________________________

ئۇيغۇر تېبابىتى رېتسىپلىرىدىن مىراسلار(2) ناملىق كىتابتىن.

بۇ كىتابشىۋىتسىيە لاند ئۇنۋىرسىتىتىداساقلىنىۋاتقان، چاغاتاي ئۇيغۇرچىسىدا يېزىلغان قوليازما بولۇپ مۇندىن (يەنى كىتاب نەشىر قىلىنىشتىن) 106 يىل بۇرۇن كۆچۈرۈلگەن . ئەسلى قوليازمىنى گۇننار ياررىڭ 1929-يىلى قەشقەردىن ئېلىپ كەتكەن.ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتچىسى سىممىن ياسوشى ئەپەندى شىۋىتسىيە لاند ئۇنۋېرسىتىتىت كۇتۇپخانىسىدىن مىكرو فىلىمگە ئىلىپ كەلگەن. ياپونىيە توكيو تىببى پەنلەر ئۇنۋېرسىتىتى دورىگەرلىك پاكۇلتىتىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دوتسېنت مەريەم ساقىم خانىم زور تىرىشچانلىقلار بىلەن بۇ ماتىرىياللارنى قولغا ئالغان ۋە ئەركىن ساقىم بىلەن بىرلىكتە ھازىرقى ئۇيغۇر تىلىغا ئۆزگەرتىپ ئىككى قىسىم نەشىر قىلدۇرغان




4تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت مۇنبىرى

jidalho يوللانغان ۋاقتى 2012-8-15 13:37:55

چ23ر

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2012-8-15 18:35:51

قىزىقارلىق رىتسىپلاردىن كۈلۈپلا قالدىم ....

datman يوللانغان ۋاقتى 2012-8-16 00:45:02

بەزى گەپلەرگە تازا ئىشنەلمەي قالدىم بىر سىناپ باقساق بولغۇدەك جۇما يۇقارقى ئىشلارنى
بەت: [1]
: تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ بايانى