agah يوللانغان ۋاقتى 2012-8-15 13:04:47

ھېيىتلىق كىيىم ئېلىشتا ئەرلەرگە ئەسلەتمە

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !

بۈگۈن ھېيىتلىق ئءلىش ئۉچۉن  كەمپىرىم بىلەن بازاغا چىققان ئىدىم .راست گىپىمنى قىلسام ئىشتاندىن تۆت بەشى مايكىدىن تۆت بەشى تۇرۇپتۇ .گەرچە سىنى ۋە رەڭگى يېڭى ۋاقتىغا يەتمىسىمۇ لېكىن كونا ئەمەس ئىدى .شۇڭا يەنە ھېيىتلىق ئېلىشقا رايىم بارمايۋاتاتتى .لېكىن ماۋۇ جان كۆيەر كەمپىرىم مېنىڭ مۇشۇ خۇيۇمنى بىلگەچكە يېرىم ئايدىن بېرى سۆزلەپ قۇلاققا <توشقۇزۇپ> قويدى .شۇڭا ئۇنىڭ كۆڭلىنى يەنە ئاغرىتىشنى خالىماي بوپتىلا دىدىم .بۈگۈن ھەپتە ئوتتۇرسى بولسىمۇ لېكىن بازادا ھېيىتلىق كىيىم كۆرىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس ئىكەن .ماڭا بىر ئىشتان بىر مايكا ئېلىپ بەرمەكچى بولغان كەمپىرىم مءنى  ھېلى ئۇ دۇكانغا ھېلى بۇ دۇكانغا سۆرەپ ،روزىدار ماۋۇ جاننى خېلى ھالسىرتىپ قويدى .ئاخىرى بىر مايكىنى ياراتتۇق .مەن ئادىتىم بويىچە رەختىنىڭ تەركىبىگە قاراپ باقتىم .قارىسام 30 پىرسەنت يىپەك ،قالغىنى سۈنئىي تالاكەن .دىققەت قىلسام مەن ئۇچىراشقان بۇ بازاردا يۈز كوينىڭ ئۈستىدىكى مايكىلانىڭ كۆپىنچىسىگە شۇنداق يېزىۋاپتۇ ،راسمۇ يالغانمۇ بىر ئاللاھ بىلەر .







بۇرۇن يىپەكنىڭ ئەرلەرگە ھارام قىلىندىغانلىقى توغرىلىق بىر ھەدىس كۆرگەن .لېكىن ماۋۇنىڭدەك سۈنئىي تالاغا ئارلاش يىپەك بولامدۇ يوق بۇنىڭغا گۇمان قىپ قالدىم . شۇنىڭ بىلەن بىر نەچچە بۇرادىرىمگە تېلىفۇن سوقتۇم بۇرادەرلەردىن ئوحشاش جاۋاپ كەلدى ھارام قىلىنغان نەرسىنىڭ ئازىمۇ ھارام ،جىقىمۇ ھارام ،تەقۋالىق ئىستىسەڭ ئۇ كىيىمنى كەيمە دەپ جاۋاپ بەردى .شۇڭا مەن ئايالىمنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمىگىنىگە قارىماي ئۇ مايكىنى ئالمىدىم .لېكىن نەچچە مىنۇت ئۆتمەيلا ئۇنىڭدىنمۇ چىرايلىق ، پاختىدىن ئىشلەنگەن يەنە بىر مايكىنى ئۇچۇرتىپ شۇنى ئالدىم .چۈشتە ھاۋا ئىسسىپ كەتكەچكە مەن بىر ئاز قىينالغانلىقىم ئۈچۈن ئۆيگە يېنىپ كەلدۇق .مەن يىپەك رەخىتنىڭ ئەرلەرگە نىمە ئۈچۈن ھارام قىلىنغانلىقى توغرىلىق تورلاردىن ئىزدەپ كۆرسەم قۇرئاندا ھارام قىلىنغانلىق توغرىلىق نەرسە يوقكەن ،لېكىن يىپەكنىڭ جەننەت ئەھلى كىيىدىغان كيىم توغرىلىق جىق يەرلەردە باركەن .ئەمدى ھەدىسلەرگە قاراپ باقايلى .چۈنكى پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتىنى تۇتۇش بىز مۇسۇلمانلارغا بۇيرۇق .  مىشكاپ دىگەن ھەدىسلەر توپلىمىدا بۇ ھەقتە مۇنداق بايانلار باركەن .ئەسكەرتىش :مىشكاپ زامانىمىز ئۆلمالىرى بىردەك ئىتىراپ قىلغان سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى .بۇ توپلامنىڭ مەخسوس تور بىكىتى بار .

5343 – [ 5 ]

ئەبۇ ئامىر، ئەبۇ مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: ئەلۋەتتە مېنىڭ ئۈممىتىم ئىچىدە زىنانى،يىپەك ئارلاش كىيىمنى، يىپەك رەخىتنى، ھاراقنى، نەغمە – ناۋا، سازلارنى ھالال قىلۋالىدىغان، ھالال سانايدىغان كىشىلەر مەيدانغا كېلىدۇ، بىر تۈركۈم قەۋىملەر تاغ باغرىغا چۈشۈپ، چارۋا ماللىرىنى يايلاقتا باقىدۇ، ئۇلاغلىرى ئوتلاپ كېلىدۇ، ئۇلارغا بىر ھاجەتمەن كىشى يەنى پېقىر كېلىپ، نەرسە سورىسا، ئۇلار ئۇنىڭغا؛ ئەتە كەلگىن دەپ نەرسە بەرمەيدۇ، شۇ كېچىسى ئاللاھتائالا ئۇلارنى ئۇخلۇتۇپ قويۇپ، تاغنى ئۇلارغا ئەۋەتىدۇ، تاغ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە گۆمۈرۈلۈپ چۈشىدۇ، ئاللاھتائالا ئۇلاردىن قېلىپ قالغانلارنى تا قىيامەت كۈنىگىچە مايمۇن، توڭگۇزغا ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، بۇخارى، ئەبۇ داۋۇد توپلىغان سەھىھ.



4810 – [ 28 ]

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: ناخشا- مۇزىكا خۇددى سۇ زىرائەت ئۆسۈملۈكلىرىنى ئۈندۈرگەندەك، قەلىبتە مۇناپىقلىقنى ئۈندۈرىدۇ، بەيھەقى خاتىرلىگەن، ئەلبانى رەھمەھۇللا زەئىپ دىگەن. مۇئاۋىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يىپەك ئارىلاش كىيىمدىن، مىيىتكە ئاۋازلىق يىغلاشدىن، باتىل شېئىردىن، سۈرەت، رەسىم سىزىشدىن، ئورۇنسىز جاھالىيەتلەرچە زىينەتلىك ياسىنىشتىن، يىرىتقۇچى، گۆشخور ھايۋاننىڭ تېرىسىگە مىنىشدىن، ئۇنى كىيىشدىن، ئالتۇن، يىپەكتىن، ناخشا ئېيتىشتىن توسقان، (يەنى ھارام قىلغان). ئەھمەد 16327 – ھەدىس، سەھىھ. (لېكىن، بۇلاردىن ئىسلامى شېئىر، جانسىز نەرسىنىڭ سۈرىتى، يىپەك بىلەن ئالتۇننىڭ، ئاياللارغا ھالال بولۇشى مۇستەسنادۇر)




4395 – [ 13 ]

مۇئاۋىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يىلپىزنىڭ ، يولۋاسنىڭ تېرىسىدىن كىيىم كىيىشدىن، ئۇ تېرىگە مىنىشدىن توسقان. ئالتۇن قاچا، كۈمۈش قاچىدا ئىچىملىك ئىچىشدىن، نەرسە يىيىشدىن توسقان، ئەرلەرنى ئالتۇن سېلىش، يىپەك كىيىم كىيىشدىن توسقان،لېكىن كىچىككىنە بىر پارىغا رۇخسىت قىلغاندۇر.(ئالىملار؛بۇنى قىلىچقا ھەل بىرىشكە رۇخسەت قىلغان، ياكى كېسەل سەۋەبىدىن ، زۇزۇرىييەتتىن رۇخسەت قىلغان دېىدى.)ئەبۇداۋۇد،نەسەئى، تەبرانى توپلىغان، سەھىھ.




4394 – [ 12 ]

ئەلى ، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملاردىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئوڭ قولىدا يىپەك رەختنى، سول قولىدا ئالتۇننى تۇتۇپ تۇرۇپ مۇنداق دىگەن: ھەقىقەتەن بۇ ئىككىسى يەنى ئالتۇن بىلەن يىپەك رەخت، ئۈممىتىمنىڭ ئەر كىشىلىرىگە ھارام قىلىندى، ئايال كىشىلىرىگە ھالال قىلىندى، ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد، نەسەئى، ئىبنى ماجە توپلىغان، سەھىھ. بۇ سەھىھ ھەدىسدىن، ئالتۇن بىلەن يىپەك رەخت، ئەر كىشىلەرگە ھارام، چۈنكى، ھەدىستە ئوچۇقلا ھارام دىگەن، ئاياللارغا ھالالدۇر.




4384 – [ 2 ]

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يىپەك رەخت بىلەن زىغزىق تۇتۇلۇپ سىزىق چىقىرىلغان كىيىمدىن، سېرىق،قىزىلدا بۇيالغان كىيىمدىن، ئالتۇن ئۈزۈك سېلىشتىن، رۇكۇدا تۇرۇپ قۇرئان قىرائەت قىلىشتىن توسقان. مۇسلىم توپلىغان.




4377 – [ 74 ]

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كۈنى ئۆزىگە ھەدىي قىلىنغان، يىپەكتىن تىكىلگەن بىر توننى كىيىپ، ئاندىن تىزلا ئۇنى سېلىۋىتىپ، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئەۋەتتى، ئى اللھ نىڭ ئەلچىسى! ئۇ توننى تىزلا سەلىۋەتتىلىغۇ؟ دىيىلگەندە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم؛ مىنى ئۇنىڭدىن جىبرىئىل توستى دېدى، ئاندىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، يىغلىغىنىچە كىلىپ؛ ئى اللھ نىڭ ئەلچىسى! سىلى ياقتۇرمىغان نەرسىنى ماڭا بېرىپلا، ئەمدى مەن قانداق قىلاي؟دېدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم؛ مەن ئۇنى ساڭا كەيسۇن دەپ بەرمىدىم، سېتىپ پۇلىنى خەژلىشىڭ ئۈچۈن بەردىم دېدى، ئاندىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ئۇ توننى 2000 دەرھەمگە ساتتى.مۇسلىم 3861-ھەدىس.




4358 – [ 55 ]

بەررائى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يىپەكتىن ئىشلەنگەن قىزىل كۆرپىدىن يەنى ئىگە كۆرپىسىدىن، يىپەك رەخت بىلەن زىغزىق تۇتۇلۇپ سىزىق چىقىرىلغان كىيىمدىن توسقان. بۇخارى 5390 – ھەدىس، تىرمىزىيلار توپلىغان، سەھىھ.




4357 – [ 54 ]

مۇئاۋىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: يىپەك ئارىلاش توقۇلغان نەرسىگە، يىلپىزنىڭ تېرىسىگە مىنمەڭلار.نەسەئى، ئەبۇ داۋۇد توپلىغان، سەھىھ



مانا يوقىردىكى ھەدىسلەر يىپەكنىڭ ئەرلەرگە بولمايدىغانلىقى ئېيتىلغان .بەلكىم بۇنىڭغا بىر ھېكىمەت باردور .بۇنىڭ سىرلىرى تېخىمۇ ئاشكارىلانغىچە پەيغەمبەرنىڭ سۆزىنى چىڭ تۇتۇپ ماڭساق بىزگە ئاللاھ خالىسا چوڭ ساۋاپ بار .شۇڭا ئەرلەرگە ئىسلامنىڭ ئەسكەرتىشى شۇكى كيىم سېتىۋالغاندا رەخىت تەركىبىگە قاراڭ .

مەنبە:مەن ۋە  ھەدىسەر تورى

ئەسكەرتىش يازماندا ئەگەر ئۆزەم قاراق چىقارغاندەك پەتىۋا مەنىسى بار مەزمون بار بولۇپ مەن دىققەت قىلمىغان بولسام ماڭا قىسقا ئۇچۇر بىلەن ئەسكەرتىش بەسىڭىزلەر .ئازماس ئاللاھ .پەتىۋا پىچىش ئالىملارنىڭ ئىشى .

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-8-15 14:29:34

ئېسىل يازما، تېما ئىگىسىگە رەھمەت!

يىپەكنىڭ ئەرلەرگە ھارام قىلىنغانلىقىنى بىلسەكمۇ، ئەتراپىمدىكىلەر ئاساسەن كىيم-كىچەكلەرنىڭ تەركىبىگە تازا دىققەت قىلىپ كەتمەيدىكەنمىز، يەنە ييپەك بارمۇ-يوق دىگەنگە.

بولسا سىز كۆرگەن كۆينەكلەردە يىپەكنى خەنچە نىمە دەپ يېزىپتۇ، شۇنىمۇ دەپ يېزىپ قويۇڭە. 纤丝 مىكەن ياكى؟

agah يوللانغان ۋاقتى 2012-8-15 14:36:21

蚕丝(cán sī) دەپ يېزىقلىققكەن .ئاڭلىسام يىپەك كىيىمنى ئۇزۇن ۋاقىت كەيسا ئەرلە كىسەلچان ،جىنسى ئىقتىدررى تۆۋەنلەش،ئاياللىق ھورمۇنى ئءشىپ كءتىش كەلتۉرۉپ چىقىرىدۇ دەپ ئاڭلىعان ،لءكىن يازمىچىنى كۆرمىدىم

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2012-8-15 14:42:53

ئەينى ۋاقىتتا ماتا، يۇڭ توقۇلما، شايى- يېپەكتىن باشقا رەختلەر بار بولغىيمىتتى؟ ھازىر ھەر خىل يۇقۇرى پەن-تېخنىكىلىق تالالار كەشپ بولدى. كەلگۈسى بىر نەچچە يىل ئىچىدە قىشتا توڭلاتمايدىغان نېپىز رەختلەر كەشپ بولىدىغاننىڭ گېپى بار. ئۇنىڭغا ھەدىس-شېرىفلەردىن بىشارەت بارمىكىن؟

agah يوللانغان ۋاقتى 2012-8-15 14:48:04

ئەگەر راستىنلا چىن كۆڭلىڭىزدىن تەقۋالىق ئىستەپ پەتىۋا سورىسىڭىز بۇ سۇئالىڭىزغا قايىل قىلارلىق جاۋاپ بىرىدىغان ئۆلىما بار .

dilara يوللانغان ۋاقتى 2012-8-15 14:58:41

2- قەۋەتتىكى agahنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

蚕丝(cán sī) دەپ يېزىقلىققكەن .ئاڭلىسام يىپەك كىيىمنى ئۇزۇن ۋاقىت كەيسا ئەرلە كىسەلچان ،جىنسى ئىقتىدررى تۆۋەنلەش،ئاياللىق ھورمۇنى ئءشىپ كءتىش كەلتۉرۉپ چىقىرىدۇ دەپ ئاڭلىعان ،لءكىن يازمىچىنى كۆرمىدىم  



مەنمۇ شۇنداق ئاڭلىغان: يىپەك رەختنىڭ تەبىئىتى سوغۇق، بەدەننى يۇمشىتىدۇ. ئاياللارغا ماس كېلىدۇ، ئەرلەرگە زىيانلىق دەپ....


ئۆتكەندە بىر تونۇشىمىز خوتەننىڭ يىپەك ئەتلىسىدە تىكىلگەن چىرايلىق ئەرچە گلاستۇكتىن ئىككى ئۈچنى سوۋغات قىلىپ ئەكەپتىكەن. بىز بىر ئىككىنى يېقىن تۈركلەرگە سوغات قىلىپ بېرەيلى دەپ، يولدىشىم بىر تۈرك دوستىغا بىرنى بەرسە، رەختنىڭ تېگىنى تۇتۇپ بېقىپ: \"بۇ يىپەككەن. ئەر كىشىگە يىپەك ھارام\" دەپ ئالغىلى ئۇنىماپتۇ. يولدىشىم: \"بۇ دېگەن بەدەنگە تېگىپ تۇرىدىغان كىيىم ئەمەس، بۇنچىلىك نەرسىنىڭ يىپەك بولغىنىغا نېمە بوپتۇ؟\" دېسە، \"كۆپى ھارام بولغان نەرسىنىڭ ئاز بولغىنىمۇ ھارام\" دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ 3 يىپەك گلاستۇك ئۆيدە تۇرىدۇ...

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2012-8-15 14:58:55

مەن ئەشۇ غەيىپ ئاللاھتىن باشقىغا يېلىنمايمەن. شەرتىڭىز ئىناۋەتسىز ئاگاھ ئەپەندى.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2012-8-15 15:19:54

بىر نەرسىنىڭ ھاراملىقىغا دەلىل بولمىسا ھالال بولىدۇ. رەخت مەسىلىسىدە يىپەكتىن باشقىسىغا ھېچقانداق قارشى پىكىر بولۇنماپتىكەن، ھەتتا پەتىۋادا قىياس قىلسىمۇ ئۇ دائىرىگە كىرىدىغان بىرەر مەسىلە يوقكەن. دېمەك باشقا تۈردىكى رەختلەرنىڭ ھالاللىقىغا شەك قىلمايمىز.

ئاگاھ ئەپەندىم، كىتابنىڭ ئىسمى مىشكاپ ئەمەس، مىشكات:) تولۇق ئىسمى مىشكاتۇل مەسابىھ. سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى دېگىلى بولمايدۇ. لېكىن تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا ساھەسىگە چېتىلىدىغان ھەدىسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، رەتلىنىش ئۇسلۇبى ئىنتايىن گۈزەل بىر كىتاب. ئىچىدە سەھىھلىك دەرىجىسىگە توشمايدىغان ھەدىسلەرمۇ خېلى كۆپ. دىققەت قىلىپ ئوقۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.

لېكىن يىپەك ھەققىدىكى ھەدىسلەر مۇتەۋاتىر، يەنى ئىشەنچلىكلىكىدە ھېچ شەك يوق ھالەتتە بىزگە يېتىپ كەلگەن.



يولدىشىمغا كىيىم ئالساق ئادەتتە ساپ پاختىنىلا ئالىدىكەنمىز، يەنە كېلىپ راستىنى ئېيتسام بۇ تەرەپتە ئەرلەرنىڭ كىيىملىرىنىڭ تەركىبىدە يىپەك بولغاننى راستلا كۆرۈپ باقمىدىم. ئاياللارنىڭ كىيىملىرىنىڭمۇ بەك قىممەتلىرىدە بولمىسا بىزلەر كىيىدىغان نورماللىرىدا يىپەك باردەك ئەمەس. لېكىن گالىستۇكلار 100% دېگۈدەكلا يىپەككەن. تەركىبىدە يىپەك يوق گالىستۇكنى تاپالمىدۇق. بىر قېتىم كاستيۇم ئالغاندا نەچچە تال گالىستۇكنى قوشۇپ ئاپتىكەنمىز، كېلىپ قارىساق ھەممىسى يىپەككەن. يىغىنلارغا بارسا چوقۇم كاستيۇم كىيىپ گالىستۇك تاقايدىغان ئىشكەن، شۇڭا تاۋباۋدىن نىلۇن گالىستۇك ئېلىپ بەرگەنتىم، سەل سۈپەتسىزكەن. بىلمىدىم ئۆزى سۈپەتلىك، لېكىن يىپەك ئەمەس گالىستۇك بارمىكىن.

rock يوللانغان ۋاقتى 2012-8-15 15:26:03

ئاۋۇ 4377 – [ 74 ] نى ئوبدانراق چۈشەندۈرۈپ قوياڭلا باللا. مەن مۇنداق چۈشەندىم، ئەرگە ھارام قىلىنغان كىيىمنى سېتىپ خەجلە دېگەنلىك، ئەرچە كىيىمنى ئايال كىشىگە سات دېگەنلىكما؟

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2012-8-15 15:38:59

بۇنى ئەرلەرنىڭ ئاياللاردەك ياسىنىۋېلىشىنىڭ چەكلەنگەنلىگىگە باغلاپ چۈشەنسەك بولامدا ؟ يىپەك كىيىملەر چىرايلىق دەپچۇ. ئۆزەمچە دەپ باققان گەپ -ھە، ماتىريالىزىمچە باغلاپ چۈشەندۈرۈش، ئەيىپكە بۇيرۇشمىغايلا.



جۇڭگۇچىلىقتا نۇرغۇنلىغان سۈنئى تالالارنى 丝 نامى بىلەن ئاتاۋاتىدۇ،مەسىلەن 冰丝,发光丝 دىگەندەك. ئەمەلىيەتتە ئۇ پىلە قۇرتىدىن ئايرىلغان ھەقىقى يىپەك ئەمەس. ھەقىقى يىپەكنى 蚕丝ياكى 桑蚕丝 دەپ ئاتايدۇ. ھەقىقى يىپەكتىن ئىشلەنگەن ئەرلەر كىيىملىرى ئازدىن-ئاز ئۇچرايدۇ. ئارلاشتۇرۇپ تىكىلگەن كۆينەكلەر بولغان تەقدىردىمۇ باھاسى 500 سومدىن تۆۋەن بولماس مېنىڭچە.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2012-8-15 15:39:21

ئەرلەرگە يىپەك بولمىسىلا بولىدۇ. مەيلى قانداق تالا بولىشىدىن قەدئىينەزەر.

سۈنئىي تالالىق رەختلەر پەيغەمبەر زامانىدا يوق بولغاچقا بۇنىڭغا بىر پەتىۋا كىرەك بولىدۇ دەپ ئەندىشىلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق.

لىكىن يۇقارقى ھەدىستە سازنىمۇ تىلغا ئالغان. بۇ ھەدىستىن ساز ھالال ئەمەس دىگەن مەنا چىقامدۇ ياكى؟  ساز مەسىلىسىدە  گاڭگىراپ قالدىم. چۈنكى يۈسۈف ئەستەس نىڭ ساز ھەققىدە بەرگەن پەتىۋاسىنى ئاڭلىغانىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈسۈف ئىسلام، سەمى يۈسۈف، ماھىر زەيىن،... دەك ئىسلامى ناخشىچىلارمۇ بار؟

mastura يوللانغان ۋاقتى 2012-8-15 15:49:17

ئالىملار كىرىپ بولغۇچە ماتېرىيالدىن كۆرگىنىمنى دەپ باقاي:

روك سورىغان سوئالنى، دەل مۇشۇ ھەدىس ھەققىدە ئىلگىرى بىر خىرىستىئان ئىسلام سوئال-جاۋاب تورىدا شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىدتىن سورىغان ئىكەن، شەيخنىڭ بەرگەن جاۋابى مۇنداق: ئەگەر مەلۇم نەرسە ھالالغا ئىشلىتىلىشىمۇ، ھارامغا ئىشلىتىلىشىمۇ مۇمكىن بولسا ئۇنى سېتىشقا، ئۇنىڭدىن ھالال شەكىلدە پايدىلىنىشقا بولىدۇ، مەسىلەن، ئۈزۈم، پىچاق، قورال، يىپەك دېگەندەك نەرسىلەرنى. ئۈزۈمنى ساتسا ھاراق ئىشلەپچىقىرىشىمۇ مۇمكىن، شۇ پېتى يېيىشىمۇ مۇمكىن. ئېنىق ھارامغا ئىشلىتىلىشىنى بىلمىگەن ئەھۋالدا، بۇنى ساتسا، سوۋغا قىلسا بولىدۇ. لېكىن مەيلى قانداقلا شەكىلدە بولسۇن ئىشلىتىش ھارام قىلىنغان نەرسىنى سېتىش، سوۋغا قىلىشمۇ قەتئىي ھارام، مەسىلەن، چوشقا، ھاراق، دېگەندەك.

مەن ئىلگىرى بىر ساھابىنىڭ بەدىنى قىچىشقاق كېسىلى بولۇپ قالغاندا رەسۇلۇللاھنىڭ شۇ كىشىنى يىپەك كىيىشكە بۇيرىغىنىنى كۆرگەن، ھازىر ھەدىسنىڭ نەق ئۆزىنى تاپالماي قالدىم.


شۇ سىز ئۆزىڭىزمۇ دېگەندەك، رەسۇلۇللاھ بۇ يەردە ئايال كىشىگە، ياكى مۇشۇنداق ئېھتىياجى بار ئادەمگە سېتىشنى نەزەردە تۇتقان بولۇشى مۇمكىن.


ئەسلى ھەدىستە بۇ كىيىمنىڭ ئىسمى خۇللە دەپ ئاتىغان بولۇپ، بۇ ئەرەنچە ئىشتان دېگەندەك كىيىم ئەمەس. يەنى ئاياللار كىيسە ئەر كىشىگە ئوخشاپ قالىدىغان نەرسە ئەمەس، بەلكى ئۇزۇن پەرىجىدەك نەرسە بولۇشى كېرەك. (مېنىڭ چۈشەنچەم، ئەرەبچىسى ياخشىلار يېشىۋەتسۇن)

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-8-15 16:33:58

7- قەۋەتتىكى masturaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىر نەرسىنىڭ ھاراملىقىغا دەلىل بولمىسا ھالال بولىدۇ. رەخت مەسىلىسىدە يىپەكتىن باشقىسىغا ھېچقانداق قارشى پىكىر بولۇنماپتىكەن، ھەتتا پەتىۋادا قىياس قىلسىمۇ ئۇ دائىرىگە كىرىدىغان بىرەر مەسىلە يوقكەن. دېمەك باشقا تۈردىكى رەختلەرنىڭ ھالاللىقىغا شەك قىلمايمىز.

ئاگاھ ئەپەندىم، كىتابنىڭ ئىسمى مىشكاپ ئەمەس، مىشكات:) تولۇق ئىسمى مىشكاتۇل مەسابىھ. سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى دېگىلى بولمايدۇ. لېكىن تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا ساھەسىگە چېتىلىدىغان ھەدىسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، رەتلىنىش ئۇسلۇبى ئىنتايىن گۈزەل بىر كىتاب. ئىچىدە سەھىھلىك دەرىجىسىگە توشمايدىغان ھەدىسلەرمۇ خېلى كۆپ. دىققەت قىلىپ ئوقۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.

لېكىن يىپەك ھەققىدىكى ھەدىسلەر مۇتەۋاتىر، يەنى ئىشەنچلىكلىكىدە ھېچ شەك يوق ھالەتتە بىزگە يېتىپ كەلگەن.



يولدىشىمغا كىيىم ئالساق ئادەتتە ساپ پاختىنىلا ئالىدىكەنمىز، يەنە كېلىپ راستىنى ئېيتسام بۇ تەرەپتە ئەرلەرنىڭ كىيىملىرىنىڭ تەركىبىدە يىپەك بولغاننى راستلا كۆرۈپ باقمىدىم. ئاياللارنىڭ كىيىملىرىنىڭمۇ بەك قىممەتلىرىدە بولمىسا بىزلەر كىيىدىغان نورماللىرىدا يىپەك باردەك ئەمەس. لېكىن گالىستۇكلار 100% دېگۈدەكلا يىپەككەن. تەركىبىدە يىپەك يوق گالىستۇكنى تاپالمىدۇق. بىر قېتىم كاستيۇم ئالغاندا نەچچە تال گالىستۇكنى قوشۇپ ئاپتىكەنمىز، كېلىپ قارىساق ھەممىسى يىپەككەن. يىغىنلارغا بارسا چوقۇم كاستيۇم كىيىپ گالىستۇك تاقايدىغان ئىشكەن، شۇڭا تاۋباۋدىن نىلۇن گالىستۇك ئېلىپ بەرگەنتىم، سەل سۈپەتسىزكەن. بىلمىدىم ئۆزى سۈپەتلىك، لېكىن يىپەك ئەمەس گالىستۇك بارمىكىن.

ما گەپنى كۆرۈپلا گالىستۇكىمنىڭ ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ باقتىم. كاساپەت، ساپ يىپەكتىن ئىشلەنگەنكەن، بۇرۇن پەقەت دىققەت قىلماپتىمەن. تىيەنماۋدىن ئىزدىسىم گالىستۇكنىڭ ماتېرىيالى ئۈچ خىل ئايرىقىلىقكەن، 涤丝,真丝,其他. بۇلاردىن 其他 دىگەندىن بىرسىگە قارىسام يەنە شۇ پالانىڭ يەرنىڭ يىپىكى دەپ تۇرىدۇ، قارىغاندا يەرلىك يىپەكلەر بىلەن ئارىلاشما ماتىرىياللارنى قوشۇپلا مۇشۇنداق ئاتىغان چىراي. ئاۋۇ 涤丝 دېگىنى خىمىيلىك ماتېرىياللارنى بىرىكتۈرۈپ ئىشلىگەن يۇقىرى تالالىق بىرىكمىكەن. ئەمدى مۇشۇ خىلدىكىنى ئىشلەتسەك بولغۇدەك.


涤丝


http://baike.baidu.com/view/3624655.htm


تىيەنماۋدىكى گالىستۇكلار

snake يوللانغان ۋاقتى 2012-8-15 17:27:04

گەپنىڭ راستىنى دېسەم يىپەك دەپ يېزىۋالغانلىرىنىڭ يېپەك بولۇشى ناتايىن ! ئالدىنقى قېتىم خاڭجۇغا باش بانكىنىڭ ئۆگۈنىشىگە بارغاندا،خوتۇنغا مىڭ يۈەننىڭ تۆپىسىدىكى ئىسمى يىپەك ئاتالغان كىيىملىك سېتىۋالغان ئىدىم ،ئەپسۇس تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھەقىقى ساپ يىپەك ئەمەسلىكى بايقالدى.

شۇڭا ھازىر جۇڭگوچىلىقتا ساپ يىپەك كىيىم كىيىش تەسكە توختايدۇ جۇمۇ.

دېمىسىمۇ يىپەك كىيىملەر بەك ئاسان كۆيىدۇ ،بىخەتەر ئەمەس!

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2012-8-15 18:19:22

بايلار دىققەت قىلسا بولغۇدەك

tayirt يوللانغان ۋاقتى 2012-8-15 19:07:13

يىپەككە ئوخشاش بىلىندىغان ياكى نىپىز  ياكى بەك يۇمشاق رەخىتلەردىن كىيىم كىيىش ئەرلەرنى غىتمەك كۆرسىتىپ قويىدۇ .

bilkan يوللانغان ۋاقتى 2012-8-15 19:09:46

يەنە بىر بىلىمغا ئىگە بولدۇم! رەھمەت تېگىشلىك تورداشلارغا رەھمەت.

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-8-15 19:19:59

ئاگاھ ئەپەندىگە تەشەككۈرلەر بولسۇن!

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2012-8-15 19:25:15

مۇشۇ لاتا پاتىنىڭ ئىشنى خوتۇن خەق بىلمىسە بىز بىلمەيدىكەنمىز جۇمۇ ....

Guitarfan يوللانغان ۋاقتى 2012-8-15 19:31:34

رەڭ توغرىسىدا بىلىدىغانلار سۆزلەپ بەرسەڭلار بوپتىكەن.

پېقىر ئۇچۇق رەڭلەرنى كىيىشنى ياقتۇرىمەن.بىرسى دەيدۇ قىزىل بولمايدۇ دەپ،يەنە بىرسى سېرىقنى دىدى،بۇدا بىر يەردە زەپە رەڭ بولمايتتى دەۋاتىدۇ.قاراپ باقسام مۇشۇ ئۈچىلا رەڭدە T-Shirt لىرىم باركەن.
بەت: [1] 2 3 4 5 6 7
: ھېيىتلىق كىيىم ئېلىشتا ئەرلەرگە ئەسلەتمە