ئۇچۇر: يۈرەك تاشقى كېسەللىكلىرى ھەققىدىكى كىتاب نەشىردىن چىقتى
« شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى» نەشىر قىلغان « كۆپ ئۇچرايدىغان يۈرەك تاشقى كېسەللىكلىرى توغرىسىدا ساۋات » ناملىق كىتاب يېقىندا نەشردىن چىقتى.
مەزكۇر كىتابتا يۈرەك ئاناتومىيەسى توغرىسىدىكى ئاساسى بىلىم،تۈرلۈك يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇش ئالامەتلىرى، ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش- داۋالاش ئۇسۇللىرى ئەتراپلىق بايادن قىلىنغان .
كىتابتا يەنە « ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە كەسپىي ئاتالغۇلار » دىن 400 دىن ئارتۇقى قوشۇمچە قىلىنغان بولۇپ مەزكۇر كىتاب دوختۇرلار ئۈچۈن قورال كىتاب بولۇپلا قالماي يۈرەك كېسەللىكى بىمارلىرى ئۈچۈنمۇ ياخشى يېتەكچى بولالايدۇ.
كىتابنىڭ مۇقاۋىسىدىن كەسمە:
كىتابتىكى مەزمۇنلار:
- يۈرەك ئاناتومىيەسى توغرىسىدا بىلىملەر
- ئارتېرىيە كانىلى ئېتىلمەسلىك
- دالانچىلار ئارا پاسىلى كەمتۈكلۈكى
- قېرىنچىلار ئارا پاسىلى كەمتۈكلۈكى
- ئىككى قاناتلىق قاپقاق تارىيىش
- ئىككى قـاناتلـىـق قاپـقاقنـىڭ يېپـىلىشى تـولۇق بولماسلىق
- ئۈچ قاناتلىق قاپقاق تارىيىش
- ئۈچ قاناتلىق قاپقاقنىڭ يېپىلىشى تولۇق بولماسلىق
- ئائورتا قاپقىقى تارىيىش
- ئائورتا قاپقىقىنىڭ يېپىلىشى تولۇق بولماسلىق
- قان يېتىشمەسلىكتىن بولغان يۈرەك كېسەللىكى
- تاجسىمان ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىش خاراكتېرلىك يۈرەك كېسىلى
- يۈرەك ئۆسمە كېسەللىكلىرى
- يۈرەك سىرتقى زەخىمىسى كېسەللىكلىرى
- يۈرەك كېــسىــلى بىمارلىــرى ئوپېراتسىيە قىلىنىپ بالنىتسىدىن چىققانـدىن كېيـىن دىققەت قىــلىـدىغـان ئىشلار
- بىرىنچى. تۇغما يۈرەك كېسىلى بىمارلىرى ئوپېراتسىيە قىلىـنىـپ بالنىتـسىدىن چىقـقاندىن كېيـىن دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
- ئىككـىـنچى. يۈرەك قاپقاق ئالماشـتـۇرۇش ئوپېراتسىيەسى قىلىنغان بىمارلار بالنىـتسـىدىن چىقـقـاندىن كېيىن دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
- ئۈچىنچى. تاجسىمان ئارتېرىيەگە كۆۋرۈك سېلىش ئوپېراتسىيەسى قىلىنغان بىمارلار بالنىتسىدىن چىققاندىن كېيىن دىققەت
- قىلىدىغان ئىشلار ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە كەسپىي ئاتالغۇلار سۆزلۈكى
ۋوي ھەممە تېمىغا يېزىۋېرەمسىز؟ ئىلىپبە ئادوشوي بولدى قىلىڭلابىرگەپنى يوللا ۋەرمەي
2- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ۋوي ھەممە تېمىغا يېزىۋېرەمسىز؟
3- قەۋەتتىكى datmanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئىلىپبە ئادوشوي بولدى قىلىڭلابىرگەپنى يوللا ۋەرمەي
كەچۈرگەيسىلەر كۆپچىلىك ؟ مېنىڭمۇ سىلەرنى ئۇنداق بىزار قىلغۇم يوقتى . ئاۋۇ (جانابى مۆھتىرەم) پىنھان باشقۇرغۇچىغا ئاخشام كېچىچە ئۇچۇر يوللىسامبىرمۇ جاۋاپ قايتۇرمىدى ، شۇڭا ئامالسىزلىقتىن مۇشۇنداق قىلدىم ،ئايلىنىپ كىرىپ كۆرۈپ قالامدىكىن دەپ .سىلەردىنتۆۋەنچىلىك بىلەن ئەپۇ سورايمان !
يۈرەك تاشقى كېسەللىكلىرى ھەققىدە بۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇرچە كىتاب چىققانمۇ- يوق؟ چىققان . شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەت ئالىي تېخنىكومى ‹‹ئۇيغۇر تىبابىتىدە كۆپ ئۇچرايدىغان يۈرەك كىسەللىرى توغرىسىدا›› دەپ بىر بىر كىتاپ چىقارغان . بۇ كىتاب ئۇيغۇر تىبابىتى بىلەن غەرب تىبابىتىنى بىرلەشتۈرۈپ يازغان بىر قەدەر مۇكەممەل كىتاب .
5- قەۋەتتىكى sayahatqi0997نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
چىققان . شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەت ئالىي تېخنىكومى ‹‹ئۇيغۇر تىبابىتىدە كۆپ ئۇچرايدىغان يۈرەك كىسەللىرى توغرىسىدا›› دەپ بىر بىر كىتاپ چىقارغان . بۇ كىتاب ئۇيغۇر تىبابىتى بىلەن غەرب تىبابىتىنى بىرلەشتۈرۈپ يازغان بىر قەدەر مۇكەممەل كىتاب .
رەھمەت، ئۇ كىتاب ئىچكىي بۆلاۈمنىڭ، بۇ تاشقىي بۆلۈمنىڭ بولۇپ ھەر ھالدا قوشماق بوپتۇ.
قەشقەردە تۆۋەندىكى كىتابخانىلارغا بۇ كىتاب يىتىپ كەلدى.
تەڭرىتاغ كىتابخانىسى ھېيتگاھ دۇككىنى ( ھېيتگاھ جامەسىنىڭ يېنىدا)
كۆكنۇر كىتابخانىسى (ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ يول بويىدىكىبىناسى دوقىسىدا)
قۇتادغۇ بىلىگ كىتابخانىسى (ماي كىنوخانىسى ئۇدۇلىدا)