[كۆچۈرۈلمە]«يېڭىچە نىكاھ-تۇغۇت مەدەنىيەت تېمى»
«يېڭىچە نىكاھ- تۇغۇت مەدەنىيەت تېمى» سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلىشىدا يېڭىچە مەدەنىيەتنى نامايەن قىلدى
شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستوتىنىڭ ئابلەت قاتارلىق ئوقۇغۇچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ نەزىرىيىدە ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئۈچۈن، تەتىل ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، باي ناھىيەلىك رەستە ئاھالىلار رايۇنىغا يېڭىدىن سېلىنغان بالىلار باغچىسىنىڭ تېمىغا سىزغان بالىلارنىڭ جۇشقۇن ھاياتى تەسۋىرلىنىدىغان رەسىملىرى ئارقىلىق، ناھىيە رەھبەرلىرىنىڭ مۇئايەنلەشتۈرىشىگە ئېرىشىپ، يېقىندا ناھىيەلىك نوپۇس ۋە پىلانلىق توغۇت كومىتېتىنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن ئالتە يېزا-بازار، 18 كەنتە 1000 كۇادىرات مېتىر كۆلەمدە يېڭىچە نىكاھ-توغۇت مەدەنىيەت تېمى بەرپا قىلىپ، باي ناھىيەسىنىڭ سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلىشىدا يېڭىچە مەدەنىيەتنى نامايەن قىلدى.
سۈرەتتە: شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستوتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئابلەت قاتارلىق 14 نەپەر ئوقۇغۇچى سىزغان مەدەنىيەت تېمىدىن كۆرۈنىشلەر
سۈرەتتە: شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستوتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئابلەت قاتارلىق 14 نەپەر ئوقۇغۇچى سىزغان مەدەنىيەت تېمىدىن كۆرۈنىشلەر
سۈرەتتە: شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستوتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئابلەت قاتارلىق 14 نەپەر ئوقۇغۇچى سىزغان مەدەنىيەت تېمىدىن كۆرۈنىشلەر
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋىرى، فوتوسى
مەسئۇل مۇھەررىرى: ماھىنۇر غۇپۇر
مەنبە : شىنجاڭ رادىئو تورى
14- قەۋەتتىكى MVXVKنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
رەسىم سىزغاننى تىللىماي سىزدۇرغان قاپاقباشلارنى، مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى گرانت كاللا سېسىق ئىدىيىلەرنى تىللىمامسىلەر؟ ئۇ رەسسام بالىلارنىڭ ئىجادىيىتى ياكى خالىس ئەمگىكى بولسا ئاندىن باشقا گەپ
خالىس ئەمگىكى ئىكەنغۇ شۇ...ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمىليەتتە كۆرسىتىش ئۈچۈن دەپ ئېنىق سۆزلەپتۇ. ھەي ۋاقتى ۋە ئەقىل ئىدراك ئىسراپچىلىقى.مەن كىچىك ۋاقتىمدا مەھەللىمىزنىڭ يولىدا ھەر 50مېتىر ئارلىقتا بىردىن مۇشۇنداق تاملار بار ئىدى،ئۇلۇغ داھىيلىرىمىزنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن.يېڭى زاماندا ئاخىرى چېقىۋېتىلگەن ئىدى.
بۇ رەسىمنىڭ مەنىسىنى پەقەت بىلەلمىدىم
2- قەۋەتتىكى qasimbayنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بۇ رەسىمنىڭ مەنىسىنى پەقەت بىلەلمىدىم
مەنىسى بولمىغاچقا چۈشەنمەپسىز،چۈشىنىمەن دەپ زورۇقماڭ....
ھۈنىرىنى ئەجەپمۇ توغرا جايغا ئىشلىتىپتۇ ماۋۇ ھۈنەرۋەن بالىلار،ئەتە-ئۆگۈن چوقۇم قەشقەردىكى ‹گۈزەللىك قۇرۇلىشى› ئىلىپ بىرىۋاتقان لارغا ياردەملىشىپ ياغلىقىڭنى ئىلىۋىتىپ ،سۇمبۇل چىچىڭىزنى نامايەن قىلىپ كىندىكىڭىزنى ئىچىپ يۈرسىڭىز گۈزەل بولىسىز ---دىگەن تەشۋىقاتچىلارغا ياردەملىشىپ رەسىم سىزىدۇ بىزنىڭ ناھىيەدىكى تاملارغا قارىسىڭىز ساپلا پارتىيەمىزنىڭ ئاۋازى . ئىئانە قىلىۋاتقىنى خەنزۇ ، ئىلىۋاتقىنى ئۇيغۇر ، كۆمۈر بەرگىنى خەنزۇ ئالغىنى ئۇيغۇر ، كىسەل داۋالاۋاتقىنى خەنزۇ ، كۆرۈنگىنى ئۇيغۇر . ساپلا پارتىيەرىمىز خەنزۇدەك
پۇقرالىرى ئۇيغۇردەك تۇيغۇغا كىلىپ قالىمىز . 50 مىتىردا بىر رەسىم ، لىكىن رەسىم سىزغىنى تەشۋىقات دوسكىسى ئەمەس بىز پۇقرالارنىڭ ئۆيىنىڭ تىمى . بۇ ئابلەت دىگەن چار بازاچى ‹‹تام رەسسام››،ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بولغىچە خىزمەتكە چىققىدەك..... «يالاڭئاياق » رەسسام بولۇپ قالارمىكىن، قولى تىترەيدىغان بولۇپ قالار....
4- قەۋەتتىكى koqahawiri1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ھۈنىرىنى ئەجەپمۇ توغرا جايغا ئىشلىتىپتۇ ماۋۇ ھۈنەرۋەن بالىلار،ئەتە-ئۆگۈن چوقۇم قەشقەردىكى ‹گۈزەللىك قۇرۇلىشى› ئىلىپ بىرىۋاتقان لارغا ياردەملىشىپ ياغلىقىڭنى ئىلىۋىتىپ ،سۇمبۇل چىچىڭىزنى نامايەن قىلىپ كىندىكىڭىزنى ئىچىپ يۈرسىڭىز گۈزەل بولىسىز ---دىگەن تەشۋىقاتچىلارغا ياردەملىشىپ رەسىم سىزىدۇ
ئاڭغىچە قولى تىترەيدىغان بولۇپ قالغىدى ئىلاھىم. راس مېنىڭ بىر ئامالىم بار،ئۇنى تېپىپ ئالداپ ھاراقنى جىق ئىچكۈزىۋەتسەك قولى تىترەيدىغان ،بېشى مىدىرلاپلا تۇرىدىغان گىلدىڭباش بولىدۇ...
ماۋجۇشىنىڭ زامانى يادىمغا يېتىپ قالدى
2- قەۋەتتىكى qasimbayنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بۇ رەسىمنىڭ مەنىسىنى پەقەت بىلەلمىدىم
مەنمۇ بىر نەرسىلەرنى پەرەز قىلىپ باقتىميۇ ئۆزەممۇ قايىل بولمىدىم.
تەشۋىقات رەسىمى قانداق بولماقچىتى؟ مېنىڭچە بۇمۇ شۇنداق.
نان كۈچىكىئادەملەر كۆپىيىپ كىتىپ باردۇ جىمۇ پارتىيەنىڭ ھەمخورلىقىغا ئېرىشەي دېگەندۇ . . . ئىزدىنىش قالغانمۇ ئەمدى بۇنداق نەرسىلەرنى تەشۋىق قىلمىغان؟ رەسىم سىزغاننى تىللىماي سىزدۇرغان قاپاقباشلارنى، مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى گرانت كاللا سېسىق ئىدىيىلەرنى تىللىمامسىلەر؟ ئۇ رەسسام بالىلارنىڭ ئىجادىيىتى ياكى خالىس ئەمگىكى بولسا ئاندىن باشقا گەپ ئالىم پوجاڭنىڭ ....شوركىلىرمىكى دەپ تىللاپ ساپتىمەن {:92:} مۇشۇ كۈنلەردە مەھەلە بويىدىكى ئۆستەڭگە قاراپ خىيالغا پاتىمەن ، يات مىللەتتىن بولغان بىر كىشى سۇغا چۈشۈپ كەتسە ،مەن ئۆزۈمنى ئاتسام ،قۇتقۇزسام ،خەۋەر ئوبىكتى بولسام ،نەمۇنىچى بولسام ،ئۆسسەم ،ئۆي سالسام ........................{:107:}15- قەۋەتتىكى jangqi19نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئالىم پوجاڭنىڭ ....شوركىلىرمىكى دەپ تىللاپ ساپتىمەن
سەت كۈلۈۋىتىپتىمەن ...................
17- قەۋەتتىكى gewalaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
15- قەۋەتتىكى jangqi19نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئالىم پوجاڭنىڭ ....شوركىلىرمىكى دەپ تىللاپ ساپتىمەن
سەت كۈلۈۋىتىپتىمەن ...................
-------------------------------------------
ھەجەپ كۈلدۈرۋىتىپتىمەن .............