نەۋرە ئىنىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن جىنايەتچى ئۈرۈمچىدە قولغا ئېلىندى [كۆچۈرۈلمە]
جۇڭگو ئاخبارات تورى ئۈرۈمچى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى خەۋىرى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سايباغ رايونى جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماق ئىدارىسى توۋگوڭ ساقچىخانىسى يېقىندا قېچىپ يۈرگىلى 14 يىل بولغان قاتىلنى قولغا چۈشۈرگەن.14 يىلنىڭ ئالدىدا خېنەن جوۋكوۋدا ئولتۇرۇشلۇق جىنايەت گۇماندارى سوڭ فامىلىلىك نەۋرە ئىنىسى يۈەن فامىلىلىك بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغان ۋاقىتتا، ئاچچىقىغا پايلىماي نەۋرە ئىنىسىنى ئۆلتۈرۈپ جەسىتىنى دەرياغا تاشلىۋەتكەن.
سايباغ رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى توۋگوڭ ساقچىخانىسىدىكى ساقچى شىياۋچېننىڭ تونۇشتۇرىشىچە، ئۆلگۈچى يۈەن فامىلىلىك بولسا سوڭ فامىلىلىكنىڭ تاغىسى بېقىۋالغان بالا بولۇپ، كىچىكىدىنلا ناھايىتى ئەركە چوڭ بولغان. سوڭ فامىلىلىكنىڭ تاغىسى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىنمۇ يۈەن فامىلىلىك داۋاملىق ئۇ ئۆيدە تۇرۇپ ئۆينىڭ ئىشلىرىغا ياردەملەشكەن. مىجەزى سەۋەبلىك ئازراق بىرەر ئىش كۆڭلىگە ياقمىسا سوڭ فامىلىلىكنىڭ ئايالىنى ئۇرۇپ ئاچچىقىنى چىقارغان.
بىركۈنى يۈەن فامىلىلىك يەنە بىرقېتىم جېدەل چىقارغاندا، سوڭ فامىلىلىك يۈەن فامىلىلىكنى سىرتقا چاقىرىپ ئېلىپ چىققان، يۈەن فامىلىلىك دىققەت قىلمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يۈەن فامىلىلىكنىڭ بېشىغا ئۇرۇپ يىقىتقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بەدەنلىرىگە كېسەكلەرنى باغلاپ ئېغىرلاشتۇرۇپ دەرياغا چۆكتۈرۈۋەتكەن.
دېلو تۇغدۇرغاندىن كېيىن سوڭ فامىلىلىك قانۇننىڭ قازاسىدىن قېچىش ئۈچۈن، كېچىلەپ ئايالىنى ئېلىپ خېنەندىن چىقىپ كەتكەن، ئالدى كەينى بولۇپ غەربىي شىمالدىكى بىرقانچە ئۆلكىلەردە قېچىپ يۈرگەن، بۇيىل ئالتىنچى ئايدا غۇلجىدىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئورۇنلاشقان.جىنايەت گۇماندارى ئۈرۈمچىدە قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن خېنەن ساقچىخانىسى تەرەپكە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. دېلو تەپسىلاتى تېخىمۇ ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈلمەكتە.
=====================================================
توردا «ساختا قورساق» نىڭ بازىرى ناھايىتى ئىتتىك بولۇپ كەتتى

«ياسمىغان يالغان نەرسە قالماپتۇ جۇمۇ، ھەتتا ھامىلدار بولۇش دېگەن مۇشۇنداق ئىشنىمۇ يالغىنىغا ئوينايدىغان بولۇپ كېتىپتۇ»دېگەن مىكرو بلوگداش، تور دۇكىنى بولغان تاۋباۋدىكى بىر دۇكاندا، ساتقۇچى بۇنداق يالغان قورساقنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ئېنىق قىلىپ چىقىرىپ قويغان، بۇنداق ساختا قورساقلارنىڭ سېتىلىش باھاسى 400~1200يۈەنگىچە بولۇپ، ھامىلدار بولغان ۋاقىتقا قاراپ، كىچىك، ئوتتۇرا، چوڭ دېگەن نومۇرلارغا ئايرىلىدىكەن، ھەتتا قوشماق، تۆت گېزەك «قورساق»لىقلىرىمۇ باركەن.
بۇخىل ساختا قورساقلارنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان «پايدىسى»نۇرغۇن بولۇپ، بۇنداق بولغاندا شىركەتتە ئادەم شاللىغاندا شاللىنىپ كېتىشتىن ساقلىنالايدۇ، ئاممىۋى سورۇنلاردا بولسا كىشلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشەلەيدۇ، بەزى ئاياللار ئۆزىنى ھامىلدار بولۇپ قالدىم دەپ قويۇپ، قولۇم-قوشنا ھەم خىزمەتداشلىرىنىڭ پىتنە-پاساتلىرىدىن قۇتۇلىدۇ.
ئادوۋكاتنىڭ قارىشىچە، ئەگەر مەلۇم شىركەتنىڭ خىزمەتچىسى «ساختا ھامىلدار »بولۇپ شىركەتنى ئالدىسا، بۇ ئەمگەك مۇناسىۋەتلىرى ئالدامچىلىقىغا بېرىپ چېتىلىدىكەن، شىركەت قانۇنغا ئاساسەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىۋەتسە بولىدىكەن.
مۇتەخەسىسلەر، ئەگەر ناچار تىجارەتچىلەر سانائەتكە ئىشلىتىدىغان سىلتىسىيلىق يېلىمدا «ساختا قورساق»ئىشلەپچىقارسا، تېرىگە زىيان يەتكۈزىدىكەن، مېدىتسىنادا ئىشلىتىدىغان سىلتىسىيلىق يېلىم گەرچە تېرىگە زىيان يەتكۈزمىسىمۇ، لېكىن يازدا ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتسە ھۆل تەمرەتكە دېگەندەك تېرە كېسەللىكلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دېگەن.
===========================================
نۇر تورى خەۋەرلىرىدىن ئارىيە
مۇشۇنداق ساختىلار تۈپەيلى كىشىلەر ھامىلدارلارغا، بولۇپمۇ قىشتا قورساق كۆتەرگەنلەرگە گۇمان بىلەن قارايدىكەن-دە بۇندىن كېيىن.
ئاڭلاپ قويۇشقا تېگىشلىك خەۋەركەن. يەنە قانداق رەزىل ئىشلارنى كۆرەمىز مانا دىمىدىقمۇ .شىنجاڭىڭ ساقچىللىرى دەھشەت يامان دەپ .خەخ 14يىلدا تۇتالمىغاننى بىزنىڭ پىداكار ساقچىلار 6ئايغا قالماي تۇتۇپ بولدى.مۇشۇ شىنجاڭنىڭ ساقچىللىرىنى ئىچكىرگە ئاپىرىپ شۇ يەرنىڭ ساقچىللىرغا دەرىس ئۆتكەن بولسا بەزى ئىشلار تۈزۈلۈپ قالاتتى ،.يا بولمىسا ئىچكىردىن ،مۇشۇ يەرگە كىلىپ ئۇگەنسىنمۇ يا تېخىمۇ جىق جىق كىلىپ


6- قەۋەتتىكى hiyalqiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
پىلانلىق تۇغۇتنىڭ ئادەملىرى تەكشۈرۈپ چۈشۈرگۈزۈۋەتسە بۇلىدۇ ...

ھەي ئاغىنىلەر كىم باشلىدى مۇشۇنداق بىر تېما يېزىپ مۇناسىۋەتسىز پاراڭدىن ئىككىنى قىستۇرۇپ قويىدىغان ئىشنى، ئۇماچ چېلىپ {:107:}
قايسى كۈنى باپكار بۇرادەرنىڭ تېمىسى شۇنداقكەندۇق، ئەمدى ما تېما...

8- قەۋەتتىكى MVXVKنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ھەي ئاغىنىلەر كىم باشلىدى مۇشۇنداق بىر تېما يېزىپ مۇناسىۋەتسىز پاراڭدىن ئىككىنى قىستۇرۇپ قويىدىغان ئىشنى، ئۇماچ چېلىپ![]()
قايسى كۈنى باپكار بۇرادەرنىڭ تېمىسى شۇنداقكەندۇق، ئەمدى ما تېما...![]()
بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى سوقاي دېگەنلىكتۇ يا بىر(تېما)نى ئوقۇسىڭىز، يەنە بىرنى سوغا قىلىمىز ....ئوخشايدۇ ۋاي ۋاي ۋاي ۋاي