Java ئۆگەتكۈچى ئىزدەيمەن
شىنجاڭ تەۋەسىدىن سۈپىتى ياخشى، تېخنىكىسى يۇقىرى بولغان، نولدىن باشلاپ Java ئۆگىنىش سىنىپى(كۇرۇسى) ئىزدەيمەن. مۇشۇنداق ئورۇننى بىلىدىغانلار خەۋرىنى بەرسەڭلا. تېما ئاستىغا ئېنكاس يازساڭلارمۇ ياكى قىسقا ئۇچۇر بىلەن خەۋەر بەرسەڭلارمۇ مەيلى. پوسكامدىغۇ بىر تونۇشۇم بار ئىدى، جاۋا ,php نى پىششىق بىلىدىغان .ئۆتكەندە كۇرس ئاچتىم دېگەندەك قىلىۋاتاتتى .
كۇرسنى بىلمەيدىكەنمەن . ئۈرۈمچىدە بولغان بولسىڭىز گۇدلاكنى قايىل قىلالىسىڭىز ئۇستاز تۇتسىڭىز بولاتتى . گۇدلاكنىڭ ئىشى ئاسان
قىز دوسىت تۇنۇشتۇرۇپ قويىمەن دەپ ئالدىسىڭىز ئاسانلا ئالدىنىدۇ {:90:} بىلىك، ئىنتىللاردىن Java دەپ ئىزدىسىڭىز چىقىپ قالامىكى تېما ئىگىسى ئەھۋالىڭىزنى تەپسىلاراق يازماپسىز. تەپسىلاراق يازسىڭىز، ياخشى مەسلىھەتلەر چىقىپ قېلىشى مۇمكىن. يەنى، سىز ھازىر ئوقۇغۇچىمۇ، خىزمەتچىمۇ، ياكى ئىش كۈتۈپ تۇرغۇچىمۇ؟ نىمە ئۈچۈن جاۋا ئۆگەنمەكچى بولۇپ قالدىڭىز؟ خىزمەت ئورنىدىكى مەجبۇرىيەتمۇ، شەخسىي قىزىقىشمۇ، كەلگۈسىدە ئىش تېپىش مەقسىدىدىمۇ؟...
جاۋا باشقا تىللارغا ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭ ئىقتىدارى ئوتتۇرا ۋە چوڭ كۆلەملىك، تورلاشقان كومپيۇتېر مۇھىتىدا ئاندىن ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا دىيارىمىزدا ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى بانكا، پوچتا-تېلېگىراف، تۆمۈر يول، ھاۋا قاتناش ... قاتارلىق چوڭ كۆلەمدىكى ئورۇنلاردا ئاندىن ئەس قاتىدۇ. ھالبۇكى بۇنداق ئورۇنلارنىڭ كۆپ قىسىم نەرسىلىرى يۇقۇرىدىن بىر تۇتاش ياسىلىپ كېلىدۇ، ئۆزى پىروگراممىنى ئىشلەپ ئىشلىتىدىغان ئىش بەك ئاز ياكى پەقەتلا پارچە-پۇرات ئىشلاردا بولۇشى مۇمكىن. باشقا كىچىك ئىشلارغا جاۋا ئىشلىتىش خۇددى چىۋىنگە زەمبىرەك ئاتقاندەك ئىش. بۇنداق ئىشلارغا باشقا تىللار تېخىمۇ ماس كېلىدۇ.
كومپيۇتېر پىروگرامما ساھەسىدە بىر نەرسە ئۆگىنىشنى مەقسەت قىلغان ئادەمدە ھازىرلاشقا تېگىشلىك بىرىنچى ۋە ئەڭ ئاساسى شەرت ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ۋە تەييار كىتاپلارنى ئوقۇپ چۈشىنىپ، شۇلاردىن مۇستەقىل بىلىم ئىگەللەش ئىقتىدارى بولۇشى كېرەك. بۇ كەسپنىڭ چېتىلىش دائىرسى بەك كەڭ، بەك چوڭقۇر ۋە يېڭىلىنىپ تۇرىشى پەۋقۇلئاددە تېز بولغاچقا، ھەممە ساھەدە پىشقان ئۇستازنى تېپىش مۈشكۈل. تاپقان تەقدىردىمۇ، ھەمىشە شۇ ئۇستازنىڭ ئاغزىغا قاراپلا ئۆتىدىغان ئىش بولسا، بۇ كەسپنىڭ تەمىنى تېتىغىلى، راھىتىنى كۆرگىلى ۋە كۆڭۈل ئازادىلىك ھېس قىلغىلى بولمايدۇ.
جاۋا ئۆگىنىش مەقسىدىڭىز ئېنىق بولغاندىن كېيىن، قالدى گەپلەرنى يازاي. مەخسۇس بىر كىتاب بار، ئۇيغۇرچە چىققان. شۇنى يازغان قېرىندېشىمىز بەلكىم ئۈرۈمچىدە. كىتىۋىنى
كۆرۈپ باقسىڭىز خېلى ئەمەلىيەتچانلىقى بار كىتابكەن. شىنخۇا كىتابخانىلىىرىدىن تاپالايسىز. دەسلەپتە كىتابنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ، ئاندىن كىتاب ئاپتۇرى بىلەن ئالاقىلىشىپ باقارسىز. ئۆتكەندە بىرسىگە دەرس ئۆتۈپ بەرگەن، لېكىن ۋاقتىمنىڭ قىس بولىشى تۈپەيلى دەرسنى داۋاملاشتۇرالماي، مەن ئۆزۈم ئۆگەنگەندە ئىشلەتكەن ماتېرىياللارنى بېرىپ، ئۆزىڭىز ئۆگىنىڭ دېدىم.
ئۆگەنگۈچىمۇ ئىشتىياقى بار، لېكىن Java نىڭ قېيىنلىق دەرىجىسىنى پەرەز قىلالمىغانىكەن، ئازراق ئاساسى نەرسىلەرنى سۆزلىسەم، مۇشۇنداق تەسمۇ؟ دەپ سوراپ يۈرىدۇ.
ئەگەر راستلا ئۆگىنىمەن دېسىڭىز بەلنى چىڭراق باغلاڭ، ھەم ئۇزۇنغىراق پىلان تۈزۈڭ، بولمىسا تېزلا زېرىكىپ بىرمۇنچە ۋاقتىڭىز، ئىقتىسادىڭىز ۋە زېھنىڭىزنى ئىسراپ قىلىۋالىسىز.
ئۈرۈمچىدە 北大青鸟 دەپ بىر مەكتەپ بار، بىر چاغلاردا Java دەرسى باتتى، ئالدىنقى چاغلاردا تەشۋىقات ۋارىقىغا قاراپ باقسام كۆپىنچى دەرسلىرى مۇلازىمىتىر باشقۇرۇشنى ئۆگىتىشكەن، پروگرامما دەرسى يوقتەك قىلىدۇ، باھاسى رايونىمىغا قارىغاندا مۇۋاپىقتى. توردىن بۇ مەكتەپكە ئائىت ئۇچۇرلارنى تاپالايسىز. بۇنىڭدىن باشقا يۈرۈشلەشكەن پروگرامما تىلى ئۆگىتىدىغان مەكتەپنى ئۇچىراتمىدىم.
ئەگەر ئىقتىسادىڭىز بولسا ۋە تىلدىن قىينالمىسىڭىز بېيجىڭ، شىنجىن تەرەپلەرگە بارسىڭىز بەك مۇكەممەل مەكتەپلەر بار، 0 دىن باشلاپ ئۆگىتىپ چوڭ تۈرلەرنى ئىشلىگۈدەك دەرىجىگە يەتكۈزىدىغان، ئەلۋەتتە ئۆزىڭىزمۇ تىرىشىسىز.
传智博客 دەپ بىر تور بېكەت بار، شۇلارمۇ ھازىر بەك كەسپىيلىشىپ كېتىپتۇ، شۇلارنىڭ ھەقسىز دەرسلىرىدىنمۇ خېلى نەرسىلەرنى ئۆگەنگىلى بولىدۇ، ئۆلچەملەشكەن تەربىيلەش سىنىپلىرىمۇ باردەك قىلىدۇ. شۇلارنى ئىزدەپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ.
سىزگە ئامەت تىلەيمەن!
@Aziz سىز ئۈرۈمچىدىمۇ؟ جاۋا دىگەن نىمە ئۇ ؟ مەن ئۇقمايدىكەنمەن ، ئىغىر كۆرمەي تەپسىلىيرەك چۇشەندۇرۇپ قۇيۇڭلارچۇ ؟ رەھمەت ! @abral0999 ئىنكاسىڭىزدىن قارىغاندا سىز بىلەن مۇناسىۋېتى يوقلا بىر نەرسىكەن، ئازراقلا كومپيوتېرغا يېقىن ئادەمنىڭ ھەممىسى بىلىدىغان ئاتالغۇ بۇ، چۈشەنگىنىڭىزنىمۇ پايدىسى يوق بەرىبىر. بىلىگ قېرىندىشىمىز ئېيتقان، تۇنجى ئۇيغۇرچە جاۋا كىتابىنى تۈزگەن ئۇ قېرىندىشىمىزنى ئالدىنقى مەزگىللەردە قارلۇقتا جاۋا كۇرسىدا دەرس ئۆتىۋاتىدۇ دەپ ئاڭلىغان ئىدىم. ھازىر قانداقكىن، بىلمەيمەن.
گۇدلاك، مەن ئۈرۈمچىدە ئەمەس. ناۋادا نۆۋەتتە خىزمىتىڭىزدە جاۋا بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقان بولسىڭىز، خىزمىتىڭىزنىڭ خاراكتىرى ۋە خىزمىتىڭىزدە جاۋانىڭ ئىشلىتىلىشچانلىقى ھەققىدە ئازدۇر-كۆپتۈر سۆزلەپ بەرمەمسىز.
دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا نىسبەتەن، جاۋانىڭ چىقىش يولى ئوتتۇرا-چوڭ كۆلەمدىكى شىركەتلەردە جاۋا خىزمىتىنى قىلىش ياكى چەتئەلدە جاۋا بىلىمىنى ئىشلىتىش دەپ قارايمەن. بۇنىڭدىن باشقا ئىشلار بولسا، جاننى قىينىماي، باشقا تىل ئۆگىنىش ئاقىلانە تاللاش دەپ قارايمەن. بۇ گېپىم مۇۋاپىق بولمىسا، داۋاملىق پاراڭلاشساق بولىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ مەسلىھەتىگە رەخمەت. ئۇنى ئۆگەنمەكچى بولغىنى مېنىڭ نەۋرە ئېنىم ئىدى. قىزىقىشى كۈچلىك، ئىرادىسى چىڭ. كومپيۇتېرنى ياخشى ئىشلىتەلەيدۇ، پروگرامما تۈزۈشكە بولغان بىلىم نول ھالەتتە. خەنزچە كىتابلارنى كۆرۈپ تەستىرەك چۈشىنەلەيدۇ. شۇڭا ھازىر بىۋاستە خەنزۇچە مەكتەپلەردە ئۇقۇسا قىينىلىپ قالىدۇ. ئۆگنىشتىكى مەخسەت كۆچمەك ئۈسكىنە پروگراممىسى ۋە تور پروگراممىلىرىنى يېزىش. ھازىر «java پىروگرامما تىلىدىن ئاساس» دېگەن ئۇيغۇرچە كىتاب ئارقىلىق چۈشەنچە ھاسىل قىلىۋاتىدۇ. مۇنتىزىم تەربىيەلەش ئورنى بولسا، ئەك قىسقا بولغاندىمۇ 3 ئايدىن يۇقىرى تەربىيەلەپ بەرسە بەك ياخشى بولاتتى. @bilimhumar نۆلدىن باشلىغان ئادەم جاۋادا ئۈچ ئايدا پۇختا بولۇپ بولالمايدۇ. بىرەر يىللىق پروگرامما تۈزۈش تەجىربىسى بولسا بىر گەپ.
@Aziz ھازىر كومپيۇتېرىمنىڭ سىستېمىسىنى بىر يېڭىلاي دېگەن، سەل ئالدىراپ قالدىم، شۇڭا قىلىۋاتقانلىرىمنى ۋە ئۆگىنىۋاتقانلارغا بېرىدىغان تەكلىپىمنى مۇشۇ تېما ئاستىغا ئەتىگىچە مۇۋاپىق يوسۇندا قالدۇرۇپ قوياي. چۈنكى قىلماقچى بولغان بەزى ئىشلارنىڭ ھەممىنى دەپ يۇرۇشكە تازا بولمايتتى. goodluck دېگىنىوىز توغرا، شۇڭا ئەڭ قىسقا بولغاندىمۇ 3 ئايدىن يۇقىرى تەربىيەلەش بولسا دەپ ئويلىغان. 1 يىللىق ياكى بىر يىرىم يىللىق بولسا تېخى ياخشى ئىدى.
11- قەۋەتتىكى bilimhumarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
...
پروگرامما تۈزۈشكە بولغان بىلىم نول ھالەتتە. خەنزچە كىتابلارنى كۆرۈپ تەستىرەك چۈشىنەلەيدۇ. شۇڭا ھازىر بىۋاستە خەنزۇچە مەكتەپلەردە ئۇقۇسا قىينىلىپ قالىدۇ. ئۆگنىشتىكى مەخسەت كۆچمەك ئۈسكىنە پروگراممىسى ۋە تور پروگراممىلىرىنى يېزىش. ھازىر «java پىروگرامما تىلىدىن ئاساس» دېگەن ئۇيغۇرچە كىتاب ئارقىلىق چۈشەنچە ھاسىل قىلىۋاتىدۇ. مۇنتىزىم تەربىيەلەش ئورنى بولسا، ئەك قىسقا بولغاندىمۇ 3 ئايدىن يۇقىرى تەربىيەلەپ بەرسە بەك ياخشى بولاتتى.
بۇ ئەھۋالدا ئۇكىڭىزغا جاۋا ئۆگىنىش تېخى بالدۇركەن. خەنزۇچىنى ئوبدان ئۆگەنگەچ، ئاۋال باشقا ئاددىراق، ئاسانراق، قوللىنىشچانلىقى كەڭرەك نەرسىلەرنى ئۆگەنسۇن. ھازىرچە نىشاننى خاتا تاللاپ قاپتۇ.
بۇرۇنلاردا مەنمۇ شۇنداق ئۈگۈنۈشكە ئىنتىزار ئۈگۈتۈشكە ئادەم تاپالماي تىت تىت بولاتتىم .
ھازىر تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى كىچىك بالىنى بېقىپ بولالماي ئۈگۈنۈشكە ۋاقىت يوق ، تورغا چىقىشقىمۇ ۋاقىت قىس ..... ( بۇرۇنقى كىچىك ۋاقىتلار ئازادە ھەي ... )
قىسقىسى ئۈگۈنۈش ئۈچۈن رايون ئاتلاپ شەھەر ئاتلاپ ئۇ يەردە يېتىپ قۇپۇپ ئۈگۈنۈش يەنىلا تەس جۇمۇ ...
مۇمكىن بولسا مۇشۇنداق بىلىملىك ئادەملىرىمىزنى توپلىغىلى بولسا ، توردىلا مەكتەپتىن بىرنى قۇرسۇق ، نەق مەيدان دەرىس ئۇرۇنلاشتۇرۇغىلى بولاتتى ئەمەسمۇ .
ھازىر تور سۈرئىتى ھەممە يەردە ياخشى بولاۋاتىدۇ ، توردا بىۋاستە نەق مەيدان دەرس ئۆتسە بۇنىڭدىن كۆپ ئادەم نەپ ئالالايتتى ، ھەم قولايلىق بولاتتى ....
بەت:
[1]