~Qawandaz~ يوللانغان ۋاقتى 2012-8-13 10:41:58

44% جۇڭگولۇق باي چەتئەلگە كۆچۈپ كېتىشكە تەييارلانغان

«ئىقتىسادشۇناس» ژۇرنىلىنىڭ تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە،جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدا نۆۋەتتە بايلارنىڭ ئومۇمى سانى 1 مىليوندىن كۆپ بولۇپ ئۇلارنىڭ ھەر بىرسىنىڭ شەخسى بايلىقى 10 مىليوندىن ئاشىدىكەن،كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئومۇمى كىرىم 1 مىليون 600 ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىكەن.ئەمما چوڭ قۇرۇقلۇق بولسا ئۇلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ياشاش ماكانى ئەمەس ئىكەن.خۇرۈن ئاگېنتلىقنىڭ 7-ئاينىڭ 31-كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا،%16 دىن ئاشىدىغان جۇڭگولۇق باي چەتئەللەرگە كۆچۈپ كەتكەن،ياكى رەسمىي ھالدا چەتئەلگە چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولغان،ھەمدە %44 باي چەتئەلگە چىقىپ كېتىشكە تەييارلانغان.%85 دىن ئاشىدىغان كىشىلەر باللىرىنى چەتئەلگە ئوقۇشقا ئەۋەتكەن،ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى %33 ئادەم چەتئەلدە رەسمىي ئىجتىمائىي بايلىق ياراتقان.جۈخېي تورىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا،بۇ بايلار ئاساسلىق يېقىنقى يىللاردا جۇڭگو ئىقتىسادىدىكى تىز ئېشىشىنىڭ پايدىسىغا ئۇچرىغان،ئەمما بۇنىڭ ئىچىدە پەقەت %28 ئادەم بولسا كەلگۈسى ئىككى يىلدىكى تەرەققىيات يۆلىنىشىنى ئالدىن كۆرۈپ بولغان،ھەمدە ئۆتكەن يىلى %54 ئادەم ئۆزلىرىنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىدىن ناھايىتى مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.شۇنىڭ بىلەن تەڭ بۇ خىل سانلىق قىممەت جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق قىممەتنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرغان،مەزكۇر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە،جۇڭگونىڭ ئىككىنچى پەسىلدىكى خەلقئارا كىرىم-چىقىم تەڭپۇڭلۇقىدا 1998-يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم قىزىل رەقەم كۆرۈلگەن.

       خەلقئارا كىرىم-چىقىم تەڭپۇڭلۇق قىممىتى ئىككى خىل ئوخشاش بولمىغان سانلىق قىممەتنى ئىپادىلىگەن:يەنى تاۋار ۋە مۇلازىمەتنىڭ چېگرا ئاتلىشىدا تۆلەنگەن چىقىم،بۇ بىر قىسىم قىممەتنى ئادەتتىكى كىشىلەر ياراتقان؛يەنە بىر سانلىق قىممەت بولسا چېگرا ئاتلاش سانلىق قىممىتى.جۇڭگونىڭ سانلىق قىممەتلىرى يەنىلا بىر قەدەر كونا بولغان ھالەتتە ئىكەن،بۇ ئاساسلىق سودا ئاكتىپ بالانسىغا تايىنىدىكەن،ئۇنىڭدىن باشقا،جۇڭگو ئۈزلۈكسىز ھالدا يېتەرلىك بولغان چەتئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىدىكەن.ھەمدە بۇ خىل قىممەتلەر سودىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدىكەنSAFE دىكى بىر نەپەر باياناتچىنىڭ جاۋاب بېرىشىچە،نۆۋەتتىكى مەبلەغنىڭ سىرتقا ئېقىشى ھەرگىزمۇ كۆپ مىقداردا ئېقىپ كېتىشىدىن دېرەك بەرمەيدىكەن.بۇ بىر قىسىم مەبلەغ بولسا جۇڭگو بايلىق باشقۇرۇش ئورگانلىرى تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدىكەن.ئەمما بۇنداق بولغان تەكشۈرۈپ باشقۇرۇش بولسا چېگرا ئاتلىغان شىركەتلەرنىڭ كۆپ مىقداردىكى بايلىقنى دۆلەت ئىچىگە ئەكىرىشىنى توسۇپ قالالمايدىكەن،ھەمدە بايلارنىڭ چەتئەلدىكى بايلىقىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدىكەن،ھەر قانداق سودا تەرتىپى بىر خىل تەرتىپ بۇيىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ھەر يىللىق ئەركىن ھالەتتە چېگرا ئاتلاتقان مەبلىغىنىڭ ئومۇمى قىممىتى 50 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن،ھەمدە بۇ خىل قىممەت ھالىتى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان تاشقى پېرېۋوت ئاساسى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن.ئامېرىكا غەربى شىمال ئۈنۋېرستېتىدىكى ۋېكتورنىڭ كۆرسىتىشىچە،جۇڭگودىكى ئەڭ باي بولغان %1 ئادەمنىڭ 2 تىرىليوندىن 5 تىرىليۇنغىچە مۇقىم مەبلىغى بار ئىكەن.ئەگەر بۇ كىشىلەر مەبلەغ يۆتكەشتىن قورقسا،بۇ بىر قىسىم مەبلەغ جۇڭگونىڭ تاشقى پېرېۋوت قىممىتىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىدىكەن.

eldos يوللانغان ۋاقتى 2012-8-14 01:44:53

بايا تېخى تېڭشۈن تورىدا كۆرۈپ تەرجىمە قىلىپ ، مۇنبەرگە يوللاپ قوياي دەپ ئويلىغانتىم .

تېما يوللىغۇچىغا رەھمەت .

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-14 02:36:14

بۇ بايلارنىڭ ھەمىسنىڭ ئۆيلىرى ،جەنۇبى دىڭىز ساھىلىدا  بولمىغىيتى ھە ؟  \"\"

nasin يوللانغان ۋاقتى 2012-8-13 12:42:45

ئاۋال بالا چاقىلىرىنى چەتئەلگە ئېچىقىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغاچ قۇرۇقلۇقتا ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ پۈتۈن كۈچى بىلەن خىيانەت، پارىخورلۇق قىلىپ پۇل توپلاپ، شۇنداق پاش بوپ قالاي دىگەندىلا غاچچىدە پۇلنى سۈپۈرۈپلا چەتكە قاچىدىغان ئەمەلدارلارنى بەك جىق دەيدۇ.

terjime يوللانغان ۋاقتى 2012-8-13 13:02:50

خەنزۇچە بىر ئىنكاستا ئەمەلدارلارنىڭ بالا -چاقىللىرى ئاساسەن ئامىرىكىدا بولغاچقا دۆلىتىمىز ھەرگىز ئامىرىكا بىلەن ئۇرۇشمايدۇ دەيدىيا . يەنە بىر قىتغۇر ئىختىيارىغا قويۋەتسە بۇ ساننىنىڭ  %80 كە يىتشىدىن ئۈمىت بار دەيدۇ تېخى . مەن دىمىدىم بۇ گەپنى جۇمۇ نازارەتچىلەر ، ئۇلار http://pinglun.sohu.com/s350458704.htmlدىگەن

pantekin يوللانغان ۋاقتى 2012-8-13 13:08:16

نازارەتچىلەرنىڭ دەردىدە باللا ئىنكاسنى يۈرەكلىك يازالمايدىغان بولاپ كەتكەن گەپما ،،،،،  نېمە كۈن بۇ ئەمدى بىزگە ،،،،

rock يوللانغان ۋاقتى 2012-8-13 13:59:57

ئوخخو، ما 44 نىڭ ھەممىسى خەنسوما؟ دەپ ئىنكاس يازسام ھېچكىم كۆمەيدۇ ھەقىچان.

elbilge يوللانغان ۋاقتى 2012-8-13 17:58:33

جۇڭگوغا،كومپارتىيەگە كېلىدىغان ھەقىقى خەۋپ - پارىخور،خىيانەتچى ئەمەلدارلىرىدىن كېلىدۇ

datman يوللانغان ۋاقتى 2012-8-13 20:39:02

داننى جۇڭگۇدا يەپ ئامرىكىغا كاكىلاپ بىرىدىكەندە بۇلار

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-8-13 22:22:07

مانا بۇنى بايلىقنى تەكشى تەقسىملەش، دەيمىز، پۇلنى ئەمەس، نوپوس بايلىقىنى! بۇ نوپوسنى دۇنياغا تەكشى تەقسىملەشنىڭ باشلىنىشى دەپ بىلسەك بولار.. مەرھوم مايكول جېكسوننىڭ داچىسى كىم ئاشتى قىلىنغاندا چوڭ قۇرۇقلۇق بىرسى سېتىۋالغاننىڭ گېپى بار.

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2012-8-14 08:08:30

شۇنداق قىلىپ جۇڭگۇلۇقلار پۈتۈن دۇنيانى سېتىۋىلىۋاتىدۇ. ياخشى ئىش، بىر كۆزىنى قىسىۋالغۇلۇق.

ھازىر ئۈرۈمچىدىكى بەزى ئۆيلەرنىڭ باھاسىغا چەتئەلدىنمۇ ئۆي كېلىدۇ. پۇلى بارلار ئويلىنىپ بېقىشقا تامامەن بولىدۇ، چەتئەللىك مۇھاجىر بولۇپ پۇلنى جۇڭگۇدا تېپىۋېرىمىز، يامىنى كەلسە تىكىۋىتىمىز.

turkex يوللانغان ۋاقتى 2012-8-14 10:38:00

داننى بىزدىن يەپ خەقنىڭ كاتىگىگە توغامدىكىنە بۇ خەق  \"\"

peshpayi يوللانغان ۋاقتى 2012-9-24 21:42:33

6- قەۋەتتىكى datmanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

داننى جۇڭگۇدا يەپ ئامرىكىغا كاكىلاپ بىرىدىكەندە بۇلار



قانداق گەپ بۇ . ما مۇنبەردە سەت گەپ قىلماڭلار باللا ھە ؟

datman يوللانغان ۋاقتى 2012-9-25 15:28:41

12- قەۋەتتىكى peshpayiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

6- قەۋەتتىكى datmanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

داننى جۇڭگۇدا يەپ ئامرىكىغا كاكىلاپ بىرىدىكەندە بۇلار



قانداق گەپ بۇ . ما مۇنبەردە سەت گەپ قىلماڭلار باللا ھە ؟



تاغا مۇشۇمۇ سەتگەپكە كىرەمدۇ


ئەگەر كىرىدۇ دىسىلە سىلىدىن ئاشۇ پارىخورلاردىن چىن كۆڭلۇمدىن كەچۇرۇم سورايمەن

paranghumar يوللانغان ۋاقتى 2012-9-25 16:32:30

كاللىسى بايلارنىڭ بەك ئىشلەيدۇ! قانۇنىي ئاساسىي يوق بايلىقنىڭ قايسىڭلارغا لازىمى با؟

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2012-9-25 19:06:35

بىزنىڭ ناھيىدىكى بايلارمۇ باللىرىنى شەھەردىكى ئورتا مەكتەپلەردە ئوقۇتۇپ داشۇگە ئوتكۇزىمىز دەپ شەھەردىن بىنا ئوي ئىلىپ كۆچۇپ كەتتى ،،، \"\"

peshpayi يوللانغان ۋاقتى 2012-9-29 11:23:57

13- قەۋەتتىكى datmanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

12- قەۋەتتىكى peshpayiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

6- قەۋەتتىكى datmanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

داننى جۇڭگۇدا يەپ ئامرىكىغا كاكىلاپ بىرىدىكەندە بۇلار



قانداق گەپ بۇ . ما مۇنبەردە سەت گەپ قىلماڭلار باللا ھە ؟



تاغا مۇشۇمۇ سەتگەپكە كىرەمدۇ


ئەگەر كىرىدۇ دىسىلە سىلىدىن ئاشۇ پارىخورلاردىن چىن كۆڭلۇمدىن كەچۇرۇم سورايمەن






مەن ماۋۇ گەپتىكى «كاكا»دىگەن گەپنى دەۋاتىمەن ئۇكام .باشقا يۇرتتا قانداقكىن ما خوتەندە سەت گەپ ئۇ !

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-9-29 14:06:17

\"\"

تۇخۇم تۇغۇپ بېرىدۇ دىگەنلا گەپقۇ شۇ

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2012-9-29 17:26:32

چەتكە كۈچىمەن دەيدىغانلارنىڭ پۇلىنى مۇسادىرە قىلىپ، كىراغا چۇشلۇق پۇل بەرسە، كەمبەغەللەر ئازلىسا...

datman يوللانغان ۋاقتى 2012-9-30 00:37:13

16- قەۋەتتىكى peshpayiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

13- قەۋەتتىكى datmanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

12- قەۋەتتىكى peshpayiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

6- قەۋەتتىكى datmanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

داننى جۇڭگۇدا يەپ ئامرىكىغا كاكىلاپ بىرىدىكەندە بۇلار



قانداق گەپ بۇ . ما مۇنبەردە سەت گەپ قىلماڭلار باللا ھە ؟



تاغا مۇشۇمۇ سەتگەپكە كىرەمدۇ


ئەگەر كىرىدۇ دىسىلە سىلىدىن ئاشۇ پارىخورلاردىن چىن كۆڭلۇمدىن كەچۇرۇم سورايمەن






مەن ماۋۇ گەپتىكى «كاكا»دىگەن گەپنى دەۋاتىمەن ئۇكام .باشقا يۇرتتا قانداقكىن ما خوتەندە سەت گەپ ئۇ !



بىزنىڭ ماۋۇ يەكەن دىيارىدا  


توخۇ تۇخۇم تۇغدى دىمەيمىز


توخۇ كاكىلاپ بەردى دەيمىز   


شۇڭا ئۇقۇشماسلىق بولغان ئوخشايدۇ


سىلەرنىڭ يۇرتتا نىمەدەيدۇ  توخۇ تۇخۇم تۇغىدى دەمدا

بەت: [1] 2
: 44% جۇڭگولۇق باي چەتئەلگە كۆچۈپ كېتىشكە تەييارلانغان