hellouyghur يوللانغان ۋاقتى 2012-8-12 16:52:57

ئۇيغۇرتىلىدىكى ئىلمىيلىكى ئەڭ يۇقىرى ژۇرنال قايسى؟

سالام ئەل-ئاغىنە،دوست-ياران توداشلار.


چەتئەل تىلىدا،خەنزۇ تىلىدا ئىلمى ئەسەرلەرنى ئىلان قىلىدىغان ژۇرناللارنى تەسر ئامىلى بويىچە باھالاپ ،تۇرلۇك پىرىنسپ ئۆلچەملەر بىلەن ئۆلچەيدىكەن،مۇشۇ ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنىۋاتقان بارلىق نەشر-ئەپكار ،گېزىت-ژۇرناللار ئىچىدە ئەڭ ئىلمىي بولغان،يەنە مەلۇم كەسپ ياكى تۈرنى ئاساس قىلىپ مەخسۇس مۇتەخەسسلەر گۇرۇپپىسنىڭ تەستىقىلىشى بىلەن چىقىرىلىدىغان كەسپى ئىلمى ژۇرناللاردىن قايسىلار بار؟



ئۇيغۇر تىلىدا بەزى ژۇرناللار ئەدەبى ژۇرناللار دۇر،مەسلەن تارىم،تەڭرىتاغ..بۇلار ئىلمى ژۇرنال ئەمەس.


بەزىلىرى تەرجىمە ژۇرناللار:مەسلەن،ئەدەبى تەرجىمىلەر،تەرمىلەر ....


بەزىلىرى پارتىيەنىڭ سياسى تەشۋىقاتىدۇ،مەسىلەن؛پارتىيە ياچىيكىسى،ئېىقىم مەسللىرى،باج ئشلىرى،ھۆكۈمەت ئاخباراتى..


بەزىلىرى ئۇنىۋرسال دازاخۇي ژۇرنال:مەسلەن:شنجاڭ مەدەنىيتى (بەزىلەر جۆيلۇپ شنجاڭ مەينىتى دەۋاپتۇ دىققەت قىلىڭلار)،مىراس.


بەزىلىرى بىر ئاز ئىلمىيلىكى بار ژۇرناللار :مەسلەن:شنجاڭ ئۇنىۋىرستىتى،پىداگوگىكا ئۇنىۋرسىتىتى ،سەنئەت ئىنۇستىتۇتى ،تېببى ئۇنىۋرسىتى ئىلمى ژۇرناللىرى،مۇنبەر ژۇرنىلى،ئىجتىمائى پەنلەر تەتقىقاتى...شنجاڭ سەنئىتى دىگەندەك.



مۇشۇلار ئارىسدا ئىلمى كۇچى ئەڭ يۇقىرى بولغان ژۇرنال زادى قايسىدۇ؟

tursunn يوللانغان ۋاقتى 2012-8-12 17:28:25

تىببىي ئۇنىۋېرىستېتىنىڭمۇ ئۇيغۇرچە ئىلمىي ژۇرنىلى بارمۇ؟

مېنىڭچە ئەگەر خەلقئارالىق ئۆلچەم بويىچە ئۆلچىگەندە ئۇيغۇرچە ئىلمىي ژۇرناللارنىڭ بېرىمۇ ئىلمىيلىك قاتارىدىن ئورۇن ئالالمايدۇ.(ژۇرنالغا بېسىلغان ماقالىلەرلا ئەمەس، ژۇرنالنىڭ ئىستىلى، سۈپىتى يەنى ئىملا، پايدىلانمىلارنى قانداق يېزىش قاتارلىقلارنىمۇ نەزەرگە ئالغاندا)

ئەمما، ئىلمىيلىكى، ئىجادچانلىق دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى ماقالىلەر «شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر تەتقىقاتى»نىڭ ۋە «شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستىتى»نىڭ ئىلمىي ژۇرنىلىدا  بىر قەدەر كۆپ دەپ قارايمەن.

Batush يوللانغان ۋاقتى 2012-8-12 17:38:09

تەبئىي پەن ۋە ئىجتىمائى پەنلەرگە ئائىت ژورناللار بولسا بىلىۋالساق بوپتىكەن .

zohragul يوللانغان ۋاقتى 2012-8-12 17:40:38

پشقەدەم ژۇرنالست ئاكىمىز ئسلامجان شىرىپ سابىق باش مۇھەرىرلىك ۋەزىپىسنى ئۆتىگەن ‹‹مۇنبەر››ژۇرنىلىنىڭ ئىلمىيلىكى خىلى يۇقىرى.بولۇپمۇ ئۇنىڭدا ئابدۇرەشد جەلىل قارلۇققا ئوخشاش ھەقىقى ساپالىق جەميەتشۇناس دوكتۇرنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيتى ھەققىدىكى غەيۋەت ئارىلاشمىغان ،ئەڭ ئىلمى بولغان 3-4 پارچە قاتىل ماقالىسنى باسقان.ئادەتتىكى ژۇرناللار بۇنداق ئىلمى سالماقتىكى ماقالىنى كۆتۇرەلمەيدۇ.

shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2012-8-12 17:43:55

«تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى بىر قەدەر ئىلمىي ژۇرنال ھېسابلىنىدۇ. ئانا تىلىمىزنىڭ ئاجايىپ قەدرىنى قىلىدۇ. ئىملا خاتالىقىنى تاپقۇچىلارغا بىر ھەرپ بىر يۈەندىن مۇكاپاتلىنىدۇ.  باشقا ژۇرناللار ئاساسەن ئەبجەش...

zohragul يوللانغان ۋاقتى 2012-8-12 17:50:13

توغرا،تىل ۋە تەرجىمە ژۇرنىلىمۇ تىلشۇناسلىق كەسپىدە ئەستايىل ژۇرنال.

nurahun يوللانغان ۋاقتى 2012-8-12 17:59:07

ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىمەيلى، ئۇيغۇر تىلىدىكى ژورناللارنىڭ خېلى كۆپى ياخشى سەۋىيەدە چىقىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ئىجتىمائىي پەن تۈرىگە تەۋە بولغان ژورناللار.

hellouyghur@

مەن بىلگىنىمنى دەپ باقاي، ئۇيغۇر يېزىقىدا چىقىۋاتقان ژورناللار ئىچىدىكى:

ئىجتىمائىي پەن تۈرىگە تەۋە ژورنالدىن ئەڭ نوپۇزلىقى «شىنجاڭ ئۇنىۋېرستىتى ئىلمىي ژورنىلى» نىڭ «غەربىي يۇرت تەتقىقاتى» سەھىپىسى «يادرولۇق ژورنال» تۈرىگە تەۋە. ئۇنىڭدىن قالسا «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژورنىلى «ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيسى» گە قاراشلىق نەشىرى ئەپكار بولۇپ يېقىنقى بىر-قانچە يىلدىن بېرى ياڭزىسىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ.

تەبئىي پەن تۈرىگە تەۋە ژورناللار ئۇيغۇر يېزىقىدىكى چوڭ بىر بوشلۇق ئۇنۋان ئالماقچى بولغانلار ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تەبئىي پەنگە تەۋە ژورناللاردىن ئۇمىد كۈتمىسىمۇ بولىدۇ. ئەمما بىر قەدەر يامان ئەمەسلىرىدىن ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىلمىي ژورناللىرى بار.(تەبئىي پەن قىسمى)

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-8-12 18:26:10

ئۇنۋان ئېلىش ئۈچۈن ماقالە يېزىش كېرەككەن.بىر قىسىم ژۇرناللارغا پۇل ئەۋەتمىسىڭىز ماقالىڭىزنى باسمايدىكەن دەپ ئاڭلىغانتىم.

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2012-8-12 18:41:08

ھازىر جورناللارنىڭ بىر بىرىدىن پەرقى يوق.

tursunn يوللانغان ۋاقتى 2012-8-12 18:47:46

7- قەۋەتتىكى kuyaxoghliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۇنۋان ئېلىش ئۈچۈن ماقالە يېزىش كېرەككەن.بىر قىسىم ژۇرناللارغا پۇل ئەۋەتمىسىڭىز ماقالىڭىزنى باسمايدىكەن دەپ ئاڭلىغانتىم.  



ئاڭلىغىنىڭىز توپ-توغرا. تېخى، يۇقىرىدا مۇبارەك نامى تىلغا ئېلىنغان بىر ژۇرنالدا ماقالە باستۇرماقچى بولسىڭىز خېلى جېق پۇل بەرمىسىڭىز بېسىپ بەرمەيدۇ. لېكىن، بىلىشىمچە ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيەسى چىقىرىدىغان «ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلىغا پۇل بەرمىسىمۇ ماقالىسىنى بېسىپ بېرىدۇ. ئاز بولسىمۇ قەلەم ھەققىمۇ بار.


gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-8-12 19:25:45

شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەت ئالىي تېخنىكومى ئىلمىي ژۇرنىلى بۇمۇ ئىلمىي ژۇرناللار ئىچىدە ماقالىنىڭ ئىلمىي قىممىتى ۋە سەۋىيىسى خېلى يۇقىرى ھېسابلىنىدىغان ژۇرناللارنىڭ بىرى

Deqyanus يوللانغان ۋاقتى 2012-8-12 21:26:37

ئىزدىنىش مۇنبىرنى تەۋسىيە قىلىمەن.

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2012-8-12 23:02:59

مەن پۇل بەرسە ماقالە بېسىپ بەرمەيدىغان ئۇيغۇرچە ژۇرنالنىڭ بارلىقىنى ئۇقمايمەن. ئەگەر مۇشۇ بىر نۇقتىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋەتسەك:

بۇلاق (بۇنى ئەدەبىي ژۇرنال دەيدۇ، ئەمما ئىلمىي ماقالىلەر خېلى چىقىدۇ)

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى


شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى


..... قاتارلىقلار كىرەرمىكىن.

otkur1 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-12 23:53:45

مەن ئەڭ ئىلمىي ژۇرنال دەپ «تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى»نى تونۇيمەن.

elbilge يوللانغان ۋاقتى 2012-8-13 01:10:29

مەن ھەممىسىنى كۆرۈپ باققان

شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى ئىلمى يورنىلى ( تەبىئى پەن ۋە ئىجتىمائى پەن ئىككىلا قىسمى بار)

شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى



باشقىلىرىنى تىلغا ئېلىشقىمۇ ئەرزىمەيدۇ

ئەڭ ئەخلەتلىرىنىمۇ تىزىپ باقمامدۇق بالىلار

مەن بىرىنچىسىنى تىزاي ئەمىسە

خوتەن مائارىپى

birhon يوللانغان ۋاقتى 2012-8-13 01:50:05

ئەخلەتلىرىنى تىزامدۇق؟

سىڭكاڭ ياشلىرى

function يوللانغان ۋاقتى 2012-8-13 08:23:22

قۇرغاق رايۇنلار جۇغراپىيىسى

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2012-8-13 10:26:20

قۇرغاق رايۇنلار تەتقىقاتى

قۇرغاق رايۇنلار جۇغراپىيىسى

  بۇ ئىككى ژورنال ئۇيغۇرتىلىدىكى ئېكولوگىيە،جۇغراپىيە،بىئولوگىيە،گېئولوگىيە،سۇ رايى ،ھاۋا رايى،يېزا ئىگىلىك ،ئورمانچىلىق،ساياھەتچىلىك،شەھەر قۇرلۇش پىلانلاش قاتارلىق ساھەلەردىن ماقالە قۇبۇل قىلىدۇ ھەم بۇ  مەخسۇس مۇتەخەسسلەر گۇرۇپپىسنىڭ تەستىقىلىشى بىلەن چىقىرىلىدىغان كەسپى ئىلمى ژۇرناللاردىن ئىبارەت.

      تەپسىلاتىنى بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ

http://www.egi.cas.cn/xscbw/wwghq/

yamhur يوللانغان ۋاقتى 2012-8-13 14:42:38

شىنجاڭ پۇل-مۇئامىلە ژۇرنىلى بىلەن كومپىيوتۇر ۋە تۇرمۇش ژۇرنىلغا مۇشتىرى بوپ قويغانتىم ،قالغانلىرنى ئانچە بىلمەيدىكەنمەن ،ياخشىراق ئۇيغۇرچە ژۇرنال تەۋسىيە قىلۋەتسەڭلار بەك رەخمەت دىۋىتەتتىم... \"\"

esir يوللانغان ۋاقتى 2012-8-13 14:43:40

ۋاي- ۋۇي... قەشقەر گېزىتىنى باسقان قەغەز بىلەن باسما مېيىغا ئىچىم ئاغرىپ كېچىسىمۇ تۈزۈك ئۇخلىيالمايمەن... پوچتا خادىمىغۇ ئىشقىلىپ مائاش ئۈچۈن ماڭىدۇ دەيلى..
بەت: [1] 2
: ئۇيغۇرتىلىدىكى ئىلمىيلىكى ئەڭ يۇقىرى ژۇرنال قايسى؟