bughra68 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-12 11:16:47

ھەقىقى تارىخ

ھەسەن بارات

مەن 1913 – يىلى قۇمۇل شەھىرىنىڭ شەھەر ئىچى يېزا ساڭخې مەھەللىسىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلدۇم . ئۆسمۈرلۈك چېغىمدا شەھەر ئىچىدىكى ماسى قارىدا دىنىي تەلىم ئالدىم . بىز ئۈچ ئوغۇل بولۇپ ، مەن ئوغۇللارنىڭ ئەڭ كىچىكى ئىدىم .

     1931- يىلى ئەتىياز قۇمۇل خەلقىنىڭ جىنشۇرنغا قارشى دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلىدى . ئىنقىلاپ كۈنسايىن ئۇلغىيىپ ، ئاخىرىدا پۈتۈن شىنجاڭنى ئۇرۇش ئوتى قاپلاپ كەتتى . 1933- يىلى 3 – ئايدا خوجانىياز ھاجى تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ رەھبىرى مەخسۇت مۇھىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن قۇمۇل پىدائىلىرىنى باشلاپ تۇرپانغا ماڭغاندا 2 – ئاكام ئېلاخۇنمۇ قوشۇن بىلەن تۇرپانغا بارغان . قوشۇن پىچاننىڭ لۈكچۈن ۋاڭى سېپىلى ئىچىگە كىرگەندە قورشاۋدا قالغان ، ئۇلار قورشاۋنى بۆسۈپ چىقىۋاتقاندا ئاكام ئېلاخۇنغا ئوق تېگىپ شېھىت بولۇپ كەتكەن ، چوڭ ئاكام نىياز سوپىنى يولۋاس تۇرپانغا ماڭغاندا ئۆزىگە كاتىپ قىلىپ ئېلىپ كەتكەن . 1933 – يىلى 5 – ئايدا ماجوڭيىڭ 2 – قېتىم شىنجاڭغا كىرىپ قۇمۇلدىن ئەسكەر ئالغاندا مەنمۇ مەجبۇرى ئەسكەرلىككە تۇتۇلۇپ ، گۇچۇڭ ئۇرۇشىغا قاتناشتىم . ئۇرۇشتا ماجوڭيىڭنىڭ ئىنىسى ماجوڭجىنىڭ سېپىلغا يامىشىپ چىقىۋاتقاندا ئوق تېگىپ يىقىلىپ چۈشكەنلىگىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەندىم . گۇچۇڭ ئۇرۇشى  بەك شىددەتلىك بولدى . سېپىل تۈۋىگە ئۆلۈكلەر دۆۋىلىنىپ كەتتى . ماجوڭيىڭ ئاخىرى گۇچۇڭ شەھرىنى ئالدى . شەھەر ئىچىدىكى سۇلار قىپقىزىل قان بولۇپ ئاقتى . گۇچۇڭ ئۇرۇشىدىن كېيىن مەن يولۋاسنىڭ يېنىدا كاتىپلىق قىلىۋاتقان ئاكام نىياز سوپىنى تاپتىم . كېيىن يولۋاز تۇرپانغا چېكىنگەندە مەنمۇ ئاكام بىلەن تۇرپانغا باردىم . ماجوڭيىڭ يولۋاسنى شەھەر مۇداپىئە قوماندانى قىلىپ تەيىنلىدى . 1934 – يىلى يازدا ماجوڭيىڭ شېڭشىسەي ۋە سوۋېت ئارمىيىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ جەنۇبى شىنجاڭغا چېكىنگەندىن كېيىن ، يولۋاسمۇ ئۆزىگە قاراشلىق قىسىملارنى ئېلىپ قۇمۇلغا قايتقاندا مەنمۇ ئاكام بىلەن بىرلىكتە قايتتىم .

     1934- يىلى يولۋاس قۇمۇلغا كېلىپ گارنىزون قوماندانى بولۇپ ، قۇمۇلنىڭ بەششەھەر ، ئونئىككى تاغدىن ئەسكەر قوبۇل قىلدى . يولۋاسنىڭ « بىر ئائىلىدە ئىككى ئوغۇل بولسا بىرى چوقۇم ئەسكەر بولۇش كېرەك » دىگەن بۇيرۇقى بويىچە مەن يولۋاسقا ئەسكەر بولدۇم ، ئاكام ئاتا ئانامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن ئۆيگە قايتتى .

      يولۋاس تۇرپاندىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن كونا ئەسكەرلەر بىلەن يېڭى ئېلىنغان ئەسكەرلەرنى بىر پولك قىلىپ تەشكىللەپ ، ئۇنىڭغا دۆۋەجىن يۇقۇرى مەھەللىلىك تۆمۈرنىيازنى تۈەنجاڭ ، راھەتباغ چوڭتۇرلۇق توختىئەمەتنى مۇئاۋىن تۈەنجاڭ قىلىپ تەيىنلىدى . تۈەن قارىمىغىدا ئۈچ ليەن بولۇپ ، 1 -  ليەن ئاتلىق ليەن ئىدى ، ئۇنىڭ ليەنجاڭى قورايلىق قادىر تۆلەن ،  2 -  ليەننىڭ ليەنجاڭى ئارائاقيەرلىك  ئىسمايىل،  3 -  ليەننىڭ ليەنجاڭى شەھەر ئىچى سۇقوۋۇقلۇق ئىسمايىل تورپاق ئىدى  . ئۈچ ليەندە 300 دىن ئارتۇق ئەسكەر بولۇپ ھەممىسى ئۇيغۇر ئىدى . ھەر بىر ليەندە ئۈچتىن پەي بار ئىدى . مەن 1 – ئاتلىق ليەندە ئىدىم . بۇ ليەندىكى    1 -  پەينىڭ پەيجاڭى قورايلىق ئابدۇراخمان ،  2  -  پەينىڭ پەيجاڭى چوڭتۇرلۇق سوپى ، 3 -  پەينىڭ پەيجاڭى قاراتاللىق سايىم ئىدى . مەن 1 – بەننىڭ بەنجاڭى ئىدىم . مۇئاۋىن بەنجاڭ پالۋانتۇرلۇق سالى قارىم ئاخۇنۇم ئىدى . بىزگە راھەتباغ شۇمشۇقلۇق خەنزۇچە بىلىدىغان قاسىم ھەربى تەلىم بېرەتتى . ئەسكەرلەر بۇ كىشىنى قاسىم جاۋليەن دەپ ئاتايتتى .

     1937- يىلى 4 – ئاينىڭ 15 – كۈنى شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتدە ئۆزگىرىش بولدى . بىزنىڭ تۆمۈرنىياز تۈەنجاڭ كانۋىيى ئىسھاق ئاخۇن ۋە ھەربى لاۋازىمەت  مۇدىرى لىشىزەي ( خۇيزۇ ، ئىلگىرى ماجوڭيىڭغا ئەسكەر بولغان ) يولۋاسنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئارايۇلتۇزغا بارغاندا ، تۆمۈرنىياز تۈەنجاڭ  بىلەن لىشىزەي قەستكە ئۇچرايدۇ . بەختكە يارىشا دۆۋەجىن غولئېرقلىق ئىساقئاخۇن ئامان قالىدۇ . بۇ ۋەقەدىن كېيىن يولۋاس مۇھاپىزەتچىلىرىدىن راھەتباغ دۆشتۇرلۇق ئىبراھىم فۇگۈەن ، قورايلىق غەلمەت فۇگۈەن ، راھەتباغ دۆشتۇرلۇق ھەمدۇل فۇگۈەنلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا خوتۇن بالىلىرىنى ئېلىپ راھەتباغ تۆۋەنتۇرلۇق ھادى پالۋاننىڭ يول باشلىشى بىلەن مۇئاۋىن تۈەنجاڭ توختىئەمەتنىڭ باشچىلىقىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ ھىمايىسىدە قۇمۇلدىن ماشىنا بلەن يولغا چىقىپ خوتۇنتام ئارقىلىق يالغۇز تۇيۇمغا بارغاندا ھاشىم ھاجىلار ئالدىمىزنى توستى . ھاشىم ھاجى ئەسلىدە سوۋېت ھۆكۈمۈتى 1935 – يىل  5 – ئايدا شېڭسىسەيگە ياردەمگە ئەۋەتكەن ئۈچ ھاجى ( سىيىت ھاجى ، ئابدىقادىر ھاجى ، ھاشىم ھاجى ) نىڭ بىرى بولۇپ ، قۇمۇل ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىق بولغان . بىز ھاشىم ھاجىلار بىلەن بىر قەپەس ئۇرۇشتۇق ھادى پالۋان ئۆزىنىڭ ئۇستا مەرگەنلىك ھۈنىرىنى ئىشقا سېلىپ ھاشىم ھاجىنىڭ نۇرغۇن ئادىمىنى قىرىۋەتتى . ئەگەر ھادى پالۋان بولمىغان بولسا ھاشىم ھاجى بىزنى تۇتۇپ كەتكەن بولاتتى . بىز قامالنى بۆسۈپ چىقىپ تاشۋېلىققا بېرىپ ئاندىن يەنە خوتۇنتامغا قايتىپ كەلدۇق . پۈتكۈل يوللارنى شېڭ شىسەينىڭ ئەسكەرلىرى قامال قىلىۋالغانىدى . يولۋاس مۇئاۋىن تۇەنجاڭ توختامەتكە : « سىلەر بىر قىسىم ئەسكەرنى ئېلىپ قۇمۇلغا قايتىپ بېرىپ قوراللىرىڭلارنى تاپشۇرۇپ بېرىڭلار ، سىلەرگە ھىچ ئىش بولمايدۇ » دەپ ئۇلارنى قايتۇرۇۋەتتى . بىز يەنە بىر قىسىم ئەسكەرلەرنىڭ ھىمايىسىدە خوتۇنتامدىن قىر چوماق غولغا بېرىپ ، ئادەم ۋە ئۇلاغلارنى خىللاپ باغداشقا بارغاندا يولۋاس ئۆزىنىڭ ئۈچ فۇگۇەندىن باشقا ھادى پالۋان ، ئەسكەرلەردىن ئويۇپ فۇگۇەن ( قورايلىق ) ، ئابدۇللاخۇن ( شەرىچىلىك ) ، قاسىم ( قەشقەرلىك ) ، بەرەم ( ئاراتۈرك تۈركۆللۈك )، ئەمەت ( روزى دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، قازاق ، شارلار تېغىدىن ) ، غوجامنىياز ( قارا تاللىق ، يولۋاسنىڭ كۈتكۈچىسى ) ، لەپۇڭقارى ( ئەسلى ئىسمى ئېنىق ئەمەس ، قارا تاللىق نەجمىدىن دېھقاننىڭ ئوغلى ) ۋە مەن قاتارلىق ئەسكەرلەرنى تاللىۋېلىپ قالغان ئەسكەرلەرنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۇۋەتتى . ئۇلارغا « سىلەرمۇ كېتىڭلار ، قوراللىرىڭلارنى تاپشۇرۇپ بېرىڭلار ، سىلەرگە ھىچ ئىش يوق ، مېنى سورىسا ‹ كەتتى › دەڭلار » دەپ ئۇلارنىمۇ قايتۇرۇۋەتتى . يولۋاس ھەر بىرىمىزگە ئىككىدىن ئات بەردى ، باغداشنىڭ بوجاڭى يول بىلىدىغان بىر بوۋاينى تېپىپ كەلدى . بۇ بوۋاي بىزنى ئاراتام بىلەن قاراقاپچىن ئارىلىقىدىكى ئەجىگىي غول دەپ ئاتىلىدىغان غول بىلەن باشلاپ ماڭدى . بىر داۋاندىن ئېشىپ تۈزلەڭلىككە چۈشسەك ، شەرقىي جەنۇپ تەرىپىمىزدە ئايرودروم ، شەرقىي شىمال تەرىپىمىزدە ئاراتام ، غەربىي جەنۇبى تەرىپىمىزدە قۇمۇل ،  غەربىي شىمال تەرىپىمىزدە قاراقاپچىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ . بوۋاي بىزنى ئاراتامنىڭ ئاستى ، ئايرودرومنىڭ ئۇدۇل ئۈستىدىكى ئېقىنغا ئېلىپ چۈشۈپ « ئەمدى مەن سىلەرنى تونۇمايمەن ، سىلەرمۇ مېنى كۆرمىگەن بولۇڭلار » دەپ كېتىپ قالدى . بىز ئېقىننى بويلاپ جەنۇپقا كېتىۋىتىپ ، قۇمۇلدىن خوتۇنتام ۋە ئاراتامغا چىقىپ كېتىۋاتقان شېڭ شىسەينىڭ ماشىنىلىق ئەسكەرلىرىنى كۆردۇق . ئۇلار « داداۋ ياۋزىي ( ئوغرى يولۋاسنى يوقىتايلى ) » دەپ شۇئار توۋلىغان پېتى ئۆتۈپ كەتتى . بىز ماشىنىلارنى كۆرگەن ھامان ئاتلاردىن چۈشۈپ مۆكۈنىۋالاتتۇق . ماشىنىلار ئۆتۈپ كەتسە يەنە ماڭاتتۇق . تاڭ يورۇشقا يېقىن ساۋۇلاقتىكى يارى دورغىنىڭ كارىزىغا كەلدۇق . بۇ يەردىكى ئادەملەر بىزگە نەچچە تونۇر نان يېقىپ قويغان ئىكەن . نانلارنى خۇرجۇنلارغا قاچىلاپ يەنە داۋاملىق چۆل – جەزىرىلەرنى كېزىپ مېڭىپ ، ئەتىسى كۈن ئۆرلىگەن چاغدا جىگدە بۇلاققا يېتىپ كەلدۇق . بۇيەردە بىر قورۇل بار بولۇپ ، يولۋاسقا قاراشلىق قورۇل ئىدى . يولۋاس قورۇلدىكىلەرگە « ئەمدى سىلەرمۇ كېتىڭلار ، قۇمۇلنىڭ ئىشى تۈگىدى » دەپ ئۇلارنىمۇ قايتۇرۇۋەتتى . ھادى پالۋان « يەنە ئازراق ماڭساق قاشقا بارىمىز ، ئۇ يەردە توغراقلىق ۋە بۇلاق بار . توغراقلىققا كىرىۋالساق بىزنى ھېچكىم كۆرەلمەيدۇ ، ئۇلاغلارنى دەم ئالدۇرۇپ داۋاملىق ماڭساق ئەپىيۇن توشۇيدىغان خېچىر يولى بىلەن دۇنخۇاڭغا كىرىپ كېتىمىز » دېدى .

     بىز توغراقلىققا كىرىپ ، بىر تۈپ توغراقنىڭ تۈۋىگە چۈشۈپ ئاتلارنى سۇغارغىلى بۇلاققا بارساق غەرب تەرەپتىن پالاق – پۇلۇق ئاۋاز ئاڭلاندى .بىز دۆڭدىن ئارتىلىپ چۈشسەك ، ئىبراھىم فۇگۇەن ، غەلمەت فۇگۇەن ۋە لەپۇڭقارى قاتارلىق تۆت ئادەم بىزدىن ئىلگىرى ئاتلىرىنى سۇغارغىلى بۇلاققا بېرىپ ، ئەتراپتا ئادەم يوقلۇقىدىن پايدىلىنىپ ، لەپۇڭقارىدىن باشقا ئۈچەيلەن قۇمۇلغا قاراپ قاچقان ئىكەن . يولۋاسنىڭ چوڭ ئوغلى نىياز بەگ پىلىموتتىن ئۇلارغا ئوت ئاچتى . ھادى پالۋان « ئاتمىسىلا، ئۇلار كەتسە كېتىۋەرسۇن ، بىز يولىمىزغا مېڭىۋېرەيلى » دەپ توسۇپ قالدى . لەپۇڭقارى قاچماي قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ ، لېكىن يولۋاس ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىپ ، مايكا ، كالتا ئىشتانلىرىدىن باشقا كىيىملىرىنى سالدۇرۇۋېلىپ ، ئاچچىقسۇغا بارغاندا ئاندىن ئۇنى قايتۇرۇۋەتتى . كېيىن ئاڭلىساق ئۇ يولدا ئوت – چۆپلەرنى يەپ يەتتە كۈن دېگەندە قاراتالغا يېتىپ بېرىپتۇ .

     ھادى پالۋان « ئەمدى تېز ماڭمىساق بولمايدۇ ، بىزنى قوغلاپ بوغاز ، قاراتال ۋە ئارايۇلتۇز تەرەپتىن ئەسكەر كېلىپ قېلىشى مۇمكىن ، ئۇھالدا قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىمىز » دەپ مېڭىشقا ئالدىراتتى . شۇنىڭ بىلەن يەنە داۋاملىق ئىلگىرىلەپ قۇم بارخانلىرىدىن ئېشىپ ئاچچىقسۇغا يېتىپ باردۇق . ھادى پالۋان « مۇشۇ يەردە بىر ئويمانلىق بار ، ئاتلارنى سۇغىرىپ ئازراق دەم ئېلىپ ، ئالدىمىزدىكى قىردىن ئاشساق قۇمتاغقا يېتىپ بارىمىز ، ئۇيەردە ھەممە نەرسە بار » دېدى . بىز قۇمتاغنىڭ يېرىمىغا بارغاندا بىر ئايروپىلان پەس ئۇچۇپ كەلدى . بىز ئايروپىلان كەلسە ئاتتىن چۈشۈپ يېتىۋېلىپ ، ئۆتۈپ كەتسە يەنە داۋاملىق ئىلگىرىلىدۇق . لېكىن ئىككى كۈن بولغاندا ھېلىقى ئايروپىلان زادى ماڭغىلى قويمىدى . شۇنىڭ بىلەن كېچىسى يول مېڭىپ ، كۈندۈزى توغراقلىققا يوشۇرۇنۇپ يۈرۈپ ئاران دېگەندە مۇمتاغقا يېتىپ كەلدۇق . بۇ يەر تەكلىماكاننىڭ بىر چېتى بولۇپ ، ياۋا تۆگە ، قۇلان قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار ناھايىتى كۆپ ئىكەن . ئىلگىرى ھادى پالۋان بۇ يەرلەرگە كېلىپ ئوۋچىلىق قىلغانىكەن .

     قۇمتاغقا كىرگەندىن كېيىن ئايروپىلاننىڭ پاراكەندىچىلىكىدىن پۈتۈنلەي قۇتۇلدۇق . لېكىن يەپ – ئىچىدىغىنىمىز تۈگەپ كېتىپ ناھايىتى قىيىن ئەھۋالدا قالدۇق . بۇ يەرگە پىششىق ھادى پالۋان يەنە « مۇشۇ تاغدىن ئاشساق يۇلغۇنلۇق شېغىرتما بار ، شۇ يەردە سۇ بار » دەپ شۇ يەرگە باشلاپ باردى . ئاتلارنىڭ پۇتى يەرگە پېتىپ قالدى ، لېكىن سۇ يوق ئىدى . ھادى پالۋان شېغىرتمىنى كولىۋىدى شۇ زامانلا سۇ چىقتى . ئۇ يەردىن چىىپ بىر چولاق سوقما بار ، سۇمۇ بار بىر يەرگە بارغاندا ھادى پالۋان يولۋاسنىڭ 2- ئوغلى ياقۇپ بەگ ۋە ئويۇپ فۇگۇەن ( يولۋاس بۇ كىشىنى ئىبراھىم فۇگۇەن قاتارلىق ئۈچ كىشى قېچىپ كەتكەندىن كېيىن ئۆزىگە فۇگۇەن قىلىۋالغان ) لەرنى ئېلىپ ئوۋ قىلغىلى كېتىپ بىردەمدىلا بىر قۇلاننى ئېتىپ ئاتقا ئارتىپ كەلدى . قازىنىمىز بولمىغاچقا قۇرۇق توغراققا ئوت قويۇپ قۇلان گۆشىنى كاۋاپ قىلىپ يىدۇق . قالغاق گۆشنى خۇرجۇنغا سېلىپ يەنە داۋاملىق يول يۈردۇق . ئىككى كۈن ئىچىدە ئاسماندىكى ئۇچار قۇشتىن باشقا ھېچقانداق جانلىق ئۇچرىمىدى . 2- كۈنى كەچتە يەنە بىر قۇم تاغقا يېتىپ باردۇق ، قۇمتاغ سېرىلىپ تۇرىدىكەن . بەك چارچاپ كەتكەنلىكىمىزدىن ئۆزىمىزنى ئېتىپ ئۇيقۇغا كەتتۇق . يېرىم كېچە بولغاندا قۇلىقىمغا ئەزەن ئاۋازى ، توخۇلارنىڭ چىللىغان ، ئىتلارنىڭ ھاۋشىغان ئاۋازى ۋە ناغرا – سۇنايلارنىڭ ئاۋازلىرى ئاڭلاندى . مەن ھادى پالۋاندىن « ھادى ئاكا بۇ نېمە ئىش » دەپ سورىسام ئۇ كىشى « بۇ يەر بىر زامانلاردا تىلسىم قىلىۋېتىلگەن يەر ئىكەن ، بۇ ئاۋازلار شۇ يەردىن كېلىۋاتىدۇ » دەپ جاۋاپ بەردى . بۇ يەردىن داۋاملىق جەنۇبقا ئىلگىرىلەپ قەدىمكى زامانلاردا قۇمۇل ، قارا دۆۋە ، لاپچۇق قاتارلىق يۇرتلارنىڭ سۈيى ئېقىپ بارىدىغان بىر غارغا باردۇق . غاردا تۇرنا، غاز قاتارلىق تۈرلۈك – تۈمەن قۇشلار بار ئىكەن . بۇ يەردىنمۇ ئۆتۈپ ئوچۇق تۈزلەڭلىككە چىقىپ قۇمتاغنى بويلاپ ماڭدۇق . ئۇسساپ ھېچ ھالىمىز قالمىغاندا قۇلان گۆشىنى ئاغزىمىزغا سېلىپ ئۇسسۇزلۇقنى باستۇق . ئىككى كۈندىن كېيىن بەيخۇلۇ دېگەن قۇمۇشلۇققا يېتىپ باردۇق . بۇ يەر دۇنخۇاڭنىڭ چېگرىسى بولۇپ ، سۇ جەنۇبتىن شىمالغا ئاقىدىكەن . ھادى پالۋان « ئالدىمىزدا بىر غول بار ، غولدىن ئۆتسەك قومۇشلۇق بار ، ئۇ يەردە تېرىقچىلىق قىلىدىغان پۇقرالار بار » دېدى . ھەقىقەتەن غولدىن ئۆتۈپلا بىر توپ تۆگىنى كۆردۇق . تۆگە باققۇچىدىن « بۇ كىمنىڭ تۆگىلىرى » دەپ سورىۋىدۇق « دىخوتاڭ ( بىر باي خۇيزۇ كارۋان بېشىنىڭ ئىسمى ) نىڭ تۆگىلىرى ، بىز شىنجاڭغا چاي ئېلىپ ماڭدۇق » دەپ جاۋاپ بەردى . باشلىقىنى سورىساق شىمال تەرەپنى شەرەت قىلىۋىدى ، ئۇ يەرگە بارساق نۇرغۇن چاينى دۆۋىلىۋېتىپتۇ . يولۋاس دىخوتاڭ بىلەن كۆرۈشۈپ « سىلەر شىنجاڭغا چىقماڭلار ، چىقساڭلار شېڭ شىسەي بارلىق نەرسە – كېرەكلىرىڭلارنى تارتىۋالىدۇ » دېدى . بىز ئۇلارنىڭ يېنىدا بىر كۈن تۇردۇق . بىز تېرىلغۇ يەرلەرنى بويلاپ داۋاملىق مېڭىپ بىر جاڭزىغا بارساق ئادەم يوق ئىكەن ، يەنە ئىلگىرىلەپ قويۇق تاللىق جايغا كېلىپ چۈشتۇق . ھادى پالۋان بىر دانە يامبونى ئېلىپ ئادەم بار تەرەپكە كېتىپ بىر ھازادىن كېيىن يۇرتنىڭ شاڭيوسى باشلىق 20-30 ئادەمنى باشلاپ كەلدى . يولۋاس شاڭيو بىلەن كۆرۈشۈپ بۇ يەرگە كېلىش سەۋەبىنى ئېيتتى . شاڭيو ئەھۋالنى ئۇقۇپ ، ھورنان ، پۇرچاق ، مېۋە – چىۋە قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ئەكىلىپ بەردى ۋە بىر نەچچە قوينى سويۇپ يەڭلار دەپ تاشلاپ كەتتى . ھاردۇقىمىز چىققاندىن كېيىن ھادى پالۋان يولۋاسقا دۇنخۇاڭغا بېرىپ يۇرت چوڭلىرىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىش مەسلىھەتىنى بېرىۋىدى ، يولۋاس قوشۇلۇپ ، بۇ ئىشقا ھادى پالۋاننىڭ ئۆزىنى ئەۋەتتى . ھادى پالۋان 20 كۈندىن كېيىن بىر تۇەنجاڭنىڭ باشچىلىقىدا 20 خۇيزۇ ئەسكەرنى باشلاپ كەلدى . تۇەنجاڭ ما بۇفاڭنڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى ئىكەن . يولۋاس ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ « ھەر بىرىمىزدە ئۈچتىن قورال ( تاپانچا ، پىلىموت ، مىلتىق ) بار ، بۇلارنى سىلەرگە تاپشۇرۇپ بېرىمىز » دېۋىدى ، ھېلىقى تۇەنجاڭ « بىزگە يۇقۇردىن بۇ ھەقتە بۇيرۇق يوق ، قوراللارنى يەنىلا ئۆزەڭلەر ساقلاڭلار» دەپ ئۇنىمىدى . يولۋاس ئاخىرى « بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزۈم مەسئول ، قوراللارنى بىزگە ساقلاپ بەرسەڭلەرلا بولىدۇ » دەپ ئۇلارنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي قوراللارنى ئۆتكۈزۈۋەتتى . بىز ھېلىقى تۇەنجاڭنىڭ يول باشلىشى بىلەن 20يول ( 10 كىلومېتىر ) مېڭىپ شەھەرگە كىردۇق . يولنىڭ بىر تەرىپىدە ئەسكەرلەر ، يەنە بىر تەرىپىدە ئەمەلدارلار قاتار تىزىلپ بىزنى قارشى ئالدى .

     قومۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىدىن ئىلگىرى دۇنخۇاڭغا بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان پىچانلىق ئايۇپ شاڭيو دۇنخۇاڭدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان 20 نەچچە ئائىلىلىك ئۇيغۇر ۋە خۇيزۇغا شاڭيو ئىكەن . ئەمەلدارلار بىزنى ناھىيىلىك يامۇلغا ، ئەسكەرلەر گارنىزون شىتابىغا ئورۇنلاشتۇرىمىز دېگەن بولسىمۇ لېكىن ئاخىرىدا بىز ئايۇپ شاڭيونىڭ قورۇسىغا چۈشتۇق . شۇ چاغدا دۇنخۇاڭ چىڭخەيگە قارايدىكەن . بىزنىڭ ئەھۋالىمىز چىڭخەيدىكى مابۇفاڭغا تېلېگىرامما ئارقىلىق مەلۇم قىلىنغاندىن كېيىن ما بۇفاڭ « قومۇلدىن كەلگەنلەرنى جيۇچۈەنگە ئېلىپ كېلىڭلار ، مەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا ماشىنا ئەۋەتىمەن » دەپ جاۋاپ قايتۇرۇپتۇ . يولۋاسنىڭ ئىلگىرى ما بۇفاڭ بىلەن خۇسۇسىي سودا ئالاقىسى بار ئىدى . بىزنى غوجى ھاجى ( شائىر ئابدۇكېرىم خوجىنىڭ دادىسى ، قومۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىدا قېچىپ بارغان ئىكەن . كېيىن قومۇلغا قايتىپ چىقىپ ئالەمدىن ئۆتتى ) ، زەيدىن ئاخۇن ( كۇچالىق سودىگەر بولۇپ ، بىز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي جيۇچۈەندە ۋاپات بولۇپ كەتتى )، ھەبەيبىر ئاخۇن ( تۇرپانلىق سودىگەر بولۇپ ، بىز چىڭدۇدىن قايتىپ چىقىۋاتقاندا جيۇچۈەندە ۋاپات بولۇپ كەتتى ) قاتارلىق كىشىلەر بىزنى قوي سويۇپ ، پولۇ ئېتىپ ناھايىتى ياخشى كۈتۈۋالدى . بىز غوجى ھاجىلار بىلەن جيۇچۈەنگە بېرىپ ئۇلارنىڭ دۇڭگۇەن دەپ ئاتىلىدىغان خۇيزۇلار مەھەللىسىدىكى قوروسىغا چۈشتۇق . بىز جيۇچۈەنگە بېرىپ 21 كۈندىن كېيىن ئىككى ماشىنا كەلدى . يولۋاس خوتۇنى بىلەن بىر ماشىنىغا بىز بىر ماشىنىغا چىقىپ گاۋتەيگە باردۇق ئۇ يەردىمۇ بىزنى ياخشى كۈتۈۋالدى . لياڭجۇغا بارغاندا يۇرت چوڭلىرى ئالدىمىزغا چىقىپ كۈتۈۋالدى ، ئۇ يەردىمۇ بىر كېچە قونۇپ ئەتىسى پىڭلىياڭغا بېرىپ بىر كۈن تۇردۇق . ئۇ يەردىن چىقىپ يېرىم كۈندە بىر كۆۋرۈككە يېتىپ كەلدۇق . بۇ كۆۋرۈك ناھايىتى مۇھىم ئورۇنغا جايلاشقان بولۇپ ، كۆۋرۈك بولمىسا ئۇياق – بۇياق مېڭىپ ئۆتۈش مۈمكىن ئەمەس ئىدى . بۇ يەردە خېكو دەپ بىر توساق بار بولۇپ ، ئۆتكەن – كەچكەن ماشىنىلارنى قاتتىق تەكشۈرىدىكەن . يولۋاس ئۇلارغا چىڭخەيدىن كەلگەن تېلېگىراممىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن يەنە ئىشىنەلمەي چىڭخەيگە تېلېفون قىلغاندىن كېيىن « ئۆتكۈزىۋېتىڭلار » دىگەن خەۋەر كەلدى بولغاي ، ئۆتكۈزىۋەتتى . بۇ توساقنىڭ باشلىقىمۇ مابۇفاڭنىڭ بىر تاغىسىنىڭ ئوغلى ئىكەن . بىز يولغا چىقىپ چۈش ۋاقتى بولغاندا بىر تۈزلەڭلىككە يېتىپ كەلدۇق . چىڭخەي ئايدۇرىمىغا كەلگەندە چىڭخەينىڭ مەمۇرى ئەمەلدارلىرى ئالدىمىزغا چىقىپ كۈتۈۋالدى . يولۋاس يىراقتىنلا ماشىنىدىن چۈشۈپ پىيادى ماڭدى . مابۇفاڭمۇ يولۋاسنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى . مابۇفاڭ بىلەن يولۋاس قوللىرىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ كۆپچىلىككە ئېھتىرام بىلدۈردى .

     بىز ھاردۇق تامىقى يەپ بولغاندىن كېيىن مابۇفاڭ ، يولۋاسلار بىلەن بىللە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە باردۇق . مابۇفاڭ شۇ چاغدا گومىنداڭ قىسىملىرىنىڭ چىڭخەيدە تۇرۇشلۇق 82 – كورپۇسىنىڭ كوماندىرى ۋە چىڭخەي ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئىكەن . بىز بارغان كۈنى دەل مابۇفاڭنىڭ ئوغلىنىڭ تويى ئىكەن . تويغا ھەر ساھە ، ھەر مىللەتتىن نۇرغۇن ئادەم كەلگەن ئىكەن . بىزمۇ ئىككى دانە چوكا ئالتۇننى تويغا سوۋغا قىلدۇق ، يولۋاس مابۇفاڭغا ئەھۋالنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن بىزنى ياتاققا ئورۇنلاشتۇردى . ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندە مابۇفاڭ جيياڭ جيېشىغا  لەنجۇغا كېلىش توغرىلىق جاۋاپ كەلدى . يولۋاس ئويۇپ فۇگۈەن بىلەن سوپى فۇگۈەننى ئېلىپ لەنجۇغا كەتتى . ئارىدىن ئۈچ ئاي ئۆتتى ، يولۋاستىن خەۋەر يوق . مابۈۇفاڭ بىزنى جۇجيا خۇايۈەن دىگەن شەخسى بېغىغا ئورۇنلاشتۇردى چىڭخەينىڭ . چىڭخەينىڭ دولىيە دىگەن ناھىيەسىدە ئىلگىرى بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان قازاقلار بار ئىكەن . ئۇلار بىزنىڭ كەلگەنلىكىمىزنى ئاڭلاپ تەيجىلىرى باشلىق 40 تەك ئادەم 20 – 30  قوينى ئېلىپ بىزنى يوقلاپ كەلدى . يولۋاسنىڭ ئوغۇللىرى ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ دادىسىنىڭ نەنجىڭگە كەتكەنلىكىنى ئېيىتتى . تەيجىلەر بىزدىن خەۋەر ئېلىشقا ئالتە ئادىمىنى قالدۇرۇپ يىمەك – ئچمەك ، گۆش ۋە باشقا لازىملىق نەرسە بولسا بىزگە دەڭلار دەپ خوشلىشىپ قايتىپ كەتتى . بىز چىڭخەيدە تۇرۇپ بىر يىل بولغاندا ئاندىن يولۋاستىن خەۋەر كەلدى . 1938 – يىلى جياڭ جيېشى يولۋاسقا گېنىرال لېيتېنات دەرىجىلىك مەسلىھەتچى ( جوڭجياڭ سەنيى ) مەنسىپىنى بېرىپتۇ . يولۋاس خوتۇن بالىلىرى ۋە فۇگۈەنلىرىنىڭ چىڭخەيدە قالغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن ، بىز ھەممىمىزنى نەنجىڭغا يولغا سېلىۋېتىش توغرىلىق مابۇفاڭغا تېلىگىرامما يوللىغانكەن . شۇڭا مابۇفاڭ بىزنى ماشىنا بىلەن يولغا سېلىپ قويدى . لەنجۇغا بېرىپ 20 كۈن تۇرۇپ قالدۇق ، ئۇ يەردىمۇ ئۇيغۇرلار كۆپ ئىكەن ، بىزنى ناھايىتى ياخشى كۈتۈۋالدى . ئۇ يەردىن ئاپتوبۇس بىلەن باۋجىغا باردۇق . شۇ ۋاقىتتا تۆمۈر يول باۋجىغا يېتىپ كەلگەنكەن . ئۈچ كۈندىن كېيىن پويىز بىلەن نەنجىڭغا قاراپ يولغا چىقتۇق . قۇمۇلغا نىسبەتەن بىز تۇنجى قېتىم پويىزغا ئولتۇرغانلار ھىساپلانساق كېرەك .  

     پويىزنىڭ تېزلىكىدە يول بويىدىكى دەرەخلەر يىقىلىپ چۈشۈۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى . بىز شىئەنگە بېرىپ بەش كۈن تۇرۇپ ، بازارلارنى ئايلىنىپ 6 – كۈنى يەنە پويىزغا چۈشۈپ ماڭدۇق . چاڭجياڭ دەرياسىغا كەلگەندە پويىزنى پاراخوت بىلەن ئۆتكۈزدى . چۈنكى شۇ چاغدا چاڭجياڭ دەرياسىغا تېخى كۆۋرۈك سېلىنمىغان ئىكەن . نەنجىڭغا بېرىپ شىنجاڭ ئىش باشقارمىسىغا چۈشتۇق . يولۋاس كېلىپ بىز بىلەن كۆرۈشتى . بىز نەنجىڭگە بېرىپ بىر يىلدىن كېيىن ياپونلار نەنجىڭنى بومباردىمان قىلغىلى تۇردى . بىر كۈنى بىز تۇرغان يەرگە  يېقىنلا يەردە بومبا پارتلىدى . بىز ئۈچ -  تۆتەيلەن يوغان تاشنىڭ ئاستىغا مۆكۈۋالدۇق . يولۋاسمۇ خوتۇن بالىلىرى بىلەن گەمىگە كىرىۋاپتۇ . گومىنداڭ  ھۆكۈمۈتى نەنجىڭدىن چېكىنۋىدى ، بىزمۇ ئەگىشىپ خەنكوغا باردۇق . يولۋاس مۇشۇ يەردە خەنزۇ قىز ليۇ يوڭچيۇ ( ئۇيغۇرچە ئىسمى مەدىنە خېنىم ) بىلەن توي قىلدى . كېيىن بۇ خوتۇننى قۇمۇلغا بىللە ئېلىپ چىقتى . ياپونلار داۋاملىق باستۇرۇپ خەنكوغا كىردى . بىز گومىنداڭ  ھۆكۈمۈتىگە ئەگىشىپ چوڭچىڭغا كەلدۇق . شۇنىڭدىن كېيىن چوڭچىڭ دا تۇرۇپ قالدۇق

     1944- يىلى 9 – ئايدا جياڭ جيېشىنىڭ خوتۇنى سوڭ مېيلىڭ شېڭشىسەينى ئىندەككە كەلتۈرۈپ چوڭچىڭغا ئېلىپ بارغاندا ، جياڭ جيېشى شېڭشىسەيدىن « ئىلگىرى سېنىڭ باشقۇرۇشىڭدىكى قۇمۇلنىڭ ۋالىسى يولۋاس ھازىر مېنىڭ قېشىمدا ، سەن ئۇنى تونۇمسەن ؟ » دەپ سورىغانكەن . شېڭشىسەيمۇ تونۇيمەن دەپتۇ . شۇنىڭ بىلەن جياڭ جيېشى بىر كۈنى يولۋاس بىلەن شېڭشىسەينى كۆرۈشتۈردى سورۇندا بىزمۇ بار ئىدۇق . شېڭشىسەي يولۋاسنى قۇچاقلاپ يىغلاپ « سەن ئەسلىدە ياخشى ئادەم ئىكەنسەن ، ئارىمىزدىكى ئىشپىيونلار گەپ توشۇپ ، بىزنى بىر – بىرىمىزگە قارشى قىلىپ قويغانكەن » دىدى ۋە يەنە « قانچە ئادىمىڭ بىلەن كەلدىڭ » دەپ سورىدى . يولۋاس « خوتۇن بالىلىرىم ۋە فۇگۈەنلىرىم بىلەن كەلدىم دەپ بىزنى كۆرسىتىپ قويدى .

     كېيىن جياڭ جيېشى يولۋاسنىڭ ياقۇپبەگ ، ئەمەت بەگ دىگەن ئوغۇللىرى ۋە ناسىر بەگ دىگەن نەۋرىسى ( بۇ نىيازبەگنىڭ ئوغلى ھازىر قۇمۇلدا ھايات ) ۋە بىز فۇگۈەنلەرنى چېڭدۇدىكى ھەربى مەكتەپتە ئوقۇتتى . ھەربى مەكتەپ ئەسلىدە نەنجىڭدە بولۇپ ، گومىنداڭ چوڭچىڭغا چېكىنگەندە مەكتەپمۇ تەڭ كۆچۈرۈلۈپ كېلىنگەنكەن . بىز ھەربى مەكتەپە ئوقۇۋاتقاندا جەنۇبى شىنجاڭلىق ئابدۇرېھىم ئاخۇن ئىسىملىك بىر ياش ھىندىستان ئارقىلىق چېڭدۇغا كەلگەنكەن . ئۇ ئىلگىرى پەننىي مەكتەپتە ئوقۇغان كىشى بولغاچقا ، يولۋاسنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بىزنى ئوقۇتۇپ ساۋادىمىزنى چىقاردى . چېڭدۇنىڭ ھاۋاسى بەك نەم بولغاچقا ئابدۇرېھىم ئاخۇن ، قاراتاللىق غوجامنىياز ، يولۋاسنىڭ كىچىك قىزى ئايىم خېنىم ئۆپكە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ ئۆلۈپ كەتتى . ئۇلارنى خۇيزۇ مەسچىتىگە ئېلىپ بېرىپ سۇغا ئالدۇرۇپ ، خۇيزۇلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلدۇق .

     بىز ھەربىي مەكتەپنىڭ ئالىي مائارىپ مەشىق سىنىپىدا ئىككى يېرىم يىل ئوقۇغاندىن كېيىن ئوقۇشىمىز پۈتكەن بولدى . ماڭا يىڭجاڭلىق مەنسىپى بېرىپ ، غەربىي شىمال بارگاھىغا تەقسىم قىلدى . ئايلىق مائاشىمىز 10يۇەن ئىدى . غەربىي شىمال بارگاھىنىڭ باشلىقى دېڭ شىخۇي بولۇپ ، باش شىتابى چېڭدۇدا ئىدى.

     بىز قومۇلدىن ئايرىلىپ ئىچكىرىدە يەتتە يىل تۇرۇپ قالدۇق . بىر كۈنى بىز بىلەن بىر سىنىپتا ئوقۇغان جاڭ فامىلىلىك بىر ئەسكەر بىز تۇرغان يەرگە كېلىپ « مېنى قارا شەھەرگە قوماندان قىلدى ، پات ئارىدا ئەسكەرلىرىم بىلەن يولغا چىقىمەن . ئەگەر يۇرتۇڭلارغا قايتىشنى خالىساڭلار مەن ئالغاچ كېتەي » دېدى . ئەمەت ( قازاق ) ، ئابدۇللاخۇن ، ئويۇپ ، بەرەم نىياز ۋە مەن بەشىمىز مەسىلىھەتلىشىپ ، ھەر بىرىمىز 40-50تاختىدىن چاي ئېلىپ جاڭ سىلىڭ بىلەن بىللە يولغا چىقتۇق . بىز ماشىنىلىق قارا شەھەرگە كېلىپ ئورۇنلىشىپ ئۈچ ئايدىن كېيىن رۇخسەت سوراپ قومۇلغا قايتىپ كەلدۇق .

     1946- يىل 2- ئايدا يولۋاسمۇ قالغان ئادەملەرنى ئېلىپ قومۇلغا قايتىپ چىقىپ يەنە قومۇلغا ۋالىي بولدى . يولۋاس بىزنى يەنە ئۆز يېنىغا ئەكىلىپ ئىشلەتتى . مەن يولۋاسنىڭ مېھمانخانىسىدا كۈتكۈچى بولدۇم . يولۋاسنىڭ نەۋرىسى ناسىر بەگ بىر بۆلۈمنىڭ باشلىقى بولدى .

     مەن يولۋاسنىڭ خىزمىتىنى قىلىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە قومۇلدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنى ھىمايە قىلغۇچى گومىنداڭغا قارشى ياشلار تەشكىلاتى قۇرۇلغانىكەن . ئاكام نىياز سوپىمۇ بۇ تەشكىلاتقا ئەزا ئىكەن . ئۈچ ۋىلايەت تەرەپتىن ئەۋەتىلگەن بىر كاتىپ بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىدىكەن . بۇ كاتىپنى ئىشپىيونلاردىن ***بايقاپ قېلىپ ، يولۋاسقا دوكلات قىلىۋاتقاندا مەن چاي قۇيۇۋېتىپ ئاڭلاپ قالدىم ۋە دەرھال ئاكام نىياز سوپىغا خەۋەر قىلدىم . ئاكام بۇ ئىشنى ئۇۋەيىس ھاجى ، نىياز نۇرۇل قاتارلىق كىشىلەرگە ئۇقتۇرۇپ كاتىپنى قاچۇرۇۋېتىپتۇ . *** ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ مەندىن گۇمانلىنىپ يولۋاسقا ئىنكاس قىلغانىكەن ، لېكىن يولۋاس « ھەسەن مېنىڭ ئىشەنچىلىك ئادىمىم ، مۇمكىن ئەمەس » دەپ ئىشەنمەپتۇ . شۇنداقتىمۇ مەن يەنە ئېھتىيات قىلىپ ئۆيگە كەتتىم ، كېيىن ئۆيدە تۇرۇشنىمۇ خەتەرلىك بىلىپ ئاستانىگە كەتتىم . بىر ئايدىن كېيىن ( 1949- يىل 10- ئايدا ) ئازادلىق ئارمىيە قومۇلغا كىردى . قومۇلدىكى ئاخۇن ، باي ۋە ئەمەلدارلار ئازاتلىق ئارمىيىنىڭ ئالدىغا قارشى ئېلىشقا چىقتى . ئازادلىق ئارمىيە چوڭ گازارمىغا ئورۇنلاشتى . يولۋاس يەنىلا قومۇلنىڭ ۋالىيسى ئىدى . بىر كۈنى يولۋاسنىڭ خەنزۇ خوتۇنى لىياۋ يۇڭچىيۇ چوڭ گازارمىغا بېرىپ ئازادلىق ئارمىيىنڭ قومۇلدا تۇرۇشلۇق 16- دىۋىزىيىسىنىڭ سىياسىي كومسىسارى گۇەن شىڭجىغا يالغاندىن « دەرت تۆكۈپ » يولۋاسنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلغاندىن كېيىن ، گۇەن شىڭجى ئۇنىڭغا ھىسداشلىق قىلىپ يولۋاسنىڭ پات ئارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ . شۇنىڭ بىلەن يولۋاس 1950-يىل 3- ئاينىڭ 19- كۈنى 2- قېتىم قېچىپ تەيۋەنگە كەتتى .

     1951- يىلى مەن ئاستانە گۇمبارۋەنگە كۆچۈپ باردىم .« مەدەنيەت زور ئىنقىلابى » دا مېنى « خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىدە ئوقۇغان ، گومىنداڭنىڭ قالدۇقى » دەپ سۆرەپ كۈرەش قىلدى ۋە ئالتە ئاي سولاپ ئەمگەككە سالدى . شۇ چاغلاردا ئۆيۈمگە ئوت كېتىپ خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلىك كىنىشكام ۋە خاتىرە سۈرەتلىرىمنىڭ ھەممىسى كۆيۈپ كېتىپ ھەممىدىن قۇرۇق قالدىم . 1978- يىلىنىڭ ئاخىرىدا مەسىلەم قايتا تەكشۈرۈلۈپ ئوۋۋال قىلىنغانلار قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىندىم .

     رەتلەپ قەلەمگە ئالغۇچىدىن : بۇ ۋەقەلەرنىڭ شاھىدى بولغان ھەسەن بارات 2003- يىلى 3- ئاينىڭ 28- كۈنى 90 يېشىدا ئاستانىدا ۋاپات بولدى .

     ھادى پالۋان چىڭخەيگە بېرىپ شۇ يەردە تۇرۇپ قالغان ۋە پاتەم ئىسىملىك خۇيزۇ ئايالغا ئۆيلەنگەن ، 1945- يىلى قومۇلغا قايتىپ چىققان ،1946-يىلى يولۋاس قومۇلغا قايتىپ چىققاندا تەكلىپ بىلەن بوغاز ساقچىخانىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن ، 1952-يىلى گومىنداڭغا ئىشلىگەن دىگەن جىنايەت بىلەن 10يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان . تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ ، 1975- يىلى يۇرتى چوڭتۇردا 85 يېشىدا ۋاپات بولغان . 1978-يىلى نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، ئاقلانغان .

     بۇ ماقالىنى رەتلەۋاتقاندا ناسىر بەگ ھايات ئىدى . 2004- يىلى 6- ئاينىڭ 30- كۈنى 83 يېشىدا قومۇلدا ۋاپات بولدى .

     1999- يىلدىكى ئۈنئالغۇ لېنتىسىغا ئاساسەن رەتلىگۈچى:  ئابلىمىت ئابدۇللا

مەنبە        

         

http://www.alimbiz.net


jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-14 04:34:57

خىلى كۆپ ئۇيغۇر ئوقۇپتىكەندە گومىنداڭنىڭ ئاتاقلىق ھەربى مەكتىپىدە  \"\"

joshua يوللانغان ۋاقتى 2012-8-12 13:11:53

ئېسىل يازمىكەن!

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-8-12 13:42:17

دادام رەھمەتلىك يادىمغا كەلدى.

كىچىكىمدە داستان- چۆچەكلەرنى سۆزلەپ بېرەتتى، يېشىمنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن، قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغان تارىخلارنى دەپ بېرەتتى.  شۇ چاغلاردا خاتىرە قالدۇرۇپ قويۇش پەقەتلا كاللامغا كەلمەپتىكەن.

Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2012-8-12 15:24:13

تارىخنى مۇشۇنداق تارىخقا شاھىد بولغانلارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاشنى ياقتۇرىمەن. سىزگە ھىچقانداق ئىدولوگىيە، قاراشلارنى زورلاپ تاڭمايدۇ، پالانچى ئاق پۇستانچى قارا دەپ كەيگۈزۈلگەن پوسمىلار يوق.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2012-8-12 16:06:51

قانداق ھەقىقىي تارىخكىن دەپتىمەن!؟ «يولۋاسنىڭ خەتەرلىك سەرگزەشتىسى» ئىكەنغۇ، لېكىن بۇ قىسقا تارىخنىڭمۇ يېزىلىپ قالغىنى ئىنتايىن ياخشى بوپتۇ!

ھازىر «مەن كەچكەن كېچەكلەر» دىگەن كىتاپنى ئوقۇۋاتاتتىم، بۇ سەرگۈزەشتە شۇ كىتاپقا يانداق بايان بولۇپ قالغۇدەك ...

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2012-8-12 19:47:50

ساقلاپ قويۇپ ئوقۇي.

birhon يوللانغان ۋاقتى 2012-8-13 01:49:13

قانداق رەھمەت ئېيتسام بولار؟


ئىشقىلىپ، مەن بىرنەرسە ئوقۇپ ھوزۇرلىنىپ (تەسىرلىنىپ) باقمىغىلى ئۇزۇن بوپتىكەن.....


amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2012-8-13 04:13:28

...

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2012-8-13 08:58:34

ئاۋۇ پويىزنى پاراخۇتقا بېسىپ ئۆتكۈزدۇق دىگىنى راسىمىدۇ؟



ئەممازە بىر ئويغۇر ئىنساننىڭ ھاياتلىق يولىدا خالاپ خالىماي ماڭغان يوللىرىكەن.ئىزدىنىش  نوبىل مۇكاپاتىغا بېرىلسۇن

koxuk يوللانغان ۋاقتى 2012-8-13 12:59:21

ئاۋۇ پويىزنى پاراخۇتقا بېسىپ ئۆتكۈزدۇق دىگىنى راسىمىدۇ؟

++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++

بۇرۇن چاڭجىياڭغا ئوخشاش چوڭ دەريالاردا ياكى دېڭىز بوغۇزلىرىدا ھازىرقىدەك چوڭ كۆۋرۈكلەر بولمىغاچقا، پويىز  ۋاگونلىرىنى بۆلۈپ، پاراخوتقا سېلىپ ئۆتكۈزەتتىكەنتۇق. دادامنىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا ئىچكىرىگە  بارغاندا چاڭجىياڭدىن ئۆتكۈچە پويىزنى پاراخوتقا قاچىلاپ ئۆتكۈزگەنلىكىنى دەپ بەرگىنى يادىمدا. خەنزۇچە 火车轮渡 دەپ ئاتايدىكەن.  توردىن قارىسام ھازىرمۇ دۇنيانىڭ باشقا يەرلىرىدە بىرقىسىم دېڭىز بوغۇزلىرىدا بۇ خىل لىنىيە باركەن.
بەت: [1]
: ھەقىقى تارىخ