فەتىھ 1453 قىلىمىنىڭ مۇزىكا ئىشلىگۈچىسى بىلەن تۇنۇشامسىز؟
مۇنبەرداشلارنىڭ تۈركىيەنىڭ بۇ يىل قۇيۇلدىغان زور مەبلەغ سېلىپ ئىشلەنگەن <فەتىھ 1453> فىلىمىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقىننى بىلىمەن. يېقىندىلا مۇشۇ فىلىم توغۇرۇلۇق مۇنبەردە ئىككى تېما يېزىلغانلىقى بۇنىڭ ئىسپاتى. مەن بۇ يەردە تۇنۇشتۇرماقچى بولغان مۇزىكانىت دەل مۇشۇ فىلىمنىڭ مۇزىكىسىنى ئىشلىگۈچى ---جان ئاتىللا.
جان ئاتىللا 1969-يىلى تۈركىيە باشكەنتى ئەنقەرەدە تۇغۇلغان. تۈركىيە ھاجى تۆپە ئۇنۋېرسىتىدا ئوقۇغان. ئۇ تۈركىيە پارلامىتىنىڭ 90 يىللىق خاتىرسىگە <تىرىلىش> دېگەن مۇزىكىنى ئىشلىگەن. ئۇ تۈرك مىللىي مۇزىكا ئىلمىنىتلىرىنى ئىلىكترۇنىك ئاۋاز ئۈنۈمى بىلەن بىرىكىترۈپ ئۇتۇق قازانغانلىقى بىلەن مەشھۇر. ئۇنىڭ مۇزىكا ئۇلۇبى <يېڭى دەۋىر>يەنى <new age> ئۇسلۇبىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. يانىنىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلاپ باققانلار ئۈچۈن بۇ مۇزىكا ئۇسلۇبى ناتۇنۇش بولمىسا كېرەك. مەن بۇ ئۇسلۇبنى ھەيۋەتلىك ئەمما تەسىرلىك، كىلاسسىك مۇزىكىلارغا ئوخشىمىغان ھالدا ھازىرقى زاماندىكى خەلىققە ئەڭ يېقىن دەپ تەرىپلەيمەن.
تۆۋەندە ئۇنىڭ <فەتىھ 1453 > ناملىق پىلاستىكسى ھوزۇرۇڭلاردا.
تېما يوللىغۇچىنىڭ مۇشۇنداق ئىسىل مۇزىكانت ۋە مۇزىكىلار بىلەن تونۇشتۇرغىنىغا رەھمەت .
ھەممىنى چۈشۈرۈۋالدىم

بەك ئىسىل مۇزىكىلاركەن . رەھمەت ئىسىل مۇزىكىلار ئىكەن ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئىزدىنىش ئەھلى،كەمىنە يېڭى ئەزا ئارسىلان99دىن ئىزدىنىش تورىدىكى بارلىق تورداشلارغا سالام!
سالام فەرىدە تورداش .يوللىغان بىريۈرۈش مۇزىكىللىرىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر.باشتىكى مۇزىكا ھەيۋەتلىك ھەم سۈرلۈك بولسا ،كىيىنكى مۇزىكىللىرى شۇنداق يېقىملىق ھەم لىرىك ئىكەن.جان ئاتىللا ھەقىقەتەنمۇ مەشھۇر مۇزىكانىت بولۇشقا مۇناسىپ ئادەم ئىكەن . ئاتىللا مۇ ئاتتىلا ؟؟؟ مەن ئاتىللا دەپ ئاتاپ يۈرسەم بىر تارىخچى ئاغىنەم ئاتتىلانى ئاتىللا دىدىڭ دەپ تۈكرىگىنى چاچرىتىپ تىللاپ كەتكەنتى ،شۇڭا دەيمەن . توغرىسى ئاتتىلا Attila Can Atilla دەپ يازىدىكەن ئىنگىلىزچە. ئۆزى ئاتىللا دەپ يېزىۋاتسا ھازىرقى ھايات ئادەمنى تارىختىكى ئاتتىلاغا چېتىۋىلىپ نىمە قىلىمىز.
مەن سادىق مەستانىسى جان ئاتىللانىڭ، فەرىدە تونۇشتۇرغىنى ماۋۇ يىل يېڭى چىقارغا دىسكىسىكەن، ھەممىسى فەتىھ دىگەن فىلىمنىڭ ئارقا مۇزىكىلىرى ئوخشايدۇ.
بۇمۇ ئاشۇ ئەپەندىنىڭ يەنە بىر مۇزىكىسى ئىكەن
ئاشىقى ھۈررەم
1- قەۋەتتىكى ARSILAN99نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
سالام فەرىدە تورداش .يوللىغان بىريۈرۈش مۇزىكىللىرىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر.باشتىكى مۇزىكا ھەيۋەتلىك ھەم سۈرلۈك بولسا ،كىيىنكى مۇزىكىللىرى شۇنداق يېقىملىق ھەم لىرىك ئىكەن.جان ئاتىللا ھەقىقەتەنمۇ مەشھۇر مۇزىكانىت بولۇشقا مۇناسىپ ئادەم ئىكەن .
مەرھابا ، سىزنىڭمۇ ياقتۇرغىنىڭغا تەشەككۈر،
ھى ھى ، يېڭى ئەزا بوپسىز ، قارىغاندا بۇ مۇزىكىلارنىڭ سېھرىي كۈچى ئوخشىمامدۇ ؟
5- قەۋەتتىكى bahramنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بۇمۇ ئاشۇ ئەپەندىنىڭ يەنە بىر مۇزىكىسى ئىكەن
ئاشىقى ھۈررەم
سىز دېگەن بۇ مۇزىكا ئەڭ ئاستىدىكى 10.مۇزىكا شۇ ، Ask-I Hurrem
6- قەۋەتتىكى faridaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەرھابا ، سىزنىڭمۇ ياقتۇرغىنىڭغا تەشەككۈر،
ھى ھى ، يېڭى ئەزا بوپسىز ، قارىغاندا بۇ مۇزىكىلارنىڭ سېھرىي كۈچى ئوخشىمامدۇ ؟
شۇنداق دىسەممۇ بولىدۇ. مەن ئىزدىنىش تورىنىڭ ئىشتىن سىرىتقى مەستانىسى ئىدىم .ئاخشام يوللىغان بىريۈرۈش نادىر مۇزىكىللىرىڭىزنى ئاڭلىغاندىن كىيىن يەنىلا ئىزدىنىشنىڭ كەسپى مەستانىسى بولغان ياخشىكەن دەپ ئويلىدىم .ئەلۋەتتە بۇنى سىز يوللىغان مۇزىكىلارنىڭ سېھرىي كۈچىدىنمۇ ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ جۇمۇ

10- قەۋەتتىكى mahir512نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
چۈشۈرىۋېلىپ ئاڭلىغىلى بولغان بولسا
مەنمۇ بەك تەستە تاپقانتىم بۇ توپلامنى ، ئەگەر ئاۋارچىلىقتىن قورقىمىسىڭىز ئاۋۋال www.xiami.com بۇ تور بېكەتكە ئەزا بولۇپ ، ئاندىن 1453 Fatih Askina دەپ ئىزدىىسىڭىز توپلام چىقىدۇ . ئاندىن 下载整张专辑، شۇنىڭ بىلەن بۇ دېتالنى قاچىلا دەپ بىر بەت ئېچىلىدۇ،، شۇنى كومپىيۇتىرىڭىزغا قاچىلاپ ئىجىرا قىلسىڭىزلا چۈشىدۇ . سەل ئاۋارچىلىق...
11- قەۋەتتىكى faridaنىڭ يازمىسىدىن نەقىلمەندە 10 دانە پىلاستىنكىسى بار.
10- قەۋەتتىكى mahir512نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
چۈشۈرىۋېلىپ ئاڭلىغىلى بولغان بولسا
مەنمۇ بەك تەستە تاپقانتىم بۇ توپلامنى ، ئەگەر ئاۋارچىلىقتىن قورقىمىسىڭىز ئاۋۋال www.xiami.com بۇ تور بېكەتكە ئەزا بولۇپ ، ئاندىن 1453 Fatih Askina دەپ ئىزدىىسىڭىز توپلام چىقىدۇ . ئاندىن 下载整张专辑، شۇنىڭ بىلەن بۇ دېتالنى قاچىلا دەپ بىر بەت ئېچىلىدۇ،، شۇنى كومپىيۇتىرىڭىزغا قاچىلاپ ئىجىرا قىلسىڭىزلا چۈشىدۇ . سەل ئاۋارچىلىق...
بۇرۇن سىز دىگەن ئۇسۇل بۇيىچە چۈشۈرگەنتىم بىرنەچچە مۇزىكىنى، لېكىن تىزىملاتقاندا ھەقسىز قۇشۇپ بەرگەن پۇلى تۈگەپ كەتتى، پۇل قاچىلاپ ئاندىن چۈشۈرسەم بولغىدەك.


