ئاقسۇ شەھىرىدە پۇتبول مۇسابىقىسى !
ئاقسۇدا پۇتبول مۇسابىقىسى كەڭ پۇتبول ھەۋەسكارلىرىغا ئاقسۇ ئەزىز سودا شەھەرچىسىدىن ئوتلۇق سالام !
ۋىلايەتلىك پارتىكوم ، مەمۇرى مەھكىمە ، ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى ۋە باشقا ئالاقە ئىدارە ئورگانلارنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللاپ قۇۋەتلىشى ئاستىدا ، ئۆتكۈزىلىۋاتقان لوندون ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ۋە ئالىدىمىزدا كىلىۋاتقان رۇزا ھېيىتنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ، ئاقسۇ شەھەرلىك ئەزىز سودا شەھەرچىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىلىشى ئاستىدا ،ئاقسۇ ۋىلەيەتلىك تەنتەربىيە مەيدانىدا 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 14- كۈنىدىن 16- كۈنىگىچە ۋىلايىتىمىزگە قاراشلىق ناھىيە شەھەرلەر ئۆز ئارا تۇنجى قېتىملىق > نى تالىشىش دوسلۇق مۇسابىقىسى ئورۇنلاشتۇرۇلدى . بۇ مۇسابىقە 8- ئاينىڭ 14-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 8:30 دا كەڭ كۆلەملىك ئېچىلىشى مۇراسىمى قىلىش بىلەن بىرگە ، كۈندە چۈشتىن بۇرۇن 8:30 ئىككى مەيدان ، چۈشتىن كىيىن 1:30 ئىككى مەيدان مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇلدى .
ئاددرىس : ۋىلەيەتلىك تەنتەربىيە مەيدانى ( 1،5،17،37،29 يول كوچا ئاپتۇبۇسلىرىغا چىقىپ تەنتەربىيە مەيدانى ئەتراپىدىكى بىكەتتە چۈشۈڭ ) كەڭ پۇتبول ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئۆز - ئارا يەتكۈزۈپ قۇيىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .
مەنبەسى : http://www.aqsu.cn/uqur/show.php?mid=11445.html
مەھەلەمدىن چىقىشقىمۇ بىر چازىدىن ئۆتۇشكە توغرا كېلىۋاتسا، ئاقسۇغا بېرىش مەن ئۇچۇن بىر چۇش خالاس. ھەجەپ رامىزاندا مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇپتا