JasurBay يوللانغان ۋاقتى 2012-8-11 20:21:57

تاڭسىڭنىڭ سالام خېتى[كۆچۈرۈلمە]

(فىليەتۇن)

سېغىنىشلىق سالام خەت،

سېغىنغاچقا يازغان خەت،

سېغىنمىسام يازمايتىم،

بەك سېغىنغاچ يازغان خەت.

    سۆيۈملۈك،قەدىرلىك،ۋاپادار،ئەخلاقلىق،باتۇر،سەمىمىي،راستچىل،كەمتەر،بەزىدە ئازراق ياغاچ قۇلاق چوڭ شاگىرتىم ۋۇكۇڭ،ياخشى تۇردۇڭمۇ؟ ئۈرۈمچىدە ئىشلىرىڭ بەلەن، ئوبدان، ئوڭۇشلۇق، يۈرۈشلۈك، كۆڭلۈڭدىكىدەك كىتىپ بارامدۇ؟ مەن بۇدخانىدا كۈندە كۈجە كۆيدۈرۈپ ئاۋالىقسوارادىن سېنىڭ بەخت-سائادىتىڭنى نىسىگە سوراپ ساڭا ئامەت تېلەپ تۇرىۋاتىمەن،ئىي.....ئامىتابا..!

   مېنى ھازىر كىشىلەر، قېرىپ بەك كوت-كوت،قانداق گەپ بولسا ئىخچام قىلماي لىڭتاسمىلىق قىلىپ سوزۇپ سۆزلەيدۇ دىيىشىدۇ،مىنى پەقەت باجېدىن قالسا سەنلا چۈشىنىسەن شۇنداققۇ مايمۇنۇم، مېنىڭچە بۇ كىشىلەر ئۆزى ئالجىپتۇ. ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك، مەن بۇ خەتنى ئالدىرماي، تەمتىرىمەي، ئولتۇرۇپ تۇرۇپ تېگۇئەنيىن چېيىنى ئېچكەچ مىسىلداپ يېزىۋاتىمەن، چۈنكى سەن خەتنى ئىتتىك ئوقۇيالمايسەن، ھە راست، بىز ئۆي كۆچتۇق، لېكىن ئادرىسى ئۆزگەرمىدى، چۈنكى ئۆي كۆچكەندە نومۇر تاختىسىنىمۇ بىللە ئالغاچ كەلدۇق، بىزنىڭ بۇ يەردە ئۆتكەن ھەپتىدە ئىككى قېتىم يامغۇر ياغدى، بىرىنچى قېتىم ئۈچ كۈن، ئىككىنچى قېتىم تۆت كۈن ياغدى، تۈنۈگۈن باجىې بىلەن بۇتخانا ئالدىدىكى كەچلىك بازاردا گۆشنان يىدۇق، خوجايىن گۆشناننى سەككىز پارچە قىلايمۇ ياكى ئون ئىككى پارچە قىلايمۇ دېگەن ئىدى، مەن سەككىز پارچە قىلىڭ، ئون ئىككى پارچە قىلسىڭىز بەك جىق، بىر چوشقا بىلەن يەپ بولالمايمەن دىدىم. توغرا، ئالدىنقى ھەپتە ساڭا بىر پەلتۇ ئەۋەتتىم، پوچتىدا ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتمىسۇن دەپ، تۈگمىسىنى كىسىپ شۇ پەلتۇنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ قويدۇم، باجىېنىڭ كىچىك خوتۇنى تۇغدى، لېكىن ئوغۇل قىزلىغىنى بىلەلمىگەچكە، سېنىڭ تاغا ياكى يەڭگە بولىشىڭنى ئۇقالمايۋاتىمىز. راس...ئۇرۈمچىدە ۋاقتىڭ بولۇپ قالسا كىچىك بالىلارغا بۇرۇنقى، بەك بۇرۇنقى زاماندا... دېگەن چۆچەكلەرنى ئېيتىپ بەرگىن، ئۇلارغا شۇ ۋاقىتلاردا ئاسماننىڭ كۆپ-كۆك، سۇلارنىڭ سۈپسۈزۈك ئىكەنلىكىنى، توخۇنىڭ تۇخۇمنى ئۆزى تۇغىدىغانلىقىنى، قوي-كالا گۆشلىرىنى خاتىرجەم يىگىلى بولىدىغانلىغىنى، چاشقاننىڭ مۈشۈكتىن قورقىدىغانلىقىنى، سوت ئورۇنلىرىنىڭ ناھايىتى ئادىللىقىنى، تاماكا-ھاراقلارنى ئەرلەرنىڭلا چىكىپ-ئىچىدىغانلىقىنى، ئەرلەرنىڭ ئاياللارنى قوغدايدىغانلىقىنى، ئەر-ئاياللارنىڭ پەرقى بولىدىغانلىقىنى، توي قىلىش ئۈچۈن باشتا پەقەت مۇھەببەتلىشىشلا بولۇپ، سىنىشىپ يۈرىيدىغان ئىشنىڭ يوقلىقىنى، ساتىراچخانىلارنىڭ چاچلا ياسايدىغانلىقىنى، دورىلارنىڭ ئاغرىغان يەرنى ساقايتىدىغانلىقىنى، دوختۇرلارنىڭ ئادەملەرنى قۇتۇلدۇرىدىغانلىقىنى، كىنو ئىشلەش ئۈچۈن باشتا ئارتىستلارنى تەربىيلەندۈرىدىغانلىقىنى، رەسىمگە كېيىم كىيىپ چۈشىدىغانلىقىنى، بالىنىڭ دادىسىنىڭ ئىنىقلىقىنى، مەكتەپلەرنىڭ قالايمىقان ھەق ئالمايدىغانلىقىنى، لەقۋانىڭ دوكتور ياكى باشلىق بولالمايدىغانلىقىنى، قۇيرۇق ئېسىپ ئۆپكە ساتمايدىغانلىقىنى، تويدىن كېيىن ئاشنا تۇتسا بولمايدىغانلىقىنى، بىر ئادەمنىڭ بىرلا خوتۇنى بولىدىغانلىقىنى، مۇنازىرىلەرنىڭ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولىدىغانلىقىنى، كىشىلەردە مۇھەببەت-نەپرەت ۋە ھەق ناھەق كۆز قارىشى دەيدىغان بىر خىل گۈزەل تۇيغۇ بولىدىغانلىقىنى، قىل بىلەن پىلنىڭ پەرقى بارلىقىنى، نەرسە سېتىۋالسا پۇل تۆلەيدىغانلىقىنى،ئىشەكنىڭ ئىشلىتىش ئورنى بېكخامدىن يۇقۇرلىقىنى، ئىنكاسنى يازغۇچىغا ئەمەس،تېمىغا قارىتا يازىدىغانلىقىنى.....سۆزلەپ بەرگىن..


مەنبە: ئېنتىرنىت تورى

katil731 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-12 09:38:28

سېغىنىشلىق سالام خەت،

سېغىنغاچقا يازغان خەت،

سېغىنمىسام يازمايتىم،

بەك سېغىنغاچ يازغان خەت.



بۇرۇنقى مەكتەپ ھاياتىمىنى ئەسلەتتى، سالام خەت يېزىش، ۋە ئۆيدىن كەلگەن سالام خەتلەرنى 3-4ئاغىنلەر بىرگە ئولتۇرۇپ ئوقۇپ كتەتتۇقتە \"\"

mastura يوللانغان ۋاقتى 2012-8-12 09:46:35

ھە راست، بىز ئۆي كۆچتۇق، لېكىن ئادرىسى ئۆزگەرمىدى، چۈنكى ئۆي كۆچكەندە نومۇر تاختىسىنىمۇ بىللە ئالغاچ كەلدۇق، بىزنىڭ بۇ يەردە ئۆتكەن ھەپتىدە ئىككى قېتىم يامغۇر ياغدى، بىرىنچى قېتىم ئۈچ كۈن، ئىككىنچى قېتىم تۆت كۈن ياغدى، تۈنۈگۈن باجىې بىلەن بۇتخانا ئالدىدىكى كەچلىك بازاردا گۆشنان يىدۇق، خوجايىن گۆشناننى سەككىز پارچە قىلايمۇ ياكى ئون ئىككى پارچە قىلايمۇ دېگەن ئىدى، مەن سەككىز پارچە قىلىڭ، ئون ئىككى پارچە قىلسىڭىز بەك جىق، بىر چوشقا بىلەن يەپ بولالمايمەن دىدىم. توغرا، ئالدىنقى ھەپتە ساڭا بىر پەلتۇ ئەۋەتتىم، پوچتىدا ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتمىسۇن دەپ، تۈگمىسىنى كىسىپ شۇ پەلتۇنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ قويدۇم، باجىېنىڭ كىچىك خوتۇنى تۇغدى، لېكىن ئوغۇل قىزلىغىنى بىلەلمىگەچكە، سېنىڭ تاغا ياكى يەڭگە بولىشىڭنى ئۇقالمايۋاتىمىز.

-------------------------------------------------------------------------------------------

\"\"   {:92:}

murat001 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-12 11:35:45

دىپلومنى  پەقەت  ئوقۇپ  ئالىدىغانلىقىنى  ...

سۇ  ماينىڭ   ئازگالدىن  چىقمايدىغانلىقىنى ...

پادىشاھ  ئاۋامنىڭ   بېشىنى  سىلايدىغانلىقىنى ...

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2012-8-12 14:08:49

«ئوغرىنىڭ مال ئىگىسىدىن كۈچلۇق ئەمەسلىكى»نىمۇ قوشۇپ قويماپسىز.

hayran يوللانغان ۋاقتى 2012-8-12 17:29:35

ۋاي تاڭسىڭ تىخى بويتاق مىكىنە؟ بولسا ھازىر قىز بالا تاپماق نىڭ تەسلىكىنى ئوغوللانىڭمۇ كەيېپتە يا ئوغۇل ئەمەس يا قىز .ئەمەس بوپقالاغىننى دەپ قۇيسۇن مايمۇن بۇيەگە كەسە ئش جىق ............................

barna يوللانغان ۋاقتى 2012-8-13 14:45:37

بالىلارنىڭ كۈن بويى ئويدىن چىقمايدىغانلىغىنى،بۇرۇن بىز ئوينىغان ئۇيۇنلارنى ئويناشنى بىلمەيدىغانلىغىنى،پۇل بولمىسا ھەتتا ئوينىيالمايدىغانلىغىنى،كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى مىھرى-مۇھابەتنىڭ سۇسلىشىپ كىتىۋاتكانلىغىنى،كوچىدا بىرسىنىڭ ئۈلۈگىنى كورسە ئەگىپ ئوتۇپ كېتىدىغانلىغىنىمۇ دەپ قويۇڭ.
بەت: [1]
: تاڭسىڭنىڭ سالام خېتى[كۆچۈرۈلمە]