BlueDict لۇغىتى ياساش
BlueDict ھازىر ئاندرويد يانفونلاردا مودا بولۇۋاتقان لۇغەتلەرنىڭ بىرى. ئالپ تورىمىزدا خېلى بۇرۇنلا بۇ لۇغەتنىڭ خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە سۆزلۈكى ۋە ئۇيغۇرچە wikipedia ئامبىرى تارقىتىلغان ئىدى. يېقىندا يەنە شىپالىق رىتسىپ ۋە يازما تارقىتىلدى.
كۆپچىلىك بۇلارغا قاراپ بۇ لۇغەتنىڭ سۆزلۈك ئامبىرىنى قانداق ياسايدىغاندۇ دەپ قىزىقىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. مەن تۈۋەندە BlueDict نىڭ MDX فورماتىدىكى سۆزلۈك ئامبىرىنى ياساش ئۇسۇلنى تونۇشتۇرىمەن.
ئاۋال بۇ يەردىن MdxBuilder نى چۈشۈرۈپ يېشىپ تەييار قىلىمىز.
1. ئۆزىمىز تەييارلىۋالغان txt ، html فورماتىدىكى سۆزلۈك ھۆججىتى بار بولسا MdxBuilder.exe نى قوزغىتىپ، Source غا بار بولغان txt ھۆججىتىنى كۆرسىتىپ بېرىمىز، Target قا ئايلاندۇرماقچى بولغان نىشان ھۆججەت نامىنى يازىمىز. مەسلەن: lughet.mdx دەپ. Original Format قا MDict(Compact HTML) نى تاللايمىز، Encoding قا UTF-8(Unicode) نى تاللايمىز. ئاندىن start نى باسساق lughet.mdx نامىدا بىر لۇغەت ھۆججىتى ھاسىل بولىدۇ.
2. تور دۇنياسىدا كەڭ تارقالغان StarDict نىڭ لۇغەت ساندانىنى BlueDict قا ئايلاندۇرۇش.
ئاۋۇ چۈشۈرگەن ھۆججەتنى يەشسەك ConvStar دەپ بىر قىسقۇچ بار.
StarDict لۇغىتىنىڭ dz، idx، ifo، دېگەن ھۆججەتلىرىنى ConvStar نىڭ ئىچىگە كۆچۈرۈپ، CMD بۇيرۇق كوماندىسىغا مۇنداق بۇيرۇق بېرىمىز:
convstar stardict lghiti.ifo lughet.txt
بۇ بۇيرۇقتىن كېيىن شۇ قىسقۇچقا lughet.txt نامىدا بىر ھۆججەت قۇرۇلدۇ. مۇشۇ ھۆججەتنى MdxBuilder غا ئەكىرسەك بولىدۇ. يەنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك. تەڭشەكلىرىنىمۇ مۇشۇ رەسىمدىكىدەك تەڭشىسەك بولىدۇ.
3. wikipedia نىڭ تورسىز ھۆججىتىنى wikipedia قا ئايلاندۇرۇش.
توردىن چۈشۈرگەن bz2 فورماتىدىكى wikipedia ھۆججىتىنى يەشسەك xml ھۆججىتى يېشىلىدۇ.
ئۇ ھۆججەتنىڭ نامىنى pages-articles.xml گە ئۆزگەرتىپ، WikiToMDict 2.0 قىسقۇچىغا كۆچۈرۈمىز.
WikiToMDict نى ئىجرا قىلدۇرساق wiki.txt ھۆججىتى ھاسىل بولىدۇ.
مۇشۇ wiki.txt نى MdxBuilder دا MDX قا ئايلاندۇرساق ئىش تامام.
تۆۋەندىكىسى ياسالغان لۇغەت سۆزلۈكلىرىنى قوشۇپ ئىشلەتكەندىكى كۆرۈنۈشلەر.
مەنبەسى: ئالپ تورى
رەھمەت ئالپ ئەپەندىئېسىل تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز
wm6.5 لۇغەتلىرىنىڭ ياخشىراقلىرىدىن قايسىلار بار؟ قايسىسىنى تەۋسىيە قىلىسىز؟
1- قەۋەتتىكى elbilgeنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
رەھمەت ئالپ ئەپەندى
ئېسىل تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز
wm6.5 لۇغەتلىرىنىڭ ياخشىراقلىرىدىن قايسىلار بار؟ قايسىسىنى تەۋسىيە قىلىسىز؟
wm6.5 نىڭ مەن ياساپ قويغان ئۇيغۇرچە لۇغىتى مانا بۇ يەردە. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇرچە لۇغىتى بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن، باشقا تىلدىكىسى خېلى كۆپ.
WM6.5 يانفۇن ئۈچۈن ئۇيغۇرچە لۇغەت
خەنسۇ مىجەز تېما ئىكەن ماۋۇ. مۇشۇ خەنسۇخەق بىرەر نەرسىنى تولۇق ، شەرتسىز بەرمەيدۇ.
مانى ئال، بۇنى ئۆگۈنىۋال دەيدۇيۇ بىر يەرلىرىنى يوشۇرۇۋالىدۇ.
يوللىغاندىكىن ھەممىنى ئاشكارە يوللايلى، خوش بولۇپ كىرسە مايەگە ئەزا بول دېمەيدىغان قىلىپ.