enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2012-8-11 14:13:03

جۇڭگودىن نىمىشقا جوبىس چىقمايدۇ؟

جۇڭگودىن نىمىشقا جوبىس چىقمايدۇ؟



لى گۇاڭدو، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە مەشھۇر ئادەم كۈچى بايلىقىنى باشقۇرۇش مۇتەخخەسىسى، ئاسىيا- تېنچ ئوكيان ئادەم كۈچى بايلىقىنى باشقۇرۇش تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، خەلقئارا ئۈنۈم ئاشۇرۇش جەمىيىتىنىڭ (ISPI) ئەزاسى، شاڭخەي چياۋمەن خەلقئارا مەشق ئورگىنىنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك ھەمكارلاشقۇچىسى، شياڭگاڭ دەۋر گۇاڭخۇا باشقۇرۇش ئىنىستېتوتىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك پروفېسسورى، قەدەممۇ- قەدەم يېڭىش خەلقئارا مەشق ئورگىنىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى.



جوبىس ئىستىپا بېرىۋېدى، بەزىلەر خۇشال بولدى، بەزىلەر غەمكە پاتتى:


جوبىس ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن «ئالما»نىڭ پاي چېكى %5 چۈشۈپ كەتتى، «ئالما» شېركىتى بىلەن بىۋاستە مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولغان شېركەتلەرنىڭ پاي چېكى باھاسى تەڭلا زەربىگە ئۇچراپ، ئارقا- ئارقىدىن چۈشۈپ كەتتى؛ لېكىن، سامسۇڭ بىلەن HTC قاتارلىق «ئالما»نىڭ رەقىپلىرىنىڭ پايچەك باھاسى بىر قەدەر يۇقۇرى بولغان ئۆرلەش ھالىتىدە ئۆستى. پاي بازىرى «ئالما»نىڭ جوبىسقا تەڭ ئىكەنلىكىنى، جوبىسنىڭ «ئالما»سىنىڭ ھەقىقەتەن قىرىش كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.


جوبىس دېگەن كىم؟ جوبىس «ئالما» شېركىتى ئۈچۈن ئادەم ئىشەنگۈسىز بىر مەھسۇلات لىنىيىسى قۇرۇپ چىقتى. iPad2 بازاردىكى بىردىن-بىر ئىناۋەتلىك تەكشى يۈزلۈك كومپيۇتېر بولۇپ قالدى، iPhone ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇننىڭ زور بىر قىسىم پايدىسىنى يۇتىۋالدى، Mac بىردىن-بىر ئىشلەپچىقىرىش سانى ئېشىۋاتقان شەخسىي كومپيۇتېر مەھسۇلاتى ئىدى...


جوبىس ئالما مەھسۇلاتلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ بارلىق ئۇششاق- چوڭ ھالقىلىرىنىڭ ھەممىسىگە رىياسەتچىلىك قىلدى. «ئالما»نىڭ خىزمەتچىلىرى 45 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان مەھسۇلات لاھىيىلىگۈچى، ئىنژېنېر ۋە تىجارەتكە مەسئۇل 1T شېركىتى بار ئىدى، جوبىس ئۆزى يالغۇز شېركەتتىكى بارلىق ئادەملەرنىڭ ئويۇشۇش كۈچىنى يەتمەكچى بولغان بىردىن-بىر مەقسەت ئىجاد قىلىشقا مەركەزلەشتۈردى.


جوبىس ئىلاھ ئەمەس، «ئالما»نىڭ ئۇنىڭ قولىدا شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتالىشىدىكى سەۋەپ ئۇنىڭ قىلچە تەۋرەنمەي ئىجاتچانلىقنى يېتەكلىگەنلىگىدە. «جوبىسچە» ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەممىسى «يېڭىلىنىشچان» ۋە «ئىجادىيلىق»نىڭ ئالماش سۆزىگە ئايلاندى، جوبىسنىڭ «ئالما» مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئۈمىدىمۇ ipad مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېلانىدىكى « يەنە بىر قېتىم دۇنيانى ئۆزگەرتىش» بىلەن ئوخشاش ئىدى.


ھەش-پەش دېگۈچە جوبىسنىڭ نەزىرى جۇڭگوغا تىكىلدى. نۆۋەتتە، جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ياساش دۆلىتى ھېساپلىنىدۇ، مەھسۇلات سۈپىتى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان iphone4 نىمۇ دۆلىتىمىز كارخانىلىرى ۋەكالىتەن ئىشلەپچىقىرىدۇ. يۇقۇرىسى نەپىس ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرىدىن تارتىپ، تۆۋىنى پايپاق، چاقماققىچە جۇڭگو ياساش كەسپىنىڭ تەرەققىياتى بارغانسېرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتىدۇ. بىراق، جۇڭگودىن نىمىشقا جوبىس چىقمايدۇ؟


جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا كۈلتۈر، تارىختىن تۈزۈلمە ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلمىغىچە نۇرغۇن جەھەتتىن پەرققە ئىگە. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم پەرقلەر دۆلىتىمىز كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، جۇڭگودا « ئىجادىيەت»كەملىگى ۋە «يېڭىلىنىشچان» مەھسۇلاتلارنىڭ ئاز چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.


بىرىنچى، جۇڭگو كارخانىچىلىرىنىڭ ئىجادىي روھى كەمچىل، مۇنداقچە ئېيتقاندا تەۋەككۈلچىلىك روھى يوق


ئامېرىكا ئىزچىل تەۋەككۈلچىلەرنىڭ جەننىتى بولۇپ كەلگەن، «غەرپتە ئالتۇن قېزىش» تىن تارتىپ بۈگۈنكى ئېنتېرنېت تورى پارتلىشىغىچە، ئامېرىكا ئىزچىل تەۋەككۈلچى ئەركىلەرنى يېتىشتۈردى. «ئالما»نىڭ سېتىشقا مەسئۇل بىر IT شېركىتىمۇ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ غەلىبە قازاندى. iphone نىڭ مەيدانغا كېلىشى پۈتۈن دۇنيانىڭ نەزىرىنى ئۆزىگە قارىتىپ، ئۇنىڭ يالغۇز يانفۇنلا ئەمەس، مودا ئىقتىدار قوشۇلۇپ پۈتۈنلەي يېڭىلانغان يېڭى مەھسۇلاتنىڭ ماركىسىغا ئايلاندى. iphone كىشىلەرگە شۇنداق دېيەلەيدۇكى:« مانا بۇ يانفۇن، ھەممەيلەننىڭ كۆزى مەندە بولسۇن»


جۇڭگو كارخانىچىلىرىدا تەۋەككۈلچىلىك روھ كەمچىل، يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ، ئىجاد قىلىشقا تېخىمۇ جۈرئەت قىلالمايدۇ، ئىزچىل چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ قۇيرۇقىغا كىرىۋېلىپ ئۇلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش مۇساپىسىدىكى ئەگەشكۈچىلىك رولىنىلا ئويناپ كېلىۋاتىدۇ . جۇڭگونىڭ تېلېۋېزور كەسپىنى ئېلىپ ئېيتساق، ساندۇق تېلېۋېزوردىن ھازىرقى سۇيۇق كىرىستال ئېكرانلىق، ئىئون ئېكرانلىق تېلېۋېزورغىچە ھەممىسى چەتئەل ماركىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش قەدىمىگە ئەگىشىپ تەرەققى قىلغان مەھسۇلاتلىرى بولۇپ، بازارنى تېز سۈرئەتتە ئىگەللىيەلمەيلا قالماي، يەنە ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىناۋىتىمۇ تۈزۈك يوق.


ئىككىنچى، جۇڭگونىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغدىشى يېتەرسىز


يېڭىلىق يارىتىپ پۇل تاپقىلى بولمىسا، كىممۇ يېڭىلىق ياراتسۇن؟ ناۋادا «ئا» «ب»نىڭ ئۆيىدىكى نەرسىنى ئوغۇرلىسا، لېكىن سوتچى ئۇنى جازادىن كەچۈرۈم قىلسا، ئۇنداقتا «ب»نىڭمۇ بىر كۈنى ئەمەس بىر كۈنى «س»نىڭ نەرسىسىنى ئوغۇرلىماسلىقىغا بىرنېمە دېگىلى بولمايدۇ.


بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، ئامېرىكىدىكى جۇڭگولۇقلار كوچىسىدا مۇنداق بىر ئىش بوپتۇ: جۇڭگولۇقلارنىڭ دەپىن بۇيۇملىرىنى ساتىدىغان بىر ماگىزىندا بىر قىسىم قەغەز قونچاق بار ئىكەن، ئۇنىڭ ئارىسىدا ماركىلىق دالا ماشىنىسى، LOGO (ئەنگە ئېلىنغان ماركا)لىق قەغەز ماشىنا مودېلى بار ئىكەن. جۇڭگولۇقلار چوقۇم بىلىدۇكى، بۇ نەرسىلەرنى جۇڭگولۇقلار دەپىن ئۇزاتقاندا كۆيدۈرۈشكە ئىشلىتىپ قايغۇسىغا تەسەللى ئىزدەيدۇ، شەكلى مەنىسىدىن چوڭقۇر. لېكىن بۇ قەغەز ماشىنا مودېللىرى ماگىزىن خۇجايىنىنىڭ تۈرمىگە كىرىشىگە سەۋەپكار بوپتۇ. ئامېرىكا ساقچى دائىرىلىرى ماركا ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزۈش جىنايىتى بويىچە بۇ خۇجايىننى قولغا ئاپتۇ.


دۆلىتىمىزدىكىلەر بۇنى چوقۇم «چۆمۈلىگە زەمبىرەك ئېتىپتۇ» دەپ قاراپ، ئامېرىكىلىقلارنى ھەزىلكەشلىكتە مەسخىرە قىلىدۇ. لېكىن، بۇ ئىش چەتئەللىكلەرنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا ناھىيىتى ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرىدۇ. دۆلىتىمىزدە مۇنتىزىم بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ئاپىراتى كەمچىل بولغاچقا، ئوغۇرلۇقچە نەشر قىلىش ۋە ئوغۇرلۇقچە كۆچۈرۈپ تارقىتىش قىلمىشى ھەممە يەرگە يامراپ كەتكەن، بۇنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلماقمۇ بەك تەس. ئۇنداق قىلمىشلارنى قانات ئاستىغا ئېلىش كارخانىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە تەرەققىياتىغا تېخىمۇ زىيانلىق. سىرت بىلەن بولغان رىقابەتتە بازار ئارقىلىق ئەلالىرىنى تاللاپ، ناچارلىرىنى شاللاش كارخانىلارنىڭ پۇت تېرەپ تۇرۇشتىكى ئاساسى.


3- جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ھايانكەشلىك خارەكتىرى كۈچلۈك


خۇ رېننىڭ 2011- يىلىدىكى بايلىق دوكلاتىدىكى سان- سىپىرلارغا ئاساسلانغاندا، دۆلىتىمىزدە ھازىر 10 مىليونلۇق ئائىلىدىن 960مىڭى، يۈز مىليونلۇق ئائىلىدىن 60 مىڭى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ 3|1 ئۆي مۈلۈككە مەبلەغ سالغۇچىلار ئىكەن، بۇ نىسبەت ئۆتكەن 3 يىلنىڭ ھەممىسىدە ئاشقان.


جۇڭگولۇقلار بىخەتەر پۇل تېپىشنى ياخشى كۆرىدۇ، تاپقان- تەرگىنى بەلگىلىك كاپىتالغا يەتكەندىن كېيىن كەسپنىڭ داۋالغۇشچان كىرىزىسىدىن قېچىپ، بىر قەدەر مۇقىم بولغان ئۆي مۈلۈك كەسپىگە مەبلەغ سالىدۇ، ھەتتا نۇرغۇن دۆلەت كاخانىلىرىمۇ ئۆز بايرىقى ئاستىدا يەر مۈلۈك ئېچىش شېركىتىنى قۇرغان. شۇنداق ئېيتىشقىمۇ بولىدۇكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پارتلىغان ئۆي مۈلۈك كەسپى جۇڭگونىڭ ياساش كەسپى ئىگىلىكىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى ھەم جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كېشەن بولدى.


جۇڭگودا ئۆينىڭ باھاسى بارغانسېرى شىددەت بىلەن ئۆرلەۋاتقاچقا، نۇرغۇن ياساش كارخانىلىرى مەبلىغىنى بىر-بىرلەپ ئۆي مۈلۈك كەسپىگە يۆتكىدى. ئۆي مۈلۈك كەسپىنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپ پايدىسى، پايدىسى تولىمۇ ئاز بولغان ياساش سانائىتى كارخانىلىرىنىڭ ئۆز كەسپىگە بولغان قىزغىنلىقىنى يوقاتتى، شۇنىڭ بىلەن جۇڭگو ياساش كەسپىنىڭ ئارتۇقچىلىقى تەدرىجى ئاجىزلىدى. مانا بۇ ئۆي- مۈلۈك كەسپىنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپ پايدىسىنىڭ ياساش كەسپىنى سىقىپ چىقىرىۋېتىشتىكى نەتىجىسى. ئەگەر بۇنىڭغا خاتىمە بېرىمىز دەيدىكەنمىز دۆلىتىمىز ئۆي مۈلۈكچىلىك كەسپىگە مەبلەغ سېلىشتا چوقۇم گېرمانىيەدىن ئۆگۈنىشى كېرەك. گېرمانىيىدە ئۆي مۈلۈك كەسپى پايدىسى زور كەسپ ئەمەس، ئەكسىچە ياساش كەسپى پايدىسى زور كەسپتۇر. نېمىسلارنىڭ گەرچە كىرىمى يۇقۇرى بولسىمۇ، لېكىن گېرمانىيىنىڭ پايتەختى بېرلىندىكى ئۆي باھاسى بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، شېنجېنلاردىكى ئۆي باھاسىدىن كۆپ ئەرزان. سان- سىپىرلاردىن كۆرۈلىشىچە، ئۆتكەن 10 نەچچە يىلدا، گېرمانىيىدىكى ئۆي باھاسى ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن %1 ئۆرلىگەن، بىراق مال باھاسى ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن %2 ئۆرلىگەن. بۇ ئەمىلىيەتتە، گېرمانىيىدە ئۆي باھاسىنىڭ ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن %1 چۈشىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. 1977- يىلىدىن بۇيان، گېرمانىيىدە ئۆي باھاسى ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن %60 ئۆسكەن، لېكىن، شەخسلەرنىڭ كىرىم سەۋىيىسى 3 ھەسسە ئۆسكەن. گېرمانىيىدە يەر خۇسۇسىي مۈلۈك تۈزۈمىدە ئىشلىتىلىدۇ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ يەر ئىشلىتىشىدە ئېنىق چەكلىمە بار، سودا رايونى بىلەن ئولتۇراق رايون ئېنىق ئايرىلغان، ھەمدە ئۆي مۈلۈك باھاسىنىمۇ بازار يېتەكلەيدۇ، ئۆي مۈلۈك سودىگىرىنىڭ دېگىنى ھېساپ بولىدىغان ئىش يوق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، گېرمانىيىدىكى ھەر بىر ئۆي سودىسى ۋە ئىجارىگە بېرىش سودىسى ئەنگە ئېلىنىپ، شۇ رايوندىكى ئۆينىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى سىتاتىستىكا قىلىنىپ، بۇ باھادىن ئاشۇرىۋەتكەنلەر ئېغىر جازالىنىدۇ.


ئۆي مۈلۈك سودىسىدىكى ھايانكەشلىكنى بۇنداق باپلاش تەدبىرى سودىگەرلەرنىڭ زور پايدا ئېلىشىنى چەكلەپ، گېرمانىيىدىكى ئۆي سودىسىنى نەپ ئالغىلى بولمايدىغان كەسپكە ئايلاندۇرغان، ھەمدە گېرمانىيە كارخانىچىلىرىنىڭ كاللىسىدا پەقەت ياساش كەسپىلا ھەقىقىي نەپ بېرىدىغان كەسپ دەيدىغان ئۇقۇم شەكىللىنىپ، ئۆز كەسپىنى خاتىرجەم، كۆڭۈل قويۇپ ئىشلەيدىغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرگەن، بىر كېچىدىلا بېيىپ كېتىمەن دەيدىغان ئۇقۇم ئۇلارنىڭ كاللىسىدا مەۋجۇت ئەمەس.


جۇڭگودىن جوبىس چىقماسلىقىدىكى سەۋەپ نۇرغۇن «جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك»لەر بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. بۇنداق ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ھۆكۈمەت ۋە كارخانىلارنىڭ كۆپ تەرەپلىمە تىرىشچانلىقىغا باغلىق. تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، جوبىستەك كىشىلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مۇھىت ۋە تۈزۈلمىنى ئورنىتىش كېرەك. ئالدى بىلەن شارائىت يارىتىپ بېرىش لازىم، ھۆكۈمەت كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىغا يۆلەنچۈك بولۇپ ئۇلارغا مەدەت بېرىش لازىم. ئەمىلىي، ئۈنۈملۈك بولغان مۇكاپاتلاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ،كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئاكتىپچانلىقىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، ئۆي مۈلۈك كەسپى قاتارلىق ھايانكەش خارەكتىرلىك ئىقتىسادنىڭ يۇقۇرى پايدا بوشلۇقىنى چەكلەپ،كارخانىلارنىڭ كاپىتالغا تايىنىپلا پايدىغا ئېرىشىدىغان ھايانكەشلىك پىسخىكىسىدىن مۇداپىئە كۆرۈش لازىم. جۇڭگو كارخانىلىرىدىكى ئىنتايىن كۆپ «ئىشلىمەي چىشلەيدىغانلار» ئاللىقاچان نۇرغۇن كارخانىلارنىڭ «ناچار سۈپەتلىك، كۆپ مەنبە لىك » تەرەققىياتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، باش- ئايىقى ئاستىن- ئۈستۈن بولۇپ كەتكەن ئاقىۋەتنى شەكىللەندۈردى؛ ئۈچىنچىسى، دەرھال پۇختا بولغان بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ،ئوغۇرلۇقچە نەشر قىلىدىغان كارخانىلارنىڭ قىلمىشىغا كۈچلۈك زەربە بېرىپ، ياخشى بولغان رىقابەت مۇھىتىنى بەرپا قىلىش لازىم.


ئەلۋەتتە، ياساش كەسپىدە « دۆلەت غەزىنىسى بىلەن تەڭلىشەلەيدىغان» «ئالما» شېركىتى سىرتقى مۇھىتقا تايىنىپلا مۇۋەپپىقەت قازانغان ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى، يەنىلا كارخانىنىڭ كەسپكە بولغان ئالدىن كۆرەرلىگىدە ۋە مەھسۇلاتتا يېڭىلىق يارىتىشىدا. «ئالما»نىڭ مۇۋەپپىقىيەت ئاساسى يېڭىلىق يارىتىشنى ئىجاد قىلىشقا ئۆستۈرگەنلىكىدە. جۇڭگو ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتىمەن دەيدىكەن، جوبىسچە كارخانىلارنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك. يەنى، «جۇڭگو ئىشلەپچىقاردى»نى «جۇڭگو ئىجاد قىلدى»غا ئۆزگەرتىش كېرەك.


«يېڭى ئادەم كۈچى» ژورنىلىنىڭ 2011- يىللىق 11- سانىدىن


ئەنۋەر جۇلا تەرجىمىسى.

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-14 03:59:20

بۇ خەققە گەپ توغرا كەلمەيدۇ ........

Batush يوللانغان ۋاقتى 2012-8-14 06:17:01

33- قەۋەتتىكى kuyaxoghliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

32- قەۋەتتىكى hawaskarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

جوڭگودىن جوتىس، جوپس ،جونس،جوكس ،جولس ،جوھس ، جورس،جوفس،جوغس .....لار چىقسا چىقۇدىكى جوبس چىقمايدۇ .

يەنە تىخى بوبس، چوبس،دوبس...ۋاي ۋۇي يامان جىق چىقىدىكەن .



ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ ھەۋەسكارنىڭ ھەۋىسى، ھەۋەسكارنىڭ يىڭى ھەۋىسى، ھەۋەسكارنىڭ ھازىسى دەپ كەينى-كەينىدىن چىقىۋەرگەندەكما...

Iphone   - 乐phone


ipad - 乐pad


مۇشۇنداق دورامچۇقلار جىق چىقىدۇ دەيمەنغۇ ، ئۆزى بىر نەرسىنى جايلاپ ئىجاد قىلالمىغان ،ئەمما خەق قىلغاننى دوراپ ئاشۇرىۋىتىدىغان ‹‹تاغتۇرالار›› جىق ئەماسمۇ جوڭگودا .

helloworld يوللانغان ۋاقتى 2012-8-11 15:00:14

جوبىس چىقمىغان بىلەن پارىخور يەتكىچە چىقىدۇ .

function يوللانغان ۋاقتى 2012-8-11 15:18:01

ئەمەلدار چىقىدۇ، جوبىس ئامېرىكىدىن چىقىدۇ، بۇ تارىخى مۇقەررەرلىك.

elbilge يوللانغان ۋاقتى 2012-8-11 16:10:29

يەنە بىر كوڭزى چىقسا چىقىدۇكى جوبس چىقىشى مۇمكىن ئەمەس

جوبس چىقىشىنى ئۈمىد قىلىش بۇغداي تېرىپ ئالما ئېلىشنى ئۈمىد قىلغانلىق

sazhumar يوللانغان ۋاقتى 2012-8-11 16:13:12

باشقىلار ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئىش قىلىدۇ ، بىز بولساق مىللەت ، دۆلەت ئۈچۈن قىلىمىز . شۇڭا چىقمايدۇ ...

yoltap يوللانغان ۋاقتى 2012-8-11 16:34:26

بېشىدىلا بىرمۇنچە دەپ-دەپىلىك سۆزلەرنى ئوقۇپ، قالتىس ماقالىدىن بىرنى ئوقۇۋېتىدىغان بولدۇم دەپ ئويلسام... نەدىكىنى بىرەر قۇرۇلتايدا دېيىلگەن جوڭگوچە سوتسىيالىزىم قۇرۇش دېگەندەك قۇرۇق گەپلەرنىڭ يىغىندىسىكەنغۇ...

بۇلار مۇشۇنداق ئەمەلىي بولمىغان قۇرۇق شۇئارنى توۋلاپ يۇرسە ... جوبىستىن گەپ ئېچىپ كەتكىنى قىزىق.

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2012-8-11 16:35:23

بىل گەيتىس چىقمىغانكەن جوبىس ئەلۋەتتە چىقمايدۇ ...

جوڭگودىن تۈزۈپ قويۇپ ئىجرا قىلمايدىغان قانۇن چىقىدۇ ...

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-8-11 16:45:20

4- قەۋەتتىكى sazhumarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

باشقىلار ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئىش قىلىدۇ ، بىز بولساق مىللەت ، دۆلەت ئۈچۈن قىلىمىز . شۇڭا چىقمايدۇ ...

بۇ ئىنكاس بىلەن خەتكۈچلىۋالاي.

malchi يوللانغان ۋاقتى 2012-8-11 16:51:02

4- قەۋەتتىكى sazhumarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

باشقىلار ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئىش قىلىدۇ ، بىز بولساق مىللەت ، دۆلەت ئۈچۈن قىلىمىز . شۇڭا چىقمايدۇ ...

باشقىلار مىللەت، دۆلەت ئۈچۈن ئىش قىلىدۇ،بىز بولساق ئۆزىمىز، ئائىلىمىز ئۈچۈن ئىش قىلىمىز . شۇڭا چىقمايدۇ

asad يوللانغان ۋاقتى 2012-8-11 16:58:15

جوبىس نىمە دېگەن تەلەيلىك .

ئۇ باراك ئوباما بىلەن كۆرۈشكەندە سىز بىرلا قېتىم زوڭتۇڭ بۇلالايسىز دېگەن.

( رەھبەرلىككە قىلىنغان بۇنداق ھۆرمەتسىزلىك ھەرقانداق جۇڭگۇلۇقنىڭ ئەقلىگە سىغمايدۇ)

ناۋادا جوڭگۇدىن جوبېس چىققان بولسا ئۇ ئاشۇنداق دېمۇكۇراتىك ئاڭغا ئىگە،باراۋەرلىك كۆز قارىشى روشەن بوپ چىقىدۇ.

بىراق رەھبەرلىككە ھۆرمەت قىلىش سىياسى ئېڭى كەم جوڭگۇلۇق جوبېس بىرىنچى قېتىملىق 考察دىلا سىياسى جەھەتتىن لاياقەتسىز دەپ شاللىۋېتىلىدۇ.

دېمەك جوڭگۇلۇق جوبېس تېخنىك چاغلىق ئىلمى ئۇنۋانغا ئېرىشەلمەيدۇ،شۇڭا تەتقىقات ئۇرۇنلىرىغا يېقىن بارالمايدۇ،غالچىلىق،پوداقچىلىق قىلىشنى ئۇقمىغاچقا بىرەر شېركەتتە بۈلۈم باشلىقى چاغلىق ئۇرۇنغا ئېرىشەلمەيدۇ.ئالمىنىڭ شۈپۈكىنىمۇ تەتقىق قىلىدىغان پۇرسەتكە ئېرىشەلمەيدۇ،ئۆيىگە بېكىنۋېلىپ تەتقىق قىلدى دېگەندىمۇ بىر شېركەت ياكى شەخس ئۇنىڭغا مەبلەغ سالمايدۇ.ئاخىرىدا ئۇئەتراپىدىكى نۇرغۇن ئەقىللىق ئىقتىدارلىق جۇڭگۇلۇقلارغا ئوخشاش ئۆزىدىكى ئەقىل پاراسەت بىلەن يۇلىنى ئۆزگەرتىپ مۇناسىۋەت تورىغا كىرىپ مەمۇرى ئەمەلدار بۇلۇپ كېرىلىپ ياشايدۇ ،ياكى مەڭگۈ ئارمانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرالماي شۇ پېتى ئۆتۈپ كېتىدۇ.

tursunn يوللانغان ۋاقتى 2012-8-11 17:14:00

مەكتەپلەردە ئۆلگۈدەك يازىدىغان تاپشۇرۇق بېرىپ، ئەمەلىي ئىش قىلدۇرمىسا، بىچارەملەر باشلانغۇچتىلا تاپشۇرۇقنىڭ دەستىدىن مانچە گىرادوسلۇق كۆزئەينەك تاقاپ، سىڭايان قاراپ يۈرسە؛ كاتتا ئەجدەرھانىڭ قالتىس ئەۋلادلىرىدىنقانداقمۇ جوبىس چىقسۇن؟!

Nurlan يوللانغان ۋاقتى 2012-8-11 17:19:04

جۇڭگۇدىن خىشىن چىقىدۇ، بۇ دىگەن تەبىيەتنىڭ قانۇنىيتى. دەپ باركەن بىر تاشۋارىقى يوق كىتاپتا.

sazhumar يوللانغان ۋاقتى 2012-8-11 18:07:06

8- قەۋەتتىكى malchi نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

4- قەۋەتتىكى sazhumarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

باشقىلار ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئىش قىلىدۇ ، بىز بولساق مىللەت ، دۆلەت ئۈچۈن قىلىمىز . شۇڭا چىقمايدۇ ...

باشقىلار مىللەت، دۆلەت ئۈچۈن ئىش قىلىدۇ،بىز بولساق ئۆزىمىز، ئائىلىمىز ئۈچۈن ئىش قىلىمىز . شۇڭا چىقمايدۇ


شۇنداق ...


ھازىر بىز ئىشلىتىۋاتقان چىش كۆلىغۇچ ( تۆۋەندىكى رەسمدىكىدەك )


\"\"


مىش مىش پاراڭلارغا قارىغاندا ياپونلۇقلار تاماق ئۈستىلىگە ، مەيلى چوكا ياكى باشقا بۇيۇملار بولسۇنئېغىزغا كىرىدىغان تەرەپنى تەككۈزۈشنى ئەخلاقسىزلىق دەپ بىلىدىكەن ، شۇنىڭ بىلەن چىش كولىغۇچ لايىھەلىگۈچى بۇرۇنقى چىش كولىغۇچنىڭ ئارقا تەرىپىدىن ئازراق قىرىپ ، ئارقا تەرىپىنى سۇندۇرۇپ چىش كولىغۇچنىڭ بىشىنى تېرەشكە مۇۋاپىق قىلىپ لايىھىلىگەن ... ( ماۋۇ رەسىمدىكى ئاستىدىكىدەكچۇ ... )


\"\"



مانا ھازىر بۇ چىش كولىغۇچ ئومۇملاشتى. گەرچە ئۇنداق زامانىۋىي مەھسۇلات بولمىسىمۇ ، لىكىن نىمىشقا ئومۇملىشىدۇ ؟؟؟ چۈنكى بۇ ھەممە كىشىنى ئويلاشقان مەھسۇلات ، ئىنسانىيەت ئۈچۈن لايىھىلەنگەن مەھسۇلات ...

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-8-11 18:15:05

CCTV دا يۈز- قولنى يۇيۇشنى ئۆگەتكەنگە 10 يىل بولمىدى.

eldos يوللانغان ۋاقتى 2012-8-11 18:25:42

asadجۇڭگودىن جۇبىس چىقمايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى نەق تەسۋىرلەپ بېرىپتۇ .

alshah يوللانغان ۋاقتى 2012-8-11 20:20:34

13- قەۋەتتىكى yolyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

CCTV دا يۈز- قولنى يۇيۇشنى ئۆگەتكەنگە 10 يىل بولمىدى.



مۇشۇنداقمۇ ئىش بولغانما تېخى ...

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-8-11 21:47:37

15- قەۋەتتىكى alshahنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

13- قەۋەتتىكى yolyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

CCTV دا يۈز- قولنى يۇيۇشنى ئۆگەتكەنگە 10 يىل بولمىدى.



مۇشۇنداقمۇ ئىش بولغانما تېخى ...

2006年1月18日:正确的洗脸 - CCTV.com

rock يوللانغان ۋاقتى 2012-8-11 22:17:09

ھاھا، مېنىڭ ئېسىمدە قېلىشىچە، 2002 يىلىغۇ دەيمەن ھە ھېلىقى سارس كېسىلى بولغان يىلى، دەنشىدە توختىماي قولنى ماندا يۇيۇش كېرەك دەپ ئېلاننى يامان بەرگەن، مۇشۇ توغرىسا مەھەللىدىكى ئاكاشلار بىلەن پاراڭلىشىپ قالغان. 80 - يىللىرىمىشكەنتۇق، تاماق يىگەندە ئورۇندۇققا دەسسەپ تۇرۇپ يىمەيمىز، بۇ خاتا، توغرىسى ماندا ... دەپ ئېلانلار جىقكەنتۇق.

2008 ئولىمپىكنىڭ ئالدىدا، دەرەخقە ئىلىنىپ قالغان پەيتوپنى ، ئورۇندۇققا قەغەز قويۇپ، دەسسەپ چىقىپ ئالىمىز دەپ ئېلاننى ... ھەي. پەسەندىلەر.
بەت: [1] 2
: جۇڭگودىن نىمىشقا جوبىس چىقمايدۇ؟