enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2012-8-11 14:11:01

پۇتبول ساھەسىدىكى چوڭ سوت[تەرجىمە]

پۇتبول ساھەسىدىكى چوڭ سوت:


بەزى ئەمەلدارلارنىڭ بىر كېچىدىلا چېچى ئاقىرىپ كەتتى



   بۇ پەقەتلا بىر باشلىنىش.


  2011- يىلى 19- دېكابىر، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمىيىتى رېپېرلار كومېتىتىنىڭ مۇدىرى جاڭ جيەنچياڭ مەھبۇسلار كىيىمىنى كىيىپ لياۋنىڭ ئۆلكىسى تيېلىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جاۋاپكارلار سۇپىسىدا ئۆرە تۇراتتى.ئۇنىڭ چېچىنىڭ تەڭدىن تولىسى ئاقىرىپ كەتكەن بولۇپ، چىرايى سۇلغۇن كۆرۈنەتتى. بۇرۇنقى قىپقىزىل، پارقىراق يۈزلىرىدىن ھازىر ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى. گەرچە ئۇ بۇ يىل ئەمدىلا 49ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەمىلىي يېشىدىن خېلىلا قېرى كۆرۈنەتتى.


  2009- يىلى، جۇڭگو پۇتبولى قارا پۈشتەك، پۇتبول قىمارىغا قارشى سۈپۈرۈش دولقۇنىنى قوزغىدى، ئۇزۇنغا سوزۇلغان 3يىللىق تەكشۈرۈشتىن كېيىن، ئاخىرى دېلوغا چېتىلغان ئەمەلدارلارنى ئاشكارا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ھالقىلىق پەيتى يېتىپ كەلدى. ئاخبارات ساھەسىدىكىلەر تەرىپىدىن «جۇڭگو پۇتبولىدىكى چوڭ سوت» دەپ ئاتالغان بۇ سوتنىڭ 1- باسقۇچلۇق سوت كېڭىشى 5 كۈن ئېلىپ بېرىلىپ، 29 نەپەر دېلوغا چېتىشلىق سابىق پۇتبول بىرلەشمىسى ئەمەلدارلىرى، كۇلۇبنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرىغا ھېچقانداق كونكىرىت جازا بېكىتىلمىدى.


  بىر ئاينىڭ ئىچىدە، ئەدلىيىلىك ھۆججەتلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېلان قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمىيىتىنىڭ چىرىكلىكىگە مۇناسىۋەتلىك چۈمبەردىلەر قەۋەتمۇ- قەۋەت ئېچىلىپ ، ئىمىر- چىمىر بولۇپ كەتكەن قارا تورنىڭ ئەپتى- بەشىرىسى ئايان بولۇشقا باشلىدى.


  « ئىقرار قىلمىساڭ، باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلغان بولىسەن»


  جۇڭگو پۇتبولىغا چوڭ سوت ئېچىلغان تۇنجى كۈنى، مەركىزىي تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى ئاۋام نەزىرىدىن 2 يىلغا يېقىن يوقالغان نەن يوڭ، شيې يالۇڭ، ياڭ يىمىن قاتارلىق پۇتبول ساھەسىدىكى «3 ماگنات» بىلەن ئېلىپ بارغان تۈرمە زىيارىتىنى ئېلان قىلدى، بۇمۇ بۇ ئۈچەيلەننىڭ ئارقا- ئارقىدىن تۈرمىگە كىرگەندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق ئۆزىنى ئاشكارىلىشى ئىدى.


  جاڭ جيەنچياڭنىڭ سۇلغۇن تۇرقىغا ئوخشاش قالغانلىرىنىڭمۇ كىشىگە بېرىدىغان تەسىراتى، ئۇلارمۇ ئوخشاشلا خېلىلا قېرىپ  كەتكەن ئىدى: ئىلگىرىكى كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، سابىق پۇتبولچىلار جەمىيىتىنىڭ باشلىقى شيې يالۇڭ ئىككى يىل تۈرمە تەمىنى تېتىغاندىن كېيىن چېچى پۈتۈنلەي ئاقىرىپ، ئىككى قۇلىقىمۇ گاس بولۇپ قالغان ئىدى. ھەتتا ئاڭلاشنى كۈچەيتكۈچ ئەسۋاپ ئارقىلىقلا ئاندىن مۇخبىرنىڭ سورىغان سۇئالىنى ئاڭلىيالىدى؛ پۇتبول ساھەسىدىكى « قاتتىق قول» دەپ شەرەپلىك نام ئالغان جۇڭگو پۇتبول ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ سابىق مۇدىرى نەن يۇڭنىڭ چېچىمۇ پۈتۈنلەي ئاقىرىپ كەتكەن بولۇپ، چىرايى تاتىراڭغۇ كۆرۈنەتتى.


  ئۇنىڭ مۇئاۋىنى ياڭ يىمىنغا كەلسەك، ئىلگىرى چېچىنىڭ ئارقىسىنى تاراپ پارقىرىپ، ئالتۇن گەردىشلىك كۆزەينەك تاقاپ يۈرۈيدىغان بۇ بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ دوكتۇر يېتەكچىسىنىڭ يۈزىنىمۇ پۈتۈنلەي ئاپئاق ساقال باسقان ئىدى، ئۇنىڭ ئىنتايىن ئەبگالىشىپ كەتكەن تەقى-تۇرقى بىر دەمدىلا جاھانغا پۇر كەتتى، ئۇنىڭمۇ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن بىر كېچىدىلا چېچى ئاقىرىپ كەتكەن ئىدى.


  21- دېكابىر، ياڭ يىمىنغا سوت ئېچىلدى. ئەتىگەن سائەت 8 دە، ئۇ يۈزىنى قولى بىلەن توسۇۋېلىپ،دۈمچەيگەن ھالدا سوت مەيدانىغا كىردى. ئۇ، سوت مەيدانىدا ئولتۇرغان ئاكا- ھەدىسى قاتارلىق تۇققانلىرىنى كۆرگەن چاغدا ئۆزىنى تۇتىۋالالماستىن نەق مەيداندىلا ئۈنلۈك يىغلىۋەتتى. بۇ ئۇنىڭ 2010- يىلى قولغا ئېلىنغاندىن بۇيان، تۇنجى قېتىم ئۆز تۇغقانلىرى بىلەن يۈز كۆرۈششى ئىدى.


  سوت مەزگىلىدە ئۇ پات-پات سوتتىن ئۆز جىنايىتىگە يېنىك جازا بېرىشنى ئۆتۈنۈپ تۇردى. «بىر بىلىملىك زىيالىي، مۇتەخخەسىس بولۇش سۈپىتى بىلەن ياڭ يىمىنمۇ مۇشۇ ئاقىۋەتكە چۈشۈپ قالغىنىدىن چوڭقۇر ئۆكىنىدۇ» دېدى ئۇنىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋۇكاتى ۋاڭ شۇجىڭ. سوت شۇ كۈنى كەچتە ئاياقلاشقۇچە ياڭ يىمىن 22 تۈرلۈك جىنايەت بىلەن ئەيىپلەندى، چېتىلغان سوممىسى 1 مىليون 250 مىڭ سومدىن كۆپ ئىدى.


  ياڭ يىمىن بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنۋېرسىتىتىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، 2002- يىلنىڭ ئاخىرىدا جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە، 2003- يىلى بېيجىڭ تەنتەربىيە ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ دوكتۇر يېتەكچىلىكىگە تەيىنلىنىپ، ئىلگىرى- ئاخىرى بولۇپ 100 پارچىغا يېقىن ئىلمىي ماقالە، 19پارچە كىتاپ يېزىپ ۋە تۈزۈپ، پۇتبولچىلار جەمىيىتىدىكى ساناقلىق تېخنىكا تىپىدىكى ئەمەلدارنىڭ بىرسى بولۇپ قالغان ئىدى. لېكىن پۇتبول ساھەسىدە ياڭ يىمىن « ئالاقىغە ماھىر ئەمەس» لىكتە داڭ چىقارغان ئىدى. ئاتالمىش «ئالاقىغە ماھىر ئەمەس»نىڭ مەنىسى پارا ئېلىشنى بىلمەيدۇ، دېگەنلىك ئىدى.


  - ئەڭ دەسلەپتە، كۇلۇبلار ماڭا 300- 500 سوم سۈڭگۈتكەندە مەن ھەممىسىنى قايتۇرىۋەتتىم، كېيىن پۇتبول ساھەسىدە مېنى پارا قوبۇل قىلىشنى خالىمايدۇ،دېگەندەك گەپلەر تارقالدى،- دېدى ئۇ سوت ئېچىلىشتىن بۇرۇنقى زىيارەتتە مۇخبىرغا. ياڭ يىمىننىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەسلىشىچە، ئۇ پۇتبول جەمىيىتىگە يېڭى كىرگەن ۋاقتىدا باشقىلار ھاراق- تاماكا دېگەندەك نەرسىلەرنى سۈڭگۈتسە ئۇ بەكمۇ ئاچچىقلىنىپ:


  - مېنى ئورىغا ئىتتىرمەكچىمۇ، نىكوتىن بىلەن زەھەرلەڭ بىر، يەنە چىرىكلەشتۈرمەكچىمۇ؟- دەپ ۋارقىراپ كېتىدىكەندۇق.


  ياڭ يىمىن ئۈستىدىكى ئەيىپلەشنامىنىڭ بىر پاكىتىدا ، 2007- يىلى ۋۇخەن شەھەرلىك پۇتبولچىلار جەمىيىتىنىڭ باش كاتىپى فۇ شياڭ ياڭ يىمىننىڭ 6- نۆۋەتلىك شەھەر تەنھەركىتى مۇسابىقىسىدە ۋۇخەن ئوغۇل- قىزلار پۇتبولىغا ياردەم بەرگىنىگە رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن ئۇنىڭغا 4 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بەرگەن.


  بۇنىڭغا قارىتا، ۋاڭ شۇجىڭ سوتتا ئاقلاپ:«ئەينى چاغدا ياڭ يىمىن تەنھەركەت يىغىنىنىڭ ئىجرائىي مەسئۇلى ئىدى، تەنھەركەت يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ۋۇخەندىكى بىر كارخانا ۋۇخەن پۇتبولچىلار جەمىيىتىگە ئازراق پۇل ياردەم قىلىدۇ، فۇ شياڭ بۇ پۇلدىن 100 مىڭ سومنى ئايرىپ ياڭ يىمىنغا ئاپىرىپ بېرىدۇ ھەمدە بۇنىڭ ھۆكۈمەت مۇكاپاتى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ، لېكىن ياڭ يىمىن 3 قېتىم رەت قىلىدۇ»دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.


  2009- يىلى، ياڭ يىمىننىڭ قىزى چەتئەلگە ئوقىغىلى چىققاندا، فۇ شياڭ بۇ 100 مىڭ سومنى ئامېرىكا دوللىرىغا ئالماشتۇرغاندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ياڭ يىمىنغا سۈڭگىتىپ، قىزىنىڭ ئوقۇشىغا ئىشلىتىشىنى ئېيتىدۇ، بۇ چاغدا ياڭ يىمىن يۈز كېلەلمەي پۇلنى ئالغان.


«ياڭ يىمىن خىجىل بولۇپ 2 مىڭ دوللارنى ئالغان، قارشى تەرەپ ئۇنىڭ گۇمانلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن قالغان 2 مىڭ دوللارنىمۇ ياڭ يىمىنغا زورلاپ بەرگەن.» دېدى يەنە ۋاڭ شۇجىڭ.


  كېيىن، ئۇنىڭ بىر تونۇشىمۇ ياڭ يىمىنغا پۇل سۈڭگىتىدۇ، ئۇمۇ پۇل ئېلىشنى باشلىۋېتىدۇ.


  - خەق سىزگە پۇل سۈڭگىتسە، سىز ئالمىسىڭىز خەق بەكلا ئوسال بولۇپ كېتىدىكەن، سىزمۇ بىلىپ-بىلمەي جىنايەت يولىغا مېڭىپ، جىنايەتچى بولۇپ قالىدىكەنسىز،- نەن يۇڭ بىلەن شيې يالۇڭ تۈرمىدە ئۆزىگە توغرىلانغان كامېرانىڭ ئالدىدا ھامان مۇشۇ خىلدىكى تەسىراتنى كۆپ ئوتتۇرىغا قويدى. نەن يۇڭ ئۆتكەننى ئەسلەپ شۇنداق دەيدۇ:


   - مەنمۇ دۇرۇس ئادەم بولۇشنى ئويلايمەن، توپ مەستانىلىرىنىڭ ئۈمىدىنى يەرگە ئۇرىدىغان ئىشنى قىلماي دەيمەن، لېكىن بۇ ساھەنىڭ مۇھىتى ھەقىقەتەن ئىنتايىن مۇرەككەپ. بۇنداق مەسىلىلەرگە راستىنلا يولۇققان چېغىڭىزدا، ئۆزىڭىزنى باشقۇرالماي قالىسىز.


  پۇتبول ساھەسىدىكى قارا ئىدىش


  بۇرۇن پۇتبول ساھەسىدە ئىشلىگەن، سابىق دۆلەت كوماندىسىنىڭ تەرجىمانى شيې چياڭنىڭ ياڭ يىمىن قاتارلىق كىشىلەرنىڭ روھى ھالىتىگە بولغان تەسىراتى ناھىيىتى چوڭقۇر: «ئۇلارنىڭ تايانچىم بار دەپ قورقماي قىلغان بەزى ئىشلىرى پۈتكۈل پۇتبول ساھەسىنىڭ مەسىلىسى. نۇرغۇن جايلار تەنتەربىيىنى سىياسىي نەتىجە قىلىۋالىدۇ، ئۇلار بۇنداق ئىشنى قىلىۋاتقاندا خۇددى ئۆزىنى ھالال ئىش قىلىۋاتقاندەك سېزىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ بۈگۈنلا شەكىللىنىپ قالغان ھالەت ئەمەس.


  شيې چياڭنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىل مۇھىت ئىچىدە ئازدۇرۇش بەكمۇ كۆپ بولۇپ، ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئادەملەرلا بۇ پاسكىنىچىلىقنى ئۆزىگە يۇقتۇرمايدىكەن، « بۇ پەقەت سىزنىڭ ئورنىڭىز ھارام تاپاۋەت ئېلىپ كېلەلەمدۇ- ئېلىپ كېلەلمەمدۇ مەسىلىسىلا ئەمەس. بەلكى، ئەشۇ خىل مۇھىت ئىچىدە پۇل ئېلىشنىڭ قانۇنغا خىلاپلىقلىقىنى ھىس قىلىش- ھىس قىلالماسلىقىڭىزدا»دەيدۇ شيې چياڭ.


  بەزى مۇتەخخەسىسلەرنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى چوڭ سوتقا چېتىشلىق كىشىلەردىن قارىغاندا، دۆلەت ئىچى پۇتبول ساھەسىدىكىلەرنى پۈتۈنلەي چىرىكلىشىپ كەتكەن دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. يۇقۇرىدا پۇتبولچىلار جەمىيىتىنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى، ئوتتۇرىدا جاڭ جيەنچياڭ قاتارلىق ئوتتۇرا قاتلام كادىرلىرى، ئاساسىي قاتلامدا رېپېر، تېرېنېر ۋە توپچى، كۈلۈب ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك «بىر قازاننىڭ ئوماچلىرى»غا ئايلىنىپ كەتكەن. بۇ خىل يامان كىلىماتنىڭ يۇقۇملاندۇرىشى ئاستىدا، مەينەتتىن ئۆزىنى بۇلغىماي پاك تۇرالايدىغانلار ئازنىڭمۇ ئېزى بولۇپ، «جاھاننىڭ رەپتارىغا كىرىۋالغانلار» پۇتبول ساھەسىنىڭ سىركە ئېچىتىش ئىدىشى مەدەنىيىتىنى ياراتقانلاردۇر.


  بۇ قېتىمقى سوت جەريانىدا، «رەھمەت پۇلى» ۋە « مۇناسىۋەت پۇلى» تەكرارلىنىش سانى ئەڭ يۇقۇرى بولغان سۆزگە ئايلاندى. جاڭ جيەنچياڭنىڭ دېلوسىدا، رېپېر ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئاتىدارچىلىق قىلغىنىغا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن، شەندۇڭ لۇنېڭ كۇلۇبىنىڭ باش درېكتورى شاۋ كېنەن ئۇنىڭغا 400 مىڭ سوم «رەھمەت پۇلى» سۈڭگىتكەن؛ 2006- يىلى، شيې يالۇڭ لۇنېڭ كۇلۇبى چېمپيۇنلۇق تاجىنى كىيگەندىن كېيىن يەنە 200 يۈزمىڭ «رەھمەت» پۇلى تاپشۇرۇپ ئالغان. ياڭ يىمىن پارا ئالغان پۇلنىڭ ئىچىدىمۇ ئۇ قوبۇل قىلغان بىر قىسىم سوۋغاتلىق پۇل، مال سېتىۋېلىش كارتىسى، ماي قاچىلاش كارتىسى ھەمدە كۆپلىگەن كۇلۇبلارنىڭ يۇقۇرى قاتلىمىدىكىلەر سۈڭگىتكەن «مۇناسىۋەت پۇلى» قاتارلىقلار بار ئىكەن.


  بىراق، سوت جەريانىدا ياڭ يىمىن «ئۇ پارە ئەمەس، بەلكى ئاغىينىدارچىلىق» دېدى. ئۇنىڭ ئادۋۇكاتىمۇ مۇشۇنداق قارىدى. « ياڭ يىمىننىڭ ئانىسى تۈگەپ كەتكەندە باشقىلارنىڭ بىر نەچچە مىڭ سوم ئەكىلىپ بېرىشى بۇ نورمال ئادىمىگەرچىلىك؛ كارخانا لېدىرى ئىش بېجىرگىلى كېلىپ، ياڭ يىمىننى شۇنداقلا يوقلاپ كىرىپ بىرئاز ساغلاملىق بۇيۇملىرى دېگەندەك نەرسىلەرنى سوۋغا قىلاتتى.» ۋاڭ شۇجىڭنىڭ نەزىرىدە، بۇنداق «بار تاۋىقىم، يان تاۋىقىم» مۇناسىۋىتىنى رەت قىلماق ئاسان ئەمەسكەن.


  نەن يۇڭنىڭ پارا ئېلىش تارىخى 1999- يىلىغىچە سۈرىلىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا، دەرىجە ساقلاشتا تىركىشىۋاتقان شېنياڭ دېڭىز شىرى كوماندىسى مېھمان مەيداندا يەنبيەن كوماندىسى بىلەن تۇتۇشۇش ئالدىدا، شېنياڭ كۇلۇبىنىڭ باش درېكتورى ئەمدىلا ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن، تېخى تونۇشۇشقا ئۈلگۈرمىگەن نەن يۇڭغا مۇناسىۋەت ئارقىلىق تېلېفۇن ئېلىپ، ئۇنىڭغا « ئاتىدارچىلىق» قىلىپ قويۇشنى ئۆتۈنگەن. نەن يۇڭنىڭ ئۆزىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، كېيىن ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن 200 مىڭ سوم پارا ئالغان.


  - سوۋغا ئەكىلىدىغانلار بەزىدە ئىشخانامغا قويۇپ قوياتتى، بەزىدە تاماق يەۋاتقان چېغىمىزدا ئىككى بولاق تاماكا سوۋغا قىلاتتى، لېكىن ئىچىدە پۇل بولاتتى ياكى تاۋۇز چاغىنىدا ئاي توقاچ سوۋغا قىلسىمۇ ئىچىدىن پۇل چىقاتتى. سەللا دىققەت قىلمىسىڭىز ئالغىنىڭىز ئادەتتىكى سوۋغات بولماي چىقاتتى، قايتۇرىمەن دەپمۇ قايتۇرغىلى بولمايتتى،- دېدى ئۇ ئۆزىنىڭ چىرىكلىشىش يولىغا قانداق مېڭىپ قالغىنىنى ئەسلەپ.


  ئەكسىچە، شيې يالۇڭنىڭ پارا ئېلىش تەپسىلاتلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك «ئادىمىگەرچىلىك»كە چېتىلىدۇ. «بۇنداق چوڭ مۇھىت ئاستىدا، ئادەم ئاستا- ئاستا خۇدىنى يوقىتىپ، ئۆزىنىڭ جىنايەت يولىغا ماڭغىنىنىمۇ تۇيمايدىغان بولۇپ قالىدىكەن». مەركىزىي تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ كامېراسى ئالدىدا، ئۇ ئۆزىنىڭ ھەممە پۇلنى ئالمىغانلىقىنى، پەقەت قارشى تەرەپ بىلەن بىلەن ئۆزىنىڭ بىر قەدەر ياخشى مۇناسىۋىتى بولسا، ئاندىن ئادىمىگەرچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى. « بىر نەچچە ئۇن مىڭ، 100-200 مىڭ بولسا قايتۇرىۋەتتىم، كۇلۇبلار ئاساسەن رەھمەت ئېيتىش نامى بىلەن كېلىدۇ، ئەمىلىيەتتە، ئۇلار ماڭا پالانى ئىشنى قىلىپ بېرىڭ دەپ باققان ئەمەس.»


  مەركىزىي تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىدە، شيې يالۇڭ ئۆزىنى پارىخور ئەمەلدار دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.


  « جىنايى قىلمىشىم بارلىقىنى مەنمۇ ئېتىراپ قىلىمەن، بىراق مەن راستىنلا پارىخور ئەمەلدار ئەمەس. پاك ئەمەلدار دېمەكچىمۇ دېسىڭىز، جىنايەت ئۆتكۈزۈپ تۇرۇپ قانداقسىگە پاك ئەمەلدار بولالاي؟ دۆت ئەمەلدار دېمەكچى بولسىڭىز، مەن باشقا ئورۇندىكى ۋاقتىمدا ناھىيىتى ياخشى ئىشلىگەن»- دېدى شيا يالۇڭ.


  بۇ گەپلەر ئادەمنى قايىل قىلالمايدۇ. 2010- يىلى 3- سىنتەبىردە، ئۇ ساقچىلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈشكە ماسلىشىشقا ئېلىپ كېتىلدى؛ 12- سىنتەبىردە، ج خ مىتىستىرلىكى رەسمىي ھالدا شيې يالۇڭ ئۈستىدىن دېلو تۇرغۇزۇپ تەھقىقلەشنى باشلىدى. نۆۋەتتە ئاشكارىلانغان ئەدلىيىلىك ماتىرىياللارغا ئاساسلانغاندا، شيې يالۇڭ ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ شەندۇڭ لۇنېڭ كۇلۇبىدىن ھوقۇقنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ 200مىڭ سوم ئالغان. ھەمدە جۇڭگو ئولېمپىك كوماندىسىنىڭ سابىق تېرېنىرى دۇيكېۋىسكىنىڭ ۋاستىچىسىدىنمۇ 50 مىڭ سوم پارا ئالغان.


  شېنياڭدىكى نۇرغۇن توپ مەستانىلىرىنىڭ نەزىرىدە، ئۇ شيې يالۇڭنىڭ سوتنىڭ جاۋاپكارلىق سۇپىسىغا چىقىشتىن بۇرۇن ئۆزىنى ئاقلاپ بېقىشقا ئۇرۇنىشى، خالاس. مەلۇم بولىشىچە، ئەدلىيە تارماقلىرى 2012- يىلى چاغاندىن كېيىن كېيىنكى باسقۇچلۇق سوتنى قانات يايدۇرىدىكەن، شۇ چاغدا «3 ماگنات»نىڭ ئارىسىدىكى شيې يالۇڭ بىلەن نەن يۇڭمۇ يەنە بىر قېتىم ئاۋام ئالدىدا ئوتتۇرىغا چىقىدىكەن، ھازىر پەقەت ناھىيىتى شۇ جۇڭگو پۇتبولى چوڭ سوتىنىڭ «ئوتتۇرا مەيدان ئارىلىقىدىكى قىسقا دەم ئېلىش»ۋاقتىدا تۇرىۋاتىمىز.


  نۆۋەتتە، ياڭ يىمىن تيېلىڭ شەھەرلىك تۈرمىدە سوتنىڭ ھۆكۈمىنى كۈتىۋاتىدۇ. سوتتىن كېيىن، ئۇ ئۆز قولى بىلەن مىڭ خەتلىك تۆۋىنامە يازدى: « مەن ھازىر ئىنتايىن پۇشايمان قىلىۋاتىمەن، تۈرمىگە كىرگەندىن كېيىن دائىم ئىختىيارسىز ياش تۆكۈپ، چاچلىرىمنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئاقىرىپ كەتتى، دائىم يېرىم كېچىدە چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىمەن، كۆز ياشلىرىم توختىمايدۇ......»



  

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-11 17:58:23

tujjar365 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-12 13:10:13

جوڭگوچىلىق .

tujjar365 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-12 13:17:14

بۇلار ئاز ئاپتۇ  شۇڭا تىزلا پاش بوپتۇ . جىق ئالغانلىرى يۇقىرى تۆۋەن   تورلىشىپ كەتكەن بولغاچقا  ئۇنداق  ئاسان پاش  بولمايدۇ .،

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-8-12 21:58:49

نەچچە ئون مىليون ئادەمنىڭ پۇتبول چۈشىنى يوق قىلغان ئىپلاسلار.
بەت: [1]
: پۇتبول ساھەسىدىكى چوڭ سوت[تەرجىمە]