چۇڭچىڭدا قوراللىق بۇلاڭچىلىق يۈز بەردى [رەسىملىك]
8-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 9دىن 37مىنۇت ئۆتكەندە بىر قوراللىق بۇلاڭچى بانكىدن چىققان بىر ئايالنى ئېتىپ سومكىسىنى بۇلاپ يەنە ئىككى ئادەمنى يارلاندۇرغان.
چۈشتىن كىيىن ساقچى تەرەپ ئا دەرىجىلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىپ جىنايەت گۇماندارىنىڭ سۆرىتىنى ئېلان قىلدى ۋە تۇتقۇچىلارنى 500مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
جىنايەت گۇماندارى: جوۋ كې خۇا، ئەر، خەنزۇ، 42ياش،
چۇڭچىڭ ساقچى تەرەپ ئاختۇرۇپ تۇتۇش ھەركىتىنى باشلىدى
مەنبە: http://news.qq.com/a/20120811/000310.htm#p=15
ئامرىكىنىڭ ماسساچۇستىس شىتاتىدىكى بىر شېركەت ئۇچالايدىغان ماشىنا ياسىدى، بۇ ماشىنا 2013-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ ئۇچۇشقا تەستىقلانغان.
مەنبە: http://news.qq.com/a/20120811/000669.htm#p=6
بۈگۈن شەرەپ بىلەن جان تەقسىم قىپتۇمىشقۇ بۇ ژىتىم نەق مەيداندىلا بىر تەرەپ قىلىۋېتىپتۇ. ئاۋۇ جوۋ كې خۇا، دىگەن 42ياشلىق ئەر خەنزۇ ،بۇلاڭچى قاتىل تۇتۇلوپتىما غۇلجا تەرەپلەرگە كىلىپ قالسا گۇلەي گۇلەي يۇ سۇيرۇ مىيەن دەپ ئالداپ ئوزەم تۇتۇپ بىرىپ مۇكاپاتقا شىيەندەي ماشىنا ئىلىۋالمىسام،،،

مېىنىڭ خىيالىمنى بىلىۋالدىمۇ؟ {:90:}
ئاۋۇ ئايروپىلاننىڭ پىقىرغۇچى يوقمۇ، رىئاكتىپلىق ئايرپپىلاندەك تۇرامدۇ نىمە؟ شىنجاڭغا قاچتىمىكىن ،قوينى كەڭرى ماكاندا ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ دىباۋ ئېلىپ ياشاۋېرىدۇ ھەقىچان.بۇ يىل يېزىمىزدىن 12 يىل بۇرۇن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ،بىرسىنى ئېغىريارىلاندۇرغان خېنەنلىكتىن بىرىنى تۇتۇپ كەتتى،بۇ يولداش بۇ يەردە توپا تۈرتۈپ پۇلغا تىنىپ كەتكەن،تېخى تۇل خۇتۇندىن بىرسى موكلا ئۇچراپ تويمۇ قىپتىكەن.تۇتقان ئاخشىمىلا ھېلىقى خۇتۇن بارلىق بىسات مىنىڭكى،ئۇ بۇ يەرگە مۇساپىرتى دەپلا ئادا-جۇدا بولدى.توۋا دەپ قاپتىمەن.12 يىلغىچە ساقچىلار پوق يىگەنمىدۇ؟12يىلدىن كىيىن قانداق تۇتىۋالغاندۇ؟بۇ بايقۇش ئىسمىنىمۇ ئۆزگەرتىپ بىزنىڭ يەرلىك نۇپۇسقىمۇ ئۈتۈپ بوپتىكەن. بۇ يەدە يېنىدا تىغ- پىغ بارلىقىدىن گۇمانلا بار ئادەمنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈۋاتقاچقىمىكىن ما خەۋەگە ئىشەنمەۋاتىمەن جۇما. سىز چۇڭچىڭنىڭ ئەھۋالىنى بۇ يەرنىڭكىگە ئوخشىتىپ قاپسىزغۇ. ئەگەر سىزمۇ چۇڭچىڭ لىق بولسىڭىز بۇ يەردە ھېچقاچان تەكشۈرۈلمەيسىز. بىر جىنايەتچىنى تۇتىدىغاندەك ئەمسقۇ، ئۇرۇشقا ماڭغادەكلا قىلىدۇ.
ئاشۇ بىر ئادەمگە شۇنچە ئەسكەرلەرنى ئىشلەتكىلى تۇرسا، ئەگەر ئۇرۇش بولۇپ قالسا ئىشتان قويىۋىتەمدۇ نېمە؟
ھە راست، بۇلار بىكار يەپ ياتقىلى ئۇزۇن يىللا بولدى. پاشا- چىۋىنلارغا بومبا ئېتىپ ئانچە- مۇنچە ئەمەلىي جەڭ كۆرۈپ قويمىسا ۋاقتى كەلگەندە قورققىنىدىن ھەممىسى قېچىپ يۈرمىسۇن... بۇنى ئاران بولاڭچى دەپتىما؟ تېرورچى بولۇشقا شەرتى 100% چۈشىدىكەن بولمىسا.... ئاۋۇ ئۇچار ماشىنا ھەجەپ بەلەنكىنا...
8- قەۋەتتىكى dilaraنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بۇنى ئاران بولاڭچى دەپتىما؟ تېرورچى بولۇشقا شەرتى 100% چۈشىدىكەن بولمىسا....
بۇلار پۈتۈن بىر شەھەرنى تۈپتۈز قىلىۋەتسىمۇ بۇنداق شەرەپلىك نامغا نائىل بولالمايدۇ. چۇڭچىڭدا مال باھاسى خلى يۇقرىكەن جۇما ، بىزنىڭ بۇ يەردە بولغان بولسا باھاسى بەش تۈمەندىن يۇقرى بولمايتى ...
دىققەت قلىپ قويغۇلۇق ...ئۇچراپ قالسا ...سۆيۈنچىسىنى ئالىمىز جۇما

6- قەۋەتتىكى serqutنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
سىز چۇڭچىڭنىڭ ئەھۋالىنى بۇ يەرنىڭكىگە ئوخشىتىپ قاپسىزغۇ. ئەگەر سىزمۇ چۇڭچىڭ لىق بولسىڭىز بۇ يەردە ھېچقاچان تەكشۈرۈلمەيسىز.
مەركەز بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاشتا چىڭ تۇرۇۋاتىمىز ئەمەسمۇ؟ شۇڭا ئاۋۇ يەردە قورال كۆتۈرۈپ بۇلاڭچىلىق قىلغانلىقى مېنى ھەيرانۇ - ھەس قىلىۋەتتى. خەنزۇنىڭ ھەممىسى بۇلاڭچى دەپ سالساق قانداق قىلىۋىتەر بىزنى .ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسى ئوغرى دەپ ئىنكاس يازسا ئۆچىرمەيدۇ . ئەسلى قورال كۆتۈرۈپ ئادەم ئۆلتۈرگەنلەرتېرورچى ھىساپلىندىغاندۇ ؟ قۇرال ساتمايدىغان دۆلەتتە نىمىشقا داۋاملىق قۇراللىق ئادەم ئۆلتۇرۇش ۋەقەسى يۈز بىرىدۇ . شىنجاڭنىڭ ساقچىلىرى بىرىپ مەسئۇل بولسا بولغىدەك شۇ يەرگە . بەك چىڭ تۇتاتتى . بولاپمۇ قەشقەرنىڭ ساقچىلىرى دەڭلا!!!!
قۇرال ئەمەس تىخمۇ كۆترۇپ تالاغا چىقالمايتى .........
15- قەۋەتتىكى ozhalنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
قۇرال ساتمايدىغان دۆلەتتە نىمىشقا داۋاملىق قۇراللىق ئادەم ئۆلتۇرۇش ۋەقەسى يۈز بىرىدۇ . شىنجاڭنىڭ ساقچىلىرى بىرىپ مەسئۇل بولسا بولغىدەك شۇ يەرگە . بەك چىڭ تۇتاتتى .
يەنە تېخى ئامىرىكىدىكى يىلدا بىرەر ئىككى قېتىم كۆرۈلۈپ قالىدىغان قوراللىق ئادەم ئېتىش ۋەقەلىرىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېتىشلىرى بار
