كوماندىمىز غەلبە قىلدى
بۈگۈن چۈشتىن كىيىن سائەت 3 تە ب دەرىجىلىك بىرلەشمىسىنىڭ 15-ئايلانما مۇسابىقە ئۈرۈمچىدە
شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسى بىلەن شەنشى كوماندىسى ئوتتۇرسىدىكى ئىلىپ بېرىلدى ،كوماندىمىزنىڭ 7-نومۇرلۇق ھۇجۇمچىسى ئەسقەرنىڭ كاللا توپىغا تايىنىپ بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى
كوماندىمىز شۇنداق قىلىپ كەينى كەينىدىن ئۈچ مەيدان غەلبە قىلىىپ شىمالى رايۇندا ئالدىنقى تۆتىنجىلىك ئورۇننى مۇقىملاشتۇرۋالدى
قانداق قىلسا ئا دەرجىلىك بىرلەشمىگە چىقلايدۇ؟
ب دەرجىلىك بىرلەشمىدىن پەقەت ئىككىلا كوماندا ئا دەرجىگە ئۆرلەش سالاھىيتىگە ئىگە
ب دەرجىلىك بىرلەشمىنى ئويناۋاتقان كوماندىلار جەنۇپ ۋە شىمالى رايۇن بولۇپ ئويناۋاتىدۇ (كوماندىمىز شىمالى رايۇندا)
پەسىل ئاخىردا ئىككى رايۇندىن ئالدىنقى تۆتنىڭ ئىچىگە كىرگەن سەككىز كوماندا ھەل قىلغۇچقا قاتنىشىش سالاھىيتىگە ئىگە بولىدۇ،(شىمالدىن تۆت،جەنۇپتىن تۆت)
ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرلىشى مۇنداق:
شىمالى رايۇن A بىلەن جەنۇبى رايۇن B بىلەن ئىپادىلەندى
A1-B4
A2-B3
A3-B2
A4-B1
شۇڭا دەرجىدە قانچە ئالدىغا تېزىلغانسىرى قارشى رايۇندىن ئاجىزراق كوماندا بىلەن ئۇچۇرشالايدۇ،مۇسابىقە ساھىپخان ۋە مېھمان مەيدان بولۇپ جەمئى ئىككى مەيدان شاللاش مۇسابىقىسى ئوينايدۇ ،ئومومى توپ سانى قايسىنىڭ يۇقىرى بولسا شۇ تۆت كۈچلۈككە كىرىدۇ
دىمەك مۇشۇ بويىنچە ئويناپ تۆت كۈچلۈك كوماندا تاللىنىپ بولۇندى ،ئەمدى ھەل قىلغۇچقا كىرىدىغان ئىككى كوماندىنى تاللاپ چىقىمىز
A1-B4 نىڭ ئۇتقىنى بىلەن A3-B2 ئۇتقىنى
A2-B3 نىڭ ئۇتقىنى بىلەن A4-B1 نىڭ ئۇتقىنى
يىرىم ھەل قىلغۇچنىڭ ئويناش قائىدىسىمۇ تۆت كۈچلۈكنى تاللاشنىڭ قائىدىسى بىلەن ئۇخشاش
ئەمدى ھەل قىلغۇچقا كىرگەن ئىككى كوماندا ئا دەرجىگە بىۋاستە ئۆرلەيدۇ دىگەن گەپ
بىرىنجى مەيدان مۇسابىقىدە ئەسقەرنىڭ كىرگۈزگىنىدىن باشقا ھىچكىم توپ كىرگۈزەلمىدىما،،مەن دەل ئىككىنجى مەيدان مۇسابىقىگە كەلگەندە ئىشتىنچۈشۇپ كىتىپ قالغانتىم،،،،،،،،،،،شۇنداق قىلىپ بۇ قىتىمقى مۇسابىقە 0:1 بىلەن ئاياخلاشقان بولدىما ؟؟؟؟ ئالدىنقى مەيداندا ياخشى ئوينىغان، كېيىنكى مەيداندا تازا ياخشى ئەمەستەك. ئومۇمىي جەھەتتىن كوماندىنىڭ سەۋىيەسىدە خېلى ئۆسۈش باردەك قىلىدۇ!
كىيىنكى مەيداندا چۈشكەن ھۇجۇمچىدىن بىرى ئالدىنقى قېتىملىق مۇسابىقىدىمۇ ياخشى ئوينىيالمىغان، بۇ قېتىم كېيىنكى مەيداندا چۈشۈپمۇ ئىپادىسى سەل ياخشى ئەمەس، تاس قالدى تەڭلەشكىلى. تاماشىبىنلار كۆنسىرى ئازلاۋاتامدۇ نىمە؟
تاس قالدى تەڭلىشىپ قالغىنى دەڭ،،،،مەن تىخى 0:3 بولامىكىن يانا دەپ پەرەز قىلغانتىمشەنشى كوماندىسى 9 ئورۇندىكى كوماندا بولغاندىكىن.....بوپتۇ ئىشقىپ ھەنىم بولسا ئالدىنقى 4كە كىردى،،،كىرەلمەي قالامۇ دەپ بەك ئەنسىرگەنتىم،،،ئالدىنقى نەچچە مەيدان ئۇتتۇرۋەتكىننى ھەنىم بولسا كىيىنكى مەيدانلاردا ئۇتۇپ نۇمۇر تولۇقلىۋالدى،،،،،
3- قەۋەتتىكى muxنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
تاماشىبىنلار كۆنسىرى ئازلاۋاتامدۇ نىمە؟
ھازىر تەتىل ئەمەسمۇ ،كۆپ قىسىم باللا ئۆيىگە قايتقاچقا ئازلىغان چىراي كۆرۈنگەن گەپ سىزگە،،،، مەن كامېرا ئېلىپ بارغان، بەك ھاياجانلىنىپ كېتىپ تارتىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن دېسە. ئۈرۈمچىگىغۇ تولابارىمەن بولمىسا،نېمىشقا مەن بار چاغدا قىلمايدىغاندۇ مۇشۇنداق مۇسابىقىلەرنى؟
ياخشى بوپتۇ،ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكىننى تەبرىكلەيمەن! مۇسابىقە باشلىنىشى بىلەنلا خېلى ۋاقىتقىچە ياخشى ئىپادىدە ئوينىدى. ئاخىرىدا بولۇپمۇ كېيىنكى يېرىم مەيداندىن باشلاپ شۇنداق پاسسىپ ھالدا ئوينىدى. خۇددى نومۇر پەرقى بەك ئىشەنچلىكتەك.تاساددىپىي بىر توپ كىرىپ كېتىپ قالغان بولسا تازا ئوخشايتتى...
ئىشقىلىپ بۈگۈنكى ئوينىشى قەتئىي ياقمىدى. ئۆزىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ، ئەمەلىي كۈچىمۇ قارشى تەرەپتىن ئۈستۈن بولغان ئەھۋالدا نومۇر پەرقىنى چوڭايتىشقا تىرىشماي، مۇسابىقىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەك ۋاقىتنى شۇ نەتىجىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ ئوينىشى كاللامدىن ئۆتمىدى ... خوشال بولدۇم ،ياشا ئەزىمەتلەر .... ھازىرچە تەبرىكلەيمەن!!! ھۇررا !!!!!!!!1