dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2012-8-9 14:05:18

ئابدۇسەمەت مامۇتنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى[كۆچۈرۈلمە]





ئابدۇسەمەت مامۇتنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى

پەرھات تۇرسۇن







   1991-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئابدۇسەمەت مامۇت ئىشتىن بالدۇر قايتىپ كەلدى، چۈنكى بۇ كۈن ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى.

    ئابدۇسەمەت مامۇت بالىسىنىمۇ يەسلىدىن بالدۇر ئېلىپ چىقىپ ئۆيدە ئايالى روقىيە ھاشىمنىڭ ئىشتىن قايتىپ كېلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇردى.

   ئۇنىڭ ئىشتىن قايتىپ كېلىشىگە يەنە قىرىق نەچچە مىنۇت ۋاقت بار ئىدى، شۇڭا ئۇ ئايالى كەلگىچە بالىسىغا يەسلى تاپشۇرىقىنى ئىشلىشىپ بەرمەكچى بولدى.

   ئۇ بۇ بالىنى ئالىم قىلىپ تەربىيلەشكە بەكمۇ ئالدىراپ كەتكەن بولۇپ، دائىم ئۇنىڭغا بىر نەرسە ئۈگىتىسەن دەپ ئايالىنى زورلايتتى. روقىيە ئۆي ئىشى بولۇپ كېتىپ بۇنىڭغا كۆڭۈلشىمىسە ئۇ قاتتىق چېچىلىپ ئايالىنى تىللايتتى. روقىيە بالىسىنىڭ دەپتەر قەلەمنى كۆرسىلا چىرايىدا بىزارلىق ئىپادىلىنىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ:

    - بۇنداق قىلىۋەرسىڭىز، بۇ بالا بىر نەرسە ئۈگىنىشكە قېيىغ بولۇپ كېتىدۇ. ئۇنى ئاخىرى مۇشۇنداق قىلىپ يۈرۈپ دەپتەر قەلەمگە ئۆچ قىلىۋېتىدىغان بولدىڭىز. ئۇ تېخى كىچىك تۇرسا، مەكتەپكە كىرگەندە ئۈگەنمەمدۇ؟ دىسە ئۇ:

   - سەن بىلمەيسەن، بۇ بالا، ئاجايىپ ئەقىللىق، بىز ئۇنىڭ بۇ ئارتۇقچىلىقى بىلەن ئۇنى كىچىكىدىنلا تۇتىۋېلىپ، يېتىشتۈرۈپ چىقمىساق، بوش قويۇۋەتسەك، ئۈگىنىشكە قىزىقماي، ئويۇنغا بېرىلىدىغان قىلىپ كۆندۈرۈپ قويساق، كېيىن پۇشايمان قىلىپ قالىمىز. ھەممىسى كۆنۈشكە باغلىق. دەيتتى.

    ئۇلارنىڭ بالا تەربىيىلەش ھەققىدىكى بىر بىرىگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان قاراشلىرنىڭ قايسى توغرا قايسى خاتا بىلىپ بولمايتتى، چۈنكى ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئاساسى بار ئىدى. ئابدۇسەمەت مامۇت بالا تەربىيىلەش ھەققىدىكى كىتابلاردىن چىققانلىرىنىڭ ھەممىنى ئايالىنىڭ ئېغىر ئاياقلىقىنى ئۇققاندىلا سېتىۋالغان بولۇپ، كۈندە بۇ ھەقتىكى كىتابلارنى كۆرەتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ھاياتىدىكى ياخشى ئوقۇيالمىغانلىقتىن ئىبارەت بۇ كەمتۈكلىكنى بالىسى ئارقىلىق تولدۇرۇپ، ئۆزىنى مۇكەممەل ھېس قىلىشنى ئويلايتتى.تالانتلىق بالا تەربىيىلەش توغرىسىدىكى كىتابلاردىكى تەسەۋۇرلار ئۇنى ئاجايىپ خام خىياللارغا غەرق قىلىپ، ئۇنى خام خىيال ئەسەبىيلىكىگە گىرىپتار قىلىپ قويغىلى تاس قالاتتى.

   بۇ كىتابلار ئىچىدە ئۇ ئۇيغۇرغا ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدىغان، بېشىنىڭ ئېچىلىپ قالغان چوققىسىدىكى قىزىللىقنى ھېساب قىلمىغاندا قاپ قارا چىرايىدا زادىلا قاندىن ئەسەر بولمىغان بىر ئادەمنىڭ قەدىمكى كىتابلاردىن تېرىپ تۆشەپ يازغان كىتابى ئۇنىڭدا پەيدا قىلغان ھاياجاننى دۇنيادىكى ھەرقانداق گۈزەلنىڭ ناز كەرەشمىسىنىڭ پەيدا قىلالايدىغىنىغا ئىشەنمەيتتى. ئۇنىڭ كىتابىنى ئوقىسا، ئۇنىڭ كىتابلىرىدىكى سۆزلەر ئۆزىنىڭكىدەكلا تۇيۇلۇپ كېتەتتى. بەلكىم ئۇنى ئەڭ ھاياجانلاندۇرغىنى بۇنداق كىتابنى ئۆزىنىڭمۇ يازالايدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەنلىكى بولسا كېرەك. ئۇ ئۆزىدەك مەكتەپتە تۈزۈك ئوقۇيالمىغان، دۆتلىكى سەۋەبىدىن دائىم كىشىلەرنىڭ مەسخىرىسىگە قالىدىغان بىر ئادەمنىڭمۇ بۇنداق كىتابلارنى يېزىپ، باشقىلارغا بالا تەربىيىلەشنى ئۈگىتەلەيدىغانلىقىنى ئويلىسا بىردىنلا يۈرىكى سېلىپ كېتەتتى.

   ئۇ يەسلىنىڭ بەرگەن تاپشۇرىقىغا قارىدى، ئۇنىڭدا ئائىلە باشلىقلىرىدىن، بالىغا بىر ھېكايە سۆزلەپ بېرىپ، ئاندىن بالىغا بۇ ھېكايىنى قايتا بايان قىلدۇرۇش تەلەپ قىلىنغان ئىدى. ئۇ بۇنداق تاپشۇرۇقلاردىن ناھايىتى رازىمەن ئىدى، ۋە بەكمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن ئىشلەيتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بالىسىغا بىر ھېكايىنى سۆزلەپ بەردى. بۇ ھېكايىدا بىر نامراتنىڭ دەرت ئەلەم ئىچىدە چىقىش يولى تاپالماي ئۆلۈۋېلىشنى ئويلاپ تۇرسا، بىر ئاقساق چولاق ئادەمنىڭ پەيدا بولغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈمىدۋار ھالىتىنى كۆرۈپ، ئۆلۈۋېلىش ئالدىدا تۇرغان بۇ ئادەمنىڭ بىردىنلا روھىدا پارلاش يۈز بېرىپ، قارارىنى ئۆزگەرتكەنلىكى ھېكايە قىلىنغان ئىدى. ئۇ بۇ ھېكايىنى ئاشۇ بالا تەربىيىلەش ۋە ئائىلىنى قانداق باشقۇرۇش توغرىسىدىكى كىتابلارنىڭ بىرىدە ئوقۇغان ئىدى. لىكىن قايسى كىتابتا ئوقۇغانلىقى ئېنىق ئېسىدە يوق. لىكىن بۇ ئۇنىڭغا ئەڭ تەسىر قىلغان، تەربىيىۋىي ئەھمىيىتى ئەڭ چوڭقۇر بىلىنگەن بىر ھېكايە ئىدى.

   - باشقىنى ئېيتىپ بەر، بۇ ھېكايە قىزىق ئەمەسكەن بالا نارازىلىق بىلەن ئېغىزلىرىنى پۈرۈشتۈردى. ئۇنىڭ ئېغىزلىرىنى پۈرۈشتۈرىشى ئاپىسىغا ئوخشايتتى. ئابدۇ سەمەت مامۇت بالىسىنىڭ ئاپىسىغا ئوخشاپ كېتىدىغان تەرەپلىرىنى كۆرسە، بىر تەرەپتىن ئاچچىقى تۇتسىمۇ يەنە بىر تەرەپتىن رازى بولاتتى. چۈنكى ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ قاراشلىرى ۋە لەۋلىرنى پۈرۈشتۈرىشىدىن بىر خىل چېچەنلىك چىقىپ تۇراتتى. بالىنىڭ ئۇ ئېيتىپ بەرمەكچى بولغان شۇنداق ئېسىل ھېكاينى ياقتۇرمىغانلىقى ئۇنىڭ قاتتىق كۆڭلىگە كەلدى، بۇ تازا ياخشىلىقنىڭ بىشارىتى ئەمەس ئىدى. بۇ خىل نەسىھەتلىك ھېكايىلار ئازىيىپ كېتىۋاتقاندا، بۇنداق ھېكايىلارنى بالىلارغا ياقتۇرغۇزۇش ئارقىلىق ساقلاپ قالمىسا، بارا بارا بۇنداق يول كۆرسىتىدىغان ھېكايىلار يوقىلىپ، ئىنسانلار قاراڭغۇلۇق ئىچىدە قالىدىغاندەك ھېس قىلاتتى.

   - بۇنىڭدىنمۇ ياخشى ھېكايە بولامدۇ، قانداق ھېكايە سۆزلەپ بەرسەم بولاتتى ئەمىسە؟

    - شاھزادە بىلەن مەلىكى توي قىلىدىغاننى.

   بۇ گەپ ئابدۇسەمەت مامۇتنىڭ غەزىپىنى قىرىق گەز ئۆرلىتىۋەتتى. ئايالىنىڭ ئىشتىن قايتىپ كېلىدىغان ۋاقتى بولۇپ قالدى، بولمىسا ئۇ ئوغلىنى قاتتىق بىر تەستەك سالغان بولاتتى. بۇ بالا ھېلىتىن ئاشۇنداق غەرىپنىڭ چېرىك ئىددىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىسا قانداق بولىدۇ. ئۇ ئىلگىرىلا كۆيدۈم پىشتىم دەپ يېزىلغان كىتابلارنىڭ ھەممىنىڭ ئوتقا تاشلىنىدىغان، كۆيدۈم پىشتىم دەپ ئەسەر يازغان يازغۇچىلارنىڭ ھەممىسى دارغا ئېسىلىدىغان بىر دەۋرلەرنىڭ كېلىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتى. قېرىشقاندەك ئەمدى ئوغلى بەش ياشقا كىرمەي تۇرۇپلا بۇ مەنىۋىي زەھەرگە دۇچ كەپتۇ. ئۇ ئوغلىنى بىر تەستەك ئۇرۇش ئۈچۈن كۆتۈرگەن قولىنى دەرھال چۈشۈرىۋالدى. چۈنكى ئايالى روقىيە ھاشىم قايتىپ كەلگەندە بالىسىنى يىغلاپ جاھاننى بېشىغا كېيىۋاتقان ھالدا كۆرسە ئەر ئايال ئوتتۇرىسىدا بىر مۇنچە كۆڭۈلسىزلىك يۈز بېرىدۇ. بالا ئۇنىڭ ھەركىتىگە ھەم ھەيرانلىق ھەم قورقۇنۇچ بىلەن قاراپ قالغان ئىدى. نىمە ئىش بولغانلىقىنى دەرھال بىلىپ يېتەلمىگەچكە، پەقەت ھەممە ئىش ئۆتۈپ كېتىپ بولغاندىن كېيىنلا ئاندىن بالا كۆزۈنى يۇمۇپ تەستەكنىڭ تېگىشىنى كۈتتى. بۇنى كۆرۈپ بالىنىڭ ئىنكاسىنىڭ ئاستىلىقىنى ھېس قىلغان ئابدۇسەمەت مامۇتنىڭ تېخىمۇ خۇيى تۇتتى.

    ئابدۇسەمەت مامۇت بىردەمدىن كېيىن تەستە روھىي كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇپ، ئوغلىغا چۈشەندۈردى:

   - شاھزادە بىلەن مەلىكە توغرىسىدىكى ھېكايىلار ياخشى ئەمەس، ئۇ ئادەمنى چىرىتىدۇ.

   - چىرىتىدۇ دېگەن نىمە دىگەن گەپ؟

    - سېسىتىدۇ دىگەن گەپ، مەسىلەن ئۆتكەندە ئۆيگە ئەكىرگەن ئۈرۈك سېسىپ قاپتىغۇ، شۇنىڭدەك...

بالا دادىسىغا يېقىن كېلىپ، ئېيتتى: - مېنى پۇراپ باقە، سېسىپ قالمىغاندىمەن يەنە؟ بىزنىڭ يەسلىدە كۈندە بىز تېلىۋېزوردا ئاق قار مەلىكىنىڭ ھېكايىسىنى كۆرۈمىز، لىكىن بىزنىڭ يەسلىدىكى بالىلار سېسىپ قالمىدىغۇ.

    - مېنىڭ دېگىنىم روھىي جەھەتتىكى چىرىش.

   - روھ دېگەن نىمە؟

   - ماۋۇ مېڭە.

    – دېدى ئابدۇسەمەت مامۇت ئاچچىقىدا ئۆز مېڭىسىنى نوقۇپ تۇرۇپ. بالا بېشىنى تۇتۇپ باقتى.

   - چىرىمەپتىغۇ.

    - بولدى قۇرۇق گەپنى قوي، ئىشقىلىپ ئۇنداق ھېكايىلار ياخشى ئەمەس، ھېكايە دىگەننىڭ تەربىيىۋىي ئەھمىيىتى بولۇش كېرەك.

    - تەربىيىۋىي ئەھمىيىتى دىگەن نىمە؟

   - ساڭا قانداق ئادەم بولۇشنى ئۈگىتىش دىگەن گەپ. بالا قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى.

   - ئادەم بولۇشنى ئۈگەنمىسەممۇ مەن ئادەمغۇ. ئادەم بولۇشنىمۇ ئۈگىنىش كېتەمدۇ؟ ئەگەر بۇنداق ھېكايىنى ئاڭلاپ ئادەم بولۇشنى ئۈگنىنۋالىدىغان ئىش بولسا، خوشنىمىزنىڭ بالىسى يوق، بۇنى خوشنىمىزنىڭ مۈشۈكىگە سۆزلەپ بەرسەڭ بولغىدەك، ئۇ بۇنداق ھېكايىنى ئاڭلاۋەرسە ئادەمگە ئايلىنىپ خوشنىمىزغا بالا بولسۇن... ياق راست، بولمىغۇدەك. ئۇ مۈشۈك بەك قېرى، بۇ ھېكايىنى ئاڭلاپ بىر قېرى بوۋايغا ئايلىنىپ قالسا، ئۇ ئۆيدە بوۋايدىن ئىككىسى بار بولۇپ قالىدىكەن.

   - سەن نىمانچە دۆت، مېنى دورىماي ئاپاڭنىلا دورىغان سەن دە! گەپ قىلىشلىرىڭمۇ ئاپاڭغىلا ئوخشاش بىمەنە! ئابدۇسەمەت مامۇت ئوغلىنىڭ يەنە "بىمەنە" دېگەن نىمە دەپ سوراپ ئاۋارە قىلىشىدىن ئەنسىرەپ دەرھال گېپىنى ئەسلى تېمىغا يۆتكىۋالدى. ئۇ ئوغلىنىڭ توختىماي سوئال سوراشلىرىدىن بىزار ئىدى، ئايالى بولسا بۇ ئۇنىڭ ئەقىللىق ئىكەنلىكىدىن، ئۇ ھەرقانداق بىر نەرسىنى يىپىدىن يىڭنىسىغىچە بىلىۋالمىغىچە خاتىرجەم بولمايدۇ، بۇ ئۇنىڭ كاللا ئىشلىتىشكە ۋە تەپەككۈر قىلىشقا ماراقلىقىنىڭ ئىپادىسى دەيتتى، ۋە ئۇنىڭ سوئاللىرىغا ئەستايىدىل جاۋاب بېرىش ئاتا ئانىنىڭ مەسۇلىيىتى دەپ قارايتتى. ئابدۇ سەمەت مامۇتمۇ قايسىدۇر بىر كىتابتىن سوئالنى كۆپ سورىغان بالا ئەقىللىق بال ھېسابلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ سوئالىنى بىمەنە دەپ قارىماي ھەرقاندىقىغا جاۋاب بېرىش لازىم، چۈنكى چوڭلار ئۈچۈن بىمەنە تۇيۇلغان نەرسە ئۇلار ئۈچۈن قىلچىمۇ بىمەنە ئەمەس دىگەن مەزمۇندىكى گەپلەرنى ئوقۇغاندەك قىلغان ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ ھەرقانداق سوئالىغا ئەستايىدىل جاۋاب بېرىشىم كېرەك دەپ ئويلايتتى، لىكىن ئەمەلىيەتتە ئوغلىنىڭ بىمەنە سوئاللىرىغا چىدىيالماي قالاتتى. ئابدۇسەمەت مامۇت ھېكايىسىنى داۋاملاشتۇردى. بالا ئىلاجىسىزلىق كەيپىياتىدا ھېكايىنى ئاڭلىدى. ھېكايىغا قىزىقمىغانلىقى ئۈچۈن ھېچقانداق سوئالمۇ سورىمىدى. ئۇ ئوغلىنىڭ مانا مۇشۇنداق ئېسىل ھېكايە توغرىسىدا سوئال سورىشىنى ئارزۇ قىلاتتى. قانچىلىك كۆپ سوئال بولسىمۇ جاۋاب بېرىشكە تەييار ئىدى. لىكىن قېرىشقاندەك ئوغلى سوئال سورىمىدى.

   - ئاڭلاۋاتامسەن؟ – دەپ سوراپ قوياتتى ئۇ پات پات.

   - ئاڭلاۋاتىمەن،

    - بالا سوغاقلا جاۋاب بېرەتتى. بىر چاغدا ھېكايىدىكى ئۆلۈۋېلىش توغرىسىدىكى بايانغا كەلگەندە بالا تۇيۇقسىز سوراپ قالدى.

    - ئۆلۈۋېلىش دېگەن نىمە؟

    - ئۆلۈۋېلىش دېگەن ئۆزىنى ئۆزى ئۆلتۈرۈش دېگەن گەپ.

بالا ھەيرانلىق بىلەن يەنە سورىدى. - قاراقچىلارنى ئۆلتۈرمەي ئۆزىنى ئۆلتۈرەمدۇ؟ ئۇنىڭ ئۆزى قاراقچىمۇ يا؟ ئەگەر شۇنداق بولسا مەن قاراقچىنىڭ ھېكايىسىغا ئامراق ئىدىم، ئەمىسە ھېكايەڭنى ئاڭلاي.

   - ياشىغۇسى كەلمىگەن ئادەم ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدۇ.

   - ئۆزىنى ئۆزى قانداق ئۆلتۈرىدۇ، قىلىچۋازلىق قىلىدىغان يەنە بىر ئادەم بولمىسا؟ بالا تېخىمۇ ھەيران قالماقتا ئىدى.

    - ئېسىلىپ ئۆلۈۋالىدۇ؟ بۇ گەپ بالىنى تېخىمۇ قايمۇقتۇرىۋەتكەن ئىدى. ئابدۇسەمەت مامۇت ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ، بالىغا بۇنى ئاخىرىغىچە چۈشەندۈرۈش نىيىتىگە كەلدى، چۈنكى بۇنداق بىر ئېسىل ھېكايىنى بالىغا ياخشى چۈشەندۈرۈپ قويمىغاندا، بۇ بالا كەلگۈسىدە چوڭ بولۇپ، پەرھات تۇرسۇننىڭ «ئۆلۈۋېلىش سەنىتى»دەك ھەممە يېرى زەھەر بىلەن تولغان بىر ئەسەرنى ئوقۇپ ئۇنىڭ يامان تەسىرىنى يۇقتۇرۇپ، چۈشكۈنلىشىپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى. شۇڭا بۇنداق چۈشكۈنلىككە قارشى ياخشى ھېكايە بالىلارنى پەرھات تۇرسۇننىڭ زەھەرىدىن قۇتقۇزۇشتىكى كەم بولسا بولمايدىغان ياخشى دورا. بۇ ھېكايىنى ئاڭلىغان ئادەم ئۆمۈر بويى ھەرگىزمۇ چۈشكۈنلەشمەيدۇ. توپىغا ئارىلاش، خۇددى چاۋار خەستەك، بىر ئۆمۈر باشقىلارنىڭ ئاياقلىرى ئاستىدا يەنچىلىپ يۈرسىمۇ چۈشكۈنلەشمەيدۇ. ئوبۇرنىغا بېشىچىلاپ تىقىۋەتسىڭىزمۇ روھى كۆتۈرەڭگۈ ھالدا ھىجىيىپ تۇرغىنى تۇرغان. - پەرھات تۇرسۇنغا ئوخشاش چۈشكۈن بەزى ئادەملەر، ئۆلۈۋېلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ...

بالا ئۇنىڭ گېپىنى بۆلۈۋەتتى:

    - پەرھات تۇرسۇن دېگەن كىم؟

   ئابدۇسەمەت مامۇت چېچىلدى: - ئۇ ئىپلاس يازغچىنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالغۇم يوق.

    - زادى كىم؟- بالا چىڭ تۇرۇۋالدى.

    - كىم بولاتتى، شۇ تاپتا بىزنى تەسۋىرلەپ «ئابدۇسەمەت مامۇتنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى» دېگەن مۇشۇ تايىنى يوق ھېكايىنى يېزىۋاتقان ئادەم شۇ بولمامدۇ.

    - ئۇ ئۆلۈۋالغانمۇ؟

    - ياق، ئۇنىڭ زەھەرلىك يېرى، ئۆزى ئۆلۈۋېلىشنى خالىماي تۇرۇپ، باشقىلارنى ئۆلۈۋېلىشقا كۈشكۈرتىدۇ. ئۆلۈۋېلىش ياخشى ئىش بولسا ئاۋال ئۆزى ئۆلۈۋېلىپ كۆرسىتىپ قويسا بولمامدۇ.

   - ئادەم ئۆزىنى ئۆزى قانداق ئۆلتۈرىدۇ؟ ئۆزى بىلەن ئۆزى قىلىچۋازلىق قىلامدۇ؟

   - ياق. - ئەمىسە ئۆزى بىلەن ئۆزى كىنودا ساقچى بىلەن جىنايەتچى ئېتىشقاندەك ئېتىشامدۇ يا؟

    - ياق، ئۆزىنى ئۆزى ئاغمچا بىلەن تورۇسقا ئاسىدۇ. بالا كۈلۈپ كەتتى.

    - تورۇسقا ئېسىپ قويۇپ ئۆزىنى كالتەك بىلەن ئۇرامدۇ؟ سەنمۇ بەزىدە مېنى گەپ ئاڭلىمىساڭ تورۇسقا ئاسىمەن دەيتتىڭغۇ.

   - ئۇنداق ئەمەس، - ئابدۇسەمەت مامۇت ئوغلىغا مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرۈشتە بۇنداق ئەستايىدىل بولۇپ باقمىغان ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ تۇيۇقسىز بۇ قەدەر سوغاققان ۋە ئەستايىدىل بولۇپ كەتكىنىگە ئۆزىمۇ ھەيران قالدى، - ئاغامچىنىڭ بىر ئۇچىنى تورۇسقا چىڭ بېكىتىپ تۇرۇپ، يەنە بىر ئۇچىنى سىرتماق قىلىدۇ، ئاندىن سىرتماققا بوينىنى كىرگۈزۈپ تۇرۇپ ئۆزىنى قويۇپ بەرسە ئۆلىدۇ. بالا بۇنى چۈشىنىشكە يېقىنمۇ كەلمىگەندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ يوغان يوغان كۆزلىرى سوئاللارنىڭ كۆپۈيىشىگە ئەگىشىپ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىپ كېتىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. كۆز نۇرىنى ھەرقانچە كۆزىنىڭ ئىچىگە يىغىپمۇ يەنە گەپنىڭ تېگىگە يېتەلمەي، ئاندىن كۆزلىرىدىكى نۇر يەنە چېچىلىپ كېتەتتى.

    - ئۇ ئاغامچىغا ئېسىلغاندىن كېيىن ئۇنى كىم ئۆلتۈرىدۇ؟ ئۆيگە قاراقچىدىن بىرەرسى كىرەمدۇ يا؟

   - ئۇنى ئاغمچا ئۆلتۈرىدۇ.

   - ئاغامچىمۇ ئادەم ئۆلتۈرەمدۇ، يا ئۇ قاراقچى بولمىسا. پەقەت قاراقچىلا ئادەم ئۆلتۈرىدۇ، ئاندىن قاراقچىلارنى ئەلى بابا ئۆلتۈرىدۇ.

   - بۇ مۇنداق ئىش...

   ئابدۇسەمەت مامۇت ئاخىرى ئوغلىغا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈشنى كونكىرىت قىلىپ چۈشەندۈرمەكچى بولدى. بولمىسا شۇنچە ئېسىل ھېكايىنىڭ تەربىيىۋىي ئەھمىيىتى بولماي قالىدىغان خەۋپ تۇغۇلىۋاتاتتى. ئابدۇسەمەت مامۇت يەر ئاستى ئۆيىگە كىرىپ، ئالدىنقى يىلى قۇربانلىق قىلغاندا قوي باغلاپ ئېلىپ كەلگەن ئاغامچىنى ئېلىپ چىقتى. ئاغامچا مۇشۇ ھېكايىدەك قىسقىلا بولسىمۇ بالىغا ئۆلۈۋېلىشنى چۈشەندۈرۈشكە يېتىدىغاندەك قىلاتتى. ئۇ ئاغمچىنىڭ بىر ئۇچىنى سىرتماق شەكلىگە كىرگۈزدى. ئۆينىڭ تورۇسىدا كىشىنى بىزار قىلىپ ئۆينىڭ ھۆسنىنى كۆرۈمسىز قىلىپ تۇرغان پار تۇرۇبىسى بار ئىدى. ئۇ تۇرۇببا ئورناتقۇچىلاردا زادىلا گۈزەللىك تۇيغۇسى يوقلىقىنى بىر نەچچە يىلدىن بېرى قاغاپ كەلگەن ئىدى. ئۇ ھېچقانداق ئۆيدە تۇرۇبىنى بۇنداق مېھمانخانا ئۆينىڭ تورۇسىدىن ئۆتكۈزگەننى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى. بۇنى لاھىيىلىگەن ئەبلەخ نىمىنى ئويلىدىكىن تاڭ! ئابدۇسەمەت مامۇت ئاغامچىنىڭ بىر ئۇچىنى تورۇستىكى پار تۇرۇبىسىغا باغلىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ سىرتماق بىردىنلا ۋەھىمىلىك ساڭگىلاپ تورۇستا پەيدا بولدى. لېكىن ئۇ بەك قىسقا ئىدى. ئۇنىڭ سىرتمىقىغا بوينىنى سېلىپ كۆرسىتەي دېسە ئۆيدىكى ئورۇندۇقنىڭ ئۈستىگە چىقسىمۇ بويى يەتمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە بىر قېتىم ئاشۇ چاشقانلار قۇتراپ تۇرغام مەينەت ھەم قاراڭغۇ يەر ئاستى ئۆيىگە چۈشۈشكە مەجبۇر بولدى. ئۇ يەر ئاستى ئۆيىنىڭ ئاچقۇچىنى قولىغا ئېلىۋېتىپ تامدىكى سائەتكە قارىسا ئايالى رۇقىيە ھاشىم كېلىدىغان ۋاقت توشۇپ ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى. بەلكىم يولدا قاتناش قىستاڭ بولۇپ كەتكەندۇ، دەپ ئويلىدى ئۇ. ئايالىنىڭ يوغان ۋە قوپال تۈكلەر بېسىپ كەتكەن پۇتلىرىنىڭ بوسۇغىدىن دەسلەپ كىرىشىنى تەسەۋۇر قىلغاچ. بۇرۇن ئايالىنىڭ بىلەك ۋە پاقالچاقلىرى بۇنداق تۈكلۈك ئەمەس ئىدى، يېقىنقى بىر ئىككى يىلدىن بېرى خۇددى قاۋاننىڭ تۈكىدەك توم ۋە تىك ئۆسكەن تۈكلەر پەيدا بولۇپ كەتتى. لېكىن ئايالى ئۇنىڭ پايپاق كېيىۋال دېگىنىگە ئۇنىماستىن، ئاشۇ تۈكلىرىنى كۆرسىتىپ يالاڭ پاقالچاق يۈرەتتى. بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە ئاياللارنىڭ بىلەك ۋە پاقالچاقلىرىغا تۈك چىقىپ كېتىش ئۇلارنىڭ ھېسياتىنىڭ سۇسلىشىپ كېتىشىدىن ئىكەن. ئىلگىرى چىرايى ئانچە چىرايلىق بولمىسىمۇ ئادەمگە يېقىملىق كۆرۈنىدىغان بۇ ئايال خېلىلا رومانتىك ئىدى. ھەر قېتىم ئابدۇسەمەت مامۇتنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولسا ئۇنى ئالاھىدە سوۋغاتلار بىلەن قۇتلۇقلايتتى، بىر ئىكى يىل، بەلكىم ئۈچ تۆت يىل بولغاندۇ، بۇنداق ئىشلارمۇ قالدى. ئابدۇسەمەت مامۇت يەر ئاستى ئۆيگە كىرىپ، پۇتلىرى ئۇزۇن، لىكىن ئۈزى كىچىك كەلگەن بىر ئورۇندۇقنى ئالدى. چاشقانلار ئاۋازى خۇددى پولونىڭ ئىچىدە شېغىل چاينىۋالغان ئادەمنىڭ ئاغزىدىن چىققان ئاۋازدەك ئاۋاز چىقىرىپ ئۇ يەردە تىپىرلاشقان پېتى قالدى.

   ئابدۇسەمەت مامۇت توپا بېسىپ كەتكەن ئورۇندۇقنى قەغەز بىلەن سۈرتتى، لىكىن ئۇ پاكىزلانماستىن تېخىمۇ يىرگىنىچلىك ۋە رەسۋا ھالەتكە كىرىپ قالدى. ئۇنىڭ ئۈستى مايلىشاڭغۇ ئىدى. بەلكىم ئايالى بىر مەزگىل ئۇنىڭ ئۈستىگە ماي تۇڭىنى قويغان بولسا كېرەك. ئۇ چاي ئۈستىلىنى ئاغامچا ئېسىلغان جاينىڭ دەل ئاستىغا قىلىپ تارتىپ كەلدى - دە ئۇنىڭ ئۈستىگە يەر ئاستىدىن ئېلىپ چىققان ئورۇندۇقنى قويۇپ، ئۈستىگە چىقتى. بوينىنى سوزۇپ بېقىۋىدى دەل يەتتى.

    - قارا، مانا مۇنداق قىلىدۇ! – ئۇ ئوغلىنىڭ دىققىتىنى تازا يىغىپ كۆرمەسلىكىدىن ئەنسىرەپ ئۇنى چاقىرىپ ئۆزىگە قاراشقا بۇيرىدى. ئوغلى ئۇنىڭ ھەرىكىتىگە بىر بىرلەپ قاراپ تۇردى. ئابدۇسەمەت مامۇت سىرتماق ئىچىگە بوينىنى سېلىپ كۈلدى. - مانا مۇشۇنداق بويۇننى سالغاندىن كېيىن، ئورۇندۇقنى ئىتتىرىۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاغامچا ئۆلۈۋالغۇچىنىڭ بوينىنى قىسىپ...

   ئابدۇسەمەت مامۇت شۇنداق دەۋاتقاندا ھېلىقى پۇتلىرى ئۇزۇنچاق لېكىن ئۈستى يۈزى كىچىك ئورۇندۇق بىردىنلا ئۆرۈلۈپ كەتتى-دە، ئۇنىڭ بۈيۈك داۋلىلارنى سۆزلەۋاتقان ئاغزىدىكى گېپى ئۈزۈلۈپ قالدى.

   بالا ئورۇندۇقنىڭ تاراقشىپ ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئاۋازىدىن چۆچۈپ كەتكەن بولسىمۇ، لىكىن بۇ ئىش بەكلا قىزىقارلىق تۇيۇلۇپ كەتكەچكە دادىسىغا قاراپ چاۋاك چېلىپ تەنتەنە قىلدى: - ھو... دادام ئۆلۈۋالدى! ھو…، دادام ئۆلۈۋالدى!

    روقىيە ھاشىم خېلىلا كېچىكىپ كەلدى، ئۇ ئۆيگە قايتىپ كىرگەندە قولىدا خېلى كۆپ نەرسىلەر بار ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئابدۇسەمەت مامۇتنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئۈچۈن تەييارلىغان نەرسىلەردەك قىلاتتى. ئۇ قايسى كۈنى بىر خىزمەتدىشى بىلەن مۇڭدىشىپ قالدى. مۇڭدىشىش جەريانىدا ئۇ ئېرى بىلەن بولغان ھېسياتىنىڭ سۇسلىشىپ كەتكەنلىكىنى، ئېرىنىڭ تېنىدە غەيرى پۇراق بولمىسىمۇ كېلىن ئۇنىڭدىكى ئادەتتىكى پۇراقلاردىنمۇ بىئارام بولىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىۋېدى، بېشىدىن جىق ئىسسىق سوغاق ئۆتكەن ئۇ ئايال روقىيە ھاشىمغا بىرمۇنچە ئەقىل كۆرسىتىپ نىكاھ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ يوللىرىنى كۆرسەتكەن ئىدى.

    ئۇ ئۆيگە كىرىشىگە، بالىسى يۈگرەپ ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتى. - ھو... دادام ئۆلۈۋالدى! ھو..، دادام ئۆلۈۋالدى!

    بالا بۇ قىزىقارلىق مەنزىرىنى ئاپىسىغا كۆرسىتىش ئۈچۈن ئالدىراپ ئۇنى بىلىكىدىن تارتتى.

   - قارا ئاپا، دادام ئۆلۈۋالدى! ھو...، دادام ئۆلۈۋالدى! - ھو... دادام ئۆلۈۋالدى! ھو...، دادام ئۆلۈۋالدى!

    روقىيە ھاشىم دەسلەپ بالىسىنىڭ گېپىگە كۈلۈپ كەتتى. لىكىن ئۇ ئېرىنىڭ باشقا دادىلارغا ئوخشاش ئوغلى بىلەن بىرەر ئويۇن ئوينىغىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى، شۇڭا بالىسىنىڭ گېپىگە ھەيران قېلىپ ئېرىنىڭ بالىسى بىلەن قانداق ئويۇن ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن مېھمانخانا ئۆيگە كىردى. ئابدۇسەمەت مامۇتنىڭ تىلى ناھايىتى سەت ساڭگىلاپ تۇراتتى. روقىيە ھاشىم ئۇنىڭ تىلىنىڭ بۇنچىۋالا ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى. ئاغمچا بوينىدىن چىڭ سىقىپ، ئۈستۈنكى تەرەپكە قان يېتىشمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ باش قىسمى ئىششىپ كۆكۈرۈپ كەتكەندەك قىلاتتى. شۇ تاپتىمۇ توختىماستىن قان ئۇنىڭ مۇقەددەس پەندى نەسىھەتلەر بىلەن تولغان مېڭىسىگە سىغدىلىپ، مېڭە داۋاملىق ئېسىلىپ كېتىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ ھەرىكەتتىن تامامەن توختىغان تېنىدە مۇشۇ ئېسىلىپ كېتىشتىن ئىبارەت خاتا تۇيغۇدىن باشقا ھېچقانداق ھەرىكەتنى بايقاش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. روقىيە ھاشىم بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ پۇت قولىدا جان قالمىدى، تىزلىرى خۇددى ئېرىپ كېتىۋاتقاندەك بولدى دە، تىك تۇرالماي لەسسىدە يەردە ئولتۇرۇپ قالدى.



2008- يىل 1- ئاينىڭ 15- كۇنى بېيجىڭ


joshua يوللانغان ۋاقتى 2012-8-10 10:07:23

سەن خەق ھەممىڭ ئەسكى ، پەقەت مەنلا ياخشى دېمەكچى، بۇ ئادەمنىڭ پۈتۈن مەركىزىي ئىدىيىسى مانا شۇ.

nurahun يوللانغان ۋاقتى 2012-8-9 15:57:09

پەرھات تۇرسۇننىڭ قىيداپ يازغان ھېكايىلىرىنىڭ بىرى. لېكىن كەلتۈرۈپ قىيدىيالىغان. پەرھات تۇرسۇننىڭ چوڭراق ھەجىمدىكى ياخشى ئەسەرلىرىنى كۈتىۋاتىمىز.

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2012-8-9 16:41:56

پەرھات تۇرسۇننىڭ «ئىشىك چەككۈچى»، «ئەپلاتوننىڭ گۈرجىكى»، «غەزەپلەنگەن تۇدەك شاتۇر».... قاتارلىق بىر يۈرۈش ھېكايىلىرى ھەقىقەتەن نوچى؛ يەنە باشقىلىرىنىمۇ ئېلان قىلسا بولاتتى...

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2012-8-9 16:57:25


2- قەۋەتتىكى فائىزە034نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇرۇن بىرى يوللاپ بوپتىكەنغۇ بۇ تېمىنى، قايتا يوللاپ قويۇپسىز...


كەچۇرۇڭ,مەن ئۇقماي قاپتىمەن،ئۈچۈرۋىتەيمۇ يا




hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2012-8-9 18:47:55

ياخشىلا تېمىكەن

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-9 19:28:13

vefali يوللانغان ۋاقتى 2012-8-10 10:40:00

ھەقىقەتەنمۇ تېتىقسىز مەينەت بىر ئەسەر بوپتۇ. ئوتتۇرغان قوپقان يېرىدە دەججالغا ئوخشاش سېسىق پۇراق تارقىتىپ....

تورداشلىرىمنىڭ گۈزەل ئەسەرلەرنى ئوقۇپ گۈزەل تەپەككۈر قىلىشىنى تىلەيمەن. بۇ زاۋال ئادەمگە ھىديەت تىلەيمەن!

sansara يوللانغان ۋاقتى 2012-8-10 18:10:17

7- قەۋەتتىكى joshuaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سەن خەق ھەممىڭ ئەسكى ، پەقەت مەنلا ياخشى دېمەكچى، بۇ ئادەمنىڭ پۈتۈن مەركىزىي ئىدىيىسى مانا شۇ.



مەركىزى ئىدىيە دىگەن سوتسىيالىستىك ئەسەرلەردە بولىدىغان،بۇ ئادەمدە قانداق مەركىزى ئىدىيە باردۇ؟؟؟

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2012-8-10 20:24:33

8- قەۋەتتىكى vefaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھەقىقەتەنمۇ تېتىقسىز مەينەت بىر ئەسەر بوپتۇ. ئوتتۇرغان قوپقان يېرىدە دەججالغا ئوخشاش سېسىق پۇراق تارقىتىپ....

تورداشلىرىمنىڭ گۈزەل ئەسەرلەرنى ئوقۇپ گۈزەل تەپەككۈر قىلىشىنى تىلەيمەن. بۇ زاۋال ئادەمگە ھىديەت تىلەيمەن!

تاپانچىڭىز بولسا گۇملا قويسىڭىز ھە ؟ بىراق سىزدە سۇ تاپانچىسىمۇ يوقتە .

فائىزە034 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-27 13:50:44

2- قەۋەتتىكى afiyfiyنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

پەرھات تۇرسۇننىڭ «ئىشىك چەككۈچى»، «ئەپلاتوننىڭ گۈرجىكى»، «غەزەپلەنگەن تۇدەك شاتۇر».... قاتارلىق بىر يۈرۈش ھېكايىلىرى ھەقىقەتەن نوچى؛ يەنە باشقىلىرىنىمۇ ئېلان قىلسا بولاتتى...

قايەردىن تاپقىلى بولار ئۇ ماقالىنى؟ مەن ئوقۇپ باقاي دەيمەن، لېكىن ئىزدەپ تېپىپ بولالماي يۈرىمەن.

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2012-9-27 19:48:25

10- قەۋەتتىكى فائىزە034نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

2- قەۋەتتىكى afiyfiyنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

پەرھات تۇرسۇننىڭ «ئىشىك چەككۈچى»، «ئەپلاتوننىڭ گۈرجىكى»، «غەزەپلەنگەن تۇدەك شاتۇر».... قاتارلىق بىر يۈرۈش ھېكايىلىرى ھەقىقەتەن نوچى؛ يەنە باشقىلىرىنىمۇ ئېلان قىلسا بولاتتى...

قايەردىن تاپقىلى بولار ئۇ ماقالىنى؟ مەن ئوقۇپ باقاي دەيمەن، لېكىن ئىزدەپ تېپىپ بولالماي يۈرىمەن.




ئەپلاتوننىڭ گۈرجىكى: بۇلتۇرقى تارىم ژۇرنىلىنىڭ 3-سانىدا بار؛


ماۋۇ ئىشىك چەككۈچى دېگەن ھېكايىسى:


http://www.algiyar.com/bbs/read.php?tid-599.html

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2012-9-27 19:50:09

غەزەبلەنگەن تۇدەك شاتۇر مۇشۇ مۇنبەردە بارغۇ دەيمەن، ئىزدەپ بېقىڭ...

فائىزە034 يوللانغان ۋاقتى 2012-9-28 07:59:11

ئەفىيفىيگە كۆپ رەھمەت.


ئىشىك چەككۈچى دېگەن ھېكايىنى ئوقۇدۇم، مۇشۇنداق يازغۇچىلارمۇ باركەنتۇق ھە، ئەجەپ ھازىرغىچە ئەسەرلىرىنى تۈزۈك ئوقۇپ باقماپتىكەنمەن،توۋا \"\"


قول قويماي تۇرالمىدىم، يازغۇچىغا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن!

saktikin يوللانغان ۋاقتى 2012-9-28 15:53:22

9- قەۋەتتىكى Pinhanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

8- قەۋەتتىكى vefaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھەقىقەتەنمۇ تېتىقسىز مەينەت بىر ئەسەر بوپتۇ. ئوتتۇرغان قوپقان يېرىدە دەججالغا ئوخشاش سېسىق پۇراق تارقىتىپ....

تورداشلىرىمنىڭ گۈزەل ئەسەرلەرنى ئوقۇپ گۈزەل تەپەككۈر قىلىشىنى تىلەيمەن. بۇ زاۋال ئادەمگە ھىديەت تىلەيمەن!

تاپانچىڭىز بولسا گۇملا قويسىڭىز ھە ؟ بىراق سىزدە سۇ تاپانچىسىمۇ يوقتە .







بۇقەۋىمدەتاپانچاۋەسۇتاپانچىسىبولمىغىنىبىلەنيەنەباشقائاجايىپقوراللارمۇبار.مەسىلەن    مىكيانتوخۇنىڭتىرنىقىقانجىقئىتنىڭچىشىدېگەندەك.   ئىپىنىتاپسا      مۇشۇنىڭغائوخشاشئۇزۇنتىرناقلىرىبىلەنتاتىلاپباقىدۇ،ياكىبولمىسا    كۆتۈكمەگەنچىشلىرىبىلەنغاجىلاپمۇ   ئۈلگۈرىدۇ.

بەت: [1]
: ئابدۇسەمەت مامۇتنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى[كۆچۈرۈلمە]