孙悟空 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-9 13:48:59

راس يالغان سۇن ۋۇ كوڭ

غەرپكە ساياھەت قىسىسىدە ئالتە قۇلاقلىق ماكاكا مايمۇنىنىڭ سۇنۋۇكوڭنىڭ سۈرىتىگە كىرىۋېلىپ تاڭسىڭنى يارلاندۇرغانلىقى،ئىككى سۇنۋۇكۇڭنىڭ چىرايىدىن تارتىپ گۇمپىسى،ماھارىتى،ھەتتا ئالتۇن گۈرزىسىگىچە ئوپمۇ ئوخشاش ئىكەنلىكى.ئىككى مايمۇننىڭ راس يالغاننى ئايرىش ئۈچۈن ئۇستازىنىڭ چەمبىرەك ئەپسۇنى ئارقىلىق ئايرىش تەدبىرىمۇ كارغا كەلمىگەن شارائىتتا،ئەرىش ئوردىسى،ئاۋاللىكسۇۋارا،ھەتتا پەلەك پېشۋاسىنىڭ ئالۋاستى كۆرۈش ئەينىكىمۇ ئىككىسىنىڭ راس يالغانلىقىنى ئايرىيالمىغانلىقى،ئاخىردا ئۇلار دوزاخ ئىلاھىنىڭ قېشىغا كىرگەندە <جادۇقۇلاق>ئىسىملىك دوزاخ مۇئەككىلىنىڭ:< مەن بىلدىم،لېكىن يۈزمۇ يۈز ئاشكارلاشقا بولمايدىكەن>دەپلا غايىپ بولغانلىقى،ئەڭ ئاخىردا بۇ ئىككى مايمۇننىڭ ئامىتابۇددانىڭ قېشىغا بېرىپ قايسىسىنىڭ راس ئىكەنلىكىنى ئايرىغانلىقى ھەم يالغان سۇنۋۇكۇڭنىڭ راس سۇنۋۇكۇڭ تەرپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغىرسىدا بايان بار...


راسلا شۇنداقمىدۇ؟


ئەمەليەتتە ئۆلتۈرۈلگىنى راس سۇنۋۇكۇڭ ،غەرىپكە تاڭ سىڭ بىلەن بېرىپ نوم ئەكەلگىنى بولسا يالغان سۇنۋۇكۇڭ...بۇنى بىر پەرەزمىكى دىمەڭ دەلىل-ئىسپاتلىرى بار...


1.شۇ ۋاقىتتىكى شارائىتتا قايسىسىنىڭ راس ئىكەنلىكىنى ئالەم بويىچە ئامىتابۇددالا ئايرىيالايتى،ئۇ قايسىسىنى راس دىسە شۇ راس بولاتتى،شۇڭا بۇنداق ئايرىش يۈز پىرسەنت ھېسابلانمايدۇ،شۇڭا گۇمانلىق...


2.ئالتە قۇلاقلىق مايمۇننى ئامىتا ئەۋەتكەن بولىشى ئېھتىمالغا ناھايىتىمۇ يېقىن،چۈنكى سۇن ۋۇ كۇڭ بىر ئاسىي ،ئامىتا ئۇنى ئۆلتۈرۈشنى ئويلىسىمۇ، ئەينى ۋاقىتتا سۇنۋۇكۇڭنى ئۆلتۈرسە بۇددىنىڭ رەھىم-شەپقەت توغىرسىدىكى تەلىماتلىرىغا زىت بولاتتى( چۈنكى بۇددىدا قان ئاققۇزسا بوممايدۇ ئەمەسمۇ)،ئامىتالا سۇنۋۇكۇڭنى ئۆلتۈرەلەيدىغان بىردىنبىر ئادەم بولۇپ(سۇنۋۇكۇڭ كۇملاچ يەپ،شاپتۇل يەپ،سەككىز قۇرى ئوچىقىدا تاۋلىنىپ ئۆلمەس تائىپىگە ئايلانغان،ئەرىشمۇ ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە ئامال تاپاممىغان) ئامىتا ئۇنى بىۋاستە ئۆلتۈرسە بوممايتى...


(1)ئۇ ئىككىسى دوۋزاخ ئىلاھىنىڭ قېشىغا كىرگەندە جادۇقۇلاق ئۇلارنىڭ قايسىسى راس ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ دىيىشكە پېتىناممىدى...نىمە ئۈچۈن؟ سەۋەبى دەل يالغان سۇنۋۇكۇڭنىڭ ئارقا كۆرنىشى ئاددى ئەمەس(ئۇنى ئامىتا ئەۋەتكەن)،جادۇقۇلاق بۇنى ئوبدان بىلەتتى...


(2)يەنە بىر سەۋەبى ئىككى مايمۇن جادۇقۇلاقتىن سوراۋاتقاندا ئۇلارنىڭ قېشىدا ياماراجا بىلەن  جەھەننەم بۇدسادۋاسى بار ئىدى،جەھەننەم بۇدسادۋاسى بۇددىدىكى تۆت چوڭ بۇدسادۋانىڭ بىرى بولۇپ(ئۇلار ئاۋاللىكسۇۋارا،ۋېن شۇ بۇدسادۋا،پۇ شىيەن بۇدسادۋا،ۋە جەھەننەم بۇدسادۋاسى دىساڭ بۇدسادۋا) ئۇمۇ بۇددىنىڭ ئادىمى بولغاچقا جادۇقۇلاق ئىككى مايمۇندىن  بەكرەك جەھەننەم بۇدسادۋاسىدىن قورقاتتى...


3.رىۋايەتلەردىكى ئەۋلىيا پېشۋاسى ئۆز ۋاقتىدا ئىككى شاگىرت تەربىلىگەن بولۇپ بىرى ئامىتابۇددا يەنە بىرى دەل سۇنۋۇكۇڭنىڭ گۇمپا ئۈگەتكەن ئۇستازى پۇ تى ئەۋلىيا ئىدى...بۇ ئىككىسى ئەينى ۋاقىتتا ئەۋلىيا پېشۋاسىدىن تەلىم ئېلىپ بولۇپ بىر يەرگە كەلگەندە قورسىقى ئېچىپ كېتىپ بىر جەرەن ئۇچرايدۇ،ئۇ ئىككىسى ئۇنى يىيىش يىمەسلىك توغىرسىدا تالىشىپ،ئامىتا  ئۇستازىنىڭ ھېچقانداق مەخلۇقنىڭ قېنىنى تۆكۈشكە بوممايدۇ دىگەن تەلىمى بويىچە يىمەيدىغان بوپ غەرىپ تەرەپكە قاراپ مېڭىپ گۆش يىمەيدىغان راھىپ بولىدۇ،سۇنۋۇكۇڭنىڭ ئۇستازى بولسا ئۇستازىنىڭ بىر ئادەمنىڭ جېنىنى قۇتقۇزۇش ئەڭ ساۋاپلىق ئىشتۇر(ئۆزىنىڭ جېنىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) دىگەن تەلىمى بويىچە  ئۇ جەرەننى تۇتۇپ يەپ شەرىققە قاراپ مېڭىپ گۆش يەيدىغان دەرۋىش بولىدۇ...راھىپلىق بىلەن دەرۋىشلىك مانا شۇ چاغدا ئايرىلغانىكەن...ھەم شۇ ۋاقىتتا ئەۋلىيا پېشۋاسىنىڭ بۇ ئىككى شاگىرتى شۇ سەۋەپتىن ئۆچمەنلىك بوپ قالغانىكەن.شۇڭا ئامىتا ئۆز رەقىبىنىڭ بۇ ئەڭ تالانتلىق شاگىرتىنى يوقاتماقچى بولغان...


4.ئالتە قۇلاقلىق مايمۇننىڭ ھەممە ماھارىتى،ئۆزگىرىش ئۇسۇلى،ھەتتا ئۇچۇش ئۇسۇلىدىن تارتىپ ئوپمۇئوخشاش،ئەجىبا راس سۇنۋۇكۇڭ ئۇ ماھارەتلەرنى مىڭ بىر جاپادا 7 يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ئۆگەندىيۇ ئالتە قۇلاقلىق مايمۇن بىردەمدە ھەم ھېچقانداق ئۇستازسىز تەبىيلا ئۈگىنىپ قالارمۇ؟مومكىن ئەمەس ئوخشاش ماھارەتنى پەقەت ئوخشاش ئۇستازنىڭ شاگىرتلىرىلا ئۈگىتەلەيدۇ،سۇنۋۇكۇڭنىڭ ئۇستازىنىڭ ئالتە قۇلاقلىق مايمۇنغا ماھارەت ئۆگتىش مومكىنچىلىكى نول... ئويلاپ بېقىڭ بۇ ماھارەتنى ئالتە قۇلاقلىق مايمۇنغا كىم ئۆگتىپتۇ؟؟؟؟ توغرا دەل ئامىتابۇددا....


5.ئىككى مايمۇن ئامىتانىڭ ئالدىغا راس يالغاننى ئايرىغىلى بارغاندا ئامىتا بۇ ئىككىسىنىڭ بىرسى راس بىرسى يالغان،يالغىنى ئالتە قۇلاقلىق ماكاكا مايمۇنى،ئۇ مىڭ چاقىرىم نېرىدىكى ئىشنى بىلەلەيدۇ،ئادەمدەك گەپ قىلالايدۇ،ئۆتمۈش ۋە كەلگۈسىنى ئۇقالايدۇ دەيدۇ،بوپتۇ ئۇ ئۆتمۈشنى ئۇقالىغاچقا سۇنۋۇكۇڭنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى بىلىدىكەن،كەلگۈسىنى ئۇقالىغان مايمۇن ئامىتانىڭ ھوزۇرىدا ئۆزىنىڭ چېنىپ قالىدىغانلىقىنى ھەم سۇنۋۇكۇڭ تەرپىدىن ئۆلتۈرلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە شۇ يەرگە بارارمۇ؟ ئۆلتۈرلگىنى قايسىكەن؟؟؟


شۇنىڭ بىلەن راس يالغىنى ئايرىلغاندا سۇنۋۇكۇڭ ئۇ يالغان سۇنۋۇكۇڭنى گۈرزىسى بىلەن ئۆلتۈرۋەتكەن بولىدۇ،ئويلاپ بېقىڭ ئامىتابۇددا بۇددا پېشۋاسى تۇرۇپ سۇنۋۇكۇڭنى ئۆز ھوزورىدا قان تۆككىلى قويارمۇ؟سۇنۋۇكۇڭ ئۇنى ئۇرۇشتىن بۇرۇن توسۇپ قالامماسمۇ؟ئەجىبا سۇنۋۇكۇڭ ئەرىشتە شۇنداق چوڭ ئىش چىقىرىپ نەچچە ئونمىڭ ئەرىش لەشكەرلىرىنى ئۆلتۈرسە ئۇنى ئۆلتۈرمەي 500 يىل تاغقا باسۇرۇپ قويىدىكەن،لېكىن ئۇ ئالتە قۇلاقلىق مايمۇننىڭ سۇنۋۇكۇڭ قىياپىتىگە كىرۋېلىپ ئۇستازىنى بىر كالتەك قويغانلىقى ئۆلۈمگە لايىق گۇنامىكەن؟؟؟دىمەك ئۆلتۈرۈلگىنى راس سۇنۋۇكۇڭ،ئۆلتەگىنى بولسا ئامىتانىڭ ماكاكا مايمۇنى...


6.ئەۋلىيالا تەزكىرىسى دىگەن كىتاپتا سۇنۋۇكۇڭنىڭ ئۇستازى پۇ تى ئەۋلىيا،سۇنۋۇكۇڭ ئەرىشنى مالىمان قىلىپ تاغقا باسۇرۋېتىلگەندىن كىيىن ئۇستازىنىڭ قېشىغا بېرىپ 7000 يىل تاغدىن چۈشمەي شاگىرتمۇ ئالماي ئىلىم تەھسىل قىلغانلىقى توغىرسىدا مەلۇمات بار،سۇنۋۇكۇڭمۇ ھېلىقى ئادامگىيا مىۋىسىنى يەپ قويغاندا بالاغا قېلىپ ئۇستازىنىڭ ئۆزىنى كۆرەلمەي ئاۋازىنى ئاڭلاپ كېتىدۇ،دىمەك ئۇستازى 7000 يىل تاغدىن چۈشمەسلىككە بەنت قىلىنغان سۇنۋۇكۇڭدەك بىر مالىمانچىنى ئامىتا ھەر خىل ئامال قىلىپ بولسىمۇ ئۆلتۈرمەي قالامتى...ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇنۋۇكۇڭ ئامىتانىڭ دۈشمىنىنىڭ شاگىرتى تۇرسا...


7.ئويلاپ بېقىڭ سۇنۋۇكۇڭ راس يالغان سۇنۋۇكۇڭ ۋەقەسى چىقىشتىن بۇرۇن ئۇستازىنىڭ گېپىنى پەقەت ئاڭلىمايتى شۇسەۋەپتىن بېشىغا چەمبىرەك تاقالغان ئىدى ،تاڭ سىڭمۇ ئۇنى بىر نەچچە قېتىم ھەيدىۋەتكەن ئىدى ،ئۇ ئامىتانىڭ قېشىغا بارسىمۇ ئامىتانى قىلچىمۇ ھۆرمەتلىمەيتى،ھەم قانداق ئالۋاستى ئۇچىرسا ئۆز ماھارىتىگە تاينىپ يېڭەتتى.راس يالغان سۇنۋۇكۇڭ ۋەقەسىدىن كىيىنچۇ؟شۇنداق گەپ ئاڭلايدىغان ،ئۇستازىنىمۇ شۇنداق ھۆرمەتلەيدىغان،ئامىتانىمۇ ۋاي دەپ تۇردىغان،كۈچلۈكرەك ئالۋاستى ئۇچىرسا ئۇدۇل بىرەر بۇدسادۋانىڭ قېشىغىلا بارىدىغان بولدى...ھەم ئۇ گەپ ئاڭلايدىغان بوپ كەتكەچكە ھېشنىمىدىن بىخەۋەر تاڭسىڭمۇ بىرەر قېتىم چەمبىرەك ئەپسۇنۇ ئوقۇپ باقمىدى ياكى ئۇنى ھەيدىۋېتىپ باقمىدى...دىمەك ئۆلتۈرۈلگىنى شوخ گەپ ئاڭلىمايدىغان ئوماق مايمۇن شاھى سۇنۋۇكۇڭ...


شۇنداق قىلىپ مالىمانچى سۇنۋۇكۇڭ ئاشۇنداق مەخپى ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆلتۈرۈلدى ھەم بۇ ئىشنى ئامىتادىن باشقا ھېچكىم ئۇقمىدى...بۇددىنىڭ ۋە ئالامنىڭ مۇقىملىقىغا تەھدىت بولىدىغان سۇنۋۇكۇڭمۇ ئوڭۇشلۇق يوقىتىلدى،شۇندىن باشلاپ ئالەم تىنىچلىققا يۈزلەندى....



مەنبەسى:خەنچە تور+ئۆز يازمام


ئەسكەرتىش:مىنى باشقا تېمىلارغا ئوخشاش تىللىپ ۋەيران قىلىۋەتمەڭلا قىزىقارلىق تۇيۇلۇپ تەرجىمە قىپ قويدۇم،مەن بۇددا مۇرتى ئەمەس جۇمۇ...يۇقىردا دوزاخ مۇئەككىلى،ئەرش،ئاسمان ئىلاھى دىگەندەك گەپلەر يېزىلدى(نەئۇزىبىللا)بۇلار پەقەتلا يازما ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان سۆزلەر،ئۆزىڭىز قوشتىرناق ئىچىگە ئېلىپ ئوقۇسىڭىز بولىدۇ....


تامام

newstar يوللانغان ۋاقتى 2012-8-9 15:43:29

ئالامەت يېزىپسىز جۇمۇڭ،لوگىكىڭىز خېلى كۈچلۈككەن.

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-9 15:46:05

بۇ خەنزۇچە تورلاردىكى ياپتى گەپ قىلىدىغانلارنىڭ يازمىسىكەندە،يېقىندا يۈز بەرگەن بېرەر چوڭ ئىشقا باغلاپ يازغاندەك قىلىدۇ.

JasurBay يوللانغان ۋاقتى 2012-8-9 17:34:25

قارىغاندا 3- بۆلىمىنىڭ ۋەقەلىكىنىمۇ ئويلاشتىمۇ نىمە بۇلار...  {:107:}

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2012-8-9 17:58:43

كىچىكىمىزدىن كۆرۈپ كەلگەن 86-ئىشلەنگەن «غەرپكە ساياھەت» تە راسىت يالغان سۇن ۋۇكۇڭ توغرىسىدا مەزمۇنلار بارمۇ يوقمۇ؟

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2012-8-9 18:41:40

ئەڭ قورقۇنۇشلۇق ئىش ئىشەككە ساز چېلىپ بىرىش ئەمەس بەلكى بىرتوپ ئىشەكنىڭ ساڭا ساز چېلىپ بىرىشى  




79588010 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-9 22:57:37

خەنزۇچىدىن ياخشى تەرجىمە قىپسىز....

ئەمەلىيەتتە غەرپكە ساياھەت فىلىمىنىمۇ ئاجايىپ تەسۋىرلىگىلى بولىدىكەن...

خەنزۇچە مۇنبەرلەرگە كىرىپ قارىسا مۇشۇنداق مۇلاھىزىلەر بەك قىززىق..

باشقا بىر خىل چۈشەندۈرىدىغان نۇسخىسى بار ئىدى سۇن مايمۇن بۇتساتۋانىڭ شاگىرتى مەخسۇس باشقا ئىلاھلارنى باشقۇرۇش ئۈچۈن چىقارغان پېچكىسى دېگەندەك.......

قېنى بۇ نۇسخىسىنى كىم تەرجىمە قىلىدىكىن..؟

zapar يوللانغان ۋاقتى 2012-8-10 17:56:19

مۇنداق تەھىلل قىلىسمۇ بولدىكەن ئەمما تەپەككۇر دېگەن باركەن \"\"

孙悟空 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-10 19:40:51

غەرپكە ساياھەتتىكى جىن شاياتۇنلارنىڭ  كۈچ سېلىشتۇرمىسى:

1.سۇمرۇغ ئالۋاستى(ئامىتابۇددانىڭ تاغىسى)

http://a4.att.hudong.com/25/81/01000000000000119088189415925_s.jpg

سەۋەبى:سۇنۋۇكۇڭ بۇ ئالۋاستىغا كەلگەندە ھېچقانداق ئامال قىلالمايدۇ،ماھارىتىمۇ سۇنۋۇكۇڭدىن پەرىقلەنمەيدۇ،ھەتتا سۇنۋۇكۇڭنى ئامىتابۇددانىڭ قېشىغىچە قوغلاپ بارىدۇ،ھەتتا يامانلىقىدىن ئامىتابۇدداغىمۇ شىلتىڭ ئاتىدۇ،ھەم غەرىپكە ساياھەتتە ھەممە ئالۋاستى تاغ تۇرانى ئىگەللەپ قاراقچىلىق قىلسا بۇ ئالۋاستى تېخى شىر تۆگە ئالۋاستىلار دۆلىتىنى قۇرىدۇ...

2.سېرىق شىر ئالۋاستى(سۇنۋۇكۇڭ،جۇباجيې،شاسېڭلار شاگىرت تەربىلىگەندىكى سېرىق شىرنىڭ بوۋىسى)

http://imgsrc.baidu.com/baike/pic/item/d8b8c92a60ee1e78d52af129.jpg

سەۋەبى:بۇ ئالۋاستىنى ئىككىنچى قاتارغا تىزىشىمىزدىكى سەۋەپ بۇ ئالۋاستى سۇنۋۇكۇڭنى بىر سېھىر بىلەنلا تۇتىۋالىدۇ،ھېچقانداق قورال ئىشلەتمەيدۇ،ھەم سۇنۋۇكۇڭنى بىر يەلپۈپلا فېڭشەن تېغىغا ئۇچۇرۋېتىدۇ،سۇنۋۇكۇڭ ھېچقانداق ئالۋاستى بىلەن ئېلىشماي تۇرۇپ ئالۋاستىنىڭ ئىگىسىنى چاقىرىپ كەلمەيدۇ لېكىن بۇ ئالۋاستىغا كەلگەندە ھېچقانداق ئامال قىلالماي ئىگىسىنى چاقىرىپ كېلىدۇ(ئۇ بۇدسادۋانىڭ مىنىدىغان شىرى بولغاندىكىن ئەلۋەتتە يامان بولىدۇدە)ھەم بۇ ئالۋاستى تاڭسىڭنى يىيىش ياكى زىيانكەشلىك قىلىش نىيتىدە بولمىغان،پەقەت نەۋرىسى سېرىق شىر ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئۈچۈنلا سۇنۋۇكۇڭنىڭ ئەدىپىنى بېرىپ قويغان...

3.سۇنۋۇكۇڭ

http://t3.baidu.com/it/u=2481741080,2727525574&fm=0&gp=0.jpg

سۇنۋۇكۇڭنىڭ ماھارىتىنى ھەممىمىز بىلىمىز،ئەرىشنى مالىمان قىلغان،پۇتۈن ئەرىش لەشكەرلىرىمۇ ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمىگەن،ھەم سەككىز قۇرى ئوچىقىدا تاۋلىنىپ ئۆلمەس تائىپىگە ئايلانغان،72خىل ئۆزگىرەلەيدۇ،كۆزى سەككىز قۇرى ئوچىقىدا تاۋلىنىپ ئەسلى قىياپەتنى كۆرەلەيدىغان بولغان(ئالۋاستىلار ئۆزگىرۋالسىمۇ بايقىيالايدۇ)

4.ئالتە قۇلاقلىق ماكاكا مايمۇنى

http://image.17173.com/bbs/v1/2011/08/25/1314258412439.jpg

بۇ مايمۇننىڭ ماھارىتى سۇنۋۇكۇڭدىن قىلچە پەرىقلەنمەيدۇ،72خىل ئۆزگىرەلەيدۇ،بىرلا يېرى ئۆلمەس بەدەنگە ئىگە ئەمەس،شۇڭا سۇنۋۇكۇڭدىن كىيىن تۇرىدۇ...

5.كالا دىۋە

http://a0.att.hudong.com/76/33/14300000637152128702338555166.jpg

كالا دىۋە ماھارىتى سۇنۋۇكۇڭ بىلەن تەڭ،سۇنۋۇكۇڭ بىلەن جۇباجيې بىرلىشىپمۇ ئۇنى يېڭەممەيدۇ،ئاخىرى سۇنۋۇكۇڭ باشقىلارنى ياردەمگە چاقىرىش ئارقىلىق يالقۇنتاغدىن ئۆتىدۇ...ھەم ئۇ سۇنۋۇكۇڭنىڭ قول بېرىشكەن ئاكىسى...

6.چايان ئالۋاستى

http://a3.att.hudong.com/56/93/01300000280411124971936621128.jpg

بۇ چىشى ئالۋاستى ماھارەتتە ئانچە قالتىس بولمىسىمۇ لېكىن سۇنۋۇكۇڭنى چېقىۋىلىپ كۆمىگەن كۈننى كۆسەتكەن،ھەم باربىت چېلىپ سۇنۋۇكۇڭنىڭ بېشىنى قايدۇرۇپ بەك ئاخماق قىلغان،يامان يېرى بۇ ئالۋاستى چايان بولغاچقا سۇنۋۇكۇڭ خورازدىن بىرنى چاقىرىپ كېلىپ يەڭگەن...

7.ئەرىش پېشۋاسىنىڭ كالىسى

http://hiphotos.baidu.com/deinonychus2009/pic/item/fb6e7900af2007377bec2c86.jpg

بۇ كالائالۋاسىتىنىڭ ماھارىتى ئانچە ئۈستۈن بولمىسىمۇ لېكىن قولىدىكى چەمبىرەك بەك يامان ھەر قانداق قورالنى سۈمۈرۈپ ئەكېركېتەلەيدۇ،سۇنۋۇكۇڭ ئۇنى يېڭەممەي ئاخىرى ئىگىسىنى توۋلاپ كەلگەن...

8.سەكسەنپۇت ئالۋاستى (قورسىقىدا كۆزى بار،سۇنۋۇكۇڭنى ۋاي مۇرەببىم دىگۈزۋەتكەن ئالۋاستى)

http://t3.baidu.com/it/u=3563947575,945496905&fm=0&gp=0.jpg

بۇ ئالۋاستىنىڭ كارامىتى چاغلىق لېكىن ئاشۇ قورسىقىدىكى كۆزى سۇنۋۇكۇڭنىمۇ ئامالسىز قالدۇرىدۇ...

9.سېرىق قاشلىق بۇددا

http://t2.baidu.com/it/u=122684054,930485483&fm=0&gp=0.jpg

بۇ ئالۋاستىمۇ ئۆزى تايىلىق بولغان بىلەن خالتىسى بىلەن سۇنۋۇكۇڭنى نەچچە قېتىم تۇتىۋېلىپ بەك ئاخماق قىلىدۇ...

10.شىر تۆگە تېغىدىكى شىر ئالۋاستى

http://a2.att.hudong.com/22/47/01300000491308125049479300974.jpg

بۇ ئالۋاستىمۇ ئۆزى تايىلىق بولغان بىلەن ھەر قانداق نەرسىنى سۈمۈرۈپ ئەكىركىتىدىغان ئىشى چاتاق لېكىن سۇنۋۇكۇڭنى سۈمۈرۋېلىپ ئادەم بولغىنىغا توياپ كېتىدۇدە بىچچارە،ھەم سۇمرۇغ ئالۋاستىمۇ ئۇنى ئاغا دەيدۇ قارىغاندا خېلى يامان ئوخشايدۇ...

11.پىل ئالۋاستى

http://hiphotos.baidu.com/river59/pic/item/56fbdcdc66779325cc1166a6.jpg

بۇ ئالۋاستىمۇ سۇمرۇغ ئالۋاستى شىر ئالۋاستىلا بىلەن شىر تۆگە ئالۋاستىلار دۆلىتىنى قۇرۇپ سۇنۋۇكۇڭنى خېلى ئاخماق قىلىدۇ...

12.كەركىدان ئالۋاستى

http://t3.baidu.com/it/u=4116694431,3055319478&fm=0&gp=0.jpg

بۇ ئاداشمۇ جۈزە دۆلىتىدىن كەلگەن غوجىئاكاڭ قېنى دەپ مەيدىسىگە مۇشلىغان بىلەن تايىلىق شۇڭا مۇشۇ يەدىرەك تۇرسا بولا...

13.يەتتە ئۆمۈچۈك ئالۋاستى

http://t2.baidu.com/it/u=1670932649,1635592064&fm=0&gp=0.jpg

بۇ ئۆمۈچۈك ئالۋاستىىلامۇ سۇنۋۇكۇڭدىن قوققان بىلەن باجيې بىلەن شاسېڭنى قوقىتىدۇ...شۇڭا بۇلامۇ خېلى يامان...

14.جۇباجيې

http://a0.att.hudong.com/75/98/01300000165486121342986728448.jpg

بۇ ئەرىش چوشقىسى دۆت ھەم كالامپاي بولغىنى بىلەن ئەينى ۋاقىتتا ئەرىش مارشالى بوپ 80000 ئەرىش لەشكىرىنى باشقۇرغان ئەمەسمۇ شۇڭا بۇمۇ بوش ئەمەس

15.شاسېڭ

http://image2.liao1.com/news/2009_04/13/1239590724280.jpeg

بۇمۇ ئەرىش سەركەردىلىردىن بولغاچقا خېلى يامان،تېخى سۇغا كىرىۋالسا سۇنۋۇكۇڭنىمۇ يالۋەگۈزىدۇ ئۇنداق قىمماي قۇرۇقلۇققا چىققىن ئاكا دەپ...

16.ئاق ئات

http://wenwen.soso.com/p/20110615/20110615230501-1017729886.jpg

بۇمۇ تېگى تەكتى ئەجدېرھا بولغاچقا خېلى يامان...مۇھىم پەيىتلەدە خېلى ئەسقاتىدۇ...

17.سېرىق چاشقان ئالۋاستى

http://imgsrc.baidu.com/forum/pic/item/ff393c12bf191c46f819b80c.jpg

بۇ چىشى ئالۋاستىنىڭ ماھارىتىنى تىلغا ئالغۇچىلىكى بولمىسىمۇ لېكىن مۈكۈنىۋېلىش ھېلىسى بەك يامان سۇنۋۇكۇڭ ئۆڭۈرنى قېزىپمۇ ئۇۋىسىنى تاپالمايدۇ،ھەم بۇ ئالۋاستى تاڭسىڭغا تېگىمەن دەپ بەك ئاخماق قىلىدۇ...

18.تاش يۆتكەيدىغان ئالۋاستى

http://hiphotos.baidu.com/deinonychus2009/pic/item/7d13e4c39e016d220ef47786.jpg

بۇ ئالۋاستى قارا توخۇ دۆلىتىدە پادىشانى قۇدۇققا ئىتتىرۋېتىپ ئۆزى پادىشاھ بولىۋالىدۇ،سۇنۋۇكۇڭنىڭ ئالدىدا بىر تېپىككىمۇ يارىمايدۇ

19.ئۈچ دەرۋىش ئالۋاستى

بۇ قوچقار باشلىق،يولۋاس باشلىق ئالۋاستىلار يوقىلاڭ ماھارىتى بىلەن سۇنۋۇكۇڭ بىلەن كاللا كېسىشتە،يامغۇر ياغدۇرۇشتا بەسلىشىمىز دەپ ئۆزىنى چاغلىماي بېشىنى يەيدۇ...

20.پاسىق سۆڭەك ئالۋاستى

http://img.15game.com.cn/new/100604/xyj2.jpg

بۇ چىشى ئالۋاستىنىڭ ماھارىتى ئالۋاستىلار ئىچىدە ئەڭ تۆۋەن تۇرىدۇ،لېكىن تاڭسېڭنى ئالداپ سۇنۋۇكۇڭنى قوغلاتقۇزۋېتىدۇ،لېكىن ئاخىردا سۇنۋۇكۇڭ چەمبىرەك ئەپسۇنىنىڭ ئاغىرقىغىمۇ بەرداشلىق بېرىپ بۇنى ئۆلتۈرۋىتىدۇ...

Ay يوللانغان ۋاقتى 2012-8-10 21:06:53

ھازىر100 قىسىملىق،200قىسىملىق،مانچە يۈز قىسىملىق دېگەندەك كىنولار كۆپىيىپ كېتىۋاتقاننىڭ تەسىرىمۇ،قايسى كۈنى سىڭلىم ئولتۇرۇپلا غەرپكە ساياھەتنىڭ بىز كىچىك چاغلىرىمىزدا كۆرىدىغان تۇنجى ئىشلەنگىنى ئاران 25قىسىمكەنتۇق ھە دېۋىدى،شۇنداق ھەيرانلىق ھېس قىلىپ كىچىك چاغلىرىمنى ئەسلەپ كۈلۈپ كەتتىم.ئادەمگە كىچىكلىكىدە ھەممە نەرسە شۇنداق چوڭ،كۆپ.ئۇزۇن......دېگەندەك ئاشۇرما دەرىجىدە بىلىنىدىكەن. \"\"

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2012-8-11 12:08:22

4- قەۋەتتىكى Bayawanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

كىچىكىمىزدىن كۆرۈپ كەلگەن 86-ئىشلەنگەن «غەرپكە ساياھەت» تە راسىت يالغان سۇن ۋۇكۇڭ توغرىسىدا مەزمۇنلار بارمۇ يوقمۇ؟

ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنغان «غەرىپكە ساياھەت» ناملىق كىتاب جەمئىي تۆت قىسىم، 100 باپ. تىلىۋىزىيە تىياتىرى قىلىپ ئىشلىگەندە، ھەر بىر باپ، بىر قىسىم فىلىم بولىدىكەن. 86-يىللىق نۇسقىسىدىكى بىلەن كىتابنى سىلىشتۇرسا، بىر باپتىن ئاتلاپ ئىشلىگەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. كىيىن ئەسلەتمە شەكىلدە ئىشلىگىنى، 86-يىللىق نۇسقىسدا تاشلاپ قويۇلغان باپلار. ئىككىسىنى بىرىكتۈرۈپ كۆرسە ياكى ئاشۇ تۆت قىسىملىق كىتابىنى ئوقۇسا، بۇ فىلىمنى ھەقىقىي چۈشەنگىلى بولىدۇ.


بىراق ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان يىرى شۇكى، 2010-يىلى جېجىياڭنىڭ ئىشلىگەن نۇسقىسى ۋە 2011-يىللىق جاڭ جىجۇڭ نۇسقىسىدا بۇنىڭدىكى ۋەقەلىكنىڭ ئاساسى يەنىلا ئەسلى كىتابقا ئوخشاپ كەتسىمۇ بىراق، (ئۇيغۇرچە ناخشا چىقىدىغىنى) ئالۋاستىلار ياخشى، يامان دەپ ئايرىلىدىكەن، خەلىق بەزى ئالۋاستىلارنى ياخشى كۆرىدىكەن، ھەتتا گاۋيۈلەنغۇ دەيمەن (جۇ باجىينىڭ خوتونى)، باجىينى ياخشى كۆرۈپ قالىدىكەن. \"\"

بەت: [1]
: راس يالغان سۇن ۋۇ كوڭ