porsche يوللانغان ۋاقتى 2012-8-8 19:03:33

ئەڭ ئۈستۈن مەخلۇق ئىنسان

كېلىدىغان مېھمان


  يەرشارىمىز ئۇزۇن جەريانلارنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ، كېلىدىغان بىر مېھمان ئۈچۈن ھازىرلانغان ئىدى.


  يەرشارى قۇياش ئەتراپىدىكى ئوربىتىسىغا يەرلەشتۈرۈلدى، ھەم ئۆزىنىڭ ئوربىتىسىدا ھەم قۇياش ئەتراپىدا ئايلىناتتى.


  يەرشارىنىڭ ئۆز ئوقى ۋە قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىش سۈرئىتى دەل مۇشۇ يەردە ياشاۋاتقانلارنىڭ ئېھتىياجىغا ماس ھالدا ئىدى. ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىشى بىلەن كېچە-كۈندۈز، قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىشى بىلەن پەسىللەر ئالمىشىپ تۇراتتى.


  يەرشارىنىڭ قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقى ناھايىتى ئۆلچەملىك ئىدى. ئەگەر بىر ئاز يېقىن بولغان بولسا، يەر ئۈستىدىكى ھەممە نەرسە كۈيۈپ كۈلگە ئايلانغان بۇلاتتى، ئەگەر ئۇزاق بولغان بولسا، تۇڭلاپ، مۇزلاپ كەتكەن بۇلاتتى.


  سىرتتىن كېلىدىغان ھەر تۈرلۈك خېيىم-خەتەرلەرگە قارشى ياخشى مۇداپىئە قىلىدىغان ئاتمۇسفېرا بىلەن قورشالغان ئىدى.


  يەرشارى بۇ يەرگە كېلىدىغان مېھماننىڭ ھاياتىدىكى ۋاقىتلىق تۇرالغۇ يېرى سۈپىتىدە يارىتىلغان ئىدى.


  يەرشارى شۇنچىلىك گۈزەللىك بىلەن زىننەتلەنگەنكى، بۇلارنى ساناپ بۇلۇشقا ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمنىڭ كۈچى يەتمەيتتى.


  كېلىدىغان مېھماننىڭ ئېھتىياجىغا كېرەكلىك بولغان ھەممە نەرسە ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن ئەتراپلىق تەييارلانغان بولۇپ، ھېچقانداق نەرسە كەم قالمىغان ئىدى.


  ھەر شەيئىي ھازىرلانغاندىن كېيىن نىھايەت ئۇ چاغ يېتىپ كەلدى.


  كېلىدىغان مھېمان يارىتىلدى ۋە يەرشارىدىكى بۇ گۈزەل تۇرالغۇسىغا چۈشۈرۈلدى .


  ئۇنىڭ تاشقى قىياپىتى ناھايىتى گۈزەل ئىدى.


  باشقا جانلىقلاردىن پەرقلىق ئىدى .


  ئەقلى ۋە ئىرادىسى بار ئىدى. ھېسىياتچان ئىدى، تەپەككۇر قىلالايتتى، سۆزلىيەلەيتتى.


  ياراتقۇچى بۇ مېھماننى قەدىر-قىممەتلىك قىلدى، چۈنكى ئۇنى ياخشى كۆرەتتى.


  قۇياش ھەر سەھەر بىز ئۈچۈن توغىدۇ


  كائىناتنىڭ تەك ياراتقۇچىسى بار، ئۇ بولسىمۇ ئاللاھتۇر. ئاللاھ بار ئىدى، باشقا نەرسە يوق ئىدى. ئاللاھ كائىناتلارنى، پېلانىتلارنى،  يۇلتۇرزلارنى، ئاينى ۋە قۇياشنى ياراتتى. ھەممىگە ھاياتلىق بەردى.


  ئاللاھ يەرشارىنى بىز ئۈچۈن ياراتتى. ئۇنى تاغلار، دېڭىزلار، تۈزلەڭلىكلەر ۋە دەريالار بىلەن زېننەتلىدى. شامالنى، تۇپراقنى، سۇنى ۋە ھاۋانى ياراتتى. نۇرنى، رەڭنى ۋە ئاۋازنى ياراتتى. بارلىق جانلىقلارنى: ئۈسۈملۈكلەر، قۇشلار، قۇرت-قۇڭغۇزلار، ھاشارەتلەر ۋە گۈل-چېچەكلەرنى بىز ئۈچۈن ياراتتى. ئورمانلىقلاردا خىلمۇ- خىل مېۋىلىك، مېۋىسىز دەرەخلەرنى ياراتتى. رەڭگارەڭ پورەكلەپ ئېچىلغان گۈللەر، ئۈسۈملۈكلەر، مايسىلارنى ياراتتى. ياپ -يېشىل يۆگىمەچ ئوتلارنى ياراتتى. چۈمۈلىدىن باشلاپ پىلگىچە بارلىق ھايۋاناتلارنى ياراتتى.


  بەزىسىنى ئۆمىلەپ ماڭىدىغان، بەزىسىنى پۇتى بىلەن ماڭدىغان، بەزىسىنى ئىككى پۇتلۇق بەزىسىنى تۆت پۇتلۇق ۋە ھەتتا بەزىسىنى كۆپ پۇتلۇق قىلىپ ياراتتى. قۇشلارنى ئۇچسۇن دەپ ئىككى قانات بەردى. بېلىقلارنى سۇدا ئۈزسۇن دەپ پالاقچە بەردى. ھەرىلەرگە ھەسەل قۇسۇشنى ئۆگەتتى. دۇنيادا نېمە يارېتىلىشقا تېگىشلىك بولسا، ھەممىسىنى ياراتتى.


  ئاللاھ: << ۋۇجۇدقا كەل!>> دېگەنلىكى ئۈچۈن ھەممە نەرسە بارلىققا كەلدى


  قۇياش ھەركۈنى سەھەردە بىز ئۈچۈن تۇغىدۇ. بىز ئۈچۈن سەھەر بولىدۇ. دەريالار بىز ئۈچۈن ئاقىدۇ. گۈل -چېچەكلەر ھەر باھاردا بىز ئۈچۈن ئېچىلىدۇ. قۇشلار بىز ئۈچۈن سايرايدۇ ناخشىلىرىنى. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىز ئۈچۈن. ئاللاھ بىزنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ. بىزنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن بىزگە بۇ قەدەر قەدىر-قىممەت بەرگەن ئاللاھقا قانچىلىك شۈكۈر قىلساق يەنىلا ئازدۇر.


  ئۈسۈملۈكلەر خىلمۇ-خىل، ھايۋاناتلار ھەر تۈرلۈك، گۈل-چېچەكلەر رەڭگارەڭ، مېۋىلەرنىڭ تەمى ھەرخىل. ھەممىسىنىڭ باشقىچە بىر گۈزەللىگى، باشقىچە بىر ئالاھىدىلىكى باردۇر. تەپەككۇر قىلىدىغان بولساق، دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى ئاڭقىرىپ بۇلۇشقا كۈچىمىزنىڭ يەتمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىمىز. دۇنيا گۈزەل، ئىنسان تېخىمۇ گۈزەل. بۇ قەدەر گۈزەل دۇنيا ئۇنىڭدىن تېخىمۇ بەك گۈزەل بولغان بىر مەۋجۇداتنىڭ خىزمىتىگە تەقدىم قىلىنغان. ئاللاھ ئىنساننى مەۋجۇداتلارنىڭ ئەڭ گۈزىلى ۋە ئەڭ ئۈستۈنى قىلىپ ياراتقان.


  بىزنى يوقتىن بار قىلغان، بىزگە كۆز-قۇلاق، پۇت-قۇل بەرگەن، بىزنى بىر ئاتا-ئانىدىن ياراتقان ئاللاھقا ئېشىنىمىز. چۈنكى ئۇ باردۇر ۋەر بىردۇر. ھەممە شەيئىنى ئۆزى يالغۇز، ھېچكىمنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولماي ياراتقان. ئاللاھ تۇغمىغان ۋە تۇغۇلمىغان. ئۇنىڭ بالىسى يۇقتۇر. بۇنىڭغا ئېھتىياجىمۇ يوقتۇر. بىز ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ۋەر بىرلىكىنى، ياردەمچىسى يۇقلىقىنى ۋە كائىناتنىڭ تەك ياراتقۇچىسى ئىكەنلىكىنى پەيغەمبىرىمىزدىن ۋە كىتابىمىز قۇرئانى- كەرىمدىن بىلىمىز.


   دۇنيا ھاياتى بىر سەپەردۇر


  دۇنياغا كېلىشىمىز بىز چىققان بۇ سەپەرنىڭ تۇنجى قەدىمىدۇر. ئىنسان قەدەممۇ -قەدەم ياشايدۇ ھاياتىنى. قەددەممۇ-قەدەم چوڭ بولىدۇ، يوغىنايدۇ ۋە قېريىدۇ، بىر كۈنى كېلىدۇ، ئۈلىدۇ، دۇنيا ھاياتىنى تاماملايدۇ. ئاللاھ باشقا جانلىقلاردىن پەرقلىق ھالدا ئۇنىڭغا بەرگەن ئەقىل بىلەن ھاياتىنى مەلۇم نىشانغا بۇرايدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە گەرچە ئىنسانغا ئەقىل بېرىلگەن بولسىمۇ، دۇنياغا خالىغانچە قۇيېۋىتىلگەن ئەمەس. ئىنسان دۇنيادىكى بۇ سەپىرىدە پەقەتلا ئەقلىنىڭ رەھبەرلىكىدە بەخىت-سائادەتنى قولغا كەلتۈرەلمەيدۇ. ئۇنىڭ بىر يولباشچىغا ئېھتىياجى بار. چۈنكى بۇ دۇنيا ئىنسانلار ئۈچۈن شۇنداقلا بىر ئېمتىھان مەيدانىدۇر.


  دۇنيا ھاياتىدا تۇغرا يولنى كۆرسىتىدىغانلار بولغىنىدەك، تۇغرا يولدىن ئازغۇچىلارمۇ بار. ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا قارشى چىققان شەيتان داۋاملىق ئىنسانلارنى ئازدۇرماقچى بولىدۇ. شەيتان ئىنسانلارنىڭ بەخىتلىك، راھەت ياشىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن خېلمۇ-خىل ھيىلە -نەيرەڭلەرنى ئىشلىتىدۇ. ئېنسانلارنىڭ ئەقلىنى ئېزىقتۇرۇپ، ناچار، قەبىھ نەرسىلەرنى گۈزەل، چىرايلىق قىلىپ كۆرسىتىدۇ ۋە ئۇلارنى تۇغرا يولدىن ئايرىپ، يامان ، ناچار ئىشلارنى قىلىشقا كۈشكۈرتىدۇ. بۇنىڭغا قارشى ئاللاھ ئىنسانلارنى ناھايىتى ياخشى كۆرگەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ  قەبىھ ئىشلاردىن ئۇزاق قىلىشىنى ئۈمىد قىلغانلىقى ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەن. پەيغەمبەرلەر بەخىت-سائادەت يولى بولغان ئاللاھنىڭ دىنىنى كىشىلەرگە يەتكۈزىدۇ. ئەگەر ئىنسانلار پەيغەمبەرلەرنىڭ نەسىھەتلىرىگە ئەمەل قىلسا بەخىتلىك ياشايدۇ. شەيتاننىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىگە ئالدانسا بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيا بولغان ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاپلىنىدۇ .


ھەممە نەرسە بىزگە ئامانەت


  ئاللاھ بىزنى ۋە بۇ گۈزەل دۇنيانى بىكارغا ياراتمىغان. ئىنسانلارغا مەسئولىيەتلەر يۈكلەنگەن. ھەممە نەرسە : بۇ دۇنيا، جانلىقلار ۋە ھاياتىمىز بىزگە ئامانەت قىلىنغان .


  ئاللاھ بىزگە مەسئولىيىتىمىزنى ئادا قىلالىغۇدەك ئەقىل، تەپەككور ۋە سۆزلەپ قابىلىيىتىنى بەرگەن. تېخىمۇ گۈزەل بىر دۇنيادا ياشاش ئۈچۈن ئادالەت ۋە مەرھەمەت تۇيغۇسى بەرگەن.


  دۇنيادا خوددىي بىزدەك جېنى بار نۇرغۇن مەۋجۇدات ياشىماقتا. يېشىل ئوت-چۆپلەر، چېمەنلەر، باغۇ-بوستانلار، گۈل-گۈلىستانلار، قۇرت-قۇڭغۇزلار، قۇشلار، بۆرە-تۈلكىلەر....نىڭمۇ ھاياتى بار. گەرچە بىزنىڭ ھاياتىمىزغا ئوخشىمىسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھاياتى بىر ھايات، جېنى بىر جاندۇر. شۇڭا، بىزلەر جېنى بار ھەر قانداق بىر مەۋجۇداتنى رەنجىتمەسلىككە تېرىشىمىز، چۈنكى ئۇلار بىزگە ئامانەتتۇر. بىز ئۈچۈن يارىتىلغان باشقا جانلىقلاردىن كائىناتنىڭ تەبىئىي تەڭپۇڭلىقىنى بۇزمىغان ئاساستا ئاللاھ بېكىتكەن ئۆلچەملەر بويىچە پايدىلانساق بولىدۇ.


        دىن بەخىت-سائادەت يولىدۇر


  بىزنى رەببىمىز ئاللاھ ئەڭ ياخشى تۇنۇيدۇ. چۈنكى بىزنى ئۇ ياراتقان. ئۇ بىزنى ياخشى كۆرىدۇ. بىزمۇ ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ياراتقانلىرىنى ياخشى كۆرىمىز. قانداق قىلساق بەختلىك، قانداق قىلساق بەخىتسىز بۇلىدىغانلىقىمىزنىمۇ ئۇ ئەڭ ياخشى بىلىدۇ. ئاللاھ دۇنيادا بىزنىڭ بەخىتسىز بۇلىشىمىزنىڭ خالىمايدۇ. يامان ۋە قەبىھ ئىشلاردىن يىراق تۇرىشىمىز ئۈچۈن، بەخىتلىك، ھۇزۇرلۇق ياشىشىمىز ئۈچۈن بىزگە پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەن. پەيغەمبەرلەر بىزگە ئوخشاش ئىنسانلاردۇر. لېكىن ئاللاھ ئۇلارنى ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىن تاللايدۇ. ئۇلارنى ئالاھىدە قۇغدايدۇ، تەربىيىلەپ يېتىشتۈرىدۇ. ئۇلار ئېسىل ئەخلاقلىق، ئىشچان، راستچىل، ئىشەنچىلىك ۋە باتۇر ئىنسانلاردۇر. بىزگە ئاللاھنىڭ دىنىنى ئۆگىتىدۇ . دىن بىزنىڭ بەخىتلىك بولىشىمىزنى كاپالەتلەندۈرىدىغان ھايات بىلىمى دېگەنلىكتۇر. ئىنساننىڭ ئاۋۋال ياراتقۇچىسى بىلەن، ئاندىن ئۆزى ۋە ئەتراپىدىكىلەر بىلەن ماسلىشىپ بەخىتلىك، خوشال-خورام ياشىشىنىڭ يولىنى دىن كۆرسىتىدۇ.


  ئادەم ئەلەيھسسالامدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسالامغىچە


  ئاللاھ ئىنسانلارغا پەيغەمبەرلەر ئەۋەتتى، ئۇلارنى يالغۇز تاشلاپ قويمىدى. ئادەم ئەلەيھىسسالام تۇنجى ئىنسان ھەم تۇنجى پەيغەمبەر بۇلۇپ، بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئاتىسىدۇر. ھەممە كىشى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسلىدىن كەلگەندۇر. ھەممىمىز ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ بالىلىرىمىز. شۇڭا ئىنساننى ئادەم بالىسى دەپمۇ ئاتايدۇ. ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچە نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر كەلگەن. بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەردۇر. ئاللاھ ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەر ئەۋەتمەيدۇ.


  بىز پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىگە ئېشىنىمىز. بارلىق پەيغەمبەرلەرنى ئۆزىمىزنىڭ پەيغەمبىرىدەك ياخشى كۆرىمىز. چۈنكى ئۇلارنىمۇ ئاللاھ ئەۋەتكەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارغا ئوخشاش ھەقىقەتنى تەبلىغ قىلغان. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئىنسانلارغا تۇغرا يولنى كۆرسىتىشتۇر. ئاللاھ بىر بولغانلىقى ئۈچۈن پەرقلىق زامانلاردا پەيغەمبەرلەر ۋاستىسى ئارقىلىق ئەۋەتكەن دىنمۇ بىردۇر. شۇڭا ئاللاھتىن كەلگەن بارلىق دىنلارنى ئىسلام، بارلىق پەيغەمبەرلەرنى ئىسلام پەيغەمبىرى دەپ ئاتايمىز.


  تارىخ بويىچە ئىنسانلار ئۆزىگە ئۆگىتىلگەن دىننى ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۆزگەرتكەن. ئاللاھ ئەۋەتكەن بىر پەيغەمبەر ئۆز قەۋمىگە دىننى تەبلىغ قىلغان. لېكىن ئىنسانلار ئۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئاللاھ ئەۋەتكەن دىنغا ئۆزىنىڭ ئېتىقاد ۋە چۈشەنچىلىرىنى قۇشىۋىلىش بىلەن ئاللاھنىڭ دىنىنى بۇزغان. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن يېڭى بىر پەيغەمبەر ئەۋەتكەن. پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگىچە بۇ مۇشۇنداق داۋاملاشقان .


  ئاللاھ ئەۋەتكەن ھەر دىن ماھىيەت جەھەتتىن ئوخشاشتۇر. لېكىن ئىنسانلارغا بەخىتلىك ھايات ياشىشى ئۈچۈن تەقدىم قىلىنغان دىننىڭ ماھىيىتى ئۆزگىرىپ كەتكەندە ئىنسانلار ھەقىقىي بەخىت-سائادەتكە ئېرىشەلمەيدۇ. نەتىجىدە، ئىنسانلار ئاللاھنىڭ دىنىدىن بىخەۋەر قالىدۇ. ئاللاھ ئىنسانلار ھەقىقەتتىن خەۋەرسىز قالمىسۇن دەپ يېڭى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ ، ياخشىلىقنى ۋە تۇغرىلىقنى داۋاملىق ئەسكە سالغان .


  بىزنىڭ دىنىمىز ئىسلام باشقىلار تەرىپىدىن بۇزۋىتىلمىگەن يالغۇز دىندۇر. چۈنكى بىزنىڭ دىنىمىزنىڭ ئاساسلىرى مۇقەددەس كىتابىمىزغا يېزىقلىقتۇر. ئۇلۇغ كىتابىمىز بۈگۈنگىچە ھېچقانداق ئۆزگەرتىشكە ئۇچرىمىغان ھالەتتە ساقلانماقتا.


  ئەمدى مۇقەددەس كىتابلارنى قىسقىچە تۇنۇشتۇرايلى.


مۇقەددەس كىتابلار


  پەيغەمبەرلەر ئاللاھ بىلەن بىز ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى بىر كۆۋرۈك ياكى ۋاستىچىدۇر. ھەر پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ سۆزلىرىنى بىزگە يەتكۈزىدىغان بىر ئەلچىدۇر. ئاللاھ پەيغەمبەرلەرگە بەرگەن مەلۇماتلار ۋەھيى دەپ ئاتىلىدۇ. ۋەھيى ئاللاھتىن كەلگەن خەۋەر، ئاللاھنىڭ سۆزلىرى دىگەنلىكتۇر. ئاللاھنىڭ سۆزلىرى يېزىلغان كىتاب مۇقەددەس كىتاب دېيىلىدۇ. بۇ كىتابلار ئاللاھ ئىنسانلارغا توغرا يولنى كۆرسىتىش ئۈچۈن تاللانغان پەيغەمبەرلەرگە ئەۋەتكەن مەلۇماتلار توپلانغان كىتابلاردۇر.


  ئاللاھ بەزى پەيغەمبەرلەرگە كىتاب، بەزىلىرىگە بىر قانچە ۋاراقلىق كىچىك كىتاب بەرگەن .


  بۈگۈن دۇنيادا ئاللاھ ئەۋەتكەن دەپ ئىشىنىلىدىغان تۆت چوڭ كىتاب بار. بۇلار << تەۋرات>>، << ئېنجىل>>،<< زەبور>> ۋە بىزنىڭ كىتابىمىز << قۇرئانى-كەرىم>>. <<تەۋرات>> ۋە << زەبۇر >> يەھۇدىيلارنىڭ، << ئىنجىل >> خرىستىئانلارنىڭ، <<قۇرئانى- كەرىم>> بولسا بىزنىڭ كىتابىمىزدۇر. <<قۇرئانى-كەرىم>> دىن ئىلگىرى نازىل بولغان كىتابلارغا ئىشەنگۈچىلەر ئەھلى كىتاب دەپ ئاتىلىدۇ.


  << تەۋرات >>


   << تەۋرات >> موسا ئەلەيھسسالامغا ئەۋەتىلگەن بۇلۇپ، يەھۇدىيلارنىڭ مۇقەددەس كىتابىدۇر. مەلۇم بولغان ئەڭ مۇقەددەس كىتابتۇر. يەھۇدىيلىك بولسا، ھەم بىر دىننىڭ، ھەمدە بىر ئىرىقنىڭ ئىسمىدۇر. شۇڭا يەھۇديىلىق پەقەتلا يەھۇدىي مىللىتىنىڭ دىنىدۇر. مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئەۋەتىلگەن << تەۋرات >> ئۆز پېتى ساقلانمىغان. << تەۋرات >> ئىسمى ئاستىدا يېزىلغان مەلۇماتلار ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئىنسانلار تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلگەندۇر.


<<زەبۇر>>


  << زەبۇر >> داۋۇد ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن بۇلۇپ، يەھۇدىيلارنىڭ << تەۋرات>> تىن كېيىنكى ئىككىنجى مۇقەددەس كىتابىدۇر. بۈگۈن << تەۋرات>> نىڭ ئىچىدە بىر قىسىم سۈپىتىدە يەر ئالغان . تۇنجى قېتىم قاچان كىتابلاشتۇرۇلغانلىقى ئېنىق ئەمەس. << زەبۇر>> مەزمۇر دەپ ئاتىلىدىغان قىسىملاردىن تەركىپ تاپقان. مەزمۇنىدا ئەمىر-پەرمان يوق. شېئىر شەكلىدە يېزىلغان بىر نەسىھەتنامىدۇر .


<< ئىنجىل >>


<< ئىنجىل >> ئىسا ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن بۇلۇپ، خرىستىئانلارنىڭ مۇقەددەس كىتابىدۇر. ئىسا ئەلەيھىسسالام ھايات چاغدا يېزىلمىغان.  ئىسا ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن نۇرغۇن دىنىي زاتلار ئۆزى خالاپ بىردىن << ئىنجىل >> يازغان ۋە بۇلار بىرلەشتۈرۈلگەن. ھەممىسى ئۆزىنىڭ قولىدىكى ئىنجىلنى تۇغرا دەپ قاراپ ئىشەنگەن.  بۇ قالايمىقانچىلىق تارىختا خرىستئانلار ئارىسىدا ئېتىقادنىڭ قالايمىقانلىشىشىغا سەۋەب بولغىنىدەك، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا قانلىق دىن ئۇرۇشلىرىنىڭ كىلىپ چىقىشىغىمۇ سەۋەب بولغان. خرىستىئان دىنىي زاتلار بۇ قالايمىقانچىلىقنى تۈزىتىش، رەتكە سېلىش ئۈچۈن ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنياغا كىلىشىدىن 325يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئىزنىك (بۈگۈن تۈركىيە چېگرىسى ئىچىدىكى بىر جاي) دا بىر چوڭ يېغىن ئاچقان. نەچچە كۈن ئۇزۇن تالاش -تارتىش قىلغاندىن كېيىن << ئىنجىل >> لارنىڭ سانىنى تۆتكە چۈشۈرگەن. بۈگۈنكى << ئىنجىل >>ئەنە شۇ تۆت كىتابنىڭ بىرلەشتۈرىلىشىدىن مەيدانغا كەلگەن.


<<قۇرئانى-كەرىم>>


  <<قۇرئانى-كەرىم>> ئاللاھ ئىنسانلارغا توغرا يولنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن ئەڭ ئاخىرقى كىتابتۇر. ئۇنىڭدىن كېيىن باشقا مۇقەددەس كىتاب كەلمەيدۇ. ئۇنىڭدىكى ئەمىر-پەرمانلار قىيامەت كۈنىگە قەدەر كۈچكە ئىگە.


   <<قۇرئانى-كەرىم>>نىڭ باشقا مۇقەددەس كىتابلارغا ئوخشىمايدىغان ئەڭ چوڭ پەرقى ئۇنىڭ پەيغەمبىرىمىز ھايات چاغدا يېزىلىپ خاتىرلەنگەنلىكىدىندۇر. ئۇنىڭدىن باشقا پەيغەمبىرىمىز ئۆزىگە نازىل قىلىنغان ئايەتلەرنى نۇرغۇن ساھابىلەرگە يادلاتقان. بۇ ئېسىل ئەنئەنىۋى ئادەت ئۇ كۈندىن بۇ كۈنگە قەدەر داۋاملاشقان ۋە بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدۇ. پەيغەمبىرىمىز ۋاپات بولغاندا <<قۇرئانى-كەرىم>> مۇسۇلمانلارنىڭ قۇلىدا يېزىقلىق ھالەتتە بار ئىدى. ھالبۇكى، << تەۋرات>> موسا ئەلەيھىسسالام ۋاپات بۇلۇپ 700 يىل ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن كىتابلاشتۇرۇلغان. << ئىنجىل >> بولسا، ئىسا ئەلەيھىسسالامدىن 100-150 يىل ئۆتكەندىن كېيىن يېزىلىپ كىتابلاشتۇرۇلغان.


  <<قۇرئانى-كەرىم>> مۇئەييەن بىر مىللەت ياكى دەۋرگە ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە خىتاب قىلىدۇ. ئۇلۇغ ئاللاھ مۇقەددەس كىتابىمىز <<قۇرئانى-كەرىم>>نى قىيامەتكە قەدەر شەخسەن ئۆزى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇڭا ئۇنىڭ بىر ھەرىپىنى بولسىمۇ ئۆزگەرتىشكە ھېچكىمنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ. چۈنكى ئۇ قۇغدالغان بىر كىتابتۇر.


  ئىنسانلار <<قۇرئانى-كەرىم>>دە ئاللاھ بەلگىلەپ بەرگە يولدىن ئازماي ماڭسا، ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىباندۇر. ئىنساننى ۋە كائىناتنى سۆيگۈ-مۇھەببەت بىلەن ياراتقۇچى، قەلبىمىزگە سۆيگۈ-مۇھەببەتنى يەرلەشتۈرگۈچى ئاللاھتۇر. ئويلاپ باقساڭلارچۇ؟ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى، بىز بىلىدىغان ۋە بىلمەيدىغان جىمى مەۋجۇدادنى ياراتقۇچى ئۇلۇغ رەببىمىزنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشتىنمۇ بەك چوڭ مۇكاپات بارمىدۇ؟ شۇنداق، بىز مېھرى-شەپقەت مەدەنىيىتىنىڭ بالىلىرى بىز.


   ئوقۇيلى ....


  ھەرە ئۆزىنىڭ ئىسمىدا نازىل بولغان سۈرە ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:


  مەن كىچىككىنە بىر ھەسەل ھەرىسىمەن.ئاللاھ ياراتقان بۇ بۈيۈك يەرشارىدا ئۇنىڭ ئىچىدىكى نەچچە مىليارد جانلىقنىڭ ئەڭ كىچىكلىرىدىن بىرىمەن.


  ئۇلۇغ ئاللاھ ئىنسانلارغا ئەۋەتكەن ئەڭ مۇقەددەس كىتابىدا ماڭا مەخسۇس يەر بېرىپ، مېنى تىلغا ئالماقتا. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ ئاللاھنىڭ ئەمرى بۇيىچە <<قۇرئانى-كەرىم>> دىكى بىر سۈرىگە مېنىڭ ئىسمىمنى قويغان. بۇنى بىلگەن چېغىمدا بەك خوشال بولدۇم.


  بۇ سۈرىدە ئۇلۇغ ئاللاھ ماڭا قانداق ئۇۋا تۈزىدىغانلىقىم، ھەرە كۆنىكىنى قانداق ياسايدىغانلىقىم، نەچچە كېلۇمېتىر ئۇزاقتا بولسىمۇ يولۇمدىن ئېزىقىپ كەتمەي مېڭىپ، چىرايلىق گۈل-چىچەكلەردىن ھەسەل شېرنىسى ئىلىپ ، ھەسەلنى قانداق چىقىرىدىغانلىقىمنى ئۆگەتتى.


  بىز بۇ ئەمىرگە ئىتائەت قىلىپ، مۇكەممەل گېئومېتىرىك پىلان ۋە ماتىماتىكىلىق تاناسىپ بىلەن ھەرىكەت قىلىمىز. ئالدى بىلەن ئالتە بۇلۇڭ شەكلىدىكى ھەسەل مۇمى ھۈجەيرىسىدىن ھاسىل بولغان بىناكارلىق مۆجىزىسى كۆنەكنى ياسايمىز. ئاندىن ھەرخىل گۈل-چېچەكلەردىن تىرىشىپ-تىرمىشىپ يېغىپ كەلگەن شېرنىلەرنى ئۆز بەدىنىمىزدە تۈرلۈك ماھارەت بىلەن ھەسەلگە ئايلاندۇرىمىز.  ئاندىن بۇ ھەسەلنى كۆنەكنىڭ ئىچىدىكى ھەر بىر ئۆيگە ئىخلاس بىلەن تولدۇرۇپ تۆكىمىز . بۇ ۋەزىپىنى باشقا ھەرە قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ئۆز -ئارا ئىش تەقسىملىشىپ ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قىلچىلىك نۇقسانسىز ئەستايىدىل ئۇرۇندايمىز .


  رەببىمىز بىزگە بىلدۈرگەندىن بېرى لەززەتلىك ۋە شىپالىق بولغان ھەسەلنى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز ئىشلەۋاتىمىز. قىيامەتكىچە يەنە توختىماي مۇشۇنداق ئىشلەيمىز.


  رەببىمىز بىزنى مىسال قىلىش ئارقىلىق ھېچقانداق نەرسىنى بىكارغا ياراتمىغانلىقىنى، ھېچقانداق نەرسىنىڭ قىممىتى يۇق ۋە ئەھمىيەتسىز ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىۋاتىدۇ. دەل-دەرەخلەرگە، ئۇچار-قۇشلارغا، جان-جانىۋارلارغا، رەڭگارەڭ گۈل-چېچەكلەرگە، ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان دەريالارغا،  ئاسماندا جىمىرلاپ تۇرغان يولتۇزلارغا قاراپ چەكسىز كۈچ -قۇدىرەتنىڭ پەقەت ئاللاھقىلا ئائىت ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىزنى خالايدۇ. بۇ گۈزەل دۇنيانىڭ تەڭداشسىز قانونىيىتىگە خىلاپلىق قىلماي، جىمى جانلىقلارنىڭ بەخىت-سائادىتى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدىغان ياخشى ئىشلار بىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا. ھەرگىز ئۇنۇتمايلى! ئىنشائاللاھ، سىلەر بۇلارنى قىززىقسىنىپ تەتىقىق قىلارسىلەر ۋە بىز ھەرىلەرنى ھەر كۆرگەن چېغىڭلاردا بۇ سۆزىمىزنى ئەسكە ئالارسىلەر .


  خوش، ئۇنداقتا سىلەر قايسى جەھەتلەردە ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشىڭلار كېرەك؟ بۇنى ئازىراق بولسىمۇ ئويلاپ باقتىڭلارمۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن <<قۇرئانى-كەرىم>> نى كۆپ ئوقۇشىمىز كېرەك. پەقەت مېنىڭ ئىسمىم تىلغا ئېلىنغان بۇ سۈرە ئىچىدىلا نۇرغۇن تېما بار . كېلىڭلار بۇ سۈرىگە بىر قاراپ باقايلى :


  ئىسمىم تىلغا ئېلىنغان سۈرىگە قىزىقتىڭلار، شۇنداقمۇ؟ ئۇنداق بولسا مەن دەپ بېرەي: نەھل سۈرىسى ئىسمىنى مەندىن ئالدى. نەھل <<ھەسەل-سەرىسى>>دىگەنلىكتۇر. بۇ سۈرە قۇرئانى-كەرىمنىڭ 16-سۈرىسىدۇر.


  نەھل سۈرىسىدە 128 ئايەت بار. بۇ ئايەتلەردە ئاسمان-زېمىندا بار بولغان بارلىق مەۋجۇدادلارنىڭ گۈزەللىكى، بىر-بىرى بىلەن ماسلاشقان ھالەتتە نىزام ئىچىدە ئىكەنلىكى، ئىنسانلارغا خىزمەت قىلىدىغانلىقى ئايان قىلىنغان .


  ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ ياراتقان بارلىق شەيئىلەر ھەققىدە تەپەككور قىلىشى، ئاللاھنى تۇنۇپ ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەنگەن . ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى، <<قۇرئانى-كەرىم>>نىڭ نازىل قىلىنىشنىڭ مەقسىدى، ئەقىلنى ئىشلىتىش ۋە تەپەككور قىلىشنىڭ مۇھىملىقىغا دىققەت تارتىلغان.


  قىسقىسى، ئىمان، ئىنكار ، ئادالەت، ياخشىلىق ، تەپەككور، ئەقىل ، ۋەدىگە ۋاپا قىلىش، بېلىم، سەۋرى-تاقەت ۋە تەقۋا قاتارلىقلار بۈ سۈرىدە تەكىتلەنگەن ئاساسىي تېمىلاردۇر.


  ئېسىمگە كەلگەندە شۇ تېمىنىمۇ سىلەرگە ئېيىتقاچ سۆزۈمنى توختاتماقچىمەن: پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ پۈتكۈل مەۋجۈداتلارغا قارىتا قانچىلىك سەزگۈر مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟ ھەتتا ئۇرۇش مەزگىلىدىمۇ ئەسكەرلىرىگە ۋە ساھابىلىرىگە :<< ھايۋانلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، دەل-دەرەخلەر، ئۆسۈملۈكلەرگە زىيان سالماڭلار. بالىلار، ئاياللار، ئىبادەت قىلىۋاتقان غەيرىي مۇسلىملار ( باشقا دىندىكىلەر ) ۋە ئۇلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرىغا چېقىلماڭلار!>> دەپ تاپىلىغانلىرىغا كۈنىمىزدىكى دۇنيا قانچىلىك مۇھتاج -ھە!  مەن بۇلارنىڭ ئاڭلىغان چېغىمدا قاتتىق تەسىرلەندىم. ئالەملەرگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن بىر پەيغەمبەر بىزگە ئوخشاش كىچىككىنە بىر جانلىققىمۇ شۇنچىلىك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىنسانلارغا بىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى تەۋسىيە قىلىۋاتسا ، مەن قانداقمۇ تەسىرلەنمەي تۇرالايمەن؟!



  ئاخىرى داۋاملىق يوللىنىدۇ .........


dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2012-8-10 07:13:23

ئاۋۇ بۇرادەر پىتنە تېرىشتا ھەقىقەتەن داناكەن  {:90:}    {:90:}    {:90:}

arqin يوللانغان ۋاقتى 2012-8-8 21:24:45

ھازىرلا ئەزا بولۇپ ، ھازىرىنىڭ ئۈزىدە ئىسىل گەپلەرنى يوللاپسىز ....

79588010 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-8 22:51:29

كېلىدىغان......مېھمان.......

بەك چوڭقۇر گەپكەن........

desertstorm يوللانغان ۋاقتى 2012-8-9 13:02:01

ياخشى يېزىپسىز . بەلەن تېما . ئەمما ئنساننىڭ ئەسلى گۈناھ بىلەن كەلگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماڭ!!!!!!!!!!!

taxtapan يوللانغان ۋاقتى 2012-8-9 18:00:36

ئىزدىنىشتا تۇنجى رامىزان ئۆتكۈزۈشۈم بۇ. ئاللاھقا شۈكرىلەر بولسۇنكى بىر قىسىم قېرىنداشلىرىم يوللىغان تېما ۋە بىر قىسىم ۋېدىئولار ھەقىقەتەن بەك تەسىر قىلدى، ھەم شۇ بانىدا خىلى كۆپ مەلۇماتلىق بولۇپ قالدىم. ئاللاھ قېرىنداشلىرىمنى ۋە يۇرتۇمنى ئامان قىلغاي، بەرىكەتلىك قىلغاي.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-8-9 19:16:24

ئادەمنى نېمىشقا ئادەم دەپلا ئاتىماي مەخلۇق دەپ ئاتاپ باقىدۇ.

مېنىڭچە ئادەم دېگەن ئادەم، دۇنيا شۇ ئادەم سەۋەبىدىن يارىتىلغان ئادەمدىن باشقا نەرسىنىڭ يارىتىلىشى ھەققىدە ئىزاھات- چۈشەنچىمۇ بېرىلمىگەن. بۇ ھەكتە بىلىمىم چولتا بولسىمۇ يۇقۇرىقى سەۋەپ تۈپەيلى مەيلى قانداق مەقسەتتە، قانچىلىك پاساھەتلىك سۆز بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ئادەمنى ئادەم دەپ ئاتاپ تۇرۇپ پىكىر بايان قىلغان ياخشى دەپ قارايمەن.

Dana0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-9 21:13:52

Dana0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-9 21:16:34

Dana0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-9 21:28:05

muslime11 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-9 22:03:08

7- قەۋەتتىكى Dana0999نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

.........



[خۇدانىڭ ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىنى جازالىشى]

14شۇنىڭ بىلەن، پەرۋەردىگار خۇدا يىلانغا:

- بۇ قىلمىشىڭ ئۈچۈن جازاغا تارتىلىسەن! بارلىق ھايۋاناتلار ئىچىدە پەقەت سەنلا مۇنۇ لەنەتلەرگە قالىسەن:



«ھازىردىن باشلاپ، يەر بېغىرلاپ مېڭىپ،

ئۆمۈرۋايەت توپا يەيسەن
.


15سېنى ئايال بىلەن دۈشمەن قىلىمەن.

ئۇنىڭ ئەۋلادى بىلەن سېنىڭ ئەۋلادىڭمۇ

دۈشمەنلىشىپ ئۆتىدۇ.

ئۇنىڭ ئەۋلادى سېنىڭ بېشىڭنى يانجىيدۇ،

سەن ئۇنىڭ تاپىنىنى چاقىسەن» دېدى.



16كېيىن، پەرۋەردىگار خۇدا ئايالغا:

- ھامىلىدارلىقىڭنىڭ ئازابىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىمەن. تۇغۇتۇڭنىڭ تولغىقىنىمۇ زىيادە قىلىمەن. شۇنداقتىمۇ، ئېرىڭگە كۈچلۈك ئىشتىياق باغلايسەن، ئۇ سېنى باشقۇرىدۇ، - دېدى.



---




ھازىرقى خرىستىئان مورتلىرىدا ئەقىل بار، لوگىكا بار دېسە ئىشەنمەيمەن. قانداق دېسەڭلا، \"ئىيسا مەسىھكە ئىمان ئېيتقان ئىنسان، ئەسلى گۇناھتىن (ئادەم پەيغەمبەر بىلەن ئايالى ھاۋا قىلغان گۇناھتىن) قۇتۇلىدۇ\" دەيدىكەن. گۇناھتىن قۇتۇلغاندا جازامۇ توختىشى كېرەك.


گۇناھ قىلغان يىلان بىلەن ئايال كىشى جازالىنىۋاتقان بولسا، ئىيسا مەسىھكە ئىمان ئېيتقان ئايالنىڭ گۇناھى يۇيۇلىدىغان ئىش بولسا،  نېمىشقا يىلانلار يەر بېغىرلاپ مېڭىشتىن، خرىستىئان ئاياللار تۇغۇتىدا تولغاق ئازابىدىن قۇتۇلالمايدۇ؟؟؟\"\"


muslime11 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-9 22:08:32

7- قەۋەتتىكى Dana0999نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

.......

2يەتتىنچى كۈنى كەلگەندە، خۇدا يارىتىش ئىشىنى تاماملاپ بولغان بولۇپ، ئۇ كۈنى ئارام ئالدى.3ئۇ يەتتىنچى كۈننى بەختلىك كۈن قىلىپ، ئۇنى «مۇقەددەس كۈن» دەپ جاكارلىدى، چۈنكى بۇ كۈن خۇدا يارىتىشنى تاماملاپ ئارام ئالغان كۈن ئىدى.

---------------------------------------------------------




ئىشىنى تاماملاپ ئۇ كۈنى ئارام ئالغان بولسا، ھاجەتمەن ئىنسانلارنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ھاجىتىنى راۋا قىلىشقا ئىمكان بولماپتۇ-دە! \"\"


مۇسۇلمانلارنىڭ خۇداسى ئۇنداق \"ئارام ئېلىش\" دېگەندەك سۈپەتلەردىن خالىي!

dumqak يوللانغان ۋاقتى 2012-8-9 22:09:36

@dilara ياكى @mastura   ما تىمىغا قەدەم تاشلاڭلار !

Dana0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-9 22:17:47

muslime11 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-9 22:18:10

9- قەۋەتتىكى Dana0999نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۇنىڭ ئۈستىگە يەھۇدى مەنبەلەردىن كۆرە، ئېنساننى خۇدانىڭ ئوبرازى دەپ قارايدۇ. تۆۋەندە ئۇشبۇ «تەلمۇد» توغرىسىدىمۇ ئازىراق چۈشەنچە بېرىپ قوياي:

---------------

تەلمۇد (Talmud):

ئىسرائىللار ئۆزلىرى قۇل بولغان بابىلوندا ياشاۋاتقان دەۋىردىلا ئېلاھى يازمىلار قامۇسىنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇلار ئېلاھى قامۇسىنى چوڭقۇرلاپ تەتقېق قىلىش ۋە تەپسىر قىلىش جەھەتلەردىمۇ مۇناسىبەتلىك نەپىس كونسىپىكلىرى بار ئېدى. بەنى ئىسرائىللار بۇ يازما ئەسەرلەرنى تەلمۇد (Talmud، يەنى تەلىم-تەربىيە) دەپ ئاتىغان. بابىلوندا ساقلىنىپ قالغانلىرىنى بابىلون تەلمۇنىدى (Babylonian Talmud) دەپ ئاتىغان.

بەنى ئىسرائىللار ئىرۇسالىمغا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، تەۋرات ئۇستازى ئەزرا مۇھىم قانۇنلار توپلىمىنى ئېلىپ كېتىپ، ئېرۇسالىمدا قامۇسنىڭ مەركىزى ئىديىسىنى داۋاملىق تەبلىخ قىلغان. بۇ دەرىسلىك كونسىپىكلىرى ۋە باشقا تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭ تەپسىرلىرى دەل كىيىنكى كىشىلەر يىغىپ توپلاپ چىققان \"پەلەستىن تەلمۇدى\" (Palestinian Talmud) دۇر.

تەلمۇد ئەسلىدە ئىككى قىسىمغا بۆلىنىدۇ: 1. مېشنا (Mishna، مەنىسى يەشمە بايان) – بۇ بولسا يەھۇدى مۇتەخخەسىس تانايىم (Tannaim، مەنىسى ئۇستاز) مەخسۇس يەدۇدىيلارنىڭ ئېتكا ۋە سودا ساھاسىدىكى قائىدىلىرىنى چۈشەندۈرگەن. 2. گېمارا (Gemara، مەنىسى ئۆگىنىش) – بۇ بولسا يەھۇدى مۇتەخخەسس ئامورائىم (Amoraim، مەنىسى ئىزاھات بەرگۈچى) ئېلاھى قامۇسقا ئىزاھات بېرىشتا تۈزگەن خاتىرىسى.



.




شۇڭا، بىز يەھۇدىيلارنىڭ ھازىرقى \"مۇقەددەس كىتابى\"نى بىزنىڭ قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان \"تەۋرەت\"نىڭ نەق ئۆزى دېمەيمىز. \"تەۋرات“ پۈتۈنلەي ئاللاھنىڭ ۋەھىيسى بولۇپ، ئۇنىڭغا ھېچقانداق ئىنسان سۆزى ئارىلاشمىغان بولۇشى كېرەك. تەپسىر بىلەن ئەسلى كىتابنىڭ پەرقى بار. تەپسىر دېگەنگە شەخسىنىڭ ئىزاھاتى، چۈشەنچىسى ئارىلاشقان بولىدۇ.

Dana0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-9 22:26:48

muslime11 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-9 22:41:30

13- قەۋەتتىكى Dana0999نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

27-ئايەتتە «خۇدا ئىنساننى ئۆز ئوبرازىدا ياراتتى، ئۇلارنى ياراتقان خۇدانىڭ ئوبرازىدا ياراتتى، ئۇلارنى ئەر ۋە ئايال قىلىپ ياراتتى» دىيىلگەن. تەۋراتنىڭ روھى بويچە بولغاندىمۇ ئېنساننى ياراتقان خۇدا ئېنساندىن غەيرى (يەنى ئورتاقلىقى يوق) مەۋجۇداد ئەمەس. ئۇنىڭ زاتى (Personality)، ۋە خارەكتىر-خۇسۇسىيىتى (attributes) بار. مانا بۇ ئېبراھىم دىنلىرىنىڭ مەركىزى ئېديىسى بولۇشى مۇمكىن....

بۇ، پەقەتلا خرىستىئانلارنىڭ كۆز قارىشى خالاس. ئىيسا مەسىھنى خۇدانىڭ بالىسى دېيىش ئۈچۈن، خۇدانى ئىنسانغا ئوخشاتماقچى بولىدۇ. ئىيسانى خۇدانىڭ \"زاتىدىن\" كەلگەن دەپ چىڭ تۇرۇۋالىدۇ.


ئىبراھىمىي دىنلار دېگەندە، يەھۇدى دىنى، خرىستىئان دىنى، ئىسلام دىنى كۆزدە تۇتىلىدۇ. بىراق، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام خرىستىئانلاردەك ئىيسانى son of God دېگەن ئەمەس!


يەھۇدىيلارمۇ ھازىرقى خرىستىئانلارنىڭ ئېتىقادىنى خاتا ئېتىقاد دەپ قارايدۇ.


ئىسلامدا بولسا، ئاللاھنىڭ زاتى ۋە سۇبۇتى سىفاتلىرى بار بولۇپ، ئاللاھنىڭ زاتى سۈپىتى (ۋەھدانىيەت...قاتارلىق 5 سۈپەت) ھېچقانداق يارىتىلغۇچىدا (بولۇپمۇ ئىنساندا) يوق. شۇڭا، ئاللاھ ئىنسانغا ئوخشىمايدۇ.


بىراق، ئاللاھنىڭ سۇبۇتى سۈپەتلىرى بولغان سەمى (ئاڭلاش)، بەسار (كۆرۈش)، ئىلىم ... قاتارلىق سۈپەتلىرىنىڭ تەجەللىسى ئىنساندىمۇ بار. شۇڭا، ئىنسانلارمۇ  چەكلىك دائىرىدە كۆرەلەيدۇ، ئاڭلىيالايدۇ. لېكىن، بۇنىڭلىق بىلەن ئىنسان ئاللاھقا ئوخشايدۇ دېگىلى بولمايدۇ.


شۇڭا، سىزنىڭ ئىبراھىمىي دىنلارنىڭ مەركىزى ئىدىيىسى توغرىسىدىكى يەكۇنىڭىز خاتا!


ئىسلامنىڭمۇ ۋەكىلى بولۇپ سۆزلىمەستىن، ئۆزىڭىزنىڭ خرىستىئان مۆرىتى ئىكەنلىكىڭىزنى ئېنىق جاكالاپ، مېنىڭ دىنىم مۇنداق، مۇنداق دەڭ. ئىزدىنىشتا سىزنى بىر كىم تىللىمايدۇ.


يالغانچى، ساختىپەزنى بوش قويمايمىز. بولۇپمۇ بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادى توغرىسىدا قالايمىقان بىلجىرلاپ كاللا قايمۇقتۇرىدىغانلارغا شەخسەن مەن سۈكۈت قىلمايمەن.

Dana0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-9 22:50:58

muslime11 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-9 22:51:30

15- قەۋەتتىكى Dana0999نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھەي موللا خەق، سىلەر خەت ئۇرۇۋاتقان كۇنۇپكا تاختىسى بىلەن، مەن ئۇرغان خەتنى كۆرۈۋاتقان ئىكراننى ئامرىكىلىق خىرىستىئانلار ياسىغان، كومپىيوتىرىڭىزنىڭ يۇمشاق دېتالىنى بىلىشىمچە يەھۇدى بېل گەيتىسنىڭ مېكروسوفىتتىن چىققان. .

ئامېرىكىلىق خرىستىئانلار ماتېماتىكا بىلەن ئالگېبرانى مۇسۇلمانلاردىن ئۆگەنگەندىن كېيىن ياساپتۇ ئۇ بىر نېمىنى. ئىشەنمىسىڭىز، ئامېرىكىلىق يەھۇدى Dr.Jerald Dirksنىڭ Did Muslims Discover America ناملىق دەرسىنى گۇگۇلدىن ئىزدەپ ئاڭلاپ بېقىڭ. مۇسۇلمان ئىسپانىيەدىكى كىتابلاردىن 16-ئەسىردە خرىسىتئانلارنىڭ قانداق پايدىلانغانلىقىنى ئوبدان دەپ بېرىدۇ پاكىتى بىلەن.


ھە راست، Dr. Jerald Dirks ئىسىملىك يەھۇدى ئالىم ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتىدا خرىسىتىئان ئىلاھىيەت كەسپىدە ئوقىغان دىنىي زات.


چوقۇم ئىزدەپ كۆرۈپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.

muslime11 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-9 22:58:29

17- قەۋەتتىكى Dana0999نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىنساننى خۇدانىڭ ئۆز ئوبرازىنىڭ ئەكىس ئەتتۈرۈلۈشى دەپ قارايدىغان خەق مۇقەددەسلىكنى «مەۋھۇملۇق»بىلەنلا باغلاپ قويمايدۇ. ئەكسىچە ئېنساننىڭ ئەقىل پاراسىتىدىكى پاكلىقنى ئۆز ئېتىبارىدا «مۇقەددەسلىك» كە ئىگە قىلىدۇ.

بىلدىم. گەپنى ئاپىرىپ ئاپىرىپ \"خۇدا ئىنساندا (ئىيسا مەسىھتە) بەدەنلەشتى، شۇڭا \"مۇقەددەس\" ... دېگەننى ئىما-ئىشارەت قىلىۋاتىسىز.


مۇسۇلمان ئادەم ئىنساننى خۇداغا ئوخشاتمايدۇ ياكى خۇدانى ئىنسانغا ئوخشاتمايدۇ!!!


مۇسۇلماننىڭ خۇداسىنىڭ \"ئوخشىشى يوق، تەڭدىشى يوق.\" (112-سۈرىگە قاراڭ)


پەقەت خرىستىئاننىڭ \"خۇداسى\" سىزنىڭ تەرىپلىشىڭىزگە ماس كەلگۈدەك.

بەت: [1] 2 3 4
: ئەڭ ئۈستۈن مەخلۇق ئىنسان