elqut_cn يوللانغان ۋاقتى 2012-8-6 15:45:56

6 نەپەر ئانا يۇرت ئەزىمىتى لۇنىڭ پۇتبول مەكتىۋىگە قوبوللاندى

6 نەپەر ئانا يۇرت ئەزىمىتى لۇنىڭ پۇتبول مەكتىۋىگە قوبوللاندى




بۇ يىل شەندوڭ لۇنىڭ پۇتبول مەكتىۋىدە ئۆتكۈزۈلگەن "لۇنىڭ لوڭقىسى" تالىشىش مەملىكەتلىك ئۆسمۇرلەر تەكلىپلىك مۇسابىقىسغە غۇلجا شەھەرلىك 12- باشلانغۇچتىن ئىككى كاماندا بېرىپ قاتنىشىپ قوش چىنپىيون بولۇپ قايتىپ كەلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر : http://munber.elqut.cn/forum.php?mod=forumdisplay&fid=2



بۈگۈن  2012- يىلى 8- ئاينىڭ 6- كۈنى چۈشتىن كىيىن شىنجاڭ ۋاقتى بەش يېرىمدا  6 نەپەر ئانا يۇرت ئەزىمىتى لۇنىڭ پۇتبول مەكتىۋىنىڭ چاقىرتىشى بىلەن شەندوڭ لۇنىڭ پۇتبول مەكتىۋىگە ئوقۇشقا ماڭماقچى. ئەتە يەنى 7- چېسلا  ئەتىگەندە ئۇرۇمچىگە چۈشۈپ، كەچ سائەت يەتتە يېرىمدا ئۇلار ئۇرۇمچى ۋوگزالىدىن شەندۇڭ جىنەنگە قاراپ يولغا چىقدۇ.  شۇنىڭ بىلەن بۇلتۇر قوبول قىلىنغان تۆت نەپەر ئەزىمىتىمىزنى قوشقاندا، لۇنىڭ پۇتبول مەكتىۋىدە ئانا يۇرت ئەزىمەتلىرىدىن 10 نەپىرى تەربيىلىنىۋاتقان بولىدۇ. ئۇلارنىڭ، ئاتا-ئانىسى ۋە بارلىق ئانا يۇرت خەلقىنىڭ ئۇمىدنى ئاخلاپ، جاپا ۋە مۇشەققەتلەرگە بەرداشلىق بېرىپ، ئىجدىھات بىلەن ئۆگىنىپ كەلگۈسىدە دۇنياغا تونۇلغان پۇتبول چولپانلىرىدىن بولۇپ ئانا يۇرت پۇتبولچىلىقىنى دۇنياغا تونۇتىشىغا تىلەكداشمىز.




بۇ ئەزىمەتلەر




ئالدى ئوڭدىن رەھمىتۇللام شۆھرەت، ئەسقەر ، كەينى ئوڭدىن سۇبھى ئابلىمىت، بىلال ھىلالىدىن














ئارقىسى ئوڭدىن بىرىنجىسى نىغمەت  ۋە ئۇنىڭدىن باشقا بىزنىڭ 11- نومۇرلۇق پۇتبولچىمىز ئەزىمەت نېخمەت قاتارلىقلار .


كەينى سولدىن جۇشقۇن تۇيغۇن، ئالدى ئوڭدىن پەرمان قۇربانتاي، ئابدۇرۇسۇل، ئابدۇقىيىم لار بۇلتۇر لۇنىڭ پۇتبول مەكتىۋىگە قوبول قىلىنغان.




بۇ ئەزىمەتلەرنى ئۇزىتىش مۇناسىۋىتى بىلەن غۇلجا شەھەرلىك 12- باشلانغۇچ مەكتەپتە بىر قېتىملىق خوشلىشىش مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇلدى. تۆۋەندىكى فىلىم بۇ مۇسابىقىنىڭ تولۇق فىلىمى  تورغا يوللىنىۋاتىدۇ پات ئارىدا سىلەر بىلەن يۇز كۆرىشىدۇ.




تۆۋەندىكىسى ئانا يۇرت ئەزىمەتلىرىنىڭ لۇنىڭ سەپىرىدىكى رەسىملەردىن ئىشلەنگەن خاتىرە ئەلبوم نۇسخىسى بولۇپ، چۈشۈرۈپ كومپىيوتىردا قوش چېكىپ ئىجرا قىلسىڭىزلا قويىلىدۇ.  خاتىرە قىلىپ ساقلىغۇچىلار ئۈچۈن بوشلۇققا چۈشۈرۈپ قويدۇق. ساقلىۋىلىشنى خالايدىغانلار چۈشۈرىۋىلىڭ.






ئەلبومنى چۈشۈرۈش



تۆۋەندىكىلەر بولسا مۇسابىقە جەريانىدا تارتىلغان خاتىرە سۇرەتلەر
















































































kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2012-8-8 18:41:56

مەنمۇ پوتبۇلنى ياخشى ئۇيناتتىم ئۇقۇۋاتقان ۋاختىمدا بىر قىتىم  مۇسابىقىدە  ئۇزىمىزنىڭ ۋاتارسىغا ئۇرىۋىلىپ تەنتەربىيە مۇئەللىم مىنى قۇغلىۋەتكەن ئىدى ..

Batush يوللانغان ۋاقتى 2012-8-6 17:00:15

كەلگۈسىدىكى ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ ئىشلىرىغا ئالدىن ئۇتۇق تىلەيمەن!


GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-8-6 17:47:12

ھۆكىمىتاخۇن ئاۋۇ مەيداننىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاپ بەرسە بولغۇدەك.

atarut يوللانغان ۋاقتى 2012-8-6 18:10:34

لۇنىڭ پۇتبول مەكتىپى يىلدا مۇشۇنداق ئۆسمۈر پۇتبولچىدىن قانچىنى قوبۇل قىلىدىغاندۇ؟

azizim يوللانغان ۋاقتى 2012-8-6 18:28:22

بۇ بالىلار مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن شىنجاڭ كوماندىسى ئۈچۈن توپ تېپەمدۇ ياكى  كۇلۇبلار يارىغانلىرىنى سېتىۋېلىپ توپ تەپكۈزەمدۇ؟

elqut_cn يوللانغان ۋاقتى 2012-8-6 18:46:07


3- قەۋەتتىكى atarutنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

لۇنىڭ پۇتبول مەكتىپى يىلدا مۇشۇنداق ئۆسمۈر پۇتبولچىدىن قانچىنى قوبۇل قىلىدىغاندۇ؟


بۇلتۇر 4 قوبول قىلغان بۇ يىل 6 نەپىرى ماڭدى. ھازىر لۇنىڭدا جەمى 8 ئۇيغۇر بالىسى 2 ئۆزبىك بالىسى بار .


elqut_cn يوللانغان ۋاقتى 2012-8-6 18:52:54

4- قەۋەتتىكى azizimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ بالىلار مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن شىنجاڭ كوماندىسى ئۈچۈن توپ تېپەمدۇ ياكى كۇلۇبلار يارىغانلىرىنى سېتىۋېلىپ توپ تەپكۈزەمدۇ؟



بۇ بالىلار ئالدى بىلەن ئۇ يەردە بىر يىل سىناق تەربىيىلىنىدۇ، ئوقۇش ھەققى 6 مىڭ يۈەن. ( ئەگەر سىرتىن يەنى ئولار تاللىمىغان ئاتا _ ئانىسى ئۆز تەلەپ قىلىپ شۇ مەكتەپتە پۇتبولدا تەربىيىلىمەكچى بولسا يىلىغا 21 مىڭ يۈەندىن 31 مىڭ يۈەنگىچە پۇل تاپشۇرىدۇ ) ئەگەر بۇ بالىلار بىر يىللىق سىناقتىن ئۆتەلىسە ئىككىنجى يىلىدىن باشلاپ پۇتۈنلەي ھەقسىز ( خۇداغا شۇكرى بۇلتۇرقى 4 بالىمىزنىڭ ھەممىسى سىناقتىن ئوڭۈشلۇق ئۆتتى ) مەكتەپ ئۇلارنىڭ تاماق ، ياتاق، كىيىم كېچەك ۋە ئوقۇش پۇلىنى كۆتىرىدۇ. بالىلار 13 ياشقا تولغاندا ئۇستىغان يېشى تەكشۇرىلىدۇ. ئۇستىخان يېىشدىن ئۆتسە بۇ مەكتەپتە داۋاملىق تەربىيىلىنىدۇ 15 ياشقا تولغاندا رەسمى كۇلۇپلارغا تەربىيىلىنىدۇ ۋە مائاش ئىشلەپ بېرىشكە باشلايدۇ.  بۇ بالىلار ئالدى بىلەن لۇنىڭ تەيشەن پۇتبول كۇلۇبىغا تاللىنىدۇ، ئاندىن باشقا كۇلۇپلارغا سېتىلىدۇ. بۇ ئىككىلا ئۆتكەلدىن ئۆتەلمىگەنلەر ئالى مەكتەپ تەنتەربىيە كەسپىگە تونۇشتۇرىلىدۇ. شۇڭا بۇ بالىلار بىر يىلدا يېنىپ كېلىشى ، ياكى 3 يىلدا يېنىپ كېلىشى ۋە ياكى يېڭىپ چىقىپ كۇلۇپلاردا پۇتبول تېپىشى مۇمكىن .

joshua يوللانغان ۋاقتى 2012-8-6 19:31:09

4- قەۋەتتىكى azizimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ بالىلار مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن شىنجاڭ كوماندىسى ئۈچۈن توپ تېپەمدۇ ياكى كۇلۇبلار يارىغانلىرىنى سېتىۋېلىپ توپ تەپكۈزەمدۇ؟

سوئالغا ئەلقۇت جاۋاپ بېرىپ بوپتۇ، مەن بىرنەرسىنى قوشۇپ قويسام، مىرەخمەتجان بىلەن ئۆتكۈرمۇ مۇشۇ مەكتەپنىڭ بالىلىرىغۇ دەيمەن، ھازىر ئىككىلىسى شىر بولۇپ كەتتى.

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-6 21:52:46

قۇت بولسۇن شاكىچىكلەر ،تىرىشىپ مەشىق قىلىپ تەقدىرىڭلارنى ئۆزگەرتىڭلار ،شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىزمۇ سىلەردىن پەخىرلىنىمىز ....

qingil يوللانغان ۋاقتى 2012-8-6 22:13:53

بىزنىڭ بالىلار ئاشۇنداق دەرىجىدىن تاشقىرى دۇنيادىكى 9ئا دەرىجىلىك مەيدانلاردا پۇتبول تېپىپ چوڭ بولىدۇ....تەليى كەلگەنلىرى مەكتەپلەرگە تاللىنىپ چىقىدۇ.....

facebooks يوللانغان ۋاقتى 2012-8-6 22:20:31

بۇ يىل مىڭ نەچچە يۈزنى قۇبۇل قىلىدۇ دەپ كۆرگەندەك قىلغان ،ئېسىمدە قالماپتۇ .

RGB يوللانغان ۋاقتى 2012-8-7 10:38:37

بۇ بىر ياخشى باشلىنىش بوپتۇ ، كەلگۈسى ئانا يۇرت پۇتبولچىلىقىنىڭ ئۈمۈدىنى كۆرگەندەك بولدۇم .....

ھېلىقى ياۋېۇپاغا چىقىپ مۇسابىقە ئويناپ ياخشى نەتىجە ئالغان غۇلجىلىق بالىلارنىڭ ئەھۋالى قانداق بوپ كەتتى ؟ ئۇزۇن بولدى بۇ ھەقتە خەۋەر يوققۇ ؟

hazritili يوللانغان ۋاقتى 2012-8-7 10:41:51

مۇبارەك بولسۇن !

ئەمما زە ، ئاۇۋ مەيدانغا قاراپ سەل كۆڭلۈم يېرىم بولدى. ماۋۇ ھۆكىمەت پۇتبولنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز دەپ نەدىكى ئىشلارغا مەبلەغ سالغۇچە ، ئەزىمەتلەر يىتىشىپ چىقىدىغان مۇشۇنداق جايغا سالسا بولىدۇ مەبلەغنى

yigana0998 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-7 15:04:47

بالىلار كىچىك تۇرۇپ مۇساپىرچىلىقتا چىنىقىدىغان بوپتۇ-دە! شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا ئۇنداق مەكتەپلەر يوقما؟

charwichi يوللانغان ۋاقتى 2012-8-7 17:43:25

شىنجاڭ ۋاقتى ئەمەس، ئۈرۈمچى ۋاقتى.

bahadir123 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-8 14:11:54

ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىكى «ئارمان»قاتارلىق مىللىي كارخانچىلارۋە كارخانىلارنىڭ كۇلۇپ قۇرۇپ، ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ پۇتبۇل ئىشلىرىغا تۆھپە قوشۇشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن!
بەت: [1]
: 6 نەپەر ئانا يۇرت ئەزىمىتى لۇنىڭ پۇتبول مەكتىۋىگە قوبوللاندى