تاشئالما چىڭخەي كوماندىسىنى ئۇتتى [كۆچۈرۈلمە]
باغداش تورىدا ئۇلاپ يىزىلىۋاتقان نەق مەيدان ئىنكاس خەۋەرلەردىن بىلىشىمىزچە شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسى چىڭخەي كوماندىسىنى ئۈچتە نۆل نەتىجە بىلەن يەڭگەن ئەسكى تۆت توپ كىرگەن بۇلۇپ بىر توپنى ئوپسايىت دەپ بىكار قىلغان مەنبە باغداش تورىدىن تەبرىكلەيمىز... قارشى تەرەپ ئاجىزراقكەن، شىنجاڭ كوماندىسىغا بىرەر خەتەرلىك ھۇجۇممۇ قىلالمىدى. شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا بېكىدىكى كاپىتان پەرھاتنى ئارقا بەلگە چىقىرىپ 6- نومۇرلۇق بالا بىلەن قوش ئارقا بەل ئويناتتى.ئەگەر شىنجاڭ كوماندىسى پۇرسەت تۇتالىغان بولسا 5-6 توپ ئۇرالايتتى. ھۇجۇمدا ئوينايدىغان 35- نومۇرلۇق بالىنىڭ ئىپادىسى ئىزچىل ياخشى ئەمەس. بۇ مەيدان باشلىنىپ ئوتتۇز نەچچە مىنۇت بولغاندا ئالماشتۇرىۋېتىلدى.ئىككىنچى نومۇرلۇق مۇستاپا چىرايلىق ئىختىيارى توپتىن يەنە بىرنى ئۇرۇپ قويدى.بۇ بالىنىڭ ئىختىيارى توپى ھەقىقەتەن ياخشىكەن ياخشى ئىش بوپتۇ. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يېڭىشىنى تىلەيمەن. ئالدىنقى قېتىم شەنشى كوماندىسىنى 3_1نەتىجە بىلەن يەڭگەن ئىدى،ئىنشائاللا بۇ بالىلار ئىپادىسى ياخشى بولۇپ كېتىپ بارىدۇ ..... ئەسلى بارماقچى ئىدىم،ئالدىراشلىقتا ئۇنتۇپ قاپتىمەن. سىلەرگە ئۇتۇق تىلەيمەن ئەزىمەتلەر.... ئاخىرقى توپنى بەك شاش سالدى دەيدۇ، سىن يوقمۇ؟ سىن؟ ئەجەپ ياخشى. ئەزىمەتلەر ھارمىغاي! مەنمۇ بار ئىدىم نەق مەيداندا، چىڭخەي كاماندىسى ھەقىقەتەن ئاجىزكەن.
8- قەۋەتتىكى baturkorxatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەنمۇ بار ئىدىم نەق مەيداندا، چىڭخەي كاماندىسى ھەقىقەتەن ئاجىزكەن.
بۈگۈن مۇسابىقە بار جۇمۇ دەپ قويسام ... سەن كىمۇ دەپ ئۆزلە ......
بۇرۇنقىدىن ياخشى ئوينايدىغان بۇلۇپ قاپتۇ ... لىكىن تاماشىبىن ئازلاپ كىتىپتۇ بەكلا ...
9- قەۋەتتىكى sazhumarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
8- قەۋەتتىكى baturkorxatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەنمۇ بار ئىدىم نەق مەيداندا، چىڭخەي كاماندىسى ھەقىقەتەن ئاجىزكەن.
بۈگۈن مۇسابىقە بار جۇمۇ دەپ قويسام ... سەن كىمۇ دەپ ئۆزلە ......
بۇرۇنقىدىن ياخشى ئوينايدىغان بۇلۇپ قاپتۇ ... لىكىن تاماشىبىن ئازلاپ كىتىپتۇ بەكلا ...
راس تېخنىكىسى بۇرۇنقىدىن ئۈستۈنلەپ قاپتۇ.8-10دىكى مۇسابىقىگە بىللە بارارمىز.
6- قەۋەتتىكى joshuaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئاخىرقى توپنى بەك شاش سالدى دەيدۇ، سىن يوقمۇ؟ سىن؟
ماۋۇ مۇسابىقە جەۋھىرىكەن
ئەڭ ئاخىرىدا تېپىپ كىرگۈزۈلگەن توپ نەقەدەر گۈزەل توپ، بۇ توپنى تەپكۈچى نەقەدەر گۈزەل توپچى! @Bughra1902
رەھمەت! كۆپ رەھمەت! ئاخىرى كۆرۈۋالدىم. ئاۋۇ 2-نومۇرنىڭ توپ ئۇرغاندىكى ھالىتى بېكخامغا بەك ئوخشاپ كەتتىيا؟؟؟ ئىخىتىيارى توپنى نوچى تىپىپتۇ
بىر ئىشنى سورايچۇ راسىت
سىن نىمىشقا چاپاق چىقىدۇ؟
تور بىكەتلەر يۇقىرى ئۇچۇقلۇقتىكى سىنلارنى يوللاشنى قوللايدىغان بولۇپ كەتتىغۇ دەيمەن
شۇنداق تۇرۇپ يەنە نىمە پاچاقكىنتاڭ؟
ۋارتانىڭ ئالدىدا ئاساسەن چاپاق چىقپتۇ ئىشقىلىپ
ئىختىيارى توپتىن باشقىلىرىنىڭ قانداق كىرگىنىنى ئىلغا قىلالمىدىم بىرىنچى ، ئىككىنچى توپتا تەلەي ئامىلىنىڭ پايدا قىلىپ كەتكىنىنى ئىنكار قىلالمايمىز.بىرىنچى توپ پەرھات تەپكەن ئىختىيارى توپ بولۇپ توپ ۋارىتارنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭغا بۇنىڭغا تېگىپ بىزنىڭ باللىنىڭ پۇتىغا كەپ قېلىپ ئۇرىۋېتىدۇ.ئىككىنچى توپنى 9- نومۇرلۇق بالا ئەكىرىۋېتىپ 18 چەكنىڭ سىرتىدىن ۋارىتارغا ئۇرغاندا قارشى تەرەپ ئەزاسىغا تېگىپ توپنىڭ يۆنىلىشى ئۆزگىرىپ كېتىپ كىرىپ كېتىدۇ.ئۈچىنچى توپ مۇستافانىڭ يۇقىرى سەۋىيىلىك ئىختىيارى توپى.
مۇستافا مۇشۇنىڭ بىلەن ئۈچ ئىختىيارى توپ كىرگۈزۈپ بولدى. ئۇنىڭ ئىختىيارى توپىدىن باشقا كۆتۈرگەن بۇلۇڭ توپلىرى ھەم ياندىن ئەكىرىپ كۆتۈرگەن توپلىرىمۇ ئىنتايىن خەتەرلىك.
كوماندىمىزنىڭ ئاساسلىق تاكتىكىسى يەنىلا ئېنگىلاند پەدىسىدىكى يىراقتىن ئۇزۇن پاس بىلەن ھۇجۇم قىلىش بولۇپ بۇ تاكتىكىسى دېگەندەك ئەسقاتمايۋاتىدۇ.مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە ئاساسلىق سەۋەبى ھۇجۇم سېپىدىكىلەرنىڭ پۇرسەت تۇتالماسلىقى. ھازىرغا قەدەر ئوينالغان مۇسابىقىلەردە ھۇجۇمچىلارنىڭ ئۇرغان توپ سانىنى قوشساق ئوتتۇرا كەينى مەيداندىكىلەرنىڭكىگە يەتمەيدىغۇ دەيمەن. ھۇجۇم سېپىدىكى 35-نومۇرنىڭ ئوينىشى ئاساسەن ياخشى ئەمەس. ( شەخسىي قاراش) 7- نومۇرنىڭ پۇرسەت يارىتىشى، توپ سوراپ چىقىشى، ھەم شەخسىي تېخنىكىسى يۇقىرىكەن. بىراق پۇرسەت تۇتۇشىدا يەنىلا مەسىلە بار. بەلكىم تەلەيمۇ ئانچە كەلمىگەندۇ. 20- نومۇرلۇق ھۇجۇمچىنىڭ كاللا توپى بىلەن نۇقتا تالىشىشى ياخشىكەن، لېكىن سەل ئاستىراق.
دەسلىپىدە ئارقا بەلدىكى مەسىلە بەك روشەن كۆرۈنگەن، يېقىنقى ئىككى مەيداندىكى ئۆزگىرىشلەردىن قارىغاندا ئارقا بەل خېلى ياخشىلىنىپ قاپتۇ. ئەمدى ھۇجۇم سېپىدىكىلەر پۇرسەت تۇتالىسا يەنىلا ئۈمىد بار.ھازىرقى رەت تەرتىپىدىكى ئورنى 4-كەن. 3- ئورۇندىكىلەردىن بىر مەيدان ئارتۇق، نومۇرى تەڭكەن... ئاۋۇ ئىختىيارى توپ ھەجەپ تاتلىق چىرىپتا. ئوغول ئوغول .. ھازىر تەتىل ۋاقتى بولغاچقا تاماشىبىنلار ئازلاپ كەتتى ،خەپ ئاشۇ ئالى مەكتەپ بالىلىرى كەلسۇنچۇ ...شۇ چاغدا كۆرسىز تاماشبىن دىگەننى ....
بەت:
[1]