خوتەن قەغىزىگە يېزىلغان ھۆسىن خەت سېتىلىدۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئىزدىنىشلىقلار! بىر دوستۇمنىڭ ھاۋالىسى بىلەن قۇربانجان روزى شەيدايى خوتەن قەغىزىگە يازغان سائەت شەكلىك ھۆسىن خەتنى ساتماقچى . مەن سودىگەر بولساممۇ مۇشۇ ەرسىلەردىن تازا خەۋىرىم يوقكەن شۇڭا ئىزدىنىشقا تىما يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
بۇ جەھەتتە بىلىدىغانلار بولساڭلار بىر ياردەم قىلساڭلار. (ئەسلى خەتنىڭ چىريلىقلىقىغا ئۆزۈملا ساقلاپ قوياي دېسەم ئاسار ئەتىقىە ساقلىغۇدەك ھالىم يوق. ) سىتىۋالماقچى بولغانلار ياكى سېتىشىپ بىرىدىغانلارنىڭ تىزدىن مەن بىلەن ئالاقىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئالاقىلىش ئۇسۇلى:
خەت سېتلىپ بولغاچقا رەسىم تەھرىرلەندى. توغرا چۈشەنگەيسىلەر
بەك بەك چىرايلىق يىزىلىپتۇ. بىر ھەپتىلىك مۆھلەت بىلەن كىمئارتۇق قىلىپ ساتمايلىمۇ مۇشۇ يەردە.خەت يىزىلغان قەغەزنىڭ چوڭ كىچىكلىكى توغرىلىق ئۇچۇر قالدۇرۇپ قويسىڭىز بوپتىكەن. چوڭراق بولسا ئۆيلەرگە ئېسىپ قويسا تازا مۇۋاپىق بولاركەن. شۇنى ئۇنتۇپتىمەن. ئۇزۇنلۇقى 170 ئەتراپىدا كەڭلىكى 85 ئەتراپىدا كېلىدۇ
2- قەۋەتتىكى tashademنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
شۇنى ئۇنتۇپتىمەن. ئۇزۇنلۇقى 170 ئەتراپىدا كەڭلىكى 85 ئەتراپىدا كېلىدۇ
مىللىمېتىرمۇ يا سانتىمېتىر
ھەقىقەتەن چىرايلىق يېزىپتىكەن بولمىسا .............
باھاسى قانچە بولسا بولىدۇ؟ 100كويدىن باشلايلى كىم ئاشتى قىلىپ سېتىشمۇ بولىدىغان چارىكەن
3- قەۋەتتىكى Erktekinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
2- قەۋەتتىكى tashademنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
شۇنى ئۇنتۇپتىمەن. ئۇزۇنلۇقى 170 ئەتراپىدا كەڭلىكى 85 ئەتراپىدا كېلىدۇ
مىللىمېتىرمۇ يا سانتىمېتىر
ھەقىقەتەن چىرايلىق يېزىپتىكەن بولمىسا .............
سانتىمىتىر
4- قەۋەتتىكى abral0999نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
باھاسى قانچە بولسا بولىدۇ؟
3500 دىن يۇقىرى بولسا سېتىلىدۇ. 3500 نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

خوتەن قەغىزى ئۇنداق ئاق چىقمايدۇ....ھەم ئۇنچە چوڭ ئەمەس..
قەغەزگە يىزىلغان نەرسىنى سىتىۋالغان بىلەن يامغۇردا ياكى شامالدا يىرتىلىپ كىتەر.....

10- قەۋەتتىكى Tawghaqنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بۇ خوتەن قەغىزى ئەمەستۇ؟....
خوتەن قەغىزى ئۇنداق ئاق چىقمايدۇ....ھەم ئۇنچە چوڭ ئەمەس...؟
خەتنىڭ ئەسلى نۇسخسىنى كۆرسىڭىز ئىشىنىسىز. بۇ خەتنى شەيدايىنىڭ خوتەن قەغىزى ھۆسىن خەت كۆرگەزمىسىدىن سېتىۋالغان. ئىشقىلىپ مەن ئالمايمەن بىرىنچىدىن مەندە پۇل يۇق ئىككىنچىدىن ئاكام بۇ قەغەزدە لەڭگەك ياسىۋالىدۇ ،،،،

مەن 500 يۇەنگە ئالاي... قۇربانجان روزى شەيدائىينىڭ ھۆسىنخەتلىرى ھەقىقەتەن ئېسىل. بۇرۇن ئۇنىڭ ھۆسىنخەتلەر توپلىمىنى سېتىۋالغان، ئۇ توپلامدا مۇشۇ خېتىمۇ بار ئىدى.
بىرچاغدا مىجىت قەلەملىرى بازارغا سېلىنغان ئىدى. خېلى بوپتۇ بىر يەردە كۆرۈپ باقمىغىلى . ھازىرمۇ ساتامدىغاندۇ؟ بىلسەك مۇشۇ خەت 3500 يۇەنگە يارايدۇ. مەندىمۇ پۇل يوق
15- قەۋەتتىكى hezineنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
قۇربانجان روزى شەيدائىينىڭ ھۆسىنخەتلىرى ھەقىقەتەن ئېسىل. بۇرۇن ئۇنىڭ ھۆسىنخەتلەر توپلىمىنى سېتىۋالغان، ئۇ توپلامدا مۇشۇ خېتىمۇ بار ئىدى.
بىرچاغدا مىجىت قەلەملىرى بازارغا سېلىنغان ئىدى. خېلى بوپتۇ بىر يەردە كۆرۈپ باقمىغىلى . ھازىرمۇ ساتامدىغاندۇ؟
مىجىت قەلەمنى ھازىرمۇ ساتىدىكەن
http://item.taobao.com/item.htm?spm=a230r.1.10.2&id=13937673122
كىتاب ئالساملا مۇشۇ دۇكانغا كىرىپ نىمىلەر بارلىقى ئېسىمدە قاپتۇ.
مىجىت قەلەمنى قۇربانجان روزى بازارغا سالمىغاندۇ؟مىجىت قەلەم بەك زۆرۈر بولغانلار مەن بىلەن ئالاقىلاشساڭلار ،مەن تېپىپ بېرەلەيمەن.كۆپ بولغاندا مىڭغىچە.
توردا سېتىۋاتقان قېرىنداشلارنىڭمۇ تىجارىتى بەرىكەت تاپقاي.لېكىن ئەسلى باھادىن سەل ئېشىپ كېتىپ قاپتۇ.
تاش ئادەم،ماقۇل كۆرسىڭىز بۇ تېمىنى ئۆچۈرۈۋەتسىڭىز بوپتىكەن،بۇ يەردە پاخ پاخ قىلىدىغان ئۆتمەس ماتا بولمىغاندىكىن.سېتىۋالىدىغان ئادەم باشقا يەردىن چىقىپ قالار.
ئا پاخپاخ ئىنكاسلار يۈرەكنى ئېزىۋەتتى.چىداش تەس كەلدى.