مەدەت ،ئۈمىد، ئىناقلىق
2012-يىل 7-ئاينىڭ27-كۈنى تومۇز ئىسسىق ، 30گىرادۇستىن يۇقىرى تېمپۇراتۇرادا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەتخەلقنىڭ ئۇمىدى ، شان-شەرىپى ئۈچۈنتوپ تپىۋاتقان ئەزىمەتلىرىمىز ئۈچۈن شىنجاڭ لۇتۇن خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى "شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسىغا تومۇز ئىسسىقتا مەدەت بېرىش " پائالىيىتىنى تەشكىللىدى. پائالىيەتنى رايۇنىمىزدىكى بايراقدار مىللى كارخانىلاردىن ئارمان ،ئىخلاس ،ئامىنە، ئىپار، مىرەن قاتارلىق چوڭ كارخانا ۋەكىللىرى قىزغىن قوللاپ -قۇۋەتلىدى.مەزكۇر پائالىيەتكە ئاتلان تىل تەربىيلەش مەركىزى ، ئىنتىل تىل تەربىيلەش مەركىزى، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋېرستىتى ئاز سانلىق مىللەتلەر تەربىيلەش بازىسى قاتارلىق ئورۇنلارداتەربىيلىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋە جەمئىيەتتىكى پۇتبول ھەركىتىنى سۈيىدىغان ئاممدىن بولۇپ 3000 ئادەم ھەقسىز بېلەت بىلەن تەمىنلىنىپنەق مەيداندا كوماندا ئەزالىرىمىزغامەدەت بېرىلدى.ئەلنىڭ مەدىتى ،ئەزىمەتلەرنىڭ تېرىشچانلىقى بىلەن بۇ كۈنكى مۇسابىقىدە شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسى شەنشى لاۋچنگېن كوماندىسىنى 3:1 نەتىجە بىلەن يېڭىپ پۇتبول مەستانىلىرى ۋە خەلقنى شاتلىققا چۈمدۇردى. تۆۋەندىكىفىلىم يۇقارقى پائالىيەتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى .
1-قىسىم
2-قىسىم
مەزكۇر پائالىيەت پايدا ئېلىنمايدىغان ئىجتىمائىي پائالىيەت بولۇپ2012-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنىگە قەدەر ئېلىپ بېرىلىدۇ .قاتناشماقچى بولغان ئورۇنلار ئالدىن تىزىملىنىپ سالاھىيىتىنى بېكىتكەندىن كېيىن ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. پائالىيەتنىڭ چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى شىنجاڭ لۇتۇن خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىگە تەۋە.
ئالاقە : 1399915411،136999918942866610 - 0991
خۇدا بۇيرىساكېلەر قېتىمقى مۇسابىقىگە بارىمەن . ئەتىكى مۇسابىقىدە ئۇتالىسا 4-بولالىشى مۇمكىن ئەسلى ئاۋۇ يۇقىرىدىكى كارخانا -ئوقۇغۇچىلار داۋاملىق قوللىغان بولسا 1-لا بولاتتىكەن.


