Bilig يوللانغان ۋاقتى 2012-8-3 12:01:38

( ياردەم) ئاۋاز سەزگۈچ ئۇزچات ھەققىدە

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،


باچكا ئەپەندىم باشلىق قېرىنداشلاردىن سورىماقچىدىم:


ھېلقى ئاۋازسەزگۈچ، يورۇق سەزگۈچ، تەۋرىنىش سەزگۈچ ئۈزچاتلار لازىم ئىدى.ۋەتەندە، قەشقەر تەرەپلەردە تاپقىلى بولامدۇ يوق بىلمەيمەن،ئۇنى خەنچە نىمە دەيدۇ بىلمىدىم، 声光开关دەمدۇ؟ چۈنكى خەنچە ئىسمىنى ياكى ماركىسىنى دىسە ئىزدىگىنى بولاتتى. تاۋباۋدىن سېتىۋالسا ئىشەنچىلىك بولارمۇ؟ شۇنداق بولسا بىر ھەپتە ئىچىدە قولغا تەگسە مەيلى...


يەنە بىرى،ئاۋاز سەزگۈچ ئۈزچاتلاردىن چاۋاك ئاۋازىدىن بۆلەك باشقا ئاۋازلارنى، مەسىلەن يىغلىغان، ۋارقىرىغان، كۈلگەن،... ئاۋازلار ئارقىلىق ئۇلىنىدىغان ئۇزچاتلارنى تاپقىلى بولارمۇ؟



Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2012-8-3 12:12:25

ئاۋاز سىنزورىغۇ بىنالاردىكى كارىدورلاردا كەڭ ئومۇملاشقان .

joshua يوللانغان ۋاقتى 2012-8-3 12:14:15

声控开关 دېسىڭىز تېپىپ بېرىدۇ، قەشقەردە بىلمەيمەن، لېكىن ئۈرۈمچىدە بولسا خۇالىڭ دېگەندەك يەرلەردە بار.

joshua يوللانغان ۋاقتى 2012-8-3 12:15:40

يەنە بىرى،ئاۋاز سەزگۈچ ئۈزچاتلاردىن چاۋاك ئاۋازىدىن بۆلەك باشقا ئاۋازلارنى، مەسىلەن يىغلىغان، ۋارقىرىغان، كۈلگەن،... ئاۋازلار ئارقىلىق ئۇلىنىدىغان ئۇزچاتلارنى تاپقىلى بولارمۇ؟



-------------------------------------------------------------------------------------------------------------



ئاۋازنى ئۇنداق ئايرىپ كەتمەيدۇ، سەزگۈررەكىنى ئېلىپ يېقىنراق ئورۇنلاشتۇرسىڭىز ئۈنۈمى ياخشىراق بولار.

بوۋاقنى باقىدىغانغىما؟

Ulanbay يوللانغان ۋاقتى 2012-8-3 12:19:34

(تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولۇپ قالدى. كەچۈرۈڭ تېما ئىگىسى.)

<كىم بىلىدۇ› سەھىپىسىگە بىر تېما يوللىۋېدىم. تەستىقلاشنى كۈتۈپ ياتىدۇ.

شۇنى بىر ئىتتىرىپ قويغان بولساڭلار باشقۇرغۇچىلار.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2012-8-3 12:26:20

رەھمەتjoshua بۇرادەر، مەن توردىن ئىزدەپ باقاي.

بۇ مەخپى\"\"

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2012-8-3 12:32:21

ھە راست، لامپۇچكىلارغا ئىشلىتىغان ئۈزچاتلار باشقا تۇراقلىق توك يوللىرىغا ماس كىلەمدۇ؟ مەنغۇ توك تولۇقلىغىلى بولىدىغان ئاۋاز ئۇزچاتلىق يەككە لامپۇچكىلارنى كۆرگەن...

joshua يوللانغان ۋاقتى 2012-8-3 12:42:45

6- قەۋەتتىكى Biligنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھە راست، لامپۇچكىلارغا ئىشلىتىغان ئۈزچاتلار باشقا تۇراقلىق توك يوللىرىغا ماس كىلەمدۇ؟ مەنغۇ توك تولۇقلىغىلى بولىدىغان ئاۋاز ئۇزچاتلىق يەككە لامپۇچكىلارنى كۆرگەن...

تۇراقلىق توك يوللىرىغا ماس كەلمىسىمۇ چاتاق يوق، چۈنكى توردىكى توك يولىدىن كۆرۈشۈمچە، بۇ خىل قۇرۇلمىغا ئەسلىدىنلا تۇراقلىق توك ئىشلىتىدىغان بولۇپ، شەھەر توك يولىغا ئۇلىغاندا، رېكتىفاي قىلىپ ئىشلىتىدىكەن. (مۇشۇنى ئۇيغۇرچە نېمە دەيمىز؟)

JasurBay يوللانغان ۋاقتى 2012-8-3 13:08:49

ئەلۋەتتە قەشقەر تەرەپلەردىن تاپقىلى بولىدۇ. لىكىن سىز ئىيتقان چاۋاك ئاۋازىدىن باشقا ئاۋازنى تونۇمايدىغان قىلماقچى بولسىڭىز بەلكىم تاپالماسلىقىڭىز مۇمكىن ، لىكىن باشقىلىرى خىلى بەك كەڭرى،كىرىپلا تاپالايسىز.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2012-8-3 14:13:24


7- قەۋەتتىكى joshuaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

شەھەر توك يولىغا ئۇلىغاندا، رېكتىفاي قىلىپ ئىشلىتىدىكەن. (مۇشۇنى ئۇيغۇرچە نېمە دەيمىز؟)



rectify نى ئۇيغۇرچە تۈزەتمەك، توغىرلىماق دەيدۇكەن.

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-8-3 14:17:06

مەن خوتەندىن ئىزدەپ ياخشىراقىنى پەقەت تاپالمىدىم مۇشۇ نەرسىدىن.

چوڭ دۇكانلاردا ساتمايدىكەن. چوڭ بازار ئەتراپىدىكى ئىلىكتىر سايمانلىرىنى توپ ساتىدىغان يەردىن ئالسام، پەقەت ياخشى ئايرىمىدى. چىراغ لىپىلداپلا تۇرىدۇ، نەچچە كۈندىن كىيىنلا كۆيۈپ كېتىدىكەن.

joshua يوللانغان ۋاقتى 2012-8-3 14:28:58

رەھمەت بۇرادەر!

@gulahmalik تۈزەتكۈچ دېگەن نەرسىنى دەمسىز؟ تورغا قاراپ باقامسىز-يە؟

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-8-3 14:39:13

@joshua ئاۋاز سەزگۈچ ئۈزچاتنى دىدىم. شۇنىڭدىن ئۈچ تال لازىمتى. تۆت يىلنىڭ ئالدىدا بىرنى سېتىۋالغان، خېلى ياخشى چىققان. ھازىر سېتىۋالغىنىم پەقەت ياخشى چىقمىدى. ئىچىنى ئېچىپ قاراپ باقسام، ھازىرقىسى بۇرۇن ئالغىنىمدەك ئەمەسكەن. بۇرۇن ئالغىنىمدا توپلاشتۇرۇلغان توك يول ئۆزىكى باركەن. ھازىرقىسىدا يوقكەن، بەكلا ئاددى. شۇڭلاشقىمۇ ياخشى ئايرىمىدىمىكىن دەپ ئويلىدىم.

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-8-3 15:08:23

توردىن ئىزدەپ نېمە ئۈچۈن توكنى ياخشى ئايرىمىغىنىنىڭ سەۋەبىنى بىلدىم.

بىلىك قېرىندىشىم، ناۋادا سېتىۋالسىڭىز بىر ئىشقا دىققەت قىلارسىز.

ئاۋۇ ئاۋاز سەزگۈچ ئۈزچات ئادەتتىكى سېرىق يانىدىغان لامپىنىڭ 100w لىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغىنى كۈن نۇرىلىق توك تىجەر لامپىنىڭ 32wلىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىكەن. مەن سېتىۋالغىنىدا5w- 60wدەپ باركەن. مەن چاتقان لامپا بولسا كۈن نۇرىلىق لامپىنىڭ 21w لىقى ئىدى. ئەسلىدە 19wلىقتىن تۆۋەن كۈن نۇرلىق لامپا چاتقان بولسام ياكى 60wتۆۋەن ئادەتتىكى لامپا چاتقان بولسام خاتالىق يۈز بەرمەسلىكى مۇمكىنكەن. مەن دەل ئاشۇ ئۈزچاتنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە تەپسىلى يېزىلمىغانلىقى ئۈچۈنئاۋارە بوپتىمەن.

Bihlan يوللانغان ۋاقتى 2012-8-3 16:19:02

سەھرادىكى تۇغقانلارنىڭ ئۆيىدە پەقەت ئىسقىرت چالسىلا يانىدىغان، ئۇنىڭدىن باشقا ئاۋازدا يانمادىغان ئۇزچاتلىق لامپۇچكىنى كۆرگەنتىم، قەيەردىن سېتىۋالغانلىقىنى سورىماپتىمەن. ئىسقىرت چالالمايدىغانلار ئۈچۈن يەل توشقۇزۇلغان بىر تىزگىنەك باركەن، مىجىغان ۋاقىتتا پۈشتەك چالغاندەك ئاۋاز چىقىرىپ لامپۇچكىنى ياندۇرىدىكەن، ئوغۇللارغا يەل توشقۇزۇلغان تىزگىنەكمۇ ھاجەتسىزكەن، ئېغىزدا ئىسقىرت چېلىپلا قويساق يېقىپ ئۆچۈرگىلى بولىدىكەن.

خەنزۇچە ئىسمىنى بىلسىڭىزلا توردىن تاپالايسىز، ھازىر بىرنەرسە تېپىشتىن بەكرەك ئىزدىمەكچى بولغان نەرسىنىڭ ئىسمىنى بىلىش بەكرەك زۆرۈر بولىدىغان جاھان بولۇپ قالدى، ئىسمىنى بىلسىڭىزلا ئىنتېرنېتتا ھەرنېمىلەر تېپىلىدۇ.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2012-8-3 16:28:32

رەھمەت قېرىندېشىم، دەل سىز دىگەندەك ئىسمىنى ياكى ماركىسىنى بىلمىسەك ھېچيەردىن ئىزدىيەلمەيدىكەنمىز.

يەنە بىر ل ې د لامپۇچكىنى كۆرگەنتىم، توك تولۇقلىغىلى بولىدىغان يەككە لامپۇچكا ئىكەن، تاسسىدە چاۋاك چالسا لامپۇچكا يانىدىكەن. بۇ بەك قۇلايلىقكەنتۇق، كىچىدە بالىسى يىغلاپ كەتسە تام سىلاپ يۈرمەيدىغانغا.

newstar يوللانغان ۋاقتى 2012-8-3 16:46:13

9- قەۋەتتىكى Biligنىڭ يازمىسىدىن نەقىل


7- قەۋەتتىكى joshuaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

شەھەر توك يولىغا ئۇلىغاندا، رېكتىفاي قىلىپ ئىشلىتىدىكەن. (مۇشۇنى ئۇيغۇرچە نېمە دەيمىز؟)



rectify نى ئۇيغۇرچە تۈزەتمەك، توغىرلىماق دەيدۇكەن.


بۇ يەردىكى rectifyرەتلەش مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ،يەنى ئۆزگىرىشچان توكنى تۇراقلىق توكقا ئايلاندۇرۇشنى فىزىكىدا توك رەتلەش دەيتتۇققۇ دەيمەن....




Bilig يوللانغان ۋاقتى 2012-8-3 16:59:22

16- قەۋەتتىكى newstarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل


بۇ يەردىكى rectifyرەتلەش مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ،يەنى ئۆزگىرىشچان توكنى تۇراقلىق توكقا ئايلاندۇرۇشنى فىزىكىدا توك رەتلەش دەيتتۇققۇ دەيمەن....



شۇنداقمۇ؟ تولۇق ئوتتۇرىدا رەتلەش دىگەن بۇ گەپ مودا ئىدى ساۋاقداشلار ئارا... يادىمغا كەپ قالدى.


گەپ ئاڭلىمىسا رەتلەيمىز، ھەممىنى ئۆزۈم رەتلەيمەن،... دىگەندەك.


رەتلەش بىلەن توغىرلاش ئوخشاش ياكى يېقىنمەنىدىكى گەپلەرغۇ دەيمەن، سىز دىگەندەك، ئۆزگۈرۈشچان توكنى تۇراقلىق توكقا توغۇرلاش دىگەندەك...


مەن فىزىكىچى تۇرۇپ توك رەتلەش دىگەن بۇ ئۇقۇم يادىمدىن چىقىپ كىتىپتۇ، خىجىلمەن. بولسا ئۆزگۈرۈشچان توكنى تۇراقلىق توكقا قانداق ئايلاندۇرىدۇ بىر دەۋەتسىڭىز، تورداشلار بىلىپ قالسا.






Aziz يوللانغان ۋاقتى 2012-8-3 18:03:34

5- قەۋەتتىكى Biligنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

رەھمەتjoshua بۇرادەر، مەن توردىن ئىزدەپ باقاي.

بۇ مەخپى\"\"

سىز ئۆزىڭىز يىراقتا، توردىن ئىزدەپ ھەم ياخشىسىنى تېپىپ بولالىشىڭىز ناتايىن. ئەڭ ياخشىسى شۇ نەرسىنى ئورنىتىدىغان يۇرتتىكى توكچى باللا (دىيەنگوڭ) غىلا كۆتىرە بەرسىڭىز، باش ئاغرىقىڭىز سەل ئاز بولامىكى.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2012-8-3 18:14:50

مېنىڭ دادام پىشقەدەم توكچى{:90:}
بەت: [1] 2
: ( ياردەم) ئاۋاز سەزگۈچ ئۇزچات ھەققىدە