428 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-1 23:16:14

ئەقىليفۇن سېتىۋېلىش ھەققىدە ياردەم

قايسى كۈنى ئېھتىياتسىزلىقتىن تېلىفۇنۇمنى يۇقىتىپ قۇيۇپ، ئىككى كۈندىن بۇيان تېلىفۇن تاللاپ بۇلالماي كەتتىم.


ئالما تېلىفۇن ئالاي دىسەم مەن مۆلچەرلىگەن پۇلغا 3- ئەۋلات ئالمىنىڭ ئىككىنجى قول تېلىفۇنى كەلگۈدەك .


nokia lioma 800 ئالاي دىسەم، يېقىنداwindows phone 8 چىقسا دەپ ساقلاپ ئولتۇرغان .


ھازىرقى نىشان : ئاندىرويىد



مىنىڭ تاللىغىنىمhtc evo 3d


http://product.pconline.com.cn/mobile/htc/460817_detail.html


ئەمدىكى گەپتە بۇ تېلىفۇننىڭ چۈشەندۈرۈشىدەgsm,cdma دەپ يېزىقلىقكەن .



1. زادى بۇ تېلىفۇن cdmaتېلىفۇنمۇ ؟ ياكىgsmتورنى قوللايدىغان تېلىفۇنمۇ ؟


2. بۇ تېلىفۇننىڭ 3d سۆرەت تارتىشى قانداقراق ، ئىكران ئەينەنلىگىچۇ ؟


3. ئاندىرويىد 2.3 بىلەن 4.0 نىڭ پەرقى بەكلا زورمۇ ؟


4. ئاندىرويىد ھەقىقەتەن ئۆتكۈنچى دەۋىردىكى ئەقىلىيفۇن سېستىمىسىمۇ ؟


ئەقىلىيفۇن ئىشىلتىۋاتقانلارنىڭ 2000~2500 يۈەن ئەتىراپىدىكى باشقا تېلىفۇنلارنىمۇ تەۋسىيە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .


كۆپنىڭ ئەقىلى كۆپ ئەمەسمۇ

Fdinbashlinidu يوللانغان ۋاقتى 2012-8-2 07:50:42

ئەقلىيفۇن سىتىۋالماقچى بولسىڭىز مىنىڭ كۈچلۈك تەۋسىيەم بىلكاننىڭ ئەقلىيفۇنى (1280يۈەنغۇ دەيمەن)، ئاندىن قالسا ئەسىر ئاندروئىدلىق يېڭىدىن بازارغا سىلىنغان ئەقلىيفۇنى (بۇ سەل ئەرزانراق)، لىكىن ئىككىلىسىلا بولىدۇ. ھامان كىلەر يىلى windowsPhone8 ئوموملىشىپ بولىغچە ياخشى پايدىلىنالايسىز، سەپلىمىلىرىمۇ يامان ئەمەس.

بۇ قىتىم ئۈرۈمچىگە بارغاندا مەنمۇ بۇلاردىن بىرنى ئىلىشنى نىيەت قىلدىم.

ئۇنى بۇنى ، يەھۇدىي ئۇنداق دەپ تەرىپىنى قىلىمىز؛ ئۇيغۇرغا كۆڭۈل بۆلۈش كىرەكمۇ؟ دەيمىز يەنىلا ھەركەت مۇھىم، مۇشىمۇ بىر خىل كۆڭۈل بۆلۈش. مۇشۇ 7-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى جىياڭسۇدا بولغان چوڭ كۆلەملىك قالايمىقانچىلىقمۇ ياپۇن قەغەز زاۋۇتىغا قارشى بولغان ئىشلار، دەپ كەلسەك گەپ جىق. گەپنىڭ قىسقىسى باشتا دىگىنىمدەك. \"\"

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2012-8-2 07:58:27

بۇ دەل مەن ئىشلىتىۋاتقان تېلېفون ئەينى ۋاقىتتا 4 ئاي بۇرۇن 3000 سوم ئىدى ، ھازىر 1900 سومغا چۈشۈپتۇ ، بۇ تېلېفوننىڭ gsm ۋە cdma ئىككى خىل تور ئۆلچەمدىكىسى بار ، لېكىن قوش كارتىلىق ئەمەس ، مېنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىم جوڭگۇ تېلگىراف نۇسخىسىدىكى CDMA تورىنى قوللايدىغىنى .

مەن بۇ تېلېفوننى تۇنجى قېتىم ئېلىپلا ئېكراننىڭ سۈزۈكلۈكى ۋە 分辨率 دىن بەكلا رازى بولغان ئىدىم ، بىۋاستە 3Dفىلىم كۆرەلەيىز كۆزەينەك تاقاش ھاجەتسىز ، بۇ تېلېفون تېگىدىن ئۇيغۇرچە قوللىمايدۇ يەنى ھەرپلەر ئۇلانمايدۇ، لېكىن خەت نۇسخىسى قاچىلاش ، ۋە firfox نى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇرچە تور بەتلەرنى 100% نورمال زىيارەت قىلغىلى بولىدۇ .

ئورگان تەرەپ 4.0 سېستىمىسنى تەمىنلىگەن بولسىمۇ مەن ، root ھوقۇقى ئېلىش ، قۇلۇپنى يېشىش ، recovery نى يېڭىلاش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى ئېىپ بارغانلىقىم سەۋەبلىك 4.0گە يېڭىلاش ھوقۇقىغا ئېرىشەلمىدىم ، ئىشقىلىپ بۇ تېلېفوندىن مەن رازى

يادىڭىزدا بولسۇن ھەرقانداق ئەقلىفوننىڭ كەمچىلىكى باتارىيىسى ئۇزۇن يەتمەيدۇ .

بۇ تېلېفوننىڭ CDMA نۇسخىقسىنىڭمۇ نەچچە خىلى بولۇپ جوڭگۇ تېلگىراف نۇسخىسى ، sprint (ئامرىكا تېلگىراف نۇسخىسى) .... قاتارلىق تۈرلىرمۇ بار

gsm نۇسخىسىنىڭمۇ مۇشۇنداق ھەر خىل رايون نۇسخىلىرى بار

abdullaev يوللانغان ۋاقتى 2012-8-2 15:20:25

بىلكاننى ئېلىشىڭىزنى كۈچلۈك تەۋسيە قىلمەن.ئۇيغۇرچىنى 100% قوللايدۇ،ھەم مەشغۇلات جەريانىدا شۇنداق يەڭگىل ئىشلەيدىكەن.تېخى بۈگۈن بىرنى زاكاس قىلىپ قويدۇم،باھاسى 1150سوم.تەپسىلاتىنى ھەل تۇرۇپ يوللاپ قۇياي.


http://b219.photo.store.qq.com/psb?/V11zzO0C09dQUC/PsklY4q06.5xISuQL.XvFizx0BFCQShjsx4bUriPJpg!/b/Ycr.lIIiawAAYsJwk4KRawAA



http://b261.photo.store.qq.com/psb?/V11zzO0C09dQUC/wItvtNEpCTRTcvJ4eGGL6k3SA9wmWK*MqbxczLsTXlk!/b/YeKrnZs9QwAAYpKxnZsgQwAA

elbilge يوللانغان ۋاقتى 2012-8-2 15:37:20

بىلكاننىڭ CPU سى زادى قانداق؟ بىر ئۇچۇر ئالايلى بۇ توغرىسىدا.....

yarzat يوللانغان ۋاقتى 2012-8-2 21:19:55

بىلكان دېگەن بىلەن يەنىلا تاغتۇرا يانفۇننىڭ قېپى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان نۇسخىسى خالاس.سىز 1000سومغا ئېلىپ تېشىغا چىقىپلا كۆرسەتسىڭىز 500 يۈەنگە ئالامدۇ يوق شۇنىمۇ ئويلىشىپ قويۇش كېرەك.بىز تېخى كومۇنىزىمغا يەتكەن

بايلار بولمىغانكى يېڭىسى چىقسا كونىسى سېتىپ ئۈستىگە قوشۇپ نوچىسىنى ئالماشتۇردىغان بولغانكى سەل دىققەت

قىلىشقا تېگىشلىك.

ajrim يوللانغان ۋاقتى 2012-8-2 23:55:57

ئىسمىڭىز 428 كەن،مەن سىزگە 328D نى تونۇشتۇراي.

http://detail.zol.com.cn/cell_phone/index313567.shtml



بۇ تېلېفۇن تېلېگىرا ۋە كۆچمە،بىرلەشمىنى قوللايدۇ،قوش كارتىلىق،HTC نىڭ خېلى ئوبدان چىققان تېلېفۇنلىرىنىڭ بىرى،ئويغۇرچىنى زاۇۋت ھالىتىدىلا قوللايدۇ،ئاندىرويىد .4.0 يۇقىرى نەشىرى قوللايدۇ. ئەمما روم سەل ئاز.مىنىڭ تاپقانلىرىم 4 كە بارىدۇ.3-ئەۋلاد ئايفون بىلەن ئىشلىتىۋاتىمەن،كۆپ پەرىق بايقىمىدىم،ئاساسلىق بايقىغىنىم ئايفونغا قارىغاندا توكى سەل ئاز يىتىدىكەن.تىپى 328d,328t,328w دەپ بار.D ئەڭ ياخشىسى،باھاسىمۇ مۇۋاپىق،توردىن كەلتۈرسىڭىز 2040 كوي ئەتىراپىدا،كىرا بىلەن قوشۇلۇپ 2100 گە بارىدۇ.ئۈرۈمچىدە بولسىڭىز جوڭشەن تېلېفۇن بازىرى 2-قەۋېتىدىن،باشقا يەردە بولسىڭىز ۋاكالىتەن ئەكەلتۈرۈپ ئىشلىتىپ كۆرۈڭ.

murad يوللانغان ۋاقتى 2012-8-3 00:15:41

\"\"


\"\"

nawa717 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-3 02:58:51

يۇقارقى ئىلاننىڭ نېگىزلىك نۇقتىسى : رام:م512

روم:م512

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-8-3 04:54:51

5- قەۋەتتىكى yarzatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىلكان دېگەن بىلەن يەنىلا تاغتۇرا يانفۇننىڭ قېپى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان نۇسخىسى خالاس.سىز 1000سومغا ئېلىپ تېشىغا چىقىپلا كۆرسەتسىڭىز 500 يۈەنگە ئالامدۇ يوق شۇنىمۇ ئويلىشىپ قويۇش كېرەك.بىز تېخى كومۇنىزىمغا يەتكەن

بايلار بولمىغانكى يېڭىسى چىقسا كونىسى سېتىپ ئۈستىگە قوشۇپ نوچىسىنى ئالماشتۇردىغان بولغانكى سەل دىققەت

قىلىشقا تېگىشلىك.



گەپ قىلغاندا سەل دىققەت قىلىلى!



<<قاچانمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلارسەم ئۇيغۇرۇم.>> (يەرزاتنىڭ ئىمزاسى)


_ قاچان ئۇيغۇر ئۇيغۇرنى قوللايدىغان بولغاندا .

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-8-3 04:58:08

بىلكاننىڭ ئاۋۇ يانفونى بولىدىكەن. ئىشلەتسىڭىز پۇشايمان قىلمايسىز.

abdullaev يوللانغان ۋاقتى 2012-8-3 09:57:49

9- قەۋەتتىكى gulahmalikنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

5- قەۋەتتىكى yarzatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىلكان دېگەن بىلەن يەنىلا تاغتۇرا يانفۇننىڭ قېپى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان نۇسخىسى خالاس.سىز 1000سومغا ئېلىپ تېشىغا چىقىپلا كۆرسەتسىڭىز 500 يۈەنگە ئالامدۇ يوق شۇنىمۇ ئويلىشىپ قويۇش كېرەك.بىز تېخى كومۇنىزىمغا يەتكەن

بايلار بولمىغانكى يېڭىسى چىقسا كونىسى سېتىپ ئۈستىگە قوشۇپ نوچىسىنى ئالماشتۇردىغان بولغانكى سەل دىققەت

قىلىشقا تېگىشلىك.



گەپ قىلغاندا سەل دىققەت قىلىلى!



<<قاچانمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلارسەم ئۇيغۇرۇم.>> (يەرزاتنىڭ ئىمزاسى)


_ قاچان ئۇيغۇر ئۇيغۇرنى قوللايدىغان بولغاندا .



ئۇنداق بولسا شيامى،كۇلپەد قاتارلىق تېلفۇنلارمۇ تاغ تۇرا تېلفۇنىمۇ؟ قۇلىڭىزدىن قانچىلىك ئىش كېلىدۇ؟ ئالدى بىلەن شۇنى ئويلاڭ، بىلكان تېلفۇنى بىلكان پەدلېرىنى قانچىلىك ئەجىر بىلەن بازارغا چىققانلىقىنى سىز بىلەمسىز؟ ئالدى بىلەن


بىلكان شېركىتىنىڭ ئۇيغۇر تىل يېزىقى ئۈچۈن نۇرغۇن ئەجىر سىڭدۈگەنلىكىگە ئاپىرىن ئۇقۇش كېرەك.


شەخسەن مەن ئۆزەم بىلكان شېركىتىنى،مۇھىمى ئۇيغۇر تېلى ئۈچۈن سىڭدۈرگەن ئەجىرىنى قوللاش يۈزسىدىن بىلكان ئاقىل يانفونىنى سېتۋالدىم ،ھەم بۇ تېلفۇندىن شۇنداق رازى بولدۇم،بۇندىن بۇرۇن قۇلۇمدا HTC T328 دىن بىرسى باتتى ،بىلكاننى ئىشلىتىپ كۆرۈپ ،بىلكاننى ماۋۇ HTC T328 دىن ئۈستۈن كۆردۈم.

kuresh يوللانغان ۋاقتى 2012-8-3 11:58:38

بىلكاننىڭ ئاۋۇ يانفونىنى نەدىن ئالغىلى بولىدكەن، زاكاس ئادرىسى بولسا قالدۇرۇپ قويمامسىلەر؟

JasurBay يوللانغان ۋاقتى 2012-8-3 12:06:02

بىلكاننىڭ CDMA نۇسخىلىرىمۇ بارمۇ، ئورگان بىتىدە مەزمۇن تولۇق ئەمەس ئىكەن. \"\"

togrul يوللانغان ۋاقتى 2012-8-3 12:42:38

ئىشلەتكۈڭلار بولسا ئىشلەتساڭلار بولدۇ، بىراق مەن ئۇيغۇرچە ماركا چاپلىغان بىرنەچچە ئىلىكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتتىم . تويۇمدا ئايالىمنىڭ ئۆيىدىكىلەر توڭلاتقۇ ، كىرئالغۇ ، تېلۋۇزۇرنىڭ قايسى ماركىسىدىكى ئېلىش توغۇرلۇق مەسلىھەت سورىغانتى ئۇيغۇرچە ماركىدىكىسىنى ئېلىڭلار دەپتىمەن . شۇنداق قىلىپ توڭلاتقۇ ، كىرئالغۇ ، تېلۋۇزۇرنىڭ ھەممىسى پەنتىكىن بولدى ، بىراق توڭلاتقۇنى بىريېرىم يىلدا 500 سوملۇقتىن يۇقۇرىراق رىمنۇت قىلدۇردۇم ، يەنە بۇزۇلدى ، مۇلازىمەت ئورنىنى قانچە ئىزدەپمۇ تاپالمىدىم .ئامالسىز ئەسكى تۈسكى ئالىدىغانغا 50 سومغا سېتۋىتىپ خەيئېردىن بىرنى ئالدىم . تېلۋۇزۇرمۇ 1 يىل چىقتى ئاندىن كۆرگىلى بولمىدى . كىرئالغۇنىڭ بىريېرىم يىل بولغاندا ماداسى كۆيدى شۇنداق قىلىپ بۇ جابدۇقلارنى ئوڭۇشلۇق كۆزدىن يوقاتتىم . كېيىن ئۇيغۇرچە ماركىدىكى د ۋ د دىن بىرنى ئالدىم ئۈچ ئاي كۆرەلىدىم . ئايالىمغا ئەمىر ماركىلىق يانفۇندىن بىرنى ئېلىپ بەرسەم 2 ئايمۇ ئىشلىتەلمىدى . خۇلاسە شۇكى تېخى زور كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ كاللىسىدا ھەقىقى سودا ئېڭى يوق . بۇرنىنىڭ ئۇچىدىكى مەنپەئەتنىلا كۆزلەيدۇ . ئۇزۇن مەزگىللىك تەرەقىيات پىلانى يوق . شۇڭا ماللىرىنىڭ سۈپىتى ياخشى . مەن قاچان ئۇيغۇر سودىگەرلىرى مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىگە ، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمىتىگە ھەقىقى كۆڭۈل بۆلگەندە ئاندىن مەنمۇ ئۇيغۇر سودىگەرلىرىگە كۆڭۈل بۆلىمەن . بولمىسا ئىستىمالچىلىرىغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان سودىگەرلەر بىلەن كارىم يوق .

baytekin يوللانغان ۋاقتى 2012-8-3 12:50:47

12- قەۋەتتىكى kureshنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىلكاننىڭ ئاۋۇ يانفونىنى نەدىن ئالغىلى بولىدكەن، زاكاس ئادرىسى بولسا قالدۇرۇپ قويمامسىلەر؟



توغرا، بولسا ئادېرسىنى قالدۇرۇپ قويساڭلار بوپتىكەن، مەنمۇ كۆرەپ باقاي دېگەن....

JasurBay يوللانغان ۋاقتى 2012-8-3 13:04:23

شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۆزۈڭلار تۇرۇشلۇق ئورۇندا ۋاكالەتچىلىرى بارمۇ سۈرۈشتە قىلىپ بىقىڭلار.

www.bilkan.net

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-8-3 14:20:36

13- قەۋەتتىكى JasurBayنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىلكاننىڭ CDMA نۇسخىلىرىمۇ بارمۇ، ئورگان بىتىدە مەزمۇن تولۇق ئەمەس ئىكەن. \"\"



پات يېقىندا بازارغا سېلىنماقچى، دەيدۇ. مەنمۇ شۇنىڭغا ساقلاۋاتىمەن.

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-8-3 14:22:51

@abdullaev نەقىلنى خاتا ئالدىڭىزمۇ نېمە؟

گەپلىرىڭىز ئىگىسىنى تاپالمىغان چىراي!

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-8-3 14:29:35

14- قەۋەتتىكى togrulنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىشلەتكۈڭلار بولسا ئىشلەتساڭلار بولدۇ، بىراق مەن ئۇيغۇرچە ماركا چاپلىغان بىرنەچچە ئىلىكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتتىم . تويۇمدا ئايالىمنىڭ ئۆيىدىكىلەر توڭلاتقۇ ، كىرئالغۇ ، تېلۋۇزۇرنىڭ قايسى ماركىسىدىكى ئېلىش توغۇرلۇق مەسلىھەت سورىغانتى ئۇيغۇرچە ماركىدىكىسىنى ئېلىڭلار دەپتىمەن . شۇنداق قىلىپ توڭلاتقۇ ، كىرئالغۇ ، تېلۋۇزۇرنىڭ ھەممىسى پەنتىكىن بولدى ، بىراق توڭلاتقۇنى بىريېرىم يىلدا 500 سوملۇقتىن يۇقۇرىراق رىمنۇت قىلدۇردۇم ، يەنە بۇزۇلدى ، مۇلازىمەت ئورنىنى قانچە ئىزدەپمۇ تاپالمىدىم .ئامالسىز ئەسكى تۈسكى ئالىدىغانغا 50 سومغا سېتۋىتىپ خەيئېردىن بىرنى ئالدىم . تېلۋۇزۇرمۇ 1 يىل چىقتى ئاندىن كۆرگىلى بولمىدى . كىرئالغۇنىڭ بىريېرىم يىل بولغاندا ماداسى كۆيدى شۇنداق قىلىپ بۇ جابدۇقلارنى ئوڭۇشلۇق كۆزدىن يوقاتتىم . كېيىن ئۇيغۇرچە ماركىدىكى د ۋ د دىن بىرنى ئالدىم ئۈچ ئاي كۆرەلىدىم . ئايالىمغا ئەمىر ماركىلىق يانفۇندىن بىرنى ئېلىپ بەرسەم 2 ئايمۇ ئىشلىتەلمىدى . خۇلاسە شۇكى تېخى زور كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ كاللىسىدا ھەقىقى سودا ئېڭى يوق . بۇرنىنىڭ ئۇچىدىكى مەنپەئەتنىلا كۆزلەيدۇ . ئۇزۇن مەزگىللىك تەرەقىيات پىلانى يوق . شۇڭا ماللىرىنىڭ سۈپىتى ياخشى . مەن قاچان ئۇيغۇر سودىگەرلىرى مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىگە ، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمىتىگە ھەقىقى كۆڭۈل بۆلگەندە ئاندىن مەنمۇ ئۇيغۇر سودىگەرلىرىگە كۆڭۈل بۆلىمەن . بولمىسا ئىستىمالچىلىرىغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان سودىگەرلەر بىلەن كارىم يوق .



ئۇلارمۇ ئاشۇ توڭلاتقۇ، كىرئالغۇلىرىغا بىلكاننىڭ قۇرغۇچىسى بىلكانغا ئەجىر قىلغانچىلىك ئەجىر قىلغان بولسا ئاندىن سىز دىگەن مەسىلىلەر يۈز بەرمەس بولغىيدى.


ئەمما بىلكان ئۇنداق ئەمەستەك!


قالغىنىنى ئىشلىتىپ باققانلارنىڭ باھاسىغا قارايمىز- دە!


ھازىرغىچە مەن ئاڭلىغان باھالارغۇ يامان ئەمەس.

بەت: [1] 2
: ئەقىليفۇن سېتىۋېلىش ھەققىدە ياردەم