hazritili يوللانغان ۋاقتى 2012-8-1 10:22:30

«جالالىدىن رۇمى» ناملىق كىتابنى ئوقۇدۇم



كىتاب ئوقۇش پىلانىمدا دەپ ئۆتكۇنىمدەك تەسەۋۋۇپقا بولغان قىزىقىشىمنىڭ تۇرۇتكىسىدە تۈنجى بولۇپ « جالالىدىن رۇمى» نامىلىق كىتابنى ئوقۇپ چىقتىم.


كىتابنى ئوقۇش جەريانىدا ، كىتابنىڭ بايان قىلىش ئۇسۇلى ماڭا تازا ماس كەلمىدىمۇ ياكى ئىلگىرى مۇنداق پۇتۇن كىتاب بۇيىنچە چىكىنمە بايان شەكلىدە بايان قىلىنغان كىتابنى ئۇقۇپ باقمىغاچقىمۇ ئوقۇش جەريانىدا سەل ئېغىر بىلىندى.


كىتاب ئوقۇش جەريانىدا جالالىدىن رۇمىدىن ئىبارەت بۇ بۈيۈك ئەللامەنىڭ قانداق قىلىپ شۇنداق يۇقىرى رۇھىي پەللىگە يەتكەنلىكىنى ھەرھالدا چۈشەنگەن ، تەسەۋۋۇپنىڭ قانداق شەكىللەنگەنلىكىنى مۇئەييەن جەھەتتىن بىلىپ يەتتىم.


كىتابتىكى ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغىنى جالالىدىن رۇمىنىڭ دادىسىنىڭ شاگىرتى سەئىد بورھانىدىن ھۇزۇرىدا تەربىيلىنىشى:


جالالىدىن رۇمى سەئىد بورھانىدىننى ئۇستاز تۇتۇپ ئۆگىنىدۇ . بۇ جەرياندا سەئىد بورھانىدىن جالالىدىن رۇمىنى ھاجەتخانا تازلاش ، ئاچ قويۇش ، تىلەمچىلىككە سېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق جالالىدىن رۇمىنىڭ رۇھىنى چېنىقتۇرغان . دېمەك ، جالالىدىن رۇمىنىڭ مۇنداق بۇيۇك رۇھىي پەللىگە يىتىشى ئۇنىڭ ئەنە ئاشۇنداق رۇھىي چېنىقىشلارنى قوبۇل قىلغانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىكەن دېگەن خۇلاسىگە كەلدىم.




كىتابنى ئوقۇش جەريانىدا مۇنداق ئىككى نوقتا قەلبىمدە سۇئال پېتى قالدى : بىرى ، ئەينى دەۋىردىكى بۇيۇك كىشىلەر نېمە ئۈچۈن پىكىرلەرنىڭ چاقنىشى ئۈچۈن بىر پىكىرداش بولىشىنى شۇنچە زۆرۈر بولۇپ قالىدۇ ؟ نېمە ئۈچۈن جالالىدىن رۇمى دوستى شەمسىدىن تەبرىزىنىڭ سۆھبىتى ئۈچۈن ھەممىنى تەرك ئىتىدۇ ۋە :« ئۇ مەن ، مەن ئۇ ، بىزنى ئاجىرتىۋەتكىلى بولمايدۇ ( 296-بەت)» دەيدۇ ؟


يەنە بىرى ئۇلارنىڭ رۇھىي جەھەتتىن ئۆزىنى يوقىتىپ، مەستخۇش ھالەتكە، رۇھىي ھۇزۇرغا ئىرىشىشتە ساما سېلىش ، ئۇسۇل ئويناش ئۇسۇلىنى تاللايدۇ ؟ ساما ،ئۇسۇلنىڭ رۇھىي لەززەتكە ئىرىشىشتە قانداق رولى بار ؟


يۇقۇرقى سۇئاللىرىم تەسەۋۋۇپقا دائىر باشقا كىتابلارنى ئوقۇش جەريانىدا بەلكىم ھەل بولۇپ كېتەر.


مەيلى قانداقلا بولمىسۇن جالالىدىن رۇمى نامىلىق كىتابنى ئوقۇش كىشىنى تەسەۋۋۇپنىڭ بۇيۇك بىر ئالىمى ئارقىلىق تەسەۋۋۇپنى چۈشىنىشكە يىتەكلەيدىغان ، تەسەۋۋۇپ تەلىماتلىرى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە قىلىدىغان ، تەسەۋۋۇپنى چۈشىنىشنى خالايدىغانلار ئوقۇپ چىقىشقا تىگىشلىك بىر ياخشى كىتاب بولۇشقا لايىق كىتابتۇر.






«جالالىدىن رۇمى» نامىلىق كىتابتىكى مەن ئاستىغا سىزىپ قويغان قۇرلار:




ئەركىن پىكىر مەھسۇلىدىن كۆپ ھاللاردا ئەزگۇچىلەر ھەممىدىن بۇرۇن بىرىنجى بولۇپ بەھرىمان بۇلىدۇ (11)




كۆڭۈلدە ئىنسانلارغا مۇھەببەت بولمايدىكەن، ھەرقانچە بۈيۈك ئىلمۇ-دانىشمەنلىكمۇ پايدىسىز، ھەتتاكى يىرگىنىچلىك. دەرۋەقە ، بۇنداق چاغدا ئىلمۇ- دانىشمەنلىك قانچىلىك ئۇلۇغ بولس شۇنچىلىك دەھشەتلىك بۇلاتتى. (22)






بىزمۇ بىر سايە خالاس. خۇددى سايىگە ئوخشاش «لاپ» لا قىلىمىز -دە ، غايىپ بولىمىز. بىز پەقەت كۆكسىمىزدە يېنىپ ، باشقىلارغا ئوت تۇتاشتۇرغۇچى. (61)




سىز بىلەن مەن ئۆزىمىز بىلىۋالغان تۇرمۇش قانۇنىيەتلىرىنى ھەقىقەت دەپ ئېيتىمىز. ئەمما ، دانىشمەننىڭ بېشىغا قۇنىۋالغان قۇش ئۇنىڭدىن بەكرەك يىراقنى كۆرەلەيدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇنىڭ نەزىرىنىڭ ئۆتكۇر ، ئۆزىنىڭ ئەقىللىق ئىكەنلىكىدە ئەمەس ، بەلكى ئۇنىڭ بىرئاز ئىگىزرەكتە تۇرغانلىقىدىندۇ (61)




تىرىك ئىكەنسەن ، ئۆزۈڭدىن كۆرە دۇرۇسراق ۋە لايىق بىر نەرسە قالدۇرۇش ئۈچۈن ئۈمىدنىڭ شىۋىرلىشىغا ئۇچماي ئىشلىشىڭ، تىنماي جاپا چىكىشىڭ كېرەك. ئېھتىمال ، شۇ چاغدىلا ئەۋلادلار بىز قىلالمىغاننى قىلار ، بىز يىتەلمىگەنگە يېتەر. (65)




ئادالەت يۈكىنى ئوتۇنچىنىڭ تارازىسىدا ئەمەس، زەرگەرنىڭ تارازىسىدا تارتىش كېرەك (66)




ئادەملەر مىسالى ئەينەك، ئۇلارنىڭ گۇناھىدا سىنىڭ گۇناھلىرىڭ ئەكىس ئىتىدۇ . (69)




ئۆز رۇھىي دۇنيايىڭنى بىلىش ۋە ئىگەللەش بىر چاغلاردا ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننىڭ يەر يۇزىنى ئىشغال قىلغىنىدىنمۇ مۇشكۇلرەك. لېكىن ھەممىدىن مۇشكۇلى كىيىن كىلىدۇ ، ھەممىنى ئۇقىسەن. ئەمما دۇنيادىكى تەلۋىلەرگە قاراپ ، ئۇنى زەررىچە بولسىمۇ ئۆزگەرتىش قولۇڭدىن كەلمەيدۇ ! قىيىندىن - قىيىن مەسىلە مۇشۇ ! (71)




ئىلىم نانغا ئوخشايدۇ . ئون پاتمان ناننى كۆتۈرۈش ئوڭاي ، ئەمما يىيىش قىيىن (84 )




قوينىمۇ ، ئۆچكىنىمۇ ئۆزىنىڭ پۇتىدىن ئاسىدۇ . (85)




ئۆز يۈزۈڭ ، پەرزەنتلىرىڭنىڭ نامۇ نۇمۇسى يۇرۇق ۋە ساپ بولسۇن دېسەڭ ، ئايالىڭ بىلەن ئۆتكەن ھەربىر كۈنۈڭ توي ، ھەر بىر كېچە توي ئاخشىمى بولغاي ( 133)




قاراڭغۇلۇققا كۆنۈپ قالغان كۆزلەر قوياش نۇرىغا چىدىيالمايدۇ . (137)




ئايال كىشىگە تەبىئەتتىن بەخىش قىلىنغان نەرسىنى ئەر كىشى پەقەت جاسارەت بىلەن قولغا كەلتۇرەلەيدۇ . (142)




ھەققانىيلىق ئۇنىڭغا خۇشاللىق ئەمەس ، قايغۇ كەلتۇرىۋاتاتتى .


ھېكمەت كۆپ جايدا ، قايغۇمۇ كۆپ .(166)




دېڭىز دولقۇنىنى توختىتىش مۇمكىن ئەمەس ، لىكىن ئۇنىڭغا بەرداشلىق بىرىش مۇمكىن . (171)




ھەر بىر ئادەم بىردىنبىر ۋە تەكرارلانماس بىر ئالەم .(175)




كىمىكى دۇنيانىڭ غېمىنى يىمەي ، ئۆز مەنپەتىنىلا ئويلىسا ، بىر ئۆزى ئۈچۈنلا كۆيۈپ - پىشسا ، ئۇ ئىنسان ئەمەس ، بەلكى بىر قۇرالدۇر . (193)




ھەقىقي ھاكىمىيەت ئادەملەر ئۇستىدىن ئەمەس ، ئۇلارنىڭ قەلبى ئۈستىدىن قارار تاپىدۇ .(196)




مىنىڭ گېپىمنى ئاڭلاڭلار دېمەكچى بولساڭ ، سۆزۈڭنىڭ سالمىقى بولسۇن .(243)




ئۇ خانىقا ، مەدرىسلەرگە كۆنەلمەيتتى. خانىقالاردا شەيىخ تەرىپىدىن تۇرغۇزۇلغان تەرتىپلەرگە بويسۇنۇش ، يىغىنلارغا قاتنىشىشقا توغرا كىلەتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكىنى بۇغۇشنى خالىمايتتى .(268)




ئىلىممۇ ، ئىمانمۇ - مەقسەت ئەمەس ، ۋاستە . مەقسەت - مۇكەممەل ئىنسان ، ئىنسانىي كامىل. ( 285)



دۇنيادىكى بارلىق نەرسە ئىنسان ئۈچۈن ، پەقەت ئىنسان ئۆزى - ئۆزى ئۈچۈندۈر .( 285)




سەن ھەممە نەرسىنى ئۇنتۇشۇڭ مۇمكىن ،پەقەت بىرلا نەرسىنى - دۇنياغا نېمە ئۈچۈن كەلدىڭ ؟ شۇنى ئۇنۇتمىساڭ بولغىنى. ئۆزۈڭنى ئەرزىنىگە ساتمىغايسەن ، جەزمەن باھايىڭ ئۈستۈن ! (286)




ھەرقانداق ئىنسان كامالەتكە يېتىشى مۇمكىن، شۇڭا ھەربىر ئادەم مۇقەددەستۇر .(295)




ئاۋام پەقەت ئۇلۇغ ئىنسانلاردا ئۆزىگە ئوخشاش جەھەتلىرىنىلا كۆرىدۇ، ئوخشىمايدىغان جەھەتلىرىنى تەن ئېلىشنى خالىمايدۇ ، قوبۇل قىلمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ « ئۆز يۇرتۇڭدا پەيغەمبەر يوق» دەپ بىكارغا ئېيتمىغان بولسا كېرەك. (350)




بەزىدە تىرىكلەرنى پەسكە چۆكۈرۈش ئۈچۈن ئۆلۈكلەر ئاجايىپ ماختىلىدۇ.( 350)




دۇنيادىكى زىندانلارنىڭ ئەڭ دەھشەتلىكى ، ئادەمنىڭ بېشىدىكى زىندان . (358)




ئادەم پۈتۈن ئالەمنى ئۆزىگە قارىتالايدۇ. ئادىمىيلىككە خاس ھەممە نەرسە ئۇنىڭ ئۆز ئالىمىگە ئايلىنىدۇ. ئۇ ئۆز شىئىرلىرىدا ئۆزىنىڭ مۆجىزىكارلىقى توغۇرلۇق ئەمەس ، يەر يۇزىدە ئىنسان بولۇش مۆجىزىسى ھەققىدە ، ئىنساننىڭ چەك - چىگىرىسىز ئىمكانىيەتلىرى توغۇرلۇق سۆزلەيتتى .( 363)




ئىرىشكىنىگىلا قانائەت قىلىش - مەنىۋى ئۆلۈم ، زامان بىلەن ھەمنەپەس بولۇپ ، بىرلىكتە قەدەم تاشلاش - ھاياتلىق. (367)


yawuzbag يوللانغان ۋاقتى 2012-8-1 11:02:25

بۇمۇ بەك ياخشى ئىش ئىكەن.مەن يېقىندا «ئېغىر تىنىقلار»دىگەن روماننى ئۇقۇپ تۇگەتتىم.ھازىر «بەختسىز سەئىدىيە»نى ئۇقۇۋاتىمەن.

بۇ تىمىنى مەخسۇس كىتاپ ئۇقۇش خاتىرىسى قىلىۋالساق بولغۇدەك دەپ ئويلاپ قالدىم.

elbilge يوللانغان ۋاقتى 2012-8-1 11:32:20

ئەي ئىنسان،سەن ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ تەڭرىدۇرسەن!

-جالالىدىن رۇمى

yigana0998 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-1 15:12:32

مەن يىقىندا << ھاياتلىق زەنجىرى >> رومانىنى ئوقۇپ تۈگەتتىم.

ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىننىڭ << تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسى>> دىگەن كىتابىنى ئوقۇشنى باشلىماقچى.

atarut يوللانغان ۋاقتى 2012-8-1 17:36:47

رادىي فىش يازغان جالالىدىن رۇمى دىگەن كىتابنى 15يىل بۇرۇن ئوقۇغان ئىدىم. ھەقىقەتەن ياخشى كىتاب.  

«ئۆزۈڭنى ئەرزىنىغا ساتمىغايسەن، سىنىڭ باھايىڭ جەزمەن ئۈستۈن.»       بۇ گەپ ماڭا ھازىرغىچە كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىپ كەلدى.

كۆزۈڭنى يۇم، كۆزگە ئايلانسۇن كۆڭۈل.            (جالالىدىن رۇمى)

atarut يوللانغان ۋاقتى 2012-8-1 17:41:32

سوۋىت ئىتتىپاقى يازغۇچىلىرىنىڭ مۇشۇنداق بىئوگرافىك رومانلىرى خىلى كۆپ بولسا كىرەك. مەن يەنە بىر سوۋىتلىك يازغۇچىنىڭ «نەسىردىن ئەپەندى» دىگەن رومانىنىمۇ ئوقۇغان ئىدىم.خىلى يامان ئەمەس.  ئۇلارنىڭ باشقا مىللەت كىشىلىرىنىڭ ھاياتى ئۈستىدىكى ئىزدىنىشلىرى دۆلىتىمىزگە قارىغاندا بىر ئاز چوڭقۇرراق بولسا كىرەك.

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-1 17:45:05

ئىرىشكىنىگىلا قانائەت قىلىش - مەنىۋى ئۆلۈم ، زامان بىلەن ھەمنەپەس بولۇپ ، بىرلىكتە قەدەم تاشلاش - ھاياتلىق.

-------------------------------------------------------------------------------

ئەلا كەتتى \"\"

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2012-8-1 18:18:50

ئەركىن پىكىر مەھسۇلىدىن كۆپ ھاللاردا ئەزگۇچىلەر ھەممىدىن بۇرۇن بىرىنجى بولۇپ بەھرىمان بۇلىدۇ.

-------------------------------------------------------------------



يۇقىرىقى نەقىلدىن چىقىپ تۇرۇپتۇكى، بۇ سىنىپىي كۆرەش تېمىسىدىكى بىر ئەخلەت رومان.

پەقەت مەۋلانا جالالىددىن رومىنىڭ رىۋايەت تۈسىگە ئىگە ھاياتىلا ئۇنى ئاز تولا رومان ھالىتىگە كىرگۈزگەن. ئۆزلىرىنى ئەخمەتجان ئوسماننى دوراپ مۇتەسسەۋۋۇپ دەپ جاكارلاشقا ئالدىراپ كەتكەن، ئەمەلىيەتتە تەسەۋۋۇپنى زادىلا چۈشەنمەيدىغان بىر قىسىم گۇڭگىچىلار بۇ كىتابنى كۆككە كۆتۈرۈپ كېتىشتى. ئۇلار ئۆز مەنپەتى ئۈچۈن خالىسا مىللەتچى بولىۋالىدۇ، خالىسا دىندار بولىۋالىدۇ، خالىسا مۇشۇنداق سىنىپىي كۆرەش تېمىسىدىكى قىپ قىزىل ئەسەرنى كۆككە كۆتۈرۈپ چىقىدۇ، گاھىدا جۇ تاۋدەك جۇڭگۇدا ئادەتتىكى يازغۇچىلار قاتارىدا ئاران سانىلىدىغان بىر يازغۇچىنى كۆككە كۆتۈرىدۇ.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2012-8-1 18:20:54

ماۋۇ ھازرىتىلى دېگەن پۇرولېتارىيات جەڭچىسىمۇ روماننىڭ ئىچىدىكى ئەڭ تايىنى يوق گەپلەرنى تاللاپ ياقتۇرۇپتۇ.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2012-8-1 19:20:37

ئەسكەرتىش:

ئاۋۇ يەردە گۇڭگىچىلار دەپ نەزەردە تۇتقىنىم 80- يىللاردىن بېرى بۇ كوچىدا سۆرىلىپ يۈرگەن بىر قىسىم تەقلىدچىلەرنى، توختىماي ئەخمەتجان ئوسمانغا تەقلىد قىلىدىغان، ئۆزى ھازىرغىچە بىرەر پارچە ئىجادىي نەرسە يېزىپ باقمىغان، جامائەت ئەربابلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

ئە. ئوسماننىڭ ئۆزىنى ۋە يېقىندىن بېرى ئىزدىنىۋاتقان ھېچنىمىزمچى بالىلارنى كۆرسەتمەيدۇ.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-8-1 19:33:34

تەسەۋۋۇپنى تۈزۈك بىر چۈشىنىپ بېقىش مەقسىتىدە، ھۆرمەتجان فىكرەتنىڭ تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسى دېگەن كىتابىنى ئوقۇپ باقتىم، يۈز بەتتىن سەل ئېشىپلا ئوقۇش خوش ياقمىدى. ئومومەن، ئاپتۇر ئۆزىنى ئىسلامنىڭ سىرتىدا قويۇپ تۇرۇپ، ئىسلام ھەققىدە تەپەككۇر قىلىپ يېزىلغان كىتابلار خوش ياقمايدىكەن.

hebib يوللانغان ۋاقتى 2012-8-1 19:38:39

ئالدىنقى قېتىم بۇ كىتاپنىڭ گېپى چىققاندا سوۋىتلىكلەرگە تازا ئىشەنمىگەچكە، بولسا رادىي فىش دېگەن مۇشۇ كىشى توغرىلىق بىر ئىزدىنىپ باققان بولساق...دېگەنتىم. (ئۆزىدىن يەتتە-سەككىزيۈز يىل بۇرۇن ياشىغان بىر ئادەمنىڭ روھىي دۇنياسىنى ، ئوي - پىكىرلىرىنى توغرا ئىپادىلەپ بېرىش ئاسان ئەمەستە~. ئۇنىڭ ئۈستىگە روماندا رۇمىينىڭ ئوي-خىياللىرى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان بىر قىسىم ئىددىيەلەر ، چۈشەنچىلەر... زادى يازغۇچىغا تەۋەمۇ ياكى رۇمىينىڭ ئۆزىگىمۇ بۇنىمۇ بىر نېمە دېيىش قىيىن.)


بايا شۇنداقلا گوگىللاپ باقسام  شۇ كىشى ۋە بىر قىسىم ئەسەرلىرى توغرىلىق مەلۇماتلار چىقىپ قالدى.


http://www.worldcat.org/wcidentities/lccn-n84-3684


http://books.google.com.hk/books/about/Zhaloliddin_Rumi%C4%AD.html?id=pl8EGwAACAAJ



ئىشقىلىپ ياخشى كىتاپ.


================================



كىتاپنىڭ گېپى چىقسىلا يازغۇچىلارنىڭ جېڭى باشلىنىدۇ. \"\"


Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2012-8-1 19:43:01

گوگۇلدىن چىقسىلا ياخشى كىتاب بولامدۇ؟

قايسى يازغۇچىلارنىڭ جېڭى باشلىنىپتۇ يولداش ئەۇبىبۇ توڭزى؟

otkur1 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-1 20:13:49

Mollamushuk سىز يامان دېسىڭىزلا يامان بولۇپ قالامدۇ. ئۇ ياخشى كىتاپ.

Jawhariy يوللانغان ۋاقتى 2012-8-1 20:16:46

4- قەۋەتتىكى yigana0998نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن يىقىندا << ھاياتلىق زەنجىرى >> رومانىنى ئوقۇپ تۈگەتتىم.

ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىننىڭ << تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسى>> دىگەن كىتابىنى ئوقۇشنى باشلىماقچى.

       «تەسەۋۋۇپ پەلىسەپىسى» دېگەن كىتاب ئالىمىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ ئەمەس، بەلكى ھۆرمەتجان ئابدۇراخمان فىكرەتنىڭ كىتابىمىكىن ديمەنغۇ؟...

shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2012-8-1 20:17:15

مەۋلانا جالالىددىن رۇمىينىڭ تۈركچە شېئىرلىرىنى بەك ياقتۇرىمەن، ھەربىر مىسرالىرىدىن بۈيۈك ھېكمەتلەر تامىدۇ.  \"\"

otkur1 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-1 20:18:10

Mollamushuk سىزنىڭ ئەسەر باھالاش تالانتىڭىز يامان ئەمەسكەن. مېنىڭچە سىز نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاش كومېتىتىدا ئىشلىسىڭىز بولغۇدەك

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2012-8-1 20:27:59

2- قەۋەتتىكى elbilgeنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەي ئىنسان،سەن ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ تەڭرىدۇرسەن!

-جالالىدىن رۇمى


شەرقسۇناسلار تاپقان گەپ ئەمەستۇ بۇ؟

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2012-8-1 20:32:48

ئىنقىلابىي ئامما، ياقتۇرساڭلار ياقتۇرىۋېرىڭلار. مەن پەقەت ئۆزۈمنىڭ قارىشىمنى دېدىم.

مەن ئۇ كىتابنى ئەخلەت دەپ قارىدىم.

چۈنكى مەن جالالىددىن رۇمىنىڭ ئۆز ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئالدىدا ئاۋۇ سوۋېتنىڭ رومانى ئەخلەت بولۇشقىمۇ شەرتى توشمايدۇ.

atarut يوللانغان ۋاقتى 2012-8-1 23:13:33

ئەخلەت بولۇشقىمۇ شەرتى توشمامدا؟  سىزنىڭ ئەخلەتكىمۇ شۇنچە يۇقىرى تەلەپ قويغىنىڭىزنى كۆرۈپ باياتىنقى بىر تەرەپلىمە گەپلىرىڭىزدىن ئەمدى ئەجەبلەنمىدىم. رۇمىنىڭ ئەسەرلىرى دەرۋەقە ئېسىل ئەسەرلەر. بىراق رۇمى ھەققىدە يىزىلغان ئەسەرلەرچۇ؟ بۇنداق ئەسەردىن كۆپرەك بولغان بولسا سىلىشتۇرۇپ، باھا بەرگەن بولساق ئاندىن توغرا بولاتتى. بىز ياقتۇرساق ياقتۇرىۋىرىمىز.   ئىنقىلابى ئامما بولاپ كەتسەكمۇ ئوقۇيمىز تازا!
بەت: [1] 2
: «جالالىدىن رۇمى» ناملىق كىتابنى ئوقۇدۇم