snake يوللانغان ۋاقتى 2012-7-31 23:23:26

خاتىرە كومپىيۇتېرنىڭBIOSمەخپى نومۇرىنى ئۇنتۇپ قالدىم .

كىم بەلگىلەپ قويغانلىقىنى ئۇقمىدىم ، مەخپى شىفىرنى قەتئىي تاپالمىدىم ،قانداق ئەسلىگە كەلتۈرىمەن؟ خاترە كۆمپىيۇترنىڭ ئىچىدىكى توپا -چاڭنى قانداق تازلايمىز ؟


ياردەم قىلساڭلار .

kahxal يوللانغان ۋاقتى 2012-8-1 08:49:10

ئۈستەل كومپىيۇتىرى بولسىغۇ ئاساسىي تاختىنىڭ باتارىيسىنى ئىلىپ سالساق بولىدىغان ، خاتىرە كومپىيۇتىرنى قانداق ئوڭشايمىزكىن جۇمۇ... توپا چاڭغا كەلسەك ئىچىنى ئېچىپ ، پۈۋلەيسىز شۇ....

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2012-8-1 08:54:20

كومپىيۇتېر نورمال قوزغىلالىسا، cmos قا كىرگەندە پارول سورىسا، ئۇنداقتا، dos ھالىتىدە debug بۇيرۇقى ئارقىلىق پارولنى ئۆچۈرگىلى بولىدۇ. ئىىسمدە قىلىشىچە، بۇيرۇقى مۇنداق ئىدى.

debug

o 70 10

o 71 10

p

ياكى

debug

o 70 10

o 70 11

p

ناۋادا ماس كەلمىسە debug cmos ئاچقۇچلۇق سۆز ئارقىلىق گوگۇللىسىڭىز، باشقا پارامىتېرلىرى ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇللىرىنى تاپالايسىز.

toghrak يوللانغان ۋاقتى 2012-8-1 09:12:04

1- قەۋەتتىكى kahxalنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۈستەل كومپىيۇتىرى بولسىغۇ ئاساسىي تاختىنىڭ باتارىيسىنى ئىلىپ سالساق بولىدىغان ، خاتىرە كومپىيۇتىرنى قانداق ئوڭشايمىزكىن جۇمۇ... توپا چاڭغا كەلسەك ئىچىنى ئېچىپ ، پۈۋلەيسىز شۇ....



باتارىيىنى ئېلىپ قايتا سالساممۇ شىفىر يىشىلمەي سېستىمىنى قايتا قاچىلاتتىم، بۇ قانداق بولغىنى؟

xamxat يوللانغان ۋاقتى 2012-8-1 10:04:38

خاتىرە كومپىيۇتىرنىڭ مەخپىي نۇمۇرىنى ئۇنىڭ ئاساسىي تاختىسىدىكى安 全 芯 片 ياكى 麻片دەيدىغان ئۈزەكچە ساقلايدۇ ، خاتىرە كومپىيۇتىرنىڭ مەخپىينۇمۇرىنى cmos باتارىيسىنى ئىلۋەتكەنلىك بىلەن ئەسلىكگە كەلتۇرگىلى بولمايدۇ ،بىردىن بىر ئامال bios پىرگوراممىسىنى مەخسۇس يازىدىغان ئۇسكىنە ئارقىلىق يازغاندا ئاندىن ئەسلىگە ئەكەلگىلى بولىدۇ . باشقا ئامال ئىزدەيمەن دەپ ئاۋەرە بولماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن ..

ئەگەر سىزئۈرۈمچىدە بولسىڭىز بۇ ئىشنى پەقەت بىرنەچچە ئورۇندىلا ھەل قىلالايدۇ ...مەن سىزگە ئالاقىلىشش ئادىرىسىنى قالدۇرۇپ قوياي : ئۇرۇمچى قىزىلبايراق سودا شەھەرچىسى يەر ئاستى ئىككىنجى قەۋەت ئىتقاد ئىلىكتۇرۇن تىخنىكىسى .

يەنە بىر خەنلەرنىڭ شىركىتىنىڭ ئادىرىسىنى قالدۇرمىدىم ...

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2012-8-1 10:05:43

3- قەۋەتتىكى toghrakنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1- قەۋەتتىكى kahxalنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۈستەل كومپىيۇتىرى بولسىغۇ ئاساسىي تاختىنىڭ باتارىيسىنى ئىلىپ سالساق بولىدىغان ، خاتىرە كومپىيۇتىرنى قانداق ئوڭشايمىزكىن جۇمۇ... توپا چاڭغا كەلسەك ئىچىنى ئېچىپ ، پۈۋلەيسىز شۇ....



باتارىيىنى ئېلىپ قايتا سالساممۇ شىفىر يىشىلمەي سېستىمىنى قايتا قاچىلاتتىم، بۇ قانداق بولغىنى؟



ھەي بوڭقۇش قىز ، سىز دېگىنى مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ مەخپىي نومۇرى

Antonio يوللانغان ۋاقتى 2012-8-1 10:36:59

ئەگەر كومپيۇتېرىڭىز DELLماركىلىق بولسا 200يۆەن خەجلەيسىز، باشقا ماركىلقنى بىلمىدىم، ئەڭ ياخشىسى سىز سىتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمەت تېلفونىغا تېلفون قىلىڭ.

Aziz يوللانغان ۋاقتى 2012-8-1 10:59:58

snakeنىڭ تېمىسىدىن نەقىل

كىم بەلگىلەپ قويغانلىقىنى ئۇقمىدىم ، مەخپى شىفىرنى قەتئىي تاپالمىدىم ،قانداق ئەسلىگە كەلتۈرىمەن؟ خاترە كۆمپىيۇترنىڭ ئىچىدىكى توپا -چاڭنى قانداق تازلايمىز ؟


ياردەم قىلساڭلار .



ئەھۋالنى سەل تەپسىلى بايان قىلسىڭىز تېخىمۇ ياخشى جاۋاپ چىقىپ قىلىشى مۇمكىن. مەسىلەن، كومپيۇتېرنىڭ ماركىسى، تىپ نومۇرى، مەشغۇلات سىستېمىسى قوزغىلامدۇ... قاتارلىقلار.


مېنىڭ بېشىمغا بۇنداق ئىش كېلىپ باقمىغان. تېمىڭىزنى ئوقۇپ، ناۋادا بۇ ئىش مېنىڭمۇ بېشىمغا كېلىپ قالسا، قانداق قىلارمەن دەپ ئويلاپ، توردىن ئۇچۇر ئىزدەپ باقتىم. تۆۋەندىكىسى بىر قانچە ھەل قىلىش چارىلىرى ئىكەن. پايدىلىنارسىز: (رەسمىيئاسان دىن غەيرى رەسمى ۋە قىيىنلىق دەرىجىسى بويىچە تىزىلدى)


كومپيۇتېرنى ئىشلەپچىقارغان زاۋۇت-شىركەتنىڭ خېرىدارلار مۇلازىمىتىگە بىۋاستە تېلېفۇن قىلىپ ياردەم سوراش. ناۋادا كومپيۇتېرىڭىز تېخى مۇلازىمەت مۇددىتى ئىچىدە بولسا ياردەمگە ئېرىشىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن ئىكەن. (بۇ يەردە مۇمكىن دېيىشتىكى سەۋەپ، سىز بەلكىم يەنە ئۆزىڭىزنىڭ ئەسلى سېتىۋالغۇچى ئىگىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغاندەك قىلىسىز. چۈنكى خاتىرە كومپيۇتېر ئوغىرلانغان ياكى ئەسلى ئىگىسىنىڭ بولمىسا، ھەم بايوسقا ئىم بېكىتىلگەن بولسا، ئىچىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكى كۆزدە تۇتۇلىدىكەن.)


يۇقۇردىكى ئامال ئاقمىسا، كومپيۇتېرنىڭ ئىشلەتكۈچىلەر قوللانمىسى دەپتىرىنى كۆرۈش ياكى ماركا تىپ نومۇرىغا ئاساسەن ئېلېكتىرونلۇق قوللانمىسىنى توردىن تېپىپ كۆرۈش. بۇ دەپتەردە، مۇشۇ ئىمنى تازىلاش ۋە قايتىدىن بېكىتىش يوللىرى تونۇشتۇرۇلۇش ئېھتىماللىقى بولىدىكەن. ئىچكى ساقلىغۇچ ياكى قاتتىق دىسكا بار يەردىكى قاپنىڭ ۋېنتىسىنى بوشىتىپ، شۇ يەرنى ئېچىپ قارىسا، شۇ يەردە بەزى توك يولى ئۇلانمىلىرى (جامپىر) بار دېيىلىپتۇ. شۇ نەرسە ئارقىلىق مەقسەتكە يەتكىلى بولىدىكەن.


بۇمۇ ئاقمىسا، ھەم مەشغۇلات سىستېمىسى نورمال قوزغالسا، بەزى يۇمشاق دېتاللارنىڭ ياردىمى بىلەن، مەشغۇلات سىستېمىسى ئۈستىدە تۇرۇپ، بەزى مەقسەتكە يەتكىلى بولارمىش. لېكىن بۇنىڭدا، يەنىلا كومپيۇتېرنىڭ ماركىسى تىپى، بايوسنىڭ ماركىسى نەشرى قاتارلىق نۇرغۇن تەپسىلى ئۇچۇرلارنى بىلىشىڭىز ۋە مۇشۇ ئارقىىلىق توردىن ئۇچۇر ئىزدەپ، ئىمنى يېشىدىغان پىروگراممىنى توردىن تاپىدىكەنسىز.


مەشغۇلات سىستېمىسىمۇ قوزغالمىسا، ئۇ ۋاقىتتا كومپيۇتېرنى چۇۋۇپ، ئانا تاختىغا پاياتلىۋېتىلگەن بايوس باتارىيەسىنى تېپىپ، داغمال بىلەن، بۇ پاياتلىۋېتىلگەن باتارىيەنىڭ بىر پۇتىنى ئانا تاختىدىن ئاجىرتىپ ئالىدىكەنسىز. بىرەر مىنۇتتىن كېيىن قايتا پاياتلاپ، ئۇلاپ قۇيىدىكەنسىز.


تازىلاشقا كەلسەك، يەنىلا ئىچىنى چۇۋۇيدىغان گەپ. بۇنداق ئىنچىكە ئىشقا ئانچە ئېپىڭىز بولمىسا، مەخسۇس مۇشۇ كەسپنى قىلىدىغان ئورۇنغا ئاپىرىپ، ھەق بېرىپ بولسىمۇ تازىلاتقىنىڭىز ئەۋزەل.


يۇقۇرىدا سورالغان تەپسىلى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىسىڭىز، تېخىمۇ ياخشى چارىلەر چىقىپ قېلىشى مۇمكىن.

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2012-8-1 11:45:03

ۋىندوۋس مۇھىتىدا تۇرۇپ bios قا تەھرىرلەش ئېلىپ بارغىلى بولىدىغان دىتاللار بولىدىغان . شۇ دىتاللارنى ئىزدەپ باقامسىز ؟

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2012-8-1 13:29:37

bios نىڭ باتارىيسىنى ئېلىۋىتىپ بىرەر مىنۇتتىن كىيىن قايتا سالسىڭىزمۇ bios تولۇق تازلىنىشى ناتايىن ، باتارىيەنى ئېلىۋەتكەندىن كىيىن باتارىيە سالغان ئورۇننىڭ ئىككى قۇتۇبىنى ئۆز ئارا تۇتاشتۇرۇپ ماسلا قىلىۋىتىش ئارقىلىق كوندىساتورلاردا ساقلىنىپ قالغان توكنى تولۇق قويىۋىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ . ئاندىن باتارىيەنى (ئادەتتە 3 ۋولىتلىق تۇگمىسىمان باتارىيە ئىشلىتىلىدۇ ) قايتا سالسىڭز (دىققەت ، پىلۇس مىنۇس قۇتۇبىنى توغرا سېلىڭ ، بولمىسا .... \"\" )بولىدۇ .

ئادەتتە بۇخىل ئۇسۇل ئارقىلىق كۆپ قىسىم bios نىڭ مەخپى نۇمۇرىنى يىشىۋىتىپ ، bios نەشىرىنى ئانا تاختا زاۋۇتتىن چىققان ھالىتىگە قايتۇرۇشقا بولىدۇ .

talmas يوللانغان ۋاقتى 2012-8-1 14:07:16

خاتىرە كۇمپىيوتىرنىڭ قارغاندا سەل ئاۋارىچىلىق ئۇخشايدۇ.

http://www.7kai.net/article.aspx?id=140يەردەبىر قانچە تۈرلۈك يىشىش ئۇسۇلى باركەن ،سىناپ بىقىڭ!!!!!!

kahxal يوللانغان ۋاقتى 2012-8-1 20:24:40

3- قەۋەتتىكى toghrakنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1- قەۋەتتىكى kahxalنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۈستەل كومپىيۇتىرى بولسىغۇ ئاساسىي تاختىنىڭ باتارىيسىنى ئىلىپ سالساق بولىدىغان ، خاتىرە كومپىيۇتىرنى قانداق ئوڭشايمىزكىن جۇمۇ... توپا چاڭغا كەلسەك ئىچىنى ئېچىپ ، پۈۋلەيسىز شۇ....



باتارىيىنى ئېلىپ قايتا سالساممۇ شىفىر يىشىلمەي سېستىمىنى قايتا قاچىلاتتىم، بۇ قانداق بولغىنى؟



bios بىلەن سىستىمىنىڭ مەخپىي نومۇرى ئىككىسى ئىككى ئىش..سىستىمىنىڭ شۇنداق ئاددى.. bios نىڭ تەسرەككەن شۇ....

newstar يوللانغان ۋاقتى 2012-8-1 22:27:39

قۇشقاچ بولسىمۇ قاسساپ سويسۇن دېگەن گەپنى چۈشەنسىڭىز.ئەڭ ياخشىسى كومپيۇتېرىڭىزنىڭ ماركىسىغا ئاساسەن سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت ئورنىغا ئاپىرىڭ..بولمىسا چالا تېۋىپ ئادەم ئۆلتۈرەر دېگەندەك ئاقىۋەتكە قالىسىز،يا بولمىسا چاپىقىنى ئالىمەن دەپ قارىغۇ قىلىسىز. ئاندىن كاجنى بازار ئوڭشايدۇ،ساراڭنى مازار دېگەن گەپنىڭ چۇڭقۇر مەنىسىنى چۈشىنىپ قالىسىز...

yagma يوللانغان ۋاقتى 2012-8-1 22:38:29

12- قەۋەتتىكى newstarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قۇشقاچ بولسىمۇ قاسساپ سويسۇن دېگەن گەپنى چۈشەنسىڭىز.ئەڭ ياخشىسى كومپيۇتېرىڭىزنىڭ ماركىسىغا ئاساسەن سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت ئورنىغا ئاپىرىڭ..بولمىسا چالا تېۋىپ ئادەم ئۆلتۈرەر دېگەندەك ئاقىۋەتكە قالىسىز،يا بولمىسا چاپىقىنى ئالىمەن دەپ قارىغۇ قىلىسىز. ئاندىن كاجنى بازار ئوڭشايدۇ،ساراڭنى مازار دېگەن گەپنىڭ چۇڭقۇر مەنىسىنى چۈشىنىپ قالىسىز...

يېڭى يۇلتۇز دىگەن دوستىمىز تۆت ئېغىز ماقال-تەمسىل بىلەنلا ھەممە ئىشنى بىر تەرەپ قىلۋىتىپتىغۇ! مەكتەپتە ئەدەبىيات دەرسىنى راۋۇرۇس ئوقۇپتىكەنسىز ھە!!! تالانت بار يەردە بار دە.

newstar يوللانغان ۋاقتى 2012-8-2 16:14:27

مەن كومپيۇتېر كەسپىنىڭ.مۇشۇ كەمگىچە خاتىرە كومپيۇتېرنىڭ مەخپى نۇمۇرىنى بۇزىمەن خاپىلىقنى چوڭايتىۋەتكەن ئىشنى كۆپ كۆرۈپ كەتتىم.شۇڭا بۇرادىرىمىزنىڭ ئورۇنسىز زىيان تارتىشىنى خالىمىدىم.يەنە كېلىپ كۆپىنچە سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت ئورۇنلىرىدامەخپى نۇمۇرنى ئېچىپ بېرىش كەسپى ھەقسىز ...ئىشنى ئاسانلاشتۇرۇڭلاركى ھەرگىز تەسلەشتۈرۈۋەتمەڭلار....

snake يوللانغان ۋاقتى 2012-8-15 10:23:55

كومپىيۇتېر TOSHIBA L600-26Sـ تىپلىق ،سېتىشتىن كېينكى مۇلازىمات ئورنىدىكىلەر قورقىدىكەن .

مەن ئاقسۇ شەھىرىدە .
بەت: [1]
: خاتىرە كومپىيۇتېرنىڭBIOSمەخپى نومۇرىنى ئۇنتۇپ قالدىم .