Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-7-31 21:25:55

كارتۇن: گۆش قاتلىما يامغۇرى


كىنو ئىسمى: گۆش قاتلىما يامغۇرى  美食从天而降  Cloudy with a Chance of Meatballs


دۆلىتى: ئامېرىكا

قويۇلغان ۋاقتى: 2009- يىلى 9- ئاينىڭ 18- كۈنى

تارقاتقان شىركەت: SONY






بۇ فىلىمنى ھوللىۋۇد سونىي كىنوچىلىقى بايرىقى ئاستىدىكى كولومبىيە كىنو شىركىتى ۋە IMAX شىركىتى بىرلىشىپ ئىشلىگەن سونىينىڭ تۇنجى ئۈچ د كىنوسى. ئۇنىڭ ئۈچ د ئالاھىدە نەشىرىنى، سونىي كىنو كارتۇن شىركىتىنىڭ بوشلۇق سىزىم 3d بۆلۈمى، دۆلەت دەرىجىلىك ئەڭ يېڭى ئۆلچەم بويىچە قايتىدىن تەھرىرلەپ چىققان.





«گۆش قاتلىما يامغۇرى ئۇيۇنى» بولسا، مەزكور كىنودىكى ۋەقەلىكلەرنى ئۇيۇنچىلارغا نامايەن قىلغان بولۇپ، PS3، ياپۇننىڭ ئائىلە ئۇيۇن ماشىنىسى Wii، مىكروسوفتنىڭ ئۇيۇن ماشىنىسى XBox، يەنە Play Station ۋە ناھايىتى كۆپ ئۇيۇنچۇقلاردا ئويناشقا بولىدۇ، ھەتتا بۇ ئۇيۇننىڭ 3D نەشىرىمۇ بار.




مەزكور كارتۇن، ئەر- ئايال يازغۇچىلار جۇدى باررېت (Judi Barrett ) ۋە رون باررېت (Ron Barrett) نىڭ 1982- يىلى نەشىر قىلغان ئوخشاش ئىسىملىك بالىلار رومانىغا ئاساسەن ئىشلەنگەن.



ئەلۋەتتە، ئاتا- ئانا بولغانلار ۋە ئاتا- ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغانلارنىڭ پەرزەنتىنى تەربىيىلەشتىكى ۋەزىپىسى بولسا، بالىلارنى ئاددىي ھالدا پىسىخىك ئېھتىياج قاتلىمىنىڭ تۈۋەن قەۋىتىدىكى ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇشلا بىلىدىغان ئادەم قىلىپ بېقىپ چىقىرىش ئەمەس، ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ بالىلىقىنى مول تەسەۋۋۇر دۇنياسىدا ياشىيالايدىغان قىلىش بولسا، ئاتا- ئانىلارنىڭ بالىلارغا ياراتقان تۇنجى ۋە ئۆمۈرلۈك بەختىدۇر.


نىمە ئۈچۈن بالىلارغا مول تەسەۋۋۇر دۇنياسىنى كېڭەيتىپ بېرىمىز؟ نىمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇرىنى قاندۇرىدىغان ۋە يىتەكلەيدىغان توغرا ئۇيۇنچۇقلارنى ئېلىپ بېرىمىز؟ ئوغۇل بالىلار پويىز ۋە ئايرۇپىلانلارنى ئويناپ تەسەۋۋۇرىدىكى ئېنژىنېر دۇنياسىدا ياشىشى كېرەك، قىزلار چىرايلىق باربى، سۇنبۇلە قونچاقلارنى يۇيۇپ- تاراپ، كەلگۈسىدىكى ھاياتىنىڭ ئۆلچىمىنى ئۆگىنىپ مېڭىشى كېرەك.


بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇرىنى قوللاش، ئۇلار چوڭ بولغاندىمۇ قوللاش بولسا شۇنچىلىك مۇھىم، مەن بۇنىڭغا ئۆزىمىزنىڭ تارىخىي قۇرۇلۇشىدىن ئىككىنى مىسال قىلىپ چۈشەندۈرەي: بىرىنچى، لۈكچۈن سىركىپ كۈپ خۇمدانلىرى، بۇلار ھازىر ئىشلىتىلمەيدۇ، بۇرۇن، كۈپ، كوزا، ئىۋرىق... قاتارلىق مۇھىم تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقارغان، لېكىن يەرگە ياتقۇزىدىغان ساپال خىشلارنى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقارمىغان. ئىككىنچى، لۈكچۈن خان سېپىلى، بۇ سېپىل توپىنى سوقۇپ ياسالغان سېپىل، ئۆتمۈشتە ساق ۋاقتىدا، بۇ سېپىلنىڭ چۆرىسىدىكى تام ئۈستىدە ئات ھارىۋىلىرى مېڭىپ يۈرەلەركەن، ھازىرقى قىسمىتى بولسا مۇنداق: دېھقانلار ھەر يىلى تۇپراقنى قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن ئوغۇتلايدۇ ۋە توپىلايدۇ، توپىلاشقا لازىملىق توپىنى ئۇلار مۇشۇ سېپىلنى كولاپ ئالغان، بۇ سېپىل بولسا قوغدىنىشقا ئىشلىتىپ ئەمەس، بەلكى ئېتىز توپىلاش ئۈچۈن كولىنىپ ۋەيران بولۇپ يوقالغان. ھازىر ئىنتايىن كىچىك خارابىسىغا مەدىنىي يادىكارلىق دەپ تاختاي تىكىپ قويغان. بۇ ئارىلىقى 10 كىلومېتىر چىقمايدىغان ئىككى قەدىمىي قۇرۇلۇشىمىزنى بىرلەشتۈرۈپ مۇنداق سۇئالنى سورايمىزكى، نىمىشقا لۈكچۈن خان سېپىلى كۈپ خۇمدىنىدا ياسىغىلى بولىدىغان ساپال خىشلاردا سېلىنمىغان؟ نىمە ئۈچۈن كوزا ياسىيالىغان ئەجدادلىرىمىز ساپال خىشلاردا تاجماھالدىن قېلىشمىغۇدەك قۇرۇلۇشلار بىلەن يۈزىمىزنى يورۇق قىلمىغان؟


يېڭىلىق يارىتىش كېرەك، كۆپ بايلىق يارىتىش كېرەك. بۇنىڭغا تاقاشقان بارلىق خۇراپىي كۆز قاراشلارنى يوقىتىش كېرەك. بىز قىلالمىغان ئىشلارنى پەرزەنتلەرنىڭ قىلالايدىغان بولۇپ چىقىشى ئۈچۈن بولسا، ئۇلارنىڭ بالىلىقىغا مول خىيالىي دۇنيالارنى ھەمراھ قىلىپ بېرىش كېرەك!



ۋەقەلىكى: ئۆسمۈر فلىنت بالا ۋاقتىدىنلا كەشپياتقا ناھايىتى ئامراق بولۇپ، زادى توختاپ قالمايدۇ، ئۇ ياسىغان سۇدىن گۆش قاتلىمىسى ياساش ماشىنىسى بۇلۇتقا چىقىپ كېتىپ، پەقەت بېلىققىلا تاينىپ ياشايدىغان ئارالدىكىلەرنى مول يىمەكلىكلەرگە ئىگە قىلىدۇ، بۇ يىمەكلىك يامغۇرلىرى ئاخىرى يىمەكلىك قارا يامغۇرغا ئايلىنىپ، فىلىنت ئۆزى ياسىغان ماشىنىنى ئۆچۈرۈۋېتىش ئۈچۈن بۇلۇتقا ئۇچۇپ چىقىدۇ... ناھايىتى كۆپ كۆرۈش نۇقتىلىرىغا ئىگە بۇ كارتۇن كىنو ھەر قانداق ياشتىكىلەرگە ماس كېلىدۇ..


كىنونى كۆرۈش: ئەلۋەتتە، كىنو ئىسمىغا ئاساسەن، ئەگەر سىزدە بىر سونىي كۆك نۇر قويغۇچ بولسا ياكى 3D لىق كۆك نۇر قويغۇچ بولسا، ماس دېسكىسىنى سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ، پەقەت بولمىسا DVD. توردىن كۆرۈش ئادرىسى: http://www.funshion.com/ تورىغا ياكى ئۇنىڭ قويغۇچىغا كىنو ئىسمىنى ئىزدىتىڭ.










natonux يوللانغان ۋاقتى 2012-7-31 21:41:52

مۇنداق كارتون فىلىملەرنى مەن ياختۇرىمەن،بىر كۆرۈپ باقاي جۇما

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-7-31 21:41:52

مەخسۇس 3D كىنو كۆرمەك ئۈچۈن خانساراي كىنوخانىسىنىڭ ئەزالىق كارتىسىنى بېجىرىپ قويدۇم، ئۈنۈمى خەلق كىنوخانىسىنىڭكىدىن پەيزىكەن، مۇھىتىمۇ پاكىز، كۆزئەينىكىمۇ يېڭىكەن. لېكىن شۇ پات-پات بارىدىغانغا چول تەگمەي كېتىپ بارىدۇ.

zaparistan يوللانغان ۋاقتى 2012-7-31 22:24:32

2- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەخسۇس 3D كىنو كۆرمەك ئۈچۈن خانساراي كىنوخانىسىنىڭ ئەزالىق كارتىسىنى بېجىرىپ قويدۇم، ئۈنۈمى خەلق كىنوخانىسىنىڭكىدىن پەيزىكەن، مۇھىتىمۇ پاكىز، كۆزئەينىكىمۇ يېڭىكەن. لېكىن شۇ پات-پات بارىدىغانغا چول تەگمەي كېتىپ بارىدۇ.



خەلق تىياتىرىنىڭ كۆزەينەكلىرى راست كونىراپ كېتىپتۇ.بايا مۇز دەۋرىنى كۆرگىچە،ساق 5 مىنۇت سۈرتۈپتىمەن

dell يوللانغان ۋاقتى 2012-8-1 04:51:03

رامىزاننىڭ ئالدىدا جىم، رامىزاندا كىنو كۆرمەي دېسەم كۈندە كىنونىڭ ئۇچۇرى... \"\"

fireuyghur يوللانغان ۋاقتى 2012-8-1 10:24:41

باچكا،سىز لۈكچۈنلۈكما؟ھەجەپ ئوبدان بىلىدىكەنسىيا مىنىڭ يورتومنى؟

كەچۈرۈڭلار تورداشلار،تىمىغا مۇناسىۋەتسىز پاراڭ بۇلۇپ قالدى.

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2012-8-1 10:36:27

ماۋۇ فىلىمنىڭ IMDB يۇقىرى ئىكەن

【IMDB链接】http://6movie.org/topics/tt0844471/

【IMDB评分】7.4/10 (5,837 votes)



كۆرسەك بولغۇدەك \"\"

joshua يوللانغان ۋاقتى 2012-8-1 11:38:58

5- قەۋەتتىكى فائىزە034نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

2- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەخسۇس 3D كىنو كۆرمەك ئۈچۈن خانساراي كىنوخانىسىنىڭ ئەزالىق كارتىسىنى بېجىرىپ قويدۇم، ئۈنۈمى خەلق كىنوخانىسىنىڭكىدىن پەيزىكەن، مۇھىتىمۇ پاكىز، كۆزئەينىكىمۇ يېڭىكەن. لېكىن شۇ پات-پات بارىدىغانغا چول تەگمەي كېتىپ بارىدۇ.

مەن نەنمېن تەرەپتىكىسىگە بېرىپ بېقىپتىكەنمەن، ئۇ يەرمۇ خېلى راھەت بىلىنگەنتى، سافالىرىمۇ يۇمشاق پەيزىكەنتۇق. سىز دېگەن يەرگە كېيىن بېرىپ باقايچۇ...

شياۋشىمېن تەرەپتىكى مېييا دېگىنى بەك نوچىكەن، مەنمۇ VIP بېجىرىپ قويغان، لېكىن-زە، ئوبېيكتىم ئالمىشىپ كېتىپ قالدى، ھەي، زىيان-دە.\"\"

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-8-1 15:33:55

ئۈرۈمچىدە ئوسكار كىنوخانىسىنى ھەممىدىن ئېسىل دەيدىكەن، بېرىپ باقمىدىم. ئۆزۈممۇ كىنوخانىغا بېرىپ كىنو كۆرۈشكە سەل ھورۇن.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-8-2 13:47:13

6- قەۋەتتىكى fireuyghurنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

باچكا،سىز ..



ئاتام يېرىم ئەسىر بۇرۇن لۈكچۈندە تۇغۇلغان.

bazirim يوللانغان ۋاقتى 2012-8-3 11:41:30

رەھمەت باچكا ، سەرخىلى كىنولارنى سىز ئارقىلىق كۆرۈپ ھۇزۇرلىنىۋاتىمىز ، ئەجرىڭىزگە رەھمەت . بۇنداق كىنولار بولسا يەنە ئىنتىزارمىز . تەشەككۈر




tuman1 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-3 17:27:20

خانساراي  بولاتتى  ..ھەي خانساراي  ....ئەسلىمىلەر  قالغان ساراي \"\"

zaparistan يوللانغان ۋاقتى 2012-8-22 01:10:03

فىلىم بېشىدا ئىككى شىركەتنىڭ ماركىسى تەڭلا چىقىپتۇ،كەم ئۇچرايدىغان كۆرۈنۈش جۇمۇ بۇ.ئىككىلىسىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىغا بۇرۇن نېمىشقا دىققەت قىلمىدىم.
بەت: [1]
: كارتۇن: گۆش قاتلىما يامغۇرى