غۇلجا شەھرىدە پۇتبول تەربىيىلەش بازىسى ۋۇجۇتقا كەلدى
غۇلجا شەھرىدە پۇتبول تەربىيىلەش بازىسى ۋۇجۇتقا كەلدى
يېقىنقى يىللاردىن بېرى غۇلجا شەھرىنىڭ پۇتبول قىزغىنلىغى يىلدىن يىلغا ئېشىپ، پۇتپولغا ھىرىسمەنلەر كۆندىن ـ كۈنگە كۆپىيىپ، غۇلجا پۈتبولچىلىقىدا خېلىلا يۇكسىلىش بولۇپ، نەتىجىلەرمۇ كۆرۈنەرلىك بولماقتا.بۇنىڭ مىسالى غۇلجا شەھرىدە ئارقا ـ ئارقىدىنئىشتىن سىرىتقى ياشلار پۇتبول كوماندىلىرى قۇرلۇپ ھازىرغىچە ئۇزۇلمەي مەشىق قىلىپ كېلىۋاتىدۇ ۋەدوسلۇق مۇسابىقىلىرى توختىماي ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. ھەر قايسى ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭمۇ پۇتبولغا بولغان كۆڭۈل بۆلىشى سالمىقى ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ، مەسىلەن بۇيىلقى غۇلجا شەھرى، غۇلجا ناھىيەسى ۋە كۈنەس ناھىيىلەرىدە ... ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىلەر بۇنىڭ تىپىك مىسالى بولالايدۇ.
ھەممىزگە مەلۇمكى بۇلتۇرقى ئايخان ئانا ئەزىمەتلىرى، بۇ يىلقى ئانا يۇرت ئەزىمەتلىرى غۇلجا شەھەرلىك 12 باشلانغۇچ « ئەمىن » پۇتبول كاماندىسىدىكىلەر ئۇدا ئىككى يىل شەندۇڭ لۇنىڭدا ئېلىپ بېرىلغان، «لۇنىڭ » لوققىسىنى تالىشىش مەملىكەتلىك ئۆسمۇرلەر پۇتبول تەكلىپلىك مۇسابىقىسىدە قوش چىنپىيونلۇقنى ئېلىپ،پۇتكۈل شىنجاڭ خەلقىنىڭ يۈرىكىنى سۆيۈندۈردى. غۇلجا ناھىيە تۇرپنانيۈزدىكى سادىق ھاجى ساقاجىم ئۈمىد مەكتىۋىنىڭ ئەزىمەتلىرى شىۋىتسارىيەدە ئېلىپ بېرىلغان 128 دۆلەت قانتاشقان خەلقارالىق ئۈمىد مەكتەپلەر ئارا ئېلىپ بېرىلغان پۇتبول مۇسابقىسىدە 16 كۈچلۈك ئىچىگە كىردى. پۇتكۈل ئانا يۈرت خەلقى ئۇلارغا ئاپىرىن ئېيىتتى .
گەرچە غۇلجا شەھەرىنىڭ پۇتبولچىلىق ساھەسىدە يۇقارقىدەك يۈكسىلىش، ئىلگىرىلەش ۋە نەتىجىلەر جۇلالىنىپ تۇرسىمۇ، لىكىن پۇتبول تەربىيىلەش ئىشلىرى يەنىلا كۆلەملەشمىگەن، پارتىزان شەكىلدە بولۇپ، ئۆسمۈر پۇتبول مايسىلىرىنى تەربىيىلەش ئىشلىرى يەنىلا باشلانغۇچ مەكتەپلەردە، مەكتەپ ئىچىدە تەربىيىلەش بىلەنلا چەكلىنىپ. خالىسا تەربىيىلەش، خالىمىسا تاشلىنىپ قىلىش. تەربىيىلەش ئىشتىياقى بولسىمۇ، تەربىيلەش شارائىتى بولماسلىق ( بەزى مەكتەلەرنىڭ پۇتبول مەيدانى يوق )، تەربىيىلىنىش ئېھتىياجى بولسىمۇ تەربيىلىنەلمەسلىك مەسىلىلىرى يەنىلا مەۋجۈت بولۇپ، غۇلجا شەھرىدىكى ئۆسمۈر پۇتبول مايسىلىرىنى تەربىيىلەش ئىشلىرىدا بەلگىلىك توسالغۇ ۋە يېتەرسىزلىكلەر ساقلىنىپ كەلمەكتە.
گەرچە غۇلجا شەھەرلىك 12- باشلانغۇچ مەكتەپ، ئۆزىدىكى «غۇلجا شەھەرلىك ئىشتىن سىرىتقى تەنتەربىيە مەكتىۋى ئىشتىن سىرىتقى مەشىق نۇقتىسى » ،« لۇنىڭ تەيشەن پۇتبول مەكتىۋى نۇقتا مەكتىۋى» قاتارلىق ۋېۋىسكىلار ئاستىدا ئۆسمۇر پۇتبول مايسىلىرىنى تەربىيلەش خىزمىتى ئۇزۈلدۈرمەي ئېلىپ بېرىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ. لىكىن بۇ تەربىيلەش دائىرىسى پەقەت غۇلجا شەھەر 12- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇش تەۋەلىگىدىكى بالىلار بىلەنلا چەكلىنىپ دائىرى جەھەتتىن چەكلىمىلىككە ئىگە ئىدى.
بۇ قېتىم ئانا يۇرت ئەزىمەتلىرى غۇلجا شەھەرلىك 12 باشلانغۇچ « ئەمىن » پۇتبول كاماندىسىشەندوڭدىكى لۇنىڭ تەيشەن پۇتبول مەكتىۋىگە بېرىپ«لۇنىڭ » لوققىسىنى تالىشىش مەملىكەتلىك ئۆسمۇرلەر پۇتبول تەكلىپلىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ شەرەپ بىلەن قوش چىنپىيون بولۇپ كەلگەنگەندىن كىيىن.
( مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ :
http://bbs.ghulja.biz/forum.php?mod=forumdisplay&fid=2 )قۇربانتاي قاتارلىق بىر قانچە تېئنىرلار ۋە بىر قانچە مەرىپەتپەرۋەر مائارىپچىلار ئۆز – ئارا كېڭەش قىلىش ئارقىلىق يۇقىرىدا سۆزلەنگەن بوشلۇقنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن، غۇلجا شەھرى 12- باشلانغۇچتا «غۇلجا ئۆسمۇرلەر پۇتبول تەربىيىلەش بازىسى » قۇرۇپ، غۇلجا شەھرىدىكى 5- ياشتىن 12 ياشقىچە بولغان ئۆسمۇرلەرنىU5-6 U ، U7-8 U ،U9-10 U،U11-12 Uقاتارلىق 4 گۇرۇپپا بويىچە تەربىيلەش ئېلىپ بېرىش قارارىغا كېلىپ، ئەزا قوبول قىلىش ۋە مەشىق قىلىشنى باشلىۋەتتى . ھازىر بۇ تەربىيىلەش بازىسىدا 40 يېقىن ئۆسمۇر پۇتبول ماھارىتى جەھەتتە تەربىيىلەنمەكتە.
بۇ تەربىيىلەش بازىسى يەنە داۋاملىك ھالدا پۇتبولغا قىزىقىدىغان ئۆسمۇرلەر ئىچىدىن ئوقۇغۇچى قوبول قىلىپ، ئوقۇغۇچى سانىنى 80 ئوقۇغۇچى ئەتراپىدا كونتورول قىلىپ، پۈتۈن يىل، ھەپتىدە 5 كۇن، كۈنىگە ئىككى سائەتتىن مۇنتىزىم مەشىق قىلدۇرۇش پىلانى بويىچە ئىجرا قىلماقچى.
تىزىملاش ئورنى :
غۇلجا شەھەر تۆتدۇككان دوقمۇشىدىكى غۇلجا تور ئۇچۇر مۇلازىمەت مەركىزى.
ئالاقىلاشقۇچى :
تاشپولات بىلالتېلفون :18099836515 قۇربانتاي مۇرات تېلفون : 18040999821
تەربىيلەش بازىسىنىڭ تېئنىرلىرى:
قۇربانتاي مۇرات: ــــــــھەممىگە تونۇشلۇق زالىم تئېنىر، شەندوڭدىكى لۇنىڭ تەيشەن پۇتبول مەكتىۋىگە «لۇنىڭ » لوققىسىنى تالىشىش مەملىكەتلىك ئۆسمۇرلەر پۇتبول تەكلىپلىك مۇسابىقىسىگە كاماندا تەشكىللەپ ئېلىپ بېرىپ، 2004- يىلى 2- دەرىجە، 2005-، 2011-، 2012- يىللىرى قوش چىنپىيونلۇق لۇققىسى ئېلىپ كەلگەن. 2010- يىلى گۆھەر زىمىن لوڭقىسىنى تالىشىشى خەلقارالىق تەكلىپلىك مۇسابىقىسىگە باش تېئنىر بولۇپ چىنپىيون بولغان، 2011- يىلى شىجاڭ بويىچە ئېلىپ بېرىلغان ياش- ئۆسمۇرلەريىللىق خۇلاسە مۇسابىقىسىدە چىنپىيون بولغان. 2011- يىلى يۇسۇپ ئىمىن لوڭقىسىنى تالىشىش تەكلىپ مۇسابىقىسىدە غۇلجا شەھەر «چولپان»پۇتبول كاماندىسىنىڭ باش تېئنىرى بولۇپ بېرىپ چىنپىيونلۇققا ئېرىشكەن.
سولدىن ئىككىنجىسى قۇربانتاي مۇرات
ئېرپان ئابلىمىت:ـــــــ2000- يىلدىن 2004- يىلغىچە لۇنىڭ تەيشەن پۇتبول مەكتىۋىدە پۇتبول كەسپى بويىچە مەخسۇس تەربىيىلەنگەن، غۇلجا ئېلى پىداگوگىكا ئېنىستوتىدا مەخسۇس پۇتبول كەسپىنى پۇتتۇرگەن. غۇلجا شەھەرلىك 28 –باشلانغۇچ مەكتەپ تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى. 2002- يىلى مەملىكەتلىك «نەيكى» لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ، 2005-2006 –يىلىئۇدا ئىككى يىل،ئېلى ئوبلاستى كاماندىسىغا كاپىتان بولۇپ 10- 11- نۆۋەتلىك شىجاڭ تەنھەركەت يىغىنى مۇسابىقىسىگە قاتناشقان. 2010- يىلى گۆھەر زىمىن لوڭقىسىنى تالىشىشى خەلقارالىق تەكلىپلىك مۇسابىقىسىگە قاتناشىپ چىنپىيون بولغان.2006- ،2007-،2008 – يىللىرى ئۇدا3 يىل شىنجاڭ ئالى مەكتەپلەر پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ 2- ۋە 3- دەرىجىلەرگە ئېرىشكەن.
ئەيساجان ئۆمەر : ــــھەممىگە تونۇشلۇق تۆمۇر بىك.شىنجاڭ ئاپتونوم رايۈنلۇق تەنتەربىيە مەكتەپ پۇتبول كەسپىنى پۇتتۇرگەن .غۇلجا شەھەرلىك ئايخان ئانا مەكتىۋىنىڭ تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى. شىجاڭدا كۆزگە كۆرۈنگەن ئوتتۇرا بېك. «تومۇر بىك » دەپ نام ئالغان . شەندوڭدىكى لۇنىڭ تەيشەن پۇتبول مەكتىۋىگە «لۇنىڭ » لوققىسىنى تالىشىش مەملىكەتلىك ئۆسمۇرلەر پۇتبول تەكلىپلىك مۇسابىقىسىگەتېئنىر بولۇپ بېرىپ، 2011-، 2012- يىللىرى قوش چىنپىيونلۇق لۇققىسى ئېلىپ كەلگەن. 2010- يىلى گۆھەر زىمىن لوڭقىسىنى تالىشىشى خەلقارالىق تەكلىپلىك مۇسابىقىسىگە كاپىتان بولۇپ چىنپىيون بولغان، 2011- يىلى يۇسۇپ ئىمىن لوڭقىسىنى تالىشىش تەكلىپ مۇسابىقىسىدە غۇلجا شەھەر «چولپان»پۇتبول كاماندىسىنىڭ كاپىتانى بولۇپ بېرىپ چىنپىيونلۇققا ئېرىشكەن. 2002- يىلى 2- ئوتتۇرىغا ۋاكالىتەن مەملىكەتلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار پۇتبول مۇسابىقىگە قاتناشقان. 2005- يىلى ۋە 2009-يىلى ئۇرۇمچى شەھەر بويىچە ئېلىپ بېرىلغان پۇتبول مۇسابىقىسگە قاتنىشىپ ئايرىم – ئايرىم چىنپىيون. 2011- يىلى ئاپتونوم رايۈن بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن يىللىق خۇلاسە مۇسابىقىسىدە تېئنىر بولۇپ چىنپىيون بولغان. 2001- يىلى ئىتالىيەدە ئېلىپ بېرىلغان خەلقارلىق ياش ـ ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىگە شىنجاڭ كاماندىسى نامىدا قاتناشقان.
ئوڭدىن بىرىنجىسى ئۆتكۈر ، ئوتتۇرىدىكى ئەيساجان ئۆمەر ، سولدىن بىرىنجىسى مىرەخمەت
سەيدۇللام سەيدىراخمان: ـــــــ غۇلجا شەھەرلىك 12- باشلانغۇچ مەكتەپ تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى . 2012- يىللى شەندوڭدىكى لۇنىڭ تەيشەن پۇتبول مەكتىۋىگە «لۇنىڭ » لوققىسىنى تالىشىش مەملىكەتلىك ئۆسمۇرلەر پۇتبول تەكلىپلىك مۇسابىقىسىگەتېئنىر بولۇپ بېرىپقوش چىنپىيونلۇق لۇققىسى ئېلىپ كەلگەن.
ئالدىنقى رەتسول تەرەپ قولىنى كوتىرىۋالغىنى سەيدۇللام سەيدىراخمان
بۇ تەربىيىلەش بازىسىنىڭ پائالىيەتلىرىگە دائىر رەسىملەر:
تېئنىرلار س لوناردونىڭ تېئنىرى بابوسا بىلەن بىللە
تېئنىر ۋە ئاتا _ ئانىلار ۋەكىللىرى لۇنىڭ پۇتبول مەكتىۋىدىكى چەتئەللىك تېئىنىرلار بىلەن بىللە
بۇ قېتىم قوش چىنپىيون بولغان ئانا يۇرت ئەزىمەتلىرى
كاماندا ئەزالىرى پۇتبول چولبانلىرىمىز بىلەن بىللە
پۇتبول چولمانلىرىمىز ئۆتكۈر مىرەخمەتلەر ئىزباسارلىرىپۇتبول تەربىيلەش بازىمىزدىن لۇنىڭ پۇتبول مەكتىۋىگە قوبول قىلىنغان 4 ئەزىمىتىمىز بىلەن بىللە
تېنىر ئەيسانجان ئوقۇغۇچىسى ئۆتكۈر بىلەن بىللە
پۇتبول تەربىيلەش بازىمىزدىكى ئەزىمەتلەر
كېلىڭلار دوسلار ! بىز بىلەن بىللە دۇنيا پۇتبول سەھنىسىگە يول ئېلىڭلار !
ئاتا- ئانىلار ۋەكىللىرى بابوسا بىلەن بىللە
غەلبە بىزگە مەنسۇپ
ئانا يۇرت ئەزىمەتلىرى : ئوڭ بىرىنجىسى بېك سۈبھى ئابلىمىت ، ئوتتۇرىدىكىۋاراتا بىلال ھىلالادىن . سول تەرەپتىكىسى : قارا قۇيۇن ھۇجۇمچى رەھمىتۇللا شۆھرەت
چىنپىيونلۇق بىزگە مەنسۇپ
سىلەر بىزنىڭ ئۈمىدىمىز ھۇررا !
تېئنىر قۇربانتاي ۋە ئەيساجانلار كاماندا ئەزالىرى بىلەن بىللە
بىزنىڭ تېئنىرلىرىمىز
تېئنىرلار بىلەن ئاتا _ ئانىلار ۋەكىللىرى بىللە
بىز يېڭىلمەس باتۇرلارمىز !
بىز جەڭڭە تولۇق تەييارلىنىپ بولدۇق
ھۇررا شىنجاڭ !
ھۇررا غۇلجا!
ھۇررا ئۇيغۇر پۈتبولچىلىغى !
مۇبارەك بولسۇن... ئانا يۇرىت ئەزىمەتلىرى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى تەسۋىرلىگۈسىز خۇشاللىققا چۆمدۈرىدىغان ياخشى شان - شەرەپلەرنى قازىنىپتۇ ، ئۇلارنىڭ غەيرىتىگە ئاپرىن . غولجىغا پۇتبول تەربىيەلەش بازىسى قۇرغانلىق ، مىللىي تەنتەربىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ، ياخشى بىر شارائىت بىلەن تەمىنلىگەنلىك . بۇندىن كىيىن بۇ ئەزىمەتلىرىمىز - ئۆز يۇرتىدا تۇرۇپ ، يەنىمۇ ئۆلچەملىك مەشىق قىلىپ ، ياخشى شارائىتنى يەنىمۇ قەدىرلەپ ، روھىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ غەيرەتكە كىلىپ تېرىشىپ كۆرەش قىلىدىغانلا بولسا ، ئۇلارنىڭ پۈتۈن دۇنيانىڭ پۇتبول سەھنىسىدە پارلىغان يۇلتۇزلارغا ئايلىنىشى ئانچە يىراق ئىش ئەمەس ، مەن بۇ ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ غەيرىتىگە يەنە بىر قىتىم ئاپرىن ئېيتىمەن ، تېرىشىڭلار ئەزىمەتلەر! غەلىبە مەڭگۈ سىلەرگە مەنسۈپ بولسۇن ...ئۈمىدىمىز سىلەردە ... ئاپرىن ھۇررا ئۇيغۇر پوتبۇلچىلىغى...ھۇررا ....رايونىمىزنىڭ ھەممە يېرىدە قۇرۇلغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى.مۇشۇ قەشقەر،چۆچەك،قارماي،ئاتۇش،غۇلجا،ئۇرۇمچى قاتارلىق يەرلىرىمىزنىڭ پوتبۇل ئاساسى بەك ياخشى ،مۇشۇ تەرەپلەرنى ئاساس قىلىپ تەربيىلەش بازىسى قۇرۇلسا ،ئىشىنمەنكى يىقىن كەلگۇسىدە كىشىنى خۇشال قىلىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرەلەيمىز.... ئاۋال مۇبارەك بولسۇن!
ئاندىن بۇ تېمىدا ئىملاخاتالىقى بەكمۇ كۆپكەن،ئىملاغا دىققەتسىزلىك،مىللەتكە ھۆرمەتسىزلىك !!!!
شېۋىتسارىيەدە ئەمەس،شېۋىتسىيەدەدەپ يېزىڭ، ئىككىلىسى بىر دۆلەت ئەمەس- بەلكى باشقا باشقا دۆلەت،بىزنىڭ بالىلار شېۋىتسىيە( سېۋىدىش) دە مۇسابىقە ئوينىدى
4- قەۋەتتىكى qingilنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ھۇررا ئۇيغۇر پوتبۇلچىلىغى...ھۇررا ....رايونىمىزنىڭ ھەممە يېرىدە قۇرۇلغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى.مۇشۇ قەشقەر،چۆچەك،قارماي،ئاتۇش،غۇلجا،ئۇرۇمچى قاتارلىق يەرلىرىمىزنىڭ پوتبۇل ئاساسى بەك ياخشى ،مۇشۇ تەرەپلەرنى ئاساس قىلىپ تەربيىلەش بازىسى قۇرۇلسا ،ئىشىنمەنكى يىقىن كەلگۇسىدە كىشىنى خۇشال قىلىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرەلەيمىز....
تۇرپان بىلەن ئالتاينىڭمۇ بەك ياخشىكەن، يەنە ھازىر قۇمۇلمۇ يېتىشىۋالاي دەۋاتىدۇ.
قارماي ئەمەس قاراماي ،توغرايازساق قارامايغا ئىسىم قويغانسېلىم بوۋاينىڭ روھىمۇ خوش بولىدۇ. ئەيساجاننىڭ تەرجىمىھالىدا شىنجاڭ ئاپتونۇم رايونى بولۇپ قاپتۇ. شىنجاڭنى ئېلىۋەتسەڭلىمۇ ئۇيغۇرنى ئېلىۋەتمىسەڭلا! بىزنىڭ مەھەللىدىكى بالىلار دەرىستە دوت بۇلغىنى بىلەن پۇتبۇلغا بەك يامان شۇڭا ئىمتىھاندىن ئوتەلمىسىمۇ ئۇقۇتىۋىرىدۇ،،، ھۇررا يىگىتلەر، سىلەر بىزنىڭ ئۈمىدىمىز .
8- قەۋەتتىكى chewendazنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئەيساجاننىڭ تەرجىمىھالىدا شىنجاڭ ئاپتونۇم رايونى بولۇپ قاپتۇ. شىنجاڭنى ئېلىۋەتسەڭلىمۇ ئۇيغۇرنى ئېلىۋەتمىسەڭلا!
ئوغۇل بالىدەك ئېنكاس گەپ ۋىۋىسكىدا ئەمەس ، شۇ يەردىن چىققان بالىلارنىڭ كەلگۈسى چىقىش يولىدا.
elqut_cnنىڭ تېمىسىدىن نەقىل
ئېرپان ئابلىمىت:ـــــــ2000- يىلدىن 2004- يىلغىچە لۇنىڭ تەيشەن پۇتبول مەكتىۋىدە پۇتبول كەسپى بويىچە مەخسۇس تەربىيىلەنگەن، غۇلجا ئېلى پىداگوگىكا ئېنىستوتىدا مەخسۇس پۇتبول كەسپىنى پۇتتۇرگەن.
مەن غۇلجا پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىدا پۇتبول كەسپى بار دەپ ئاڭلىماپتىكەنمەن. تەنتەربىيە مائارىپى بىلەن ئىجتىمائىي تەنتەربىيە )社会体育(دەمدۇق شۇ ئىككى كەسىپ بارلىقىنى پەرەز قىلدىم.. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدا تېخى مەخسۇس پۇتبولنى كەسىپ قىلىپ ئېچىلغان ئالىي مەكتەپ يوق. ئاسپىرانىتلىقتا ئوقۇغان بولسا بەلكىم تەتقىقات يۆنىلىشى پۇتبول بولىشى مۇمكىن. لېكىن تەنتەربىيەنىڭ ئاسپىرانىتلىقىنى پەقەت شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستىتىدىلا ئېچىلغان. سىزنىڭ دېمەكچى بولغىنىڭىز تەنتەربىيە مائارىپى كەسپىدە ئوقۇغان، مەخسۇس تۈرگە پۇتبولنى تاللىغان دېسىڭىز توغرا بولىدۇ.