lata يوللانغان ۋاقتى 2012-7-30 15:36:54

تۈركچە ھامبۇرگ دۇكىنىدا ئىشلەيدىغانلار بارمۇ ؟[ياردەم]

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم باشقۇرغۇچىلار .تۈرك قېرىنداشلار خىزمەتچى قۇبۇل قىلماقچى ئىكەن ،مىنىڭ توردا ئىلان قىلىپ بىرىشىمنى ئۈتۈنگەن ئىدى ،ھەم بىزگە ھەم ئۇلارغا پايدىسى بولغۇدەك دەپ ئويلاپ بۇنى يازدىم مۇۋاپىق كۆرسەڭلار تەستىقلاپ قۇيارسىلەر



ئۈرۈمچى تۈركچە ھامبورگ دۇكىنىغا 4نەپەر كۈتكۈچى ۋە بىر نەپەر بۇغالتىر قۇبۇل قىلىنىدۇ .مەخسۇس كۈتكۈچىلىك كەسپىنى پۈتتۈرگەنلەر ياكى كۈتكۈچىلىك تەجىربىسى بارلار ئالدىن ئويلىشىلىدۇ ، جىنسى قىز ،توي قىلمىغان ،تۇلۇق ئوتتۇردىن يۇقىرى مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە بۇلىشى كىرەك . ئۈستى-بېشى رەتلىك ،پاكىزە ،قىياپىتىدە كۆرىنەرلىك نوقسان بولمىغان بۇلىشى كېرەك ، بۇغالتىر چۇقۇم ئالىي مەكتەپنىڭ بۇغالتىرلىق كەسپىنى پۈتتۈرگەن بۇلىشى كىرەك ، جىنسى چەكلەنمەيدۇ . مۇئاشى كۈتكۈچىلەرنىڭ 1500 يۇەن بۇغالتىرنىڭ 2000~2500 يۈئەنگىچە بۇلىدۇ .ياتاق تاماق ئۇرۇنلاشتۇرىلىدۇ .

ئالاقىلاشقۇچى : بەشىم - 14719888819


دۇكاننىڭ ئورنى خەلقارا چوڭ بازارنىڭ يېنىدا ، رۇزى ھېيتنىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ تىجارەت باشلىماقچى ئىكەن .باشقا تەپسىلاتلارنى بەشىم دىن سورىساڭلار بۇلىدۇ .

lata يوللانغان ۋاقتى 2012-7-30 17:20:31

ئەگەر خوتەندە ئۇزۇن مەزگىللىك ئىشلەيدىغانلار بولسا خوتەن تۈركچە ھامبورگ دۇكىنىغا كەلسە ياكى ئالاقىلاشسا بۇلىدۇ . ئادىرىسى : ۋىلايەتلىك مىللىي ئامبۇلاتۇرىيە نىڭ ئۇدۇلىدا

تېلفۇن : 25162720- 0903

18999050559

serqut يوللانغان ۋاقتى 2012-7-30 17:29:43

ھامبورگ دېگەن «تەييار تاماق»تۇ ھە؟ خېرىدارلار كىرىپ بۇيرۇتقاندىن كېيىن تەييارلىماي، ئالدىن تەييارلاپ قويۇپ، خېرىدار تەلەپ قىلغان مىقداردا ئەپچىقىپ بەرسىلا بولىدۇ، شۇنداقمۇ؟

lata يوللانغان ۋاقتى 2012-7-30 18:14:37

شۇنداق . دىگىنىڭىز توغرا

halife يوللانغان ۋاقتى 2012-7-30 19:12:28

ئومدان ئىش بوپتۇ، مۇبارەك بولغاي!!!

لېكىن ما گەپ كاللامدىن ئۆتمەيدۇ:«توي قىلمىغان قىزلار قوبۇل قىلىنىدۇ»...بۇ خىزمەتچى قوبۇل قىلىشمۇ ياكى لايىق تاللاش؟!!!

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-7-30 20:28:45

4- قەۋەتتىكى halifeنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

لېكىن ما گەپ كاللامدىن ئۆتمەيدۇ:«توي قىلمىغان قىزلار قوبۇل قىلىنىدۇ»...بۇ خىزمەتچى قوبۇل قىلىشمۇ ياكى لايىق تاللاش؟!!!

تۈرك ئاچىدىغان ھالال تاماقخانىغا «ياخشى بوپتۇ..» دەپ قوللاپ قويۇڭلار بۇرادەر، خۇددى ئۇلارنىڭ تىجارەت رەقىبىدەك گەپ قىلماي..


توي قىلمىغان قىزلارنىڭ تىجارەت ئورنىدا نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقى بار. ئۆي تۇتۇپ بولغانلار كۈنۈپ قالغان تىجارەتكە پايدىسىز ئامىللار بولمايدۇ، تېتىك، ھەركىتى چاققان بولىدۇ، ياش ھەم چىرايلىق بولغاچقا، سىز تاماق ئالغىلى كىرگەن چېغىڭىزدا ئازادە ھېس قىلىسىز، سىز بىلەن گەپ تالاشمايدۇ، خېرىدارنىڭ مۇناسىپ تەلىپىنى ئېغىرلىق قىلماي گەپ ئاڭلاپ ئورۇنلايدۇ. جەمئىيەتكە يېڭى چىققاچقا، تېخى ئۆي تۇتمىغاچقا، مائاشقا نىسبەتەن تەلىپى تېخى يوقىرى بولمايدۇ. بالىلىقلارنىڭ مائاش تەلىپى يوقىرى، كۈتۈلمىگەن ۋاقىتتا بالىسى ئاغرىپ قىلىپ رۇخسەت سورىشى مۇمكىن. ئوخشاش تۈردىكىلەر خادىم قۇبۇل قىلسا پايدىلانسا بولىدىغان شەرتلەركەن.


يىكەنكۆلدىكى ماي گۈلىنىڭ بىر قائىدىسى بار تېخى، خىزمەتچىلەر ئىچىدە ئاشىق- مەشۇقلار بولۇپ قالسا، چوقۇم بىرسى كېتىشى كېرەك.

tursunn يوللانغان ۋاقتى 2012-7-30 20:52:06

شەرتلىرى ئوبدانلا يۇقىرىكەن، لېكىن مۇئاشىغا كەلگەندە سەل-پەل چۈپەيلىك قىلىپ قويغاندەك قىلامدۇ، نېمە!

cooloff يوللانغان ۋاقتى 2012-7-30 21:30:34

مۇشۇ بىر ئىككى يىل مابەينىدە ئۈرۈمچىدە تۈركچە ئاشخانا،كىيىىم-كىچەك،يىمەك-ئىچمەك،كىنو،مۇزىكا....دىگەندەك نەرسىلەر بەك ئەۋجى ئېىلىپ كىتىپ بارىدۇ...


asad يوللانغان ۋاقتى 2012-7-30 21:41:22


7- قەۋەتتىكى cooloffنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇشۇ بىر ئىككى يىل مابەينىدە ئۈرۈمچىدە تۈركچە ئاشخانا،كىيىىم-كىچەك،يىمەك-ئىچمەك،كىنو،مۇزىكا....دىگەندەك نەرسىلەر بەك ئەۋجى ئېىلىپ كىتىپ بارىدۇ...







شۇنداقراق،بۇ گېپىڭىز سەلبى مەنىدە ئەمەستۇ




aptap1 يوللانغان ۋاقتى 2012-7-31 02:29:26

مەن ئىشلەيمەن . راستىنلا ئقشلەيمەن ، نەرقىنى ئاڭلىمايمەن . چۈنكى مەن تىل بايلىقىغا مۇھتاج ، بۇرۇن دىپلوماتتا ئىشلەپ كۈتكۈچى بولغان كىيىن شۇ يەردە ئاشپەز بولغا .... كىركىم بولسا چ چ 1371414561

koktash يوللانغان ۋاقتى 2012-7-31 07:16:14

مۇشۇنداق ئۇچۇرلارنىمۇ شېئىر قىلىپ توقىۋەتمەي ........

tanhatikin يوللانغان ۋاقتى 2012-7-31 10:28:15

مەنمۇ ئاشۇ توي قىلمىغان بولۇش دېگەننى بەك چۈشەنمىدىم يەنىلا!...ئەجىبا كېينىمۇ توي قىلمامدىكىنە؟ياكى توي قىلىشلەر بولسا خىزمىتىدىن ئايرىلامدىكەن ؟!

almas333 يوللانغان ۋاقتى 2012-7-31 10:41:46

نىمانداق تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرىدىغان بالىلار كۆپ؟


باچكا ئەپەندى نىمە ئۈچۈن توي قىلمىغان بولۇشنىڭ سەۋەبىنى تەپسىلى چۈشەندۈرۈپتىغۇ؟


ئېسىڭلاردا بولسۇن بۇ دۇكان ساخاۋەت ئورگىنى ئەمەس.ھىچ بولمىغاندا خاتىرجەم ئىستىمال قىلىغىلى بولىدىغان مۇسۇلمانچە ھامبۇرگ دۇكىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى قوللىساق بولىدۇ.


تېخى بەش نەپەر قېرىندىشىمىزنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىمەكچى بولۇپتۇ.رەھمەت ئېيتساق بولىدۇ تېخى! مۇبارەك بولسۇن!

sipartak يوللانغان ۋاقتى 2012-7-31 14:25:33

7- قەۋەتتىكى cooloffنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇشۇ بىر ئىككى يىل مابەينىدە ئۈرۈمچىدە تۈركچە ئاشخانا،كىيىىم-كىچەك،يىمەك-ئىچمەك،كىنو،مۇزىكا....دىگەندەك نەرسىلەر بەك ئەۋجى ئېىلىپ كىتىپ بارىدۇ...






بەك ياخشى بوپتۇ!بولسا تىخىمۇ كۆپەيسۇن!


سىلىگە پۇتلاشمىغاندۇ؟

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2012-8-1 00:55:19

7- قەۋەتتىكى cooloffنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇشۇ بىر ئىككى يىل مابەينىدە ئۈرۈمچىدە تۈركچە ئاشخانا،كىيىىم-كىچەك،يىمەك-ئىچمەك،كىنو،مۇزىكا....دىگەندەك نەرسىلەر بەك ئەۋجى ئېىلىپ كىتىپ بارىدۇ...






30 يىل مابەينىدە سىچۇەن ،جاڭسۇ .......... چە  ئاشخانا،كىيىىم-كىچەك،يىمەك-ئىچمەك،كىنو،مۇزىكا،ساتراشخانا،ئۇۋىلاشخانىلار ....دىگەندەك نەرسىلەر بەك ئەۋجى ئېىلىپ كىتىۋاتقان،ھەجەپ بىر گەپ  قىلماپتىكەنسىز  دىسە ؟؟؟؟

cooloff يوللانغان ۋاقتى 2012-8-1 08:21:11

14- قەۋەتتىكى Erktekinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

7- قەۋەتتىكى cooloffنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇشۇ بىر ئىككى يىل مابەينىدە ئۈرۈمچىدە تۈركچە ئاشخانا،كىيىىم-كىچەك،يىمەك-ئىچمەك،كىنو،مۇزىكا....دىگەندەك نەرسىلەر بەك ئەۋجى ئېىلىپ كىتىپ بارىدۇ...






30 يىل مابەينىدە سىچۇەن ،جاڭسۇ .......... چە  ئاشخانا،كىيىىم-كىچەك،يىمەك-ئىچمەك،كىنو،مۇزىكا،ساتراشخانا،ئۇۋىلاشخانىلار ....دىگەندەك نەرسىلەر بەك ئەۋجى ئېىلىپ كىتىۋاتقان،ھەجەپ بىر گەپ  قىلماپتىكەنسىز  دىسە ؟؟؟؟

سىزنىڭچە ئاشۇ سىچۈەن جاڭسۇنىڭ مەينەتلىرىگە دىققەت قىلىپ يۈرسەم بولغىدەكتە. مەن ئۇيلايمەن ،ئۇلارغا نەھاجەت.




cooloff يوللانغان ۋاقتى 2012-8-1 08:22:46

13- قەۋەتتىكى sipartakنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

7- قەۋەتتىكى cooloffنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇشۇ بىر ئىككى يىل مابەينىدە ئۈرۈمچىدە تۈركچە ئاشخانا،كىيىىم-كىچەك،يىمەك-ئىچمەك،كىنو،مۇزىكا....دىگەندەك نەرسىلەر بەك ئەۋجى ئېىلىپ كىتىپ بارىدۇ...






بەك ياخشى بوپتۇ!بولسا تىخىمۇ كۆپەيسۇن!


سىلىگە پۇتلاشمىغاندۇ؟



بولسا تېخىمۇ كۆپەيسۇن....سىز دەپ باقسىڭىز..

بۇلار كىيىن نىمىدىن دىرەك بېرىدۇ؟

bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2012-8-1 09:02:50

ئوقۇشتىن سىرىتقى ئىشلىسە ،ياغلىق چىگسە يول قويامدۇ؟

مۇشۇنداق يەرلەر بارمىدۇ ،بىر تونۇشۇم ئوقۇغاچ ئىشلەپ راسخۇتىنى كۆتۈرگىسى باركەنتۇق...

muzatd يوللانغان ۋاقتى 2012-8-1 15:26:17

نېمىنى تالىشىۋاتىدىغاندۇ  \"\" !!!
بەت: [1]
: تۈركچە ھامبۇرگ دۇكىنىدا ئىشلەيدىغانلار بارمۇ ؟[ياردەم]