Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-7-29 23:08:45

[كىنو] ئۈچ چەۋەنداز

ھۇ ئەسكىلەر.. كىنو بىلەن بېقىپ بولغىلى بولمىغان، كۆرە مانا!



كىنو ئىسمى: ئۈچ چەۋەنداز  三个火枪手  The Three Musketeers

دۆلىتى: ئامېرىكا

ۋاقتى: 2011- يىلى 10- ئاينىڭ 14- كۈنى دەيدۇ، مېنىڭ يادىمدا بۇ يىل قويغاندەكلا..


مەن بۇ كىنونى ئامېرىكا غەربىي قىسىم مەرگەنلىرىمىكىن دەپتىكەنمەن، ئۇرۇش ياۋرۇپادىن باشلىنىۋاتىدۇ،  قۇرۇق گەپنى ئاز قىلسام، ئېلان فىلىمىنى كۆرگەنلا ئادەم بۇ كىنونى كۆرۈشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.



ياش يىگىتلەر يالغۇز كۆرۈپ يۈرمەڭلار، ئىسراپ بولۇپ كېتىدۇ، قىزچاقلار مۇۋاپىق كىشىگە بۇ كىنوغا ئاپىرامسىز، دىسىڭىز بولىدۇ، كىنوخانىنىڭ ۋاقتىنى مەن بىلەلمەيمەن.. توردا بارمىكى..



بۇ كىنونى نەدىن كۆرىمىز، دىگەندە، www.baidu.com غا شۇنداق چىقىپلا، ئىسمىنى باسساڭلارلا «كۆرە مانا!» دەپ فىڭشۈندىن كولاپ چىقىرىپ بېرىدۇ! خېلىلا سۈزۈكتەك قىلىدۇ، ياكى: http://www.funshion.com/subject/99494/


مەنغۇ، بىر يامان ئادەتنى يېتىلدۈردۈم، ئاۋال توردىن تەكشۈرۈپ، ئاندىن دېسكىسىنى ئېلىشنى بەلگىلەيمەن، «لوس- ئانژىلىس جېڭى» دىگەن كىنونى بىر پارچە سۈرەتنى كۆرۈپلا ئالغانغا پۇشايمان قىلدۇرۇۋەتكەن، ھازىر ئارغامچىدىن ئەگىپ ئۆتىمەن ئامال بارمۇ؟



ئەگەر، رەسىملەر بەكلا ئالدىرىماي چىقسا، بۇ بەتنىڭ ئاستىلىقىدىن ئەمەس، رەسىمنىڭ چوڭلۇقى ۋە مەنبە مۇلازىمېتىرنىڭ قۇلۇلىقىدىن بولغان ئىش.. (750*1000 غا تەڭشەلدى)





zaparistan يوللانغان ۋاقتى 2012-7-29 23:18:11

大片

帅片

sandhouse يوللانغان ۋاقتى 2012-7-29 23:32:05

ئىىسل كىنو ئەمما لىكىن ، تىخى يىقىندا قويدى كىنوخانىدا !

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-7-29 23:33:39

تونۇشتۇرۇشنى كۆرۈپ بولۇپ يازاي، غەربىي قىسىم... دەپ يازسام، فىرانسىيە دەپ چىقىۋاتمامدۇ.. \"\"

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2012-7-30 00:08:42

نوچى كىنولارنى داىم تونۇشتۇرۇپ تۇرۇڭ، رەھمەت!

joshua يوللانغان ۋاقتى 2012-7-30 00:15:37

ئۈچ د كۆرگەن، خېلى بولدىغۇ.

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2012-7-30 04:01:27

ياخشى كۆرىدىغان ئارتىسلىرىم خېلى باردەك بۇ كىنودا  . يىگىتلەرنى چاقىرىپ ئولتۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق  . ئۆيدىكى قىزلار بىلەنلا  ئۆيىمىزنى ئەڭ پەچەت كىنوخانىغا ئايلاندۇرىۋېتەلەيمىز .

abdullaev يوللانغان ۋاقتى 2012-7-30 07:41:47

ماۋۇ ئورۇسلارنىڭ تور بېتىدىن چۈشۈرگەن ئۇرۇق:

http://tfile.ru/forum/download.php?id=508269&uk=1111111111

ياكى:http://tfile.ru/forum/viewtopic.php?t=511118

رازمېرى:1280 x 536 (2.35.1), 23.976 fps, AVC, х264 High@L4.1, ~ 2210 Kbps, 0.134 bit/pixel

Аудио: 48 kHz, AC3 Dolby Digital, 3/2 (L,C,R,l,r) + LFE ch, ~ 448 kbps

يەنى 1280*536

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2012-7-30 08:08:49

ئاقبۈركۈتتە ئۇيغۇرچە خەتلىكى بار ، ھەم سۈزۈك ھەم تىز قۇيۇلىدۇ .

alip يوللانغان ۋاقتى 2012-7-30 09:08:51

ئۈچ مەرگەن ئەمەس، ئۈچ چەۋەنداز. بۇ كىنودا بىرەرسى مەرگەنلىك قىلمايدۇ، ئاساسەن قېلىچۋازلىق قىلىدۇ. ھەم ئاۋۇ ئېنگىلىزچە خېتىمۇ مەرگەن دېگەنلىك ئەمەس.

ئاۋۇ ئايال بىئو-خېمىيە كىرزىسنىڭ باش رولچىسى شۇ. ئىسمى مىللا جورجىۋىچما؟

يوللانغان ۋاقتى 2012-7-30 11:51:51

مەتۇ گۇيلار، گىراف مونتې-كىرىستو دىيىشسە ھەممىڭ بىلىشىسەن، مۇشۇنىڭ كىتاۋىنىمۇ ئالىكساندىر دىيوما يازغان،بايىقىسىغا ئوخشاش بۇ كىتاپمۇ تارىختىكى بازارلىق كىتاپلار تىزىملىكىدە.

كىنوسىنى سەل غەيرى ئىشلەپ قويغان چىراييا؟

yaruq يوللانغان ۋاقتى 2012-7-30 12:31:28

10- قەۋەتتىكى فائىزە034نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قىلىچۋازلىق قىلامدا؟ ئەمىسە بىر كۆرسەم بولغۇدەك \"\"  

قېلىچۋازلىققا ۋەھشى، دەھشەت، ئاجايىپ، ئاتتەك ئامراقكەندە سىز...\"\"

RGB يوللانغان ۋاقتى 2012-7-30 12:33:22

سۈزۈك نۇسخىسى چىققاندا چۈشۈرۈپ كۆرەي

dada يوللانغان ۋاقتى 2012-7-30 14:32:37

ئاق بۈركۈتتىكى ئادىرىسىنى ئەۋەتىپ بەرمەمسىلەر مەن تاپالمىدىم.

mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2012-7-30 17:17:17

مەنمۇ پات-پات كىرىپ تۇرىمەن ئاق بۈركۈتكە لېكىن بۇ كىنونى يوللىغىنىنى كۆرمەپتىكەنمەن. \"\"

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2012-7-30 18:50:22

8- قەۋەتتىكى Pinhanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاقبۈركۈتتە ئۇيغۇرچە خەتلىكى بار ، ھەم سۈزۈك ھەم تىز قۇيۇلىدۇ .



ئۇيغۇرچە خەتلىكىنى مەزكۇر بېكەتتىن ھېچ تاپالمايمەنغۇ؟

joshua يوللانغان ۋاقتى 2012-7-30 19:01:18


9- قەۋەتتىكى alipنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۈچ مەرگەن ئەمەس، ئۈچ چەۋەنداز. بۇ كىنودا بىرەرسى مەرگەنلىك قىلمايدۇ، ئاساسەن قېلىچۋازلىق قىلىدۇ. ھەم ئاۋۇ ئېنگىلىزچە خېتىمۇ مەرگەن دېگەنلىك ئەمەس.

ئاۋۇ ئايال بىئو-خېمىيە كىرزىسنىڭ باش رولچىسى شۇ. ئىسمى مىللا جورجىۋىچما؟



مىلا جوۋوۋىچ.

Yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2012-7-30 22:46:48

16- قەۋەتتىكى afiyfiyنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

8- قەۋەتتىكى Pinhanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاقبۈركۈتتە ئۇيغۇرچە خەتلىكى بار ، ھەم سۈزۈك ھەم تىز قۇيۇلىدۇ .



ئۇيغۇرچە خەتلىكىنى مەزكۇر بېكەتتىن ھېچ تاپالمايمەنغۇ؟


========


ئاق بۈركۈتتە ئەمەس، تۇرانىمدا بار.


dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2012-8-1 10:42:49

شۇ ئۇيغۇرچە خەتلىكى بار دىگەنلەر ئادىرىسنى بىر قالدۇرۇڭلار،ئاقبۈركۈتنىغۇ قېزىۋەتتىم ئەمما....

muzatd يوللانغان ۋاقتى 2012-8-1 15:18:10

ماڭا بەك ياراپ كەتمىگەن.
بەت: [1] 2
: [كىنو] ئۈچ چەۋەنداز