ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2012-7-29 16:36:48

بىرمادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ سۈكۈت قىلىشى

بىرمادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ سۈكۈت قىلىشى




تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى(29.07.2012) خەۋىرى:

بىرمادىكى ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ لىدېرى دوكتور مۇھەممەد يۇنۇس، ئاراكاندا قەتلىئامنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بۇددىستلار، مەسئۇللارنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا بولاڭ-تالاڭ قىلماقتا. ئامانلىق ساقلاش كۈچلىرىنىڭ قوراللىرىنى ئىشلىتىپ مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈرمەكتە» دېدى.

«ئىسلام دۇنياسى رامىزاندا ئىستانبۇلدا ئۆز ئارا ئۇچرىشىدۇ» ناملىق پىروگرامما دائىرىسىدە دۆلىتىمىز دىنىي ئىشلار باشقارمىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تۈركىيەگە كەلگەن يۇنۇس بايانات بېرىپ، مۇسۇلمانلارغا قىلىنغان زۇلۇمنىڭ بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا ئىشقا ئاشقانلىقىنى ئېيتتى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا قارشى پات-پات قەتلىئاملارنىڭ يۈرگۈزۈلگەنلىكىنى بايان قىلغان يۇنۇس، بۇ قېتىمقى ۋەقەلەرنىڭ 3-ئىيۇندا باشلىغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.

قەتلىئاملارنىڭ قايتىدىن باشلىنىشىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك سەۋەبلىرىنىڭ بىرىنىڭ «باڭلادىشنىڭ ئاجىز بولۇشى» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان يۇنۇس، «ئىككىنچى چوڭ سەۋەب بولسا، دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ بۇ قەتلىئامغا سۈكۈت قىلىشى. غەرب دۆلەتلىرى ئىلگىرى بىرماغا نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئائۇڭ سان سۇ كيى تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئۈچۈن نارازىلىق بىلدۈرگەنىدى. لېكىن ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشى، غەرب ئەللىرىنىڭ بىرماغا ئىجابىي قارىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى. شۇنداق قىلىپ، غەرب ئەللىرى قەتلىئامغا سۈكۈت قىلدى ۋە قىلماقتا» دېدى.

يۇنۇس، بۇددىستلارنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئاراكاندا ياشىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «مۇسۇلمانلار ئاساسلىق توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جاي ئاراكاننىڭ شىمالىي قىسمى بولۇپ، ھەممىدىن ئېغىر زۇلۇم ئۇ يەردە بولىدۇ. ھېچقانداق تەكشۈرۈش، سوراق قىلىشسىزلا خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشلار داۋام قىلماقتا. بولۇپمۇ ياش، بىلىملىك ۋە ئىلغار پىكىرلىك كىشىلەر تۇتقۇن قىلىنماقتا. تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەرنىڭ قەيەرلەرگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى نامەلۇم. ئاياللارغا باسقۇنچلۇق قىلىش داۋام قىلماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

يۇنۇس، رايونغا خەلقئارالىق بىتەرەپ كۈچلەرنىڭ ئەۋەتىلىشىنى خالايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، يېقىنقى ۋەقەلەردە مىڭلارچە مۇسۇلمان ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، كۆپ ساندا ئادەمنىڭ ئىز-دېرىكىنىڭ يوقلىقىنى ۋە باڭلادىشنىڭ چېگرىسىنى تاقىۋەتكەن بولۇشىغا قارىماي، 3-ئىيۇننىڭ مابەينىدە 20 مىڭ ئادەمنىڭ باڭلادىش تەرەپكە ئۆتكەنلىكىنى ئېيتتى.

مۇھەممەد يۇنۇس، باڭلادىشتا پاناھلىنىۋاتقان بىرمالىق جەمئىي مۇسۇلمانلار سانىنىڭ بولسا، 500 مىڭ ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭








ب د ت بىرمادىكى مۇسۇلمانلارنى قەتلىئام قىلىش ۋەقەسىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى




تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى(27.07.2012) خەۋىرى:

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن بىرى بولغان بىرمادىكى مۇسۇلمانلارنى قەتلىئام قىلىش ۋەقەسىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى ۋە ئازسانلىق روھىڭگيا مۇسۇلمانلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان قىرغىنچىلىقلارنىڭ جازاسىز قالماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

بىرمانىڭ ئاراكان رايونىدىكى روھىڭگيا مۇسۇلمانلىرى قانچىلىغان يىللاردىن بۇيان ئۆزلىرىنى بۇ رايوندىن قۇغلاپ چىقارماقچى بولۇۋاتقان بۇددىستلار تەرىپىدىن زوراۋانلىقلارغا ۋە ئېغىر زۇلۇم-سېتەملەرگە دۇچ كەلمەكتە.

بۇددىستلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا قىلىۋاتقان زوراۋانلىقلىرى يېقىنقى مەزگىلدە ئىنتايىن ئەۋجىگە چىقتى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى مۇسۇلمانلارنىڭ سىستېمىلىق بىر شەكىلدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئايرىمچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

رايوندا ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىنغاندەك قىلسىمۇ، ئەمما مۇسۇلمانلارغا قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارنى توسۇپ قېلىشتا كارغا كەلمىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋەزىيەتنى ئانالىز قىلغاندىن كېيىن تەكشۈرۈشلەردە بولۇش ئۈچۈن بىرماغا ئالاھىدە ۋەكىل ئەۋەتتى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇسۇلمانلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زوراۋانلىقلار ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئالاھىدە ۋەكىل ئارقىلىق بىرما پىرېزىدېنتى تېن سېنغا يەتكۈزدى.

مەسىلە ھەققىدە بىر يازما بايانات ئېلان قىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، روھىڭگيا مۇسۇلمانلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان زوراۋانلىقلارنىڭ بىتەرەپ ئادىل بىر شەكىلدە سۈرۈشتە قىلىنىشى ۋە ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەتلەرنىڭ ھەرگىزمۇ جازاسىز قالماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭







ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار ئۈچۈن جىنازە نامىزى ئوقۇلدى




تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى(28.07.2012) خەۋىرى:

بىرمادا بۇددىستلار تەرىپىدىن قەتلىئام قىلىنغان ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا جىنازە نامىزى ئوقۇلدى.

كونيادا قىلىنغان جىنازە نامىزىغا نۇرغۇن ساندا كىشىلەر قاتناشتى. نامازدىن كېيىن قەتلىئامغا نازارىلىق بىلدۈرۈپ شوئارلارنى توۋلىدى.

قەيسىرى خەلقىمۇ ئاراكان ۋە سۈرىيەدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىدى.

جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئاراكاندا ۋە سۈرىيەدە قەتلىئام قىلىنغان مۇسۇلمانلار ئۈچۈن جىنازە نامىزى ئوقۇدى.

بورسادا بولسا، شەھەرنىڭ تارىخىي سېمۋولى ھېسابلىنىدىغان ئۇلۇجامىدە جىنازە نامىزى ئوقۇلدى.

نامازدىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رايونغا كۆزەتكۈچى ئەۋەتىشىنى تەلەپ قىلدى.

كۇتاھيادىمۇ شۇ ھەقتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىندا مۇسۇلمانلارغا قىلىنىۋاتقان زۇلۇملارغا خاتىمە بېرىلشى ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىرما ھۆكۈمىتىگە چاقىرىقتا بولۇشى تەلەپ قىلىندى.

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

tayker يوللانغان ۋاقتى 2012-7-29 19:13:05

ئۇلۇق ئاللاھ مۇسۇلمانلارغا ئاسانلىق بەرگەي ، بېرمىدا ۋە باشقا دۆلەتلەردە دىننىي ، ئېرقىي ئايرىمچىلىق سەۋەپلىك قازا قىلغان ، بۇددىسىتلارنىڭ خورلىشىغا ، ھاقارىتىگە ئۇچرىغان مۇسۇلمان قىرىنداشلارغا ئاللاھ كۆپلەپ ئەجىر بەرگەي ، ئۇ دۇنيالىقىنى ياخشى قىلغاي...

koqahawiri1 يوللانغان ۋاقتى 2012-7-29 20:51:06

ئاجىز مۇسۇلمانلارغا ھىسداشلىق قىلىش رەھمىتىنى كەرەملىك اللاھ تۈرۈك قىرىنداشلىرىمزىنىڭ دىلىغا سىلىۋاتىدۇ .ئەرەپلەر ۋە ئەلباشىلىرى كەرەملىك اللاھ بەرگەن بايلىقلىرىنى شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى بىلەن ياۋرۇپاغا بىرىپ سىرىق چاچلىق نازىنىنلارغا قانداق خەجلەشكە باش قاتۇرۇش بىلەن زىھنىنى يىغالمايۋاتىدۇ.

Batush يوللانغان ۋاقتى 2012-7-29 21:24:20

تۈنۈگۈن تېخى سەئۇدىدىن كەلگەن دوستۇم مۇشۇ خەۋەرنى يەتكۈزگەنىدى ، بۈگۈن تەپسىلاتىنى ئۇقۇپ يۇرۇكۇم يىغىلىدى....

ئاللاھ قىرىنداشلىرىمىزنى ئۆز پانايىدا ساقلىغاي.

naprat2009 يوللانغان ۋاقتى 2012-7-29 22:11:05

بېرمىدا مۇسۇلمانلار بىلەن بۇددىستلار توقۇنۇشتى

http://news.okyan.com/View.aspx?ID=5226

ئىنسانىي ھوقۇق تەشكىلاتى بېرمىدىن مۇسۇلمانلار بىلەن بۇددىستلارنىڭ توقۇنىشىنى تېز ھەم مۇستەقىل تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى

http://news.okyan.com/View.aspx?ID=5592

بۇ خەۋەرلەردە تەپسىلاتى بار، بۇ قېتىمقى مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇشقا ھۆكۈمەت ئارمىيىسىمۇ قاتنىشىپتۇ.

ئۆزىنى «تىنچلىقنى سۆيگۈچى»، «ئەزەلدىن ئۇرۇش قىلىپ باققان» ئەمەس دەپ، ئىسلام دىنىنى مەسخىرە قىلىدىغان بۇددىستلارنىڭ قانچىلىق ۋەھشىيلىكىنى كۆرۈپ يەتتۇق. بۇددا دىنى مۇرىتلىرنى مۇلايىم دەپ ماختاپ كۆككە كۆتۈرىدىغانلارمۇ ھەيران قالدى ئۇلارنىڭ ۋەھشىيلىكىگە.

ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2012-7-29 22:13:43

بىرما (

يىراقتىكى تاغ جىلغىسى)

  

亚洲 ئاسىيا 缅甸 بىرما (يىراقتىكى تاغ جىلغىسى)

ئومۇمىي چۈشەندۈرۈشى:

بىرما ئاسىيانىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ھىندىچىنى يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان دۆلەت. يەر مەيدانى 670 مىڭ كۋادرات كىلومېتر بولۇپ، ھىندىچىنى يېرىم ئارىلىدىكى دۆتلەر ئىچىدە يەر مەيدانى ئەڭ چوڭ دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. ئاھالىسى 36 مىليون 390 مىڭدىن ئاشىدۇ )1985(، بۇنىڭ ئىچىدە بىرما مىللىتى ئومۇمىي ئاھالىنىڭ 65% نى تەشكىل قىلىدۇ. بۇلاردىن باشقا دەن، كىكەن، كىلون، دوكەي قاتارلىق 50 نەچچە مىللەت بار، يەنە جۇڭگولۇقلارمۇ بار. ئاھالىسىنىڭ 80% دى بۇددا دىنىغا، 8% ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، دۆلەت تىلى بىرما تىلى ھېسابلىنىدۇ.

بىرما يەر شەكلى جەھەتتىن تاغلىق، نېگىز تەكشىلىكلەرنى ئاساس قىلىدۇ، ئۇنىڭ شىمالىي ئېگىز بولۇپ، جەنۇبقا قاراپ پەسىيىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ شىمالىي ئېگىز بولۇپ، جەنۇبقا قاراپ پەسىيىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ شەرقىي قىسمىدا كونا دەنباڭ ئېگىزلىكى بار. تاغلىق، ئېگىز تەكشىلىكلەرنى شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ ئاققان دەرياللار نۇرغۇن دەريا ۋادىلىرىغا ئايرىپ تۇرىدۇ.

بىرما ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان، ئاھالىسى ئەڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان دۆلەت. بىرمىنىڭ ئىقلىمى تروپىك مۇسسونلۇق ئىقلىمىغا خاس بولۇپ، يازلىقى ئىسسىق، كۆپ يامغۇرلۇق بولىدۇ، ئۇنىڭ دېڭىز ئىېقىملىرىغا يۈزلەنگەن دەننا سالىن قىرغاقلىرى بىلەن ئاراكان تېغىنىڭ ھۆل-يېغىنى كۆپ بولۇپ، 3000 مىللىمتېردىن ئاشىدۇ. ئىچكى قىسمىدىكى ئىراۋادى دەريا قىرغاقلىرىدا 400-1000 مىللىمتېرغا يېتىدۇ. بىرمىنىڭ ھاۋاسى يىل بويى يىللىق، يامغۇرى كۆپ بولغانلىقتىن، دۆلەتنىڭ 60% نى ئورمان قاپلاپ تۇرىدۇ، ئورمان مۇھىم ئېكسپورت ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ.

بىرما دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ قەدىمىي قوشنا دۆلەتلىرىدىن بىرى، مىلادى 9-ئەسىردىن باشلاپلا دۆلىتىمىز بىلەن بىرما ئوتتۇرىسىدا بېرىش-كېلىش باشلانغان. بىرما 19-ئەسىرگە كەلگەندە ئەنگلىيە بىلەن ئۈچ قېتىملىق ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان، 1879-يىلى ئەنگلىيىنىڭ بىر ئۆلكىسىگە ئايلانغان، 1937-يىلى ھىندىستاندىن ئايرىلىپ، بىۋاسىتە ئەنگلىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتكەن. 1942-يىلدىن 1945-يىلغىچە ياپونىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 1948 -يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى مۇستەقىلىككە ئېرىشكەن.

بىرما يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان دۆلەت. ئاھالىنىڭ تەخمىنەن 70% ى يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە ئاساسەن شال ئۆستۈرۈلىدۇ. شال ئۆستۈرۈلىدىغان يەر پۈتۈن تېرىلغۇ يېرىنىڭ 70% نى ئىگىلەيدۇ. بىرما تارىختىن بۇيان سىرتقا گۈرۈچ مەھسۇلاتى ئېكسپورت قىلىش بىلەن داڭلىق، ئۇنىڭ گۈرۈچ ئېكسپورتى ھازىرمۇ پۈتۈن ئېكسپورتىنىڭ 40%-50% نى ئىگىلەيدۇ. شالدىن باشقا خاسىڭ، كېۋەز، كۈنجۈت، شېكەر قۇمۇشى، پۇرچاق تىپىدىكى زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ.

بىرمىنىڭ سانائىتى تەرەققىي قىلمىغان، گۈرۈچ ئاقلاش بىلەن ياغاچ ماتېرىياللىرى سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ. بۇلاردىن قالسا توقۇمىچىلىق، خىمىيىۋى ئوغۇت، پولات پروكاتلاش، شېكەر، ياغ چىقىرىش، كېمىسازلىق قاتارلىق سانائەتلىرى بار، بۇ خىل سانائەت ئورۇنلىرى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئىراۋدى ۋە چىتاڭ دەريا بويلىرىدىكى رانگون، ماندالاي، ماۋدەنميەن قاتارلىق شەھەرلەرگە مەركەزلەشكەن.

دۆلەت نامىنىڭ چۈشەندۈرۈشى:

ميەنمارنىڭ تولۇق نامى «ميەنمار فېدېراتسىيىسى» بولۇپ، ئوتتۇرا جەنۇبىي ئاسىيا يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىگە جايلاشقان. دۆلەت نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئىككى خىل چۈشەنچە بار:

بىرىنچى، جۇڭگو سۇڭ دەۋرىنىڭ بۇ دۆلەتكە بولغان ئاتىشى. قەدىمكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، خەن سۇلالىسى بۇ دۆلەتنى «دەن» دەپ، تاڭ سۇلالىسى بولسا «پياۋ دۆلىتى» دەپ ئاتىغان. تاڭ دېزۇڭنىڭ جىنيۈەن يىللىرى، پياۋ دۆلىتى شاھى يۇڭچياڭ جۇڭگوغا بىر مەدەنىيەت ئەلچىلەر ئۆمىكىنى ناخشا-ئۇسۇل ئورۇنداشقا ئەۋەتكەن. شائىر بەيجۈيى ئۇلارنىڭ ئېسىل ئويۇنىنى كۆرگەندىن كېيىن «پياۋ دۆلىتى مۇزىكىسى»ناملىق تەسىرلىك شېئىر يازغان. سۇڭ دەۋرىدە ميەنمارنى «پۇگەن» دەپ ئاتاش بىلەن بىللە يەنە ميەنبار دەپ ئاتاشقا باشلىغان. 1160-يىلى، ميەنمار ئەلچىسى دالى ؟؟ئەلچىلىرىگە ئەگىشىپ، سۇڭ خاندانلىقىغا زىيارەتكە كەلگەن ۋە پىل سوۋغا قىلغان. سۇڭ ئوردىسى مىيەنمارنىڭ تاغ دەريالىرىنىڭ تولىمۇ يىراق، يوللىرىنىڭ قىيىنلىقىغا سۈپەت قىلىپ،«ميەن»)يىراق مەنىسىدە(دەپ ئاتىغان؛ يەنە جۇڭگۇ ميەنمار چېگراسى ئەتراپلىرىدا تاغ جىلغىسىنى «ما» دەپ ئاتىغاچقا، بىرلەشتۈرۈپ «ميەنمار»)يىراقتىكى تاغ جىلغىسى(دەپ ئاتىغان؛

ئىككىنچى، مىللەت نامىدىن پايدا بولۇپ، كېيىن دۆلەت نامىغا ئۆزگەرگەن. ميەنمار مىللىتى دۆلەت نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن 23قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ، ئۇلار ئۆز نامىنى «مىيەن» سۆزىگە ھۆرمەتنى بىلدۈرىدىغان ئارقا قوشۇلغۇچى «مار»نى قوشۇش ئارقىلىق شەكىللەنگەن دەپ تونۇيدۇ. بۇنىڭ بۇ يەردىكى مەنىسى «چاققان»، «قاۋۇل» مەنىسىدە بولۇپ، سۆز مەنبەسى سانسكرىت يېزىقى «بىراھمان» بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، بۇددا دىنىدا بۇ سۆز «بۇ يەردە ئەڭ بۇرۇن ئولتۇراقلاشقۇچى» مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، ميەنمارلىقلار ئۆز دۆلىتىنى يەنە ئومۇميۈزلۈك «باما»)كۈچلۈك مەنىسىدە(دەپمۇ ئاتايدۇ.

مىيەنمار 1044-يىلى بىرلىككە كەلگەن دۆلەت بولۇپ شەكىللەنگەندىن كىيىن، پۈگەن، دۇڭۋۇ ۋە گۇڭباڭ قاتارلىق ئۈچ فېئوداللىق سۇلالىنى باشتىن كەچۈرگەن. 1824-يىلىدىن 1885-يىلىغىچە ئەنگلىيە ئۈچ قېتىملىق تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ئارقلىق ميەنمارنى تەدرىجىي بېسىۋېلىپ، ميەنمارنى ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى قىلىۋالغان. 1942-يىلى 5-ئايدا ياپونىيە بېسىۋالغان، 1945-ئەنگىلىيە قايتىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان. 1948-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى ئەنگلىيە ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ، مۇستەقىللىق جاكارلاپ، ميەنمار فېدېراتسىيىسىنى قۇرغان. 1974-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى نامىنى «ميەنمار فېدېراتىپ سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى» گە ئۆزگەرتكەن، 1988-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى نامىنى يەنە «ميەنمار فېدىراتسىيسى» گە ئۆزگەرتكەن. ميەنمارنىڭ يەر مەيدانى 676.581 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى 43مىليون، بۇنىڭ ئىچىدە 65%تى ميەنمار مىللىتى بولۇپ، قالغان مىللەتلەردىن كېلون، دەن قاتارلىقلار بار، مەملىكەت بويىچە 7 ئاز سانلىق ئاپتونوم شىتات بولۇپ، ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ 55%ىنى ئىگىلەيدۇ. ئاھالىنىڭ كۆپ قىسمى بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى رانگون، پۇل بىرلىكى كىيات.

دۆلەت بايرىقىنىڭ چۈشەندۈرۈشى:

بىرما 1044- يىلى بىرلىككە كەلگەن دۆلەت. 1948- يىلى ئەنگىليە مۇستەملىكچىلىرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىل بولغان. پۈتۈن مەملىكەتنى يەتتە ئۆلكە ۋە يەتتە ئىتپاقداشقا ئايرىغان. بۇ ئالاھىدىلىك بىرمىنىڭ 1974- يىلى قايتا تۈزۈلگەن دۆلەت بايرىقى ۋە دۆلەت گېربىدە تولۇق ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. بىرما ئىتپاقداش دۆلتىنىڭ بايرىقى قىزىل رەڭنى ئاساس قىلغان بولۇپ، بايراقنىڭ سول ئۈستىگە بىر ئۇزۇن كۆك چاسا سىزىلىپ. ئۈستىگە ئاق گۈللەر سىزىلغان. قىزىل رەك بىرما خەلقىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك كۈرەشلەر داۋامىدا ئىپادىلەنگەن باتۇرلۇقى ۋە كەسكىنلىكى سىمۋۇل قىلىنغان. ئاق رەڭ بىرمىلىقلارنىڭ پاك تۇغما خۇسۇسىيتى ۋە گۈزەل ئەخلاقىنى نامايەن قىلغان. كۆك رەڭ تىنچلىق ۋە بىرلىكنىڭ سىمۋۇلى بولغان. بايراق ئۈستىدىكى رەسىم شال ۋە چىشلىق چاق بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن. شال باشىقى بىرمىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئاھالىسى كۆپ سانىنى ئىگىلەيدىغان يېزا ئىگىلىك دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. 14چىشلىق چاق يېڭىدىن گۈللەنگەن سانەتنىڭ ئىقتىسادىنىڭ تۈۋرۈكى بولىدىغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىنغان. چىشلىق چاق بىلەن ئۇدۇل تۇرغان 14 بەش بۈرجەكلىك كىچىك يۇلتۇز بىرما ئىتتىپاقىنىڭ 14ئۆلكە ۋە ئىتتپاقداشلىرىغا ۋەكىللىك قىلىنىپ، دۆلەنىڭ بىرلىكى ۋە ئىتتىپاقلىقىنى كۆرسەتكەن. دۆلەت گېربىنىڭ چۈشەندۈرۈشى دۆلەت گېرىبىدىكى چىشلىق چاق بىلەن ئالتۇن رەڭلىك شال باشاقلىرىنىڭ مەنبەسى دۆلەت بايرىقى بىلەن ئوخشاش. چىشلىق چاقنىڭ دەل ئوتتۇرسىغا بىرمىنىڭ خەرىتىسى سىزىلغان بۇلۇپ، دۆلەت چىگىرسى ۋە چېگرا رايونلىرنى بىلدۈرگەن. بىرما بۇتقا ئېتقاد قىلىدىغان دۆلەت، دۆلەت گېربىنىڭ ئىككى يېنىدىكى بۇلۇتسىمان بېزەك لىنتىسى بېھىش جەننەتىنىڭ بەلگىسى. ئىككى تەرپىدە سىرىتقا قاراپ تۇرغان بىردىن شىر بۇددا دىنىدا قۇتلۇلىنىدىغان مۇقەددەس شىر بولۇپ، مۇھاپزەتچى ئىلاھىغا ئوخشىتىپ،بۇ دۆلەتنى قوغدايدىغان قەيسەر كۈچىگەسىمۋول قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىرمىنىڭ دىنىي ئالاھىدىلىكمۇ شۇ ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. دۆلەت گېربىنىڭ ئاستىدىكى ئالتۇن رەڭلىك لېنتىغا بىرما يېزىقىدا دۆلەت نامى يېزىلغان.

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

http://www.bilqut.com/kutupxana/show.php?itemid=3748

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

qingil يوللانغان ۋاقتى 2012-7-29 22:13:59

بۇدىسىت چوشقىلارنىڭ جازاسنى ئۇلۇغ اللا بەرگەي.....

ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2012-7-29 22:37:26

بېرما فىدىراتسىيىسى =Union of Burma



بىرما - ئاسىيانىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ھىندىچىنى يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان دۆلەت. يەر مەيدانى  676.578 مىڭ كۋادرات كىلومېتر بولۇپ، ھىندىچىنى يېرىم ئارىلىدىكى دۆلەتلەر ئىچىدە يەر مەيدانى ئەڭ چوڭ دۆلەت ھېسابلىنىدۇ.



ئاھالىسى:

2010-يىلى 10-ئايغا قەدەر بېرمىنىڭ ئاھلىسى 48 مىليون 176 مىڭ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 68%تى خەن-زاڭ تىل سېستىمىسى، تېبەت بېرما تىللىرى ئائىلىسى، بېرما تىللىرى تۈركۈمىدىكى ميەنمار مىللىتى تەشكىل قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خەن-زاڭ تىل سېستىمىسى، تاي تىللىرى ئائىلىسىگە تەۋە شان(جۇڭگودىكى تەيزۇ)لار 9%، كارېنلار 7%، راھىنلار 4%، جۇڭگۇ مۇھاجىرلىرى 3%، مونلار 3%، بېنگاللىق مۇھاجىرلار 2% باشقا چىن، كاچىن، ناگا قاتارلىق مىللەتلەر 5%نى ئىگەللەيدۇ.

بېرما دۇنيادىكى تىپىك بۇددىزىم دۆلىتى بولۇپ ئاھالىنىڭ 90%ى بۇددا دىنى ماھايانا مەزھىبىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. تاغلىق رايوندىكى چىن، كاچىن، ناگا قاتارلىق مىللەتلەر بولۇپ 4% ئاھالە خىرىستان دىنى پىروتىستانت مەزھىبىگە ئىشىنىدۇ. بېنگال بىلەن چېگرىداش رايونلاردا ياشايدىغان مۇسۇلمانلار ئاھالىنىڭ 4%نى ئىگەللەيدۇ. باشقىلار يەرلىك ئىپتىدائى دىنلارغا ئىشىنىدۇ.

مەمۇرىي رايونلارغا بۆلىنىشى:

پۈتۈن مەملىكەت 7 ئۆلكە ۋە 7شىتاتقا بۆلۈنگەن بولۇپ ئۆلكە باشلىقى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ، شىتات باشلىقى مەركىزى ھۆكۈمەتتىن كۆرسىتىلگەن نامزاتلار ئىچىدىن يەرلىك پارلامېنتتا سايلىنىدۇ. 7 يەرلىك مىللەت ئولتۇراقلاشقان ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە شىتات چىن(جۇڭگۇدىكى لىسۇ)، كاچىن، كاياھ،كايىن،مون، راھىن ۋە شان(جۇڭگۇدىكى تەيزۇ) شىتاتى بولۇپ بۇ شىتاتلارنىڭ يەر ككلىمى بېرما ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ 55%ىنى ئىگىلەيدۇ.

بىرما دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ قەدىمىي قوشنا دۆلەتلىرىدىن بىرى، مىلادى 9-ئەسىردىن باشلاپلا دۆلىتىمىز بىلەن بىرما ئوتتۇرىسىدا بېرىش-كېلىش باشلانغان. بىرما 19-ئەسىرگە كەلگەندە ئەنگلىيە بىلەن ئۈچ قېتىملىق ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان، 1879-يىلى ئەنگلىيىنىڭ ھىندىستاندىكى ۋالىسى باشقۇرىدىغان بىر ئۆلكىسىگە ئايلانغان، 1937-يىلى ھىندىستاندىن ئايرىلىپ، بىۋاسىتە ئەنگلىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتكەن. 1942-يىلدىن 1945 -يىلغىچە ياپونىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 1948-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى مۇستەقىلىككە ئېرىشكەن.

دۆلەت نامىنىڭ چۈشەندۈرۈشى:

ميەنمارنىڭ تولۇق نامى «ميەنمار فېدېراتسىيىسى» بولۇپ، ئوتتۇرا جەنۇبىي ئاسىيا يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىگە جايلاشقان. دلالەت نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئىككى خىل چۈشەنچە بار: بىرىنچى، جۇڭگو سۇڭ دەۋرىنىڭ بۇ دۆلەتكە بولغان ئاتىشى. قەدىمكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، خەن سۇلالىسى بۇ دۆلەتنى «دەن» دەپ، تاڭ سۇلالىسى بولسا «پياۋ دۆلىتى» دەپ ئاتىغان. تاڭ دېزۇڭنىڭ جىنيۈەن يىللىرى، پياۋ دۆلىتى شاھى يۇڭچياڭ جۇڭگوغا بىر مەدەنىيەت ئەلچىلەر ئۆمىكىنى ناخشا-ئۇسۇل ئورۇنداشقا ئەۋەتكەن. شائىر بەيجۈيى ئۇلارنىڭ ئېسىل ئويۇنىنى كۆرگەندىن كېيىن «پياۋ دۆلىتى مۇزىكىسى»ناملىق تەسىرلىك شېئىر يازغان. سۇڭ دەۋرىدە ميەنمارنى «پۇگەن» دەپ ئاتاش بىلەن بىللە يەنە ميەنبار دەپ ئاتاشقا باشلىغان. 1160-يىلى، ميەنمار ئەلچىسى دالى ؟؟ئەلچىلىرىگە ئەگىشىپ، سۇڭ خاندانلىقىغا زىيارەتكە كەلگەن ۋە پىل سوۋغا قىلغان. سۇڭ ئوردىسى مىيەنمارنىڭ تاغ دەريالىرىنىڭ تولىمۇ يىراق، يوللىرىنىڭ قىيىنلىقىغا سۈپەت قىلىپ،«ميەن»)يىراق مەنىسىدە(دەپ ئاتىغان؛ يەنە جۇڭگۇ ميەنمار چېگراسى ئەتراپلىرىدا تاغ جىلغىسىنى «ما» دەپ ئاتىغاچقا، بىرلەشتۈرۈپ «ميەنمار»)يىراقتىكى تاغ جىلغىسى( دەپ ئاتىغان؛ ئىككىنچى، مىللەت نامىدىن پايدا بولۇپ، كېيىن دۆلەت نامىغا ئۆزگەرگەن. ميەنمار مىللىتى دۆلەت نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن 23قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ، ئۇلار ئۆز نامىنى «مىيەن» سۆزىگە ھۆرمەتنى بىلدۈرىدىغان ئارقا قوشۇلغۇچى «مار»نى قوشۇش ئارقىلىق شەكىللەنگەن دەپ تونۇيدۇ. بۇنىڭ بۇ يەردىكى مەنىسى «چاققان»، «قاۋۇل» مەنىسىدە بولۇپ، سۆز مەنبەسى سانسكرىت يېزىقى «بىراھمان» بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، بۇددا دىنىدا بۇ سۆز «بۇ يەردە ئەڭ بۇرۇن ئولتۇراقلاشقۇچى» مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، ميەنمارلىقلار ئۆز دۆلىتىنى يەنە ئومۇميۈزلۈك «باما»)كۈچلۈك مەنىسىدە(دەپمۇ ئاتايدۇ. مىيەنمار 1044-يىلى بىرلىككە كەلگەن دۆلەت بولۇپ شەكىللەنگەندىن كىيىن، پۈگەن، دۇڭۋۇ ۋە گۇڭباڭ قاتارلىق ئۈچ فېئوداللىق سۇلالىنى باشتىن كەچۈرگەن. 1824-يىلىدىن 1885-يىلىغىچە ئەنگلىيە ئۈچ قېتىملىق تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ئارقلىق ميەنمارنى تەدرىجىي بېسىۋېلىپ، ميەنمارنى ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى قىلىۋالغان. 1942-يىلى 5-ئايدا ياپونىيە بېسىۋالغان، 1945-ئەنگىلىيە قايتىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان. 1948-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى ئەنگلىيە ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ، مۇستەقىللىق جاكارلاپ، ميەنمار فېدېراتسىيىسىنى قۇرغان. 1974-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى نامىنى «ميەنمار فېدېراتىف سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى» گە ئۆزگەرتكەن، 1988-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى نامىنى يەنە «ميەنمار فېدىراتسىيسى»گە ئۆزگەرتكەن.

كىلىماتى:

بىرما يەر شەكلى جەھەتتىن تاغلىق، نېگىز تەكشىلىكلەرنى ئاساس قىلىدۇ، ئۇنىڭ شىمالىي ئېگىز بولۇپ، جەنۇبقا قاراپ پەسىيىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ شىمالىي ئېگىز بولۇپ، جەنۇبقا قاراپ پەسىيىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ شەرقىي قىسمىدا كونا دەنباڭ ئېگىزلىكى بار. تاغلىق، ئېگىز تەكشىلىكلەرنى شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ ئاققان دەرياللار نۇرغۇن دەريا ۋادىلىرىغا ئايرىپ تۇرىدۇ. بىرمىنىڭ ئىقلىمى تروپىك مۇسسونلۇق ئىقلىمىغا تەۋە بولۇپ، قىش پەسلى بولمايدۇ، تېمپىراتۇرىسى ئىسسىق، كۆپ يامغۇرلۇق. بولۇپمۇ ئۇنىڭ دېڭىز ئىېقىملىرىغا يۈزلەنگەن دەننا سالىن قىرغاقلىرى بىلەن ئاراكان تېغىنىڭ ھۆل-يېغىنى كۆپ بولۇپ، 3000 مىللىمتېردىن ئاشىدۇ. ئىچكى قىسمىدىكى ئىراۋادى دەريا قىرغاقلىرىدا 400-1000 مىللىمتېرغا يېتىدۇ.

ئىقتىسادى:

بىرمىنىڭ ھاۋاسى يىل بويى ئىللىق، يامغۇرى كۆپ بولغانلىقتىن، دۆلەتنىڭ 60% نى ئورمان قاپلاپ تۇرىدۇ، قىزىل ياغاچ ۋە سەندەلنى ئاساس قىلغان ئورمان بېرمىنىڭ مۇھىم ئېكسپورت ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ. بىرما يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان دۆلەت. ئاھالىنىڭ  70% ى يېزا ئىگىلىكى بىلەن، 7%ى سانائەت بىلەن، 23%ى مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە ئاساسەن شال ئۆستۈرۈلىدۇ. شال ئۆستۈرۈلىدىغان يەر پۈتۈن تېرىلغۇ يېرىنىڭ 70% نى ئىگىلەيدۇ. بىرما تارىختىن بۇيان سىرتقا گۈرۈچ مەھسۇلاتى ئېكسپورت قىلىش بىلەن داڭلىق، ئۇنىڭ گۈرۈچ ئېكسپورتى ھازىرمۇ پۈتۈن ئېكسپورتىنىڭ 40%-50% نى ئىگىلەيدۇ. شالدىن باشقا خاسىڭ، كېۋەز، كۈنجۈت، شېكەر قۇمۇشى، پۇرچاق تىپىدىكى زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. بىرمىنىڭ سانائىتى تەرەققىي قىلمىغان، گۈرۈچ ئاقلاش بىلەن ياغاچ ماتېرىياللىرى سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ. بۇلاردىن قالسا توقۇمىچىلىق، خىمىيىۋى ئوغۇت، پولات پروكاتلاش، شېكەر، ياغ چىقىرىش، كېمىسازلىق قاتارلىق سانائەتلىرى بار، بۇ خىل سانائەت ئورۇنلىرى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئىراۋدى ۋە چىتاڭ دەريا بويلىرىدىكى رانگون، ماندالاي، ماۋدەنميەن قاتارلىق شەھەرلەرگە مەركەزلەشكەن .

2009-يىلى بېرمىنىڭ مىللى ئىشلەپچىقىرىش ئۇمۇمى دارامىتى 57مىلىيارد دوللار بولغان بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللى دارامىتى 1مىڭ 1يۈز دوللار بولغان. ئىقتىسادىدا يېزا ئىگىلىك 43%نى، سانائەت 19%نى، مۇلازىمەت كەسپلىرى 37%نى ئىگەللىگەن. بېرمىنىڭ 2009-يىللىق تاشقى سودا ئىكىسپورتىدا تايلاند46.5%، ھىندىستان 13%،جۇڭگۇ 9%، ياپونىيە 5.65%نى ، ئىمپورتىدا جۇڭگۇ 33%، تايلاند 26.28%، سىنگاپور 15.18% نى ئىگەللىگەن.

بېرمىنىڭ پۇلى كىيات بولۇپ 2006-يىلى 1280كىيات=بىر دوللار، 2008-يىلى 1205كىيات=بىر دوللار، 2009-يىلى 1090كىيات=بىر دوللار بولغان.

2009-يىلى 12-ئايغا قەدەر بېرمىدىكى مۇقىم تېلفون 829مىڭ، يانفون 375مىڭ، مۇلازىمېتىر 172، ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچى 109مىڭ بولغان. بېرمىنىڭ ئېنتېرنېت تور نامى ئاياقلاشمىسى: .mm

دۆلەت بايرىقىنىڭ چۈشەندۈرۈشى:

بىرما 1044-يىلى بىرلىككە كەلگەن دۆلەت. 1948-يىلى ئەنگىليە مۇستەملىكچىلىرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىل بولغان. پۈتۈن مەملىكەتنى يەتتە ئۆلكە ۋە يەتتە ئىتپاقداشقا ئايرىغان. بۇ ئالاھىدىلىك بىرمىنىڭ 1974-يىلى قايتا تۈزۈلگەن دۆلەت بايرىقى ۋە دۆلەت گېربىدە تولۇق ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. بىرما ئىتپاقداش دۆلتىنىڭ بايرىقى قىزىل رەڭنى ئاساس قىلغان بولۇپ، بايراقنىڭ سول ئۈستىگە بىر ئۇزۇن كۆك چاسا سىزىلىپ. ئۈستىگە ئاق گۈللەر سىزىلغان. قىزىل رەك بىرما خەلقىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك كۈرەشلەر داۋامىدا ئىپادىلەنگەن باتۇرلۇقى ۋە كەسكىنلىكى سىمۋۇل قىلىنغان. ئاق رەڭ بىرمىلىقلارنىڭ پاك تۇغما خۇسۇسىيتى ۋە گۈزەل ئەخلاقىنى نامايەن قىلغان. كۆك رەڭ تىنچلىق ۋە بىرلىكنىڭ سىمۋۇلى بولغان. بايراق ئۈستىدىكى رەسىم شال ۋە چىشلىق چاق بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن. شال باشىقى بىرمىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئاھالىسى كۆپ سانىنى ئىگىلەيدىغان يېزا ئىگىلىك دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. 14چىشلىق چاق يېڭىدىن گۈللەنگەن سانەتنىڭ ئىقتىسادىنىڭ تۈۋرۈكى بولىدىغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىنغان. چىشلىق چاق بىلەن ئۇدۇل تۇرغان 14بەش بۈرجەكلىك كىچىك يۇلتۇز بىرما ئىتتىپاقىنىڭ 14 ئۆلكە ۋە فىدىراتسىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىنىپ، دۆلەنىڭ بىرلىكى ۋە ئىتتىپاقلىقىنى كۆرسەتكەن.

دۆلەت گېربىنىڭ چۈشەندۈرۈشى:

دۆلەت گېرىبىدىكى چىشلىق چاق بىلەن ئالتۇن رەڭلىك شال باشاقلىرىنىڭ مەنبەسى دۆلەت بايرىقى بىلەن ئوخشاش. چىشلىق چاقنىڭ دەل ئوتتۇرسىغا بىرمىنىڭ خەرىتىسى سىزىلغان بۇلۇپ، دۆلەت چىگىرسى ۋە چېگرا رايونلىرنى بىلدۈرگەن. بىرما بۇتقا ئېتقاد قىلىدىغان دۆلەت، دۆلەت گېربىنىڭ ئىككى يېنىدىكى بۇلۇتسىمان بېزەك لىنتىسى بېھىش جەننەتىنىڭ بەلگىسى. ئىككى تەرپىدە سىرىتقا قاراپ تۇرغان بىردىن شىر بۇددا دىنىدا قۇتلۇلىنىدىغان مۇقەددەس شىر بولۇپ، مۇھاپزەتچى ئىلاھىغا ئوخشىتىپ، بۇ دۆلەتنى قوغدايدىغان قەيسەر كۈچىگە سىمۋول قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىرمىنىڭ دىنىي ئالاھىدىلىكمۇ شۇ ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. دۆلەت گېربىنىڭ ئاستىدىكى ئالتۇن رەڭلىك لېنتىغا بىرما يېزىقىدا دۆلەت نامى يېزىلغان.

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

http://qamus.okyan.com/View.aspx?ID=9386

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

sipartak يوللانغان ۋاقتى 2012-7-30 15:08:02

بۇ بۇددىستلار يەھۇدىغا ئوخشاشلام رەزىل،يىرگىنىشلىك!!!

خەپ!شۇنداق بىر كۈنلەر كىلىدىكى،قىلغانلىرىڭغا مىڭ ھەسسىلەپ بەدەل تۆلىشىسە!

ketmen يوللانغان ۋاقتى 2012-7-30 18:11:10

دېڭىزنى تىندۇرۇپ ياسالغان ئىگىز بىنالارغا، خەلقئارا سورۇنلاردا سۆزلەنگەن ھەيۋەتلىك نۇتۇقلارغا لەنەت!

ئېسىمدە قېلىشىچە، «بىر تامچە قان»نىڭ 4- قىسمى بېرمىدىكى ئىنسان ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا قارشى كۆرەشكە بېغىشلانغان ئىدى.

arman78 يوللانغان ۋاقتى 2012-7-31 06:28:35

دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ بېشى يوق. شۇ باشنى تىزراق چىقىرىپ  بەرگەيلا ئى مېھرىبان اللە!.پەيغەمبەرلىرى بىشارەت بەرگەن ‹‹ئۈممەتلەر دەۋرى››نىڭ كىلىشىنى

كۈتمەكتىمىز ئى شەپقەتلىك اللە!.بارلىق زالىملارغا سىلى كۇپايە ئى قۇدرەتلىك اللە!بارلىق زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى مۆئمىنلەرگە سابىت قەدەم ،مۇستەھكەم ئىمان ئاتا

قىلغايلا ئى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى،رەببىمىز اللە!!!

flashboy يوللانغان ۋاقتى 2012-7-31 14:52:34

10- قەۋەتتىكى arman78نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ بېشى يوق. شۇ باشنى تىزراق چىقىرىپ بەرگەيلا ئى مېھرىبان اللە!.پەيغەمبەرلىرى بىشارەت بەرگەن ‹‹ئۈممەتلەر دەۋرى››نىڭ كىلىشىنى

كۈتمەكتىمىز ئى شەپقەتلىك اللە!.بارلىق زالىملارغا سىلى كۇپايە ئى قۇدرەتلىك اللە!بارلىق زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى مۆئمىنلەرگە سابىت قەدەم ،مۇستەھكەم ئىمان ئاتا

قىلغايلا ئى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى،رەببىمىز اللە!!!

ئەيسا  ئالدىڭلارغا كەلگەن تەقدىردىمۇ ،  قارشى چىقىدىغانلار يەنىلا مۇسۇلمانلار بىلەن ،يەھۇدىيلاردىن بىر تۈركۈم ئاللاھنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان لېكىن  ھەقىقىي تونۇمايدىغانلار   بولىدۇ...ئەينى ۋاقىتتا مەسىھنىڭ كېلىشىنى يەھۇدىيلار خۇددىي سىز دۇئا قىلىپ كۈتكەندەك ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتكەن ، نەھايەت ، مەسىھ كەلگەندە ، ئۇنىڭغا قارا چاپلاپ زىيانكەشلىك قىلغان ...

forever يوللانغان ۋاقتى 2012-7-31 21:17:52

ئۇ مەلئۇنلارنى يەر يۇتقاي!

imtiyaz يوللانغان ۋاقتى 2012-7-31 21:24:26

ما ئىزدىنىش باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ flashboy ، ufofly ,  دىگەندەك بىرنەچچە چاپان بىلەن كىرىپ پىتنە تېرىپلا يۈرىيدىغان ما خىرىستىئانغا ھەجەپ سەۋرى تاقىتى توشماي كەتتى دىسە !!  \"\"

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2012-7-31 21:49:29

11- قەۋەتتىكى flashboyنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

10- قەۋەتتىكى arman78نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ بېشى يوق. شۇ باشنى تىزراق چىقىرىپ بەرگەيلا ئى مېھرىبان اللە!.پەيغەمبەرلىرى بىشارەت بەرگەن ‹‹ئۈممەتلەر دەۋرى››نىڭ كىلىشىنى

كۈتمەكتىمىز ئى شەپقەتلىك اللە!.بارلىق زالىملارغا سىلى كۇپايە ئى قۇدرەتلىك اللە!بارلىق زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى مۆئمىنلەرگە سابىت قەدەم ،مۇستەھكەم ئىمان ئاتا

قىلغايلا ئى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى،رەببىمىز اللە!!!

ئەيسا  ئالدىڭلارغا كەلگەن تەقدىردىمۇ ،  قارشى چىقىدىغانلار يەنىلا مۇسۇلمانلار بىلەن ،يەھۇدىيلاردىن بىر تۈركۈم ئاللاھنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان لېكىن  ھەقىقىي تونۇمايدىغانلار   بولىدۇ...ئەينى ۋاقىتتا مەسىھنىڭ كېلىشىنى يەھۇدىيلار خۇددىي سىز دۇئا قىلىپ كۈتكەندەك ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتكەن ، نەھايەت ، مەسىھ كەلگەندە ، ئۇنىڭغا قارا چاپلاپ زىيانكەشلىك قىلغان ...


ئەئۇزىبىللا دەۋىتىڭە.


شۇنداق بىر كۈنلەر كىلىدۇ...

Bughra1902 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-1 02:30:01

قاچىغا چۈشكەن چىۋىندەك ھەممە تېمىنى كۆڭۈلسىز قىلىدىغان نېمىكەن بۇ

tayanqimbar يوللانغان ۋاقتى 2012-8-1 05:46:41

11- قەۋەتتىكى flashboyنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

10- قەۋەتتىكى arman78نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ بېشى يوق. شۇ باشنى تىزراق چىقىرىپ بەرگەيلا ئى مېھرىبان اللە!.پەيغەمبەرلىرى بىشارەت بەرگەن ‹‹ئۈممەتلەر دەۋرى››نىڭ كىلىشىنى

كۈتمەكتىمىز ئى شەپقەتلىك اللە!.بارلىق زالىملارغا سىلى كۇپايە ئى قۇدرەتلىك اللە!بارلىق زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى مۆئمىنلەرگە سابىت قەدەم ،مۇستەھكەم ئىمان ئاتا

قىلغايلا ئى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى،رەببىمىز اللە!!!

ئەيسا  ئالدىڭلارغا كەلگەن تەقدىردىمۇ ،  قارشى چىقىدىغانلار يەنىلا مۇسۇلمانلار بىلەن ،يەھۇدىيلاردىن بىر تۈركۈم ئاللاھنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان لېكىن  ھەقىقىي تونۇمايدىغانلار   بولىدۇ...ئەينى ۋاقىتتا مەسىھنىڭ كېلىشىنى يەھۇدىيلار خۇددىي سىز دۇئا قىلىپ كۈتكەندەك ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتكەن ، نەھايەت ، مەسىھ كەلگەندە ، ئۇنىڭغا قارا چاپلاپ زىيانكەشلىك قىلغان ...





        مەسىلىلەرگە ماكان نوقتىسىدىن ئالدىن بىشارەت بېرەلەيدىغانلىقىڭىزغا ھەيران قالدىم........

muzatd يوللانغان ۋاقتى 2012-8-1 15:06:18

ئىزدىنىش ئۆپۈر-تۆپۈر بوپكېتىپتىغۇ! \"\"

hanjar78 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-1 16:39:19

ئاللاھ  پۈتۈن دۇنيادىكى قەتلىئامغا ئۇچۇرغان لارغا  مەغپىرەت قىلسۇن!

ئى ئاللاھ بارلىق مۇسۇلمانلارغا  كۈچ-قۇۋەت ئاتا قىلغىن!

پەيغەمبىرىمىز بىشارەت بەرگەن خەۋەرلەرنى تىزراق روياپقا چىقىرىپ مۇسۇلمانلارنى ئەزىز قىلغىن!

پەيغەمبىرىمىز بۇ كۈنلەردە يز بىرىدىغان ئالەمشۇمۇل ئىشلاردىن ئالاھىدە خوش بىشارەت بەرگەن بۇلۇپ ، ئىمامى مەھدىنىڭ زامانىمىزدا ئاشكارە بۇلىدىغانلىقى،ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاسماندىن چۈششى، دەچچالنىڭ قۇپىشى، بۇ ئەھۋاللارنىڭ  بىرنىڭ كەنىدىن بىرسى كىلىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن.

تەپسىلاتىغا قىززىقسىڭىز ماۋۇ ئادىرىسقا كىرىپ  چۈشۈرۈپ ئاڭلاڭ.

ئادىرسى؛   

                   http://l7.yunpan.cn/lk/55k4pn0svq

tujjar365 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-8 17:36:00

ئادەتتە  دۇنيادا  نەچچە  ئون  ئىسلام  دۆلىتى بار  دەپ  ئاڭلايمىز ، ھەشەمىتىمۇ  خىلى  بار ، لىكىن  ئاجىز  مۇسۇلمانلار  زىيانكەشلىككە  ئچرىغان  چاغدا  خۇددى  دۇنيادا  تۇركىيەدىن  باشقا  مۇسۇلمان دۆلىتى  يوقتەكلا ،
بەت: [1] 2
: بىرمادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ سۈكۈت قىلىشى