ۋاسكىتبول سارىيى
بۇ مەن 3دس ماكىستا ئىشلىگەن ۋاسكىتبول سارىينىڭ كومپيوتىر گىرافىك ئۇنۈم رەسىمى.
بۇنى داڭلىق Aotudesk نىڭ Area مۇنبىرىگە يوللاپ شۇنىڭدىن ئۇلىنىش قىلىپ قويدۇم.
ئىنتايىن ياخشى لاھىيەلىنىپتۇ. بۇنى داڭلىق Aotudesk نىڭ Area مۇنبىرىگە يوللاپ شۇنىڭدىن ئۇلىنىش قىلىپ قويدۇم.
Area دىكى ئادېرىسى:
كاتوگىرىيەسى: بىناكارلىقنىڭ رىئاللىق تۈرىگە تەۋە.
http://area.autodesk.com/showcase/images/basketball_hall
قالغانلىرىنى رەسىم بوشلىقىغا چىقاردىم.
CBA ئۈچۈن لاھىيەلىگەن ئوخشايسىز قارىغاندا {:92:}
بولسا گارنىڭ ئارقا تەرىپىگە ئورۇندۇق چىقىرىپ، مېدىئا مەركىزى (ئوتتۇرىدىكى بوشلۇققا) NBA نىڭكىگە ئوخشاش لاھىيەلىگەن بولسىڭىز تېخىمۇ نەپىس چىقاتتىكەن . مەنمۇ ئەسلا لاھىيەلىيەلمەيمەن، مۇنداقلا ئۆزۈمنىڭ قارىشىنى ئېيتىپ قويدۇم.
تاماشىبىننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇسابىقىنى ياخشى كۆرۈشىنى كۆزدە تۇتقاندا گارنىڭ ئارقا تەرىپىگە ئورۇندۇق لايىھەلىمىگەن تۈزۈك. توۋا ،ماۋۇ قانداق بولۇپ ناخشا مۇزىكا سەھىيپىسىگە يوللىنىپ قالغاندۇ.

مۇشۇ ھۈنەرلىرىڭىزدىن سىندەرس ئىشلەپ قويسىڭىز بولغۇدەك. بۇ ۋاسكېتبول سارىيى كىشىگە تولىمۇ ئازادە، راھەت تەسىر بېرىدىكەن.

شۇلارنى سوراپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ:
1. مەيدانغا قانچىلىك تاماشىبىن پاتىدۇ؟ (ئورۇندۇقلار سەل شالاڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغاندەك ھېس قىلدىم)
2. ۋاسكېتبول گارىنىڭ ئارقا قىسمىدا تاماشىبىنلار بولمامدۇ؟ (بۇنى راستلا بىلمەيدىكەنمەن)
3. ساراينىڭ ئۈستى قىسمىمۇ ئەينەكمۇ؟ (نۇر ئۆتكۈزۈشچانلىقى بەك ياخشىكەن)
4. مۇشۇ ساراينىڭ پۈتۈپ چىقىشى ئۈچۈن مۆلچەرىڭىزچە قانچىلىك مەبلەغ كېتىدۇ؟
ھەقىقەتەن كۆركەم لاھىيە بوپتۇ. ئېسىل ئەسەر، ئەسەرنى ھاسسىلاش(render) رېئاللىققا 95% يېقىنلىشىپتۇ. ھەم مۇكەممەل بوپتۇ. مېنىڭچە تورۇستىكى بىر قاتار پولات تۇرىبىلاردىكى قايتىلىنىش بەك كوپ بولۇپ كېتىپتۇ، بولسا پولات تۇربىلاردىن شەكىل چىقىرىپ بوشلۇق قالدۇرۇلىشى كېرەك ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا تاماشىبىن ئۇرنى بىلەن مەيدان چىرىقى ئورنىتىلماپتۇ، ئەلۋەتتە مەيدان چىرىقى بىلەن تاماشىبىنلارنىڭ چىرىقى بىر -بىرىگە ئوخشىمايدۇ. ئەگەر بۇ چىراقلارنى تورۇسقا ئورنىتىۋەتكەن بولسا ئەسەردىكى مەزمۇن تېخىمۇ مول بولغىدەك دېگەن ھېسسىياتقا كەلدىم. مەيداننىڭ ئوتتۇرىدىكى چەمبەر ئىچىگە ئىسمىڭىزنى، ياكى بىرە سىز ياخشى كۆرىدىغان ماركا بەلگىسىنى چقىرىپ قويغان بولسىڭىز، تېخىمۇ ئېسىل چىقاركەن!




تەلەپكە ئاساسەن ياساپ بولۇپ، ئۆزىڭىز ئۆزگەرتىپ ئوينىسىڭىزمۇ بولىدىغۇ.
ئالدىڭىزدا ماختىماي بولدى... ئىشقىلىپ يامان بالا جۇمۇ سىز {:90:} بولىدۇ، خالىغانچە ئۆزگەرتىپ ئوينىسام بولىدۇ. سىزمۇ خېلە يامانغۇ، قىتەلەر ئاتلاپ ئوقۇاۋاتىسىز.

بەت:
[1]