Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-7-28 20:31:18

شەنبىلىك كىنو: ئاخىرقى تەسەۋۋۇر

كىنو ئىسمى: ئاخىرقى تەسەۋۋۇرFinal Fantasy: The Spirits Within最终幻想之灵魂深处


تۈرى: CG كارتۇن

دۆلىتى: ئامېرىكا

ۋاقتى: 2001- يىلى 7- ئاينىڭ 11- كۈنى

ئۇزۇنلۇقى: 106 مىنۇت

ئەينى چاغدىكى رەڭلەش چوڭلۇقى: 1920 x 1040

تەۋسىيە دەرىجىسى: 1- دەرىجە



ۋەقەلىكى: 2064- يىلى، ئاقار يۇلتۇز يەر شارىغا ھۇجۇم قىلىپ، ھەممە جاي ۋەيراچىلىقتا قالىدۇ، ئامان قالغۇچىلار مۇداپىيە شەھىرىدە پاناھلىنىدۇ، ھەم غەيرى جانلىقلار بارغانچە قىستاپ كېلىدۇ...



    چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي، بۇ، كۆپىنچىڭلارنىڭ ئېسىدىكى ياپۇن نەشىردىكىسى ئەمەس! چىققان ۋاقتىمۇ ئۇنىڭدىن بۇرۇن.

    ئېسىمدە قېلىشىچە، بۇ كىنونىڭ DVD دېسكىسىنى مەن 2002- يىلى ئالغان بولۇشۇم مۇمكىن، بۇ كىنو ئەينى دەۋىرنىڭ CG تېخنىكىسىغا ۋەكىللىك قىلالايدۇ! بۇنداق دىيەلىشىمدىكى سەۋەبىم بولسا، ئەينى چاغدا، مەن بۇنى قويۇپ بەرگەن ھەر قانداق كىشى بەش مىنۇتقىچە كىنودىكى روللارنىڭ ھەقىقىي ئادەم- ئەمەسلىكىنى جەزىملەشتۈرەلمىگەن، كارتۇنلۇقىنى دىگەندە ھەيران قالغان، ھەقىقى كۆرۈنۈشكە ئەڭ يېقىنلاشقان كۆز، چاچ، تېرە، كىيىم، كۆرۈنۈش... بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن سىپتا ئىشلەنگەن ۋەقەلىكلەردە نامايەن بولىدۇ! ئەلۋەتتە بۇ ئون يىل بۇرۇنقى ئىش، ھازىرقىلار تەجرىبىسىگە ئاساسەن ئاسانلا بىلەلىشى مۇمكىن، لېكىن ئەينى چاغدىكى ئەھۋال راست شۇنداق ئىدى.. ياقتۇرۇپ كۆرۈشۈڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.



   ئەگەر، ئون يىل بۇرۇن بۇ كىنودىن ھوزورلىنىپ باققان يەنە بىر ئادەم ئۇچراپ قالسا، تەڭلا ماختىشىپ كېتىشىمىزگە ئىشىنىمەن، ئون يىل بۇرۇنمۇ مۇشۇنداق ئېسىل كىنولاردىن ھوزورلىنالىغانلىقىمىزنى بىر تەلەي دىيىشكە بولىدۇ.. دوستلارنىڭ بۇ كىنونىڭ DVD سىنى سېتىۋېلىپ كۆرۈشى، ساقلاپ قويۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن، توردىكى سۇس نۇسخىلىرى ھەرگىزمۇ سۈزۈك نۇسخىنىڭ، DVD ياكى كۆك نۇر دېسكىنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ، ماڭا نىسبەتەن خۇشخەۋەر شۇكى، كۆك نۇر دېسكىسى باركەن!



سۈزۈك كۆرۈش ئادرىسى: http://www.funshion.com/subject/play/63519/3/737280/1


چۈشۈرۈش ئادرىسى: http://www.verycd.com/entries/148247/


چۈشۈرۈش ئادرىسى (چوڭ سىغىملىق):http://www.emuleday.com/download/4513-final-fantasy-the-spirits-within-chd1080p.html



(رەسىملەرنىڭ چوڭلىرى بەتتىن قېچىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن 1000*750 كە تەڭشەلدى.)





بۇ بىر تونۇشتۇرۇش بېتىكەن، ۋاقتى يەتكەنلەر ئارىلاپ قويسا بولىدۇ: http://parkablogs.com/content/book-review-making-of-final-fantasy-spirits-within






تۈۋەندىكى رەسىمنىڭ ئەسلى چوڭلۇقى: 2560*1920







newstar يوللانغان ۋاقتى 2012-7-28 21:03:27

ۋاي بۇ كىنوما؟ مەن 2000-يىلى ۋس د نەشىرىنى كۆرۈپ ،دېسكىسىنى ساقلىۋالغانتىم.دۋد نەشىرىنى ئىزدەپ تاپالماي يۈرگەن...3د چىلار بىر كۆرۈپ قويغۇدەك كىنو...ۋەقەلىكىمۇ ئېسىل.

LastSmile يوللانغان ۋاقتى 2012-7-28 21:22:00

توردىكى ماۋۇ سۈزۈك نۇسخسى بولامدۇ؟

http://www.gaoqing.tv/movie/movie_15.html

talmas يوللانغان ۋاقتى 2012-7-28 21:22:37

2001-يىلى ئىشلەنگەن ،باچكا سىز دىگەندەك بۇ فىلىم ھەقىقەتەن ئەينى يىلدىكىCG تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرلىقىغا ۋەكىللىك قىلالايدۇ.ھەممە نەرسە كۇمپىيۇتىردا ياسالغانلىقىغا قارىماي شۇنچىلىك راستەك تۇيغۇ بىرىدۇ.ئەمما بۇ فىلىمنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقى بۇلۇپ قالغان،رىجىسور كىنونىڭ كۆرىنىش چىنلىقىغابەك ئەھمىيەت بىرىپ، كىنو ۋەقەلىكىگە سەل قارىغان ،يەنە ۋەقەلىك ياخشى ئەمەس.بىلەت كىرىمى سالغان مەبلەغنى قايتۇرۋالالمىغان.ھەمدە بىر مەزگىل دۇنيا ئۈچ ئۆلچەملىك كارتۇنچىلىقىدا ئۈمۈت يوقكەن دىگەندەك بىر قاراشقا كىلىپ قېلىشقا سەۋەپ بۇلۇپ قالغان.2002-يىلى چىققان مۇز دەۋرى 1بۇنىڭ ئەكسىچە ئىنتايىن زۇر بازار تاپقان،

qutyar يوللانغان ۋاقتى 2012-7-28 23:04:32

2002-يىللىرى مەمەتجان ئەبەينىڭ مۇھەببەت دىگەن ناخشىسىغا mtvقىلىپ كىرىشتۈرگەن فىلىم مۇشۇ شۇ ئوخشايدۇ .

شۇ ۋاقتلاردا يىڭى مۇھەببەتلەشكەن ۋاقىتلار ،قىز دوستۇم ئۈرۈمچىدىن مۇشۇنىڭ mtvسىدىن كىسىۋالغان بىر پارچە رەسىمنى ماڭا سوۋغا سۈپىتىدە ئەۋەتىپتىكەندۇق ،خېلى ۋاقلارغىچە بىلمەي يۈرگەن ،كىيىن باللا مۇشۇ مۇھەببەت دىگەن ناخشىغا كىرىشتۈرۈلگەن سىندىن كىسىۋىلىنغان سۈرەتكەن دىگەن ۋاقىتتا ، بىر كىچە تورخانىغا تۈنەپ مەمەتجاننىڭ شۇ ناخشىسىنى ئاڭلىغاچ mtvسىنى كۆرگەچ ،كورىيەنىڭ يەنە بىر mtvسى بولىدىغان ،قىز دوستىغا كۆزىنى سوۋغا قىلىدىغان ،شۇنى كۆرۈپ چىقىپتىكەنمەن .ئۇنىڭدىن كيىن فىلىمنىڭ ئىسمىنى ئاخىرقى تەسەۋۋۇر ئىكەنلىكىنى بىلگەن ۋاقتىمدا ئىزدەپ تاپقان ،لىكىن بىردەم كۆرۈپ كۆرۈش خوش ياقماي تاشلاپ قويۇپتىكەنمەن . ۋاقىت چىقىرىپ ياشلىقنى ئەسلىگەچ بىر كۆرۈپ چىقاي .

aziz721 يوللانغان ۋاقتى 2012-7-28 23:04:52

باچكا كوت كوت نۇمۇرىڭىز قانچە،...ياكى مىنى قىتىۋىلىڭە...2226787844

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-7-28 23:23:22

4- قەۋەتتىكى qutyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

2002-يىللىرى مەمەتجان ئەبەينىڭ مۇھەببەت دىگەن ناخشىسىغا mtvقىلىپ كىرىشتۈرگەن فىلىم مۇشۇ شۇ ئوخشايدۇ . . .

مەمەتجان ئەبەينىڭ ناخشىسىغا كىرىشتۈرۈلگىنى بۇ كىنو ئەمەس، ئۇنىڭ دىگەن ياپۇننىڭ ئىشلىگىنى، تۈۋەندىكى رەسىمدىكىسى شۇ، بۇنىڭمۇ يامان ئەمەس كىنولىرى بار.


\"\"

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2012-7-29 02:43:58

كۆرىدىغان يېڭى كىنو چىقتى دەپ خوشبوپ يۈگرەپ كىرسەم\"\" كۆرۈپ بولغان كىنوكەن.

   قۇتيارنىڭ ئىنكاسىنى ئوقۇپ جېق كىنو كۆرۈپ كەتسىمۇ بولمامدۇ نېمەدەپ قالدىم . كۆرگەن كىنولىرىنىڭ چىقلىقىدا ئېلەشتۈرۈپ سالىدىغان گەپكەن.

ئامېرىكىنىڭ ئاۋۇ فىلىمىنى «ئاخىرقى تەسەۋۋۇرياكى ئاخىرقى فانتازىيە»، ياپوننىڭ فىلىمىنى «ئاخىرقى ئارمان » دەپ ئالسا كىنوغا سەل يېقىنلىشىدىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم .



باشقاكۆرگۈدەك كارتون بولسا تەۋسىيە قىلىڭلاباللا.شىرەكنىڭ يېڭى بۆلۈمى ۋە ئۇزۇن چاچ مەلىكىدىن كىيىن خۇماردىن چىققۇدەك كارتون كۆرمەپتىمەنمۇ نېمە    {:106:}

pasibaneli يوللانغان ۋاقتى 2012-7-29 11:09:28

ياخشى كىنو بو، كۆرۈپ قويۇشقا ئەرزىيدۇ.

abdullaev يوللانغان ۋاقتى 2012-7-29 11:20:31

قارا كىيىملىك ئادەمنىڭ 3-نى قاچان چۈشۈرگىلى بۇلار؟؟؟

tayker يوللانغان ۋاقتى 2012-7-29 13:29:37

مەنمۇ كارتون فېلىم ‹‹خېيمەن›› گە كىچىك ۋاقىتلىرىمدا بەكلا ئامراق ئىدىم ، ھازىر يوقاپ كەتتىمۇ بۇ كىنو ھىچ ئۇچراتمىدىم ، تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىدا ھازىر قويمايدىغان بوپكەتتى ، قويغان بولسا ھازىرقى كىچىك دوسلارمۇ بەك قىززىقىپ كۆرۈپ كىتەتتىدە - كاساپەتنى .

يوللانغان ۋاقتى 2012-7-29 15:31:34

مۇشۇ كىنونى تەرجىمە قىلىمىز دەپ پىلانغا كىرگۈزگەن. ۋاقىت يەتمىدى يا بى.

joshua يوللانغان ۋاقتى 2012-7-29 17:14:27

كىنوخانىغىمۇ بېرىپ قويۇڭلا ئىنسانلا!

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-7-29 21:54:33

شۇ، كونىلىرىنى ئەسلەپ قالدۇققۇ، كىنوخانىغىغۇ بېرىپ تۇراتتۇق، كۆك نۇر ئوينايدىغان بولغاننىڭ ياقى كىنوخانىنى ساقلاپ قويغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈندە خاتىرە كۈن بولىۋەرمىگەچكە،.ئۆيدە قانچىلا كىشىگە قويۇپ بەرسە بىلەت كەتمەيدىكەن. 5.1 دىن بىرنى ئورنىتىۋالسام دەپ چىشىمنى بىلەۋاتىمەن. قالغانلار قانداق ئويلايدىكىن..

joshua يوللانغان ۋاقتى 2012-7-29 22:01:39

ياق، سىزگە دېمىدىم، پالان كىنونىڭ سۈزۈك نۇسخىسى قاچان چىقاركىن دەۋاتقانلارغا دېگەن.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-7-29 22:40:31

توغرا..{:92:}

sandhouse يوللانغان ۋاقتى 2012-7-29 22:45:53

شۇ ۋاقىتتىكى سەۋىيەگە نىسبەتەن دەۋىر ھالقىغان سەۋىيەدە ئىشلەنگەن فىلىم . بىز تىخى CG نىڭ نىمىلىكىنى بىلمەي يۈرگەن چاغلار .

لىكىن بەك مەغلۇب بولغان فىلىم بۇ . بەلكىم كىشىلەر قوبۇل قىلالمىغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن كىيىن يەنە بىر كىنو the polar express چىققان راس بىلەن رىئاللىقنى ئايرىيالمىغۇدەك دەرىجىدە, بۇمۇ قاتتىق مەغلۇپ بولدى .

\"\"





ئۇنىڭدىن كىيىن bewulf دىگەن كىنو ئىشلەندى مۇشۇ ئۇسلۇپتا تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە، بۇ فىلىم خىلى داغدۇغا قوزغىدى.

\"\"





ئاندىن يىقىندا tintin قويۇلدى. بۇ فىلىم مەيلى تېخنىكا ياكى سەنئەت جەھەتتە بولسۇن راۋۇرۇس ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى ۋە زور مۇۋەپىقىيەتلەرگە ئىرىشتى.بەلكىم كىشىلەر كىنولارغا راس ئادەم چىقماي رەقەملىك ئارتىسلار رول ئالىدىغان دەۋىرنى ئەمدىلەتىن قوبۇل قىلىۋاتقان ئوخشايدۇ!

\"\"




Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-7-30 02:12:45

CG فىلىملەرنىڭ ئىچىدىن زور ئۇتۇق قازانغانلىرىغا تۈۋەندىكى ئىككىسى ۋەكىل، بۇ ئىككىسىنىڭ ئورتاقلىقى،Pixar Animation Studios، يەنى پىكىسار جانلاندۇرۇم ئىشخانىسى ئىشلىگەن، Walt Disney Pictures مەھسۇلات قىلىپ چىقارغان. ئەسكەرتىشكە تىگىشلىكى، پىكىسارنى ئالما شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مەرھۇم سىتىۋ جوبىس ئەپەندى Industrial Light and Magic شىركىتىنى 10 مىلىيون دوللارغا سېتىۋېلىپ، مۇستەقىل فىلىم ئىشلەش شىركىتى Pixar قىلىپ قۇرغان.


بۇلار، قويۇشتىن ئاۋال قاتتىق داۋراڭ سېلىپ، نۇرغۇن ئادەمنى جەلىپ قىلىپ، ئېلانلار ئارقىلىق قويۇلۇشتىن ئاۋالقى كۈتۈش كەيپىياتىنى يېتەرلىك قوزغاپ، بىلەت كىرىمىنى يارىتىدۇ.














نېمونى ئىزدەشFinding Nemo

2003- قويۇلغان.

ئىشلەش تەننەرخى: 94 مىلىيون دوللار.

ئېلان چىقىمى: 40 مىلىيون دوللار.

تۇنجى ھەپتىلىك كىنوخانا كىرىمى: 70 مىلىيون دوللاردىن ئارتۇق.

دۇنيا بويىچە كىنوخانا كىرىمى: 868 مىلىيون دوللارغا يېقىن.
\"\"
Wall- Eتامچى E

2008- يىلى قويۇلغان.

خامچوت: 180 مىلىيون دوللار.

تۇنجى ھەپتىلىك كىنوخانا كىرىمى: 63 مىلىيون دوللاردىن ئارتۇق.

دۇنيا بويىچە كىنوخانا كىرىمى: 532 دوللاردىن ئارتۇق.
\"\"





RGB يوللانغان ۋاقتى 2012-7-30 12:41:12

ئاۋاتارمۇ شۇغۇ ، بېلەت كىرىمىدا راۋۇرۇس پۇل تاپتى

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-7-30 20:52:29

17- قەۋەتتىكى فائىزە034نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سىزنىڭ كەسپىڭىز نېمە بولغىيتتى‏ @baqka ؟! CG نى چۈشىنىدىغانلارغا ئالاھىدە قىزىقىپ قالىمەن، بەك تەس كەسىپ بۇ، لېكىن ئىنتايىن كۆڭۈللۈك...



ئوقۇغان كەسپىم كومپيۇتېر. CG مۇھىم قىزىقىشىم.
بەت: [1]
: شەنبىلىك كىنو: ئاخىرقى تەسەۋۋۇر