malchi يوللانغان ۋاقتى 2012-7-28 17:29:15

شىنجاڭ كالتەك توپ كوماندىسى چېمپىيون بولدى




2012-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى 11دىن 35مىنۇت، شىنجاڭ ئونۋېرستىتى كالتەكتوپ كوماندىسىدىكى ھەربىر ماھىر ئۈچۈن، شۇنداقلا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونىمىز ئۈچۈنمۇ بىر تارىخىي خارەكتېرلىق ۋاقىت ھېسابلىنىدۇ. شىنجاڭ ئونۋېرستىتى كالتەكتوپ كوماندىسى 0گە قارشى 8نەتىجە بىلەن 4يىلدىن بۇيان ئۇدا چىمپيون بولۇپ كېلىۋاتغان گۇيلىن كوماندىسىنى يېڭىپ، 8-نۆۋەتلىك جوڭگو ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كالتەك توپ بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ Bدەرىجىلىكلەر تۈرىدە چىمپيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى.











كالتەك توپ(baseball)ئەنگىلىيىدە بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئاساسلىق ئامىرىكىدا تەرەققىي قىلغان. 1839-يىلى تارىختىن بۇيانقى تۇنجى مەيدان كالتەك توپ مۇسابىقىسى ئامىرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن، 1845-يىلى مۇسابىقە قائىدىلىرى بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن ۋە بۇ قائىدىلەر تا ھازىرغىچە قولىنىلىپ كەلمەكتە. 1860- كالتەك توپ ماھىرلىرى كەسىپلەشكەن. كالتەك توپ 1873-يىلى ئامىرىكىدىن ياپونىيىگە تارقىلىپ كىرگەن ۋە ياپونىيىدە ناھايىتى تېز ئومۇملاشقان. 1992-يىلى كالتەك توپ تۈرى يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بىر تۈرى بولغان. ھازىر ئامىرىكا ۋە ياپونىيە كالتەك توپنى دۆلەت توپى قىلىپ كەلمەكتە. بۇنىڭدىن باشقا كالتەك توپ يەنە فېلىپپىن، تەيۋەن، كورىيە، لاتىن ئامىرىكىسى قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىمۇ ناھايىتى كەڭ ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە.


tursunn يوللانغان ۋاقتى 2012-7-28 18:00:56

كاتتا خۇش خەۋەركەن. تەبرىكلەر بولسۇن!

chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2012-7-28 18:47:08

بۇلتۇر ئىككىنىجى بولغان ئىدى. ئۈستى قۇر ئوڭ تەرەپ ئىككىنجى رەتتىكى تېرنىرنىڭ ھېكايىسى كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ. ئۆزى توفىل ئېمتىھانىدىن ئۆتكەن. شىنجاڭ كوماندىسىنى چىمپىيون قىلىمەن دېگەن ئارزۇ بىلەن بارلىقىنى كالتەك توپ كوماندىسىغا ئاتىغان. ئۈستى قۇر ئوڭ تەرەپ ئالتىنجى كىشى بولسا قەيسەر بولۇپ كوماندىنىڭ سابىق كاپىتانى ئىدى، كېيىن بېيجىڭدا كالتەك توپ ئويناۋاتىدۇ دەپ ئاڭلىدىم. ئاستىدىن ئوڭ تەرەپ 3- كىشى بولسا كوماندا كاپىتانى كەۋسەر. بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك دەۋرىنى ياپونىيەدە ئۆتكۈزگەن. ئۇنىڭ بىر گېپى بولىدىغان، ‹‹مەن كوماندىغا كىرگەندە شۇنداق دېگەن، شىنجاڭ كالتەك توپ كوماندىسىنى چوقۇم چىمپىيون قىلدۇرىمەن›› دەپ، ئوقۇش يىلىنىڭ ئاخىرىقى يىلى ئۆزىنىڭ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. كوماندىنى 90%تىن ئارتۇقراقى ئۇيغۇر باللار تەشكىل قىلغان. قازاق يىگىتى ئاستىنقى رەت ئوڭ تەرەپ بىرىنجىسى ئالىمبەك. بۇ يىلقى قاتناشقان يېڭى ئەزالارنىڭ رەسىمى بۇنىڭدا يوقتەك قىلىدۇ. ئېھتىمال بۇلتۇرقى مۇسابىقىنىڭ رەسىمى بولسا كېرەك.

chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2012-7-28 18:51:04

\"\"


بۇ بۇ يىللىق چىمپىيون بولغاندىكى رەسىم.


بۇلتۇر ئىچكىردىكى گېزىتلەردە شىنجاڭ كالتەك توپ كوماندىسىنىڭ خەۋىرى بېرىلگەندىن كېيىن تەيۋەندىن شىنجاڭغا كېلىپ شىنجاڭ كالتەك توپ كوماندىسىغا مەخسۇس كېيىم تىكتۈرۈپ بەرگەن ۋە باشقا ياردەملارنى قىلغان ئىدى.



شىجاڭدىكى بىردىن-بىر كالتەك توپ كوماندىسى شىنجاڭ ئۈنىۋېرىستىتى كالتەك توپ كوماندىسىغا نۇسرەت تىلەيمىز!

chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2012-7-28 19:05:22

بۇ بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان بىر قانچە كالتەك توپ كوماندىسىدىى بالىلارنىڭ رەسىملىرى.



قىزىل كىيىملىكلەر شىنجاڭ كالتەك توپ كوماندىسى.



\"\"



مۇساپىرلارنىڭ تۇرمۇشى


\"\"



بىر قىسىم رەسىملەر


\"\"



\"\"



\"\"



ساما


\"\"



كاپىتان كەۋسەر چىمپىيونلۇق لوڭقىسىنى كۆتۈرمەكتە


\"\"



\"\"



\"\"



\"\"



\"\"



شىنجاڭ كوماندىسى باش تېرنېرى لىتىپ


\"\"



\"\"



\"\"



بۇ رەسىمدىكى ئاستىنقى 2- رەسىم تېرنېر پەرھاتنىڭ رەسىمى


\"\"



كېلىشكەن كاپىتان كەۋسەر


\"\"



بۇمۇ كالتەك توپقا مۇناسىۋەتلىك


\"\"



kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-7-28 19:25:32

تېېننىس توپ بىلەن مۇشۇ كالتەك توپتا تەنھەركەتچىلەرنىڭ ھەركەت قىياپىتى بەك چىرايلىق چىقىدۇ. بەك ياقتۇرىمەن بۇ تەنھەركەت تۈرىنى...

79588010 يوللانغان ۋاقتى 2012-7-28 20:14:19



مۇبارەك بولسۇن!!!

ئۇيغۇرلارغا تېننىس توپمۇ شۇنداق ماس كېلەتتى ....

2006-2009 يىللارغىچە شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىدا تېننىس توپتا ئالدىدىكى 8ئۇرۇق ئەزانىڭ6سىنى ئۇيغۇرلار كونتىرول قىلاتتى(مەنمۇ بار ئىچىدە)....(بەدەن ساپاسى،چىدامچانلىق،ھەرىكەت ماسلىشىشچانلىقى تەلەپ قىلىدۇ)(ھازىر قانداق بولۇپ كەتتىكىن

كىچىگىدىن تەربىيلىسە مۇشۇنىڭدىنمۇ ئۈزۈپ چىقالايتتۇق ....

newstar يوللانغان ۋاقتى 2012-7-28 21:00:55

رەھمەت.ئەزىمەتلەر....

hahajun يوللانغان ۋاقتى 2012-7-28 22:04:38

ئالا مەتئىش بوپتۇ ............. مەن بەك ھاياجانلىنىۋاتىمن......................


خۇدايىم باشقا ئىشلاردىمۇ مەدەت بەرگەيسەن!!!!!!

yigana0998 يوللانغان ۋاقتى 2012-7-29 08:14:10

مۇسىبەتلىك كۆڭلۈمنى بۇ خەۋەرنىڭ خوشلىقى بىردەم بولسىمۇ يىنكلەتتى

tayker يوللانغان ۋاقتى 2012-7-29 12:09:52

ناھايتى خۇشاللىنارلىق خەۋەر ئىكەن ، مەن بەكلا ھاياجانلاندىم . ئەزىمەتلىرىمىزگە بارىكاللا !!! ئۇلارغا غەلبە مەڭگۈ يار بولسۇن ... \"\"\"\"\"\"

togrul يوللانغان ۋاقتى 2012-7-29 17:47:05

بۇ توپنى مان كىچىكىمىزدە سەھرالىرىمىزدا ھارماي ئوينايدىغان كۈيۈك توپ ، قاشما توپلىرىمىزغا بەك ئوخشىتىمەن . ئويۇن قائىدىسىمۇ ئوخشىشىپ قالىدىكەن .

qingil يوللانغان ۋاقتى 2012-7-29 23:01:56

يازغۇچى مۇھەممەتجان سادىق ئاكىمىز ۋە ئاتاقلىق چاخچاقچى تۇداخۇن (پاكا)لارنىڭ ۋاپاتىدىن كۆڭلۇم شۇنداق يېرىم بولۇپ تۇراتتى ،بۇ خەۋەرمىسىكىن كۆڭلۇمگە ئازراق بولسىمۇتەسەللىبولدى.كونىلارنىڭ ‹قايغۇ بىلەن خوشاللىق بىر تۇققان ›دىگىنى مۇشۇ بولسا كېرەك.
بەت: [1]
: شىنجاڭ كالتەك توپ كوماندىسى چېمپىيون بولدى