adwukat يوللانغان ۋاقتى 2012-7-28 10:45:26

بانكا تۆلەمگە قالدى

بانكا تۆلەمگە قالدى


بۇ يىل 7 – ئاينىڭ 25 – كۈنى ، بۇلاقتاغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى سەي ئەپەندىنىڭ 20208 يۈەن پۇلىنىڭ باشقا جايدا پۇل بەرگۈدىن ئىلىپ كىتىلگەنلىك دىلوسىغا ئوچۇق سوت قىلىپ قاراپ چىقىپ ، نەق مەيداندا بانكىنىڭ سەي ئەپەندىنىڭ زىيانلىرى ئۈچۈن 14145.6 يۈەن تۆلەپ بىرىش توغرىسىدا ھۆكۈم ئېلان قىلدى .


«بانكا كارتىسى بىلەن بانكىنىڭ ھېساۋات دەپتىرى يېنىمدا تۇرسا ، كارتا ئىچىدىكى 2 تۈمەندىن ئارتۇق پۇل قەيەرگە كىتىدۇ ؟» . سەي ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە ، 2010 – يىلى 4 – ئاينىڭ 15 – كۈنى كىچىدە ئۇ ئۆيىدىكى ۋاقتىدا ، قىسقىغىنە 3 مىنۇت ئىچىدە ئۇنىڭ يانفونىغا بانكادىن ئەۋەتىلگەن 8 ئۇچۇر كىلىپ ، ئۆزىنىڭ بانكا كارتىسىدا 4 قېتىم پۇل بەرگۈدىن نەق پۇل ئېلىنغانلىقى ، ھەر قېتىمدا 5000 يۈەندىن جەمئى 20000 يۈەن ئېلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنىدۇ . سەي ئەپەندىن دەرھال بانكىنىڭ مۇلازىمەت تېلېفونىغا تېلېفون ئۇرۇپ ئۆزىنىڭ بانكا كارتىسىنىڭ يىتكەنلىكىنى مەلۇم قىلىدۇ ، ئەتىسى دىلو مەلۇم قىلىدۇ .


تەكشۈرۈش ئارقىلىق ، سەي ئەپەندىنىڭ ئوغىرلاپ ئىلىپ كىتىلگەن پۇلىنىڭ گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونۇم رايونى گۈيلىن شەھرىدىكى بىر پۇل بەرگۈدىن ئىلىپ كىتىلگەنلىكى مەلۇم بولىدۇ .


سەي ئەپەندىنىڭ بانكا كارتىسى ۋە بانكا ھېساۋات دەپتىرى 2005 – يىلى 11 – ئايدا ئۆزىنىڭ كىملىكىگە بىجىرىلگەن بولۇپ ، سەي ئەپەندى ۋە ئائىلىسىدىكىلەر بۇ كارتىنىڭ مەخپى نۇمۇرىنى بىلەتتىكەن ، ھەمدە بۇ بانكا كارتىسىنى ئورتاق ئىشلىتەتتىكەن . «ئىش يۈز بەرگەن ۋاقىت كىچە بولۇپ ، گەرچە ئۆيۈمدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ كارتىنىڭ مەخپى نومۇرىنى بىلسىمۇ ، كارتا يىنىمدا تۇرسا ، باشقىلاردا كارتا بولمىسا قانداقسىگە پۇلۇمنى كارتىدىن چىقارالايدۇ ؟» سەي ئەپەندى ئۆزىنىڭ شەخسى ئۇچۇرىنى بانكىنىڭ ئاشكارلىۋەتكەنلىكى سەۋەبىدىن ئامانەت پۇلىنىڭ ئوغىرلانغانلىقىدىن گۇمانلىنىپ ، بانكىنىڭ ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلىپ تۈرلۈك زىيانلىرىنى تۆلەپ بىرىشنى تەلەپ قىلغان .


بانكىنىڭ ۋاكالەتچى ئادۋۇكاتى : سەي ئەپەندى ئۆزىنىڭ بانكا كارتىسىنىڭ مەخپى نومۇرىنى ياخشى ساقلىمىغانلىقى سەۋەپلىك ياكى بانكا كارتىسى ئوغىرلانغانلىقى ۋە ياكى سەي ئەپەندىن ئۆيىدىكىلەرگە ياكى باشقىلارغا كارتىدىكى پۇلنى ئىلىپ كىتىشكە ھاۋالە قىلغانلىقى پۇل ئىلىپ كىتىلگەن ، دېدى .


سەي ئەپەندىنىڭ ۋاكالەتچى ئادۋۇكاتى : ئەگەر بانكا سەي ئەپەندىنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارلىۋەتمىگەن بولسا ، قانداق بولۇپ سەي ئەپەندىدە بانكا كارتىسى ۋە بانكىنىڭ ھېساۋات كارتىسى بولغان ئەھۋالدا باشقا جايدىكى پۇل بەرگۈدىن سەي ئەپەندىنىڭ بانكا كارتىسىدىكى پۇل ئىلىپ كىتىلىدۇ ؟ ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن ، سەي ئەپەندى ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىپ باقمىغان شۇنداقلا دەرھال دىلو مەلۇم قىلغان ، قانداق بولۇپ گۈيلىندە پۇل بەرگۈدىن پۇل ئىلىپ كىتىلىدۇ ؟ دەپ سورىغان .


سوت مەھكىمىسىنىڭ قارىشىچە ، سەي ئەپەندىنىڭ باشقا جايدىكى پۇل بەرگۈدىن پۇلىنىڭ ئىلىپ كىتىلگەنلىكى پاكىت بولۇپ ، ئۇ پۇلى ئىلىپ كىتىلگەندىن كېيىن بانكىغا كارتىسىنىڭ يىتكەنلىكىنى مەلۇم قىلغان ھەمدە دىلو مەلۇم قىلغان . بانكا تەرەپ سەي ئەپەندى ۋە باشقا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ پۇلنى ئىلىپ كەتكەنلىكى توغرىسدا ھىچقانداق دەلىل – ئىسپات بىلەن تەمىنلەپ بىرەلمىدى . شۇنىڭدىن كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى ، سەي ئەپەندىنىڭ پۇلى باشقىلار يالغاندىن ياسىۋالغان بانكا كارتىسى ئارقىلىق ئوغىرلاپ ئىلىپ كىتىلگەن .


سەي ئەپەندى ۋە بانكىدا ئوخشاشلا سەۋەنلىك ساقلانغان بولۇپ ، بانكىنىڭ سېستىمىسى يالغاندىن ياسالغان بانكا كارتىسىنى ئۈنۈملۈك پەرقلەندۈرەلمىگەنلىكتىن ، سەي ئەپەندىنىڭ پۇلى ئوغىرلاپ كىتىلگەن . بىراق سەي ئەپەندى بانكا كارتىسى ۋە بانكا ھېساۋات دەپتىرىنى ئىشلەتكەندە ، بانكىنىڭ ئامانەت پۇل كارتىسى ئىشلىتىش نىزامنامىسىگە خېلاپلىق قىلىپ بانكا كارتىسىنى ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە ئورتاق ئىشلىتىپ ، بانكا كارتىسى ۋە بانكا ھېساۋات دەپتىرىنىڭ مەخپىيەتلىكىنىڭ ئاشكارلىنىپ كىتىش خىيىم –خەتىرىنى ئاشۇرۋەتكەن بولۇپ ، باشقىلارنىڭ كارتىدىكى پۇلنى ئوغىرلىقچە ئىشلىتىشىگە پۇرسەت بىلەن تەمىنلىگەن . شۇڭا ئامانەت كارتىدىكى پۇلنىڭ ئوغىرلاپ كىتىشىدە سەۋەنلىكى بار ، شۇڭا بانكا % 70 مەسئۇلىيەتنى ، سەي ئەپەندى % 30 مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ ، دەپ ھۆكۈم چىقارغان .



http://www.xinjiangnet.com.cn/xj/corps/201207/t20120726_2734501.shtml

tayker يوللانغان ۋاقتى 2012-7-28 14:12:46

بىزلەرنىڭ پۇلىمىزنى باشقىلار مۇشۇ خىل ئۇسسۇل بىلەن ئوغۇرلاپ ئىلىۋالغان بولسا ، مىڭ دەۋالاشساقمۇ بانكىنى دەۋادا ھەرگىزمۇ يېڭەلمەيىتتۇققۇ دەيمەن  - ھە ؟ سەي ئەپەندىنىڭ ھەقىقەتەن جېنى بار ئىكەن  - بۇ دەۋادا ئۇتالىغان بولسا  {:106:}

newstar يوللانغان ۋاقتى 2012-7-28 15:00:26


1- قەۋەتتىكى taykerنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىزلەرنىڭ پۇلىمىزنى باشقىلار مۇشۇ خىل ئۇسسۇل بىلەن ئوغۇرلاپ ئىلىۋالغان بولسا ، مىڭ دەۋالاشساقمۇ بانكىنى دەۋادا ھەرگىزمۇ يېڭەلمەيىتتۇققۇ دەيمەن - ھە ؟ سەي ئەپەندىنىڭ ھەقىقەتەن جېنى بار ئىكەن - بۇ دەۋادا ئۇتالىغان بولسا \"\"



سىز مۇشۇنداق ئەھۋالغا يۇلۇقۇپ باققانمۇ؟


يۇلۇقۇپ باقمىغان بولسىڭىز خىيالىڭىزنى پاكىت قىلىپ يازماڭ...




bahram يوللانغان ۋاقتى 2012-7-28 16:08:07

بۇلارنىڭ باشقا ئىشقا كاللىسى بەك ئىشلەپ كەتمىسىمۇ مۇشۇنداق ئۇششۇقلۇق قىلىدىغان ئىشلارغا نەچچە كىشىلىك ئىشلەپ قويىدۇ دە كاللا دىگەن .....

bandit12 يوللانغان ۋاقتى 2012-7-28 18:59:54

سىز بىزلەرنىڭ بولدىغان بولسا ، بانا سەۋەپ كۆرسىتىپ ۋاقىتنى كەينىگە سوزۇپ ، ئىشقىلىپ خاتالىق بانكىدا ئەمەس ، مەندىكە دىگەن قاراشقا كەلتۈرۈپ ،بۇئىشلارنى يوققا چىقىرۋېتىدۇ . بۇنىڭغا 100 پىرسەنت ئىشەنچىم بار . قايسىڭلار مەن بىلەن دولىشىسىلەر.

79588010 يوللانغان ۋاقتى 2012-7-28 20:20:25

ئۆزۈم شەخسىي ئىشلىتەتتىم دەيدىغان ئىشكەن...

ئەگەر سەي ئەپەندىم تور بانكىسى ئاچقۇزغان بولسا بانكىنىڭ پەيلىدىن قارىغاندا بەرمەيدىغاندەك.... \"\"

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-7-28 20:55:49

بانكىغا ئۇۋال بولغاندەك...

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2012-7-28 21:58:34

پارول قانچە ئاشكارلىنىپ كەتسۇن، كۆپەيتىلگەن كارتا بىلەن پۇلنى ئىلىۋىلىش، بانكىنىڭ خاتالىقى دەپ قارايمەن. قارىغاندا بۇ ئەپەندىمنىڭ كارتىسى، ئارقا تەرىپى بىلەن قوشۇلۇپ كۆپەيتىۋىلىنغاندەك قىلىدۇ.  \"\"

tayker يوللانغان ۋاقتى 2012-7-29 10:39:36

2- قەۋەتتىكى newstarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل


1- قەۋەتتىكى taykerنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىزلەرنىڭ پۇلىمىزنى باشقىلار مۇشۇ خىل ئۇسسۇل بىلەن ئوغۇرلاپ ئىلىۋالغان بولسا ، مىڭ دەۋالاشساقمۇ بانكىنى دەۋادا ھەرگىزمۇ يېڭەلمەيىتتۇققۇ دەيمەن - ھە ؟ سەي ئەپەندىنىڭ ھەقىقەتەن جېنى بار ئىكەن - بۇ دەۋادا ئۇتالىغان بولسا \"\"



سىز مۇشۇنداق ئەھۋالغا يۇلۇقۇپ باققانمۇ؟


يۇلۇقۇپ باقمىغان بولسىڭىز خىيالىڭىزنى پاكىت قىلىپ يازماڭ...



ئۇ سىزنىڭ خىيالىڭىز ئوخشايدۇ ، مىنىڭ ئەتراپىمدا بۇنداق ئىشقا يولۇۇققان ، گېپىنى ئاقتۇرالمىغاندىن بىر نەچچىسى بار . لىكىن سوممىسى بىر نەچچە مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ، ئۇلارنى سىزگە ئۇدۇللاشنى ئۇنتۇپتىمەن ئەمەسمۇ ؟ ھەي...سىزلا ھەل قىلىپ بېرىدىكەنسىز ئەسلىدە ئۇقماي قاپتىمەن ، ئەمىسە سىزگە نىمى بولدى ؟ چىچاڭلاپ كېتىپسىزغۇ _خۇددى سىز بىرسىنىڭ پۇلىنى مۇشۇ ئۇسسۇل بىلەن ئالداپ ئوغۇرلىۋالغاندەك ...ھاھاھا



elbilge يوللانغان ۋاقتى 2012-7-29 11:18:37

ئىككى تۈمەن يۈتۈپ كەتسە بانكا نىمە دەپ 14مىڭ تۆلەپ بېرىدىكەن سەي چۇخەيگە؟؟

بانكا تولۇق ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك مەسئۇلىيەتنى!!!!

pasibaneli يوللانغان ۋاقتى 2012-7-29 11:20:48

ئاپتۇماتىك پۇل بەرگۈنىڭ ئۈستىدە كۈزىتىش ئۈسكىسنى بار تۇرسا، شۇ ۋاقىتتا شۇ پۇل بەرگۈنى تەكشۈرۈپ باقسا بولاتتىغۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇل كېچىسى ئېلىنپتۇ، بۇنداق ۋاقىتتا ئادەم يوق دىيەرلىك، پۇل ئالغۇچىنى تېپىپ چىققلى بولاتتى. ياكى كۈزەتكۈچ بىزنىڭ شىنجاڭدىلا بارمۇ؟

pasibaneli يوللانغان ۋاقتى 2012-7-29 11:20:56

ئاپتۇماتىك پۇل بەرگۈنىڭ ئۈستىدە كۈزىتىش ئۈسكىسنى بار تۇرسا، شۇ ۋاقىتتا شۇ پۇل بەرگۈنى تەكشۈرۈپ باقسا بولاتتىغۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇل كېچىسى ئېلىنپتۇ، بۇنداق ۋاقىتتا ئادەم يوق دىيەرلىك، پۇل ئالغۇچىنى تېپىپ چىققلى بولاتتى. ياكى كۈزەتكۈچ بىزنىڭ شىنجاڭدىلا بارمۇ؟

rohimiz يوللانغان ۋاقتى 2012-7-29 23:07:27

3- قەۋەتتىكى bahramنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇلارنىڭ باشقا ئىشقا كاللىسى بەك ئىشلەپ كەتمىسىمۇ مۇشۇنداق ئۇششۇقلۇق قىلىدىغان ئىشلارغا نەچچە كىشىلىك ئىشلەپ قويىدۇ دە كاللا دىگەن .....




ناھايىتى توغرا گەپ .

newstar يوللانغان ۋاقتى 2012-7-31 07:44:42

8- قەۋەتتىكى taykerنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

2- قەۋەتتىكى newstarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل


1- قەۋەتتىكى taykerنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىزلەرنىڭ پۇلىمىزنى باشقىلار مۇشۇ خىل ئۇسسۇل بىلەن ئوغۇرلاپ ئىلىۋالغان بولسا ، مىڭ دەۋالاشساقمۇ بانكىنى دەۋادا ھەرگىزمۇ يېڭەلمەيىتتۇققۇ دەيمەن - ھە ؟ سەي ئەپەندىنىڭ ھەقىقەتەن جېنى بار ئىكەن - بۇ دەۋادا ئۇتالىغان بولسا \"\"



سىز مۇشۇنداق ئەھۋالغا يۇلۇقۇپ باققانمۇ؟


يۇلۇقۇپ باقمىغان بولسىڭىز خىيالىڭىزنى پاكىت قىلىپ يازماڭ...



ئۇ سىزنىڭ خىيالىڭىز ئوخشايدۇ ، مىنىڭ ئەتراپىمدا بۇنداق ئىشقا يولۇۇققان ، گېپىنى ئاقتۇرالمىغاندىن بىر نەچچىسى بار . لىكىن سوممىسى بىر نەچچە مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ، ئۇلارنى سىزگە ئۇدۇللاشنى ئۇنتۇپتىمەن ئەمەسمۇ ؟ ھەي...سىزلا ھەل قىلىپ بېرىدىكەنسىز ئەسلىدە ئۇقماي قاپتىمەن ، ئەمىسە سىزگە نىمى بولدى ؟ چىچاڭلاپ كېتىپسىزغۇ _خۇددى سىز بىرسىنىڭ پۇلىنى مۇشۇ ئۇسسۇل بىلەن ئالداپ ئوغۇرلىۋالغاندەك ...ھاھاھا


شۇ ماڭا توغۇرلايدىغان گەپتى..مەن بانكا خادىمى....







rock يوللانغان ۋاقتى 2012-7-31 07:53:35

ساقچىلا نەگە كەتكەندۇ، بۇنى ئىزدىسە تاپقىلى بولاتتى. قايسى كۈنى مۇشۇخىل دېلودىن بىرنى قويغان.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-7-31 08:07:11

تۇرۇپ تۇرۇڭلار

مەن چۈشىنەلمىدىمغۇ

بانكا كارتىسى ئىگىسىدە تۇرسا،ئالدامچىلار پۇلنى پۇل ئالغۇدىن قانداق ئالغان؟

پۇل ئالغۇدىن پۇل ئالغىچە كارتا بولمىسىمۇ ئالغىلى بولىۋېرەمدا؟

ئەگەر ئالغىلى بولمىسا،ئالدامچىلار ساختا كارتا ياساپ پۇل ئېلىپ مۇۋاپىقىيەت قازىنىپتۇ دىگەن گەپ بولىدىغاندۇ؟



ساختا كارتا ياساپ چىقىلسا،بانكا سېستىمىسى پەرىقلەندۈرەلمىسە،كىمنىڭلا پۇلى يوق بولۇپ كەتسە غەلىتىلىك ھېس قىلمايدىغان ۋاقىت كەلگىدەكتە ئەمسە......

يەنە كىلىپ،ئىشەكتەك ئىشلەپ تاپقان پۇلنى بانكىغا قويسا تۇيۇقسىز يوقاپ كىتىشىگە كۈزىمىز يىتىپ تۇرۇپ قويىمىزكەن...........

پۇل يوقاپ كەتسە بانكىغا پۇل قويغان گۇناھىمىزغا يۈتكەن پۇلنىڭ 30%نى ئۈزىمىز كۈتىرىدىكەنمىز.......

قىزىق ئىش



بانكىنىڭ چاتىقى بىلەن ئادەتتىكى ئادەم جىق پۇل ئېلىۋالسا تۈرمىدە ياتىدۇ

يەنە شۇ بانكىنىڭ چاتىقى بىلەن بانكىدىكى پۇل تۇيۇقسىز يوقاپ كەتسە يۈتكەن پۇلنىڭ 30% نى ئۈزى كۈتۈرىدۇ.يەنە كىلىپ بۇ 30%مۇ تەلەيگە باغلىق .........

مىنىڭ ھېس قىلغىنىم بانكا ئېنىقتىن ئېنىق قاراقچىكەن \"\"

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2012-7-31 08:35:30

مىكرو بىلوگدا بىر ئىقتىسادشۇناس مۇنداق دەۋاتقان: نامراتلار بانكىغا پۇل قويىدۇ، بايلار بانكىدىن ئۇ پۇلنى ئىلىپ يەنە پۇل تاپىدۇ. نامراتلارنىڭ بانكىغا پۇل قويۇشى، بايلارغا تولۇقلىما بەرگەنلىك. ناۋادا نامراتلار پۇللىرىنى بانكىغاى قويمىسىلا، بانكا ناھايىتى تىزلا ۋەيران بولىدۇ، يەنە بىر قاتار پايدىلىق زەنجىرسىمان ئىنكاسلارنى پەيدا قىلىدۇ.  \"\"
بەت: [1]
: بانكا تۆلەمگە قالدى