يۈرىكىمنى ئەزگەن بىر سوئال
بايا ئاۋام تورىنى(人人)ئارىلىۋېتىپ قىسقا بىر ماقالىگە كۆزۈم چۈشتى. ئوقۇپ بولغۇچە بوغۇزۇمغا بىر نەسە كەپلىشىپ قالغاندەك، بۇرنۇم ئېچىشقاندەك بولدى. ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىپتۇ: بىر سەئۇدىلىق ئۆلىما سومالىدىن ئەۋەتىلگەن بىر سوئالنى كۆرۈپ، يىغلاپ ئۈنى چىقماي قاپتۇ. سوئالدا مۇنداق دېيىلگەنىكەن "ئەگەر سوھۇرلۇق ۋە ئىفتارلىققا يېگىدەك نەرسەم يوق ھېچنىمە يېيەلمىسەم روزام قوبۇل بولارمۇ؟"
ئەتىگەندىن بېرى مۇشۇ گەپ ھەر قېتىم ئېسىمگە كەلسە، كۆزۈم بىر قېتىم نەملىشىدۇ. باشقا ئارتۇق دېگۈدەك گەپمۇ يوق. پەقەت ھەر كۈنى ئىفتار قىلغاندا ،سوھۇرلۇق يېگەندە ، ئالدىمىزغا ھازىرلانغان ئوخشىغان پولو، مانتا، شېرىن تاۋۇز-قوغۇنلار گەرچە بىزگە تولىمۇ ئەقەللىي،ئادەتتىكى ئىشتەك بىلىنسىمۇ، ئاللاھقا ھەمدۇ-سانا،شۈكۈر ئېيتىشنى ھەرگىز ئۇنۇتمايلى. ئىفتاردىكى دۇئالىرىمىزدا دىيارىمىزدىكى ۋە باشقا ئەللەردىكى قىينىلىۋاتقان، ئازاپ چېكىۋاتقان مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا ئۇلۇغ ئاللاھتىن ئاسانچىلىق ۋە سەۋر تىلەيلى.
ئەگەر بىرەر كافىرلا ر كۆپ جايدا مۇشۇنداق ئاچارچىلىق بولۇپ قالسا ھەرگىز قاراپ تۇرماستى خەلقئارادىن... ھەقىقەتەن يۈرەكنى ئەزگۈدەك سوئال ئىكەن . ئاللاھ بۇ سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ باقسا بولغۇدەك .3- قەۋەتتىكى Erktekinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ھەقىقەتەن يۈرەكنى ئەزگۈدەك سوئال ئىكەن . ئاللا بۇ سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ باقسا بولغۇدەك .
ئىملا خاتالىقى كۆرۈلدىمۇ قانداق؟
3- قەۋەتتىكى Erktekinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ھەقىقەتەن يۈرەكنى ئەزگۈدەك سوئال ئىكەن . ئاللا بۇ سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ باقسا بولغۇدەك .
كاللىڭىزنىڭ دەردى باردەك گەپ قىلىپسىز ؟ بۇ سۇئالغا بىزنى ياراتقان ئىگىمىز<<ئاللاھ>> ئويلىنىپ باقامدۇ ؟ ئاللاھتائالا بىزنى ياراتقان چاغدا ھەممىنى ئويلىنىپ بولغان ، بەزى سۇئاللارنىڭ جاۋابى مانا مۇشۇنداق ئاچچىق، ئازابلىق ۋە يۈرەكنى ئەزگۈدەك يىغا بولىدىكەن...

دۇنيادىكى تەكشىسىزلىك، تەڭسىزلىك اللە نىڭ ئادىل ئەمەسلىكىنى ئىپادىلىمەيدۇ. ھەر ئىشنىڭ ھىكمىتى بولىدۇ، كۆپىنچىللىرىنى بىز بىلمەيمىز. ئۇ يەردىكى مۇسۇلمانلار ئاچ قالغان بولسا، باشقا يەردىكى غەيرى مۇسۇلمانلار باي باياشاتلىققا تىنىپ كەتكەن بولسا بۇ ھەرگىز ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇپ قالغانلىقىدىنمۇ ئەمەس، اللە ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، قارىساق تەڭشەكسىز كۆرۈنگەن بۇ جاھان ھامان بىر يەردىن تەڭشىلىدۇ، ياكى(ھەم) ئۆتكۈنچى ۋاقىت ياكى(ھەم) ئاخىرەتتە ھامان تەڭشىلىدۇ!
بىر ۋاق تاماق يىمىگەنگە چىدىيالماي قالغانلار، بۇ رىياللىقنىمۇ بىلىپ قويىلى! قورسىقىمىز ئىچىپ قالىدۇ دەپ ، ئېتىلىپ كەتكۇچە يەپ ، روزا تۇتقىنىمىزنىمۇ ئۇنتۇپ ئىپتار قىلىۋاتىمىزغۇ .

ئادەتتە دىنسىزلارغا ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلىقىنى چۈشەندۈرگەندە، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ بىرىنچى بولۇپ سورايدىغان سوئالى ئەگەر ئاللاھ مەۋجۇت بولسا،نېمىشقا بۇ دۇنيادا يەنە تەڭسىزلىك مەۋجۇت؟ دېگەندىن ئىبارەت. لېكىن بۇنداق سوئالنى ئۆزىنىڭ قېرىنداشلىرىدىن ئاڭلىسا ھەقىقەتەن ئېغىر كېلىدىكەن.
5- قەۋەتتىكى taykerنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
3- قەۋەتتىكى Erktekinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ھەقىقەتەن يۈرەكنى ئەزگۈدەك سوئال ئىكەن . ئاللا بۇ سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ باقسا بولغۇدەك .
كاللىڭىزنىڭ دەردى باردەك گەپ قىلىپسىز ؟ بۇ سۇئالغا بىزنى ياراتقان ئىگىمىز<<ئاللاھ>> ئويلىنىپ باقامدۇ ؟ ئاللاھتائالا بىزنى ياراتقان چاغدا ھەممىنى ئويلىنىپ بولغان ،
ھىم ....سىزنىڭ كاللىڭىزدا تاش بار بولدىما .
ئاچ-زېرىنلىقتا،مۇھتاجلىقتا يۈرۈپمۇ ئۆز پەرزىنى ئۇنۇتمىغان بەندىسىنىڭ بۇ سوئالى ئۈستىدە ئويلىنىپ باقسا بولمامدىكەن ؟
پۇقرالارنىڭ پىكرىنى ئاڭلايدىغان،ھالىغا يېتىدىغان باشلىق ياخشى باشلىق ...........
.......................
ئاتساڭ ئۇستاڭ كەل،
نا ئۇستاڭ يىراق تۇر .
ئېركتىكىننىڭ سۇئالىغا كەلسەك، بۇ سۇئالى پەرۋەردىگارىغا قىلغان ھۆرمەتسىزلىك، ئەدەبسىزلىك بوپتۇ . ئاللاھ تائالا نۇقساندىن كامىلدۇر، ئۇنتۇپ قالمايدۇ، خاتا قىلمايدۇ. ھەر ئىشنى ھېكمەت ، ئادىللىق بىلەن ئورۇنلاشتۇرىدۇ . ھەر ئىشنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاقىۋىتىنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ . ئويلىنىپ بېقىش دېگەن، بىر ئىشنى ئۇنتۇپ قالغان ياكى خاتا تەقدىر قىلغان بەندىگە خاس ئىش . ئاللاھ تائالاغا بۇنداق دېسەك ئىسلام ئەقىدىمىزگە خىلاپ بولىدۇ .
رامىزاندا ئوشۇق گەپ قىلماي. رامىزان بولغاندىن كېيىن ئانچە مۇنچە قۇرئان تەرجىمىسىنى قېتىرقىنىپ ئوقۇپ قويساق مۇنداق سۇئالمۇ چىقماس ئىدى.
پەرۋەردىگارىغا قىلغان ھۆرمەتسىزلىك، ئەدەبسىزلىك بوپتۇ ..................
مېنىڭ بۇنداق ئويۇم يوق،بۇنداق چوڭ قالپاق كىيدۈرمەڭلار ئادەمگە .
hezineنىڭ تېمىسىدىن نەقىل
... \"ئەگەر سوھۇرلۇق ۋە ئىفتارلىققا يېگىدەك نەرسەم يوق ھېچنىمە يېيەلمىسەم روزام قوبۇل بولارمۇ؟\"
.
ئاشۇ ئەھۋالدىمۇ (ئاللاھ شۇنداق كۈندىكى قېرىنداشلىرىمىزغا ئاسانلىق بەرگەي) روزىغا نىيەت قىلىپ روزى تۇتقان بولسا ئاللاھ قوبول قىلىدۇ دەپ بىلىمەن.
ئەركتېكىننىڭ گىپى ماڭا ،ئىسلامغا بولغان يۇكسەك مەسۇلىيەت،ئاللاھفا بولغان ئىنسانى مۇھەببەت تەك بىلىندى.مەنمۇ ئوخشاش فاراشتا.
2- قەۋەتتىكى tahirbegنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئەگەر بىرەر كافىرلا ر كۆپ جايدا مۇشۇنداق ئاچارچىلىق بولۇپ قالسا ھەرگىز قاراپ تۇرماستى خەلقئارادىن...
كافىرلار دىننى كۆتۈرۈپ چىقىپ تېرورلۇق ھەركەتلىرىنى ئېلىپ بارمايدۇ.ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟
15- قەۋەتتىكى newstarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سىز بىر نىمىدىن نارازىمۇ قانداق؟
14- قەۋەتتىكى almas2009نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئەركتېكىننىڭ گىپى ماڭا ،ئىسلامغا بولغان يۇكسەك مەسۇلىيەت،ئاللاھفا بولغان ئىنسانى مۇھەببەت تەك بىلىندى.مەنمۇ ئوخشاش فاراشتا.
توۋا
16- قەۋەتتىكى talmasنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
15- قەۋەتتىكى newstarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
2- قەۋەتتىكى tahirbegنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئەگەر بىرەر كافىرلا ر كۆپ جايدا مۇشۇنداق ئاچارچىلىق بولۇپ قالسا ھەرگىز قاراپ تۇرماستى خەلقئارادىن...
كافىرلار دىننى كۆتۈرۈپ چىقىپ تېرورلۇق ھەركەتلىرىنى ئېلىپ بارمايدۇ.ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟
سىز بىر نىمىدىن نارازىمۇ قانداق؟
دۇنيا تېچلىقىنى بۇزۇۋاتقان خەۋەرلەرنى ئاڭلىساملا سېرىق تۈكۈم تىك بولىدۇ...
چۈشەنچە خاتا بولسا ئىزدىنىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ.
يەنە كۆپ گەپ قىلسا گەپ ئاۋۇيدۇ... ئاۋال كىتاپ كۆرۈپ، پىكىر يۈرگۈزۈپ باقايلى!