AlphaBeta يوللانغان ۋاقتى 2012-7-27 14:21:55

پاسپورتنى تېز بېجىرىشنىڭ قانداق ئاماللىرى بار؟

  پاسپورت بېجىرمەكچى ئىدىم، نوپۇسۇم جەنۇبىي شىنجاڭدا، ئەڭ كېچىككەندىمۇ 10-ئايلارغىچە پاسپورت بېجىرەلىسەم بولاتتى، ھازىر رامىزان مەزگىلى ھەم ھەج قىلىدىغانلارنىڭ تەييارلىق مەزگىلى بولغاچقا پاسپورت بېجىرىش سۈرئىتى ئاستىلاپ كەتتى، تۈرلۈك ئامال-چارىلەرنى توردىن جىق ئىزدەپ كەتتىم، ئەڭ تېز بېجىرىشنىڭ ئەڭ قولاي ئۇسۇلى قايسى؟

hebib يوللانغان ۋاقتى 2012-7-28 13:03:28

ئۈرۈمچىگە نوپۇس يۆتكىگىلى كامىدا 3 يىل ياكى 5 يىل بولمىسا بىجىرىلمەيدۇ دەيدىغان بىر ماز تۈزۈم بار .ئۆتكەن يىلى شۇنچە يول مېڭىپ ماتېرياللارنى  ئاران دېگەندە كۆزنەككە تاپشۇرسام ، بىر ئاي ساقلىتىپ شۇمۇ جاۋاپ بىلەن قايتۇرىۋەتتى.  ھامىنى 10مىڭ كويدىن ئاز پۇل بىلەن پۈتتۈرەلمەيسىلە،(بۇمۇ تەس تېخى) ياخشىسى ئىچكىرىدىكى بىرەر مەكتەپكە ئوقۇش پۇلى ھېسابىدا تۆلەپ نوپوسىڭلىنى يۆتكەپ كەتسەڭلار بولىدۇ.








matros5 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-8 19:53:49

42- قەۋەتتىكى pidayiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

25- قەۋەتتىكى matros5نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

پاسپورتنى ئەڭ تىز بىجىرىشنىڭ ئۇسۇلى مۇنداق.

1، بېيجىڭدىكى بىرەر شەخسى مەكتەپكە تىلفۇن قىلىپ چاقىرىق ئەۋەتكۈزىسىز. ئاندىن 9-ئايدا چاقىرىقنى ئېلىپ، ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى ج خ ئىدارىسىدىن نۇپۇسىڭىزنىڭ كۆتىكىنى ئالسىزدە بېيجىڭغا بارسىز.

( بۇ جەرياندا ئېشىپ كەتسە مىڭ يۇەن خەجلەيسىز. )

2. مەكتەپكە بىر يىللىق ئوقۇش، ياتاق پۇلى تۆلەيسىز. (بەش مىڭ يۇەن )

3. مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن بېيجىڭدا نۇپۇسنى ئورنىتىسىز. كىملىك بىجىرسىز. 8 كۈندە چىقىرىپ بىرىدۇ.

(40يۇەن خەجلەيسىز)

4. ئۇنىڭدىن كيىن بېيجىڭدا بىجىرگەن كىملىكىڭىزنى كۆتۈرۈپ پاسپورت بىجىرسىز. بۇمۇ 8 كۈندە چىقىدۇ.

(230 يۇەن خەجلەيسىز)

ئاندىن كىين ئوقۇش پۇلىدىن ۋاز كىچىپ قايتىپ كىلسىز . بۇ جەريانغا جىق كەتتى دېگەندىمۇ 1 ئاي ۋاقىت كىتىدۇ.

سىزنىڭ مەخسەت ئوقۇش بولمىغاندىن كىيىن دەرسىكە چىقماي ئىشلارنى زىچ ئورۇنلاشتۇرالىسىڭىز، 16 كۈندە شىنجاڭغا قاراپ يولغا چىقالايسز. (ئالدىن بىلەت ئېلىۋېلىش، ئالدىن مەكتەپتىن چىكىنىش ئىلتىماسى يېزىش دېگەندەك ئىشلارنى زىچ ئورۇنلاشتۇرالىسىڭىز)

-------------------------------------------


  ماۋۇ ئىنكاسقا ئىنكاس يازمىسام بولمىدى، بولمىسا باشقىلار زىيان تارتىپ قالمىسۇن.


      بېيجىڭدىكى شەخىسي مەكتەپلەر نوپۇسنى يۆتكىمەيدۇ.   ماۋۇ يولنى قىينىلىپ مېڭىپ يۈرمەڭلار.


  ھازىر بېيجىڭ نوپۇسى بولغان شىنجاڭلىقلار (ئۇيغۇرلار) پاسپورت بىجىرسىمۇ، نوپۇسنىڭ بېيجىڭدىكى ۋاقتى بەش يىلغا توشقان بولۇشى كېرەك، بولمىسا،  ئارخىپىڭىزنى تەكشۈرىدۇ،  مىنىڭ بىر يېقىنىمنىڭ نوپۇسى بېيجىڭدا (خىزمەت قىلىدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ ئادىمى) ، 2010-يىلى 8-ئايدا پاسپورتقا ئىلتىماس قىلغان، لېكىن نوپۇسنى بېيجىڭغا يۆتكىگەن ۋاقتى بەش يىلغا توشمىغانلىقى ئۈچۈن، ماتېرىياللىرى شىنجاڭ ج خ نازارىتى، چېگرادىن كىرىپ-چىقىشنى تەكشۈرۈش %^* قاتارلىق ئورۇنلارغا ئەۋەتىلىپ، تەكشۈرۈلۈپ، نەق 8 ئايدا پاسپورتنى قولىغا ئالدى. (因私护照)  



   شەخىسي مەكتەپلەرگە پۇل خەجلەپ ئاۋارە بولۇپ يۈرمەڭلار. مەنچە ساياھەت كوپىراتىپى ئەڭ ئاقىدىغان يول. پاسپورتنى چقىرىپ، ساياھەت قىلىپ كىرىىسىز، تېخى بىر نەچچە دۆلەتكە چىقىپ- قايىتپ كەلگەنلىك خاتىرىڭىز بار بولىدۇ.  بۇ پۇلغا چىداڭ.



مەن قىلىپ باقمىغان بولسام ، بۇنداق دېمەيتىم تورداش،،  ھەم ئېنىق دېدىمغۇ، مەكتەپكە بېرىشتىن بۇرۇن  نۇپۇسنى يۆتكەيمەن دەپ كىلىشىپ ئاندىن بارسۇن دەپ.    قىزىل خەتلىك قىلىپ ، خۇددى بىر چەكلىۋەتكەندەكلا يېزىپسىز ئاۋۇ خەتنى.

AlphaBeta يوللانغان ۋاقتى 2012-7-27 18:34:07

مۇمكىن ئەمەس، ئۈمىدنى ئۈزۈڭ دەيدىغان تەكلىپ بولسىمۇ يېزىۋېرىڭلا  {:92:}

nusrat يوللانغان ۋاقتى 2012-7-27 18:49:23

پاسپورتنى ئەڭ تېز بېجىرىشنىڭ ئۇسۇلى شۇ ئارقا ئىشىك بولمامدۇ\"\" بىرەر چوڭى ھەي ما بالىنىڭ پاسپورتىنى  تېزراق ھە !دەپ قويسا 20كۈندە پۈتىدۇ بولمىسا بۇ دىگەن ھەجنىڭ ۋاقتى،ئادەم جىق،ئىچكى قىسىمدا ئۇختۇرىشىمىز بار،مۇشۇ ئالاھىدە مەزگىل ئاخىرلاشسا بىر گەپ قىلىشايلى دەيدۇ.

AKAXTEXI يوللانغان ۋاقتى 2012-7-27 18:51:17

ئىلىكتىرونلۇق پاسپورت بىجىرمىز دەپ يېزىپتىكەن بىرسى ،ئالاقىلىشىپ بېقىڭ بولمىسا ،لىكىن ئىھتىيات قىلىڭ ،بۇ جەھەتتە قۇيمىچىلار بەك كۆپمىش



http://hotanuqur.cn/x.asp?cnmai=9211

elqut يوللانغان ۋاقتى 2012-7-27 18:51:33

ئەڭ تىز بىجىرىش ئۇسۇلى پۇلنى كوپلەپ خەجلەش پارىنى ئايىماي بىرىش مۇشۇ ئۇسۇلدىن باشقىلىرى ئاقمايدۇ

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-7-27 19:24:19

بىجىرمەيمىز دېمەيدىكەن، ئۇ نەرسە كەم، بۇ نەرسە كەم، ئۇنىڭغا تامغۇ ئۇرغۇزۇپ كەل، بۇنىڭغا ئىمزا قويغۇزۇپ كەل دەپ ماڭدۇرېۋىرىدىكەن، ئۇنىڭغىچە باشتا تەقلىگەن بىر قىسىم ماتېرىياللىرىنىڭ ۋاقتى ئۆتىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن مانىڭ ۋاقتى ئۆتۈپتۇ دەپ ئىششىپ تۇرىدىكەن، ئاچچىقنى ئىچىگە يۇتۇپ قايتىپ چىقىدىغان ئىشكەن شۇ.

AlphaBeta يوللانغان ۋاقتى 2012-7-27 21:13:11

3- قەۋەتتىكى AKAXTEXIنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىلىكتىرونلۇق پاسپورت بىجىرمىز دەپ يېزىپتىكەن بىرسى ،ئالاقىلىشىپ بېقىڭ بولمىسا ،لىكىن ئىھتىيات قىلىڭ ،بۇ جەھەتتە قۇيمىچىلار بەك كۆپمىش



http://hotanuqur.cn/x.asp?cnmai=9211


70 كۈندىن 90 كۈنگىچە چىقىدۇ دەيدۇ.

keqkuz يوللانغان ۋاقتى 2012-7-27 21:22:43

مىنىڭ نۇپۇسۇم خوتەندە مەنمۇ پاسپورت ھەل قىلسام بۇلۇر ئىدى  \"\"

forever يوللانغان ۋاقتى 2012-7-27 21:32:45

دىيارىمىزدا كۆپلىگەن ۋىلايەت-ناھىيەلەرنىڭ بىۋاستە پاسپورت ئىشلەش ھوقۇقى يوق. بۇ ناھىيە ۋىلايەتلەردە نوپۇسى بارلار، شۇ يەردە پاسپورتقا ئىلتىماس سۇنسا، شۇ يەرلىك ئورۇن بۇ ئىلتىماسنى بىر قۇر تەكشۈرۈپ دەلىللەپ، ئاپتونۇم رايۇنلۇق ج خ نازارىتىگە يوللاپ بېرىدۇ. پاسپورت ج خ نازارىتىدىن چىقىپ، يەرلىككە خەۋەر قىلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا سىز ئۈرۈمچىگە بېرىپ ج خ نازارىتىدىن پاسپورتىڭىزنى ئېلىۋالسىڭىزمۇ ياكى شۇ يېرىڭىزدە ساقلاپ تۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ.



ئۈرۈمچى شەھىرى، ئىلى قازاق ئاپتونۇم ئوبلاستى... قاتارلىق بەزى چوڭ شەھەر-ۋىلايەت-ئوبلاستنىڭ بىۋاستە ئۆزىنىڭ پاسپورت ئىشلەش ھوقۇقى بار. بۇ يەرلەرگە ئىلتىماس سۇنسىڭىز پاسپورتىڭىز بىۋاستە مۇشۇ يەرلەردىن چىقىدۇ. ج خ نازارىتى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق.



تەپسىلى قەدەم باسقۇچلار:



چەتئەلدىن كەلگەن چاقىرىق، كىملىك، نوپۇس قاتارلىقلارنى ئېلىپ، ئۆز نوپۇسىڭىز تۇرۇشلۇق شەھەر-ناھىيەلەرنىڭ ج خ ئىدارىسىنىڭ تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى (باشقارمىسى) غا بېرىپ، پاسپورت ئالىمەن دەپ تەلىپىڭىزنى ئېيتىسىز.



ئۇلار ئاۋال قولىڭىزغا 2-1 جەدۋەل بېرىدۇ. بۇ جەدۋەل خېلە تەپسىلى، ئىنچىكە بولۇپ، ئۇنىڭدا سىزنىڭ ئوقۇش تارىخىڭىز، ئائىلە ئەھۋالىڭىز، بىۋاستە ئۇرۇق-تۇققانلىرىڭىز، دىپلوم-ئۇنۋانىلىرىڭىز، خىزمەت ئورنىڭىز ۋەياكى ئاھالىلەر كومىتېتى ياكى يەرلىك پەيچۇسو لارنىڭ سىزگە يېزىپ بەرگەن ئىسپات ۋەياكى تونۇشتۇرۇش خېتى قاتارلىقلارنى سورايدۇ. تامغا ئۇرغۇزىدىغان خېلە يەرلىرى بار. قەيەرنىڭ تامغىسى دىسە، شۇ يەرنىڭ تامغىلىرىنى تولۇق ئۇرغۇزۇپ، پۇل ۋە رەسىملەرنى كۆتۈرۈپ، ئۇ بەرگەن جەدۋەلنى تولۇق توشتۇرۇپ، چەتئەلدىن كەلگەن ئوقۇش چاقىرىقىنى كامىدا خەنزۇچىغىمۇ تەرجىمە قىلغۇزۇپ، مۇشۇ ماتىرياللارنى ئاشۇ جەدۋەل بەرگەن يەرگە ئاپىرىسىز.



ئۇلار دەسلىپىدە بۇ ماتىرياللارنى قىسقىچە بىر قۇر كۆرۈپ، كام قالغان يەرلىرى بولسا قايتۇرىۋېتىدۇ. دەسلەپكى قەدەمدە تولۇق بولسا ئېلىپ قالىدۇ. قولىڭىزغا بىر سۈرۈشتە قىلىش خېتى بېرىدۇ. بۇ خەتتە مۆھلەت ۋاقتى بولىدۇ.



ئۇلار ماتىرياللىرىڭىز ۋە سىزنى، ئائىلە ئەھۋاللىرىڭىز، جىنايەتكە چېتىلىپ قېلىش تارىخى دىگەنلەرنى تەپسىلى تەكشۈرىدۇ. بىرەر نەرسە كام قالسا، سىز بىلەن ئالاقە قىلىپ، كام نەرسىلەرنى تەلەپ قىلىدۇ.



مۆھلەت ۋاقتى توشقاندا، قولىڭىزدىكى خەت بىلەن شۇ جايغا بېرىپ پاسپورتىڭىزنى سۈرۈشتە قىلسىڭىز بولىدۇ. ئۈرۈمچى ۋە ياكى شۇنىڭدەك چوڭ شەھەردە تېزراق بولىدۇ. تەلىيىڭىز بولسا، پاسپورتىڭ چىقتى دەپ، سىزدىن پاسپورت ھەققىنى ئېلىپ پاسپورتنى قولىڭىزغا بېرىدۇ. ياكى ئۈرۈمچىدە ج خ نازارىتىدە تەستىقلىنىپ چىقىپتۇ. ئۆزىڭىز بېرىپ ئېلىۋالالمسىز ياكى مۇشۇ ئورۇندا ساقلامسىز دەپ سورايدۇ. شۇلارنىڭ دېگىنى بويىچە ئالسىڭىز بولىدۇ.



ناۋادا ئۇلار سىزگە پاسپورت بېرەلمىسە، سەۋەبىنى سىزگە بىلدۈرىدۇ. كام سەۋەبلىرىنى تولۇقلىسىڭىز كېيىن پاسپورت بېرىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن، بەرمەسلىكىمۇ مۇمكىن. (مەسىلەن، چەتئەلدىكى مەكتەپ ئانچە مۇنتىزىم مەكتەپ بولمىسا، پاسپورت بەرمەسلىكى مۇمكىن. 90-يىللاردا پاكىستاندىكى مەدرىسلەردىن كەلگەن ئوقۇش چاقىرىقىغا پاسپورت ئالغىلى بولاتتى، شۇ يىللارنىڭ ئاخىرى پاكىستان مەدرىسلىرىنىڭ چاقىرىقى ئېتراپ قىلىنماس بولغان.



نەزىرىيە جەھەتتىن، پاسپورت بېجىرىشنىڭ جەريانى كىملىك بېجىرىشتىن بەك پەرقلىنىپمۇ كەتمەيدۇ. قەدەم باسقۇچلار ئاساسەن ئوخشاش. لېكىن پاسپورت سەل ئالاھىدە نەرسە بولغاچقا، ئۇنىڭغا لازىملىق ماتىريال-رەسمىيەتلەر بىر قەدەر كۆپ. تەكشۈرۈش-تەستىقلاش-بېرىش جەريانىمۇ سەل ئالاھىدە، چىڭ.





مەنبە : بىلىك كۇلۇبىدىن بۈركۈت ئەپەندى

AlphaBeta يوللانغان ۋاقتى 2012-7-27 21:59:45

رەسىمگە قاراپ بولسىمۇ كۆڭلۈمنى خۇش قىلغاچ تۇراي.\"\"


\"\"


7- قەۋەتتىكى keqkuzنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مىنىڭ نۇپۇسۇم خوتەندە مەنمۇ پاسپورت ھەل قىلسام بۇلۇر ئىدى  \"\"


ئالدىرىمايدىغان ئىش بولسا قىش پەسلىدە بېجىرىڭ، يا بولمىسا نوپۇسىڭىزنى باشقا يەرلەرگە يۆتكەش ئىمكانىيىتى بولسا يۆتكەپ بېجىرسىڭىزمۇ بىر قەدەر قولاي بولۇشى مۇمكىن.

forever يوللانغان ۋاقتى 2012-7-27 22:02:54

http://koklem.com/forum.php?mod=viewthread&tid=523

suzuki يوللانغان ۋاقتى 2012-7-27 22:46:17

مىللىتىڭىزنى ئۆزگەرتسىڭىز تېزلا چىقىدۇ.

fahru23 يوللانغان ۋاقتى 2012-7-27 22:56:20

7- قەۋەتتىكى keqkuzنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مىنىڭ نۇپۇسۇم خوتەندە مەنمۇ پاسپورت ھەل قىلسام بۇلۇر ئىدى \"\"




ئوقۇش چاقىرقى ئەكەلدۈرۈپ ، شۇئارقىلىق بىجىرسىڭىز بىرئاز ئاسانكەن . بىراق شۇ ئىنگىلىزتىنلىدىن ئېغىزچە ئىمتاھان ئالىدىكەن ،،، ئۆتەلىسە ئاندىن جەدۋەل چىقىرىپ بېرىدىكەن . بولمىسا << بۇشىڭ ...>> دەپلا  يولغا سېلىپ قويىدىكەن ...\"\"

tarim222 يوللانغان ۋاقتى 2012-7-27 23:33:11

ئۈرمچىگە نوپۇسنى يۆتكەپ كەلگەن ۋاقت 5يىلغا توشمىسا بىجىرمەيمىش،بۈگۈن بىرى دۆلەت بىخەتەرلىك ئەتىرىتنىڭ تامغىسىنى باستۇرغىلى بارغاندا شۇ جاۋاپقا ئېرىشىپتۇ.

keqkuz يوللانغان ۋاقتى 2012-7-27 23:46:39

12- قەۋەتتىكى fahru23نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

7- قەۋەتتىكى keqkuzنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مىنىڭ نۇپۇسۇم خوتەندە مەنمۇ پاسپورت ھەل قىلسام بۇلۇر ئىدى \"\"




ئوقۇش چاقىرقى ئەكەلدۈرۈپ ، شۇئارقىلىق بىجىرسىڭىز بىرئاز ئاسانكەن . بىراق شۇ ئىنگىلىزتىنلىدىن ئېغىزچە ئىمتاھان ئالىدىكەن ،،، ئۆتەلىسە ئاندىن جەدۋەل چىقىرىپ بېرىدىكەن . بولمىسا << بۇشىڭ ...>> دەپلا  يولغا سېلىپ قويىدىكەن ...






ئىنگىلىزچە يىراقتا تۇرسۇن خەنچىنىمۇ چالا پۇچۇق بىلىدىغان تۇرسام \"\"  


newstar يوللانغان ۋاقتى 2012-7-28 06:54:01

تېز بېجىرىش دېگەن يوق گەپ.ئەمما بېجىرگىلى بولار....

boztaghliq يوللانغان ۋاقتى 2012-7-28 09:19:21

بىرىنچى دەرىجىلىك پۇخرالارنىڭ (يولداشلارنىڭ) دەرھال چىقىدۇ، ئۇنىڭغا تۈرلۈك شەرتلەر قويۇلمايدۇ، پارا، خۇشامەتلەرمۇ تەلەپ قىلىنمايدۇ.

ئىككىنچى دەرىجىلىك پۇخرالارنىڭ پاسپورتىمۇ نىسبەتەن ئاسان.

ئۈچىنچى دەرىجىلىك پۇخرالار (ئۇيغۇرلار)نىڭ ئىشى سەل تەسراق.

ساياسىي گۇناھىڭىز بولماسلىقى كېرەك، ھەم بۇنداق گۇناھى بار يەتمىش پۇشتىڭىز بولماسلىقى كېرەك. خىزمەتتىكى كادىردىن ئىككىسى كېپىل بولۇپ قول قويۇشى كېرەك (ئەگەر كەلمەي قالسىڭىز ئەنە شۇ ئىككىسىنىڭ ئىشى پۈتۈدۇ). ئاندىن يەنە زاكالەت پۇلى تاپشۇرۇشىڭىز كېرەك.

بۇلار دېمەككە ئاسان، ئالتە قۇر بىلەن پۈتۈدۇ، ئەمما سىز مېڭىپ بېقىڭ، قالغىنىنى شۇ چاغدا كۆرۈسىز. ئاندىن ئەگەر چەتئەلگە چىقىپ قالسىڭىز بىرەر مۇستەبىت دۆلەتتىن كەلگەن چەتئەللىك بىلەن ئۇچرۇشۇپ قالسىڭىز، ئۇنىڭغا پاسپورتنى قانداق ئالغانلىقىڭىزنى سۆزەپ بېرىپ بېقىڭ، ئەگەر ئىشەندۈرەلىسڭىز قۇلۇقۇمنى ساپالدا كېسىپ بېرەي!

Estami يوللانغان ۋاقتى 2012-7-28 09:26:14

ئەڭ ياخىشى ئۇسۇل ، بولسا نوپۇسىنى ئىچكىرىگە يۆتكەپ شۇ يەرىدىن بېجىرىش . بۇ يەرىدە ئارقا ئىشكىمۇ پاسىپورتا ئۇيغۇرغا مۇشكۇللات .
بەت: [1] 2 3
: پاسپورتنى تېز بېجىرىشنىڭ قانداق ئاماللىرى بار؟