شەھلاغا ياردەم كېرەك
ئەسسىلامۇ-ئەلەيكۇم ئىزدىنىش ئەھلى.
ھەممىڭلارغا رامزان مۇبارەك. بايا بىر دوستۇمدىن تېلفۇن تاپشۇرۇپ ئالدىم،مەزمونى تۈۋەندىكىدەك:
ئۇنىڭ 13 ياشلىق ئوغلى ئەرگۇڭدىكى تەنتەربىيە مەكتىۋىگە تاللىنىپتۇ ،بەلكىم پۇتبولدىن تاللانغان ئوخشايدۇ،ئەتە چەتئەلدىن كەلگەن تېرنىرلار ئىمتىھان ئالىدىكەن،
بالىنىڭ ئانىسى مەندەكلا بىر ئاىلە ئايالى ،ئىقسادىي ئەھۋالىمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس،جەنۇپتىن كىلىپ ئۇششاق تىجارەت بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.
بالا پۇتبولغا قىززىققاچقا مەكتەپتىن تاللاپ چىقىرىپ بەرگەن ئوخشايدۇ ،ئانىغا ئۇختۇرۇش قىلىنغاندا ئۇ تازا چۈشۈنەلمەپتۇ،ماڭىمۇ مۇشۇنداقىراق مۇجىمەل ئۇچۇر يەتكۈزۈپ، مەسلىھەت سورىدى ،بەلكىم مەن بۇ ئەھۋاللارنى تازا چۈشەنمىگەچكە تازا ئېنىق بىر نەرسە دىيەلمىدىم ،ئارىمىزدا چوقۇم بۇنى ئېنىق بىلىدىغانلار بار ،بىر مەسلىھەت چىقىدىغۇ دەپ ئۈمۈت قىلىپ يوللاۋاتىمەن.
بۇ قانداق مەكتەپ؟
ئۇ بالا بۇ مەكتەپتە ئوقىسا ياكى تەربىيلەنسە ئىستىقبالى قانداق بولىدۇ؟
ئاتا-ئانىنىڭ ئىقسادى بەك ئاجىز ،شۇنداق ئىكەن دۆۋلەت ئوقۇش چىقىمىنى كۆتۈرەمدۇ؟
ئىنىمنىڭ بىر ئاغىنىسى بار، شۇ بالىنى خېڭداغا ئادەم تاللاپ يۈرىدۇ دېگەن، شۇ بولسا كېرەك. خان جەمەتى مادرېد كۆماندىسى پۇتبول ساھەسىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ياخشى كوماندىلاردىن بىرى ، بۇ كوماندىغا تاللانغان بالا ئۆزىگە تەلەپنى قاتتىق قويۇپ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلەنسە ، چوقۇمكى مۇنەۋۋەر خەلىقئارالىق توپچىلاردىن بولالايدۇ . تومتاقراق يېزىپسىزمۇ نېمە؟ بەلكىم پۇتبولغا باللا تاللاپ يۈرگەنلەرنىڭ گېپىمىكىن،مەنمۇ چۈشەنمىدىم.

3- قەۋەتتىكى xahla91نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
خان جەمەتى مادرىت كوماندىسى دەمدۇ ئىشقىلىپ شۇندىقىراق بىر گەپنى قىلدى،![]()
ئىسپانىيەنىڭ كوماندىسىغۇ بۇ ؟!
بەلكىم شۇنىڭغا ياش باللارنى تاللىغىلى كەلگەن بولۇشى مومكىن
دوستىڭزنىڭ بالسىنىمۇ شۇلارنىڭ تاللىشىغا قاتنىشىدىغان ئوخشايدۇ ئەمسە ئالدىنقى مادىرد چەتئەللىك تىرنىرلار گۇرپىسى ئەۋەتىپ گۇاڭجۇدىكى تەربىيلەش بازىسىغا باللارنى تاللىغىلى كەلگەن ئىككى بالىغا چاقىرىق كەلگەنغۇ دەيمەن
يىللىق ئوقۇش پۇلى تەربىلىنىش ھەققى ئۈچ تۈمەن ئەتراپىدىغۇ دەيمەن ئوقۇش ھەققى :35000 يۈەن ئىكەن
ئوقۇش مۇددىتى: تولۇق ئوتتۇرنى پۈتتۈرۈپ بولغىچە
تالانتى بار ئەمما ئىقتىسادى قىيىنچلىقى بار باللار بولسا جۇڭگو نامراتلارنى يۆلەش فوندىغا ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن
خىڭدا پۇتبول مەكتىپى جۇڭگودىكى ئەڭ ئىستىقباللىق تەربىيلىنىش بازىسىنىڭ بىرى (خان مادىرد كوماندىسى بىلەن ھەمكارلاشقان) ئەگەر نەتىجىسى ياخشى بولسا ئسپانىيەگە چىقىش پۇرسىتى بار
7- قەۋەتتىكى malchi نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئوقۇش ھەققى :35000 يۈەن ئىكەن

نىمانچە ياخشى گەپلەر بۇ،مەن دەرھال يەتكۈزەي ،كۆپ رەھمەت.
7- قەۋەتتىكى malchi نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئوقۇش ھەققى :35000 يۈەن ئىكەن
ئوقۇش مۇددىتى: تولۇق ئوتتۇرنى پۈتتۈرۈپ بولغىچە
تالانتى بار ئەمما ئىقتىسادى قىيىنچلىقى بار باللار بولسا جۇڭگو نامراتلارنى يۆلەش فوندىغا ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن
خىڭدا پۇتبول مەكتىپى جۇڭگودىكى ئەڭ ئىستىقباللىق تەربىيلىنىش بازىسىنىڭ بىرى (خان مادىرد كوماندىسى بىلەن ھەمكارلاشقان) ئەگەر نەتىجىسى ياخشى بولسا ئسپانىيەگە چىقىش پۇرسىتى بار
بۇ بالا تۈنۈگۈن تاللىنىپتۇ،بىراق ئىقسادى يوق دىيەرلىككەن،نامراتلارنى يۈلەش فوندىغا قانداق ئىلىماس قىلىدىغاندۇ ،بىلىدىغانلار دەپ بەرسەڭلار،8-ئاينىڭ 20-كۈنى ماڭىدىغاننىڭ گېپى بار.
بۇ مەكتەپنىڭ تۇلۇق ئىسمىنى 恒大皇马足球学校دەيدىكەن
http://baike.baidu.com/view/8441044.htm
ئۆزلىرىنىڭ تور بېتىمۇ باركەن.تور بېتىدە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار باركەن، كۆرۈپ بېقىڭ.
تۈۋەندىكىتور ئادىرسى:
مەكتەپ تورى باش بېتى
http://www.evergrandefs.com/index.html
ئوقۇغۇچى قۇبۇل قېلىش نىزامنامىسى
http://www.evergrandefs.com/Recruitment/brochure.html
ئوقۇش ياردەم پۇلى ئېلتىماس قىلىشدىگەندەك سۇئاللارغا جاۋاپ
http://www.evergrandefs.com/Recruitment/manual.html
11- قەۋەتتىكى xahla91نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بۇ بالا تۈنۈگۈن تاللىنىپتۇ،بىراق ئىقسادى يوق دىيەرلىككەن،نامراتلارنى يۈلەش فوندىغا قانداق ئىلىماس قىلىدىغاندۇ ،بىلىدىغانلار دەپ بەرسەڭلار،8-ئاينىڭ 20-كۈنى ماڭىدىغاننىڭ گېپى بار.
http://www.evergrandefs.com/Recruitment/manual.html
ماۋۇ يەردە ئىلتىماس قېلىش شەرتلىرى ۋە تەرتىپلىرى بار ئېكەن
http://sports.163.com/12/0731/13/87OCNPQQ00051C89.html