Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-7-26 21:40:57

مىكروسوفت Kinect

Xbox ئۇيۇن ماشىنىسى مىكروسوفتنىڭ مەھسۇلاتى، Intel مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچىسىنى ئىشلىتىدۇ. Kinect مىكروسوفت تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان كۆرۈنمەس لازىر نۇر تالالىرى ئارقىلىق، ئالدىدا تۇرغان نىشاننىڭ شەكلى، ھەركىتى، ئۆزگىرىشىنى بىلەلەيدۇ. ئۇنىڭ ئىشلىتىش دائىرىسى بارغانسېرى كېڭىيىپ، يالغۇز ئۇيۇن ماشىنىسىنىڭ سەزگۈچىسى بولۇپلا قالماي، تەجرىبىخانىلاردا نۇرغۇن يېڭى قوللىنىشلارغا ئېرىشكەن.


Kinect، ئۆزىنىڭ كۆزى ۋە لازىر نۇرلىرى ئارقىلىق ھەركەتنى بۇيرۇققا ئايلاندۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئىشلەتكۈچى قول- پۇتىدا ھېچقانداق تۇتقۇچ ئىشلەتمەيلا قۇرۇق قول ھالەتتە ئېكران ئىچىنى ۋە ئەمەلىي ماشىنىنى باشقۇرالايدۇ.






تەپسىلىي توختالمىدۇق، بىر ژورنىلىمدا Kinect نىڭ مۇشۇ نەچچە يىل ئىچىدىكى يېڭىلىقلىرى بار ئىدى، كىتاپ بىر يەرنى تېپىپ يۇشۇرۇنۇپ ئۇخلاۋاتقان ئوخشايدۇ، سىن كۆرۈپ چۈشەنگەچ تۇرايلى، ۋاقتىڭىز قىممەتلىك بولغاچقا، تاللاپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.



كىنەكت ئۈچۈن پروگرامما تەڭشەش مۇنداقراق ئىش ئوخشايدۇ:



ئۇيۇن ئويناش:



ئۇيۇن ئويناش:



كىنەكت ئارقىلىق ئەخلەت چىلىكىنى باشقۇرۇش:


Estami يوللانغان ۋاقتى 2012-7-26 22:03:36

بۇ تېخنىكدا چوقۇم nintendo شىركتنىڭ Wii تىلغا ئالماي بولمايدۇ. بۇ مەھسۇلات مۇشۇ تېخنكىنڭ سەركەردىسى .


\"\"

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2012-7-26 22:30:01

جەڭگاھ ئويۇنىنى ئۆيدە دومىلاپيۈرۈپئويناپكەتسەم ...................   {:107:}    {:92:}

ansariy يوللانغان ۋاقتى 2012-7-26 22:44:03

ra2 نى قاندا ئوينامىز

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2012-7-27 08:53:40

ماۋۇ پەيزى نەرسىكەنغۇ،ئىككەيلەن بوكىس ئوينىسا بەك پەيزى بولا بۇنىڭدا.

arginakun يوللانغان ۋاقتى 2012-7-27 10:52:33

يەنىلا ئىمپېريە دەۋرى «帝国时代2»گە يەتمەيدۇ!

ئويوننىڭ نوچىسى مۇشۇ ، تورلاشتۇرۇپ ئويناپيولداشلارنى ئالدىمغا سىلىپ يۈگۈرتىۋىتىمەن

بۇ ئويوننى ئوينايدىغان بالىلار بارمۇ؟ تارىخقا قىزىقىدىغان بالىلار بۇ ئويۇننى ياقتۇرۇپ قالىدۇ

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2012-7-27 11:23:46

5- قەۋەتتىكى arginakunنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يەنىلا ئىمپېريە دەۋرى «帝国时代2»گە يەتمەيدۇ!

ئويوننىڭ نوچىسى مۇشۇ ، تورلاشتۇرۇپ ئويناپيولداشلارنى ئالدىمغا سىلىپ يۈگۈرتىۋىتىمەن

بۇ ئويوننى ئوينايدىغان بالىلار بارمۇ؟ تارىخقا قىزىقىدىغان بالىلار بۇ ئويۇننى ياقتۇرۇپ قالىدۇ


ئىزدىنىشتا ماۋۇ ئۇيۇننى ئوينايدىغانلار مەن يالغۇزلا ئەمەسكەنمەن ھە.


بۇ ئۇيۇنغا مەنمۇ بەك ئامراق،لېكىن ئۇستا دىگۈدەك دەرىجىدە ئەمەس،قارىغاندا سىز بىلەن ئويناپ قالسام ئالدىڭىزغا كىرىپ يۈگۈرەيدىغان ئوخشايمەن.


سىز ئادەتتە قايسى دۆلەتنى ئېلىپ ئوينايسىز؟مېنىڭ يەنە بىر ئاغىنەم بار ئۇ ماڭا قارىغاندا خېلىلا ياخشى ئوينايدۇ،پۇرسەت بولسا ئىككىڭلارنى تۇتۇشتۇرۇپ باقسام بولامدۇ نىمە.(مەن ئۈچۈنچى تەرەپ بولۇپ،ئۇيۇنۇڭلارنى كۆرگەچ،سىلەرگە رېپىر بولسام)

elbilge يوللانغان ۋاقتى 2012-7-27 12:02:28

بۇنى قانچە پۇل ئالىدۇ؟

قانداق نەرسىلەر بىلەن بىللە ئىشلەتكىلى بولىدۇ،بىرلا تېلېۋىزور بولسا بولامدۇ؟

قانداق ئىشلىتىمىز؟

hebib يوللانغان ۋاقتى 2012-7-27 17:07:02

帝国时代2غا مەنمۇ ئامراق. بولۇپمۇ بىر دەۋىردىن يەنە بىر دەۋىرگە تەرەققى قىلغاندا ~خوش بوپ كېتىمەن.\"\"



xbox دېگىنى مۇشۇ ئۇلىنىشتىكىدەك نەرسىمۇ ؟ تاۋباۋدا باركەن. ياخشىلىرى قىممەتكەنغۇ~

http://item.taobao.com/item.htm?id=3598070518&ali_refid=a3_420434_1006:1102217621:6:xbox:d3446b8d43c9894e2da30e2b0566583c&ali_trackid=1_d3446b8d43c9894e2da30e2b0566583c

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2012-7-27 17:26:39

بىرەر كۈنى ۋاقىت چىققانداق ئىزدىنىشتىكىلەر帝国时代2نى تورلاشتۇرۇپ ئويناپ باقساق بولغۇدەك.

yaruq يوللانغان ۋاقتى 2012-7-27 17:40:25

9- قەۋەتتىكى taklimakan10نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىرەر كۈنى ۋاقىت چىققانداق ئىزدىنىشتىكىلەر帝国时代2نى تورلاشتۇرۇپ ئويناپ باقساق بولغۇدەك.

سۈرئەت مەسلىسىنى ئويلاشماي بولمايدۇ.

428 يوللانغان ۋاقتى 2012-7-27 18:15:38

ماۋۇxbox توغىرلىق ئازىراق توختالمامسىلەر ، مەنمۇ قىزىقىپ قالدىم ماۋۇ نەرسىگە

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-7-27 19:11:38

5- قەۋەتتىكى arginakunنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يەنىلا ئىمپېريە دەۋرى «帝国时代2»گە يەتمەيدۇ!

ئويوننىڭ نوچىسى مۇشۇ ، تورلاشتۇرۇپ ئويناپ يولداشلارنى ئالدىمغا سىلىپ يۈگۈرتىۋىتىمەن

بۇ ئويوننى ئوينايدىغان بالىلار بارمۇ؟ تارىخقا قىزىقىدىغان بالىلار بۇ ئويۇننى ياقتۇرۇپ قالىدۇ




بۇ ئۇيۇننى سىلەرگە مەن تونۇشتۇرسام بولىدىغان ئوخشايدۇ، مەككە، مەدىنە شەھىرىنىڭ تۆگىلىك قىسىملىرى چىقىپ قالىدۇ دەيمىزغۇ، مۇڭغۇل بۆلۈمىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ نامى تىلغا ئېلىنىدۇ، ئۇيغۇرنى تاللاپ ئوينىسىڭىز، تۈركلەرنى تاللاپ ئوينىغاندەك «دارېغى» دەپ دەرەخ كېسىشكە ماڭىدۇ.. Ra نى شىركەتتە ئويناپ قوياتتۇق ھەر جۈمە كېچىسى تاڭ ئاتقۇچە، «بېقىۋالىدىغان بالا بامۇ؟!» دەپ كېلون زاۋۇت بار سوۋىتنىڭ ماشىنىسى ساندۇقتىن چىقىپ قالاتتى. «پىلانېتلار ئارا تالىشىش» بىلەن «يېشىل تېروگا» نى مەندەك ئوينايدىغاننى تەڭتۈشلەر ئارا كۆرمىدىم، مېنىڭ تاماق يىمەي، ئىشىكتىن چىقماي بىر ئولتۇرۇپ ئويناپ توختىغان رېكورتىم 52 سائەت.. (بۇ پونى ئاتمىغىلى خېلى بوپتۇ ئېتىۋالاي ھە) بۇ ئۇيۇنلارنى قەتئىي تۇتمىغىلى 4 يىلدىن ئاشتى، بەك ئوينىغۇم بار...

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-7-27 20:29:12

Xbox بولسا بىر ئۇيۇن سۇپىسى، قاتتىق دېتال ۋە ئۇيۇن دېتاللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تېمامدىكى ئاق- قارا ئىككى كىچىك ساندۇق ۋە سىملىق سىمسىز ئۇيۇن قوللۇقى شۇ!

ئۇ دۇنيادىكى بىردىن- بىر ۋاقىت تەڭشەشكە بولىدىغان ئۇيۇن ماشىنىسى، ئائىلە باشلىقى بالىلارغا ئورۇنلاشتۇرغان ۋاقىت بويىچە تەڭشەپ قويالايدۇ.

ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، Xbox سەپلىمىسى ئاددىي، لېكىن تۈزۈلۈشى ئادەتتىكى كومپيۇتېرلارغا ئوخشىمايدىغان ئۇيۇن ماشىنىسى، لېكىن ئۇنىڭدا ئادەتتىكى كومپيۇتېرلاردا نورمال ماڭالمايدىغان ئۇيۇنلارمۇ ئىنتايىن ياخشى ئىشلەيدۇ، سەۋەبى، ئۇيۇن پروگراممىسى ئەلالاشتۇرۇلغان ۋە قاتتىق دېتال تۈزۈلمىسى ئوخشىمايدۇ. Kinect بولسا XBox قا چاتقىلى بولىدىغان سەزگۈچ ئۈسكۈنە. ئۈستىدىكى ئۈچ كۆزلۈك شۇ، ئۈستىدە خېتىمۇ بار.

بۇ ئۇنىڭ ئىچى، ئاساسىي تاختىسىدا بىز بىلىدىغان PCI، PCI-E ئۇقۇرلىرى ۋە ئىچكى ساقلىغۇچ ئۇقۇرلىرىنىڭ ھېچقايسىسى يوق، توك مەنبەسىدىن تارتىپ ھەممە نەرسىنىڭ توك يولى بىرلا ساندۇقنىڭ ئىچىدە، بۇلارغا قوشۇپ بىر نۇر دېسكا قوزغاتقۇچ ۋە قاتتىق دېسكا بار، قاتتىق دېسكىسىنى خالىغانچە باشقا خاتىرە كومپيۇتېر قاتتىق دېسكىلىرىغا ئالماشتۇرغىلى بولمايدۇ.

\"\"



Xbox تا Xbox Live ھېساۋاتى ئارقىلىق، Xbox Live كۆپ كىشلىك ئۇيۇن مۇلازىمېتىرىغا خالىغان چاغدا ئۇلانغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدا رەسىم كۆرگىلى، مۇزىكا ئاڭلىغىلى، دۇنيانىڭ خالىغان جايىدىكى دوستلار بىلەن سىنلىق سۆزلەشكىلى ۋە DVD كىنو كۆرگىلى بولىدۇ، بىر ھەممىباب كۆڭۈل ئىچىش ماشىنىسى.

Xbox جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىغا بازارغا سېلىنمىغان، پەقەت يېشىۋىتىلگەن نەشىرلىرىنى سېتىۋېلىشقا بولىمىش. سىنگاپور، تەيۋەن، كانادا شىركەتلىرىگە ۋاكالىتەن ياسىتىمىش، بۇ ئۈچلا شىركەتنىڭ جۇڭگو گۇاڭدۇڭدا زاۋۇتى بارمىش. قاتتىق دېتال تاشقىي كۆرۈنۈشى ۋە تىزىملىكلىرىنى چوڭ داڭلىق شىركەتلەر، ياپۇن شىركەتلىرىگە لايىھىلىتىدىكەنمىش.

Xbox قا چېتىلغان Kinect ئارقىلىق، سىز قۇرۇق قول چويلا توپ، بېلىق تۇتۇش، ئات مېنىش، توپ تېپىش.. قاتارلىق ھەركەتلىك ئۇيۇنلارنى ئوينىيالايسىز.

Xbox نىڭ ئۇيۇن قوللۇقى ئارقىلىقمۇ نۇرغۇن ئۇيۇنلارنى ئويناشقا بولىدۇ.






talmas يوللانغان ۋاقتى 2012-7-27 23:42:44

بۇ قۇرۇلمىدا ئادەم يەنىلا ھەركەت قىلىدىكەن.بىر قانچەيىلنىڭ ئالدىداياپۇنلاربىۋاستا مىڭە ئارقىلىق كۇنتىرۇل قىلىندىغان كۇنتىرۇل قىلغۇچنى تەتقىق قىلۋاتقانلىقىنى تېلۋىزۇردىن كۆرگەن، ھازىر قانداق بۇلدىكىن ،بۇنىڭدا سىز ئۈسكىنىنى بىشىڭىزغا تاقاپ نىمە قىلىشنى ئۇيلىسىڭىزلا ،خىيالىڭىز كۇنتىرۇل قىلغۇچ ئارقىلىق سېستىمىغا يوللىنىدۇ.ئەينى چاغدا ئىنتايىن ئاددى بۇلغان پەي توپ ئويىنىدا سىناق قىلىنغان ،ھازىر تەرەققىياتى قانداق بۇلدىكىن ، مۇۋاپىقىيەتلىك بۇلسا ،ئېھـتىمال يىقىن گەلگۈسىدە مائۇس،كۇنۇپكا تاختىسى دىگەنلەردىن خۇشلىشىشىمىز مۇمكىن.

arginakun يوللانغان ۋاقتى 2012-7-30 00:12:08

帝国时代2ئىمپىريە دەۋرنىبىلىدىغان يولداشلار QQنۇمۇررىڭلارنى قالدۇرۇپ قويۇڭلار !

توپ قۇرىۋالايلى مىنىڭ 1456819639   قاچان قارىسام يولداشلار بىلەنلا ئويناپ ئىچىم سىقىلدى...

talmas يوللانغان ۋاقتى 2012-7-30 01:21:14

帝国时代2بىلەن 十字军要塞 ئۇخشاپ قالامدۇ قانداق ؟ئۆتكەن يىل بىر ئۇيۇننى تاپقان 美丽新世纪گۈزەل دۇنيا دەپ تەرجىمە قىلامدۇق بۇنى.十字军要塞گە مەن خېلى ئۇستا ،بىراق 帝国时代نى ئۇيناپ باقماپتىمەن.ئەگەر لازىم بۇلسا ،مەندە بىر قانچە قۇرۇق كۇت-كۇت توپى بار ،ئۇيۇن ئۇينايدىغانلار بىرنى قۇرايلى.
بەت: [1]
: مىكروسوفت Kinect