ئۇچۇر: تەكلىماكانىينىڭ «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى» ھەققىدىكى ئىككى كىتابى
ئۇستاز ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي ئەپەندىم مۇشۇ كۈنلەردە ئەزىزانە قەشقەردە ئىكەن ، بۈگۈن ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي ئەپەندىم بىلەن تاسادىپىي كۆرۈشۈپ قالدىم ۋە ئۇنىڭ «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى » ۋە «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە مۇپەسسەل بايان» دېگەن ئىككى كىتابىنى ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي ئەپەندىمنىڭ ئىمزاسىنى قويدۇرۇپ ئۆز قولىدىن ئالدىم.ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي ئەپەندىم ئەتە 9-10 لاردا قەشقەر شەھەرلىك 3- ئوتتۇرا مەكتەپكە كەلمەكچى، قەشقەر شەھرىدىكى دوستلاردىن مەزكۇر كىتابنى سېتىۋېلىشنى خالايدىغانلار بولسا پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلگەيسىلەر.
يۇقارقى ئىككى كىتابنىڭ رەسىمى



ئىككى كىتابنىڭ باھاسى : 30.00+25.00= 55.00 يۈەن.
ياخشى بوپتۇ،بۇ ئۇستازنىڭ قەشقەرگە باسقان قەدىمى قۇتلۇق بولسۇن.
كىتابلارنى كىتابخانىلاردىمۇ تارقىتامدىغاندۇ؟بولسا،مەن شۇ يەردىن ئېلىۋالسام بولاتتى.
مەن بۇ ئاكىمىزنىڭ تۆۋەنكى رەسىمدىكى گېپىنى كۆرۈپ،ھەقىقەتەن قايىل بولغان،ئاللاھ ىالىسا بىر كۈنلەردە ئۇچرىشىش پۇرسىتى بوپمۇ قالار.
كىتاپخانىلارغىمۇ سىلىنىدىغاندۇ؟ كىتابخانىلاردا ئەلۋەتتە سېتىلىدۇ.
«چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە مۇپەسسەل بايان» دېگەن كىتابنى مەن 2006-يىلى كىتابخانىدىن سېتىۋالغان . ئىمزالىق سېتىش پائالىيىتىمىكەن ياكى ئۇ مەكتەپتە لېكسىيە سۆزلەمدىكەن؟
سىرىتتىن ئادەم كىرگۈزمەيدىغان ئىشلىرى بارچۇ بەزىلەرنىڭ...
2- قەۋەتتىكى yigana0998نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەنمۇ سىتىۋالاي.لىكىن قەشقەرگە بارالمايمەن-دە.
كىتاپخانىلارغىمۇ سىلىنىدىغاندۇ؟
kitabpurux مۇنداق يېزىپتۇ:
ئنتىلكامدا تۈگىسە، بۇ كىتابلار بىزدە «قەشقەردىكى تەڭرىتاغ كىتابخانىلىرىدا» بار جۇما.
http://www.kitabpurux.com/?tag=abduraop-polat-taklimakany
قارىغاندا توردىنمۇ سېتىۋالغىلى بولىدىكەن.
4- قەۋەتتىكى Yarkin92نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئىمزالىق سېتىش پائالىيىتىمىكەن ياكى ئۇ مەكتەپتە لېكسىيە سۆزلەمدىكەن؟
سىرىتتىن ئادەم كىرگۈزمەيدىغان ئىشلىرى بارچۇ بەزىلەرنىڭ...
ھەر ئىككىسى ئەمەس، بۈگۈن مەكتەپ مۇدىرىمىز بىلەن كۆرۈشكەچ بەشتىن 10 كىتاب ئەكەپتىكەن، مۇدىرىمىز مەكتەپ قىرائەتخانىسىغا ئالماقچى بولىۋىتىپتىكەن. نەق شۇ چاغدا كىرىپ قاپتىمەن ، كىتابنى ۋە ئۇستازنىڭ كىتابقا يازغان ئىمزاسىنى كۆرۈپلا دەرھالبىرنەچچە دوستۇمغا خەۋەر قىلىپ 8 پارچە كىتابنى مەن ئالدىم شۇنىڭ بىلەن مەكتەپ قىرائەتخانىسىغا ئالىدىغانغا كىتاب قالمىغاچقا تەكلىماكانىي ئەپەندىم ئەتە يەنە ئەكىلىدىغان بولدى. دېمەك كىتاب ئەكىلىپ بەرگىلى كىلىدۇ، مەن بىرنەچچىنى ئارتۇق ئالغاچ كىلىشنى دەپ قويدۇم، بۇ، كىتابقا ئىمزا قويدۇرۇۋېلىشنىڭ پۇرسىتى بولغاچقا تەۋسىيە قىلدىم.
3- قەۋەتتىكى Ulanbayنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
كىتابخانىلاردا ئەلۋەتتە سېتىلىدۇ.
«چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە مۇپەسسەل بايان» دېگەن كىتابنى مەن 2006-يىلى كىتابخانىدىن سېتىۋالغان .
شۇنداق، 2005- يىلى نەشىر قىلىنغان كىتاب ئىكەن. ئۇستازنىڭ قەدىمىگە مۇبارەك بولسۇن!
يۇقىرىقى ئىككى كىتابنىڭ مەزمۇنى ئاساسەن ئوخشاش. يەنى «چاغاتاي ئۇيغۇرتىلى گرامماتىكىسى» كىتابىدىكى يوق مەزمۇنلار «چاغاتاي ئۇيغۇرتىلى ھەققىدە مۇپەسسەل بايان» دېگەن كىتابىدا بار.
مەن ئىككىلا كىتابنى سېتىۋالغان. بىرىدە ئۇستازنىڭ ئىمزاسىمۇ بار ئىدى.
مەنچە ئىككىلا كىتابنى سېتىۋېلىش ھاجەتسىز. مەخسۇس تىل تەتقىقاتچىلىرى «چاغاتاي ئۇيغۇرتىلى گرامماتىكىسى» دېگەن كىتابنى، چاغاتاي ئۇيغۇرتىلى ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچىگە ئېرىشىشنى كۆزلەيدىغانلار «چاغاتاي ئۇيغۇرتىلى ھەققىدە مۇپەسسەل بايان» دېگەن كىتابنى سېتىۋالسا مۇۋاپىق. مۇھىمى ئىمزا قويدۇرۇۋېلىش. مۇشۇ كىشىنىڭ قوش تىل ئۇقۇتۇشى توغرىسىدىكى ھېلىقى ماقالىسىنى ئويلىساملا بىر خىل ھۆرمىتىم قوزغىلىپ قالىدۇ بۇ كىشىگە،«مۇھاكىمە تۇل لۇغەتىيىندىن مەئارىفۇل لۇغەتىيىنگىچە»غۇ دەيمەن ئۇ ماقالىنىڭ ئىسمى. چاغاتاي تىلى ئەمەس ، بەلكى قەدىمىي ئۇيغۇر تىلى ...چاغاتاي دەپ ئاتاش خاتا . ( ھاجى مىرزاھىد كىرەم ) تەكلىماكانى ئەپەندىمنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەمگەكلىرىگە قايىل بولىمەن .ئەمما نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىنى پارىس ۋە ئەرەپچىنىڭ ئەسلى تەلەپپۇزىغا ماسلاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ ئىسىملارنى ئۇزۇنلاشتۇرۇپ (ئابدۇرەئوپ-دېگەندەك )ئاددىلىقنى مۇرەككەپلەشتۈرۋىتىشىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنمەيمەن .تۈركىيەنىڭ تىلچىلىرى بولسا تۈركىيەتۈركچىسىدە تىلنى قىسقا ئۈنۈملىك جانلىق ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرغان .باشقا تىللاردىمۇ ئامال بار ئاسانلاشتۇرۇپ ئۆگىنىشكە ماسلاشتۇرىلىدۇ .ئەمما تەكلىماكانى ئەپەندىم نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىنى قېيىنلاشتۇرماقچى بولۇپ قالغاندۇ ؟
11- قەۋەتتىكى aptap1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
چاغاتاي تىلى ئەمەس ، بەلكى قەدىمىي ئۇيغۇر تىلى ...چاغاتاي دەپ ئاتاش خاتا . ( ھاجى مىرزاھىد كىرەم )
چاغاتاي تىلى دەپ ئېلىش ئەلۋەتتە خاتا، چۈنكى بۇ موڭغۇلنىڭ تىلى ئەمەس.
ئىلگىرى مۇشۇ توغرىسىدا ھەر خىل كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئاخىرى
‹ئۇيغۇر› دېگەن سۆزنى قوشۇپ، ‹چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى› دەپ ئېلىش بىرلىككە كېلىندى.
شۇڭا، شۇ دەۋرنىڭ تامغىسىنى بېسىپ،
‹چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى›، ‹چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتى› دەپ قوللىنىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
13- قەۋەتتىكى Ulanbayنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
11- قەۋەتتىكى aptap1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
چاغاتاي تىلى ئەمەس ، بەلكى قەدىمىي ئۇيغۇر تىلى ...چاغاتاي دەپ ئاتاش خاتا . ( ھاجى مىرزاھىد كىرەم )
چاغاتاي تىلى دەپ ئېلىش ئەلۋەتتە خاتا، چۈنكى بۇ موڭغۇلنىڭ تىلى ئەمەس.
ئىلگىرى مۇشۇ توغرىسىدا ھەر خىل كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئاخىرى
‹ئۇيغۇر› دېگەن سۆزنى قوشۇپ، ‹چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى› دەپ ئېلىش بىرلىككە كېلىندى.
شۇڭا، شۇ دەۋرنىڭ تامغىسىنى بېسىپ،
‹چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى›، ‹چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتى› دەپ قوللىنىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
مەنمۇ چاغاتاي دەۋرىدىكى ئۇيغۇر تىلى دەپ چۈشەندىم.
بەت:
[1]