cartoon يوللانغان ۋاقتى 2012-7-26 11:56:52

يېڭى كىتاب «ھېسامنىڭ ئىلىم- پەن سەپىرى»

ئىلمىي فانتازىيە ئەسەرلىرى ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ

تەپەككۇرىنى بېيىتىدۇ

——ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرىنىڭ «ھېسامنىڭ ئىلىم- پەن سەپىرى» ناملىق يۈرۈشلۈك كىتابى ھەققىدە

ئادىل ئابلىز(cartoon)

يېقىندا شىنجاڭ پەن _ تېخنىكا نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان ئىستىداتلىق يازغۇچى، شائىر ئايبېك ئۆمەر ئۇيغۇرىنىڭ «ھېسامنىڭ ئىلىم- پەن سەپىرى» ناملىق ئىلمىي فانتازىيەلىك يۈرۈشلۈك كىتابى نەشر قىلىنىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ قىزغىن سۆيۈپ ئوقۇشىغا مۇيەسسەر بولدى. مەزكۇر كىتابنىڭ مۇقاۋا ۋە قىستۇرما سۈرەتلىرىنى ئاپتورنىڭ ھاۋالىسى ۋە قىزغىن قوللىشى ئاساسىدا ئىشلەپ چىقتىم. گەرچە قىستۇرمىلارنىڭ سىزىلىشىدا ئازدۇر _كۆپتۇر نۇقسانلىقلار بايقالغان بولسىمۇ كىتابنى تۈزۈش، نەشرگە يوللاش داۋامىدا ئاپتورنىڭ قايتا _ قايتا پىكىر بېرىشى ۋە قىستۇرمىلاردىكى ئوبرازلارنى ۋەقەلىككە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ، ئۆزگەرتىش داۋامىدا كىتاب مۇۋەپپەقىيەتلىك نەشر قىلىنىپ بازارغا سېلىندى.

كىتاب ئورگىنالىنى ئوقۇش، قىستۇرما سۈرەتلەرنى مۇۋاپىق ئورۇنغا ماس كەلتۈرۈپ سىزىش جەريانىدا مەندە بۇ كىتابقا بولغان قىزىقىش ۋە مۇھەببەت ھەسسىلەپ ئېشىپ باردى. بولۇپمۇ كىتابتا قەيت قىلىنغان بەزى بىر ئىلمىي كۆز قاراشلار، دەرىجىدىن تاشقىرى «ياۋايى» ئوي _پىكىرلەر، سىرلىق فانتازىيە تۈسىنى ئالغان تەكلىماكان بويىدىكى چۆل _جەزىرىلەر مېنى ھەقىقىي فانتازىيە دۇنياسىغا باشلاپ باردى. «ھېسامنىڭ ئىلىم- پەن سەپىرى» دېگەن يۈرۈشلۈك كىتابنىڭ «ئادەم بەدىنىنى ساياھەت قىلىش» بۆلىكىدە ھېسام، نەچچە مىڭ نۇر يىلى يىراقلىقتىكى ئالاھىدە قۇياش سىستېمىسىدىن كەلگەن تۇمارلىق ئىسكىلىت بالىنىڭ ياردىمىدە ئوكۇل ئارقىلىق ئادەم بەدىنىنى مىكرو ماشىنا بىلەن ساياھەت قىلىدۇ. ﺋﯘ، ئادەم بەدىنىدىكى قىلدام تومۇرلار ئارقىلىق ئادەمنىڭ ئىچكى ئەزالىرى بىلەن بىرمۇ _بىر تونۇشۇپ چىقىدۇ ھەمدە، B تىپلىق پاينەكباش ۋىروس ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىدىن باكتىرىيە، مىكروپلار بىلەن كەسكىن جەڭ قىلىپ ئۇلارنى يوقىتىدۇ. مانا بۇ ۋەقەلىكلەر ئاپتورنىڭ قەلىمىدە ئىنتايىن قىزىقارلىق دىئالوگلار بىلەن جىددىي رەۋىشتە بايان قىلىنىدۇ. شۇنداقلا بۇ ۋەقەلىكلەرنى بەدەئىي ماھارەت بىلەن يورۇتۇپ بېرىدۇ. كىتابتا يەنە ئوقۇرمەنلەرگە ئادەم بەدىنىدىكى ئىچكى ئەزالارنىڭ رولى ھەم ئادەم بەدىنىدە بۇ ئەزالارنىڭ قانداق جايلارغا ئورۇنلاشقانلىقى توغرىسىدا ئىنتايىن تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى يەتكۈزگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ۋەقەلىكتىكى ھېسام  ئاكىنىڭ جىگەر، ئاشقازان قاتارلىق ئەزالار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولۇپ ئۇلارنىڭ «دەردى» نى ئاڭلاپ مىكرو ماشىنىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىلغار داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق ئۇلارغا دىئاگىنوز قويۇپ، كېسىلىنى داۋالاشتەك بىر يۈرۈش بەدەئىي توقۇلمىلار ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنى ئادەم تېنىنىڭ فىزولوگىيىلىك قۇرۇلمىسى ۋە ئىچكى ئەزالارنى ئاسراش جەھەتتە مول بولغان تىببىي ساۋاتقا ئىگە قىلىدۇ . دېمەك ئاپتۇر بۇ ۋەقەلىكنى يېزىش جەريانىدا تىببىي ساھەگە چېتىلىدىغان نۇرغۇن ماتېرىياللارنى ئىزدەنگەن بولۇپ، پاكىتلىرىنىڭ چىنلىقى، ئىلمىيلىقى ھەر قانداق ئوقۇرمەننى قايىل قىلماي تۇرالمايدۇ. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان پروزچىلىقمىزدا سان ۋە كۆلەم جەھەتتە بەزى بىر زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولساقمۇ، تېما ۋە مەزمۇن دائىرسى ئىنتايىن تار دائىرىدە چەكلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ھازىر رايونىمىزدىكى كىتابخانىلىرىمىزدىن ئىلمىي فانتازىيەلىك ئەدەبىي ئەسەرلەرگە مۇناسىۋەتلىك كىتاب ياكى ماتېرىياللارنى تېپىش ئىنتايىن تەس بولۇپ قالدى. چەت ئەللەردە بولسا فانتازىيە تۈسىدىكى ئەدەبىي ئەسەرلەر يېزىقچىلىقتىن ھالقىپ، قىستۇرما رەسىم سەنئىتى شەكلىدە چاتما كارتونلۇق كىتاب قىلىپ ئىشلەندى ياكى سىنارىلەشتۈرۈلۈپ، داڭلىق رىژىسسورلار تەرىپىدىن فىلىم قىلىپ ئىشلىنىپ، «تۆمۈر بىلەك ئاتومۇ»، «مىم»، «خاررى پوتېر»، ھوللىۋودنىڭ مەشھۇر رىژىسسورى جامىس. كامروننىڭ «تىتانىك ناملىق پاراخوت» تىن كېيىن ئىشلىگەن يەنە بىر مۇھىم فىلىمى «ئاۋىتار» (ئافەندا) دەك دۇنياۋى نادىر فانتازىيە فىلىملىرىنى ئىشلەپ، ياشلار، ئۆسمۈلەرنىڭ تەپەككۇرىنى بېيىتتى، ئۇلارنى ئاجايىپ _غارايىپ فانتازىيە دۇنياسىغا ئېلىپ بېرىپ، پىسخىكىسىدا چوڭقۇر بۇرۇلۇش ھاسىل قىلدى. ئىلمىي فانتازىيە ئەسەرلىرى ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ زېھنىنى ئېچىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ دۇنيا قارىشىنى، ئىلىم _ پەنگە بولغان قىزىقىشىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا ئىدىيىسىگە سىڭدۈرۈپ ئۇلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدۇ. ئىلمىي فانتازىيە ئەسەرلىرىنىڭ ئوقۇشچانلىقىنى ۋە رەڭدارلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاپتور كىتابنىڭ مۇقاۋىسى ۋە قىستۇرما سۈرەتلەرىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بەردى، مېنىڭچە بۇ بىر ياخشى باشلىنىش. ھازىر دۆلىتىمىزدە ياكى چەت ئەللەردە چىقىرىلىۋاتقان فانتازىيىلىك كىتابلاردا نەپىس ئىشلەنگەن مۇقاۋىلار ھەم كىتاب مەزمۇنىغا قىستۇرۇلغان سۈرەتلەر كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. چۈنكى ئوقۇرمەنلەر بولۇپمۇ ياشلار، ئۆسمۈرلەر كىتابنى قولىغا ئالغاندا تۇنجى كۆز يۈگۈرتىدىغىنى كىتابنىڭ ‹يۈزى›. ئۇنىڭدىن قالسا كىتابتىكى ۋەقەلىك ۋە قىستۇرۇلغان سۈرەتلەر بولىدۇ. شۇڭا ئىلمىي فانتازىيە ئەسەرلىدە ۋەقەلىكنى بېيىتىغان ھەم كىتابنىڭ رەڭدارلىقىنى ئاشۇرىدىغان بۇ تۈر كەم بولسا بولمايدۇ

قىسقىسى «ھېسامنىڭ ئىلىم- پەن سەپىرى» ناملىق يۈرۈشلىك كىتابىدىكى قىستۇرمىلارنى سىزىش جەريانىدا سىرلىق ئاستىرونومىيە بىلىملىرى، رايونىمىزدىكى بىر قىسىم خارابىلىققا ئايلانغان قەدىمىي شەھەرلەرنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى، جۈملىدىن دۇنياغا مەشھۇر بولغان لوپنۇر كۆلى بويىدىكى قەدىمىي توغراقلىقلارنىڭ تارىخي ئارقا كۆرۈنىشى، مەشھۇر شەخسلىرىمىزنىڭ قالدۇرغان ئىلمىي ئىزنالىرى، ئادەم بەدىنىنىڭ فىزولوگىيىلىك قۇرۇلمىسى ۋە ئۇنىڭ بەدەندىكى رولى قاتارلىق ئىلمىي بايانلار ۋە ئۇچۇرلار ئارقىلىق شەخسەن مەنمۇ خېلى كۆپ ئىلمىي ساۋاقلارغا ئىگە بولدۇم دەپ ئويلايمەن. ئىشىنىمەنكى بۇ كىتاب، ياشلار، ئۆسمۈرلەرگىلا ئەمەس بەلكى ئوتتۇرا ياشلىقلار، ياشانغانلار ئۈچۈنمۇ زۆرۈر بولغان ئىلمىي ئوقۇشلۇق بولۇپ قالغۇسى.

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2012-7-26 16:37:51

بۇ فانتازىيە مەزمۇنى بەك مۇرەككەپمۇ ،،قانداق مەن 20دىن ئىشىپ بەزى گەپلەرنى چۇشەنمىدىم كىچىك باللا چۇشىنىپ كىتەلەرمۇ؟؟ \"\"

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2012-7-26 17:22:35

1- قەۋەتتىكى kuwrukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ فانتازىيە مەزمۇنى بەك مۇرەككەپمۇ ،،قانداق مەن 20دىن ئىشىپ بەزى گەپلەرنى چۇشەنمىدىم كىچىك باللا چۇشىنىپ كىتەلەرمۇ؟؟ \"\"

سىز  بىرنىمە  چۈشىنىدىغان  بالىدەك  قىلمايسىز ...............

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2012-7-26 17:30:52

2- قەۋەتتىكى Erktekinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1- قەۋەتتىكى kuwrukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ فانتازىيە مەزمۇنى بەك مۇرەككەپمۇ ،،قانداق مەن 20دىن ئىشىپ بەزى گەپلەرنى چۇشەنمىدىم كىچىك باللا چۇشىنىپ كىتەلەرمۇ؟؟ \"\"

سىز  بىرنىمە  چۈشىنىدىغان  بالىدەك  قىلمايسىز ............... --

-مۇئەللىممۇ مىنى بەك دۇت دەيىتتى ،،،ھازىر داداممۇ يارامسىز ،،قۇڭاڭ بۇش بالا بۇپ قالدىڭ دەيدۇ،،،،

kimbar يوللانغان ۋاقتى 2012-7-26 17:40:24

ھازىرقى بالىلار كارامەت \"\"  \"\"  \"\"

tayanqimbar يوللانغان ۋاقتى 2012-7-26 18:11:01

3- قەۋەتتىكى kuwrukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

2- قەۋەتتىكى Erktekinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1- قەۋەتتىكى kuwrukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ فانتازىيە مەزمۇنى بەك مۇرەككەپمۇ ،،قانداق مەن 20دىن ئىشىپ بەزى گەپلەرنى چۇشەنمىدىم كىچىك باللا چۇشىنىپ كىتەلەرمۇ؟؟ \"\"

سىز  بىرنىمە  چۈشىنىدىغان  بالىدەك  قىلمايسىز ............... --

-مۇئەللىممۇ مىنى بەك دۇت دەيىتتى ،،،ھازىر داداممۇ يارامسىز ،،قۇڭاڭ بۇش بالا بۇپ قالدىڭ دەيدۇ،،،،

      ھېچنېمىدىن يانمايدىغان بالىدە بۇ كۆۋرۈك!

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-7-26 18:14:32

2- قەۋەتتىكى Erktekinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1- قەۋەتتىكى kuwrukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ فانتازىيە مەزمۇنى بەك مۇرەككەپمۇ ،،قانداق مەن 20دىن ئىشىپ بەزى گەپلەرنى چۇشەنمىدىم كىچىك باللا چۇشىنىپ كىتەلەرمۇ؟؟ \"\"

سىز  بىرنىمە  چۈشىنىدىغان  بالىدەك  قىلمايسىز ...............

\"\"ھاھاھا

ئەركتىكىنكا

بۇ بالىنى مەتوكام مەيلىگە قويۇپ بېرىڭلار دىگەن\"\"

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2012-7-26 19:22:47

3- قەۋەتتىكى kuwrukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

2- قەۋەتتىكى Erktekinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1- قەۋەتتىكى kuwrukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ فانتازىيە مەزمۇنى بەك مۇرەككەپمۇ ،،قانداق مەن 20دىن ئىشىپ بەزى گەپلەرنى چۇشەنمىدىم كىچىك باللا چۇشىنىپ كىتەلەرمۇ؟؟ \"\"

سىز  بىرنىمە  چۈشىنىدىغان  بالىدەك  قىلمايسىز ............... --

-مۇئەللىممۇ مىنى بەك دۇت دەيىتتى ،،،ھازىر داداممۇ يارامسىز ،،قۇڭاڭ بۇش بالا بۇپ قالدىڭ دەيدۇ،،،،

پەشنى  جىق قويىۋەتكەن بىلەن  ئىملانى  توغرا  يازىدىكەنسىز  بولمىسا ............. \"\"

tayanqimbar يوللانغان ۋاقتى 2012-7-26 19:41:26

7- قەۋەتتىكى Erktekinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىملانى توغرا يازغاندەك قىلغان بىلەن ئىملانى خاتا يازىدىكەن بولمىسا........

JasurBay يوللانغان ۋاقتى 2012-7-26 21:07:48

ما باللا يانا دىيىشىۋاپتۇ دە ، تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس يازىمىز دەپ  \"\"

küchlük يوللانغان ۋاقتى 2012-7-26 21:58:36

بىرەر تال رەسىمى بولسىمۇ تەمىنلەڭ، رەسىم بەك مۇھىم

shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2012-7-27 07:24:18

قايسىدۇر بىر ۋاقىتتا «كالتە قۇيرۇقلۇق مۈشۈك» دەپ بىر بالىلار ھېكايە توپلىمىنىڭ توردا گېپى بولىۋېتىپتىكەن، كىتابخانىغا كىرگەندە بىر نەچچە بەت ۋاراقلاپ بېقىپلا ياقتۇرۇپ قالغانىدىم.

  بۇ كىتابنىڭمۇ بالىلىرىمىزنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. دېمىسىمۇ بالىلىرىمىزنى ئەمدى «شى ياڭياڭ بىلەن خۇيتەيلاڭ»نىڭ ئالدىدىن قوپۇزىۋېتىدىغان يەرگە كەلدى.

serqut يوللانغان ۋاقتى 2012-7-27 11:34:48

11- قەۋەتتىكى shah_senemنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

  قايسىدۇر بىر ۋاقىتتا «كالتە قۇيۇرۇقلۇق مۈشۈك» دەپ بىر بالىلار ھېكايە توپلىمىنىڭ توردا گېپى بولىۋېتىپتىكەن، كىتابخانىغا كىرگەندە بىر نەچچە بەت ۋاراقلاپ بېقىپلا ياقتۇرۇپ قالغانىدىم.

  بۇ كىتابنىڭمۇ بالىلىرىمىزنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. دېمىسىمۇ بالىلىرىمىزنى ئەمدى «شى ياڭياڭ بىلەن خۇيتەيلاڭ»نىڭ ئالدىدىن قوپۇزىۋېتىدىغان يەرگە كەلدى.  

جىڭ گەپ قىلدىڭىز، ئاشۇنداق قىلمىساق زادى بولمىدى!

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2012-7-27 15:01:02

تېلۋوزورنى يوقاندىن كىيىن بالام ئازراق قەغىشلىك قىلغان،ھازىر مانا كۈندە قۇرت-قوڭغۇز،مۈشۈكلەر بىلەن ئويناپ چوڭ بۇلىۋاتىدۇ،توپا ئوينىما قۇلۇڭ ھەش بۇلىدۇ دىگەن گەپنىغۇ زىنھار دىمەيمەن ھازىر

yaruq يوللانغان ۋاقتى 2012-7-27 17:27:06

7- قەۋەتتىكى Erktekinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

3- قەۋەتتىكى kuwrukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

2- قەۋەتتىكى Erktekinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1- قەۋەتتىكى kuwrukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ فانتازىيە مەزمۇنى بەك مۇرەككەپمۇ ،،قانداق مەن 20دىن ئىشىپ بەزى گەپلەرنى چۇشەنمىدىم كىچىك باللا چۇشىنىپ كىتەلەرمۇ؟؟ \"\"

سىز  بىرنىمە  چۈشىنىدىغان  بالىدەك  قىلمايسىز ............... --

-مۇئەللىممۇ مىنى بەك دۇت دەيىتتى ،،،ھازىر داداممۇ يارامسىز ،،قۇڭاڭ بۇش بالا بۇپ قالدىڭ دەيدۇ،،،،

پەشنى  جىق قويىۋەتكەن بىلەن  ئىملانى  توغرا  يازىدىكەنسىز  بولمىسا ............. \"\"

سىزنى قىينىلىپ قالماي جىق جىق توختاپ بىرىپ ئوقۇسۇن دېگەنچېغى...

oghuzyar يوللانغان ۋاقتى 2012-7-28 10:59:11

بۇ كىتابقا قىزىقىپ قالدىم.....مۇقاۋا رەسىمى بولسا يوللاپ قويساڭلار بوپتىكەن
بەت: [1]
: يېڭى كىتاب «ھېسامنىڭ ئىلىم- پەن سەپىرى»