curious يوللانغان ۋاقتى 2012-7-26 11:39:28

[كۆچۈرۈلمە] ئادەم تۇغما دۆت بولمايدۇ

ئادەم تۇغما دۆت
بولمايدۇ


سىزىكى
چىنوئىچى(ياپۇنىيە)


(ئازاد نىزامىدىن
تەرجىمىسى)


مەن ئىمپېرىيە مۇزىكا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق
قىلىۋاتقان چېغىمدا مۇنداق ئىش يۈز بەرگەن. بىر قىز ماڭا: مۇئەللىم، مەن بەك دۆت،
بارماقلىرىم كارغا كەلمەيدۇ دەپ دادلىدى.


ھازىرمۇ بۇنداق ئويلايدىغانلار خېلى بار. بۇنداق
بولۇشتىكى سەۋەپ، ئۇلارغا ئۆگەتكۈچلەردە مۇشۇنداق قاراشنىڭ بولغانلىقىدا. ‹بۇ بالا
يەنىمۇ ئەقىللىق، بارماقلىرى يەنىمۇ چېۋەر بولغان بولسا، تېز ئالغا باسقان
بۇلاتتى، ئەپسۇسكى...› دەپ ئويلايدىغان خاتا تەربىيىلەش ئۇسۇلىنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە
سالىدىغان ئوقۇتقۇچىلار خېلى كۆپ.


-دۆت؟ كىم
شۇنداق دەيدۇ؟- دەپ سورىدىم مەن قىزدىن.


-ئۆزۈم
شۇنداق ئويلايمەن.


-سىز
ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز چۈشەپ قۇيۇپسىز! سىزنىڭ ماڭا مەن دۆت دېگەنلىكىڭىز خۇددى
ماشىنىنىڭ تورمۇزىغا دەسسىۋېلىپ، ماشىنا ماڭمىدى دېگەنلىكقۇ!


-سىزنىڭ
دېگەنلىرىڭىزنى توغرىمۇ دەيلى، بىراق مېنىڭ بارماقلىرىم چېۋەر ئەمەس.


-زەخمىلەنگەنمۇ؟ سول قولىڭىزنى ئۈستەلگە
قويۇڭە، كۆرۈپ باقاي. بارماقلىرىڭىز بىر ئوبدان تۇرمامدۇ! مەن بارماقلىرىم بىلەن
پىئانىنو چالغانغا ئوخشاش، سىزمۇ بارماقلىرىڭىزنى تېز ھەرىكەتلەندۈرۈپ بېقىڭە
.


-...


-قارىڭە،
بارماقلىرىڭىز شۇنچە تېز ھەرىكەت قىلىۋاتمامدۇ! چاتاق سىزنىڭ قولىڭىزدا ئەمەس،
بەلكى كاللىڭىزدا. قولىڭىز بىلەن مېڭىڭىز ھەر قايسىسى ئۆزى بىلگەنچە ئىش قىلىپ،
ماس ھالدا مەشىق قىلمىغان. باشقىچە ئېيتقاندا، مەشىق قىلىش ئۇسۇلىڭىز مۇۋاپىق
بولمىغان، مەشىق قىلىش ئۇسۇلىڭىز خاتا بوپقاپتۇ.


-قانداق
قىلسام بولىدۇ؟


-مەنمۇ
سىزدەك چېغىمدا كۈچۈمنىڭ بارىچە خاتا مەشىق قىلىپتىكەنمەن، چۈنكى ماڭا ئۇ چاغدا
ھېچكىم ئۆگەتمىگەن.


-مۇئەللىم،
ئۇنداقتا ماڭا دەپ بەرگەن بولسىڭىز؟


-بولىدۇ،
قاراڭ، مۇنداق چالىمىز، بۈگۈندىن باشلاپ، مەن چالغاندەك ئۇدا ئۈچ كۈن تەكرار مەشىق
قىلىڭ. تۆتىنچى كۈنىدىن باشلاپ تېز چىلىشنى مەشىق قىلىڭ،-دېدىم.


قىز مېنىڭ دېگىنىمدەك بىر ھەپتە مەشىق قىلىپ،
نورمال سۈرئەتتە چالالايدىغان بۇلۇپ قالغانىدى. مەسىلە شۇ يەردىكى، قىز ‹دۆتلۈك›
تۈپەيلى گاڭگىراپ، ئۇڭۇشسىز ئامىللارنىڭ ھەممىسىنى ‹دۆتلۈك›كە ئارتىپ قويغان.
ئاتا-ئانىلار بولسۇن ياكى ئوقۇتقۇچىلار بولسۇن، بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش
كېرەك.


مەنبە:


سىزىكى چىنوئىچى، پەرزەنتلەردە ئەمەلىي ئىقتىدار
يېتىلدۈرۈش، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، ئۈرۈمچى، 2005-يىلى 3-ئاي، 123-بەت.



newstar يوللانغان ۋاقتى 2012-7-26 19:53:58

ھازىر دۆت،ئەقىللىق دېگەن ئۇقۇمغا ھۆكۈم قىلماق تەس بوپ كەتتى... ئەقىللىق كۆرۈنگەن ئەقىللىق ئەمەس،دۆت قىياپەتكە كىرىۋالالىغان ئەقىللىق...

79588010 يوللانغان ۋاقتى 2012-7-26 20:37:13

1- قەۋەتتىكى newstarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھازىر دۆت،ئەقىللىق دېگەن ئۇقۇمغا ھۆكۈم قىلماق تەس بوپ كەتتى... ئەقىللىق كۆرۈنگەن ئەقىللىق ئەمەس،دۆت قىياپەتكە كىرىۋالالىغان ئەقىللىق...



دەششەت.......

yaruq يوللانغان ۋاقتى 2012-7-27 17:18:34

2- قەۋەتتىكى 79588010نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1- قەۋەتتىكى newstarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھازىر دۆت،ئەقىللىق دېگەن ئۇقۇمغا ھۆكۈم قىلماق تەس بوپ كەتتى... ئەقىللىق كۆرۈنگەن ئەقىللىق ئەمەس،دۆت قىياپەتكە كىرىۋالالىغان ئەقىللىق...



دەششەت.......

ۋەھشى...

tayker يوللانغان ۋاقتى 2012-7-29 18:28:45

ئۆزىدىكى ئارتۇقچىلىق ، قابىليەتنى بايقاش ۋە ئۇنى جايىدا ئىشلىتىش ھەممىدىن مۇھىم . ئاپتۇر ئېيىتقاندەك مەسىلە ھەر كىمنىڭ ئۆز كاللىسىدا ، جوڭگۇچە سىياسي نەزىريە بىلەن ئېيىتقاندا ،‹‹ ئىددىيەدە ئازات بولۇش ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ›› نىڭ ، ئەمەلىيەتتە روياپقا چىقمىغانلىقىنىڭ ئالامىتى ئۇ .
بەت: [1]
: [كۆچۈرۈلمە] ئادەم تۇغما دۆت بولمايدۇ